مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 906|ئىنكاس: 1

تەرەققىپەرۋەر شائىر ___ ئەھمەد قازىئاخۇنۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73415
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2012-1-18
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 05:49:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەرەققىپەرۋەر شائىر ___ ئەھمەد قازىئاخۇنۇم


شائىر ئەھمىدى (قازىئاخۇنۇم كىيىن قويۇلغان مەنسەپ نامى) مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە مەكىت ناھىيىسىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى ، ئۇستا خەتتات ۋە 30 –يىللاردىكى مەكىت پەننى مەكتەپ مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا تۆھپە قوشقان تەرەققىپەرۋەر زات .
ئۇ 1907 – يىلى مەكىت ناھىيەسىنىڭ غازكۆل يېزا لايلىق پاختىلىق كەنتىنىڭ چېكىلىك مەھەللىسىدە ئوقۇمۇشلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن .ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا ئانا تەرەپ چوڭ دادىسى ئىگەمبەردى ھاجىم ئۇنى مەخسۇمنىڭ تەربىيىسىگە بەرگەن . بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە ئاشۇ مەدرىسنىڭ مۇددەرسلىرىدىن بىرى بولغان جامال ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ قولىدا ئوقۇپ ، ئەرەپ ، پارىس تىلىنى ئىگىلىگەندىن سىرت ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە شەرق ئەدەبىياتىنى پىششىق ئۆگۈنۈپ ، ئالى مەلۇماتلىق كىشىگە ئايلانغان . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت جەھەتتىكى ئىقتىدارى يېتىلىپ ، ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان .
ئەھمىدى 1927 – يىلى قەشقەردىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، يۇتىغا قايتىپ كېلىپ مەكىت ناھىيىسىگە قازى بولغان . ئەمما ئۇ قەشقەردە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئابدۇقادىر داموللامغا ئوخشاش ئىلغار دىموكراتىك پىكىر ئېقىمىدىكى زاتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا ، بەزى مەسىلىلەردە يەرلىك فېئودال مۇتەئەسسىپ كۈچلەر بىلەن چىقىشالماي ، قازىلىقنى تاشلاپ ، يەكەنگە كېلىپ مۇددەرسلىك قىلغان .
1933 – يىللاردا كۆتۈرۈلگەن مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەركىتىنىڭ تەسىرى بىلەن يەنە مەكىتكە قايتىپ كىلىپ ، مەكىت ناھىيىسىدە قۇرۇلغان مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭكاتىپى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە مەكىت ناھىيىسىدە يېڭىچە پەننى مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ كۈچ چىقارغان . بىراق ، 1936 – يىلى جاللات شېڭ شىسەينىڭ مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانغان زىيالىلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن شائىر ئەھمىدىمۇ يەنە بىر قېتىم ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ يەكەن ، يېڭىسار ، پەيزىۋات قاتارلىق جايلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان . 1939 – يىلى ، مەكىتكە قايتىپ كېلىپ شەھەر ئىچىدىكى ئوسمان ھاجىمنىڭ مەدرىسىسىدە مۇددەرسلىك قىلغان ۋە ئەدەبى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ شېئىر يازغان . ئەرەپ ، پارىس تىللىرىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان .
شائىرنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى قەشقەردە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە باشلانغان بولۇپ ، ئۇ ئۆز ھاياتىدا 3800 مىسرادىن ئارتۇق غەزەل ، مەسنىۋى ، مۇخەممەس ، رۇبائىيلارنى يازغان . شەيخ سەئىدىنىڭ «گۈلىستان» ، «بوستان» قاتارلىق ئىككى ئەسىرىنى ھەم «لوقمان ھېكىمنىڭ 100 نەسىھىتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەزمىي شەكىلدە ، مەسنەۋىي ئۇسلوپتا بىر قۇرنى بىر مىسراغا سىغدۇرۇش ئاساسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان . يەنە زەمەخشەرنىڭ «ناۋابىغۇل كەلىم» دىگەن كىتابىنىمۇ نەزمىي شەكىلدە تەرجىمە قىلغان . ئەپسۇسكى ، شائىرنىڭ بۇ تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە بىر قىسىم قوليازمىلىرى ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە كۆيدۈرۈپ تاشلانغان . ساقلىنىپ قالغىنى رەتلەنمىگەن ئىككى پارچە دىۋاندىن ئىبارەت بولۇپ ، بىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 21.6 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 14 سانتىمېتىر ، قېلىنلىقى ئۈچ سانتىمېتىر ، جەمئىي 220 بەت .يەنە بىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 19 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 12.4 سانتىمېتىر ، قېلىنلىقى ئۈچ سانتىمېتىر ، جەمئىي 214 بەت .
شائىرنىڭ كۆن – خۇرۇم بىلەن مۇقاۋىلانغان بۇ ئىككى دىۋانىنىڭ بىرىدە «كەيدان» ، «رىسالەئى رەپئى سابابە» ، «ھەدىس» ، «ھەدىس مۇننەخىيە» ، «مۇفتا ھۇل ئەدەپ» (ئاندۇقادىر داموللامنىڭ ئەسىرى) ، «قۇتبەئى ئىزھار» قاتارلىق قازان ، تاشكەنت ، لاھۇر مەتبەسىدە بېسىلغان ۋە قوليازما قىلىپ كۆچۈرۈلگەن 148 بەت ئەسەردىن باشقا ، ئاپتۇرنىڭ «ئەجرۇمىيە» (تىل قائىدىسى) ، «قائىدە مەكتۇپ» (ھۆسنىخەت يېزىش قائىدىسى) دىگەن ئىككى پارچە ئەسىرى ، بىر ھېكمەت ، ئالتە پارچە غەزىلى بار . دىۋاننىڭ يەنە بىرىدە زەمەخشەرنىڭ 80 بەت ئەتراپىدىكى «ناۋابىغۇل كەلىم» دىگەن ئەسىرىنىڭ قوليازمىسى بىلەن ئۇنىڭ تەرجىمىسىدىن باشقا ، «قول دەپتىرى» نامىدىكى 134 بەتلىك قوليازمىغا توپلانغان مەشرەپ ، ھۈۋەيدا ، خوجاپىز قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئارىلاش كۆچۈرۈلگەن ئەھمەدىنىڭ 19 غەزىلى ، تۆت مۇخەممىسى بار . شائىر ئەھمەد قازىئاخۇنۇمنىڭ بۇ دىۋانىغا كىرگۈزۈلگەن ھۆسنىخەت نۇسخىلىرى توغرىسىدىكى قائىدىلەر ۋە دىۋاننىڭ بەت ئارىسىغا بىرىلگەن قىستۇرما ھالەتتىكى رەڭلىك ھەرخىل گۈل سىزمىلىرىدىن قارىغاندا ، شائىرنىڭ ئۇستا خەتتات ۋە ماھىر رەسسام ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ .
شائىر 1941 – يىل 26 – يانۋار كېسەللىك سەۋەبىدىن 34 يېشىدا مەكىتتە ۋاپات بولۇپ ، ئۆزى ئۆسۈپ چوڭ بولغان چېكىلىك مەھەللىسىگە دەپنە قىلىنغان ، ھازىر ئۇنىڭ نامىدا شائىرنىڭ قەبرىگاھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مازارلىق بار . تەرەققىپەرۋەر شائىر ئەھمەد قازىئاخۇنۇمنىڭ بۇ قەبرىسى ناھىيە دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت ياردىكارلىق ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن .



ئەھمىدى غەزەللىرىدىن نەمۇنە

كېلىڭلار ياخشى ئولانلار ئوقۇماق خۇش سائادەتتۇر .
خۇداۋەندا نەسىپ ئەتسە ئىككى ئالەم شاراپەتتۇر .

كېچە – كۈندۈز ئەدەپ بىرلە كېلىپ مەكتەپتە ئولتۇرماق ،
ئەگەر بىلسەڭ بەخت ئىقبال – سائادەتكە ئالامەتتۇر .

گەدەكلىك ۋاقتىدا ھەركىم ئوقۇپ ئىلمى ئەدەپ بىلسە ،
قېرىغۇنچە كۆرەر ئۆمرى ھەممە ئەيشى پاراغەتتۇر .

ئەگەر ھايۋان كەبى ئويناپ يۈرۈپ ئۆمرىنى ئۆتكۈزسە ،
ئوتۇنچىدەك جاپا تارتىپ تۈرۈك قالماق پالاكەتتۇر .

يېمەك – ئىچمەك ، ياتىپ قوپماق بىلەن ئەسلا ئەدەپ بىلمەس ،
نىچۈك ئادەم بولۇر ئانداغ بالا خۇي مىڭ كاساپەتتۇر .

ئايا ئوغلۇم ئەگەر ئىلمى مائارىپ ئەسلىنى بىلسەڭ ،
ھەمە ئىنسان بىلەن ھايۋان ئارا پەرقۇتاپاۋەتتۇر .

كىشىكىم ئىلمى يولىغا قەدەم بىسمىللاھى دەپ قويسا ،
ھارامدۇر ئاتەشى دەۋزەخ ، ئاڭا جەننەت بىشارەتتۇر .

ئوقۇشنى پەرز دەپ بىلگەن كىشى خالىس ئوقۇر بولسا ،
بۆشۈكتىن تا تۆشۈككە بارغىچە بۇ ئىش ۋاقتى سائەتتۇر .

ئوغۇل – قىز ئەھلى ئەۋلادىن كىشى مەكتەپكە تاپشۇرسا ،
قىيامەت كۈن بۇ تۆت ئادەمگە دەۋزەختىن بارائەتتۇر ① .

ھەدىسى مۇستاپادۇر بۇ جان دىل بىرلە قۇلاق سالغىل ،
ئوقۇماق جۈملە مۆمىنلەرگە پەرز ئولغان ئىبادەتتۇر .

ھاياتىڭ بارچەسىن ئەھمەد ئىلىم يولىغا سەرپ ئەتسەڭ ،
بىھەمدۇللا② ، بىھەمدۇللاكى پەزلى③بى نىھايەتتۇر .


ھېكمەت

ھەزرىتى سۇلتان مەۋلانا شاھى سۇلتان شەيخ ، ئابدۇلباقا ئەل يەركەندى ، ئەلقادىرىل ئېلۋى ئەل ھۈسەيىن قۇددۇسىللا تائالا سىررە ھۇلقازى ئەھمەدىل مەركىتى .
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئىشقىڭدا كۆيگەچ مەستانە بولدۇم ،
ھىجرىڭ تۇتاشتى ھەيرانە بولدۇم .
يادىڭدا يىغلاپ دىۋانە بولدۇم ،
دىۋانە قىلغاچ ۋەيرانە بولدۇم .

سۇلتان دىلىدە مىرانىم كۆرگەچ ،
خۇمى ئەلەستە④ جۇرئەئى تاشقان⑤ .
زىندانى بولدۇم قەدرىنى بىلگەچ ،
ئاللاھۇ ئەكبەر ، دىۋانە بولدۇم .

سۇلتان ئىشقىدىن بولدى بىشارەت ،
جامى مۇھەببەت قىلدى رىۋايەت .
دىۋانە خىلئەت ئۆزدىن ئىنايەت ،
ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم .

زاھىد ئەھلى⑥ دىۋانە بولماس ،
سۈرەتپەرەسلەر مەردانە بولماس .
بەدبەخت تەلئەت پىرزانە بولماس ،
ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم .

دىۋانە بولماي ساڭا ۋابالدۇر ،
ئەسلىڭنى تاپماي بىھەد زىياندۇر .
قىلغان ئىبادەت مىسلى زىناندۇر⑦ ،
ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم .

ئەسلىڭنى بىلسەڭ قايىن كېلىپسەن ،
ئۆمرۈڭ گۈلىنى كىمگە بېرىپسەن .
نىمە قويۇپسەن ، نىمە ئېلىپسەن ،
ئاللاھۇ ئەكبەر ، دىۋانە بولدۇم .

ئەسلىڭنى تاپساڭ نىچۈك لىتاپەت ،
پەنج ۋەقت⑧ ئىبادەت مىڭ يىللىق راھەت .
مۇندىن ئۆتەلمەس تۈرلۈك ئىبادەت ،
ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم .

ئەسلى ئىبادەت ئاگاھى ھەقتۇر ،
سۇلتان ئىشقىدىن كەلگەن سەبەقتۇر⑨ .
ئۇستادى ئېنىڭ رۇسۇلى ھەقدۇر ،
ئاللاھۇ ئەكبەر ، دىۋانە بولدۇم .

دىۋانە ھەقنىڭ دىلىدۇر دەرگاھ ،
ھەربىر نەپەستە ئەسلىدىنئاگاھ .
قايتىپ كىرىشتە تەجەللى ھەمرا ،
ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم .

ئەسرار ھەقغە ھەمراز⑩ بولماق ،
سۇلتان ئىشقىغە دەمساز⑾ بولماق .
خىرۇچ دۇخۇلدە⑿ پەرۋاز قىلماق ،
ئاللاھۇ ئەكبەر ، دىۋانە بولدۇم .

ئىچمەكتە ھەديوق دىۋانە بولماق ،
بىلكۇللى ھاۋادىن⒀ بىگانا بولماق .
ئەينىل پەقىنغە⒁ ھەمرايى بولماق ،
ئاللاھۇ ئەكبەر ، دىۋانە بولدۇم .

نى چارە باردۇر دىۋانىلققە ،
نى دارە باردۇر ھەيرانىلىقغە .
كىم دارە بەردى ۋەيرانىلىقغە ،
ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم .

بويىنى تاشلاپ كۆڭلۈمنى ئالدى ،
خۇيى تۇتاشتى بۇ يولغا سالدى .
ۋەيرانە دىلنى قولىغا ئالدى ،
ئاللاھۇ ئەكبەر ، دىۋانە بولدۇم .

تۇبۇئىلەيكى⒂ دەپپەسلىمغە كەلدىم ،
مۇندىنمۇ ئۆتتۈم ۋەسلىمغە كەلدىم .
ئۆزلۈكتىن كەچتىم ئەسلىمغە كەلدىم ،
ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم .

قازى ئەھمەددۇر ئىسمىنى سورىساڭ ،
نۇرى شۇھۇددۇر⒃ ئەسلىمنى سورىساڭ .
زاھى جىلان⒄ دۇر پىرىمنى سورىساڭ ،
ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم .



ئىزاھلار :
①بارائەت ___ يىراق ، خالىي .
②بىھەمدۇللا __ خۇداغا شۈكۈر .
③پەزلى ___ پەزىلەت ، خىسلەت .
④خۇمى ئەلەس ___ مەي قاچىسى .
⑤جۇرئەئى ___ بىر يۇتۇم .
⑥زاھىد ئەھلى ___ تەقۋادارلار ، تەقۋادار كىشىلەر .
⑦زىنان ___ ئايال كىشى .
⑧پەنج ۋەقت ___ بەش ۋەقت .
⑨سەبەق ___ ساۋاق .
⑩ھەمراز ___ سىرداش .
⑾دەمساز ___ ھەمنەپەس .
⑿خىرۇچ دۇخۇلدە ___ كىرىش – چىقىش .
⒀بىلكۇللى ھاۋا ___ ئاتموسفىرا .
⒁ئەينىل پەقىنغە ___ بىرەر ھادىسىنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئېنىق بىلىش .
⒂تۇبۇئىلەيكى ___ توۋا قىلىش .
⒃نۇرى شۇھۇد ___ خۇدانىڭ بىرلىكىگە شاھادەت ئېيتقان .
⒄زاھى جىلان ___ غەۋسىلئەزەم كۆزدە تۇتۇلىدۇ .


مەنبە : ئادىل مۇھەممەت تۇران يازغان «مەكىت تارىخ مەدەنىيىتى» ناملىق كىتاپ . (1147~1150 بەت ، 1171~1173 بەتلەر)


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73415
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2012-1-18
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 04:03:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىغا ئىنكاس يازىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقماپتۇيا ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش