|
|
|
|
شىنجاڭ گېزىتى تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەر ناھيىسىدىكى 127ياشلىق موماي ئالمىخان ھازىر جۇڭگۇدىكى ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۈش چولپىنىغا ئايلانغان بولۇپ، دۇنيا بويىنچىمۇ ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشى دەپ قارالماقتا. پەقەت جىننىس دۇنيا رېكورتى مەھكىمىسىنىڭ دەللىلىشىلا قالدى .
.
(سۈرەتتە: 127ياشلىق ئالمىخان موماي)
ئالمىخان سىيىت 1886-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ( گۇاڭشۈنىڭ 12-يىلى ) تۇغۇلغان بولۇپ، قەشقەر يېڭىشەر ناھيىسىنىڭ قومۇشلۇق يېزىسىدىن بولۇپ، موماي مۇھاببەت ناخشىللىرىنى ئوقۇشقا ناھايىتى ھېرىسمەن بولۇپ، باللىلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سوغۇق سۇ ئىچىدىكەن. ھازىر موماينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە روھى كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن. مۇھاببەت ناخشىللىرىنى ئوقۇش، بازار ئايلىنىش، ئۇرۇق-تۇققان،دوستلىرىنىڭ يېنىغا بېرىش موماينىڭ ئادىتى ئىكەن. ئالمىخان موماي 2010-يىلدىن باشلاپ ئۇدا 3يىل جۇڭگۇدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرىڭ ئىچىدە 2-بولۇپ كەپتۇ. دۆلىتىمىزدىكى 1-ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن چولپان گۇاڭشىلىق لو مېيجىن دېگەن كىشى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەچكە(1885-يىلى تۇغۇلغان)، ئالمىخان موماي جۇڭگۇدىكى 1-ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن چولپانغا ئايلانغان بولۇپ، ئۈچ ئەسىرنى بېشىدىن كەچۈرگەن كىشى ھىساپلىنىدىكەن.
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر يۇرۇتنى بىكىتىشتىكى خەلقئارالىق ئۆلچەم :ھەر يۈزمىڭ نوپۇس ئىچىدە 100ياش ئۆمۈر كۆركەن ئادەمدىن 25كىشى بولسا، شۇ يۇرت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر يۇرۇتى دەپ قارىلىدۇ. ئاران 20مىڭ نوپۇسى بار يېڭىشەر ناھيىسىنىڭ قۇمۇشلۇق يېزىسىدا ھازىر 100ياشلىق كىشىدىن سەككىزى بار ئىكەن.
مەنبە: http://health.sohu.com/20130815/n384214608.shtml دىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TAXYURAK0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-15 05:44 PM
|
|
|
|
|
|