ۋىنرا،يەر شارى قاتارلىقلار بەخىش ئەتكەن خىياللار
قاسىم سىدىق
ئەسكەرتىش:سەييارىلەر ھەركىتىدىن شەكىل نەزەريىسىنىڭ
29-41-تىئورمىلىرىغا پايدىلىق ئۆچۆرلار تېپىلىپ قالارمىكىن دەپ بۇ تېمىنى يوللۇدۇم.بۇ ئىككى تىئورمىغا ئائىت ئاددى تەجىربىلەر ھەرخىل لايىھىلەر بۇيىچە ئاددەتتىكى شارائىتتا ئىشلىنىپ ئۇزىمىزدە ئىشەنىچ تورغۇزۇلدى .ئەمدى ئۇلار ئاسمان جىسىملىرى ھەركىتى تەرىپىدىنمۇ قوللاشقا ئىرىشەمدۇ،ئىسپاتلىنامدۇ؟ _ئەلۋەتتە سىناپ كۇرۆش كىرەك.ھازىر
ۋىنرا نىڭ قوياشتىن بارغانسىرى يىراقلاۋاتقانلىغىغا ئائىت بەزى ئۆچۆرلارنى ئۇچراتتىم.بۇ 29-تىئورما ئۈچۈن پايدىلىق ئۆچۆر.ئاخىرقى يەكۈن قانداق بولۇپ چىقىدۇ،ھازىر ئالدىراپ بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ.ئاۋال ئۆچۆرلارنى توپلاپ كۇرۆپ باققۇلۇق.مۇشۇ تېمىنى بىرلىكتە ئىشلەشنى خالايدىغان ماتىماتىكا بىلىدىغان تورداشلارنى قارشى ئالىمەن.خالىغان تورداشلار ئۆزلىرى مۇستەقىل تېما ئىشلىسىمۇ بولىدۇ.نىمە چىقىشىدىن قەتئى نەزەر ئىشقىلىپ بۇ ئەمگەكتىن بىر نىمە چىقىدۇ!.
بۇ تېمىدا مەيلى ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش ياكى ئوربىتىلىق ھەركەت بولسۇن ھەركەت يۆنىلىشى بىلەن تىزلىككە ئائىت ئۆچۆرلارلا ئەسكەرتىلدى.بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-41-تىئورمىلىرى ئۈچۈن مۇشۇ مىقدارلار بېۋاستە ئالاقىدار موھىم پارامىتىرلار دەپ قارىلىدۇ.قالغان ئۆچۆر-پارامىتىرلارنى بىلمەكچى بولغانلار تېما ئاستىدىكى پايدىلانمىلاردىن كۇرۇپ ئالسا بولىدۇ.
ۋىنرانىڭ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرىلىكى 243.01 كۆن،قو ياشنى ئايلىنىش دەۋرىلىكى 224.70 كۆن بولۇپ،ۋىنرانىڭ بىر يىلىدىن بىر
كۆنى ئۇزۇن. ئۇز ئوقىدا ئايلىنىشى 16يىلدا 6.5مىنوت
ئاستىلاپ بارىدۇ.
ۋىنرا يەر شارى قاتارلىق سەييارىلەرنىڭ ئەكسىچە ئۇز ئوقىدا سائەت سىتىرىلكىسى
بۇيىچە ئايلىنىدۇ.يەنى ۋىنرادا قوياش غەرىپتىن چىقىدۇ.ئوربىتىلىق ھەركەت يۆنىلىشى باشقا سەييارىلەر بىلەن ئوخشاش.
ۋىنرانىڭ ئوربىتىلىق ھەركىتىنىڭ تىزلىكىنىڭ قوياشقا يېقىنلاشقانچە تىزلىشىدىغانلىغى مەلۆم.
1-رەسىم:يەر شارى بىلەن ۋىنرانىڭ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشىنىڭ سىلىشتۇرمىسى
自转图
2-رەسىم:يەرشارى بىلەن ۋىنرانىڭ ئوربىتىلىق ھەركەت يۆنىلىشى
公转图
ئەمدى يەر شارىغا كەلسەك،ماتىرياللاردا يەر شارىنىڭ ئوربىتىلىق ھەركىتىنىڭ قوياشقا يېقىنلاشقانچە تىزلىشىدىغانلىغىنى،يىراقلاشقانچە ئاستىلايدىغانلىغى ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى بولسا قوياشقا يىقىن نۇقتىدا ئاستا ،يىراق نۇقتىدا
تىز بولىدىغانلىغى يېزىلغان.
بۇلاردىن باشقا،ماتىرياللاردا ئاي شارىنىڭ يەرشارىدىن بارغانسىرى
يىراقلىشىپ كىتىۋاتقانلىغى يېزىلغان بولۇپ،بۇ نۇقتىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى.ئاي شارى
ئۇز ئوقىدا ماس قەدەملىك ئايلىنىدىغان،يەنى،ئوربىتا تىزلىكى بىلەن ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى باراۋەر بولغان ھەمرا بولۇپ،بۇ ھال ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭ يەر شارىغا بىرلا يۈزىنى قىلىپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ئىكەن.بىزگە كىرەكلىك نۇقتا شۇكى،بۇ ھالدا ئاي شارىنىڭ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى يەر شارىنىڭ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكىدىن پە ۋقۇلئاددا كىچىك بولىدۇ،دىگەن گەپ.يەر شارى ئالاھىزەل 24 سائەتتە ئۇز ئوقىدا بىر قىتىم ئايلانسا،ئاي شارى ئالاھىزەل 29-29كۆندە بىر قېتىم ئۇز ئوقىدا ئايلىنىدۇ.بۇ ھالدا، 29-تىئورما ئورۇنلۇق بولغان ئەھۋالدا ئاي شارىنىڭ يەر شارىدىن بارغانسىرى يىراقلاپ كىتىپ بارغانلىغىنىڭ سەۋەبىنى مۇ شۇ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكىدىكى پەرىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ پەرز قىلىشقا بولىدۇ.
ئەمدى ھەقىقى مۇددىئاغا كەلسەك:
1.ماتىرياللاردا گەرچەۋىنرانىڭ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى ئاستا بولسىمۇ قوياشقا قارشى يۆلىنىشتە ئايلىنىۋاتقانلىغى،قوياشتىن بارغانچە يىراقلىشىۋاتقانلىغى بايان قىلىنغان.مەن بۇنداق يىراقلىشىشنىڭ سەۋەبىنى 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ مەھسۇلى بولسا كىرەك دەپ ئويلايمەن.
2.ۋىنرانىڭ ئەكسىچە ۋە ۋىنراغا سىلىشتۇرما بولغان ھالدا يەرشارى قوياشقا يۆزلەنگەن يۆنىلىشتە ئۇز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقانلىغى،قوياش بىلەن بولغان ئارىلىغى بارغانسىرى يېقىنلىشىۋاتقانلىغى قەيىت قىلىنغان ،قوياشقا يىقىنلىشىشنىڭ سەۋەبىنى ئوخشاشلا 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ مەھسۇلىمىكىن دىگەن خىيالدىمەن.
3.ئاي شارى يەرشارىدىن ھەر يىلى 3.8سانتىمىتىر يىراقلىشىلىپ كىتىۋاتىدۇ
دەپ قارىلىۋاتىدۇ.مەن بۇ سانلىق قىممەتنى ماھىيەتتەيەر شارىنىڭ قوياشقا ھەر يىلى يېقىنلىشىشىدىن كىلىپ چىققان قىممەتمىكىن دەپ ئۇيلايمەن.
4.ماتىرياللاردا يېزىلىشىچە يەرشارى قاتارلىق بەزى پىلانىتلارنىڭ قوياشقا يېقىن نۇقتىدا ئوربىتىلىق ھەركىتى تىزلىشىپ ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى ئاستىلايدىغانلىغى،قوياشقا يىراق نۇقتىدا ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىك ئارتىدىغانلىغى مەلۆم.مەن بۇلاردىن 41-تىئورمىنى قانائەتلەندۆرۆدىغان ،ئىسپاتلايدىغان بىرەر يەكۆنگە ئىرىشكىلى بولارمىكىن ،دىگەن ئۆمىتتىمەن.بۇ نۇقتىدا ئىزدەنگەندە،باشقا مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش كىرەك ،ئەلۋەتتە!.
ئاخىرقى سۆز:
بۇ پەقەت دەسلەپكى پەرەزلەر،ئەگەر 29-41-تىئورمىلار ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق بولسا ،بۇ ھالدا ئاسمان جىسىملىرى ھەركىتىدە مۇناسىپ ئىپادىسى بولىشى كىرەك.تورداشلارنىڭ ئالاقىدار ئۆچۆرلارنى يوللىشىنى ،ئوخشىمىغان قاراشلىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
پايدىلانمىلار:
金星- 维基百科,自由的百科全书
太阳与地球距离越来越近 生命可能遭受毁灭
地球越来越热,离太阳越来越近_国际观察_天涯论坛
地球离月球距离越来越远
月亮离我们越来越远--《初中生》2011年04期
"فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى"نىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنىلىشى
كۈتۈلمىگەن بىر تەجرىبە نەتېجىسىدىن دوكلات
2013.8.15