ئىشىكىڭنى بۆسۈپ كىرىمەن
(شېئىر)
ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
چاچلىرىڭنى تارىغان كۈنى،
ئېلىپ قاچتى بىر تالنى ئېقىن.
تىلەكلىرىم تەڭرىگە يىتىپ،
سۈكۈناتتا چېقىلدى چېقىن.
ئىزلەپ يۈرۈپ تاپتىم ئاخىرى،
سەن ئىكەنسەن قەلبىمنى چالغان.
يۇپۇرماقتەك سارغايدىم گويا،
كەچكۈزدىكى ئۈششۈكتە قالغان.
تەلمۈرۈپ ئۆتتۈم بىچارە قۇشتەك،
تۈڭلۈكۈڭ يېپىق، دېرىزەڭ ئېتىك.
ئېچىپ بەرمىدىڭ ياكى بىر قېتىم،
چۈشلىرىڭدىمۇ ۋىسالغا ئىشك.
ھېجىران سەپىرىم قارلاردا قالدى،
تۈگىدى ئاخىر تاقەتنىڭ تۈنى.
ئىشىكىڭنى بۆسۈپ كىرىمەن،
سەن چېچىڭنى ئوينىغان كۈنى.
(«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 2013-يىل 14-ئاۋغۇسىتتىكى «جەنۇب شامىلى» بېتىدە ئېلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-14 01:31 PM