مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1384|ئىنكاس: 26

ئەل ئابىدە يەنىمۇ كۆكلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96849
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 11:30:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەل ئابىدە يەنىمۇ كۆكلە

بۇ يىل 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى جەنۇبىي قىرغاق غول ئۆستىڭىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى دۆڭمەھەللە يېزا بۆلىكىنى يار ئېلىپ كېتىپ، شۇ يەردىكى خەلق ئاممىسى ئاپەتكە ئۇچرىدى، ئاپەتتە 2325 ئېغىز ئۆي، 6400 مو يەر ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. كەلكۈن توپا قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرنى ئۆرىۋەتتى، ئاممىنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، بارلىق ئۆي بىساتلىرى سۇدا قالدى، ۋە ياكى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتتى، ھەتتا مال چارۋىلىرىدىنمۇ ئايرىلغانلار بولدى ... بۇ توققۇتارا ناھىيەسىنىڭ ئىلگىرىكى ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئۇچرىغان يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر ئاپەت بولۇپ، ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت دەل ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى پائال ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

ئاپەت ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان كەڭ خەلق ئاممىسى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئەھۋالىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. جۈملىدىن شەھىرىمىزدىكى مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتىدىكى ئانىلىرىمىز «بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە  تەرەپ ياردەم بېرىش» چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سوراش، مەدەت بېرىش مەقسىتىدە، 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، قازان – قۇمۇچ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا يۈرۈپ كەتتى، مېھرىبان ئانىلىرىمىز نەق مەيدانغا بېرىپ، قۇتقۇزۇش  خىزمىتىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، شۇنداقلا ئۆيمۇ – ئۆي كىرىپ، ھال سورىدى. مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى ئەزاسى مىھرىبان قادىر بىر ئۆيگە كىرىپ، يوتقانغا ئورۇنۇپ ئولتۇرغان 10 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر بالىنى ئۇچراتتى.

-        بالام، مەكتەپكە بارمىدىڭمۇ؟

- كەلكۈندە ئۆيىمىزدىكى ھەممە نەرسە ئېقىپ كەتتى، بوغچام، كىتاب- دەپتەرلىرىم، ئايىغىممۇ ئېقىپ كەتتى، ھېچنىمەم بولمىسا مەكتەپكە قانداق بارىمەن؟! – دېدى بالا ئۆمچىيىپ.

مېھرىبان ھەدە كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا ئۆيدىن يېنىپ چىقتى، ھەمدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىشنىڭ يالغۇز پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭلا ئىشى بولماستىن، بەلكى ھەممە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇش كېرەكلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

مېھرىبان ئانىلار ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرگە ئاز بولسىمۇ ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك مېھرىبانلىقىنى يەتكۈزۈپ، ئەل ئارىسىدا تىلغا ئېلىنىپ كەلدى.

يېقىندا بۇلارنىڭ روھىدىن ئىلھام ئالغان ياشلىرىمىز «ئەل ئابىدە خەير- ساخاۋەتچىلەر ئەترىتى» نى قۇرۇپ، ئانىلارنىڭ باسقان ئىزىدىن مېڭىپ، ئۇلارنىڭ خەيرلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى نىيەت قىلدى.

ئۈرۈمچى «ئەل ئابىدە سودا ئۇچۇرلىرى چەكلىك شىركىتى» نىڭ لېدىرى مىنەۋۋەر مەمەت ئىلگىرى دوستلىرى بىلەن ھەر ئايدا بىر يىغىلىش ئۆتكۈزەتتى، ئىقتىسادچىللىق بىلەن پۇللىرىنى يىغىپ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارغا ئاز بولسىمۇ ياردەم بېرىپ كەلگەنىدى، مىنەۋۋەر باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى دەپ بىلىدىغان دوستلىرىدىن ئىپتىخارلىناتتى، سۆيۈنەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەل ئۈچۈن ئۇنتۇلماس ئابىدە تىكلەش، ئۆزىنى يېتىشتۈرگەن ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشتەك گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكتى ھەمدە 2013 – يىلى 4 – ئايدا 10 كىشىدىن تەركىپ تاپقان شىنجاڭ خەير- ساخاۋەتچىلەر جەمئىيىتى يېتەكچىلىكىدىكى «ئەل ئابىدە خەير- ساخاۋەتچىلەر ئەترىتى» نى قۇردى، شۇنداقلا ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق، دوست – يارەن، ئۇرۇق– تۇغقان، تونۇش – بىلىشلىرىگە تەشۋىق قىلدى. «ئەل ئابىدە خەير- ساخاۋەتچىلەر ئەترىتى» نىڭ ئەترەت ئەزالىرى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكى كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ ئەترەت ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىچى، قانۇن، مائارىپ، تېببىي خادىم، سودىگەر، يەككە تىجارەتچى، ھۈنەۋرەن – كاسىپ قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ باش قوشۇشى بىلەن تەشكىللەنگەن، شۇنداقلا سىستېمىلاشقان، قېلىپلاشقان، مۇنتىزم قائىدە – تۈزۈمگە، تەشكىلىي قۇرۇلمىغا ئىگە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە شىنجاڭ خەير- ساخاۋەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئەترەتدۇر.

بۇ ساپ نىيەتلىك، خەيرلىك ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياخشى نىيەتلىك قىز – يىگىتلەر، ئاكا – ھەدىلەرمۇ بۇ ئەترەتكە ئەزا بولۇشقا باشلىدى، «تاما تاما كۆل بولۇر» دېگەندەك، قىسقىغىنە ئىككى ئاي ئىچىدە ئەترەت ئەزالىرىنىڭ سانى دەسلەپكى 10 دىن كۆپىيىپ، 2000 دىن ئاشتى،  بۇ ساخاۋەتچىلەر ئەترىتى ئۆزلىرى ئىئانە توپلاش، جەمئىيەتكە مۇراجىئەت قىلىش، كوچىلاردا ئىئانە يىغىش ئۇسۇللىرى (ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىق، يوليورۇقىنى ئالغاندىن كېيىن) ئارقىلىق، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بالىلار، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبلىك داۋالىنىش ئىمكانىيىتى يوق ئېغىر كېسەللەر، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنى ياردەم بېرىش ئوبېيكتى قىلىپ، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە چوڭ ئىش قىلىپ بېرەلمىسىمۇ، ئۇلارغا ئىللىقلىق، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ تۇردى. 80 ئۆسمۈرگە ماددىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن بولسا، 467 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى كېسەل كارىۋىتىدا ئاغرىق ئازابى تارتىۋاتقان، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياتقان 10 نەچچە  ئېغىر كېسەلنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم داۋالىنىشى ئۈچۈن ئۈمىد ئاتا قىلدى ھەمدە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى ياشانغانلارنى يوقلىدى، ئىشلىرىنى قىلىپ بەردى.

«ئەل ئابىدە خەير- ساخاۋەتچىلەر ئەترىتى» دىكىلەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئەتراپىمىزدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. «ئەل ئابىدە خەير- ساخاۋەتچىلەر ئەترىتى» قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غۇلجا، قاراماي، شىخۇ، كورلا، ئاقسۇ (شايار) قاتارلىق جايلىرىدا ئارقا – ئارقىدىن تارماق ئەترەتلەر قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

مانا بۈگۈن (2013 – يىلى 6 – ئاينىڭ 22 - كۈنى) ئىلى دەرياسى مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان، ھەممە يەر بۈك – باراقسان، يېشىللىققا پۈركەنگەن، كەڭ تەبىئەت ئاتا قىلغان گۈزەللىكى بىلەن ھەممىنى تەڭ قالدۇرغان غۇلجا دىيارىنىڭ دەريا قىرغىقىغا جايلاشقان «ئارزۇ ساياھەت ئورنى» دا 150 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان ئەھمىيەتلىك بىر يىغىلىش ئېلىپ بېرىلماقتا، ئۈرۈمچى «ئەل ئابىدە سودا ئۇچۇرلىرى چەكلىك شىركىتى» غۇلجا ناھىيە ئۈچئون خۇيزۇ مىللىي يېزىسى مەمەيۈزى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان 15 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 2000 يۈەن قىممىتىدىكى ئوقۇش ماتىرىياللىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئوقۇش راسخوتى ئۈچۈن 4030 يۈەن نەق پۇلنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە بەردى. ئوقۇغۇچىلار بۇ سوۋغىلارنى قولىغا ئالغاندا، چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى، كۆزلىرى نەملەندى. «ئەل ئابىدە خەير- ساخاۋەتچىلەر ئەترىتى» نىڭ غۇلجىدىكى تارماق ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى مەدىنە ئابدۇقاھار:« بۇ 15 نەپەر ئوقۇغۇچىغا خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بولغان بارلىق ئوقۇش خىراجەت، سۇغۇرتا ھەقلىرىنى ئەترىتىمىز ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلدۇق، شۇنداقلا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن توختام ئىمزالىدۇق» - دەپ ئىپادە بىلدۈرگەندە بولسا، نەق مەيداندىكىلەر ياشلىرىمىزنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار روھىدىن، كۆز ئالدىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەردىن ھاياجانلىنىپ، ئىختىيارسىز ھالدا كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. مېھرىبان ئانىلىرىمىز بولسا، بۇ ساخاۋەتچىلەر ئەترىتىدىكى سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۆرنەك  ئېلىپ،  قىلىۋاتقان ئەمەلىي ئىشلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى، ھەمدە توختىماي ئالقىش ياڭرىتىپ، ئۇلارغا مەدەت بەردى...

«ئەل ئابىدە خەير- ساخاۋەتچىلەر ئەترىتى» 2012 – يىلى 9 – ئايدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، چوڭ مېڭىسى ئېغىر زەخمىلىنىپ، «ئۆسۈملۈك ئادەم» بولۇپ قالغان، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان سۈمەييەنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، بۇ يىل 4 – ئايدا «سۈمەييەگە ياردەم قىلايلى» تېمىسىدا جەمئىيەتكە مۇراجىئەت قىلىپ، ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، سۈمەييەنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن 30 نەچچە مىڭ يۈەن جۇغلاپ بەردى، سۈمەييە تا ھازىرغىچە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىدا زور ياخشىلىنىش بولدى.

«ئەل ئابىدە خەير- ساخاۋەتچىلەر ئەترىتى» نىڭ غۇلجىدىكى تارماق ئەترەت باشلىقى مەدىنە مۇنداق دېدى: « مىنەۋۋەر خانىم باشچىلىقىدىكى ئەل ئابىدە خەير- ساخاۋەتچىلەر ئەترىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئەل ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىش ئارزۇيىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، غۇلجا شەھىرىدە 4 - ، 5 – ئايدا ئېلىپ بارغان  «سۈمەييەگە ياردەم قىلايلى»، «سىدىقجاننى قۇتقۇزىۋالايلى» تېمىسىدىكى  ئىككى قېتىملىق ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئارقىلىق، جەمئىيىتىمىزدە ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بولۇپمۇ ئۈچەي يولى ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن ئۈچەي سېسىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان  غۇلجا ناھىيە ئونياريۈزى يېزا پالتىۋاي كەنتىدىكى تۆت ياشلىق سىدىقجان ھەمراجاننى دەسلەپ يوقلاپ بارغىنىمىزدا، ئاغرىق ئازابىدىن سارغايغان چىرايىنى كۆرگىنىمىزدە كۆزلىرىمىزدىن ياش ئەگىدى، ئۇنىڭ «تېزراق ساقىيىپ دوستلىرىم بىلەن ئوينىسام بولاتتى» دېگەن سۆزلىرى يۈرىكىمىزنى لەرزىگە سالدى، ئەترىتىمىز ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، خالىسانە ئىئانە توپلاش ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر، كارخانىچىلار، ئىدارە، ئورگانلارنىڭ ياردىمىدە 113 مىڭ 300 يۈەن پۇلنى سىدىقجاننىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىشلەتتۇق، ئۇنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئەترەت ئەزالىرىمىز ئۈرۈمچىگىچە ھەمراھ بولۇپ باردۇق.  ئەپسۇس، سۆيۈملۈك پەرزەنتىمىز سىدىقجان ئىلى ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانىدا  26 كۈن داۋالانغان بولسىمۇ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلەلمەي، بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى...»

خەير- ساخاۋەت، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئىشلىرى يالغۇز دۆلەتنىڭ ۋە ياكى قىسمەن كىشىلىرىمىزنىڭلا مەسئۇلىيىتى ئەمەس، ئەلۋەتتە. نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان «تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئىشنى ئاددىي، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا بىر يۈەن بولسىمۇ ئاجراتسىڭىز،  ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبلىك ئوقۇشتىن قالغان، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان، كېسەل كارىۋىتىدا ئەزرائىل بىلەن تىركىشىۋاتقان، قېرىلىق، يالغۇزلىقتىن مۇڭلىنىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ قەلبىگە ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد ئۇرۇقىنى چاچقان، «ئەل ئابىدە»، «مېھرىبان ئانىلار» دەك ساخاۋەتچىلەر قوشۇنىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان بولىسىز.

مانا، «ئەل ئابىدە خەير- ساخاۋەتچىلەر ئەترىتى» نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلارنى، يۈكسەك نىشان، غايىلەرنى، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇشۇ گۆھەر زىمىندىكى ھەر مىللەت قېرىنداش، يۇرتداشلىرىغا بولغان چەكسىز مېھىر – مۇھەببىتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۈن – تىنسىز ساخاۋەتلىك ، خەيرلىك ئىشلار ئۈچۈن قەدەم باسماقتا، ئەل ئۈچۈن ئابىدە تىكلەش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە، قولنى-  قولغا تۇتۇشۇپ ، ئورتاق گۈللىنىش، تەڭ تەرەققىي قىلىش، گۈزەل يۇرت – ماكان  قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلانماقتا. «ئەل ئابىدە» يوللۇرۇڭ راۋان بولسۇن، ھىممەتلىك قوللىرىڭ گۈلگە تولسۇن!!!  ياشلىقىڭلاردا قەلبىڭلارغا تىككەن بۇ يۇمران ساخاۋەت كۆچىتى، قىرانلىقىڭلارغا يەتكۈچە ئەلگە سايە بەرگۈدەك سۇۋادان بولغۇسى!!!

QQ图片20130627102305.jpg

QQ图片20130626191854.jpg


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96824
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 314
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-8-8
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 01:26:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96552
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 129
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 02:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۈل كۆڭۈلدىن  سۇ ئىچەر.
مۇشۇنداق ساخاۋەتلىك  ئىشلارنىڭ كۆپ بولغىنى ياخشى .
بىزگە يەتكۈزگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9544
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 02:29:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم كۆز يۇمغۇلى بولمايدىغان ھەقىقەتلەر ناھايىتى كۆپ

شاھ زاد

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8416
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 02:32:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇلنى رەسمگە  تارتىپ كىتىپتۇ تىىىخى

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن بوپ كىتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2005 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 02:36:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن خەيرى ساخاۋەتچىلىرىمىز بار. بۇلار  ئەشۇنداق پۇل بەرگەننى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئېھساننى مىننەتكە ئايلاندۇرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93176
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 544
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 02:50:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى ئىشلارغا نيەت قىلىپ، رۇياپقا چىقارغان ئاشۇ قېرىنداشلاغا مىننەردارلىق بىلدۈرىمەن.بەزىدە بىرقانچىمىز بىر بۇلۇپ پاراڭلىشىپ قالىمىز:‹ئۇيغۇرلاردا پۇل كەم ئەمەس، بەلكى قېرىنداشلىق مىھرىنى،قېرىنداشلىق ھەققىنى تۇلۇق ئادا قىلىپ كەتمەيۋاتىمىز›.بۇ ھەر قېتىم تىلغا ئېلىنىدىغان بۇلۇپ كەتتى.بىز ئاشۇ تاپقان دۇنيالىرمىزنىڭ زاكاتىنى،يىغقان ئاشلىق بايلىقلىرىمىزنىڭ ئۆشرىىسىنى تۇلۇق ئادا قىلىدىغان بولساق،ئۇندىن باشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەير-ئىھسان قىلساق ............. ھەيئۇندىن باشقا مۇشۇ ئاچىللرىمىز بېشىغا بىر نەرسە ئارتىۋالسا، ئاندىن رەسىمگە چىققان بولسا مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بۇلار ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93176
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 544
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 02:53:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قېتىم كۈرۈۋېتىپ بىر خىزمەتدېشىمغا  دىسەم ئاشۇلار ئۇيغۇرمۇ دىگەنىدى؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96885
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2013-8-10
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 03:39:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xajarim + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3244
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 457 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 07:29:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىلىق خەيرى_ ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈزۈلمىگەي،ئەمما بۇ ساخاۋەت ئوڭ قولى بەرگەننى سول قولى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە بولۇپ،ساخاۋەت نامىدا ئۆزىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ۋە بىراۋلارنى سازايى قىلىپ ئەمەس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش