ئاكا بولدۇم
(غەزەل)
ئۇكىلىرىم بەردى ئۇنۋان، ھۆرمىتىم كۆپ، ئاكا بولدۇم،
-مېنڭلار! – دەپ، تۆگە كەبى ياتتىم چۆكۈپ، ئاكا بولدۇم.
مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت… مانا بۇ دەم زېممەمدىدۇر؟
ھايات قويغان سوئاللارغا، قەددىم پۈكۈپ، ئاكا بولدۇم.
گۆدەك چېغىم ( ئاكام بولسا ) باشقىلاردىن قورقارمىدىم؟
رەقبلىرىم – ئاكا! – دېسە، قاچقان چۆچۈپ، ئاكا بولدۇم.
رەقىبىلەرنىڭ ئاكسىدىن قاچقان لېكىن باش ئەگمىگەن،
جەڭ -چېلشتا ئۇرۇپ قويۇپ، يۈرگەن مۆكۈپ... ئاكا بولدۇم.
-ئۇكام! - دەيتتى بىر چاغلاردا، مەندىن ھاجەت ئىزلىگەنلەر،
«ئاكا» لىقنى پەش قىلاتتى، باشقا نوقۇپ...؟ ئاكا بولدۇم.
ئۆتتى باشتىن نى قىسمەتلەر، ھايات بەلكىم ئاشۇنداقتۇر؟
-ئاكا!- لىققا تۆلەپ بەدەل، قان – تەر تۆكۈپ، ئاكا بولدۇم.
-ئاكا!- بولدۇم بۈگۈن مەنمۇ، رەقبلىرىم چۆچۈگۈدەك.
يۈرسۇن رەقىب – دۈشمەنلىرىم ئاچچىق يۇتۇپ... ئاكا بولدۇم.
ئاپتۇرى: يېڭىشەھەر ناھىيە تاغارچى يېزا چاقىلىق كەنتتىن قاسىمجان غۇپۇر (دېھقان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-13 07:21 PM