بۇ بەختىمدىن قىزغانما پەلەك
بەخت ئىچرە ئۆتەر كۈنلىرىم،
كۆيۈنۈشتە چوڭ بوپ يىتىلدىم.
مۇھەببەتكە تولغان ئائىلەم،
كۆز تەگمىسۇن شۇدۇر تىلەگىم.
ئاتا-ئانام پەخرىمدۇر مىنىڭ،
شۇلار بىلەن ھېچ غېمىم يوقتۇر.
باغرى گويا ئىللىق بىر ماكان،
ئىسىللىكتە تەڭدىشى يوقتۇر.
ئاكا-ئاچام سۆلىتىم مىنىڭ،
مېھرى ماڭا دېڭىزدۇر چوڭقۇر.
مەن ئۇلاردىن پەخىرلىنىمەن،
ھەركۈن مەنچۈن شۇنچە قىممەتتۇر.
دوستلىرىم بار بەكمۇ كۈيۈمچان،
مەن ئۈچۈنمۇ شۇنچە قەدىردان.
يول قويىدۇ ماڭا ھەرئىشتا،
كۆيىنىدۇ ماڭا ھەرقاچان.
بەختلىكمەن مىھىر ئىچىدە،
ھەمراھ ماڭا ئىزگۈلىك تىلەك.
شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنۈڭگە،
بۇ بەختىمدىن قىزغانما پەلەك.
2013.8.8
پەرۋايىمغا كەلمەيدۇ زىنھار،
كىملەر بىلەن مۇڭداشقىن مەيلى.
بۇ قەلبىمدە قىلچە مىھرىڭ يوق،
ئۆتكەن كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى.
ماڭا يۇچۇن قارىما ئەمدى،
ئۇنتۇپ كەتكىن ئەسلىمە بولدى.
مەندىن سۆيگۈ سورىما ھەرگىز،
سىنىڭ مىھرىڭ ئەمدى يوق بولدى.
ئۈمۈدۈڭنى ئۈزگىن بىۋاپا،
قايتا پۇرسەت بەرمەيمەن ساڭا.
نازۇك نەرسە ھىيسىيات دىگەن،
دەز كەتتىمۇ كەلمەس ئورنىغا.
2013.8.9
دەرىزەمدىن قارايمەن يىراقلارغا،
ئۇنداق يۇلتۇز چىراق كەبى چاقناپ تۇرار.
بىر نوقتىغا تىكىلگەن كۆز شۇنچە مۇڭلۇق،
مەن بىلمەيمەن خىيالىمدا زادى كىم بار.
مۇھەببەتلىك ئىدى قەلبىم بىر چاغلاردا،
ئويلار ئىدىم ھىجران مەندىن بەك يىراقتا.
بۇ ھاياتنىڭ سىناقلىرى بەك كۆپ ئىكەن.
ئۆتەر ئەمدى بۇ كۈنلىرىم ئىزتىراپتا.
ئەسىر بولدۇم بۈگۈن ئاخشام خىياللارغا،
كۆز يېشىمنى يۇشۇرىمەن پىنھانلاردا.
ئۈمۈدلۈكمەن ئۇنچە ئاجىز بوشاڭ ئەمەس،
خۇشال كۈنلەر كىلەر يەنە ھاياتىمغا.
2013.8.10
بىر چاغ شۇنچە يېقىن دوست ئىدۇق،
بىزدىن كۆپلەپ ئەسلىمە قالغان.
مانا ئەمدى ياتلىشىپ كەتتۇق،
بىر-بىرمىزدىن سالام ئاياشقان.
بەكلا خىيال باسىدۇ بەزى،
خاتا زادى قايسى ئىشلىرىم.
سىنى سىرداش دوستۇم دەپ بىلىپ،
شۇ بولدىغۇ ئىرىشكەنلىرىم.
ئىسىڭگىمۇ كىرمەيدۇ بەلكىم،
بۇرۇن خۇشال ئۆتكەن شۇ كۈنلەر.
پاك-پاكىزلا ئۇنتۇدۇڭ چۇقۇم،
يالغان ئىكەن بەرگەن ۋەدىلەر.
مىنى بەكمۇ سەبى قىز دەيتتىڭ،
ھېچ يالغانمۇ سۆزلىمەس دەيتتىڭ.
دەل ئەكىسچە كىيىنكى سۆزۈڭ،
يۈرىكىمنى لەختە قان قىلدىڭ.
دوستۇم ئىدىڭ، سىردىشىم ئىدىڭ،
ئەپسۇس مەندىن سەن تېنىپ كەتتىڭ.
بۇ قەلبىمدە ساقايماس يارا،
ئۆمۈرلۈككە ئەسلىمە بەردىڭ.
ئۇنتالمايمەن ئاشۇ سۆزۈڭنى،
ماڭا بەرگەن شۇ باھايىڭنى.
كۈرۈشنىمۇ خالىمايمەن ھەم،
قەلبىمدىكى غۇۋا سىمانى.
كۆرگۈم يوقتى ئەسلىگۈممۇ ھەم،
ئەپسۇس يەنە ئۇچرىشىپ قالدۇق.
زۆرۈر بولغاچ بەزى بىر ئىشلار،
بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالدۇق.
بۇرۇنقىدەك ئەمەسسەن بۈگۈن،
ھېچ گەپلىرىڭ خوشياقماس ماڭا.
ئۆزگىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ،
جىمجىتقىنا ئولتۇردۇم يەنا.
بۈگۈن سىنى كۆرگەندىن كىيىن،
ھەربىر ئىشىڭ ئىسىمدىن كەچتى.
دوستلىرىڭنىڭ ئۆگىيى ئىدىم،
ئۆتكەن ئىشلار يادىمغا يەتتى.
مىھىر بىرىپ تۇرساممۇ ساڭا ،
نەپرىتىڭنى بەرگەنتىڭ ماڭا.
ساڭا شۇنچە كۆيۈنۈپ تۇرسام،
دۈشمەنلەردەك كۆرگەنتىڭ يەنا.
ياتلاشقىنىم ياتلاشقان ئەمدى،
سەندەك دوستۇم ئۆتمۈشۈم پەقەت.
غورورۇمنى قىلدىڭ پايخانە،
بۇ كۆڭلۈمگە سالدىڭ مىڭ ھەسرەت.
2013.8.11
-شاتيار-