ئۈندىدار
(ساتىرا)
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
ئالاقىگە ئاسان يول ئېچىپ كەتتىڭ ئۈندىدار،
ئىلغارلىقتا ھەممىدىن ئېشىپ كەتتىڭ ئۈندىدار،
دوستقا مىڭلاپ يېڭى دوست قېتىپ كەتتىڭ ئۈندىدار،
ناتونۇشنى ئۆزئارا چېتىپ كەتتىڭ ئۈندىدار،
ئىزدەشكەننى مىنۇتتا تېپىپ كەتتىڭ ئۈندىدار.
***
«زامانىۋىي ئالاقە»دىگەن نامىڭ چىرايلىق،
بۈگۈن بولدى سەن بىلەن نۇرغۇن ئىشلار قۇلايلىق،
يىراقتىكى قېرىنداش-تۇققانلارغا ئوڭايلىق،
نىسىپ بولدى سىنىڭدە سۆزلەشكەنگە خوشاللىق،
يۈرەكلەردىن يۈرەككە ئېقىپ كەتتىڭ ئۈندىدار.
***
تەرىپىڭ جىق تۈگۈمەس مىڭ بىر كېچە سۆزلىسەم،
دۇتتار،راۋاپ،داپ چېلىپ قوشاقلاردا كۆيلىسەم،
ئەمما ساڭا گىپىم بار،ئۆپكەم پۈلەر دىمىسەم،
(سۆزلىمەيمەن پاكىتسىز بېرەر ئىشنى كۆرمىسەم،)
ياخشى-يامان ھەممىگە چېپىپ كەتتىڭ ئۈندىدار.
***
دۇنيا سىغار ئىچىڭگە سىرلىق ساندۇق ئىكەنسەن،
ساڭا ئىجىل دوستلارغا تۈنلەپ ياستۇق ئىكەنسەن،
يىگىتلەردىن قىزلارغا سوۋغا-تارتۇق ئىكەنسەن،
بەزىلەرگە تاماقتىن-ناندىن ئارتۇق ئىكەنسەن،
ھەممىدىن بەك بويتاققا يېقىپ كەتتىڭ ئۈندىدار.
***
ئاشىقىنى مەشۇقلار تاپالمايتتى بىر چاغلار،
يۈرىشەتتى ئىز قوغلاپ تال-باراڭلىق،باغ-باغلار،
دىدارلاشماق تەس توختاپ لاۋىلدايتتى ئارمانلار،
گەپ توشۇيتتى نەپ ئېلىپ ئوتتۇرىدا دەللاللار،
شۇ مۈشكۈلنى بەك ئاسان قىلىپ كەتتىڭ ئۈندىدار.
***
كۆيۈشكەنلەر خەت يېزىپ،يانچۇقىغا سالاتتى،
پۇرسەت ئىزدەپ كەچقۇرۇن كىنولارغا ماڭاتتى،
نەدە پۇرسەت بەرگىلى خەت يانچۇقتا قالاتتى،
بىر-بىرىگە ئاشىقلار تەلمۈرۈشۈپ مارايتتى،
ئەمدى مانا سالام خەت يېزىپ كەتتىڭ ئۈندىدار.
***
ساڭا كۈندۈز-كېچە يوق،كۆكتە ھامان پەرۋازىڭ،
كۆيلەپ تۇرار سۆيگۈدىن ياڭراق ناخشا،شوخ سازىڭ،
قاياقتىندۇر توساتتىن كىلىپ ئىشقى-ئاۋازىڭ،
ھالال جۇپقا شەك سالدى ئۇچۇر،كوت-كوت ...ئەلپازىڭ،
قانچە ئۆيگە ئارازلىق تېرىپ كەتتىڭ ئۈندىدار.
***
سىنى چاپلاپ ئېغىزغا شورىغاننى كۆردۈم مەن،
يار ھېدىنى سىنىڭدىن پۇرىغاننى كۆردۈم مەن،
غەرىپتىكى جىنلارنى دورىغاننى كۆردۈم مەن،
سەن سەۋەپلىك ئېرىنى مورلىغاننى كۆردۈم مەن،
پەردىسىنى ھايانىڭ يىرتىپ كەتتىڭ ئۈندىدار.
***
كۆردۈم سەندىن رەنجىگەن نى-نى كۆڭلى مالالنى،
«ئەخمەق»دىگۈم كېلەدۇر،ساڭا مەپتۇن بولغاننى،
(گۈلدەك تۇرسا ياندا يار،سەندىن ئىزدەپ تاپقاننى،)
كۆرمىگەن بىز زادىلا،شۇنچە چاققان دەللالنى،
يۇرتتا شەيتان دېپىنى چېلىپ كەتتىڭ ئۈندىدار.
***
بالام بىلەن ئۇچراشسام،كۆز ئۈزمەيدۇ سېنىڭدىن،
تەگمەي قالۇر چولىسى ھال سوراشقا مىنىڭدىن،
(ئايلاندىمۇ ساق بېشى سىنىڭ جادۇ-سىھرىڭدىن،)
بىزار بولدۇم ئەجەپمۇ يىراق كېتەي يېنىڭدىن،
گۈدەكلەرنىڭ زېھنىنى ئېلىپ كەتتىڭ ئۈندىدار.
***
يازغىنىمدىن ئاغرىنىپ ئەزۋەيلىمە-تەگىمە،
«ماڭا ھەممە ئەيىپنى يۈكلىدى»دەپ رەنجىمە،
ئىلغار ئىدىڭ سەن ئەسلى،ئادەم شۇنداق بىر نىمە،
شۇ ئىلغارغا پەزىلەت قوشۇش «لىللا تەڭلىمە»،
ئازغۇنلارنىڭ قۇلىدا ئېزىپ كەتتىڭ ئۈندىدار.
***
2013-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى(ماكانى كەلپىن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akkani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-13 09:46 AM