پاك مۇدىر
(ھىكايە)
ت.ئا.قوشماق
ئىشخانىنى تازلاپ، چايداندا چايلارنى ئەككىلىپ، ئەمدى كومىيۇتۇرنى ئېچىپ، ئىشقا چۈشەي دەپ تۇرشىمىزغا، ئىشخانا مۇدىرى قارا خاتىرسىنى تۇتقىنىچە ئىشخانىغا ئالدىراش كىرىپ كەلدى. ھەم ھەممەيلەن بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن،
— ھەممىڭلار قولۇڭلاردىكى ئىشلارنى قويۇپ، ماياققا قاراڭلار، ئەتتىگەن گىمناستىكىدىن كىيىن، ئىدارە باشلىقى چاقىردۇ، ئىشخانىغا كىرسەم، سايباغ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچلار ئىدارىگە ئەرز قىپتۇ، ئەرزنىڭ مەزمۇنى مەكتەپ مۇدىرى، مەكتەپ مالىيەسەنى قالايمىقان قىلېۋەتتى، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، نۇرغۇن پۇلنى يەۋالدى دىگەن مەزمۇندا ئىكەن، شۇڭا بۈگۈن تەكشۈرۈشكە چىقىمىز، بۇ ئىشخانىمىزنىڭ مەخپىيىتى، ھەقىقى ۋەقە نىمە، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ بولمىغۇچە ھېچكىمگە تىنمايمىز،
ئۇ تەكشۈرۈشتىكى تەلەپلەرنى ۋە ئىش تەقسىماتىنى ئۇقتۇرۋەتكەندىن كىيىن، ئىشخانىدىكى ھەممىمىز ئىدارىنىڭ كىچىك مىنبۇسىغا ئولتۇرۇپ، سايباغ مەكتەپتە يۈرۈپ كەتتۇق. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرشىمىزگە پاك - پاكىز سۈپۈرۈپ سۇ سېپىلگەن مەكتەپ ھويلىسى ، مەكتەپ ھويلىسىدىكى ئېچىلىپ كەتكەن رەڭگا- رەڭ گۈللەر، قەد كۆتىرىپ، سايە تاشلاپ تۇرغان مەنزىرە دەرەخلىرى ئادەمگە باشقىچە ھوزۇر بېغىشلايتى. بىز مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ كىلىشتىكى مەقسىدىمىزنى ئېيتىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۋەتتۇق. ئۇلار بىزنى مەكتەپ مەمۇرىيەت يىغىن زالىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار بىز تەلەپ قىلغان ماتىرياللارنى ئۈزلىكسىز ئەككىرىپ تەمىنلەپ تۇردى. لىكىن ئۇلار ماتىرياللار بىلەن بىللە شىرە ئۈستىنى بادام ،ياڭئاق،چىلان،گۈلە، خورما قاتارلىق قۇرۇق يەل- يىمىش، ئەنجۈر ،ئۈزۈم، ئانار، قوغۇن، تاۋۇز قاتارلىق ھۆل يىمىش، شۇنداقلا ئىسسىق ئەمدىلا قومۇرغان مىزىلىك شىرمان نان ۋە يېغى ئېقىپ تۇرغان سامسىلار ، ھەتتا قېتىق، لەڭپۇڭلار بىلەن توشقۇزۋەتتى. بۇنى كۆرۈپ ھەيران قالدۇق، «بۇنداق قىلساڭلار بولمايدۇ،پىرىنسىپقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دىسەك، «ئازراق ناشتا قىلۋالمىساڭلار ،قانداقمۇ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ،بۇ بىزنىڭ ئازراق كۆڭلىمىز» دەپ ئەسلا ئۇنىمىدى.
بىز جىددىي تۇتۇش قىلىپ بىر كۈن ئىچىدە، نەچچە يىللىق كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ پۈتۈنلەي بولدۇق. لىكىن ھەرقانچە چىڭ تەكشۈرسەكمۇ ھېچقانداق چاتاق چىقمىدى. چاتاق چىقىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. نىمىشقا دىسىڭىز سىزگە بىرلا مىسەل كەلتۈرۈپ بىرسەم ھەممىگە چۈشنىسىز. ئەتىيازدا مەكتەپكە مەنزىرە كۆچىتىدىن يۈز تۈپ چىنار قويغان. ئۇنىڭ تالۇنلىرى مۇنداق ئىدى. مەكتەپ مالىيە بۆلىمىدىكلەرنىڭ كۆچەتخانىغا بېرىش كىرا پۇلى،ئۇلارنىڭ تاماق كاماندۇرۇپكا پۇلى، كۆچەت پۇلى، كۆچەتنى كولاش پۇلى، كۆچەتنى قومۇرۇش پۇلى، كۆچەتنى ئاپتۇمبىلغا بېسىش پۇلى، كۆچەتنى مەكتەپكە ئەككىلىش كىرا پۇلى، ئاپتۇمبىلدىن كۆچەتنى چۈشرۈش پۇلى، كۆچەتنى كۆچەت قويدىغان ئورەك قېشىغا ئاپپرىش پۇلى، ئورەك كولاش پۇلى، كۆچەتنى ئورەككە سېلىش پۇلى، كۆچەتنى ئورەك ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇش پۇلى، ئورەكنى تىندۇرۇش پۇلى.....قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ ئەڭ پاك دىيانەتلىك يېرى شۇ يەردىكى كۆچەتنى ۋاقتى- ۋاقتىدا سۇغۇرۇش پۇلى، ياۋا نوتىلارنى چاتاش پۇلى، كۆچەتتىكى زىيانلىق ھاشارەتلەرنى يوقۇتۇش پۇلى، قونىۋالغان قۇشلارنى قوغلاش پۇلى(قۇشلارنى قوغلىۋەتمىسە كۆچەتلەرنى لىڭشىتۋېتىپ كۆچەتنى تۇتقۇزمايدۇ) قاتارلىقلار يوق بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭغا ھېچقانداق ھەق بەرمەي ئىنتاييىن ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن قىلغان. يۇقارقىلارنىڭ قايسى بىرى كەم بولسا كۆچەتنى مەكتەپ ئىچىگە قويغىلى بولمايدۇ. بەلكىم باشقىلار تەكشۈرگەن تۈرلەرمۇ ئاشۇنداق بولىشى مۇمكىن، مەسىلەن تەشۋىقات لوزۇنكىسىنى مەكتەپ ئىچىگە يوپۇرۇشتا، بولقا پۇلى، ھەر بىر تال مىقنىڭ پۇلى، بولقىنى ھەر بىر قېتىم ئۇرۇش پۇلى...قاتارلىقلار. كەچ سائەت بەش يېرىملاردا مەكتەپتىكى پۈتۈن ئوقۇتقۇچلارنى يىغىپ، ئىنكاس قايىتتۇرۇش يىغىنى ئاچتۇق.ئەڭ ئاخىرقى خۇلاسىمىز شۇ بولدىكى
— مەكتەپ مالىيەسىنى باشقۇرۇشتا ھېچقانداق مەسىلە يوق، مەكتەپ مۇدىرلىرى ناھايىتى پاك ئىكەن، باشقىلارنىڭ خىزمىتىدىن بىكاردىن - بىكار قۇسۇر تاپماڭلار، مەكتەپ مۇدىرىمۇ بولماقمۇ ئوڭئاي ئەمەس......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-13 05:31 PM