مەن ھەر چاغ شەپەرەڭلەر ئەخمەقلىقى ھەيرانمەن ،
قۇياشنى كۆرمەس ، شامغا مەجنۇنلىقى ھەيرانمەن ،
كىچە چىققان كەبى ئىشتىياق بولسا ،كۈندۈزنى كۆرسە ،
كۆر دىسە كۆزنى يۇمۇپ ياتقانلىقى ھەيرانمەن .
شۇ قۇياش ھەر چاغ نۇر چېچىپ تۇرسا كۆرەلمەيدۇ ،
نە بىر رەت بىر نەپەس ئىللىقلىقىن سىزەلمەيدۇ ،
كىچىگە ئاشىق بولۇر ، نۇر ھەققىدە قىلماس پىكىر،
كىچىدە نۇر ئىزلەيدۇ ،ھالبۇكى ھېچ يىتەلمەيدۇ .
ئاشىق بوپ شۇ شامغا تەلپۈنەر ،شام كۆيدۇرىدۇ ،
شەپەرەڭلەر ھەر چاغ شۇنداق ئازغۇنلۇقتا ئۆرتىنىدۇ .
يۇرۇقلۇق ۋە ھارارەتكە قاچان شامدىن تويۇنغان بار ،
نە خوشلۇقى بىردەملىككى ، ئوتتا كۆيۈپ تولغىنىدۇ .....
«توختا ! تاڭ ئاتار ،شۇندا يورۇق نۇر بار ، ئوتقا چۈشمە»،
«ياق!» دىيەر «قېنى كۈندۈز چوقۇم كەلمەس ، مىنى توسما .
كۆزۈم كۆرگەن ئاشۇ شامدا نىجاتلىق ۋە ھارارەت بار ،
ئىشەنمەسمەن !، كۆزۈم كۆرمىگەن كۈندۈزىڭدىن ئېغىز ئاچما» .
سىنى قانداق توسارمەن دەپ تالاي تالاي كىچە ئۆتتى ،
شەپەرەڭگە بىرىپ مىھىر ، ھەتتا ئوتقا قولۇم كۆيدى .
ئاتالدىم بىر ساراڭ ، مەجنۇن ، يولدىن چىققۇچى تەلۋە ،
شەپەرەڭگە بولۇپ ئۈلپەت ، نامىم جاھانغا پۇر كەتتى .
قېنى سەن سەكرىسەڭ سەكرە ، مىنىڭدىن كەت يىراق سەكرە ،
سىنڭ زىينىڭغا سۆزلىمىدىم ، پايداڭدىن توسمىدىم ئەسلا .
شەپەرەڭنى تۈندىن ئايرىش شۇنچىلىك تەسكەن ، يا ئاللاھ ،
ھىكمىتى كاتتا ئىكەن ، قول قويدۇم ئېيىتتىم ئاماننا ....
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-8-13 09:54 AM):
مەنبە :ئىجادىيەت