شام بولسا بىر خىل ئوت بولۇپ كۆيۈپ يورۇقلۇق چىقىردىغان مادىدىن ياسالغان بولۇپ، قاراڭغۇدا يورۇقلۇققا ئىھتىياجلىق كىشلەرگە يورۇقلۇق ئاتا قىلىپ، شۇ كىشلەرنىڭ توغرا ھەركەت قىلشىغا ياردەم قىلىدۇ ھەمدە يورۇقلۇق ئاتا قىلىش جەرياندە كۆيۈپ تۈگەيدىغان پىداكار.
دىمەك، شام ئۆيدە ساقلىنىپ تۇرىۋەرسە يورۇققا ئىھتىياجلىق كىشلەرگە يورۇقلۇق ئاتا قىلالمىسا، شۇ كىشلەرنىڭ توغرا ھەركەت قىلشىغا يارىدەم بىرەلمىسە ئۇ ھالدا ھەققىي شام بولالمايدۇ، شام ئوت بولۇپ كۆيىۋەرسە تۈگەيدىغانلىقى مۇقەررەر.
ھازىر جەميىتمىزدە (مىنى ئۆز ئىچگە ئالغان) ئالىي مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تۆۋىنى ئوتتۇرا تېخنىكوم، يۇقرىسى ئاسپرانتلىق، دوكتۇرلۇق ۋە دوكتۇر ئاشتىلىق ئۇنۋانىغا ئىرشكەن نۇغۇن زىيالىلار بار، بۇلانىڭ كۆپنچىسى ئون نەچچە يىل ئوقۇپ، ئۆزىگە ئىلغان بولغان بىلملەرنى مۇجەسسەملىدى، كۆپلىگەن پەن-تېخنىغا بىلملىرنى ئۈگەندى، توپلدى، كۆپ ساندىكللىرنىڭ مۇقىم خىزمىتى بار، ئائىلىسى ئۈچۈن يىتەرلىك بولغان كىرىم مەنبىئى بار، ئائىلە قۇرۇش، ئائىلدىكلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە ئاساسەن نورمال ھالەتكە يەتتى.
ئەمدى ئۇلار يەنە نىمە ئىش قىلىش كىرەك، ئۇلار يۇقىردە دىيلگەن شامغا ئوخشاش نۇر چېچىشى، بىلمگە ئىھتياجلىق بولغانلارغا بىلىم تارقتىشى كىرەك، بۇ بولسا مۇھىم ۋەزىپە، بۇ ۋەزپنى كىم چۈشۈردى ؟ مەخمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئابدۇقادىر داموللا، مەمتىئىلى تەۋپىق، ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلار ۋە مەن ئىسمنى ئاتاپ بولالمىغان مائارىپچىلار، ئالىملار چۈشۈردى، نىمە ئۈچۈن ئۇلار بۇ ۋەزپىنى چۈشۈردى، چۈنكى ئۇلار يۇقرىدا دىيلگەن شامدەك كۆيۈپ تۈگىگەن، ياكى بولمسا خەلقمىزنىڭ يورۇقلۇققا ئىرشىپ توغرا يولدا مېڭشنى خالىمايدىغانلار تەرپدىن يوقتىلىپ، ھەققىي شامدە كۆيۈپ بولالمىغان، شۇڭا بۇ كۈچ ئۇلاپ يۈگرەش مۇسابىقسىدەك ۋەزپىنى مەندەك ۋە سىلەردەك شاملارغا چۈشۈردى، شاملار كۆيۈڭلار، نۇر چېچىڭلار، قاراڭغۇلۇقتا قېلىپ كاتاڭ يولغا كىرىپ قالغانلار تۈز يولغان چىقىۋالسۇن، مەينەت سۇ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭلەرگە چۈشۈپ كەتكەنلەر ئورندىن تۇرۇپ يۇينۇپ پاك بولسۇن، توغرا يولدا ماڭسۇن !!!
كىملەرگە بىلم تارقىتىش كىرەك ؟ قانداق بىلىم تارقىتىش كىرەك ؟ مەن دەپ بىرەي ئاۋۋال جەميەتنى تەكشۈرۈڭ مەسىلەن يېزىلارغا بېرىپ ئەمگەڭچان دىھقانلار (شەرتى 15 ياشتىن ئاشقان بالىسى بولسۇن) بىلەن مۇڭدۇشۇڭ ئۇلانىڭ نىمە دەردى بارلىقنى سوراڭ، مىھرىبان ئانىلار (شەرتى 15 ياشتىن ئاشقان بالىسى بولسۇن) بىلەن مۇڭدۇشۇڭ ئۇلارنىڭ دەردىنى سوراڭ، جۈمە، شەنبە كۈنلىرى كەچتە شەھەردىكى تاڭسىغانلارغا كىرىپ بىر قتېىم ئايلىنىپ چىقىڭ (ئۇزاق ئولتۇرماڭ) ، دوختۇرخانىلارغا كىرىپ بىمارلار بىلەن مۇڭدۇشۇپ چىقىڭ، تۇققىنىڭز بولمىسمۇ مەيلى چۈنكى ئۇلارغا پاراڭلىشغا بەك مۇھتاج (بىر قىسىم تىنچلققا مۇھتاج بىمارلاردىن باشقا)، ئالىي مەكتەپلەرنى ئايلنىپ ئۇ يەردىكى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشپ كۆرۈڭ، ئۈگۈنۈش ئەھۋالنى سوراڭ، كەلگۈسدىكى ئارزۇسنى سوراڭ، ھەرخىل تىل تەربىيلەش كۇرۇسلىرىغا بىرىپ دەرىس ئاڭلاپ باققاچ، ئۇيەردە ئوقۇۋاتقانلار بىلەن پاراڭلىشىڭ ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلىقنى سوراڭ، لىكن بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ھەر بىر پاراڭلاشقان ئادەمنىڭ ئالاقە ئادىرىسنى، يانڧۇن نۇمۇرىنى، چ چ نۇمۇرنى، ئىلخەت ئادرىسنى خاتىرلەپ قويۇڭ، مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق جەميەتنىڭ، خەلقىمىزنىڭ نىمگە مۇھتاج ئىكەنلىكنى ئىنقلاپ چىقىڭ، شۇنىڭ بىلەن تۆۋەندىكدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق خەلقىمىزگە تەسىر قىلىڭ، سىز مۇڭداشقان دىھقاننىڭ ياخشى گەپ ئاڭلىمايۋاتقان، بەڭباش بالىسغا بىر پارچە خەت يېزىڭ، ختىڭىزنىڭ مەزمۇنى قائىل قىلارلىق بولسۇن، جەميەتتكى ئاچچىق ساۋاق ۋەقەلىرنى مىسال قىلىڭ، سىز مۇڭداشقان ئانىلارغىمۇ خەت يېزىڭ، خەتنىڭ مەزمۇنى ئىلغار ئانىلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى، ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيتى قاتارلىقلار بولسۇن، خەتنى ۋەقەلىك ئاساسىدا يېزىڭ، ئانىلارغا ئانىڭزنىڭ نامىدا، ئاتىلارغا ئاتىڭىزنىڭ نامىدا يېزىڭ، بالىلارغا بالىڭزنىڭ نامىدا يېزىڭ لىكىن خەتنى ئۆزىڭىز يېزىڭ، سىز خاتىرلىۋالغان يانفۇنلارغا ھىكمەتلىك سۆزلەر بىلەن تولغان قىسقا ئۇچۇر يوللاپ قويۇڭ، يىلدا بىر قتېىم بولسىمۇ مەيلى، ئون يىۋەن خەجلىسىڭىز 100 ئادەمگە ئۇچۇر يوللىيالايسىز، ھېچ بولمىغاندا << بۈگۈن يولدا بىر توك ھارۋا بىلەن بىر ماشىنا سوقۇلۇپ كەتكەنتى، توك ھارۋا تەتۇر مېڭپتىكەن، مەسئوليەتنى توك ھارۋۇ ئىگىسىگە ئارتىپ قويدى>> ، <<بۈگۈن ھاۋا ئىسسق بولغاچقا ماشىنا بازىردىكى دوغچىنڭ بازىرى قىزىپ كەتتى، دوغ تۈگەپ ئۇسساپ كەتتىم>> دىگەنگە ئوخشاش ئۇچۇرلارنى يوللىسىڭزمۇ بولدۇ. ئالدىنقىسى يولدا تەتۈر مېڭىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكنى بىلدۈرسە، كىينكىسى پەسىلگە، ھاۋا رايىغا قاراپ تىجارەت قىلسا تىجارەت ياخشى كىرىم قىلغىلى بولدىغانلىقنى بىلدۈردۈ، گەرچە نۇرغۇن ئادەم يۇقردىكدەك ئاددىي ساۋاقلارنى بىلسمۇ، جەميەتتكى شەيتانلارنىڭ ئازدۇرىشى بىلەن يۇقردىكدەك ھەققەتلەرگە دىققەت قىلمايدۇ، رىئايە قىلمايدۇ، بپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلە قىلدۇ. خۇددىي مۇسۇلمانلار ئانچە-مۇنچە تەبلىغ ئاڭلىمسا ئىمانى سۇسلاپ كەتكەندەك، خىزمەتچىلەرگە ئانچە-مۇنچە يىغىن ئېچىپ تۇرمىسا خىزمەت تەرتىپى قالايمىغانلىشىپ كەتكەندەك، يەنە مەھلىڭزىدە ئولتۇرغاندا باشقىلارنڭ بالىسى مانداق بوپتۇ، پالاننىڭ ئنىسى بىرسى بىلەن سوقشۇپ قاپتۇ دىگەنىڭ غەيۋەتكە ياتىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلماي، يۇقرىدە دىيلگەن قسقا ئۇچۇر مەزمۇنىغان ئوخشاش ئىشلارنى ئۇلارغا سۆزلەپ بىرىڭ ، قورۇيڭىزدىكى بالىلارغا پاكىز بولۇش، كسەللىكلەردىن مۇداپىيەلىنىش، ياخشى ئوقۇش، ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇشقا ئائىت ۋەقەلىكلەرنى سۆزلەپ بىرىڭ، كەچتە ئۆيگە قايتىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلغانلىڭرنى بىر قتېم ئويلاپ ئۇخلاڭ، چوقۇم ياخشى ئۇخلايسىز.
خۇلاسە:ھەرىكەت بەرىكەت، دەرھال ھەركەتكە كىلىڭ، نۇرغۇن دىللار بىلىم بۇلقىنىڭ سۈيىگە تەشنا بولماقتا، نۇرغۇن كۆزلەر يورۇقلۇققا تەشنا بولماقتا.
بۇ دەۋر ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر، جاھالەت ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەستۇر. سەئى ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر، سۇسلۇق -بىكارچىلىق دەۋرى ئەمەستۇر. باشقا خەلقلەر ئىلىم-مەرىپەت كۆكىدە ئۇچماقتا، سۇ تەكتىدە ئۈزمەكتە. بىزلەر بولساق ھامان غەپلەت ئۇيقۇسىدادۇرمىز. ئۇيقۇ _ ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ تەرزدە داۋاملىق ئۇخلىماق زاۋاللىق ۋە ھالاكەتتۇر. ئۇيقۇدىن بىدار بولايلى، ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت باردۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-12 07:05 PM