مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4743|ئىنكاس: 51

قاسىم سىدىق:ئىككى پارچە رەسىمدىكى ئورتاقلىقلىقلارۋە دەۋرى ئالەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18542
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6107 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 09:44:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككى پارچە رەسىمدىكى ئورتاقلىقلىقلارۋە دەۋرى ئالەم

قاسىم سىدىق


نۇۋەتتە ئالەمنىڭ تىزلىنىشچان سۆرئەتتە كېڭىيىشىنى ئانتى تارتىش كۈچىنىڭ سەۋەپكارى بولمىش قاراڭغۇ ئىنىرگىيەگە باغلاپ چۈشەندۆرۆش مۇدىغا ئايلانغىلى تۇردى.ھالبۇكى، بۇنداق چۈشەندۆرۆش بىر مۇنچە زىدىيەتلەرگە يول قويغان بولۇپ،ئاقىۋەتتە مەسىلىنى ئۆزۆل - كېسىل چۈشەندۆرۆپ بېرەلمەيدۇ.بۇ زىدىيەتلەر:

1.مۇبادا غۇۋا ئىنىرگىيەنىڭ ئانتى تارتىش كۈچى رولىنى ئۆتەيدىغانلىغى قەتئى مۇئەييەنلەشتۆرۆلسە،بۇ ھالدا«غەيرى نۇقتا»ۋە «قارا ئۆڭكۆر»قاتارلىقلار ئەسلا شەكىللەنمەسلىگى كېرەك.چۈنكى ،بۇنداق ئىنىرگىيە، ساقلىنىش قانونلىرىغائاساسەن كائىنات تارىخنىڭ ھەرقانداق پەيتىدە مەۋجۈت ۋە ئۇز رولىنى جارى قىلىدۇ، دەپ قارىلىشى شەرىت.

2.ئوخشاشلا بۇ ھالدا يەنە ،ئاسمان جىسىملىرى ،ھاياتلىق شەكىللەنمەسلىگى كېرەك.چۈنكى ،ئىزچىل «ئالەم»نى كېڭەيتىش رولىنى ئوينايدىغان ئانتى تارتىش كۈچىنىڭ ۋاستىچىسى ۋە سەۋەپكارى بولمىش «قاراڭغۇ ئىنىرگىيە» ھەرقانداق جىسىمنى پارچىلاپ تاشلىشى،«جىسىم»نىڭ شەكىللىنىشىگە يول قويماسلىغى كېرەك.

3.«غەيرى نۇقتا»ۋە«قارا ئۆڭكۆر»نى شەكىللەندۆرگەن تارتىش كۈچى بىلەن بۇنداق ئانتى تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ئەسلا سىغىشمايدۇ.بۇ ئىككىسى قەتئى كېلىشتۆرگىلى بولمايدىغان زىدىيەتلىك ئۇقۇم.قىلىچ -قالقان ئەپسانىسىنىڭ نەزەريىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىقتىكى كۆلكىلىك ۋارىيانتى.

شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، «قاراڭغۇ ئىنىرگىيە» تېخى بىر نەزەريىۋى رىياللىق بولۇپ،ئەسلا تەجىربىدە مەۋجۆتلىگى ئىسپاتلانغىنى يوق.تەجىربىدە ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ يۇقۇرقى زىدىيەتلەرنى ھەل قىلالمايدۇ.

بۇ زىدىيەتنى ھەل قىلىشتا شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇلى بار.يەنى،شەكىل نەزەريىسى ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنى شەكىل نۇقتىسىدىن نۇقتۇلۇق تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.بۇنداق تەشەببۇسنىڭ ئاساسى شۇكى،ھەر قانداق فىزىكىلىق ھەركەت ھەرقانداق پەيىتتە كونكىرىت ۋە مۇئەييەن شەكىلگە ئېگە بولغان بولىدۇ.ئالەمنىڭ كېڭىيىش -تارىيىشىدىن تارتىپ ،بىر دانە زەررىچىنىڭ ھەركىتىگىچە دەل ئەشۇنداق.
ئەھۋال شۇنداق ئېكەن،بىز نىمە ئۈچۈن ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنى شەكىل ۋە بۇنداق شەكىلنىڭ سەۋەپلىرى نۇقتىسىدىن بېۋاستە تەتقىق قىلىپ كۆرمەيمىز؟!.

تۆۋەندىكى  1-رەسىمدىكىسى   سۇقۇشتۇرۇش مەركىزىدە چوڭ پارتىلاشقا تەقلىت قىلىپ ئۆز ئارا سۇقۇشتۆرۆلغان ۋاقىتتا يىمىرىلگەن زەررىچىلەرنىڭ تىرايىكتۇرىيىسى.رەسىمدە زەررىچىلەرنىڭ گۇيا نۇر ئۇينىغان مەزگىلدىكى نۇرنىڭ تىرايىكتورىيىسىگە ئوخشاش سىفرال ئىزلارنى قالدۇرۇدىغانلىغىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

مەيدانغا كەلگۆسى«ھەركەت شەكىلشۇناسلىغى»نۇقتىسىدىن چىقىپ،ھەركەت شەكىللىرى ۋەئۇلارنىڭ سەۋەپلىرى ئۆستىدە بېۋاستە توختۇلۇش،بىزنى چىگىش ۋە قاتمال نەزەريەۋى ئېزىتقۇ سارايلادىن قۇتۇلدۇرۇشى،زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا ئاددى ۋە تىجەشلىك يول بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.29-41-تىئورمىلارنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكى ئىككى پارچە سۆرەتتە ئوبرازلىق ئەكىس ئەتكەن.1-رەسىمنىڭ چوڭ پارتىلاشنىڭ تەقلىدى سۈرىتى ئىكەنلىگىنى كۇزدە تۇتقاندىمۇ،29-41-تىئورمىلارنىڭ كېڭيىپ-تارىيىدىغان دەۋرى ئالەمگە نىسبەتەن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

بۇ ئىككى پارچە رەسىمدىكى ھەركەت شەكىللىرى ئەسلا ئېينىشتېيىن «ماكان ئەگرىلىگى»نىڭ مەھسۇلى ئەمەسلىكى،بۇ سىفرال شەكىللەر ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خاراكتىرى ئىكەنلىگى مۇنازىرە تەلەپ قىلمىسا كېرەك.

ھەقىقى مەنىدىكى ئىچكى تۆزۆلۆشكە ئىگە بولمىغان ئىلىمىنتار زەررىچە بولمىش «ئېن»لارنى 1-رەسىمدىكىدەك مۇشۇنداق سىفرال تىرايىكتورىيەنى بويلاپ«پارتىلاپ» ھەقىقى بوشلۇققا تارقىلىپ «ئالەم»نى كېڭەيتىدۇ ۋە دەسلەپكى ھاسىلى زەررىچىلەرنى ئاندىن جىسىملارنى ۋۇجۇتقا كەلتۆرىدۇ.ئاندىن يەنە بۇ جانابى«ئېن»لار 2-رەسىمدىكىدەك قايتا يىغىلىپ «غەيرى نۇقتا»،«قارا ئۆڭكۆر»قاتارلىقلارنى شەكىللەندۆرىدۇ،«فىزىكىلىق ئالەم»شۇ تۆستە دەۋرى قىلىدۇ،دەپ چۈشەندۆرۆشكە بولىدۇ.شەكىل نەزەريىسى ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى پەقەت چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيىسىنىڭ مەھسولى دەپ قاراشقىلا يول قويۇدۇ.بۇ،ئادەمنىڭ ئىشەنگۆسى كەلمىگىدەك دەرىجىدىكى تولىمۇ ئاددى لايىھە.مەن بۇنىڭ ماتىماتىكىلىق كەلتۆرۆپ چىقىرىش جەريانىنىڭمۇ شۇنداق ئاددى بىرۋارىيانتى بولىشى مۆمكىن دىگەن ئۆمىتتىمەن.

مەن بۇ ئىككى پارچە رەسىمدىكى ھەركەت شەكىللىرىنىڭ پىرىنسىپال پەرقى يۇق،ماكرۇ دۇنيا بىلەن مىكرۇ دۇنيادىكى،يۇقۇرى تىزلىك شارائىتى بىلەن تۆۋەن تىزلىك شارائىتىدىكى ھەركەت شەكىللىرىدە پىرىنسىپال،كەسكىن پەرىق مەۋجۆت ئەمەس،دەپ قارايمەن.تورداشلار ئوخشاشمىغان قاراشلىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا.


科学家用粒子碰撞重现宇宙大爆炸壮观景象(图)_科学探索_科技时代

ئىلىمگەرلەرزەررىچە سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلاش مەنزىرىسىنى قايتا زاھىر قىلدى
 

 当这些粒子在一个温度低于零下271摄氏度的真空环境下发生撞击时,它们产生了非常壮观的光影展、许多热量和形状复杂的运动模式

تولۇقى:
http://tech.sina.com.cn/d/2011-08-03/08015874496.shtml




تۆۋەندىكى ئۇيغۇن ئەپەندى سىزغان سۆرەتكە قاراڭ،بۇ مۇز ئۆستىدە قامچا بىلەن ئۇرۇپ ئاخىرى ئۇيۇتۇلغان نۇرنىڭ تەخمىنى تىرايىكتۇرىيىسى.نۇر بىر نۇقتىدا ئۇيغىچە (قاتقىچە) بۇلغان جەرياندا ئۆزئۇقىدا ئايلىنىش تەرىپىگە ئېغىپ سىفرال تىرايىكتۇرىيە شەكىللەندۇرۇپ ،ئاخىرى ئۇيۇپ قالىدۇ.بۇ ئۇيۇش نۇقتىسىغا يېتىپ بارغىچە بولغان ئېغىش جەريانىمۇ 29-41-تىئورمىچە ئېغىش. بۇنى ئالەمگە كېڭەيىتسەك «غەيرى نۇقتا»ۋە قارا ئۆڭكۆرنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى، سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى چۈشەندۆرۆپ بىرەلەيدۇ.



پايدىلانمىلار:

陀螺比赛

(فىلىم)
/http://video.sina.com.cn/v/b/5123998-1265293712.html

مىنىڭچە،«فىزىكىلىق ئالەم»نىڭ ئىزچىل كىڭىيىشى ۋەتارىيىشى( دەۋرىلىگى)نىڭ جەريانى ۋەسەۋەبىنى بۇ فىلىمدىكى نۇرلارنىڭ ھەركىتىدىن قىياس قىلغىلى بولىدۇ.


视频:陀螺旋转视频!实物拍摄
http://v.youku.com/v_show/id_XMjA3NDM2NjM2.html



宇宙100岁时模样 充斥光子与暗能量
http://www.kejixun.com/article/201308/16508.html


قاسىم سىدىق:چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيسى

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=15329&extra=page%3D1


2013.8.12



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-12 11:33 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18542
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6107 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 12:21:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ تېمىنىڭ «كائىنات»تىكى ئادىرىسى:

قاسىم سىدىق:ئىككى پارچە رەسىمدىكى ئورتاقلىقلىقلارۋە دەۋرى ئالەم
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=29688&page=1&extra=#pid62583

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-12 12:22 PM  


ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10883
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2212 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 12:34:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كائىناتنىڭ سىرى كۆپ...   شۇنداقتىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىشى ئارقىلىق خېلى كۆپ نەرسىلەرنى  كىشىلەرنىڭ بىلىشىگە مۇيەسسەر قىلدى....


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

بىلەمسەن جېنىم؟!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1420
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10879
تۆھپە نۇمۇرى: 388
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 12:39:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاللا قاپاق ساراڭ بوپكەتتى...

ھاياتنى دائىم ئۆزۈڭ ئېگە بولالمىغان بىرەر نەرسىگە شەيدا بولۇپ ئۆتكۈزىشىڭ كېرەك. ئىنسان يۈكسەكلىككە تەلپۈنگەندە تېخىمۇ مۈكەممەللىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96716
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 170
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-8-4
ئاخىرقى: 2014-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 12:57:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساندا نەپسىلا بولىدىكەن ، چوقۇمكى ئۇنىڭدا شەھۋەت ھەم ئارلاشقان بولىدۇ . ھاياتلىق ئالىمىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ شېرىنلىكى دەل ئەنە شۇ شەھۋەت تەرىپىدىن يېتىدىغانكى خۇشلۇق . ئەنە شۇ خۇشلۇق ئۈچۈن مۇھەببەت پەيدا بولغۇسى . ئەنە شۇ خۇشلۇق سەۋەبلىك مەسئۇلىيەتچانلىق بولغۇسى . شۇ ۋەجىدىن جانلىقلاردىن ئېشىپ جانسىز دەپ قارىلىۋاتقان ، ئەمەلىيەتتە ئيلاردىمۇ ئۆزىگە خاس بولغان ھاياتلىق بولغان ئەركەك دەل - دەرەخلەرنىڭ شاماللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ شەھۋىتىنى چېچىپ چىقىرىشى ئۆزىدىكى شەھۋەتنى چېچىش ئارقىلىق خۇشلۇق تېپىشتىن باشقا ، يەنە ئۆزىنىڭ شۇ خىل تاقىتى يېتىدىغان ئىشنى ئورۇنلاش بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر .
ئىلىم ئەھلىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارغا نىسبەتەن دۇنيادا ئىلىم شەھۋىتىدىنمۇ لەززەتلىك ئىككىنچى لەززەت بولمايدۇ . ئۇنى تېپىش بىر لەززەتلىك . ئۇنى ھەم نوقۇل جىنىس كەبى ئوقۇغۇچىلىقتا تارقىتىشمۇ بىر لەززەت ، شامال كەبى مۇشۇنداق مەۋھۇم ئالىمىدە چېچىۋېتىشمۇ ھەم ئۆزگىچە بىر لەززەت .
بۇ خىل لەززەتنى سۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر بۆلۈك ئىلىم ئەھلىلىرى بار توردا ، توقماقتىن ئىبارەت قاسىم سىدىق ئاكىمىزمۇ دەل ئەنە شۇ بىرىش ۋە چېچىش ئارقىلىق لەززەت سۈرگۈچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى . سىزگە ۋە شۇ خىل مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، گەرچە بىز سىزنىڭ قەلىمىزگە ھەمدەمدە بولالمىساقمۇ ، سىزنى ئاشكارا قوللاپ بېرەلمىسەكمۇ ئاستىرىتتىن بولسىمۇ مەدەت بېرىشلەردە بولۇشنى تىلەيمىز . ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن ، سىزنىڭ تىلىكىڭىزدىكى ئىلىم ئەھلىلەرنىڭ توپلۇشۇپ ، سىزگە چاپسانراق ھەمدەمدە بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ھەم ئۈمۈد قىلىمىز . ھارمىغانسىز ئاكا ! ! !

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 01:38:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرۇسۇل مۇئەللىم سىزگە ھازىرمۇ ياردەم بىرىۋاتامدۇ قاسىمكا ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18542
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6107 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 01:50:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2013-8-12 01:38 PM
ئابدۇرۇسۇل مۇئەللىم سىزگە ھازىرمۇ ياردەم بىرىۋاتامدۇ  ...

ئۇزۇن بولدى ئالاقىلىشالمىدۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5290
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7886
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2028 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 01:59:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپسانە يوللىغان ۋاقتى  2013-8-12 12:57 PM
ئىنساندا نەپسىلا بولىدىكەن ، چوقۇمكى ئۇنىڭدا شەھۋەت ھ ...


يېقىندا   ناپائېلون  خېئولنىڭ   ‹‹  كاللىڭىزنى  ئىشلەتسىڭىزلا بايلىق ئالدىڭىزغا كېلىدۇ ›› دېگەن كىتابىدىن  سىزنىڭ  ئىنكاسىڭىزغا   بىر قىسىم  جايلىرىغا  ئوخشاپ كېتىدىغان مەزمۇنلارنى ئوقۇغان .
ئەمما   ئۆزۈم  رازى  بولغۇدەك   دەرىجىدە  چۈشىنەلمىدىم  .
جىنسىيەت  بىلەن  مۇۋەپپىقىيەتنىڭ  مۇناسىۋىتى  دېگەن  بابىدا  :  بىرەر  كەسىپتە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان  كىشىلەرنىڭ  ھەممىسى  كۈچلۈك  جىنسىي  ھىسياتقا  باي ۋەجىنسىيەتنى تۈرلەندۈرۈشنى بىلىدىغان   ئايال  كىشىنىڭ  دالالىتى  بىلەن  دېگەندەك  ...
جىنسىيەتنى   نۇقۇل  ھالدا   فىزولوگىيلىك  ئىپادىلەش  دەپ  چۈشنىۋالماسلىق ، ئەگەر جىنسىي ھسياتنى  تۈرلەندۈرۈشنى   ئۆگىنىۋېلىش  توغرىسدىكى   تەكلىپلىرىنى  ئوقۇغان ئىدىم .
راسىت   دېگەندەك  ئويلاپ  باقسام ئاساسىي  بار  گەپلەركەن .                  بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-12 04:33 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11696
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1684 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 02:29:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۈۋەتتىكى  بارلىق ئالەم  مودىللىرىدا ئېغىر مەسلە بار ، ئانتى تارتىش كۈچى ئەمەليەتتە مەۋجۇت ئەمەس! ، قانداقتۇر غۇۋا ئىنىرگىيمۇ ئېنىق فىزىكىلىق رىياللىق ئەمەس ، غۇۋا ماددىدىمۇ مەسىلە بار ، ئالەمنىڭ ‹‹ئاچقۇچى›› - زادى نەدە؟
بىز ئالەمنى تېخى تەسۋىرلەشكە يىتەرلىك بولغان نەزەرىيەنى بارلىققا كەلتۇرۇپ بۇلالمىدۇق ، بۇنىڭدىكى تۇپ سەۋەپ ۋە  ئالەمنىڭ ‹‹ئاچقۇچى›› بۇشلۇق (كىلاسىك بۇشلۇق ئەمەس)ئولچەملىرىدە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96623
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-8-1
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 03:09:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەمدى قانچىنچى تىئورىما بوپ كەتتى ؟ يەنە بىر يېڭى بايقاش ئوخشىمامدۇ ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش