ئىككى غەزەل
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
چىرايلىق ئاغرىنىش
كۆزلىرىڭ كۈندىن چىقىپ پەرۋازى ئۆلتۈرگەي مېنى،
قاشلىرىڭنىڭ ئايدىكى ئەندازى ئۆلتۈرگەي مېنى.
تەلمۈرۈپ باقسام يىراقتۇر يۈزلىرىڭدە ئاسمىنىڭ،
لەۋلىرىڭنىڭ شەپىقى-پەردازى ئۆلتۈرگەي مېنى.
بەتلىنىپ كۆكرەكلىرىمگە، يۈرىكىمنى قانىتىپ،
كىرپىكىڭنىڭ ھەر تېلى-سەرۋازى ئۆلتۈرگەي مېنى.
تولغۇنۇپ دەردۇ-ئەلەمدە يۇلتۇزۇڭنى سانىسام،
نازلىرىڭنىڭ تۈندىكى ئاۋازى ئۆلتۈرگەي مېنى.
كىم ئۈچۈن كەلگەنىدىڭ، ئاھ، كىم ئۈچۈن تولغانىدىڭ؟
ماڭا كۈلگەن كۈلكىلەرنىڭ سازى ئۆلتۈرگەي مېنى.
جاننى ئالقانغا ئېلىپ كەلسەم جۇنۇنلۇق دەشتىدىن،
سوغ نىگاھىڭ دەھشىتى-ئەلپازى ئۆلتۈرگەي مېنى.
تاپمىسام ئىشقىڭ بىلە گەرچە شەھىدلىكتىن مەقام،
ئول شەھىدلىك نۇسرىتى يار غازى ئۆلتۈرگەي مېنى!
2013-يىلى، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، يېڭىسار.
كۈن مېنى كۆرگەن ئەمەس...
مەن ئۆزۈمنىڭ تۇپرىقىدا كۆكلىگەن بىر جان ئىدىم،
شاھ ئەمەس يا ئەۋلىيا ھەم، بەلكى چىن ئىنسان ئىدىم.
كۈن مېنى كۆرگەن ئەمەس، ئاينىڭ كۆزىدە داغى بار،
لەختە-لەختە يۈرىكىمنىڭ قاتىدا پىنھان ئىدىم.
لالەگۇن باغرىمدىكى چۆللەردە چەكتىم ئىزتىراپ،
تەركى روھىمدا لاۋۇلداپ ئۆچمىگەن گۈلخان ئىدىم.
يەر بىلەن يەكسان بولۇپمەن كۆرمىشىم دىشۋارىدىن،
يارىلىشتا مەن ئۆزۈمنىڭ قىنىدا ئاسمان ئىدىم.
كۆزلىرىمگە ياغدى لەپ-لەپ ئۆتكۈلەرنىڭ كۈلپىتى،
بىپايان چوڭقۇرلۇقۇمدا تىنچىماس غەليان ئىدىم.
ئوينىتار شەيتان بېشىمدا ئەي خۇدانىڭ قىلىچى!
سەن بىلەن ئالىپلىقىم، مەن رۇستەمى داستان ئىدىم.
تەندە زار يىغلايدۇ جان ۋەسپىمگە ئىستىغپار ئوقۇپ،
ئاھ، نىتەي، مەن ئۆزلۈكۈمگە زار ئىدىم، قۇربان ئىدىم...!
2013-يىلى، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، يېڭىسار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-11 05:12 PM