|
|
|
|
بىتەلەي
1945_يىلى 8_ئاينىڭ 8_كۈنى.
پۈتۈن بەدىنىمنى قاپلىغان شىددەتلىك ئاغرىق تۈپەيلى ئويغۇنۇپ كەتتىم. كۆزۈمنى ئېچىپ يېنىمدا تۇرغان سېستىرانى كۆردۈم.
_مېستىر فۇدىجىما،_دىدى ئۇ،_ بەك تەلەيلىك ئىكەنسىز. ئىككى كۈن ئاۋال خىروشىمادا پارتىلىغان ئاتوم بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىپ قالدىڭىز. ھازىر سىز بىخەتەر يەردە. ھاياتىڭىزدىن خەۋىپسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ماغدۇرسىزلىقىمدىن تەستە سورىدۇم:
_مەن ھازىر قەيەردە؟
_ناگاساكىدا،_ دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ.
(ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن ئىلاۋە: ئامېركا 1945_يىلى 8_ئاينىڭ 6_كۈنى ياپۇنىيەنىڭ خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىدى. ئۈچ كۈن ئۆتۈپ 8_ئاينىڭ 9_كۈنى يەنە ناگاساكىنى ئاتوم بومبىسى بىلەن بومباردىمان قىلدى. ئىككى قېتىملىق نەچچە مىڭ توننا بومبىنىڭ ھۇجۇمىدا يۈزمىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى).
ئافرىقىلىق ئۆسمۈر يازغان بۇ ھىكايە «2005_يىللق ئەڭ ياخشى ھىكايە» نى تاللاش مۇسابىقىسىدە بىرىنجى بولۇپ باھالانغان.
«تۇغۇلغىنىمدا قارا ئىدىم.
قارا پېتى چوڭ بولدۇم.
قۇياش نۇرى ئاستىدا ئۇزاق تۇرساممۇ قارا پېتى تۇرىمەن.
ھەتتاكى ئۆلگەن چېغىمدىمۇ قارا پېتى قالىمەن.
سىلەر ئاق تەنلىكلەر:
تۇغۇلغىنىڭلاردا_ قىزغۇچ بولىسىلەر.
چوڭ بولغانسىرى _ ئاقىرىسىلەر.
كۈچلۈك ئاپتاپ چۈشكەندە _ قىزىرىپ كىتىسىلەر.
قاتتىق سوغۇقتىن توڭلاپ كەتكەندە _ كۆكۈرۈپ كىتىسىلەر.
قورقۇپ كەتكەن چېغىڭلاردا _ سارغىيىپ كىتىسىلەر.
ئۆلگەن ۋاقتىڭلاردا بولسا _ بوزىرىپ كىتىسىلەر.
شۇنداق تۇرۇپ مىنى رەڭلىك (قارا تەنلىك) دەپ زاڭلىق قىلىسىلەر».
| | | بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-12 02:02 AM
|
|
|
|
|
|