مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1291|ئىنكاس: 20

گــۈل سـاتـقـۇچـى قـىـز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1578222
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12140 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 12:40:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گــۈل سـاتـقـۇچـى قـىـز


ئاپتورى:رەشىدە سېيت


ئۇ بىزنىڭ قورۇغا گۈل ساتقىلى كىرگەندە مەن ئۇنى تونۇمايتتىم. ئۇ چاغ يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئىدى. چىڭقى چۈشتە قورۇدىكى ئوغۇللار تەرلەپ - پىشىپ توپ ئويناۋاتساق ئۇ سېۋىتىدىكى گۈللىرىنى مەيدىسىگە تاقاپ چىڭ تۇتقان پېتى بىزگە ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇردى. ئەتراپىمىزدا بىزنىڭ ئويۇنىمىزنى كۆرۈۋاتقانلار ساپلا ئوغۇل بالىلار بولغاچقىمىكىن ئۇ شۇ ھامان مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. ئۇ ئويۇنىمىزنى ناھايىتى بېرىلىپ كۆرەتتى، تۇرقى سەل غەلىتە ئىدى. بېشىغا ئارتىۋالغان چاقماق ياغلىقىدىن چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرى چىقىپ قالغان بولۇپ، سېۋەتنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرغان قولى قارا ھەم قاسماق ئىدى. ئۆزىگە ماس كەلمىگەن كۆڭلىكىنىڭ بېلىدىن باغلىۋالغان بوققۇچى چىڭ چىگىلمىگەنمۇ ئەيتاۋۇر بىر پېشى ئېگىز، بىر پېشى پەس كۆرۈنەتتى. مەن بۇ مۇسابىقىدە ئەپچىللىك بىلەن ۋارتاغا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈۋەتتىم. بىر چاغدا قارىسام ئۇ گۈل سېۋىتىنى يېنىدا قويۇپ ئەتراپتىكىلەر بىلەن تەڭ قىيقاس - چۇقان سالغىلى تۇرۇپتۇ. ئادەتتە قىزلار پۇتبولغا ئۇنچە قىلىپ كەتمەيتتى. بۇ ئالاھىدە قىزغا بولغان ھەيرانلىقىم بىردەمدە يوقالدى - دە يەنە توپ ئويناشقا كىرىشتىم. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا بىز ئىككى تەرەپ تالاش - تارتىش قىلىپ قالدۇق. شۇ چاغدا قارشى تەرەپتىكى مۇرات ئاچچىقىدا توپنى بىر تېپىۋىدى، توپ قاڭقىپ بېرىپ ھېلىقى قىزنىڭ گۈل سېۋىتىگە تەگدى. توپ سېۋەتنى، سېۋەتتىكى گۈلنى تېرە - پېرەن قىلىۋەتتى. سېۋەتتىكى گۈللەر شېخى ئۇيانغا، بەرگىلىرى بۇيانغا بولۇپ نەچچە مېتىر ئارىلىققا گۈل بەرگىلىرى بىلەن ئۈزۈلگەن يېشىل يوپۇماقلار چېچىلىپ كەتتى. قارىسام قىزنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان بولۇپ، يۈگۈرۈپ كەلگەنچە مۇراتنىڭ مايكىسىنىڭ ياقىسىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى ھەم ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى.
- گۈلۈمنى تۆلە، گۈلۈمنى تۆلەپ بەر! بۇ 25 تال ئەتىرگۈل. ھەر تېلى بەش يۈەن، پايدىسىنى قوشقاندا ئون يۈەن، جەمئىي 150 يۈەن بولىدۇ. ھۇ قاپاق، مۇسابىقە تۈگىگەن تۇرسا نېمىشقا توپنى يەنە تېپىسەن؟ ئۇتتۇرىۋەتكىنىڭگە چىدىمىساڭ ئۆلۈۋالساڭ بولمامدۇ؟ ئەگەر گۈللىرىمنى تۆلىمەيدىغان بولساڭ جېنىڭنى ئالىمەن.
مۇراتمۇ ئۆكتەملىكنى تازا قىلدى:
- نېمە؟ سېنى بۇ يەرگە مەن چىللاپ كەلمىدىم. سەن گۈلۈڭنى بازاردا ساتماي نېمە بۇ قورۇدا كۆتۈرۈپ يۈرەتتىڭ؟ توپ دېگەننىڭ كۆزى يوق، ئۇ نەگە بارىمەن دېسە شۇ يەرگە بارىدۇ. مايكامنى قويۇپ بەر! ماڭ، ئاۋۇ ئەخلەتلىرىڭنى ئېلىپ يوقال! بولمىسا ئوغۇل بالىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغان قىزنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ گۈلچى قىز كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە مۇراتنىڭ ياقىسىنى تېخىمۇ چىڭ قاماللاپ تۇتتى.
- كۆرسىتە قېنى؟ ئاڭلاپ تۇر. سەن بىلگەن پۇتبولنى مەنمۇ بىلىمەن. سەن كوماندىغا بويسۇنماي قاراملىق قىلىپ گۇرۇپاڭنى نۆلدە قويدۇڭ. ۋاراتاغا كىرەي دەپ قالغان توپنى ئوڭشاپ تېپەلمەي يانغا چىقىرىۋەتتىڭ. باشقىلاردىن قىزغىنىپ ئورنۇڭدا تۇرماي يۆتكىلىپ ئوينىدىڭ. توپنىڭ كۆزى يوق دەيسەن، توپنىڭ كۆزى بولمىسا سېنىڭ باردۇ؟ - بۇ قىزنىڭ دېگەنلىرى توغرا ئىدى. قىز بالىنىڭ پۇتبولنى شۇنچىلىك چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىدىن ھەيران قالدىم. مۇراتمۇ گەپ تېپىپ بېرەلمەي گەدىنىگىچە قىزىرىپ كەتتى.
- سەن نېمىنى بىلىسەن؟ - دېدى مۇرات ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، - ھۇ پاخما باش، ئەخلەتلىرىڭنى ئېلىپ قورۇدىن يوقال.
- ئەخلەتنىغۇ ئېلىپ كېتىمەن. لېكىن، سەن بىر پۇڭنى كەم قىلماي تۆلىشىڭ كېرەك، - دېدى قىزمۇ بوش كەلمەي. مۇشۇنداق تالاش - تارتىش بىلەن تۇرغاندا مۇراتنىڭ ئاپىسى كېلىپ قالدى. ئۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن مۇراتقا ئالىيىپ قويۇپ ھېلىقى قىزنى قولىدىن تۇتۇپ ئۆيى تەرەپكە ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ جېدەل بېسىقىپ قالدى.
ئاڭلىسام مۇراتنىڭ ئاپىسى گۈلچى قىزغا ھەممە پۇلىنى تۆلەپ بەرگەندىن سىرت يەنە مۇراتنىڭ سىڭلىسىنىڭ كىيىملىرىنىمۇ بېرىپتۇ. بۇنىڭغا مۇرات خېلىغىچە ئاچچىقلاپ يۈردى.
- ھەي، ئاپاممۇزە، ھېلىقى جاۋۇلداق قىزغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بېرىپتۇ. پۇلنى بەرگەندىن كېيىن بولمىدىمۇ. ئۇنى يەنە ئۇچراتسام نېمە قىلىۋېتەرمەن.
مەنمۇ مۇراتنىڭ تەرىپىنى ئالدىم. گۈلىنى ساتماي داپ داراڭلىغان، ئېشەك ھاڭرىغان يەردە يۈرسە قانداق بولىدۇ. ئۆزىدىمۇ گۈناھ بولغاندىكىن پۇلنىڭ يېرىمىنى ئالسا بولاتتى.
گۈل ماجراسى ھەممىمىزنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنىدى. بىركۈنى ئاپام بىلەن بازارغا باردىم. بازاردىن قايتىۋېتىپ يەنە ئۇ گۈلچى قىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ يول بويىدا بىر تاختا ئاق قەغەزگە يېزىلغان مۇراجىئەتنامىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى. يېنىدا لىق بىر سېۋەت ئەتىرگۈل بار ئىدى. مۇراجىئەتنامىنى ئوقۇغانلار ئۇنىڭ سېۋىتىدىن بىرتال گۈلنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئون يۈەن بېرىپ كېتىۋاتاتتى. ئاپام مېنى دەل ئۇنىڭ يېنىغا باشلاپ باردى. مۇراجىئەتنامىدا دادىسىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى، ئانىسىنىڭ ماشىنا ھادىسىسىدە مېيىپ بولۇپ قالغانلىقى، ئىككى ئاكىسىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالتىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغانلىقى، ئائىلىسىنى قامداش ئۈچۈن دەم ئېلىش كۈنلىرى، ھەر كۈنى چۈشتە ھەم كەچتە گۈل ساتىدىغانلىقى يېزىلغانىدى.
- ئاپا، بۇنداق ئالدامچىلار كۆپ. يۈرە، ئۇنىڭ گۈلىنى ئالمىغىنا، - مەن ئاپامنىڭ قولىنى تارتىپ توپنىڭ سىرتىغا ماڭدىم. ئاپام قولۇمنى سىلكىپ مېنى جىملىدى. ئاندىن مۇراجىئەتنامىغا يېزىلغان ئۆي ئادرېسىنى يېزىۋالدى. يول بويى ئاپامنىڭ چىرايى ئېچىلمىدى، ماڭا تۈزۈكرەك بىرنەرسىمۇ ئېلىپ بەرمىدى.
شۇ ئىش يۈر بېرىپ ھەپتىدىن كېيىن ماي بايرىمى يېتىپ كەلدى. ھەر قېتىم مۇشۇنداق بايراملار كەلسە ئۆيىمىز باشقىچە جانلىنىپ كېتەتتى. ئاپام بىلەن دادام نېفىت شىركىتىدە ئىشلىگەچكە ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى ئۆزلىرىنىڭ بايرىمى دەپ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشاتتى، ئۆيدىكىلەر ماشىنا بىلەن شەھەر ئەتراپىدىكى ساياھەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئارام ئېلىپ كېلەتتۇق. بۈگۈنمۇ ئۇلار نەگىدۇ جابدۇشتى، مېنىمۇ ئېلىپ بارماقچى بولدى. ئۇلار ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا بىر تۇڭ سۇ يېغى، بىر خالتا گۈرۈچ، بىر خالتا ئۇن ھەم قاچانلاردىمۇ سېتىۋېلىپ تەييارلاپ قويغان يېڭى كىيىملەرنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ خېلى تۈزۈك كىيىملىرىنى بوپىلاپ سالدى. دەرھال ھېلىقى گۈل ساتقۇچى قىز ئېسىمگە كەلدى. «چوقۇم شۇلارنىڭ ئۆيىگە بارىمىز» دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ ئەپتى - بەشىرىسى ئاشكارىلانسا - ھە! مەن ئۇلاردىن بەك ئالدىرىدىم. ماشىنا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە. بىز يامالىق تېغىنىڭ غەربىدىكى كەپە ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا توختىدۇق. ئۇ يەردە ئىزدەپ يۈرۈپ ھېلىقى گۈلچى قىزنىڭ ئۆيىنى تاپتۇق. ئۆيىدە ئۇنىڭ كېسەلچان دادىسى، مېيىپ ئانىسى، ياشىنىپ قالغان مومىسى بار ئىكەن. بىز پاكارغىنە ئىشىك ئالدىغا كەلدۇق. ئۆيدىن قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلىناتتى. قۇلاق سالسام قىز خەنزۇچە تېكىست ئوقۇۋاتقاندەك قىلاتتى. بىز زەي پۇراپ تۇرىدىغان، گۇڭگا چىراغ يېقىلغان ئۆيگە كىردۇق. ئۆيدە ئۆي بىساتى دېگۈدەك بىرەر نەرسە كۆزۈمگە چېلىقمىدى. بىز ئەكەلگەن نەرسىلەرنى قويۇپ ئۇلارنىڭ: «چاي ئىچىپ مېڭىڭلار» دېگىنىگىمۇ قۇلاق سالماي ئۆيدىن چىقتۇق. گۈلچى قىز بىزنى ئۇزىتىپ چىقتى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ يا يىغلىشىمنى، يا كۈلۈشۈمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. ئاخىرى غەيرىتىمنى يىغىپ خىجىللىق ئىچىدە ئۇنىڭدىن:
- ئىسمىڭىز نېمە؟ - دەپ سورىدىم.
- نۇزۇگۇم.
- نۇزۇگۇم؟ - بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ كۆزۈمگە راستىنلا ياش كەلدى. ئۇ شۇڭا شۇنداق غەيرەتلىك ئىكەندە.
- بۇندىن كېيىن گۈل ساتقىلى بازارغا كىرسىڭىز بىزنىڭ قورۇغا توپ كۆرگىلى كىرەرسىز، - دېدىم ئۇنىڭغا. ئۇ يېقىملىققىنا كۈلۈپ قويۇپ ھېچنەرسە دېمىدى.
شۇندىن كېيىن ئۇ بىزنىڭ قورۇدا پات - پات پەيدا بولۇپ قالىدىغان بولدى. بىز ئۇنى تېخى توپ كوماندىمىزنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇ بىر قېتىم بىز بىلەن بىللە مۇسابىقىگە چۈشۈپ ھەمىمىزنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ توپ ئويناشتىكى غەيرىتى راستىنلا ئوغۇللاردىن قېلىشمايتتى. بارا - بارا گۈلچى قىز نۇزۇگۇمنى قورۇدىكى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن تونۇپ كەتتى ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قىلىدىغانلار كۈندىن - كۈنگە كۆپەيدى.

مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   



دوستلۇق-ھاياتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل خاتىرىسى. ئىنسان خوشال چاغلىرىدا بەلكىم دوستىنى ئويلىماسلىقى مۇمكىن، بىراق تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ، بېشىغا خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر چۈشكەندە، بىر چاغلاردىكى مېھرىبان دوستلىرى يادىغا يېتىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81393
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 07:03:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە خېلى ياخشى ھېكايىكەن.رەھمەت....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1251
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 08:44:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەسىرلىككەن .     

سائەت ۋە ۋاقىت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2618
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8672
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 09:37:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىما،،،، نادىرلاشقا ئەرزىگۇدەك(شەخسى پىكىرىم جۇمۇ) بالىلارنى،ئەۋلاتلارنى مۇشۇنداق تەربىيلىگۇلۇك. ھىكايىدىكى (مەن)نىڭ ئانىسى ناھايىتى ئەتراپلىق پىلان تۇزۇپ قوش مەخسەتكە يىتىپتۇ 1.ئاجىزلارغا ياردەم قىلىپتۇ.2.بالىسىغا ئەھمىيەتلىك دەرىس بىرىپتۇ.
قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن!

بەزىدە يالغان گەپمۇ ئادەمنى خوش قىلىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5120
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 11:30:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا قىزنىڭ جاسارىتى بەكلا تەسىر قىلدۇ،ئويلاپ قالدىم،مەن بەزىدە شۇنداق بەك قاقشايمەن بۇ قىزنىڭ تۇرمىشغىا قاراپ نۇمۇس قىلدىم.

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96824
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 314
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-8-8
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 12:50:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96275
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 06:58:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6864
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 34290
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2996 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 07:08:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا مېھرى -مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر...

ۋەقەلىكى ئەھمىيەتلىك ،ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن....

ئۇزۇن بوپتىكەن  سىزنى مۇنبەردە كۆرمىگىلى........

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5120
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 10:14:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil004 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-12 12:50 PM
ئۇنداق دەپمۇ كەتمەڭ.جاسارەتلىك بۇلۇش تۇغما قابىليەت  ...

ۋاي تاڭ جۇمۇ،بەك چۈشكۈنلا يۈرىيمەنغۇ تاڭ،مۇز چىرايدەك.كۈلۈشنىمۇ ئۇنتاي دىدىم ھازىر؛

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 332
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-13 07:23:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  گۇلچى قىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش