مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2131|ئىنكاس: 18

ئىستۇدېنت، خىزمەت تاپقۇڭىز بارمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۇلايمان ئابلىمىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580139
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12303 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 12:35:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور:ياسىنجان رەھمىتۇللا


يېقىندا دەم ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن يۇرتقا قايتىپ، مەلۇم بىر تۇغقىنىمنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگىنىگە ئىككى يېرىم يىل بولاي دەپ قالغان قىزى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. تۇغقىنىمنىڭ قىزى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەلۇم كەسىپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتكۈزگەن ئىدى. قىزىق ئىش، قىزنىڭ دېيىشىچە، ئۆزىنىڭ يېزىدا خىزمەت قىلغۇسى يوق ئىكەن، بەك جاپالىقمىش. يېقىندا يولغا قويغان خېبېي ئۆلكىسىگە بېرىپ تەربىيەلىنىپ، رەسمىي خىزمەتچى بولۇش ئىمتىھانىغىمۇ تىزىملاتماپتۇ. نېمە ئۈچۈن تىزىملاتمىغانلىقىنى سورىسام، تەربىيەلىنىش ۋاقتى بەك ئۇزۇنمىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىراق جايلارغا بۆلۈۋىتەرمىش، تەكلىپ قىلىش ۋاقتى توشمىغىچە يۆتكەپ كەلگىلى بولماسمىش. ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ يىلدا رەسمىي خىزمەت تاپالمىسا، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلىقىنى ياكى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى ۋە ياكى باشقا بىرەر ئامالنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىلىشىمچە، ئۇ قىز ھازىرغىچە بېرىدىغان پۇلنى ئاز كۆرۈپ، جاپا ۋە يۈزى چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، بىرەر يەردە ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىشلىمىگەن ئىدى. بەش قېتىم ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، خەنزۇتىلى سەۋىيەسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسى تۆۋەن بولغاچقا، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي، ئىمتىھان ئالغۇچىلاردىن ۋايساپ، ئۆيدىكىلىرىگە باشقىلارنىڭ يول مېڭىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ 10 يىل بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالمىغىنىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
ئالىي مەكتەپتە بەش يىل ئوقۇغان، ئۆزىنى بىلىملىك، زىيالىي سانايدىغان بۇ قىزنىڭ ھازىرغىچە ئۆز كەلگۈسى ھەققىدە ئېنىق بىر نىشانى، نۆۋەتتىكى جەمئىيەت ۋە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش جەھەتتە ھېچقانداق تونۇشى، تەييارلىقى يوقلۇقىدىن، مىڭ تەسلىكتە كېلىدىغان ئىمتىھان پۇرسىتىنىڭ قەدرىگە يەتمەي، بىپەرۋا يۈرگىنىدىن قاتتىق ئېچىندىم. بىچارە دېھقان ئاتا-ئانىسى قىزىنى كادىر قىلىش مەقسىتىدە تاپقان تەرگىنىنى يىغىپ، ئۆزى قىسىنىپ، ئاز دېگەندىمۇ 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل خەجلەپ ئوقۇتقان بولغىيتتى، ئاتا-ئانىسى ۋە ئىككى ئۇكىسىنىڭ نەچچە يىللىق قان-تەرىنى شۇ قىزىغا دەسمىي سالغان ئەمەسمىدى، دادىسىنىڭ نەدىمۇ قىزىنى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇتقۇدەك ھالى ياكى چەت ئەلگە چىقارغۇدەك پۇلى بولسۇن؟ ئۇ قىز چېغىدا تولۇق كۇرس دىپلومىنى كۆتۈرۈپ كەلسەم ئىش پۈتتى، دەپ ئويلىغان بولغىيتتى! گەرچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى تېز ئېشىشتەك ياخشى يۈزلىنىشنى ساقلاپ كەلگەن ۋە ئىش ئورۇنلىرى مۇناسىپ دەرىجىدە كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىلسېرى كۆپ بولۇشى، نوپۇسنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى، ئوقۇغان كەسىپ چەكلىمىسى ۋە باشقا ئامىللار تۈپەيلىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق شارائىتتا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلار ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، ئۆزىگە توغرا باھا بېرىپ، ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئىمكانقەدەر ئاقىلانىلىك بىلەن بالدۇرراق نىشان بېكىتىش كېرەك.
ئىستۇدېنت، ئىمتىھانغا قاتنىشىش پۇرسەتلىرى چىققۇچە ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان، كەسىپىڭىزگە ئالاقىدار مەلۇم ئورۇندا مائاشى ئاز بولسىمۇ ئىشلەپ تۇرۇڭ، بۇ ئۆزىڭىز ۋە ئاتا- ئانىڭىزنىڭ پىسخىك بېسىمىنى يەڭگىللىتىش، خىزمەت تەجرىبىسى توپلاش، ئىرادىڭىزنى چىڭىتىش، ئەمەلىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشىڭىز ۋە ئىشلىگەن خىزمەتلەرگە ئائىت يۈز تۇرانە ئىمتىھانلارغا خېلى ئوبدانلا ياردىمى بولىدۇ.   
ۋاقىت ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھازىر ئۆزىڭىز ئىمتىھان بېرىپ ئۆتمىسىڭىز، سىزگە مۇقىم ئىشتاتنى ھېچكىم ھەل قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ھەرگىز ئاتا-ئانىڭىزنى قىستاپ، يول مېڭىشقا مەجبۇرلىماڭ. ئۆز كۈچىڭىز ۋە قابىليىتىڭىزگە تايىنىڭ، ھوقۇق تۇتقانلارغا بىھۇدە يالۋۇرماڭ. نۆۋەتتە، ھەممە ئىمتىھانلار نىسبەت بويىچە بولغاچقا، تاللاش ۋە شاللاش مۇقەررەر، شۇڭا باشقىلاردىن بەكرەك، ياخشىراق تەييارلىق قىلىڭ. ئەگەر ئالىي مەكتەپتە خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش 8-دەرىجە كىنىشكىسى، كومپيۇتېر دەرىجە كىنىشكىسى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى، ئىنگلىز تىلى...قاتارلىق كىنىشكىلەرنى ئېلىپ بولالمىغان بولسىڭىز، دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھانلارغا تىزىملىتىپ، ۋاقتىدا تولۇقلىۋېلىڭ. بوش ۋاقتىڭىزدا خەنزۇتىلى ئۆگىنىڭ، خەنزۇتىلى سەۋىيەرىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرىلىتىڭ، مەمۇرىي ۋە كەسپىي ئورۇنلارغا خادىم قوبۇل قىلىشتا پەن تۈرى بولغان »مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش«، »بايان ۋە مۇھاكىمە« ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا ئائىت كىتابلارنى ئوبدان كۆرۈڭ، شۇندىلا سىز رىقابەتتە ئالدىنقى ئورۇنغا چىقالايسىز. ئەگەر سىز مەخسۇس كۇرستا ئوقۇپ قالغان بولسىڭىز، ۋاقتىدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، تولۇق كۇرس دىپلومىنى قولغا كەلتۈرۈڭ، شۇندىلا سىز تېخىمۇ كۆپ ئىمتىھان پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز. خىزمەتنى يېزا، شەھەر، كەنت كادىرى، يېزا ئوقۇتقۇچىسى، مەھەللە كادىرى دەپ ئايرىماي، ئۆزىڭىزنى دەڭسەپ بېقىپ، سالاھىيىتىڭىز توشسىلا پۇرسەتنى ئالتۇن بىلىپ، ئىمتىھان بېرىڭ. قالغان ئىشلار سىز ئىككىنچى قەدەمدە باسىدىغان قوشۇمچە ئىشلار، ياش چەكلىمىڭىز ۋە ئىمتىھان پۇرسىتىنى قەدىرلەڭ.  
يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش يولىغا زورۇقۇپ كىرىۋالماڭ، »يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس« دېگەندەك ئالدى-كەينىنى چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئېنىق بىر نىشان بېكىتىپ، شۇ بويىچە تىرىشىڭ. بولمىسا ئىمتىھان بېرىمەن دەپ، بىر-ئىككى يىلنى ئۆتكۈزۋېتىپ، خىزمەت تېپىش بېسىمىڭىز ئېغىرلاپ كېتىدۇ.  
چوقۇم ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلەيمەن دېمەڭ، دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلارمۇ، ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان شىركەتلەرمۇ ياكى كىچىك بولسىمۇ ئۆز ئالدىڭىزغا بىر ئىشنى باشلاش ئىنتايىن خەيرلىك ئىش. پەقەت بوشاشماي تىرىشىپ بەرسىڭىز ۋە ئەجىر سىڭدۈرسىڭىزلا بىر قانچە يىلدىن كېيىن، ئەجرىڭىزنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرەلەيسىز ھەم زور نەتىجىلەرنى قازىنالايسىز، سىزمۇ جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولالايسىز.

مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى
مىسرانىمغا يوللىغۇچى:تارىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولسا QQغا  قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ، نۇمۇرۇم:295997753

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95933
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 04:59:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ياراتماي كۆتۈمنى بۇسۇرۇپ ئلوتۇرىمەن كۆتۈم مىنى ياراتماي ئوسۇرۇپ ئولتۇرىدۇ دىگەندەك، بىز ياراتمىغىدەك سەۋىيىرىمىز بولغان بىلەنمۇ ئۇ خىزمەتنى يارىتىپ قىلغىلى ئادەم كۆپ، خىزمەت قىلمىسا تويىنى قىلۋىلىپ پەرزەنت تەربىيلىسە ياخشى ئەمەسمۇ ، مۇشۇ چەتئەل پەرەسلىك ماڭا باشقىچە بىلىنىدۇ، چەتئەلدىكى سىڭلىم ھەم باشقا قىرىنداشلىرىمنىڭ گەپىنى ئاڭلىسام بازقىچە بوپ قالىمەن،...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2015-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 05:16:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەييار نانغا كۆنۈپ قالغان گەپ .مەنمۇ نۇرغۇنلىغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ چوڭ شەھەرلەر قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلگەن .لىكىن قالالىغىنى قانچە؟ئۇرۇمچىدە پەقەت ئىككىمىز قالدۇق بىرى داۋان مەھەللە باشقارمىسىدا ئىشلەيدۇ .مەنمۇ ئەمدى بىر ئىدارىدا .مۇشۇنداق چوڭ شەھەردە خىزمەت قىلىشنى راھەت چاغلايدىغان ئىنى سىڭىللىرىمغا ئىيتاي :ئەگەر بەك ئىقتىدارلىق بولۇپ چوڭ شەھەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشىش ئۈچۈن ئىقتىدارىڭىزنى نامايەن قىلىڭ ،خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئەلنەقى ئىشلەڭ .بەك ئىقتىدارىڭىزنى كۆرسەتمەڭ .بەك كۆرسەتسىڭىز ئىھتىيات قىلىڭ ،بىركىچە 12-قەۋەتكە چىقىش ،بىر باشلىق ئالماشسا ئاشۇ قەۋەتتىن موللاق ئاتىسىز .نۇرغۇنلىغان روھى بىسملارغا چىداملىق بولۇڭ ،ھەركەتلىك بولۇڭ ،يوللۇق سۆزلۈك بولۇڭ.
   ئەگەر سىز مۇناسىۋەت ئارقىلىق قىپقالغان بولسىڭىز ،جانجەھلىڭىزبىلەن تىرىشىپ ئىشلەڭ .قىچىر ئات ئەمەس ،يەنە  ئاقا تىرىكىڭىزنىڭ گىپىنىڭ تورى قالمىغۇچە بىرەر كىچىك مەنسەپكە خىرىدار بولىۋىلىڭ .بولمىسا ..........
       ئەڭ راھەت خىزمەت نەدە ياكى نىمە ؟بۇنى ئايدىلاشتۇرۇۋىلىڭ .مەنچە ئەڭ راھەت خىزمەت سىز قىلالايدىغان خىزمەت ئەڭ راھەت ،ھەم شۇ ئورۇن ئەڭ قولاايلىق ئورۇن .بۇنداق ئورون بەلكى چەت تىزا -قىشلاقتا بولىشى مۇمكىن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2634
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9326
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 05:25:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆكىمەت ئىشىنى كۈتۈپ تۇرغىچە ئۆز ئالدىغا بىرەر ئىش قىلسىمۇ بولىدىغۇ.   
توۋا بەزىلەرگە ھەيرنمەن...........

تىنىقىم توختىماس يۇرتۇم سەن ئۈچۈن،
كۆيىدۇ جىسمىم - تېنىم سەن ئۈچۈن.
ئۆلسەم رازىمەن جانىجان يۇرتۇم،
ئەجدادىم ئىز سالغان غۇلجام سەن ئۈچۈن.

شۇ يولنى ئىز قوغلاپ ماڭماقتا ئىلىخو بۈگۈن ، سادىر،نازىم،نۇزۇك،زىرزۋانگۈل،ئەخمەتجان. غېنى،لۈتۈن،ئېلىيوفلار قېنى ئەمدى دەپ،
سوقماقت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96780
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2013-8-6
ئاخىرقى: 2013-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 05:34:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوينامدۇق __ ئويلىنامدۇق؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7410
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9296
تۆھپە نۇمۇرى: 521
توردا: 789 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 07:38:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى ، كەچۈرۈم سورايمەن ~!

   ماڭا تۈركىيە ناخشىچىسى تاركاننىڭ سۈزۈك ، چوڭ رەسىملىرى لازىم بولۇپ قالدى ، كىمدە بولسا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار ، رەھمەت            qq ; 1441748497

يولغا قاققان قۇزۇقتىن ،ئورىنىۋالغان بۇزۇقتىن ،..................... تىن ، ساقلىغايسىز خۇدايىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1115
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 08:18:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بارمىغان بىلەن ئورنىمىزغا بېرىپ ئىشلەپ بىزلەرتەربىيەلەپ قويۇدىغانلار مۇشۇيەردىن چىقىدۇ............

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................

سۇلايمان ئابلىمىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580139
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12303 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 08:54:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kurdax يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 07:38 PM
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى ، كەچۈرۈم سورايمەن ~!

  ...

مۇشۇ ئادىرىسقا كىرىڭ، ھەممىسى بار.http://image.baidu.com/i?tn=baid ... f-8&word=tarkan

بەك ئېچىلمىسا http://image.baidu.com غا كىرىپ tarkan دەپ باسسىڭىز چىقىدۇ.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولسا QQغا  قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ، نۇمۇرۇم:295997753

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2618
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8819
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 09:24:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم... مەن ئالدى بىلەن يازغۇچىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە،ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلايدىغانلىقىغا چوڭقۇر رەھمەت ئىيتىمەن..  يازغۇچى بۇ تىمىدا ناھايىتى گەۋدىلىك قىلىپ ھازىرقى خىزمەت تىپىش ۋە ئالى مەكتەپلەرنى پۇتكۇزگەنلەرنى ئىش ئورنى تىپىشقا،ئەگەر پەلەك تەتۇر كىلىپ قالسا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە چاقىرىق قىلغان.  ھۆكۇمەتنىڭ مائاش قاچىسى بەكمۇ چوڭ ئەمەس،ھەر ئايدا بىرىدۇ دىگەن بىلەن ئۇ بەرىبىر ئايلىق،شۇ ئايغا ئاران يىتىدۇ،(ئازراق ئاشىدۇ ھى ھى ھى ھى )ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك  ئىمتاھان دىگەننى بەرگۇلۇك،مەيلى ئۆتەيلى ياكى ئۆتەلمەيلى چوقۇم بىرىش كىرەك،ئۇنۋان ئىمتاھانلىرىنى بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ،ھۆكۇمەتنىڭ تۇرلۇك تارماقلىرىدا ئىشلەۋاتقانلار بەك بىلىدۇ،ئۇنۋان،ئوقۇش تارىخى دىگەنلەرنى....

ئاخىرقى تەكلىپىم:سىز ھۆكۇمەتنىڭ تۆمۇر تاۋىقىدا ئاش يەيدىغان بولغان بولسىڭىزمۇ ئۆز ئالدىڭىزغا كىچىككىنە بولسىمۇ ئىگىلىك تىكلەپ قويۇڭ،ھىچ بولمىسا مائاشىڭىزنى قەرەللىك تۇتقۇزۇپ دۇكان ئىلىپ قويۇڭ، پۇل ئاز بولسىمۇ شۇ كۇن ئۆتىدۇ،جىق بولسىمۇ شۇ كۇن ئۆتىدۇ.

بەزىدە يالغان گەپمۇ ئادەمنى خوش قىلىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88517
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1033
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 02:50:06 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ. ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ
ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺷﯘ ﺩﺍﺷﻘﺎﺯﺍﻧﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯘﮔﯘﻧﮕﻪ ﺋﯘﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺪﻯ؟ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﻪﺳﻪﯓ ﻳﻪﻳمەن  ئۇرساڭ ئۆلىمەن دىگەندەك ئىش قىپتۇ ئا  قىز….. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aslima123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-12 02:52 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش