مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5698|ئىنكاس: 24

ھېيىتگاھتىكى ناغرا پىشۋاسى روزەكباشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1288
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 21422
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1223 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 11:09:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بىر نەچچە مىڭ يىللىق مەدىنىيەت تارىخدا ئېسىل مەدىنىيەت مىراسلىرى بىلەن دۇنيا مەدىنىيەت خەزىنىسىگە بەلگىلىك تۆھپە قوشقان .
بۇ مەدىنىي مىراسلار ھازىرقى كۈنگە قەدەر تۈگىمەس خەزىنە بولۇپ كەلەەن جۈملىدىن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى خەلقنىڭ قىممەتلىك تارىخى مىراسى بولۇپ ئۇخەلق ئىچىگە تارالغان جانلىق مۇزىكا بايلىقى .
ئون ئىككى مۇقام خەلق ئىغىز ئەدىبىياتىنىڭ مۇزىكا شەكلىنى ئاساس قىلغان ھالدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ئەمەلى تۇرمۇشتا كىشىلەر تەرىپىدىن توقۇلغان سان -ساناقسىز داستانلار خەلق ناخشىلىرى مۇقام مۇزىكىلىرىغا سىلىنىپ چېلىنىپ كېلىۋاتماقتا .
قەشقەر ھېيىتگاھ جامسىنىڭ پەشتىقىدا ھەريىلى بىر نەچچە قىتىملاپ چىلىنىۋاتقان ناغرا سۇناي مۇزىكىچىلىقىمۇ ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ بىر تۈرىدۇر ئۇنى باشقا مۇزىكا ئەسۋابلىرى بىلەن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ چۈنكى مۇقاملارنىڭ ساقلىنىشى راۋاجلىنىشىدا ناغرا بىلەن سۇناي قالغان چالغۇ قۇراللىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن.
قەشقەردە ئۆتكەن ناغرا چىلىش ئۇستىسى روزەكباشى بىلەن ئەمەت ئاكام سۇنايچى ئەنە شۇ رولچىلاردىن بولۇپ ئۇلارنىڭ چالغان پەدىلىرىمۇ ئون ئىككى مۇقام ئاساسىدا رەتلەنگەن بۇنىڭدىكى ئالاھىدىلىك ناغرا ىلەن سۇنايدا ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ .خۇشاللىق ،تەنتەنە ،ئۈمىد ،ئارزۇ،دەرت-ھەسرەتلەر پۈتكۈل كۈيدە نامايان قىلىنىدۇ .
ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكىسى <<ئون ئىككى مۇقام >>نىڭ ۋارىسى ،ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئاتاقلىق خەلق سەنئاتكارلىرىدىن بىرى بولغان روزىكام 1872-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ تازغۇن يېزىسىدا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن تارىخى سەۋەبلەر تۈپەيلى دادىسى ئۇنى قەشقەر شەھىرىگە ئەكىلىش بىلەن بۇيەرگە يەرلىشىپ قالغان .
روزىكام گەرچە ساۋاتسىز بولسىمۇ ،ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى زىرەكلىك ،ئۇنى قالاق قىلىپ قويمىغان بەلكى ئۇيغۇر خەلقنىڭ يېڭىلىقنى تىز قوبۇل قىلىدىغان ئادىتى ئۆزىگە خاس بىر خىل تۇيغۇ بىلەن چوڭ قىلغان ،ياشىغان مۇھىتى تۇرمۇش شارائىتى ئۇنى ئىنسانپەرۋەر قىلىپ يىتىشتۈرگەن ،ئۇنىڭ ئادەگەرچىلىك ئەخلاقى يىتىم-يىسىرلەرگە قىلىپ كەلگەن خەيرىخاھلىقى زوراۋانلاردىن قورقماس يۈرىكى ،ۋەتىنىنى سۆيۈش روھى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە جەلب قىلىدىغان ناخشا -مۇزىكىلىرى ...ئۇنىڭدىكى يۈكسەك پەزىلەتنىڭ نەمۇنىلىرىدۇر .
جاراڭلايدۇ جۈپ ناغرا،روزىكامنىڭ قولىدا ،
چىن دىل بىلەن ئىشلىگەچ ،ئۇ ۋەتەننىڭ يولىدا .
ناغرا چالسا ئاسماندا ،گۈمبۈرلەيدۇ ئاۋازى ،
تەڭكەش بولۇپ ئۆرلەيدۇ ،ساماچىلارپەرۋازى .
.....
....
روزەكباشى ئىلى دوقا دېگەن كىشىدىن ناغرا چىلىشىنى بارلىق ئۇسسۇللىرىنى ئۈگەنگەن ،كېيىن ئۇستازى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ناغرا چىلىش روزەكباشىغا قالغانىدى ،ئۇقەشقەر بويىچە ئۇستا سۇنايچى ئەمەت ئاكا بىلەن بىر بولۇپ ئىككى ماھىر پەرلەشكىنىدى .
ئەمەت ئاكا سۇنايچى،بورىخىتاي (ھازىرقى بۇلاقسۇ)لىق بولۇپ بۇ ھۈنەرنى ئۇ خوتەندە تۇرغان ۋاقتىدا بىر ئۇستىدىن ئۈگەنگەنىدى ،بارلەق قائىدىلەرنى دېگۈدەك ئىگىلىگەن بىر داڭلىق سۇنايچى بولۇپ يىتىشكەندى ،ھەر يىلى كېلىدىغان 30كۈنلۈك رامىزاننىڭ ھەركىچىسى سىر ھورلۇق قا كىشىلەرنى ئويغىتىش ئۈچۈن سۇناينى ئاغزىغا ئالغان ھامان پەشتاقنىڭ ئالدىنى كېچىلىك بازارچىلار توپى ئوراپ ئالاتتى ،ئۆي-ئۆيلەردىن كىشىلەر شېرىن ئۇيقۇلىرىنى بۇزۇشۇپ ھېيىتگاھ مەيدانىغا يىغىلاتتى .
روزاكباشىمۇ ئەمەت ئاكىنىڭ چالغان يىقىملىق سادالىرى بىلەن مەست بولۇپ پەشتاقنىڭ ئوڭ چىكىسىگە جايلاشقا ئورنىغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئاجايىب سىپايىلىق بىلەن ناغرا چوكىسىنى ھەركەتكە سىلىپ كىشىلەر قەلبىنى جەۋلانغا كەلتۈرەتتى ،ھاياجانلانغان كىشىلەر ئىختىيارىدىن كەتكۈزۋىتىپ ئوييۇرىغا چۈشۈپ ساما مەيدانىدا رەقىس قىلدۇراتتى كىچىك -كىچىك پانۇسلارنىڭ پىلدىرلىغۇچ يورۇقى گازۋاي لامپىلارنىڭ مەشئەللىك نۇرىدا يورىغان مەيدان تاماشىبىنلار بىلەن زىننەتلەنگەن بولاتتى .
ھېيىتگاھ جامەسى ىەلقنىڭ مۇقەددەس جايى بولۇپ ئۇيغۇر خەلقنىڭ قەدىمقى زامان ۋە يىقىنقى زامان تارىخنىڭ مەدىنىيەت گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقاچقا روزەكباشىمۇ ھەر يىلى روزا ھېيىت ،قۇربان ھېيىت مەزگىللىرىدە بۇ جامەنىڭ ئۆگزىسىنىڭ ئىگىز پەشتاقنىڭ ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ياردەمچىسى جامال بىلەن بىرلىكتە ناغرىنى تولىمۇ مۇڭلۇق چىلىپ قەشقەر شەھىرىنى ھاياجانغا كەلتۈرەتتى ،ئەمەت ئاكا سۇنايچى ھەم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كۆز نۇرىنى يوقىتىپ ئەما بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ كىشىلەرنىڭ يىتەكلىشى بىلەن رامىزاننىڭ كېچىلىرىدىمۇ 17مىتىر ئىگىزلىكتىكى پەشتەقنىڭ يىلان باغرى يوللىرىدىن مىڭىپ چېقىپ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلاتتى ،روزىكام بىلەن بىرلىكتە ئىككى ھېيىت كۈنلىرى ھېيىتگاھ سەھنىسىگە يىغىلغان نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر ئەتراپ سارايدىكى چايخانىلارغا توپلاشقان شۇنىڭدەك پەشتاق مۇنارلارغا قاراقاغىدەك قونۇۋىلىپ ئولتۇرىدىغان ياش-ئۆسمۈر تاماشىچىلار چالغان پەيزىلىك سۇناي -ناغرىلار بىلەن مەست-مۇستەغرىق قىلىپ ھېيىتلارنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە تۈرتكە بولاتتى تاماششا كۆرگۈچىلەر ىۇشاللىق يارىتىپ بىرىدىغان بۇ ھېيىت تەنتەنىسىنىڭ شادىيانلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ خەلق سەنئەتكارلىرىغا زوق بىلەن قارىماي قالمايتتى .
روزەكباشى ئۆزىنىڭ سەنئەت ئۇستىلىقى بىلەن تىخنىكا ئىگىسى دېگەن مەنىدىكى <<باشى >>دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە بولغان بولۇپ ئۇئۆزىنىڭ 30-40يىللىق ئۆمرىنى شۇ يولدا سەرپ قىلغان بولۇپمۇ ئۇ ناغرا چىلىشنى خەلقنىڭ خىزمىتى دەپ تونۇغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۇ يولدا چەككەن رىيازىتىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ خەلقنى خوش قىلغان روزىكام ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى شاگىرتلىرى ھەر بىر ھېيىت كۈنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ خۇشاللىق كۈنلىرى بولغان ھېيىت-ئايەم كۈنلىرى ناغرا چىلىپ كىشىلەرنى خۇشاللىققا چۆمدۈرگەن .
روزىكام 1942-يىلى يۈرەك كىسىلى بىلەن ئاغرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇنىڭ سەۋەبىمۇ 1934-يىلىدىكى <<فىۋرال پاجىئەسى >>نىڭ ئالدى كەينىدە ما  ئەسكەرلىرى ھېيىتگاھ جامەسىگە ئاتلىرىنى باغلىغانلىقتىن جامە ئىچى بۇلغىنىشقا چىداپ تۇرالمىغان روزەكباشى تۇڭگانلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن ئىغىر ئازاب تارتقانلىق سەۋەبلىك كىسەلمەن بولۇپ قالغانلىق سەۋەبلىك بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىدۇ .
مانا ھازىر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرىلىرىغىچە روزەكباشى چالغان ناغرا ئاۋازى ھىلىھەم ھېيىتگاھ جامەسى ئۈستىدە ياڭرىماقتا بۇجەرياندا ناغرا ئاۋازى نەچچە قىتىم توختاپ نەچچە قىتىم چىلىنىشتەك ئىسسىق -سوغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئەجدادلارنىڭ روھى ئەۋلادلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىنشائاللا ،ھەر ھېيىتتا قەشقەردىكى مۇسۇلمان ئاممىسى ئۆزىنىڭ خۇشاللىق بايرىمى بولغان ھېيىت -ئايەملەرنى ساما سىلىپ تەنتەنە قىلىپ ھېيتىنى ئكتكۈزۈپ كەلمەكتە روزىكام چالغان ناغرا ساداسى ھېيىتگاھ مەيدانىدىن مەڭگۈ توختىمىغاي مۇڭلۇق سادا ئەسىرلەپ داۋام ئەتكەي .

ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن قۇربانى يازغان <<قەشقەردىكى يادىكارلىقلاردىن تەرمىلەر >>دېگەن كىتابتىن ئىلىندى .

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28759
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 11:15:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ، ھېيىتكاھ چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋىلىپ ناغرا چالىدىغان كىشى شۇكەندە ...

مۇھتاجىلىق بەك يامان

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1288
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 21422
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1223 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 11:39:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى يىزىشتىن مەقسەت تۈنۈگۈن كەچ مۇنبەر ئەزاسى نەسرۇللا دوستۇم مەندىن ساما توغرۇلۇق بىر نەچچە سۇئال سوراپتۇ ئەسلى شۇ سۇئاللارغىلا جاۋاب بىرەي دىگەنتىم ئەمدى بولسىمۇ شۇ جاۋابلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەي .
بىرىنجى سۇئالى ساما دېگەن ئۇسسۇلمۇ ؟
مەن مەخسۇس كەسىپ ئەھلى بولمىساممۇ جاۋاب بىرىپ باقاي سامامۇ ئۇسسۇل كاتورىگىيسىگە كېرىدۇ .ئۇسسۇل دېگەن سىرتقى ھەرىكەت شەكلى ئارقىلىق ئىچكى ھېسىياتنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل سەنئەت تۈرى ساما بولسا ئۇيغۇر لارنىڭ ئۆملۈك ئىنقالىقىنى تەكىتلەيدىغان بىر خىل جەڭگىۋار جۇشقۇن ئۇسسۇل شەكلى .ئۇ تىخى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىش تەلىماتىنىڭ سەنئەت شەكلىدە ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .
ئىككىنجى مەسچىت ئالدىدا ساما ئويناش ھاراممۇ ؟
روزا ھېيىت قۇربان ھېيىت بىز مۇسۇلمانلارنىڭ خۇشاللىق بايرىمى شۇنداق بولغانىكەن مۇسۇلمانلار خۇشاللىقىنى چىركاۋ ۋە بۇتخانىدا تەبرىكلىمەيدۇ دە ئۇلار چوقۇم مەسچىت ئالدىدا تەبرىكلەيدۇ .مۇھەممەت ئەلەيھىسالاممۇ مەسچىت ئىچىدە ھەبەشسىتانلىقلارنىڭ نەيزە ئويناتقىنى كۆرگەن ھەم ئائىشە ئانىمىزنىڭ كۆرىشىنى توسمىغانلىقى توغرىسىدا ھەدىسلەر بار .
يەنە بىر ھەدىسنى مىسال كەلتۈرەي
قۇربان ھېيىت كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بىز مىنادىكى چاغدا ئىككى قىز داپ چىلىپ ناخشا ئوقۇۋاتاتتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام كىيىمگە يۆگىنىپ ياتاتتى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى كېرىپ ئۇلارغا تاپا قىلدى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بۇنى ئاڭلاپ يۈزىنى ئىچىپ ئەبۇ بەكرى ئۇلارنىى توسمىغىن چۈنكى بۇ ئايەم كۈنلىرى دىدى .بۇ خارى رىۋايىتى .
ئايەم ھېيىت كۈنلىرىمىز بىزنىڭ خۇشاللىق كۈنلىرىمىز بولۇپ ئۇكۇنى ھەتتا پەرز نامازلاردىن باشقا نەپلە ناماز مەسچىت ناماز ئوقۇشمۇ چەكلەنگەن ،ئۇ كۈنى روزا تۇتۇشمۇ چەكلەنگەن . ساما خالاس ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ خۇشاللىق كۈنىنى مۇشۇ خىل شەكىل ئارقىلىق تەبرىكلىگىنى .
3-قەشقەردىن تورغا چىقىدىغان بالىلار سامانى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھىچكىم سامانى چەكلەپ باقمىدى دەيدۇ ؟
ئەلۋەتتە ساما نەچچە يۈز يىلدىن بىرىپ ھېيىتگاھ مەيدانىدا ئويبىلىپ كېلىۋاتىدۇ ،بەزىدە چەكلنىپ بىزىدە ئويناپ كېلىۋاتىمىز ،ساماغا قارشىلىق چەكلەنسە نېمىشقا جان -خەھلىمىز بىلەن قارشى تۇرىمىز چۈنكى قەشقەرگە كېلىپ ھېيىتگاھ دا ساما سىلىپ باقسىڭىز بىلىسىز ،ساما ئوينىغاندىكى جۇشقۇنلۇق كەيپىيات قىززىغان قاننى شۇنىڭ ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىز داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھېيىت خۇشاللىقىنى تەبرىكلەشنىڭ بىر خىل جۇشقۇنلۇق شەكلىنىڭ توختاپ قىلىشىنى خالىمايمىز ،قولىمىزدىن كىلىشىچە كۈچەۋاتىمىز، ئويناۋاتىمىز .ئاللا خالىسا چوقۇم داۋاملاشتۇرىمىز .
ھەريىلى رامىزان ئايلىرىدا كىچىك ۋاقىتلىرىمدا سىرھورلۇققا ناغرا چىلىنىپ كىشىلەرنى ئويغىتاتتى ،ھارپا كېچىسى بولسا يوغان كارنايلاردىن تاڭ سەھەرگىچە قۇرئان قىرائىتى ئاڭلىنىپ تۇراتتى ،ناغرىنىمۇ ياش باللا بولدى دېگۈچە چىلىپ بىرەتتە لېكىن ئارىدىن 15يىل ئۆتمەيلا مانا ناغرىمۇ ئاران بىر سائەت چىلىشقا چۇشۇپ قالدى.
سامانى ھارام قىلىشقا ئىلىپ بارىدىغان يوللار بولسا ساما ئويناش ۋاقتى پەرز قىلىنغان نامازلارنى ئوقۇشقا دەخلى يەتكۈزۈپ نامازدىن قويۇشقا سەۋەب بولسا ياكى ئەر -ئايال ئارىلىشىپ ساما ئويناپ ئىسلام دىنى ئەھكاملىرىنى بىر يانغا قايرىپ قويۇلغاندا ساما ئويناشمۇ چوقۇم نامازغا دەخلى قىلىنمىغان ،ئەر-ئايال ئىككى جىنىس ئارلىشىپ كەتمىگەن كۆڭۈلدە ئاساسلىق ھېيىت خۇشاللىقىنى تەبرىكلەشنى مەقسەد قىلغان ئاساستا نەشە ،ھاراق قاتارلىق مەست قىلغۇچى نەرسىلەر بىلەن ئويناشقا رىغبەتلەندۈرۈلسە شەكلى ئەلۋەتتە ئۆزگىرىپ كىتىدۇ .
جاۋابىم، چولتا بولۇپ قالدى نەسرۇللا


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alzaman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-11 12:04 PM  


قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 11:52:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alzaman يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 11:39 AM
بۇ تېمىنى يىزىشتىن مەقسەت تۈنۈگۈن كەچ مۇنبەر ئەزاسى نە ...

ياخشى جاۋاپ بېرىپسىلەر ، چۈشىنىۋالدىم .  ئەلكىن مۇنبىرىدە مۇشۇ توغرۇلۇق مۇنازىرە بۇلۇپ كەتكەن ئىدى، مەن بۇ توغرۇلۇق بىر نەرسە بىلمىگەچكە ئارلاشمىغان، لىكىن سىلەردىن تەپسىلىي سوراپ باقاي دىدىم، سىلەر قەشقەردىن بولغاندىكىن بىلەمدىكىن دەپ،

http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=15479

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93013
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 12:56:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alzaman ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ  2013-8-11 11:39 AM
ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﯩﺰﯨﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﻛﻪﭺ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻧﻪ ...


ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯩﺮﯨﭙﺴﯩﻠﻪ  ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻯ ﻳﯘﻕ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼﻡ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯘﻧﯩﯔ دىن ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﺴﯩﺰﻻﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ.
ﺳﺎﻣﺎ ﮪﺎﺭﺍﻡ ﺑﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩﯨﺒﺎﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻏﯘﻝ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﺭﻻﺵ ﺳﻪﻛﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﮪﺎﻻﻝ ﺑﯘﻻﻣﺘﯩﻜﻰ  ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮﺋﻪﺩﻩﻡ ﺋﻪﻳﺸﻰ-ﺋﯩﺸﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ ﮪﺎﺭﺍﻡ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮﻗﯩﺘﯩﻢ ﻛﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻨﻰ  ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﯩﺪﻯ
ﺑﯩﺮ ﮔﯩﭙﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﯘﻟﺪﯗﻡ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﮪﯩﺘﻨﻰ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﯩﻤﻪﻱ  ﺑﯘﺗﺨﺎﻧﻐﺎ  ﭼﯩﺮﻛﺎﯞﻏﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﯩﺴﻪ  ﺑﯘﻻﻣﺘﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﯩﭙﯩﯖﯩﺰﮔﻪ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abduwayt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-11 12:58 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 01:34:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ساما ئوينىسا قىل قويغان قوڭالتاقلارنى كۆسەم لېكىن ......
ھېيتگاھتا خەنسۇلا ياڭگىر ئوينىسا بىرەسى گەپ قىلمايدۇ .
ئۇيغۇرلار خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ . يېرىم سائەت ساما سەكلەپ قويسا . سوپى -ئىشانغا چىقىردۇ ...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
riallik + 10 يارايسىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1333 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 01:39:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئاپتونوم رايونىمىزدا گۆشنىڭ باھاسى نىمە ئۈچۈن ئىزچىل يۇقىرى تۇرىدۇ، باقمىچىلارنى باقمچىلىق سۈپىتى ۋە سانىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قانداق يېتەكلەش كېرەك؟
       تۈنۈگۈن(8.9) كالا باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان ناھىيە ـــ قۇتۇبى ناھىيىسىدە ئېچىلغان جۇڭگو 8- نۆۋەتلىك كالىچىلىق تەرەققىياتى يىغىنى يۇقىرى قاتلاملار مۈنبىرىدە، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭغا يېقىن مۇتەخەسسىس ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىچىلار بەس- بەستە سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كالىچىلىق كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تەدبىر كۆرسەتتى.
      دۆلەت يېزا ئىگىلىك مىنسىتىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنسىتىرى يۈ كاڭجېن ئېلىمىزنىڭ كالىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، يۈزلىنىۋاتقان يېڭى ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى كالا- قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىشتا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلدى ھەمدە بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، ئۇ ئىلمىي پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ كالىچىلىق كەسپىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بازارنىڭ ئاساسىي تەڭشەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، كالا - قوي گۆشىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرىۋەتمەستىن، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كۆلەملەشتۈرۈش ۋە كەسپلەشتۈرۈش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ئەۋزەل رايونلارنى مۇھىم نوقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانچىلىق رايونى، چارۋىچىلىق رايونىدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى سورت بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي ئانىلىق ماللارنىڭ سانىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
   دۆلەت كالىچىلىق تېخنىكا سىستىمىسىنىڭ باش ئالىمى ساۋ بىڭخەي مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا چارۋا مال باقىدىغان يەر، ئوتلاق بار. يەنە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى گىرەلەشكەن، كالىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تەبىئىي بايلىق ناھايىتى مول. شۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ كالىچىلىق كەسپىدىكى ئىستراتىگىيىلىك بەلباغ بولۇپ قالدى.
    سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋېن شىبىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئوتلاقلارنى باشقۇرۇش ھوقوقى، چارۋا ماللارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقوقى ۋە يەم- خەشەكلەرنى ئىشلىتىلىش ھوقوقىنى بىرلەشتۈرۈپ، باقمىچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كالىچىلىقنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نۆۋەتتە يەم- خەشەك، چارۋا مال بىرلەشمە تىجارەت ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 53 نى قۇردى. تەرەققىيات ئەھۋالىمۇ ياخشى بۇلىۋاتىدۇ. مەزكۇر كوپىراتىپقا ئەزا بولغان چارۋىچىلار 23 ئۆيلۈككە يەتتى. بۇ ئوتلاق، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كۆلەملىشىش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، زامانىۋىي چارىۋچىلىق كەسپىگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولغۇسى.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86415
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 736
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 02:09:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ئوقۇپ كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.  رەھمەت سىزگە.

شۇنداق  بىر مۇھەببەت  بار،  بىر كۆرۋېلىشنى  ئارزۇ  قىلىپ  تۇرۇپمۇ،  ئۇچىرشىپ قېلىشتىن ئىھتىيات  قىلىدىغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1347
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7259 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 02:34:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناغىر  ھەرگىزمۇ داپ ئەمەس  .قەشقەردە  ناغىرنى  سوناي بىلەن چالسىلە  ھېيتكۈنى ھەقاچان .
   ھەراس  پەيغەمبىرمىز  داپنى چەكلىمەپتىكەن  .  ئىچىدە ناغىر مۇ بائوخشىمامدۇ

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 03:03:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساما ئۇسۇلىنىڭ ئوينىلىشى مۇرەككەپ ھەم قىيىن ،كىلىشتۈرۈپ ئوينىماق تەس

شاھ زاد
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش