مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: unsizyamgur

ئالىي مەكتەپتىكى كەسىپتىن ياردەم سورايمەن؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71988
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-12-26
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 04:40:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«  خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا» كەسپى بولىدىغان كەسىپ،  بولۇپمۇ چەتئەلدە بازارلىق كەسىپ دەپ  ئاڭلىغان (ئەگەر چەتئەلگە چىقىش ئويىڭىز بولسا). ئەگەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن بولسىڭىز خەلىقئارا سودا  كەسپىدىكى دەرسلىك مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن.
QQ图片20130811132845.jpg

QQ截.png

( تۆرتىنجى يىلىنىڭ تېخى تەمىنلەنمىگەنىكەن).
نامىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى مەزكۇر كەسىپتە ئاساسلىق خەلىقئارا سودا ۋە ئىقتىساد ئىلىمى ئاساسىي بىلىملىرىنى  ئىگەللەش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئەمما كەسپنىڭ مەقسىتى بىلەن سىزنىڭ مەقسىتىڭىز بىر يەرگە كەلمىسە ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ، ھەتتا ۋاقىت ئىسراپ بولىدۇ. بۇ مەكتەپتىكى مەزكور كەسىپنى ئوقۇش جەريانىدا مۇنۇلارغا دىققەت قىلغايسىز(دىققەت: پەقەت مۇشۇ مەكتەپتىكى مۇشۇ كەسىپنى دىمەكچىمەن):
1.  نىشانىڭىزنى ئىمكانقەدەر كونكىرىتنى قىلىڭ. گەرچە كۆپلىگەن ئامىللار نىشان ئۆزگىرىشىگە سەۋەپچى بولسىمۇ بۇنىڭلىق كونكىرىتنى نىشان ۋە پىلان تۇرغۇزۇشقا سەل قارىماڭ.
2.  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىدىكى ياخشى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئىمكان بار پىكىرلىشىپ تۇرۇڭ. ئەگەر راستىنلا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا ئۆتكەن بولسىڭىز كېيىنچە ئالاقىلاشسىڭىز تېخىمۇ تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇپ قۇيىمەن.
3.  مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدىن تولۇق پايدىلىنىڭ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى سىزنىڭ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇشىڭىزدىكى  باھانىڭىز بولالايدۇ دەپ قارايمەن(ئاشۇرۋەتمىدىم،راس).
4.  ئۆگىنىش ۋە قوللىنىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇڭ. خاتالاشمىسام بىرىنجى ۋە ئىككىنجى يىللىرى دەرس ۋاقتى ھەپتىسىگە 20-25 سائەت ئارلىقىدا. بۇ جەريان دەرستىن سىرىت تىجارەت قىلىش ياكى بىرەر شىركەتتە ئىشلەپ تەجرىبە توپلاشتىكى مۇۋاپىق پەيت دەپ قارايمەن. سەۋەبى، ئۈچىنجى ۋە تۆرتىنجى يىللىرى نەق كەسپى بىلىملەرنى ئۈگىنىسىز. بۇ ۋاقىتتا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ تىرىشىپ ئۈگىنىڭكى باشقا ئىشلارغا ئالدىرماڭ. سەل تۇرۇپ قايسى پەنلەرنى ئۈگىنىشڭىز كىرەكلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگىنىمدىن كىيىن بۇ سۆزلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىسىز.
5.  مەكتەپتىكى چوڭ ئوقۇغۇچىلاردىن دوست تۇتۇپ، كۆپرەك پىكىرلىشىپ پايدىلىق تەكلىپلەرنى ئىلىڭ. زادى قايسى مەكتەپكە ئۆتتىڭىز سىز؟
6.  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش-ئۆزلىكىدىن ئوقۇش دىمەكلىكتۇر.
7.  ئىتىقادىڭىزنى مۇستەھكەملەڭ.
ئۆگىنىش جەھەتتىكى تەكلىپلىرىم مۇنداق:
1.   بىرىنجى مەۋسۇمدىكى «سىياسىي ئىقتىساد ئىلمى» نى ياخشى چۈشۈنۈڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئازتولا قوشۇمچە ماتىريال كۆرۈڭ. بەك قىلىن ، چوڭ كىتاپقا ئىسىلىۋالماي ئۇقۇم خاراكتىرىدىكى بىر نەچچە  بەتلىك نىگىزلىك بىلىملەر چۈشەندۈرۈلگەن ماتىرىياللارنى كۆرسىڭىز بۇ دەرسىنىڭ نىشانىغا يىتەلەيسىز. مەقسەت ئىمتىھان ئەمەس، ئىقتىساد ئىلمىنى چىن ئۈگىنىش، ئەلۋەتتە ئىمتىھانغىمۇ پايدىلىق. كومپيۇتېرغا قىزىقسىڭىز بۇمۇ بولىدۇ. ياخشى ئۈگىنىڭ. ئەگەر قىزىقسىڭىز  پروگرامما تىللىرىنى ئۈگەنسىڭىز ھۆنەر بولىدۇ. بولسا تىجارەت ياكى ئىشلەش دىگەندەك پراكتىكىلارنى تەتىلگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەكتەپتىكى ۋاقىتتا  كومييۇتېر،  ئىنگىلىزچە ... قاتارلىق ھۆنەرلەردىن بىرنى ياخشى ئىگەللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كېيىنچە ئىقتىسادىي مەنپەئەت بولىدۇ.
2.  ئىككىنجى مەۋسۇمدىكى «مىكرو ئىقتىساد ئىلمى» نى ۋە «باشقۇرۇش ئىلمى» ئاساسىي بىلىملىرىنى ياخشى ئىگەللەڭ. ئىقتىساد ئۆگىنىمەن دىگۈچى «غەرىب ئىقتىسادى» نى ياخشى ئۈگىنىشى كىرەك. «غەرىب ئىقتىسادى» مىكرو ۋە ماكرو دەپ ئىككگە بۆلۈنىدۇ. بىرى مەزكۇر مەۋسۈمدە  «غەرىب ئىقتىسادى -مىكرو ئىقتىساد» نامى بىلەن ئۆتۈلىدۇ. «باشقۇرۇش ئىلمى» مەن ئەڭ ياخشى كۆرگەن دەرسلەرنىڭ بىرى سىزگىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن. ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك دەرس. قوشۇمچە كۆپرەك مىسال كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.بىزگە «باشقۇرۇش ئىلمى» ئۆتكەن مۇئەللىم ئىتالىيەدە ئوقۇپ كەلگەن قازاق مۇئەللىم ئىدى، ئاۋازى تۆۋەنىدى، شۇنداقتىمۇ دەرسنىڭ ئەھمىيتىنى تونۇپ يېتىپ ئۆزلىكىمىدىن كۆپ ئۈگەندىم .ئەگەر ئۇ ئۆتۈپ قالسا ئاڭلىيالمىدىم دېمەسىتىن ئۆزىڭىز كۆپ ماتېرىيال (مىسال) كۆرۈڭ.
3.  ئىككىنجى يىلى بىرىنجى مەۋسۈمدىكى «ماكرو ئىقتىساد ئىلمى» ۋە «بۇغالتىرلىق ئاساسى». ئالدىنقىسىنىڭ سەۋەبىنى يوقىرىدا دەپ ئۆتتۈم. «بۇغالتىرلىق ئاساسى» مۇھىم دەرس، ياخشى ئۈگىنىڭ. بولسا بۇغالتىرلىق كەسىپكارلىق سالاھىيەتنامىسى ئىلىپ قويۇڭ. «جۇڭگۇ تاشقى سودىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» دىگەن دەرسنىڭ نەزەرىيەلىكى بىر قەدەر كۈچلۈك. مۇئەللىمنىڭ تەلىپىگە يەتسىڭىز بولدى. ئەگەر يىتەلمىسىڭىز چوڭ چاتاق يوق. چۈنكى خەلىقئارا سودا ھەققىدىكى نەق گەپ تېخى كەينىدە.
4.  ئىككىنجى يىلى ئىككىنجى مەۋسۈمدىكى «ئىقتىساد قانۇنى» ۋە «خەلىقئارا سودا ئىلمى» مۇھىم. «ئىقتىساد قانۇنى» جۇڭگۇدا ياشاۋاتقان ئادەم بىلشقا تېگىشلىك مۇھىم ئۇقۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلۇپمۇ بىز ئۈگىنىشىمىز كىرەك. «خەلىقئارا سودا ئىلمى»-نەزەرىيەتچانلىقى كۈچلۈك. ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگەللەپ ماڭسىڭىز بولدى. بۇ ھەقتىكى نەق گەپ بايا دىگەندەك تېخى كەينىدە. ئالدىنقى ئىككى  يىللىق ئوقۇشتا مۇھىم دىگەن دەرسلەر مۇشۇنچىلىك. بايقايسىزكى ھەر مەۋسۈمدە بىر ياكى ئىككى. شۇڭا دەرستىن سىرىت ئۈگىنىش ۋاقتىڭىز ئانچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپكى ئىككى يىلدا تىجارەت، ئىشلەش ياكى ئىنگىلىزچە، كومپيۇتېر دىگەندەك بىرەر ھۆنەرنى ياخشى ئىگەللىۋىلىش بىلەن بولۇڭ دىگەنىدىم.
5.  ئۈچىنجى يىلى بىرىنجى مەسۈمدە سۆزلىنىدىغان «خەلىقئارا سودا ئەمەلىيىتى»، «بازار ئىلمى»، «مالىيە باشقۇرۇش ئىلمى»، «سىتاتىستىكا ئىلمى»، «پۇل-مۇئامىلە ئىلمى» قاتارلىقلار بىر-بىرىدىن سەرخىل دەرسلىكلەردۇر. «خەلىقئارا سودا ئەمەلىيىتى»- بايا دىگەن «نەق گەپ». مۇشۇ كەسىپنى ئىگەللەشتىكى يادرولۇق مۇھىم دەرس. ھەم ئەمەلىيەتچان دەرس. «بازار ئىلمى»- ئۈگەنسىڭىز چوقۇم تەبىئيلا كىرىشىپ كېتىسىز، ئىسىل دەرس. «مالىيە باشقۇرۇش ئىلمى»- بۇغالتىرغا  قويۇلۇپ كەتمەي دىسىڭىز «بۇغالتىرلىق ئاساسى» ۋە مۇشۇ دەرسنى ياخشى ئۈگىنىڭ. «سىتاتىستىكا ئىلمى» ئۈگەنسىڭىز بەزى كىشىلەردەك ئىشەك بولمايسىز، خەق نىمە دىسە ھە دەۋىرىدىغان. بۇ ھەقتە سۆزلىسەم چىچىلىپ قالىمەن. ئىشقىلىپ ياخشى ئوقۇڭ بۇ كەسپنى. «پۇل-مۇئامىلە ئىلمى» - يەنە شۇ گەپ، ياخشى دەرس، ياخشى ئۆگىنىڭ.
6.  ئۈچىنجى يىلى ئىككىنجى مەۋسۇمدە كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە ھەممە دەرسنى ياخشى ئىگەللەڭ. تىزىملىكتىن بايقايسىزكى بۇ مەۋسۇمدىكى دەرسلەردە  كەسپى دەرس ئاساس.
كەسپىڭىز ياخشى كەسىپ، ياخشى ئوقۇڭ. مەنمۇ مۇشۇ كەسپتە ئوقۇغىنىمدىن پەخىرلىنىپ كەلدىم. بىر شەرت- چوقۇم قىزىقىپ ئوقۇڭ.
يۇقىرىقىلار مىنىڭ خۇسۇسىي تەجرىبىلىرىمگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇۋاپىق كۆرسىڭىز پايدىلىنارسىز. ئۇنتۇلۇپ قالغان تەرەپلەرنى باشقىلار تولۇقلاپ قويغاي. ئايرىم سوئال بولسا ablet2011@gmail.com غا خەت يازارسىز.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
unsizyamgur + 126 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
hayat + 100 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 226   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71988
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-12-26
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 05:18:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
namsiz0909 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 03:51 PM
شۇنى سوراي سىز بۇ كەسىپكە قىزقامسىز ؟  مىنىڭ تەكلىپىم ئ ...

ئۆزىڭىز دەپسىزغۇ قىزىقسىڭىز ئوقۇڭ دەپ، سىزگە تەكلىپىممۇ شۇ قىزىقسىڭىز ئوقۇڭ. ياخشى كەسىپ. پروگرامما تىللىرىنى ياخشى ئۈگىنىڭ. قۇرۇق نەزەرىيىلەرگە ئېسىلىپ قالماڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 2371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42424
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 14197 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 06:20:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغلۇمغا شىنجاڭ پەن تىخنىكا ئۇچۇر ئىنۇستىتىنىڭ تۇلۇق كۇرسىدىن چاقىرىق كەپتۇ . بۇ مەكتەپ توغرىسىدا بىلدىغانلار مەلۇمەت بەرسەڭلار . ئوغلۇم بوغالتىرلىق كەسپىنى تاللاپتۇ .

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96756
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 245
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-8-5
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 06:36:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بىرىمەن دەپ سىزگە قوزغالغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇمنى نۆللا قىلدىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80835
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 10:14:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىلەرگە مەن تولۇق كۇرۇس3- تۈركۈمدىكى 新疆农业大学科信学院دېگەن مەكتەپنىڭ شۇ كەسىپكە ئۆتۈپتىكنمەن شۇڭا ئاتايىتىن جاپا تارتپ ئوقۇغانغالايىق خىزمەت تاپالامدىمەن دەپ سورىغانئىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96804
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2013-8-7
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 11:16:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر گەپ قىلاي كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەۋىرەي !!    مىنىڭچە 3-تۈركۈم مەكتەپتە ئوقۇغاندىن يەنە كىلىپ شىنجاڭ ئىچىدىكى مۇنۇ مەكتەپنىڭ قايتا بىر يىل تىرىشقىنىڭىز ياخشى  . 3-تۈركۈم بولغانكەن پۇلى 7-8مىڭدىن تۆۋەن ئەمەس ،ئائىلە شارائىتىڭىز ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ ئۆيدىكىلەرنى ھالسىرىتىپ قويىسىز ،مىنىڭ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئارىسىدا 3-تۈركۈم مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلارمۇ خىلى بار ئىدى ،باشتا ئاندا ياخشىكەن ماندا ياخشىكەن دەپ ئاڭلاپ باردى ئوقۇشقا .بېرىپ قارىسا دېگەندەك ئەمەس دەرسلەرنىمۇ ياخشى ئۆتمەيدىكەن مەكتەپ قالايمىقانكەن ئانداقكەن مانداقكەن دەپ بىرسى قالماي ھەممىسى قايتىپ كىلىپ قايتا ئوقۇدى ، بىر نىمىلا دېمىگەن بىلەن بىر قىتىم بىرىپ باققان ئەمەسمۇ ئىمتاھاننى تەجرىبىسى بار ،بۇ قىتى، نەتىجىسى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ،شۇنداق خۇش بولدۇق ،بىزدىنمۇ يۇقىرى ئەپ كىتىپتۇ ،بىزمۇ قايتا ئوقۇپ 1-تۈركۈم مەكتەپتە ئوقۇساقچۇ دەپ قالدۇق زادى !بەلكىم ھەممە 3-تۈركۈم مەكتەپ ئۇنداق ناچار ئەمەستۇ لىكىن نىمىلا دېگەن بىلەن 3-تۈركۈم ،پەرق دېگەن بولىدۇ مەيلى مەكتەپ شارائىتى ،ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى دىگەندەك !  بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم جىمۇ !!ئىشقىلىپ  بەك ياخشى ئويلۇشۇڭ ،بىر يىل بۇرۇن دادام 2-تۈركۈم مەكتەپتىن كەلگىنىنى ئۇقۇپ قايتا ئوقۇمسىز يا دەپ سورىغاندا قەتتىي ئۇنىماپتىكەنمەن ،ھازىر پۇشايمان قىلىمەن ،1-تۈركۈم مەكتەپلەر بىلەن سىلىشتۇرۇپ كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم بولىدۇ !

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kudirat01 + 39 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5120
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 11:34:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مالىيە ئۇنۋىرسىتىتىغا چۈغشەمسىز نىمە،لىكىن ياخشى كەسىپ بۇ؛

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن

见一个爱一个 我永远最爱下一个

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9644
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10069
تۆھپە نۇمۇرى: 428
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 11:59:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مەكتەپ پۈتۈرگەندىن  كېىيىن بەرىبىر كەسپىنى بەرمىسە،مەن قىز بالا تۇرۇپ بىناكارلىق كەسپىنى ئوقۇۋاتىمەن، ئوقۇۋەمەمسىز نىمە كەسىپ بولسا.

قولۇڭدىن كەلسە گۈل قىس،بولمىسا غىت قىس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80835
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 04:07:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشەن يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 11:16 PM
بىر گەپ قىلاي كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەۋىرەي !!    مىنىڭچە 3- ...

رەخمەت سىزگە مەن چوقۇم ياخشى ئويلىشىمەن

ھەمىسى ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7027
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1575 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 04:19:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپتىكى كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى،  مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بەرگىلى بولىدۇ،  ئەگەر ياردەمنى ئاللادىن تىلىسىڭىز،  رىسقىڭىزنى بەرگۈچى شۇدۇر،  بىراق تەۋسىيەرىم،  ھەرگىزمۇ مەمۇرلۇقنى بىردىنبىر نىشان قىلىۋالماڭ،  قالغاننى ئالدىرىماي چۈشىنىسىز.  سەۋر تاقەت سىزگە يار بولسۇن.

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش