ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  
دېھقان ئوغلى  يۇمشاق دىتاللىرىنى  ئىشلەتكىنىڭىزلەر ئۈچۈن رەھمەت.
مەزكۇر   ‹خانىم - قىزلار دەستۇرى› ناملىق  ئاندروئىد ئەپ دىتالىمىز  كەڭ خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىلدى. 
مەزكۇر   ‹خانىم - قىزلار دەستۇرى› ناملىق ئاندروئىد ئەپ دىتالىمىز غا  خانىم - قىزلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك پايدىلىق بىلىملەر ،  قىزلارغا 100 نەسىھەت ،  ئاياللارغا 100 نەسىھەت ، خانىم - قىزلار  ساقلىق ساقلاش بىلىملىرى ، ھەرخىىل ئەسەرلەردىن  سەرخىل تەرمىلەر   قاتارلىق  300 خىلدىن ئارتۇق سەرخىل مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
خانىم - قىزلار  ‹ ساغلاملىق › بىلىملىرى  سەھىپىسى  خانىم - قىزلارنىڭ ئادەت ( يەنى ھەيز ) گەمۇناسىۋەتلىك بىلىملەر ،  يەنى ، تۇنجى ھەيز كەلگەن قىزلار ھەيز مەزگىلىدە تازىلىققا دىققەت قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى توغرىسىدىكى بىلملەر ، ھەيز قالايمىقانلىشىشقا دىئاگنوز قويۇش ، ھەيز قالايمىقانلىشىشىنىڭ كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى قايسى؟ ، ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 2 چوڭ  ئامىل،ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدىغانلار ئۈچۈن ئاددىي رېتسىپلار  ، ئاياللار كۆكرەك كېسەللىكى ھەققىد ىكى بىلىملەر  يەنى ، كۆكرەك كېسەللىكى ، ئۆتكۈر سۈت بېزى (ئەمچەك) ياللۇغى ۋە ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى ، كۆكرەكتە پەيدا بۇلىدىغان مونەكچىلەرنى تەكشۈرۈشىنىڭ مۇھىم پەيتى ، ئەمچەك راكىنى پەرقلەندۈرۈش ، ئەمچەك راكىنى غەربچە داۋالاش ئۇسۇلى ، خانىم - قىزلار ھامىلدارلىق بىلىملىرى ، يەنى ، تۇغماسلىق كېسىلى ، ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ، ھامىلىدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى 12 تۈرلۈك ساۋات . . . . .قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
ئۇندىن باشقا يەنە   نىكاھ ۋە تۇرمۇشنى ئاساس قىلغان  توي قىلىشتىن بۇرۇنقى ئىشلار ۋە ئائىلىنىڭ شەكىللىنىش مەزگىلى ،  كېلىن تاللاش خۇسۇسىدا ، كۈيئوغۇل تاللاش خۇسۇسىدىكى مەزمۇنلار  شۇنداقلا   نىكاھنىڭ بىرىنچى كىچىسى ، تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ ؟ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاياللار تەربىيىسى قارىشى ، ئائىلىنى بەختلىك قىلىدىغان ئامىللار ،  ئەقىللىق ئانىنىڭ   ئوماق قىزلىرىغا قىلغان نەسىھىەتلىرىى ، تەربىيە كۆرگەن قىز-ئاياللارنىڭ ئەخلاقى ، ياخشى ئايال ئەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ . . . . . قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
يەنە تېخى  پەرزەنت تەربىيىسى ، يەنى ، 1. پىسخىك تەربىيە ، 2. ئەخلاقى تەربىيە ، 3. ئادەت تەربىيىسى ،  4. ماسلىق تەربىيىسى   . . .قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان پەرزەنت تەربىيىسى بىلىملىرى بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى بىزگە ماس كېلەمدۇ؟  ئىسلامدىكى پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە ساۋات ، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 100 خىل ئۇسول ، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 12 پىرىنسىپ ، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ناتوغرا ئۇسۇللار ، سىز لاياقەتلىك ئائىلە باشلىقىمۇ؟  . . . . قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن. 
يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ،ھارماي ئوقۇۋەرسىڭىز   ئاتا مىراس نەسىھەتلەر ، ئابدۇقادىر داموللام ئۈگۈتلىرى  ، ئەخلاق گۈلىستانىدىن تەرمىلەر ، خانىم - قىزلارغا  ئىلىم ۋە تەربىيە ئۆگىتىش ، زىبۇ زىننەت، كىيىنىش، ياسىنىش ۋە گىرىم قىلىش بىلىملىرى ،  سالاملىشىشتىكى ئەدەپ- قائىدىلەر  ، ئايال ۋە ئىلىم ، ئاياللار ھەققىدە 9 ھىكمەت ، ئىپپەت-ھايا  . . . . . . قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولىسىز. 
مەزكۇر ‹ خانىم - قىزلار دەستۇرى › غا كىرگۈزىلگەن بارلىق ئۇچۇرلار توردىن يىغىلغان . بۇ ئۇچۇرلارنىڭ  دېھقان ئوغلى يۇمشاق دىتالىغا كىرگۈزىلگەنلىكى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىكى كۆزقاراشنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇخىل كۆز قاراشنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
بۇ ئۇچۇرلاردىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، ھەرگىز دىياگنۇز - داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. 
باشلىنىش رەسىمى: 

( ئاندروئىد ئەپ ) خانىم - قىزلار دەستۇرى نى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=2136178223&uk=2703937318
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-8-15 05:11 PM):
چۈشۈرۈش ئادرىسى  تولۇقلاندى.
http://pan.baidu.com/share/link? ... 5&uk=2703937318