ئىپپەت كىمدە بىلەمسەن ئىنىم؟
ئەلرام
ھەۋىسىم بار ساڭا جان ئىنىم،
تاللىغىنىڭ ئۇماق قىز ئىكەن.
ئۇ بىرىپتۇ ساڭا چىن كۆڭۈل،
يۇلۇڭلاردا بولمىسۇن تىكەن!
كۆي، قەدىرلە ئۇنى دىلىڭدىن،
پاك كۆڭلىگە بەرمىگىن ئازار.
ئاسرا ئۇنى، بولغىن ھايالىق،
پەقەت سەندىن بولمسۇن بىزار.
بىلسەڭ، يىگىت قىزغا بىر ئۆرنەك،
قىز قارايدۇ يىگىتكە ھامان.
ئەجداد رۇھى بولسا يىگىتتە،
ئەقىدىسى قىزنىڭمۇ ئايان.
شۇڭا ساڭا دېگۈم كىلىدۇ،
ئىپپەت كىمدە بىلەمسەن، ئىنىم؟
ئۇ تەئەللۇق ئىگىسىگىلا،
قوغدالسا ھەم بولمىسا يېتىم.
چۈنكى، ئىپپەت قىزدىلا ئەمەس،
يىگىتتىمۇ بۇلار، ساقلىسا.
ھەم ئۇ بىلەن چاقنايدۇ غۇرۇر،
شەيتانلارغا ھەمرا بولمىسا.
بۇ سۆزۈمنى ئويلا، ئۇنۇتما،
(دېدىم بۇ دەم)، ئۇ گۈلگە ئوخشاش.
ئال مېھرىنى، قوغدا، تاشلىما،
كەلگۈسىمىز ئۇنىڭغا تۇتاش...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-10 03:07 PM