مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1768|ئىنكاس: 13

ۋاكالىتەن قۇسۇش(فېليەتون) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90206
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-1-17
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 11:41:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ۋاكالىتەن قۇسۇش( فېليەتون)
              گۇلىستان ئېلى، ئەنۋەر ئىبراھىم
سىتاخۇن ئىشخانا بىناسىدىدىن چۈشسىمۇ ئىشتىن چۈشمەيدىغان ئادەم، خىزمەتنى سائەت بويىچە ئەمەس، ئادەت بويىچە چۈش، كەچ دېمەي قىلىۋېرىدىغان ئادەم، ئىشلىگەنسىرى چارچاپ ياداپ كەتمەي تۇلۇمدەك سەمىرىپ كېلىۋاتقان ئادەم، كاللىسى توكلۇك ھىساپلىغۇچتەك بەك ئىشلەيدىغان قالتىس ئادەم. سىمىزلىكتە بېشى بىلەن گەۋدىسى بوينىنى كىستاپ يۇقىتىۋەتكەن بولسىمۇ ئۇ يەنە خىزمەت ئۈستىلىدە ياكى زىياپەت ئۈستىلىدە بولسۇن مالال  بولماي بىخەتەر ئىشكاپتەك مەزمۇت ئولتۇرىدۇ. بىشەكشۈندەك خام سېمىز كاللىسىنى كالىدەك ساپان سورايدىغان ئىشقا سالمىغاندىكىن ھالسىراپ كەتمەي نۇرمال ئىشلەۋېرىدۇ. باشلىقىنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىش، دوستلارنىڭ  كۆڭلىنى ئېلىش، ھاجەتمەنلەرنىڭ تىلىكىنى راۋا قىلىش... دېگەنلەر خام كېسەكتەك پوسەك كاللىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم فۇنكىسىيىسى. ئۇ ۋىلايەتتە بولغاچقا سەھرالىق يۇرتداشلىرىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە ئۇنى ئىزلەپ كېلىشى بىمار دوختۇرنى ئىزلىگەندەك ئاددى ئىش. بۇگۇن ئۇنى ئىزلەپ كەلگەن دېھقان بەك بىچارىدەك كۈرۈنمىسىمۇ دەردى ئىچىگە پاتماي يىغلامسىراپ ئسىلىپ سۆزلەيتى؛
-ئوغلۇم ئەمدىلام 30 ياشقا كىرگەن بىر بالىسى بار يۇۋاش بالىتى، خوشنىمىزنىڭ ئىرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن قىزى ئويما ياقىلىك كۆينەك بىلەن ئىڭىشىپ ئىشىك ئالدىنى سۈپۈرسە ئۇدۇلدىن قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ، ئۇ چوكان كەينىگە قاراپ قۇيۇپ ئۆيگە ماڭسا ئەگىشىپ كىرىپ قاپتۇ؛ بولغان ئىش راسمۇ يالغانمۇ ئۇقمۇدۇق...  
-بولدى چۈشەندىم،گەپنىڭ توچكىسىنى دەڭە ئوغلىڭىزنى قولغا ئېلىپ كەستىمۇ تېخى كەسمىدىمۇ؟
-كەستى، چوكان سىرتتىن ئاياق  تىۋىشىنى ئاڭلاپ ۋاقىراپتىكەن ئاكىسى تۇتىۋېلىپ ساقچىغا مەلۇم قىپتۇ. ھازىر يەتتە يىل كەستۇق دەيدۇ، ئوغلۇم نارازىلىق بىلدۇرۇپتىكەن دېلو مۇشۇ ۋىلايەتتە ئوخشايدۇ، ئاۋۇ ھېلىقى تاراتقۇدا ئىشلەيدىغان ئەختەرجانمۇ ئاكامنىڭ قۇدىسىنىڭ ئوغلى بولىدۇ، ھېيت-ئايەمدە ئىزلىشىپ ياخى ئۆتىمىز ، بەلكىم ئۇنى تۇنۇشلىرى مۇمكىن، شۇڭا ئىككىڭلارنى پانا تارتىپ ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم قىلامدىكى دەپ....
- بولدى، ئەختەرجاننىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ قالدىڭىز بولمىسا كارىم يوقتى، بۇ جىددى تۇتۇش قىلمىساق بولمايدىغان ئىشكەن، مەن ئالاقىدار باشلىقلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىگىلىپ ئىشنى ئوڭشاشنىڭ ئامالىنى ئىزدەي، سىز بېرىپ ئەختەرجان بىلەن  كۆرۈشۈپ  تۇققانلار بىرلىكتە بۇ ئىشقا زادى قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلىش توغرىسىدا باش قاتۇرۇڭلار
سىتاخۇن ھاجەتمەننى يولغا سېلىۋىتىپ دەرھال ئەختەرجانغا تىلپۇن ئۇردى
-ۋەي ئادىشىم ئەختەرجان بارمۇ سىز، تۇققىنىڭىز شالتاققا تېيىنىپ تۇرمىدا ياتسا كارىڭىز يوق، بىخرامان ئويناپ يۇردىڭىزما!؟ قۇيىڭە سىزنىڭ مۇشۇ بىپەرۋالىقىڭىزنى!، پات-پات ئىزلىشىپ تۇرىلى، تۇققانلار، يۇرتداشلار ئارا ئىش چىقىپ قالسا بىللە باش قاتۇرۇپ ئۇلارنىڭ دەردىگە يىتەيلى دېسەم  ماقۇل دەپ قۇيۇپ سوغۇق سۇ بولسىمۇ بىللە ئىچەيلى دېمەيسىز، مانا ئەمدى تۇققىنىڭىز گەدەنگىچە شالتاققا پېتىپ تۇقىمى پۈتكەندە مىنى ئىزلەپ كەپتۇ، ئالۋەتتە بۇنداق ئىشنى بالدۇرراق دېسە ، سىزمۇ ۋاقتىدا ئارلىشىپ مېنى تاپسىڭىز بىخ ھالىتىدە بىر ئىش قىلمامتۇق دەيمەن!. مانا ئەمدى ئۇلار مىنىڭ تۇققىنىمدەكلا مىنى خىجىل قىلىۋاتىدۇ. بولدى، جىددى پەيتتە سىنىڭ مىنىڭ دېيىشمەيلى، ئاۋۇ تۇققىنىڭىزنى قېشىڭىزغا ئەۋەتتىم، ئوبدان مەسلەھەتلىشىپ كەچتە «ۋولقان»دا بىر ئۈستەل تەييا قىلىڭ، مەن مۇھىم ئالاقىدارلارنى ئېلىپ بارىمەن،
ئەختەر سىتاخۇننىڭ چىن دوستانىلىق بىلەن كۆيىنىپ قىلغان گەپلىرىگە ئىشەنمەي تۇرالمىدى. سىتاخۇننى بۇرۇنمۇ كۆپ ئىزدەپ بىللە مۇڭدىشىپ يېقىن دوستلۇقنى ساقلاپ كەلگىنىنىڭ يەنىلا يىتەرلىك بولمىغىنىنى ھىس قىلىپ ئۆزىنىڭ دوستىغا، تۇققانلىرىغا مۇھەببىتىنىڭ چۇڭقۇر بولمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى. شۇلارنى ئويلاپ تۇرغاندا تىلپۇن سايرىدى:
-ۋەي ئەختەر ئاكاممۇ، تېچ-ئامان تۇردۇڭمۇ، مۇنداق گەپ  توختىكام ئوغلىنىڭ ئىشى بىلەن شەھەرگە كىتىپتۇ، سىنى ئىزلەپ قالسا دادام سىنى بۇ ئىشقا بەك ئارلاشمىسۇن توختاخۇن ھىلىسى  كۆپ ئادەم كىيىن چاتاق چىقىدۇ دەيدۇ،دادام توغرا دەيدۇ ، شۇڭا بۇ ئىشقا چېتىلماي ئىزلەيدىغان يەرنى كۆرسىتىپ قۇيۇپ ئۆزەڭ چەتتە تۇراسەن
- ئەختەرجان بۇ گەپ بىلەن ئىككىلىنىپ يۈرمىدى. دوستى سىتاخۇن بۇ ئىشقا ئۆز ئىشىدەك كۆڭول بولىۋاتسا دوستىنىڭ ساداقىتى،تۇققانلىرىنىڭ دەردى ئالدىدا پاسسىپلىق قىلىش ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى ئەمەس ئىدى. مانا  توختاخۇنمۇ كەلدى:
-ئەختەرجان ئۇكام بېشىمىزغا دەرت كەلگەندە ئىزلەپ باشقا چاغدا ئىزلىمەي سەت تۇردى. دادىلىرى بىلەن ئاكام ئۇزۇن يىللىق قۇدا بولۇپ ئۇرۇق-تۇققان بولۇپ كەتتۇق. شۇڭا مۇشۇ ئىشقا ئۆلىرى باش بولۇپ قول تىقسىلا سىتاخۇن باشلىقلارنى ئىزدەپ نەتىجىسىنى چىقىرىپ بىردىغان بولدى
-بولىدۇ توختىكا، بۇ ئىشقا دوستۇم سىتاخۇن كۆڭۈل بۆلگەن يەردە مەن تېخمۇ ماسلاشماي تۇرالمايمەن، كەچتە دوستۇم سىيىتنىڭ قۇراشتۇرىشى بىلەن زىياپەت بىرىپ بۇ ئىشنى ئوڭشايدىغانلار بىلەن يۈزلىشىدىغان بولدۇق، سىزمۇ بىللە كەلگەن تۇققانلار بىلەن زىياپەتكە كىرىپ ھەر گەپ بولسا يۈزتۇرانە ئاڭلاپ كىتىڭلار
«ۋولقان»دىكى زىياپەتمۇ خېلى مول بولدى، توختاخۇن تۆققانلىرى بىلەن تۆت كىشى، سىتاخۇن باشلاپ كەلگەن ئالتە كىشى، ئەختەرجان بولۇپ 10 كىشلىك ئۈستەلگە 11 ئادەم چوتنىڭ ئۇرىقىدەك لىق كەلدى. سىتاخۇن قورۇما تىزىملىكىنى ئالدىدىن نېرى قىلماي تەخسىلەر قۇرۇقدلىپ بولغىچە ئورنىغا  يېڭى قورۇما كەلتۈرۈپ تۇردى. تەخسىلەر ئۇستى-ئۈستىلەپ تىزىلىپ ئېنگلىزچە خەت يېزىلغان گىراناتتەك بوتۇلكىلار، يانداشما سوغۇق ئىچىملىكلەر ئوت ئوچۇرۇش چىلىكىدەك قۇڭى يەرگە تەگمەي بۇقۇلداپ تۆكۈلۈپ غۇرتۇلداپ ئىچىلىپ تۇردى. سىتاخۇن ساداقەتمەن ساھىپخان قىياپىتىدە ئارقا سەپ بىلەن ئالدىنقى سەپنىڭ ئارلىقىدا مۇكىدەك قاتناپ ھېرىپ-چارچاپ كەتكىنىنى يۇشۇرۇپ تامغا ئالدىنى قىلىپ گەدەنلىرىدىكى تەرنى سۈرتۈپ قۇيۇپ داۋاملىق ئارقا سەپنى كۇچايتىپ ئالدىنقى سەپنى جانلاندۇرۇپ ئىككى تەرەپكە بولغان سەمىمىي ساداقىتىنى يۇقۇرى چەككە يەتكۈزمەكتە ئىدى. زىياپەت ئۈستىلىدە  دېلو توغرىسىدا گەپ قىلىش پىرىنسىپقا خىلاپ بولۇپ بۇنىڭغا كىتىدىغان ۋاقىت تىجەپ قېلىندى.
  سىتاخۇننىڭ ئاخىرلىشىش نۇتىقى بىلەن زىياپەت يۇرۇق ئاخىرلاشتى. سىتاخۇن ئالتە مۇھىم مېىماننى يۈلەپ ماشىنىغا چىقىرىپ ماڭدى. تۆت دېھقان ھاجەتمەن مېھمان دېلونىڭ گېپى چىقمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ يىراقتىن كەلگەن مېھمان قىياپىتىدە سىرتقا چىقىپ ئەختەرجاننى ساقلاپ تۇردى. ئەختەرجاننى ھاراق سورۇندا دەرقەمتە ئىچىپ ئانچە تۇتمىغان بىلەن ھىساپلىشىش پۇكىيىدە يالغۇز قېلىپ خېلى ئوبدان تۇتۇپ قويدى. 1470يۈەننى ئۇ تۆت ياجۇقىنى ئۆرۈپ يۈرۈپ  تەمتىرىمەي تۆلىۋەتتى. ئۇنىڭ چىرايى ئازراق ئۆزگەرگەن بولسىمۇ سەھرالىق مېھمانلارنىڭ قېشىغا چىققاندا يەنە ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. تۇساتتىن سىتاخۇندىن تىلپۇن كەلدى:
   -ئەختەرجان ئادىشىم ئەھۋالىڭ ياخشىدۇ، ئاۋۇ ئىش ئوڭشىلىدىغان بولدى، تۇققانلىرىڭدىن دەرھال 10مىڭ يۈەن ئېلىپ ھازىرلام ماڭا ئەكىلىۋەتكىن، كۆنكىرىت ئەھۋالنى مەن كۆرۈشكەندە دەپ بىرىمەن، تىز بول، مەن ئىدارىنىڭ ئالدىدا سىنى ساقلاپ تۇرىۋاتىمەن!
ئەختەرجان تىلپۇندىكى يوليۇرۇقنى مېھمانلارغا ئەينەن يەتكۈزدى. 10000 مىڭ يۈەن نەق بولدى. لىكىن ئەختەرجان دادىسىنىڭ گېپىنى ئىسىگە ئېلىپ بۇ پۇلنى قولىغا ئالماي ئۇلارنى سىتاخۇننىڭ ئالدىغا باشلاپ ئاپىرىپ قۇيۇپ ئۆزى ئۆيىگە كەتتى. سىتاخۇن پۇلنى ئېلىپ مېھمانلارنى يولغا سېلىۋىتىپ ئەختەرجانغا تىلفۇن ئۇردى:
-ۋەي ئادىشىم بۇ نىمە قىلغىنىڭ پۇلنى سەن ئېلىپ ماڭا بەرسەڭمۇ بۇلاتتىغۇ، قانداق قىلغىنىڭ بۇ دەيمەن، ئىش ئۇقمايدىغان مۇشۇ  ئادىتىڭنى قانداق قىلسام بۇلا سېنىڭ...
- بولدى ئاداش تۇققانلارنىڭ ئالدىدا مۇشۇ ياخشى ئۇسۇل، ئۆزەڭگە تاپشۇردۇق،ئامالىنى قىلىۋەرگىن  ، ماقۇل خوش
  - ھە، ماقۇل، ماقۇل خاتىرجەم بول؛ ۋاكسىنا تەييار بولغاندىكىن  ئەتىگىچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ جايىغا ئۇرىۋەتسەم  خاتىرجەم ئولتۇرۇپ نەتىجىسىنى كۈتىمىز، خوش!
   بىر ئايدىن كىيىن دېلو سوتلىنىپ ئاخىرلاشتى، تالادىكى، سورۇندىكى ۋاكسىنىلارنىڭ كۈچىدىن قەتئىينەزەر باسقۇنچىلىق جىنايىتىنىڭ سەۋەپ-ناتىجە مۇناسىۋىتىدە يېڭى پاكىت بايقىلىپ ئەسلى جازانىڭ ئېغىر كەتكەنلىكى ئېنىقلىنىپ جاۋاپكارغا 4يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى. بۇ خەۋەردىن سىتاخۇنمۇ، ئەختەرجانمۇ، توختاخۇنمۇ....ھەممىسى خۇشال بولدى. ئەختەرجان دوستىنىڭ قولىدىن بۇنچىلىك ئىش كىلىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇقىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى. توختاخۇن ئەختەرجانغا تېلىفۇن قىلىپ بۇ ئىشنىڭ جايىدا بولغانلىقىنى كىيىن ئىزلەپ بېرىپ رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىى بىلدۈردى. سىتاخۇنمۇ بۇ ئىشنىڭ غەلبىسىدىن مەمنۇن بولۇپ ئاپتۇنۇم رايۇنغا يۆتكىلىدىغان پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتى.
       ھاۋا ئۇچۇق تۇرۇپ يامغۇر ياققان بىر كۈنى جاۋاپكار قەپەزلىك ئالا ماشىنا بىلەن سۇلاقخانىدىن جازا ئىجرا قىلىدىغان تۈرمىگە ئېلىپ مېڭىلدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ توختاخۇننىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ بېشى پىقىراپ كەتتى. ئۇ شاپاق دوپپىسىنى تاشلاپ بادام دوپپىسىنى كىيىپ شەھەرگە يول ئالدى، كەچكە يېقىن ئەختەرجاننى ئىدارە ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپ قولىنى چىڭ قىسىپ يەرگە قاراپ تۇرۇپ سالاملاشتى
-توختىكا ماڭا مىننەتدارلىق چېيى بەرگىلى كەلدىڭىزما -دىدى ئەختەرجان قىزغىن خۇشال قىياپەتتە- ھاجىتى يوق، شۇ چاغدا بۇ ئىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمىگەچكە دوستۇم سىيىتنىڭ ياردىمى بىلەن شۇنچىلىق قىلدۇق، سىزمۇ چىقىمدار بولدىڭىز. ئەمدى يەنە سىزنى ئاۋارە قىلسام بولمايدۇ، يۇرۇنە يىراقتىن كەپسىز سىرگە مەن چاي قۇياي
- ياق، بولدى ئۇكام، ئىچىم ئېچىشىپ تۇرغاندا گېلىمدىن چاي ئۆتمەيدۇ
- يەنە نېمە بولدى، بۈلەك ئىش چىقتىمۇ؟ دەۋىرىڭ تارتىنماي، ئامالىنى قىلىمىز، مىنىڭ كۈچۈم يەتمىسە دوستۇم سىيىت بار، ئەنسىرىمەي دەۋېرىڭ دەيمە!
- باشقا ئىش ئەمەس شۇ ئىش- توختاخۇن يۈزىنى يۇشۇرۇشقا ئامال تاپالماي ئۇياق-بۇياققا قاراپ تىلىنى چايناپ قالدى- ئاۋۇ بىر نېمىگە تويمايدىغان گۇينى بۈگۈن يىراق بىر تۈرمىگە ئېلىپ مېڭىپتۇ. مەن ئەسلى مۇشۇ يەردە بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇپ قۇيۇپ بېرىدۇغۇ دەپتىكەنمەن، لىكىن ئۇنداق بولمىدى. ئويلىسام قانۇننىڭ جازاسىمۇ ھەقكەن. شۇڭا كېمەيتىۋەتكەن ئۈچ يىلنى قوشۇپ ، ئامال بولسا تېخىمۇ جىق قوشۇپ ماڭا ئاشۇ 10مىڭ كويامنى ساق قايتتۇرۇپ بەرسىلە! ئۇ گۇينىڭ بالىسىنى باقىمەنمۇ، قېرى جېنىمنى باقىمەنمۇ، ماڭا ھازىر پۇل مۇھىمكەن!
ئەختەرجان ئاسماندىن يەرگە تاشلىۋەتكەندەك بېشى پىررىدە قېيىپ دادىسىنىڭ، ئىنىسىنىڭ تىلفۇندا قىلغان  گېپى ئىسىگە كەلدى. توختاخۇننىڭ يۈزىگە بىرنى تۈكۈرگىسى كەلدى-يۇ ئۆزىنى بېسىپ سىتاخۇنغا تىلفۇن قىلىپ باشقا  گەپنى قىلماي ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاشنى تاپىلاپ يولغا سالدى. بىر دەمدىن كىيىن سىتاخۇندىن تېلفۇن كەلدى:
- ئەختەرجان ئادىشىم نېمە گەپ بۇ! مۇشۇنداقمۇ مېدە ئادەم چىقامدۇ سىزنىڭ تۇققانلىرىڭىزدىن! ئۇ پۇلنى شۇ چاغدا مەن جايىغا تەككۈزۈپ ماڭا پەقەت   ئۈچ مىڭ كوي قالغان. شۇنداقتىمۇ مەن مېدىلىك قىلمايمەن، لىكىن ئادىشىم شۇ چاغدا ھەممە ئىشنى سىزگە ئىشىنىپ قىلغان، ھازىر ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىش ئىشىم پۈتەي دەپ قالغاندا ماۋۇ ئادەم مېنى كۆپ ئىزلەپ كىلىۋالمسۇن، مەندە ھازىر پەقەت نەق پۇل يوق،  ئۆزىڭىز بىر ئامال قىلىپ يولغا سېلىپ تۇرۇڭ، كىيىن سىزگە مەن قايتتۇرۇپ بېرىمەن، خوش!
ئەختەرجان دوستىنىڭ گېپىنى ھەزىم قىلىپ بۇلالماي بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى. ياش 40 تىن ئاشقاندىمۇ دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ  توختاخۇندىن تىزراق قۇتۇلۇش قارارىغا كەلدى. بىر نەچچە بانكا كارتىسىنى پۇل بەرگۈنىڭ تۈشىكىگە نەچچە قېتىم تىقىپ يۈرۈپ 10مىڭ كوينى نەقلەپ توختاخۇننىڭ يۈزىگىمۇ قارىماي پۇلنى بىرىپ ھۆججەت يازدۇرۋالدى.
دوستىغا، تۇققانلىرىغا سادىق ئەختەرجان توختاخۇندىن قۇتۇلۇپ سىتاخۇننى يادىدىن چىقارمايدىغان بولۇپ قالدى. تىلفۇن قىلسا سىتاخۇن بەزىدە ئالدىراش، بەزىدە پۇل يوق دەپ دوستانىلىقنى شىپە كەلتۈرۈپ تەخىر قىلىشنى ئۆتۈنەتتى. ئاخىرى سىتاخۇننىڭ ئۈرمچىگە يۆتكىلىدىغان ئىشى تايىن تېپىپ غىپپىدە كېتىۋالدى. ئەختەرجان تىلفۇن ئۇرسا ئالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئىشخانا تىلفۇنىنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ ئۇرسا يەنە بىر ھازا ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئېيتىپ ساقلاپ تۇرۇشنى ئۆتۈندى. ئەختەرجان خىزمەت بىلەن ئۇرۈمچىگە باردى، سىتاخۇنغا تىلفۇن قىلسا يەنە ئالمىدى، ئۇنىڭ باشقا يېقىن  بىر دوستىنى تېپىپ شۇ ئارقىلىق ئۇنى بىر يەرگە چاقىردى. بۇ قېتىم سىتاخۇن ئۆز لەۋزى بىلەن داستىخان سالماقچى بولدى. زىياپەت داۋامىدا بۇ سورۇننى ئىككى ھاجەتمەننىڭ  راسلىغانلىقى پاش بولۇپ سىتاخۇننڭ ھېلىقى دوستى ئۇنى ئەيىپلەپ ھاجەتمەنلەرگە « سىلەر پۇل تۆلىمەڭلار، سىتاخۇننڭ ئۆز پۇلى بىلەن قىلغان زىياپىتىنى يەيمىز» دېسىمۇ ئاخىردا يەنە ئۈنۈمى بولمىدى. زىياپەتتىن يېنىپ  ھېلىقى دوستى ئەختەرجاننىڭ پۇلى توغرىسىدا سىتاخۇننى كۆپ ئەيىپلەپ قاتتىق كايىدى. ئۇ ئاخىرى  بۇرۇنقى بىنا ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى ئەختەرجانغا بىرىپ ئۆينى ئىجارە بىرىپ پۇلىنى ئېلىۋېلىشقا كىلىشتى.دوستلۇق رىشتى ئالدىراپ ئۈزىلمەيدىغان بولدى. ئەختەرجان كىلىپ ھەر تەرەپكە قاتراپ يۈرۈپ  بىرسى بىلەن  ئۆينىڭ يىللىقىنى سەككىز مىڭ يۈەندىن ئىجارە توختىمى تۈزىشتى. ئەختەرجان  سىتاخۇننىڭ دېگىنىدەك توختامنىڭ قۇشۇمچە نۇسخىسىنى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى  ئۇنىڭغا فاكىس قىلىپ بەردى؛ توختام بويىچە چۈشتىن كىيىن ئىجارە ئالغۇچى سەككىز  مىڭ يۈەننى ئەختەرجانغا ئالدىن تۆلەپ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئالماقچى بولدى. چۈشتىن كىيىن ئۇ ئاچقۇچنى تۇتۇپ پۇلنى ساقلاپ ئۆينىڭ ئالدىدا تۇرسا ئىجارە ئالغۇچى كىلىپ پۇلنىڭ ئورنىغا كەمپۇت قەغىزىدەك بىر ۋاراق قەغەز بەردى. بۇ قەغەز ئىجارە ئالغۇچىنىڭ سىتاخۇننىڭ كارتىسىغا سەككىز مىڭ يۈەن ئاغدۇرۇپ، بەرگنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئەختەرجاننىڭ سەپرايى ئۆرلەپ سىتاخۇنغا تىلفۇن ئۇردى. سىتاخۇن يەنە يۈزىنى پۇلودەك قىلىپ جىددى پۇل لازىم بۇلۇپ قالغانلىقىنى، ھاجەتمەنگە قايتتۇرغان پۇلنىڭ يېرىمىنى ئۈستىگە ئېلىپ يىل ئاخىرغىچە بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇردى. ئەختەرجان دوستلۇقتىن يەنە كېچەلمەي ماقۇل بولدى. ھازىرغىچە شۇنداق يىل ئاخىرىدىن نەچچىسى ئۆتكەن بولسىمۇ سىتاخۇن تىلفۇن ئېلىپ قۇيايمۇ دېمىدى. ئەختەرجان ئاخىرى سىتاخۇندىن ئۈمىت ئۈزۈپ  مۇناسىۋەتنى يەكۈنلىدى:                   بۇ «دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ بويۇمدا قالدى» دېەگەندەك ئىش بولسىمۇ  ئەمىلىيەتتە مىنىڭ ھەققىم ئۇنىڭ قۇرسىقىدا قالدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ سەمىرىپ ئىككى قات ئايالدەك ئالچاڭلاپ ماڭىدىغان بولۇپ كەتسۇن. ئۇنىڭ ئۈچۈن  يىمىگەن ئاشنى قۇسۇپ بەرگىنىم  نامەرتلەرنىڭ يۈزىگە بىرنى تۈكۈرگەندەكلا ئىش خالاس!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   goldiway تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-10 12:08 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 11:38:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭ ئەيسا كىنو قىلىپ ئىشلىسە بوپتىكەن بۇنى

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91871
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2013-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 11:59:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ،بويۇمدا قالدى›› دىگەندەك ئىش  بوپتۇ.

زۇلئاي بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 02:09:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21217
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6512
تۆھپە نۇمۇرى: 550
توردا: 706 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2014-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 11:37:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇلئاي يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 02:09 AM
دۆت ئاتالغان ھايۋان ئۆمرىدە تاساددىبىي بىر ياكى ئىككى  ...

ئىنىڭىز قانداقراق بولۇپ قالدى راس ؟

سادىغاڭ كېتەي XJTV-2 , XJTV-5 , XJTV-9 ... مۇشۇ ئېلاننىڭ ئارىسىغا كېنۇ قىستۇرۋالمىساڭلار تازا قىزىقىپ ئېلان كۆرۋاتسام تولا كېنۇ قىسىلىپ بەك زېرىكىپ كەتتىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96811
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3088
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2013-8-7
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 03:28:09 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Bu Dunya Amal Yok

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7491
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 05:04:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياش 40 تىن ئاشقاندىمۇ دادىنىڭ گېپىنى ئاڭلاش لازىمكەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96352
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 184
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 01:35:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمەيدىغان ئىشلار -ھە.جاھاندا مۇنداقمۇ ھىلە-نەيرەڭلەر بار دەڭ.ياخشى تەھلىل قىلساق بۇ ئەسەر نىڭ تەربىيىۋى  ئەھمىيتى خىلى يۇقىرىدەك قىلامدۇ-قانداق؟ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىنى تەھلىل قىلىشتا تازا ئەسقاتقۇدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90206
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-1-17
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 07:08:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
   يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش.
   چۈشۈپ كەتتى ساق چىشلار،
   دەرت كۆرمىدى سېسىق چىش.          ....................دېگەندەك

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 10:40:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
goldiway يوللىغان ۋاقتى  2013-8-14 07:08 PM
قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
   يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش.
   چۈش ...

راس راس .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش