دەرتلىرىم رەيھانە-رەيھان
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
مېنى تەنھا قالدۇرۇپ كەتكىن ئۇزاق، كەلمەسكە كەت،
ماڭا ھىجراندىن تالاي باردۇر سىناق، كەلمەسكە كەت.
بەلكى، بىر ئالۋاستىدۇرسەن يا پەرىشتە كۆكتىكى،
ئاچمىدىم باغرىم يارا، ئاچما قۇچاق، كەلمەسكە كەت.
دەرتلىرىم رەيھانە-رەيھان كۆزلىرىمدە غۇچچىدە،
ئاڭا زار-زار يىغلىسۇن ئاھۇ-بۇلاق، كەلمەسكە كەت.
ئال قىساس! مەن بۇ جاھاندا ئەڭ قەبىھ بىر سۆيگۈچى،
قۇرۇسۇن قەلبىڭدە سۆيگۈ-ئىشتىياق، كەلمەسكە كەت.
قاغجىراق شەھۋەتلىرىڭنى ئۆلتۈرەيمەن بۇ كېچە،
ئۆلمىگەيسەن (مەن ئۆلەي)، ئۆلگەن سىياق كەلمەسكە كەت.
چىڭ قۇچاقلاپ مەن سېنى، ياق، بىر تاشنى چەكتىم ئىزتىراپ،
ئەي ئايال قاتىل! خىيالدىن كەت يىراق، كەلمەسكە كەت.
مەن قالاي شەيتانلىرىمنىڭ قاتمۇ-قات قورشاۋىدا،
تەنگە ئوت، بۇ جانغا ھەم تاشلاپ پىراق، كەلمەسكە كەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-9 11:29 PM