PPTV بولسا كىنو، تېلىۋىزىيە تىياتىرى ۋە باشقا ئېسىل ۋىدىئولارنى كۆرىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىچىدە ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان تور تېلىۋىزىيسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە ئايفون، ئايپەد ۋە ئاندىرويىد نۇسخىلىرى بار. يانفون نۇسخىسىغا 30000 مىڭدىن ئارتۇق كىنو-تېلىۋىزىيە نۇمۇرلىرى ساقلانغان بولۇپ، يوكۇ، تۇدۇ، تېڭشۈن، سوخۇ، چىيى، لېشې،CNTV ۋە PPS قاتارلىق داڭلىق ۋىدىئو تورلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەندۈرگەن، ئەڭ يېڭى ۋە سۈزۈك كىنولار، ئامېرىكا، كورىيە، ئەنگىلىيە، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى، كارتون فىلىم، تەنتەربىيە نۇمۇرلىرى ۋە خەۋەر قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يانفون ئارقىلىق كىنو-فىلىملەرنى توردىن چۈشۈرۈۋالغىلىمۇ بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى:
1. سۈزۈكلۈكى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان يېڭى كىنو-فىلىملەرنى يانفوندىلا كۆرەلەيسىز؛
2. دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سۈنئىي ھەمراھ تېلىۋىزىيە نۇمۇرلىرىنى ماس قەدەمدە بىۋاستە كۆرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان؛
3. ئەنگىلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسى،NBA نى نەق مەيداندىن قويۇش ۋە باشقا ھەرخىل تەنتەربىيە نۇمۇرلىرىنى كۆرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان يۇمشاق دېتال؛
4. تەيۋەن سەنئەت نۇمۇرلىرى، ياپونىيە ۋە كورىيەنىڭ تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى؛
5. كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تولۇق قىسىملىرى يوللانغان بولۇپ، خالىغانچە تاللاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
قىزىققۇچى دوستلار چۈشۈرۈپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ، سېغىمى 10.8 مىگابايىت.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
1.
بەيدۇ تورىدىن چۈشۈرۈش
2. ئىككى ئۆلچەملىك كود ئارقىلىق يانفونغا چۈشۈرۈش
يانفون نۇسخىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى: