قوش كەسىپتىن قوش نەتىجە ياراتقان تۆھپىكار
(ئاتاغلىق كىنو تىلۋىزىيە سەنئەتكارى ۋە دوختۇر مۇدىر ۋىراچ مىرادىل ھاجى مىر ئالىمى توغرىسىدا ) مەن 2001-يىلى 10-ئايدا ئاتاغلىق سەنئەتكار ۋە دوختۇر ۋىراچ مىر ئادىل ھاجىم بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. شۇندىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق، بېرىش-كېلىش قىلىپ،يېقىن دوست-بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالدۇق. بۇ جەر ياندا ئۇنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ،تۆۋەندىكى ماتىريالغا ئىگە بولدۇم. مىرھادىلھاجى مىرئالىمى 1938-يىلى 30-دىكابىر كۈنى قەشقەردە ئۆزبىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىن تارتىپ، ئەدىبىيات-سەنئەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە قىزىقىپ، مەكتەپنىڭ سەنئەت كۇرژىكلىرىغا قاتنىشىدۇ-دە، سەھنىدە رول ئېلىشقا باشلايدۇ. ئۇ 1960-يىلى شىنجاڭ مىدىتسىنا ئىنىستىتوتىدا ئوقىۋاتقان مەزگىلدە پىشقەدەم درامماتۇرۇگ-زۇنۇن قادىر يازغان «گۇلنىسا» دراممىسىدا قىمارۋاز- قادىرنىڭ رولىنى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بىلەن تىپىكلەشتۈرۈپ ئوبراز يارىتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىدۇ. كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىدىن سىرىت ئىكرانغا يۈزلىنىپ، جەمىيەتتىكى كىشىلەرگە تونۇلىدۇ. 1961-يىلى شىنجاڭ كىنو ستودىيىسى ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىللىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىنقىلاۋىي كۆرىشى ۋە ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى تەسۋىرلىنىدىغان ھىكايە فىلىم:«يىراقتىكى ئۇچقۇنلار»نى ئىشلەش ئالدىدا كىنو ستودىيىسى شىنجاڭ مىدىتسىنا ئىنىستىتوتىغا بېرىپ، مىرادىلجاننى كىنو سىتودىيىسىگە تاللاپ ئېلىپ كىلىپ،ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنى سەلبىي پىرسۇناژ،ساتقىن باقى رولىغا تاللايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش بولۇپ قالىدۇ. شۇندىن بۇيان ئۇنىڭ ئىكران ھاياتى باشلىنىدۇ. ئۇ فىلىمگە رول ئېلىش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك كىنولارنى تەكرار-تەكرار كۆرۈپ، سەلبىي پىرسۇناژلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى، چىراي ئۆزگىرىشلىرى، خاراكتىرى قاتارلىق تەرەپلەرنى چوڭقۇر كۈزۈتىدۇ. پىشقەدەم ئارتىستلار ۋە رىژىسۇرلاردىن مەسىلەھەت سوراپ، رولنى مۇۋاپىقيەتلىك ئېلىپ چىقىدۇ.ئۇ ئارقىدىنلا يەنە «ئانارخان»فىلىمىدە يەر ئىسلاھاتى خىزمەت ئەتىرتىنىڭ كادىرى ۋە دىھقاننىڭ رولىنى ئالىدۇ. 1979-يىلى بۇ ستودىيە تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن ھىكايە فىلىم ئىشلەش خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈدۇ. مىرئادىلھاجىم يەنە ئىكرانغا يۈزلىنىدۇ. ئۇ «يول باشلىغۇچى» فىلىمىدە چەتئەل دىن تارقاتقۇچىسىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئارقىدىنلا 1980-يىلى «نەسىردىن ئەپەندى» فىلىمدە ھىندى سودىگىرى رولىنى ئالىدۇ. 1984-يىلى «سىرلىق كارۋان» فىلىمىدە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ مايۇرى ئوبرازىنى يارتىدۇ. ئۇنىڭ بويى ئىگىز، تەققى-تۇرقى بەستلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئوبرازى كىنو تاماشىبىنلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ. يەنە 1984-يىلى شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى «ئۈچ ياش»ناملىق ئىككى قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلەيدۇ. مىرادىلھاجىم بۇ فىلىمدە 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس مەخمۇت قەشقىرى ئوبرازىنى يارتىدۇ ھەمدە مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مازىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تارىخىي ھۆججەتنى ساقلىغۇچى ئالىم،ئۆلىما- ئىمىر ھۈسۈيىن قازى ئاخۇنۇمنىڭ ئوبرازىنى يارتىدۇ. 1990-يىلدىن كىيىن ئۇ يەنە تۆت قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى «نەسىردىن ئەپەندى»دە موللىنىياز ئوبرازىنى، تىلۋىزىيە تىياتىرى «مەدەتكار»دا بانكا باشلىقى يۈسۈپنىڭ ئوبرازىنى مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا يارىتىپ، ئۇيغۇر كىنو-تىلۋىزىيە ساھىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان تۆھپىكار شەخسىگە ئايلىنىدۇ. مىرھادىلھاجىم تىببىي مۇئارىپ ساھىسىدىمۇ كۆپلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، تىببىي مەكتەپ، تىببىي تىخنىكوملارنىڭ تەربىيلەش كۇرۇسلىرى ۋە دوختۇرخانىلاردا داۋاملىق ھالدا دەرس ئۆتۈپ، تىببىي دەرسلىك قوللانمىسى تۈزۈپ ۋە تەرجىمە قىلىپ، ياش تىببىي خادىملارنى تەربىيلەشتە ئالاھىدە تۆھپە قوشىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى ھازىرغا قەدەر كىنو-تىلۋىزىيە ئارتىسلىقى، تىببىي داۋالاش، تىببىي مۇئارىپ، تىببىي تەرجىمىچىلىك، ژورنالىستلىق قاتارلىق ئىنتايىن جاپالىق خىزمەتلەر بىلەن ئۆتتى. پارتىيە ۋە ھۆكىمەت ئۇنىڭ تۆھپىللىرى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يۇقىرى شان-شەرەپ، خەلىق ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت ئاتا قىلدى. ئۇ 1983-يىلى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتىتى، ئەمگەك كادىرلار مىنىستىرلىگى، جوڭگۇ پەن-تىخنىكا جەمىيىتى تەرىپىدىن «ئىلغار پەن-تىخنىكا خادىمى» دېگەن شەرەپلىك نامغا،1984-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى باشقارمىسى، ئەمگەك كادىرلار باشقارمىسى ۋە پەن-تىخنىكا جەمىيىتى تەرىپىدىن ۋىلايەت بويىچە «ئىلغار پەن-تىخنىكا خادىمى»دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. 1989-يىلى ۋە 1992-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم تەشكىلات بۆلىمى ئۇنىڭغا «مۇنەۋۋەر مۇتىخەس»«كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىق خادىم»«مۇنەۋۋەر كەسپى پەن-تىخنىكا خادىمى» دەپ شەرەپلىك نام بەردى. ئۇنىڭ ئىشلىرى كۆپ قىتىم مەمىلكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرجىلىك گېزىت-ژورناللاردا تونۇشتۇرۇلدى. مىرھادىلھاجىم ھازىر جوڭخۇا تىببىي ئىلمىي جەمىيىتى قەشقەر شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، تىببىي ئىلمىي جەمىيەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كومىتىتىنىڭ مەسىلەھەتچىسى. «قەشقەر سەھيىسى» ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى.ھەر مىللەت خەلقى ئۇنىڭ ئىكران ھاياتى ۋە كەسپىي خىزمىتىگە زور ئۇتۇق تىلەيدۇ. بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز. قەشقەر شەھەر 16-ئوتتۇرا مەكتەپتىن-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-10 04:03 AM
|