مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3735|ئىنكاس: 33

«سىرلىق كارۋان»تارىخىي فىلىمى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 03:19:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«سىرلىق كارۋان»تارىخىي فىلىمى توغرىسىدا








cap52.jpg

cap51.jpg
cap50.jpg
cap49.jpg

بۇ فىلىم گۇاڭ چۈنلەننىڭ 1985-يىلى ئىشلىگەن بىر ئىجادىي تارىخي فىلىمى بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بىر موھىم ئىجادىيىتىدۇر. بۇ فىلىمدە گۈزەل ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر قىزى-لالە يۈسۈپ دېگەن بىر سودىگەر تەرىپىدىن خوتۇنلۇققا ئېلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن بىر جۇپ قوشگىزەك قىز تۇغىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي يۈسۈپ، باشقا بىر خوتۇن ئېلىپ، لالەنى ئاينۇر ئىسىملىك قوشكىزەك قىز بىلەن ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرۋىتىدۇ. ماينۇر ئىسىملىك قىزى ئۇنىڭ يېنىدا قالىدۇ. لالەنىڭ ئەسلىدە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ھەسەن ئىدى. لالە بۇلاپ كېتىلگەندىن كىيىن ھەسەن كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلىپ،سەرگەردان بالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. لالە ئاينۇرنى ئېلىپ كېتىۋىتىپ، ھەسەن بىلەن ئۇچۇرشىدۇ. ئانا-بالا ئۈچەيلەن ئەمدىلا جەم بولغاندا لالە ئېغىر زەربە دەستىدىن كىسەل بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئاينۇر ئاكىسىنىڭ تەربىيىسىدە بىر نەچچە يىل بىرگە بولىدۇ. كۈتۈلمىگەندە يۈسۈپ ئىبەرتىلگەن كىشىلەر تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلىدۇ ھەمدە ئاينۇر دىدەك بولۇپ ئىشلەيدۇ. ھەسەنمۇ تۇتۇلۇپ چاكار قىلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ. يۈسۈپ بۇ ئىككى ئۇرۇق-تۇغقاننى كۆرۈشتۈرمەيدۇ. ماينۇر چەتئەلدە ئوقۇپ، بىر ھاكاۋۇر ئاقسۆڭەك خېنىمغا ئايلىنىدۇ. 20 يىلدىن كىيىن شىنجاڭ ئازات بولۇپ، يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھارپىسىدا يۈسۈپ چەتئەلگە قاچماقچى بولىدۇ. ئۇ ھەسەننى كارۋانلارنىڭ غوجىدارى، ئاينۇرنى يېڭى كىلىن قىلىپ ياسايدۇ. 4- خوتۇنىنى گاچا دىدەك قىلىپ ياساپ، ئاينۇرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا بەلگىلەيدۇ. ئۆزى قېرى چاكار سۈپىتىدە ياسىنىپ، بىر تۈركۈم مال-دۇنيانى ئېلىپ، سىرلىق كارۋان سۈپىتىدە يولغا چىقىدۇ. چارلاش ئەتىرتىنىڭ باشلىقى-سادىق ۋە جەڭچى باتۇر بۇيرۇققا ئاساسەن يۈسۈپنىڭ كارۋانلىرىنىڭ پېيىگە چۈشۈپ، ئۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى توساتتىن كارۋانلارنىڭ مال-مۆلكىنى بۇلايدۇ. ئاينۇر بىلەن يارىلانغان ھەسەننى قۇتقۇزۇپ، كارۋان قوشۇنىغا كىرىدۇ. قېرى ھىلىگەر يۈسۈپ سادىق بىلەن باتۇردىن گۇمانلىنىپ، ئاۋال قول سالماقچى بولىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن ئاينۇرنىي سادىقنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇرلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەم ئىبەرتىپ، سادىقنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ئاينۇر سادىقنى قاچۇرۋىتىدۇ. كارۋان ئەتىرتى سەپەر جەريانىدا ھەسەن ئېغىر يارىلانغانلىقتىن يۈسۈپ ھەسەننى تاغدىن تاشلىۋىتىپ ئۆلتۈرۋىتىدۇ. ماينۇر بىلەن ئۇچۇرشىدىغان جايغا يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا يۈسۈپ يەنە گۈلى بىلەن بىرلىشىپ، ئاينۇرنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ھايات-ماماتلىق پەيىتتە سادىق ئەسكەرلەرنى باشلاپ يېتىپ كېلىدۇ. يۈسۈپ قول-چوماقچىللىرى بىلەن قولغا چۈشىدۇ. ھەق-ناھەق ئايدىڭلىشىدۇ. ئاينۇر ۋە ماينۇر ئاچا-سىڭىل ئاخىرى جەم بولىدۇ.

بۇ فىلىمدە گۇاڭ چۈنلەن ئەگرى-توقاي كۆرنۈشلەر ئارقىلىق سىرلىق ۋە رومانتىك كۆرنۈشلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى بولغان ئوبرازلارنى ياراتقان. فىلىمدە سادىق ۋە ئاينۇردىن ئىبارەت باش قەھرىماننىڭ ئوبرازى ناھايىتى تەسىرلىك، جانلىق، يارقىن ھالدا ئىپادىلەنگەن.

     تەييارلىغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى

(بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسى 1985-يىلى ئىشلىگەن.)

سىنارىست-مايەن،دۈەنباۋشەن.رىژىسۇر-گۇاڭچۈنلەن،مۇئاۋىن رىژىسۇر-توختاسىن، ئەلى. ئوپىراتۇر-جۇ زەييۇەن.كومپىزۇتۇر-نۇسرەت ۋاجىدى.

فىلىم مۇدىرى-لىيۇ جىخې،رەخمان.گۈزەل سەنئەت لاھىلىگۈچى-جاڭ شىيۇرېن،گاۋفېڭ.مەيدان خاتىرلىگۈچى-جاڭجەنگۇ،كىيىم لاھىلىگۈچى-ئابلەت.مۇزىكا ئورۇنلىغۇچى-شاڭخەي كىنو مۇزىكا ئۆمىگى.يالغۇز كىشلىك ناخشا ئورۇنلىغۇچى-ئارزۇگۈل،

ئەركىن قۇپىدىن، روزى قاتارلىقلار.

ئاساسلىق روللاردا:

سادىق-فىردەۋىس ئەزىزى.ئاينۇر-شاتگۈل، ماينۇر-شاتگۈل.

باتۇر-شۆھرەت ھاجى.ھەسەن-ئەنىۋەر.ھوشۇر-ئىبرايىم پەخىردىن.

راخمان-ئەلى.دىلبەر-ئارزۇگۈل.ئىمام-زۇنۇن.لالە-بۇۋىگۈل.

شاڭشاۋ مايۇر- مىرادىلھاجىم.جىڭۋىي-شىلۇجى.يۈسۈپ-تۇرسۇنجان زۇنۇن.

ئابدۇللا-تۇرسۇنجان زۇنۇن.گۇلى-ئاپرىل سەمەت.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-10 04:02 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 03:21:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىلىمنىڭ مەزمۇنى ساغلام، ئاكتىيۇرلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ئۆزگىچە، تاماشىبىنلارنىڭ بىر قېتىم كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ. فىلىمنى ئىشلەشكە قاتناشقان بارلىق سەنئەتكارلىرىمىزغا ئەڭ ئالىي سالام يوللايمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95933
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 12:35:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روللارنى ياخشى ئالغان ھەقىقەتەن.ماختاشقا ئەرزىيدۇ

hacker TvNnetexplorer

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32111
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4633
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2011-2-28
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 03:42:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىىل.......بۇرۇنقى كىنولار ياخشى جۇمۇ يەنە!

جەمىيەت كۆرمىگەن ئادەم رىياللقتىكى ھەقىقەتنى چۇشەنمەي دۇ ئۆزىنى بەك يوغان چاغلاپ ۋاختى كېپ قالسا مەن نىم بولدۇم  دىگەن ناخشىنى تولايدۇ....جاجىسى پۇل~!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92747
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 06:17:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىمنىڭ قەھرىمان كىمنىڭ كەلگۈندى ئىكەنلىكىنى بىز ئايرىۋالالايمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23631
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6051
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1500 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 02:03:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باغۋەن ئاكىنىڭ كىنو تۇنۇشتۇرۇشتىن  باشقا  تېمىسى بارمۇ ؟                 ....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95513
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 72
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 04:35:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى بۇ كىنو

يۈرەك ۋىلىقلاپ كۈلدى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7440
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1352 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 06:03:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


مېنىڭ بۇ كىنونى بىر كۆرۇپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ ..بولسا ئۇلىنىش ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ....كۆرۇپ چۇشۇنشىمىزگىمۇ قولايلىق بولاتتى...ئەجىر قىلىپسىز ئاكا، سىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96780
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-8-6
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 06:08:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96780
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-8-6
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 06:10:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يھىشڭ.بوپتۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش