مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1198|ئىنكاس: 13

قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھەببەت 6-قىسىمى(ئەپچىلەم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1680 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 02:19:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

18_2465_f700331cf9dd3d6_副本.jpg

قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھاببەت
ھېكايە


نامسىز خەت

ئاپتۇر ئىلاۋەسى: مانا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھاببەت دېگەن ئەسەر ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىۋاتقانلىقىمغا بىر يىل بولۇپ قاپتۇ، بۇنىڭدىن بىر يىل مۇقەدەم خىيالىزىملىك ھېكايىلەر دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھېكايەم بۈگۈنگە كەلگەندە  قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھەببەت دېگەن ماۋزۇ بىلەن بەش قىسىم يېزىلپتۇ، بۇ ھېكايەم باشتىن ئاخىرى تەسەۋۇر ئارقىلىق يېزىلغان بولغاچقا مېنىڭ قىزىقىشىم ۋە دوستلارنىڭ رىغبىتى بىلەن تۆت قىسىم يازغاندىم  ۋە ئاخىرىدا دوستلىرىمنىڭ يەنە ئاخىرىچۇ؟دېگىنىدىن  داۋام قىلىشقا مادارىم يەتمەي ئۆلۈم يولى ئارقىلىق ھېكايىنى ئاخىرلاشتۇرغان،لېكىن شۇنداق بولسىمۇ  بەزى مۇنبەرداشلار يەنىلا  باش پىرسۇناژنىڭ بۇنداقلا ئۆلۈپ كەتكىنى بولماپتۇ ھەم  باشتىن ئاخىرى بىرىنچى شەخىس تىلىدا يېزىلغان بۇ ھېكايە توساتتىن ئۈچىنچى شەخىس تىلىدا بايان قىلىنىپتۇ دېگەچ مانا بۈگۈن يەنە تەسەۋۇرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ قۇۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھەببەتنىڭ ئالتىنچى قىسىمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، تەكرار ئەسەر دەپ ئويلىماي تەنقىدى -پىكىرىڭلارنى ئايىمىغان ئاساستا بەھرىلەنگەيسىلەر.

توۋا دەيمەن، مۇشۇ چەتئەللىك دېگەن ئاجايىپ خەقكەن.بالىسىنى خەقنىڭ يۇرتىدا تېپىپ قۇيۇپ ئۆز يۇرتىغا بېرىپ تۇغىدىكەن، شېرىن ئاي ئۆتكۈزدۇق دېگىنى مۇشۇمىكىنە؟
ئۆزمچە قىلغان بۇ بەڭۋاش خىيالىمدىن كۈلگۈم كېلىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن قۇلۇمدىكى ئىچىملىكنى ئىشتىنىمغا تۆكۈۋەتتىم ، تىرىكىپ ھۇجىرامغا كىرىپ كىيىم ئالماشتۇرۇپ چىقىپ بۇ داغ بولغان كىيىمىمنى يۇغۇزۇش ئۈچۈن قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قاراپ ماڭدىم .
ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دۇكانغا بېرىپ ئىشتىنىمنى ئەكەلدىم ،شۇ كۈندىن باشلاپ قىزىقارلىق ئىشلار توختىماي يۈز بەردى .ئۆيگە كېلىپ ئىشتاننى كۆرۇپ باقماقچى بولۇپ قۇلۇمغا ئېلىشىمغا ئىشتاننىڭ يانچۇقىدا بىر نەرسە شاراقلىغاندەك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ نېمىدۇ دەپ ئويلاپ يانچۇقنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،يانچۇقتا تۇمارچە قاتلانغان بىر ۋاراق تۇراتتى ،قىزىقىش ئىچىدە ۋاراقنى ئاچتىميۇ يېزىلغان خەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم .
-مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
تېڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدىم ، كىمنىڭ سۆيگۈ پەكتۇپىدۇ بۇ؟ كاللامدا غەلىتە سۇئاللار ئەكىس ئېتەتتى.بىراق بۇ ماڭا يازغان خەت ئىدى،ئەلۋەتتە مېنىڭ ئىشتىنىمنىڭ يانچۇقىدىن چىققان تۇرسا؟
بۇ خەتنى ئاشۇ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى بىرسىنىڭ يازغانلىقى ئېنىق ئىدى،ئۆتكەندە كىيىمنى يۇغۇزغىلى بەرگەندە كىم بار بولغىيتى ئەجەپ سەپ سالماپتىمىنا؟
مۇشۇنداق چىگىش خىياللار ئىچىدە ئۆزەم بېرىپ قاراپ باقماقچى بولۇپ يۇغۇزىدىغان كىيىم بارمۇ يوق دەپ ئۆينى مالىماتتاڭ قىلىۋەتتىم .چۈنكى ئۇ يەرگە كىرىشكىمۇ بانا-سەۋەپ كېرەكتە؟ئەپسۇز يۇغۇزغىلى بېرىدىغان كىيىم يوق،شۇڭا ئامالسىزلىقتىن ئۇچامدىكى كۆينەككە چاي تۆكۈپ ئۇنى داغ قىلدىم ھەمدە ،
-بۇ قانداق گەپ ئەمدى،يېڭى تۇنۇشتۇققۇ؟
دەپ يېزىپ كۆينەكنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قاراپ ماڭدىم .دۇكاندا شۇنچە ئۇماق بىر قىزچاق تۇراتتى.
كىيىمنى بېرىپ گەپمۇ قىلماي يېنىپ چىقتىم.ئۇقىزنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ،ئاغزىدىن سۇت پۇراپ تۇرىدىغان قىزكەنغۇ ئۇ دەپ ئويلاپ، ئۇقىزنىڭ قانداقلىقىنى تەسەۋۇر قىلدىم .ئارىدىن بىر كۈن ئۆتتى، تەقەزالىق ئىچىدە دۇكانغا بېرىپ كىيىمىمنى ئەكەلدىم ۋە ھاپىلا-شاپىلا يانچۇقىغا قارىدىم،دېگەندەكلا بىر پارچە خەت تۇراتتى ،ئەمدى بۇقىزغا بولغان ھىسياتىمدا سەل ئۆزگىرىش بولغاندەك قىلاتتى ،ھاياجانلىق ئىلىكىدە خەتنى ئوقۇدۇم .
-بۇ يەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئەزىز مېھمىنىمىز.
ئۆزەمچە بۇ قىزنىڭ ئۇچۇق يۇرۇقلۇقىدىن كۈلگۈم كەلدى،بۇ گېپى مېنى راستىنلا تەمتىرىتىپ قويدى،نمە دەپ خەت يېزىش كېرەك؟يەنە بىر قېتىم كىيىمىمنى داغ قىلىشىم زۆرۈر ئىدى، مانا يەنە شۇ چاي دېغى ،قولۇمغا قەلەم ئالدىم، ئاخىرى بولماي بىر جۈملىلا خەت يازدىم.
-مۇھاببەت دېگەن نېمە؟
دەپ خەت يېزىپ ئىشتانغا قاتلاپ سېلىپ دۇكانغا باردىم . دۇكاندا ئوتتۇرا ياشلىق بىرئەر كىشى تۇراتتى،گەپمۇ قىلماي چىكەتتىم،كۈتكەن كۈنۈممۇ يېتىپ كەلدى،ئىشتىنىمنى ئالغىلى باردىم،قاتتىق ھاياجانلانغان بولسام كېرەك دۇكاندىلا ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇردۇم.
-بىز ئالغاندا ئىشتاننىڭ ئىچىدە ھىچ نېمە يوق ئىكەن.
تۇيۇقسىز دېيىلگەن بۇ گەپتىن ئۆزەمچە خىجىل بولۇپ ،گەپمۇ قىلماي دۇكاندىن چىقىپ كەتتىم، لېكىن خەتنىڭ بارلىقىغا چۇقۇم ئىشىنەتتتىم،شۇڭا ئۆيگە كېلىپ قايتىدىن ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،دېگىنىمدەك ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىغا بىر خەت سېلىنغان ئىدى ،
-سىلەدەك ياش بالىلار ئۇستىغۇ مۇھاببەت دېگەنگە؟
ئەجەپ مېنى چۈشىنىدىغاندەكلا گەپ قىلدىيا؟ ئۆزەمچە بۇ قىزنىڭ خارەكتىرىگە ھەيران بولۇپ قالدىم ،يامان قىزبالىكەن جۇمۇ،نىمىشقىكىن ئۇچۇق يۇرۇق قىزلار مېنى ئاسانلا مايىل قىلىۋالاتتى شۇڭا بۇقىزنىڭ گېپىدىن يۈرىكىم بىر قىسىملا بولۇپ قالدى،بۇنىڭغا جاۋابەن قانداق خەت يېزىشىم كېرەك ئەمدى؟ ئويلىنىپ تۇرۇپلا قالدىم بىرخىل كۈچ بىلەن تۆۋەندىكى خەتنى يازدىم ،
-مېنى قانداقسىگە ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز ؟
يەنە كونا ئۇسۇل بويىچە چاي تۆكۈلگەن ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا خەتنى سېلىپ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا باردىم.بۇ قېتىم دۇكاندا بىر ئايال تۇراتتى، بەلكىم ئۆتكەنكى ئەرنىڭ ئايالى بولسا كېرەك،قولۇمدىكى قىيىمنى ئۇ ھەدەشكە بېرىپ ئۈن-تىنسىزلا دۇكاندىن ئايرىلدىم.
قانداق جاۋاپ يازا؟دېگەن خىياللار بىلەن ئەتىمۇ بولدى،دۇكانغا بېرىپ كىيىمىمنى ئەكەلمەكچى بولدۇم. ئەپسۇز ،دۇكان تاقاق ئىدى،شۇ چاغدىكى ھالىتىمنى ھەقىقەتەنمۇ تەسەۋۇرقىلالمايتىم،تەلۋىلەرچە،دۇكاننى تىپىپ،شۇنچە ۋاقىراپ سادا چىقمىغاندىن كېيىنلا ئۇيەردىن كەتتىم ،تەققەزالىق ئىچىدە ساقلاپ مانا يەنە بىر كۈن ئۆتتى،دۇكانغا باردىم ،خۇداغا شۇكىرى دۇكان ئۇچۇقكەن ،كىيىمىمنى ئېلىپلا دۇكاندىن چىكەتتىم ،يولدا ماڭغاچ ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇردۇم، يەنە خەت بار ئىدى ،يولدىلا خەتنى ئۇقۇشقا باشلىدىم   
-كىم سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ؟
بۇ خەتتىن ھۇدۇقۇپ تۇرۇپلا قالدىم ،ئادەمنى ئەخمەق قىلىۋاتامدۇ نېمە؟ياق،ئۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ ،بولمىسا باشتىلا خەت يازمايتى،بەلكىم مەن بىلەن چىقىشىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ تۆۋەنكىدەك خەتنى يازدىم ،
-ئەجىبا سىز؟
بۇقېتىمقى يۇيۇشقا تەييارلاپ قويغان ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا سېلىپ يەنە دۇكانغا باردىم ،بۇ قېتىم مەندىن سەللا چوڭ بىر يىگىت تۇراتتى،ئىشتاننى بەردىميۇ ئۇيەردىن چىكەتتىم.
توۋا،نېمە بولغاندىمەن،ئەجەپ بىر قىلىپ كەتتىميا ئۆزۈم كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر قىزغا،كۈتكىنىمدەك چىرايلىق قىز بولغىيتى.....
شۇ خىياللارغا چۆمۈپ ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا قاراشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،ئۆيگە كېلىپ ھاپىلا-شاپىلا ئىشتاننى ماتلاشقا باشلىدىم ،
-مەن نېمە بوپتىمەن ئۇكا؟
خەتنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتىم،ئوغۇللارغا ئوخشاش ئاخسالىق قىلىپ كېتىشىدىن ئۆرگىلەي ، كۈلگۈنۈمچە ئۇ قىزنىڭ چىرايىنى تەسەۋۇر قىلدىم ، ئەڭ گۈزەل بىر سىما قەلىپ ئېكرانىمدا ئەكىس ئېتىشكە باشلىدى ،شۇلارنى ئويلاپ ئۇيقۇغا چۆمۇپ كېتىپتىمەن ،ئۇ قىز يۈزىنى ئېتىۋالغان قىياپەتتە يېنىمدا پەيدا بوپتۇ،دېمەك مەن چۈش قوينىغا غەرىق بولغانىدىم.
ماڭا قاراپ قولىنى پۇلاڭلاتقىدەك ،قولۇمنى قىزنىڭ يۈزىگە ئاپىرىشىمغىلا قىز مەندىن ئۆزىنى قاچۇرغۇدەك شۇنچە شوخ قىلىكلىرى،ياڭراق كۈلكىلىرى،قەلبىم تارىنى چېكىپ ئۇقىزغا بولغان تەشنالىقىمنى چېكىگە يەتكۈزگەنىدى.
تۇيۇقسىز مۇرەمگە تەگكەن شاپىلاقتىن چۆچۈپ ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۈستەلگە قۇيۇلغان چاينى ئىشتىنىمغا تۆكۈۋالدىم،ما كاساپەتنى ،تېخى بايا كەيگەن ئىشتانتى ماۋۇ،دوستۇمغا ئاچچىقلىغىنىمچە ھۇجۇرامغا كىرىپ ئىشتىنىمنى ئالماشتۇرغىلى ماڭدىم ،تۇيۇقسىزلا يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇپ قالدىم بايا خەت مۇشۇ ئىشتان يانچۇقىدا بار ئىدىغۇ؟
خىياللار بىلەن بولغان ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدىم،تۇنجى كەلگەن خەتتىن باشلاپ دوستۇمنىڭ مېنى قورقىتىشىغىچە بولغان بارلىق جەرياننى ئەسلەپ چىقتىم ،بۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشتەكلا قىلاتتى.
-ئەجىبا،ئەجىبا مەن چۈش كۆرگەندىمەنمۇ؟
لېكىن چۈش كۆرگەنلىكىمگە قەتئىي چىن پۈتمەيتىم ،مۇمكىن ئەمەس چۈش بولىشى مۇمكىن ئەمەس؟ئەسەبىيلەرچە ۋاقىراپ كەتتىم،لېكىن نىمە ئامال،بۇ بىر رىئاللىق ئىدى، ئىشتىنىمنى ئالماشتۇرۇپ بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويدۇم ،كۆزۈم تۇيۇقسىز ئىشتاندىكى داغقا چۈشۈپ قالدى،نەق شۇداغ،دەسلەپتە ئىشتىنىمنىڭمۇ شۇ يېتى داغ بولغان ئىدى،توۋا ما توغرا كېلىپ قېلىشىنى ،توساتتىنلا مەندە بۇ ئىشنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىدەك ئاڭ شەكىللىنىپ قالدى،3%لىك ئۈمۈت بىلەن ئىشتىنىمنى قۇرۇق يۇيۇش دۇقىنىغا ئاپاردىم ،نېمىشقىكىن ،چۇقۇم بىرسىنىڭ ئىشتىنىمغا خەت سېلىپ قويىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم،بازارغا چىقتىم ،ماكېلىشمەسلىكنى كۆرۈڭ ،ئەتراپتا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىن تۆتى تۇراتتى،ئىشتاننى قايسىغا بېرىشنى ئۇقالماي قالدىم،ئامالسز ئۆيگە بېرىپ يەنە ئۈچ ئىشتاننى داغ قىلىپ ھەر بىر دۇكانغا بىردىن يۇغۇزۇشقا بەردىم.
ئۆزەممۇ بىلمەيمەن ،نېمە بولدۇمكىن،بەلكىم ئۇ قىزبالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن،ياق!مۇقەرەر ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم،بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان قىزغا غايىبانە ئاشىق بولغان ئىدىم ،مانا چەلەڭگۈچ خىياللار ئىچىدە تاڭ ئاتتى،روھىم شۇنچە كۆتۇرەڭگۈ،بىرىنچى قاتاردىكى دۇكانغا كىردىم، مەندىن سەللا چوڭ بىر يىگىت كىيىم ئىسىپ تۇراتتى.
-ئەجەپ ئوخشايدىكىنا؟ *
بۇ يىگىت چۈشۈمدىكى يىگىتكە بەكلا ئوخشايتى، بىراق بۇنى ئويلاشقا ۋاقىت يوق،كىيىمنى ئېلىپلا دۇكاندىن چىكەتتىم ،ئۆيگە كېلىپ بىرە سائەتچە ئاختۇرۇپمۇ خەتنى تاپالمىدىم،
-بۇ ئەمەس ئوخشايدۇ،يەنە ئۈچ دۇكان باغۇ تېخى.
ئۆزەمگە تەسەللىي بېرىپ ئىككىنچى دۇكانغا كىردىم ،بىر ئايال تۇراتتى ،كىيىمنى ئېلىپلا قايتتىم ،شۇنچە ئاختۇرساممۇ خەت يوق سەل ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ،ئۈچىنچى دۇكانغا بېرىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم...   
دۇكاندا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر ئولتۇراتتى ،كەيپىياتىم سۇلغۇن ھالدا ئىشتاننى ئېلىپ ئۆيگە قايىتتىم.مانا يەنە بىر قېتىم زور ئۈمۈت بىلەن ئىشتاننىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم،خەتمۇ يوق.
-ئاھ خۇدا! ئەجەپ قىلدىڭغۇ ماڭا !
ئەمدى زارلىنىش كەيپىياتى جىسمىمنى كونتىرول قىلىۋالغانىدى،ئۈمۈت شاملىرىم ئۆچەي دەپ قالغانىدى ،ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدۈم شۇ تۆتىنچى دۇكاندا قالغان ئىدى. دۇكانغىمۇ كىردىم ،شۇنچە ئۇماق بىر قىز ئىشتاننى ئېلىپ باردى،زور ئۈمۈتتە شۇ يەردىلا ئىشتاننى ماتلاشقا باشلىدىم،ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىدا راستىنلا بىر نەرسە بار ئىدى،خوشاللىقتىن قىلىدىغان قىلىق تاپالماي كەتتىم...
-ئىشتىنىڭىزدا 40يۇئەننى ئۇنتۇپ قاپتىكەنسىز ئۇنى ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىغا سېلىپ قويدۇم.
-ھە!
كاللامغا پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ يانچۇققا قارىدىم ،دېگەندەكلا پۇلدىن باشقا بەرسە يوق،روھى جىسمىدىن چىكەتكەن ئادەمدەك ئۇيەردىن ئايرىلدىم .ئۆيگە كېلىپ بىر قولۇمدا ئىشتاننى بىر قولۇمدا پۇلنى تۇتقىنىمچە قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم .   
-قىزىق ئىش مەن ئەزەلدىن پۇلنى پورتىمالغا سالاتتىم ،بۇ پۇلنىڭ يانچۇقۇمدا ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىنمۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا چىڭ قاراپ بەرگەن تۇرسام يۇغۇزغىلى،تۆت ئىشتانغا دەل قىرىق كوي كېتىپتۇ،يۈرىكىم قاتتىدە قىلىپ قالدى،دېمەك....
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم ،ئەمما شۇ ئىشتىن باشلاپ ئۆزەمگە بىر ئىشنى ئادەت قىلىۋالدىم ،ئۇ بولسىمۇ ھەر قېتىم قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىن ئىشتىنىمنى ئەكەلگەندە ئاۋال ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا قارايدىغان بولۇپ قالدىم .

ئەسەبىي ئاشىقلىق


شۇ كۈنلەدىن باشلاپ ، قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى مېنىڭ دائىملىق بارىدىغان مەنزىلىم بولۇپ قالدى،مەھەللىمىزدىكى تۆت قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىمۇ مېنى ناھايىتى ئوبدانلا تۇنۇپ كەتكەنىدى، مەن ھەر قېتىم دۇكانغا پەقەت چاي دېغى تۆكۈلگەن كىيىملىرىمنى ئەكىرگىنىمدە ئۇلار ماڭا تەئەججۈپ ئىلكىدە قارايتى، مەندىن بىرەر نەرسە سوراي دەپ ئاغزىنى ئۈمەللىتەتتى يۇ ئەمما مېنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ ئۆزىچە ئەيمىنىپ قالاتتى.
مۇشۇ كۈنلەردە مەن ئۆزەم كۆرمىگەن قىزبالىنىڭ ئىشقىدا كۈيۈپ مۇھاببەت ئازابىنى يەتكۈچە تارتىۋاتاتتىم ،تۇرغان تۇرقۇمنىڭ غەلىتىلىكىچۇ تېخى كىيىملىرىمنى تولا يۇغۇزىۋەرگەچكىمىكىن ئەسلى رەڭگى ئۆڭۈپ ئىشقىلىپ ئۆزەممۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان رەڭگە كىرىپ قالغانىدى،ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ ماڭا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈشلىرى مەن ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىشلاردەك خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمايتى.بارا -بارا كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا مەن بىر ساراڭ ئاتالدىم ،توردىن ئەسەرلىرىمنى كۆرگەن كىشىلەر بولسا مېنى بىر مەجنۇن دەپ ئۆزىنى مەندىن تارتاتتى،مانا ساراڭلارچە بىراۋنى ياخشى كۆرۈش مېنى دوستلىرىمدىن يېنىمدىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمدىن ئايرىدى .كۈنلىرىم تەشنالىق ئىچىدە ئۆتمەكتە،نۇرغۇنلىغان قىزلار مېنى قوغلاشقان بولسىمۇ لېكىن ھىچكىم مەن كۆرۈپمۇ باقمىغان ئاشۇ مەۋھۇم پەرىشتىنىڭ ئورنىنى باسالمىدى،كۈندە ئۆڭۇپ كەتكەن كىيىملىرىمنى كىيىپ نەچچە رەت قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنى ئايلىنىمەن ،بىر كۈنى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىن قايتىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ،ئۆي ئالدىغا كېلىشىمگە تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىدا قىرلىق ئىستاكان فىلىمىدىكى باخشى-داخانلار غا ئوخشايدىغان تولىمۇ كۆرۈمسىز بىر نەچچەيلەننىڭ ئاتا-ئانام بىلەن  پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ،ئۇلارغا سەپ سالمايلا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئادىتىم بويىچە زور ئۈمۈت ئىچىدە ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى ئوخشاش بولغان نەتىجە،يەنى ئىشتاندا خەتنىڭ بۈرجىكىمۇ كۆرۈنمەيتى،كاللامنى چاڭگاللىغىنىمچە جايىمدا گومۇشلارچە ئولتۇرۇپ قالدىم.
-ئوغلۇم!ئوغلۇم !بۇياققا چىقە. !.
ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز چاقىرىشىدىن چۆچىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقتىم .
-مۇشۇ بالا شۇ موللام،يېرىم يىلدەك بولۇپ قالدى ،كۈندە كىيىملىرىنى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا ئاپىرىدۇ،نىمە سەۋەپتىن بۇنداق قىلىۋالىدىغانلىقىنى سورىسام گەپمۇ قىلماي ......
ئانام گپنىڭ ئاخىرنى دەپ بولالماي ماڭا ئېسىلىپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى.ئەمدى بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغانىدىم،ئەمدى ئۆز ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدىمۇ ساراڭ بولغانىدىم.ئۇلار ھەدەپ مەن توغرىلىق سۆزلىشىۋاتاتتى،تۇيۇقسىزلا تەلۋىلىكىم تۇتتى،ئۇلارنىڭ پاك سۆيگۈمنى دەپسەندە قىلىشىغا قاراپ تۇرالمىدىم.
-بولدى قىلىڭلار!كىم مېنى ساراڭ دەيدۇ؟سەنمۇ قىزىقكەنسەن ئانا ،مانا ئوغلۇڭ ساپساق تۇرمامدۇ،نەدىكى بىر نېمىلەرگە ئىشىنىپ ،سېنىزە.
ئاپامغا باتنىغاندەك قىلىپ ئويدىن چىكەتتىم،كاللامدا يەنە شۇ خەتنىڭ ئېگىسى،ئاشۇ جانانىمنىڭ مېھرى ئاتەش ئەمما ئۆزى كۆرۈنمەس چىرايى .دۇنيا ماڭا يەنە بىر قېتىم قاراڭغۇ بىلىنىشكە باشلىدى،راست گەپنى قىلغاندا مېنىڭ تاغدەك ئىشەنچىم بارغانچە سۇسلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى،مۇشۇنداق ئازاپلىق كۈنلەردە ئەڭ ياخشى ئۈلپىتىم  يەنىلا ھاراق،ئەمما مەن بىلەن بىرگە ئۈلپەت بولۇپ ئىچىشىدىغان دوست-يارەنلەرنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن ياتلاشقان، يالغۇز تازا ئىچتىم ،ئەتىسى قوپسام ئۆيدە يېتىپتىمەن ،كاللام تولىمۇ ئاغرىۋاتاتتى،ئاخشام مېنى بىرە تۇنۇشلار ئەكىرىپلا ياتقۇزۇپ قويغان چېغى كىيىملىرىمنىمۇ سالماي ئۇخلاپ قاپتىمەن ،قارىسام ئۇچامدىكى كىيىم توپا بىلەن مىلىنىپ تولىمۇ مەينەت بولۇپ كەتكەنىدى،ئۇمۇ ياخشى بولدى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ،بۈگۈن قايسى كىيىمگە چاي تۆكەمەن دەپ ئارتۇق غەم  يېمەيدىغان بولدۇم.
يۈزۈمنى ھاپىلا-شاپىلا يۇيۇپ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قاراپ ماڭدىم ،دۇكاندارلارنىڭ ھەممىسى مېنى تۇنۇپ كەتكەنىدى،گەپمۇ قىلماي ئىشتاننى تاشلاپلا دۇكاندىن چىكەتتىم .ئەمدى يەنە بىر دۇكانغا بېرىپ تۈنۈگۈن بەرگەن ئىشتاننى ئېلىپ كېلىشىم كېرەك ئىدى،مانا بۇ دۇكانغىمۇ كەلدىم ،تالوننى بېرىپ ئىشتاننى ئېلىۋالاي دەپ يانچۇقنى ئاختۇرسام يانچۇقۇم قۇپقۇرۇق ،قاتتىق جىددىيلەشكىنىمچە ئۇستامغا قارىدىم ،ئۇ كىشىمۇ ئىشنى ئۇقۇپ بولغان بولسا كېرەك ھايال قالمايلا ئىشتىنىمنى ئېلىپ بەردى، چۈنكى ئىشتىنىم بۇ يەردىكى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكىلەرگە تۇنۇش ئىدى، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن ، بەزى يەرلىرى تىتىلىپ كەيگۈچىلىك يېرىمۇ قالمىغان ئاشۇ ئىشتان دەل مېنىڭ ئىشتىنىم ئىدى.شۇ يەردىلا ئىشتىنىمنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا بۇ ئۇستام ئىشتىنىمنى ئاختۇرساملا ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك دۇرۇس تىجارەتچى ئىكەنلىكى توغرىلىق قايناپلا كېتەتتى،ئەمما بۈگۈن ھىچ ئىپادىسىزلا ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرماقتا ئىدى.ئەپسۇزلۇق ئىچىدە دۇكاندىن ئايرىلدىم .تاكسى توسماقچى بولۇپ يانچۇقۇمنى ئاختۇرسام قۇپقۇرۇق، ئەتىگەن ئالدىردشچىلىقتا پۇل ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانىدىم .ئامالسىز پىيادە ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم.گەرچە ئۆي بىلەن بۇ يەرنىڭ ئارلىقى ئانچە يىراق بولمىسىمۇ نىمىشقىكىن بۈگۈن پىيادەيول مېنىش پەقەت خوش ياقمايۋاتاتتى، قۇلۇمدا تېخى بايىلا ئەپچىققان ئىشتاننى كۆتۇرگىنىمچە يولدا سەۋدايىلارچە كېتىپ بارماقتىمەن .ئاخشام ئىچكەن ھاراقنىڭ تەسىرىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بېشىم قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى.
-ھاراق چىشلىۋالدىمۇ يا؟
ئۆزەمچە شۇلارنى ئويلاپ ھاراقنىڭ چىشىنى چېقىش ئۈچۈن قاۋاققا قاراپ يول ئالدىم،يەنە ئىچتىم نىمىشقىكىن ھاراق ئىچسەملا ئازابىمنى يۇشۇرالمايتىم نەچچە رومكا ئىچىپلا مەست بولدۇم ، ئەمدى ئۆزەم بىلگەن ئاھاڭغا ناخشا توۋلاپ بۇ يەردىكىلەرنى پاراكەندە قىلىۋەتكەنىدىم ، قاۋاقخانا ئىگىسى ئىلاجىسىز مېنى بۇ يەردىن قوغلاپ چىقاردى.دەلدەڭشىپ ماڭغىنىمچە ئۆيگە قانداق كىلىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن ،ئۆيگە كىلىپلا يەنە ئۇيقۇغا دۇم چۈشۈپتىمەن . يېرىم كىچە بولغاندا توساتتىنلا قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقنى ھىس قىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەيدىغان نەرسە ئىزدەشكە باشلىدىم قېرىشقاندەك ھۆل-يىمىشتىن باشقا قورساق ئەستەرلىگۈدەك ھىچنىمە يوق، ئامالسىز شۇلارنى بولسىمۇ يەي دەپ ئويلاپ يېرىم كاسا تاۋۇزنى ئويۇپ يىيىشكە باشلىدىم .ئەمدى ھىچبىر ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، كىيىمىمنى كەيدىم دە تالاغا چىقىشقا تەمشەلدىم .
كوچا تولىمۇ جىمجىت، يالغۇز ئاي تاماشاسى قىلىش نېمىدىگەن لەززەتسىزھە؟ئەگەر ئۇ بولغان بولغان بولسا؟   
شۇلارنى ئويلاپ تۇيۇقسىز چاقناپ تۇرغان بىر ۋىۋىسكىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.
قۇرۇق يۇيۇش دېكىنى ئىكەن ، نەچچە كۈندىن بېرى سەپ سالماپتىمەن ،قاچان ئېچىلغان بولغىيتى ،ماڭا تىگىدىغان خەت تېخى مۇشۇيەردىن چىقىپ قالامدۇ ؟
خوشلۇقۇمدا بۇ كېچىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن،ئەتىسى سەھەردىلا ئۆيدىن چىقتىم ،ئەلۋەتتە يەنە بىر ئىشتىنىمنى داغ قىلىشنىمۇ ئۇنۇتمىغان ئىدىم،بۇ قېتىم داغ قىلغان ئىشتان مەن ئەڭ ئامراق ئىشتان بولۇپ تۇنجى قېتىم ماڭا مۇشۇ ئىشتاننىڭ ئىچىدىن خەت چىققانلىقى ئېنىق ئېسىمدە ،شۇڭا بۇ ئىشتاننى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا تولىراق ئاپىراتتىم، نىمىشقىكىن بۈگۈن روھىم باشقىچە كۆتىرەڭگۈ، مەغرۈر قەدەم بىلەن بۇ يېڭى ئاچقان قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا كىردىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خۈش كەپسىز!
ناھايىتى زىل بىر ئاۋازدىن ئېسەڭگىرەپ ئالدىمغا قارىدىم ،ناھايىتى چىرايلىق، پەرى سۈپەت بىر قىز ئىللىق تەبەسسۇم ئىچىدە ماڭا بېقىپ تۇراتتى.توۋا!دەپ قالدىم ئىچىمدە،نەچچە ۋاقىتلاردىن بۇيان قىزلار ماڭا ئەزەلدىن بۇنچە يېقىملىق تۇيۇلۇپ باقمىغانىدى ،بۇگۈن نىم بولغاندىمەن ،شۇلارنى ئويلاپ ئۇ قىزغا ئىشتاننى قانداق بېرىپ ،دۇكاندىن قانداق ئايرىلغانلىقىمنىمۇ ئۇقمايلا قالدىم ،ئەجەپ قىزىق ئىش ،ئۇ قىزنى بىر  يەتدە كۆرگەندەكلا قىلاتتىم ،شۇلارنى ئويلاپ يەنە بىر قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا كېلىپ قاپتىمەن ،بولدى ئەمدى ئاشۇ بىرلا دۇكانغا ئۈمۈدۇمنى باغلاي دېگەن خىيال بىلەن ھەممە قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا بېرىپ كىيىملىرىمنى ئەكەلمەكچى بولدۇم، خۇددى مۇشۇ يېڭى ئاچقان دۇكاندىن بىر جاۋاپقا ئېرىشىدىغاندەكلا قىلاتتىم،بىر كۈننىڭ ئۆتىشىنى تەقەزالىق ئىچىدە ساقلىدىم .
-ئەگەر ئەتە ئىشتىنىمنى ئالغىلى بارسام ئىچىدىن خەت چىقىپ قالسا .......
شىرىن خىياللار ئىچىدە بىردەمدىلا تاڭ ئاتتى ،گەپمۇ قىلمايلا ئۆيدىن چىقىپ دۇكانغا قاراپ يول ئالدىم ،بەك ئەتىگەن كېلىۋالدىممۇ قانداق دۇكاننى تېخى ئاچمىغانىدى، ئالاھەزەل يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن دۇكاننى ئاچتى. ئۇ قىز يەنىلا تۈنۈگۈنكى ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن ماڭا بېقىپ تۇراتتى ،مەن ئۇ قىز بىلەن سۇسقىنا ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ئىشتاننى ئېلىپ بۇ يەردىن ئايرىلدىم ، ئۆيگە كېلىپ ئىشتاننى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،دېگەندەكلا ئىشتاننىڭ ئارقا يانچۇقىدا بىر پارچە خەت تۇراتتى، خەتنى ئېلىپ سىقىمداپ تۇتقىنىمچە شىرىن خىياللارغا غەرىق بولدۇم.
-سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن ،سىزنى ياخشى كۆرىمەن.....
چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە قۇلۇمدىكى قەغەزگە قارىدىم .
-ئاھ خۇدا! بەندەڭگە مۇشۇنداقمۇ چاقچاق قىلامسەن ، نېمىشقىمۇ ئىنسانلار ئارىسىغا مۇھاببەت ئۇرۇقىنى چاچقانسەن، مۇشۇ مۇھاببەت دېگەن ئۇقۇمنى بىلمەيلا ئۆتۈپ كەتسەم بولماسمىدى، ئاھ خۇدا.....
قولۇمدا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنىڭ تالونى تۇراتتى، شۇ ئىشتىن كېيىن قاتتىق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىم ، ئاتا-ئانامنىڭ مېنى كۆرسەتمىگەن دوختۇرلىرى، ئۇقۇتمىغان داخانلىرى قالمىدى، 15كۈندەك ئۆتكەندىن كېيىن سەللىمازا ياخشى بولۇپ كوچا-كويلارنى ئايلانغۇدەك بولدۇم ،چىرايىم تېخىمۇ ياداپ ، بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانىدىم.ئۆزەممۇ ئۇقمايلا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن ،يەنە كونا كېسىلم تۇتتى ، شاپپىدە ئۆيگە كەلدىم ، قارىسام ھەممە كىيىملىرىمنى ئاپام يۇيۇپ قۇيۇپتۇ، ئامالسىزلىقتىن  مەن ئەڭ ئامراق ئىشتانغا چاي تۆكۈپ ئۇنى داغ قىلدىمدە شۇ ھامانلا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قاترىدىم ، كىيىمنى بىرىپلا گەپمۇ قىلماي ئۇ يەردىن چىقىپ كەتتىم ، ئەمدى يەنە بىر قېتىملىق بېسىمغا بەرداشلىق بەرگۈدەك ماجالىم قالمىغانىدى.تەشۋىشلەر ئىچىدە بۇ كۈننىمۇ ئۆتكۈزىۋالدىم ،ئەتىسى دۇكانغا كىرىپ ئۇ قىزنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن تالوننى كۆرسىتىپ ئىشتاننى ئەكەتمەكچى بولدۇم.
-كەچۈرۈڭ!
تۇيۇقسىز قىلىنغان بۇ تەكەللۇپتىن سەل ھەيران بولۇپ ئۇ قىزغا قارىدىم .
-كەچۈرۈڭ ، بۇ كىيىمىڭىزنىڭ يۇغىدەك يېرى قالماپتۇ، تۈنۈگۈن دەي دېيىشىمگىلا چىكىتىپ قالدىڭىز، ئەمدى يۇساق .....
ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق ھالەتتە ئۇ يەردىن ئايرىلدىم، مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمۈدۇم بولغان بۇ ئىشتانمۇ مېنى تاشلاپ كەتمەكچى بولىۋاتاتتى، مەن ئۈچۈن بۇ ئىشتاننىڭ  يوقىلىشى ئۈمۈت شامىمنىڭ ئۆچكەنلىكىدىن بىشارەت بېرەتتى،كەيپىياتىم سۇلغۇن ھالدا ئۆيگە كەلدىم ۋە قولۇمدىكى ئىشتاننى چىڭ قاماللاپ تۇتقىنىمچە ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمەيمەن ،بىر كەملەردە ئاۋازىم پۈتۈپ قاپتۇ،كۆزۈم يەنىلا ئاشۇ تىتىلىپ ھالى قالمىغان ئىشتاندا ئىدى، ئەڭ ئاخىرقى رەت ئۇ ئىشتاننى كىيىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنى قولۇمغا  ئالدىم ، مۇشۇ تۇرقۇمدا تالاغا چىقسام خەق قانداق ئويلاپ قالار؟
ئەمما تېنىم مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بوي سۇنمايۋاتاتتى.ئەتراپ قاپقاراڭغۇ ،تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرى بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل بىلىنگەن ئىدى، ئەمدىچۇ ؟ مېڭىۋاتىمەن ،مەنزىلىم قايان ئۇنىمۇ بىلمەيمەن ،بەلكىم شۇ قاراڭغۇ دۇنيا ئىچىدىن يۇرۇقلۇق ئىزدەش ئۈچۈن توختىماي مېڭىۋاتقاندىمەن....


قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھاببەت



تۇرمۇشۇم تەدىرىجى ئىزىغا چۈشۈشكە باشلىدى، مانا بۈگۈنمۇ ئادەتتىكىدەك ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈزۈمنى يۇيۇش ئۈچۈن تازلىق ئۆيىگە ماڭدىم ، ئەمدى قۇلۇمغا سۇ ئېلىپ يۈزۈمنى يۇياي دەپ تۇرۇشۇمغا ..........
ئەپتىمگە قاراپ ھەيران قالدىم ،ساقاللىرىم بىر غۇلاچ ئۆسكەن ، چاچلىرىم پاخپايغان سۆرۈن تەلەتىم مېنى ۋوللىۋوتتىكى ئالۋاستى ئوبرازىنى ئالىدىغان چولپانلاردىن قېلىشمىغۇدەك ھالەتكە ئەكىلپ قويغانىدى .
-توۋا،مۇشۇنداق تەلەتىم بىلەن قانداقمۇ سىرتقا چىققاندىمەن؟باشقىلارنىڭ مەندىن ئەيمىنىپ  قېچىشى بىكار ئەمەسكەندە؟
تۇرقۇمدىن ئۆزەمچە خىجىل بولۇپ ساتراچخانىغا بىرىپ ساقال- بۇرتۇمنى  ياسىنىش نىيىتىگە كەلدىم .
-ئالە شەرىڭنى
كېىيىۋلغان كىيىملىرىم تېخىمۇ ۋەيرانى ئىدى، ئىشتىنىمنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ ، تارىلىپ نەچچە يېرى يىرتىلىپ كەتكەن ، مايكاممۇ تولا چاي دېغى تۆكۈش سەۋەبىدىن  داغلار خۇددى  مايكىنىڭ زىننىتىدەك جۇلالىنىپ تۇراتتى .توساتتىنلا ئۇ يەرگە بېرىشتىنمۇ يالتىيىپ قالدىم ،راست گەپنى قىلغاندا بۇ تۇرقۇم بىلەن كوچىغا چىقىشتىن سەل نۇمۇس قىلىپ قالغانىدىم.
ئۆزەمچە كۈلگۈم كەلدى ، مۇشۇ ئەپتىمدە تالاي قېتىم ئۆزەم كۆرمىگەن قىزدىن  سۆيگۈ تىلەپ ئۇنى ئىزدەپ بېرىپتىمەن ، كىشىلەر ياقىسىنى  تۇتۇپ قانچە كۈلگەندۇھە؟ ئەگەر ئۇ قىز راستىنلا پەيدا بولغان بولسا بۇ قىياپىتىمنى كۆرۈپ ئايلىنىپ قالار ئىدى بەلكىم .ئەپسۇز ئەمدى ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتتى ، سەۋدايىبلارچە ئاشىق بولۇش مېنى راستىنلا غەلىتە بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى، ئەمدى ئەقلىمنى تاپتىم ، قۇرۇق يۇۇيش دۇكىنى ئەمدى مېنىڭ دېققىتىمنى تارتالمايدۇ؟
شۇلارنى ئويلاپ ساقىلىمنى ئۆزەم ئېلىپ سىرىتقا چىقتىم .
-نەگە ماڭدىڭ ئوغلۇم؟
ئانامنىڭ گېپى جاۋاپسىز قالدى، كوچىغا چىقىپ ئۆزەمنى  قۇيىۋەتتىم ، قەدەملىرىمنىڭ مېنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىنىمۇ ئۇقمايتىم . ھەممە كىشى ماڭا ھەيرانىلىق نەزىرى بىلەن قارايتى، ئالۋەتتە شۇنداق بولىدۇ دە،چۈكى مەن ئۆزگەردىم ، ھەممىنىڭ ئاغزىغا چىقىدىغان ، قىزلار ھەۋەس بىلەن قارايدىغان شۇ يىگىت ئەمدى ئەسلىگە قايىتقانىدى .قەدەملىرىم تۇيۇقسىز توختاپ قالدى .
-قىزىق ئىش قۇرۇق يۇيۇش دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسى تاقىلىپ قاپتا؟
ئىنسان دېگەن راستىلا ھىسياتچان مەخلۇق، بۇ كونا جايغا كېلىپلا ،پەسلەپ قالغان سەۋدايىلىق يەنە كۈچىيىشكە باشلىدى ،ئۆزەمنى تىزگىلىيەلمەي بىر قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، بۇ دۇكان ئەمدى تاللا بازىرى بوپ كېتىپتۇ، ھەممە ئۆزگەرگەن پەقەت بۇ دۇكاننىڭ ئورنىلا شۇ پېتى، باشقا يەردىكى دۇكانلارغىمۇ بېرىپ باقتىم ھەمىسى تاقىلىپ ئورنىغا يېڭى دۇكان ئېچىپتۇ ،ئۆزەممۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان شىرىن تۇيغۇلار ئىلكىدە ئۇ يەردىن ئايرىلدىم
-،توغرا يەنە بىر قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى بولىدىغان ، شۇ يەرگە بېرىپ باقمايمەنمۇ؟
غۇيت كىلىپ كەچكەن بۇ خىيالدىن خوش بۇلۇپ ئۇ يەرگە قاراپ ماڭدىم، كاللامنى ھەرخىل قىياسلار قاپلىۋالغانىدى ،.
-يېقىن ئەتراپتا بىرمۇ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى قالماپتۇ، ئەگەر ئۇ يەرنىمۇ تاقىۋەتسە .........
شۇخىياللار ئىچىدە بىردەمدىلا نىشانغىمۇ كېلىپ بولدۇم،ئەپسۇز بۇ دۇكانمۇ تاقالغان ،ئەمما بۇ يەر شۇنداق جىمجىت ،ئادەملەرمۇ شالاڭ ئىدى،دۇكان ئالدىغا يېقىن كېلىپ ئەينەكتىن ماراشقا باشلىدىم.
ھە، بۈگۈن ئارام ئالغان ئوخشايدۇ،ئەتە كېلەي.
قەدەملىرىم ئىختىيارسىز ئۇيەردىن ئايرىلىشقا باشلىدى، مېڭىۋىتىپ كۆزۈم تۇيۇقسىزلا تامدىكى چاپلاغلىق ئېلانغا چۈشتى.
- بۇ دۇكان سېتىلىدۇ
ئەسلىدە بۇ دۇكاننى ئالىدىغان ئادەم چىقماپتىدە؟ قىزىق ئىش بۇ دۇكاننىڭ ئورنى باشقا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا قارىغاندا ئەۋزەل،سودىسىمۇ ئالامەت ياخشى ئىدى نىمىشقا تاقايدىغاندۇ؟ بەلكىم باھاسى قىممەت بولىشى مۇمكىن ،ئورنى ياخشى ئەمەسمۇ؟
ئۆزەمنىڭ قانداق ئۆيگە كېلىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن ،ئەس يادىم يەنىلا قۇرۇق يۇيۇش ئورنىدا ئىدى.توساتتىنلا شۇ دۇكاننى سېتىۋېلىش ئويىغان كەلدىم ،شۇنىڭ بىلەن كەچتە دادامغا بۇ توغىرلىق سۆز ئاچتىم ،ما ئېشنى كۆرۈڭ ،مەن تېخى دادامنىڭ تەرسا مىجەزى بۇ ئىشقا يول قويمايدۇ دەپ ئويلىسام ،ئۇنىڭ ئەۆسىچە دادام پىكىرىمنى ناھايىتى قۇۋەتلىدى،بەلكىم دادام مېنىڭ بىكار تۇرۇپ كەتكەنلىكىمگە قاراپ بۇ تەلىپىمگە قۇشۇلغان بۇلىشىمۇ مۇمكىن .بىزخېلى ئۇزاق پاراڭلاشتۇق ،مەسلىھەتلەشكىنىمىز بويىچە ئەتىسى  بىللە بېرىپ دۇكاننى كۆرۈپكېلىدىغان بولدۇق .............
-بۇ قانداق گەپ ئەمدى بىزنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز بولمىسا ، دۇكاننى ئايرىم ئالساق نىمىشقا بولمايدۇ؟ قانچە پۇلدېسە مەيلى ئەمەسمۇ، ئادەمگە زولاپ بۇ تۆمۈز تەسەكلەرنى تاڭساڭلا ئەقىلگە سىڭمەس ، بۇ بالىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى سىلەرگە مەندىنمۇ بەك ئايان ،ئاران بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتاي دېگەندە...
دادام سەل چېچىلىپ قالغانىدى ،دۇكان ئىگىسى دۇكاننى ،قۇرۇق يۇيۇش ئۈسكىنىلىرى بىلەن تەڭ ساتىمەن دەپلا تۇرىۋالغانىدى ،شۇنچە ئۇزاق زاكۈنلاشقان بولساقمۇ ئۇ ئادەم پەقەتلا ئۇنىمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز دۇكاننى شۇ پېتىلا ئېلىشنى قارار تاپتۇق ،شۇنچىلىك خوشال بولغانىدىم ،بۇ دۇكاننى سېتىۋالغانغا ئەمەس بەلكى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى ئاچقانغا ئىشەنگىم كەلمەيتى ،بۇ مەن چۈۈشۈمدىمۇ تەسەۋۇر قىلىپ باقمىغان خىيال ئىدى ،دەل مۇشۇ قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى، مېنى يېڭى ئەسىردىكى يېڭىچە بىر سەۋدايى قىلىپ قويغانىدى،مۇشۇ يەنىڭ باھانىسىدە قانداق ئىشلارنى كۆرمىدىم دەيسىز ، كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدىم ، ئاتا-ئاناممۇ قۇلۇم قوشنىلارنىڭ ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى،ھەي!!!
دادام ئىشنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ،مەندىن سوراپقالدى .
-ئوغلۇم، ئەمدى سەنمۇ خوجايىن بولدۇڭ،ئېيتە دۇكانغا قانداق نام بېرىشن ئويلىدىڭ ؟
دادامنىڭ بۇ گېپىدىن سەل تەئەجقۈپلىنىپ دادامغا قارىدىم.
-دەۋە، بۇ دۇكان ئەتىدىن باشلاپ سېنىڭ بولىدۇ، كۆڭلۈڭگە ياققاننى تاللا،ھازىرلا بېرىپ ۋىۋىسكا ياسىتىپ كېلەيلى.
خوشاللىقىم ئىچىمگە پاتمايۋاتاتتى، توساتتىن ئۆتكەن كەچمىشلەر ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
-دادا، مېنىڭچە بولسا <<قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھاببەت >> دەپ ئاتايلى .
-قانداق ئىسىم بۇ ئەمدى، بولدىلا ،سىلە ياشلارنىڭ ئويلىمايدىغىنى يوق، مۇشۇنى قىلساڭمۇ قىل .
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى ، مەنمۇ دۇكاننىڭ ئىشلىرىغا خېلى كۆنۈپ قالدىم ، ئەس-يادىم ياخشى بىر قۇرۇق  يۇيۇش دۇكىنى خوجايىنى بولۇش ئىدى، قىزىق ئىش بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزەممۇ ئۇقماي خېرىدارلارنىڭ ئىشتانلىرىنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ قالاتتىم .سودام بارا-بارا يۈرۈشۈشكە باشلىدى، يېقىن ئەتراپتا بۇنىڭدىن باشقا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى بولمىغانلىقتىن  كىشىلەر ئاساسەن دېگۈدەك مېنى ئىزدەپ كېلەتتى، مەنمۇ بۇنىڭدىن كۆرەڭلەپ كەتمەي بار كۈچۈم بىلەن خېرىدارلىرىمنى رازى قىلىشقا تىرىشاتتىم ، كىيىنچە دۇكاننىڭ سودىسى بەك يۈرۈشۇپ كەتكەنلىكىدىن قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتتىم ، بىر نەچچە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتىم .
مانا ھازىر خەقىنڭ ئاغزىدا پەزىلەتلىرىم ئۈزۈلمەيتى، ئىلگىرى مېنى سەۋدايى دەپ مەندىن قاچقان قىزلار ئەمدى مېنىڭ ئەتراپىمدا پەرۋانە ئىدى، ئەمما پۈتكۈل ئەس يادىم مۇشۇ دۇكاندىلا بولغاچقا ئۇلارغا ئانچە قىزىقماس بوپ كەتكەنىدىم .
لىكىن نىمىشقىكىن مۇشۇ ئىشتان ئاختۇرىدىغان  ئىشلىرىم بارغانچە كۆپىيىپ قالغانىدى، نەچچە قېتىم خەتلەرمۇ چىقىپ قالدى، ئەمما ئاساسەن دېگۈدەك تالۇن ، قۇرۇق قەغە بولۇپ چىقاتتى،شۇچاغلاردا خەت باركەن دەپ شۇنچە خوشال بولغان بولساممۇ ئەمما ئىچىدىن چىققان نەرسىلەرنى كۆرۈپ يەنە غەش بوپ قالاتتىم، بۇ ئىشىمغا دۇكاندىكى خىزمەتچىلەرمۇ سەپ سالغان چېغى ، نەچچە قېتىم مەندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىدى ،بىراق مەن ئۇلارغا بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈشنى خالىمايتىم.شۇئىشتىن كېيىن يانچۇق ئاختۇرىدىغان ئىشنى  ئادەمگە كۆرسەتمەي قىلىشنى قارار تاپتىم ، كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، بارا-بارا داڭقىم تارقىلىشقا باشلىدى، ھازىر مەن ئۆز جايىمدىكى خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن ئادەم بوپ قالغاچقا، قىلغان ئىشلىرىم بىردەمدىلا خەقنڭ ئېغىزىغا چىقىپ بولاتتى ، ئەلۋەتتە ھەممىسى دېگۈدەك مېنى ماختايدىغان بولۇپ بۇرۇنقى سەۋدايىلارچە كۈندە ئىشتىنىمنى داغ قىلىپ قۇرۇق  يۇيۇش دۇكىنىغا قاترايدىغان ئىشلىرىم ئۇلارنىڭ  ئېسىدىن چىكەتكەندەك قىلاتتى.
مۇشۇ نەچچە كۈندىن بۇيان تۇيۇقسىز دۇكاننىڭ ئىشىكىگە تولا يۈرەكنىڭ رەسىمى سىزىلىپ قالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ قالدى،قارىسا شۇنداق چىرايلىق ئادەمنىڭ ئۆچۈرۋەتكىسى كەلمەيتى، شەكىل چىقىرىپ يېزىلغان خەتلەر ئادەمنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايتى،كۈندە ئۆچۈرۈپ تۇرساممۇ  يەنە يېزىلىپ قالاتتى، تۇيۇقسىز بۇنىڭ بىر ئادەم يازمىغان خەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدىم ، باشتا يۈرەكنى سىزىپ قۇيىدىغان كىشىلەر ئەمدى مۇھاببەت شېئىرلىرىنى ، ھەتتا مەن سىزنى سۆيىمەن دەپ خەت قالدۇرۇپ قۇياتتى، ئەمدى ھەقىقى ئەھۋالنى سەزگەندەك بولدۇم ، بۇئىشلارنىڭ ھەمىسى ماڭا ئاشىق بولغان قىزلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئۆزەمچە كۈلگۈم كەلدى .
-توۋا!ئىلگىرى مەنمۇ مۇشۇنداق ئۆزەم كۆرۈپمۇ باقمىغان قىزغا غايىبانە ئاشىق بولغان ھە، بۇلارغۇ خېلى تەلەيلىككەن ، مېنىڭ چىرايىمنى ، ئەھۋالىمنى كۆرۈپ ماڭا ئاشىق بولغان.
كىيىنچە بۇ رەسىملەربىلەن كارىم بولمىدى، ئىشىك پۈتۈنلەي رەسىم، مۇھاببەت شېئىرلىرى بىلەن توشۇپ ئەمدى دۇكاننىڭ ئالدىغىمۇ سىزىلىشقا باشلىغاندى،ئەمما بۇنىڭ سودامغا راستلا پايدىسى بولدى، كىشىلەر ھەيرانلىقتا رەسىمگە قارايتى، بەزى يىگىتلەر نەچچە قېتىم ئىچى تارلىق قىلىپ رەسىملەرنى ئۆچۈرىۋەتكەن بولسىمۇ بىراق ئەتىلا ئۆچۈرۈلگەن جايغا رەسىملەر تۇلۇقلىنىپ قالاتتى...
كېسەل يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە دېگەندەك مېنىڭ ئىشتان ئاختۇرىدىغان ئىشىم بارغانچە كۆپىيىپ قالغانىدى، بۇ ئىشىم ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كىشىلەر ئارىسىدا گەپ-سۆز تارقىلىشقا باشلىدى،ھەممە ئادەم يەنە جىن چاپلاشتىمىكى دەپ مەندىن يىتىرقايدىغان بوپ قالدى، ئىشىك ئالدىدىكى رەسىملەرمۇ يوقىلىپ ، دۇكاننىڭ سودىسىمۇ كاساتلاشتى، ئەڭ يامان بولغىنى ئىشلەيدىغان خىزمەتكارلارمۇ دۇكاندىن كېتىپ قالدى ، يەنە شۇ سەۋدالىق مېنى بىر قېتىم كىشىلەر ئارىسىدا يۈزۈمنى چۈشۈردى، نىمىشقىكىن كۈندىن-كۈنگە غەمكىنلىشىپ كېتىۋاتاتتىم، دۇكاندا چىۋىن قورۇپ ئولتۇراتتىم ،تۇيۇقسىز تېلفۇن كەلدى ،ئالسام دادام ئىكەن ،ئۆيگە تېز كەل ئازراق ئىز چىقىپ قالدى دەپ تېلفۇن قىپتۇ ، بەرىبىر دۇكاندا ئادەم بولمىغاندىن كېيىن بېرىپ كەلمەيمەنمۇ دەپ ئويلاپ دۇكاننى پېپىپ قۇيۇپلا ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم ، ئۆيگە كەلسەم باشقىمۇ گەپ يوقكەن دادامنىڭ تاپىلىغان ئىشنى پۈتتۈرۋېتىپ دۇكانغا قايتىپ كەلدىم .
كۆڭلۈم پەرىشان ھالدا كېلىپلا ئىشتان ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ، چۈنكى مۇشۇ ئامال ماڭا ئەڭ ياخشى تەسەللىي ئىدى.
توساتتىن بىر ئىشتانغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ،بۇ ئىشتان بەك تۇنۇش ئىدى .
-ئەجەپ ئوخشايدىكىنا ؟
بۇ مەن ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ ياقتۇرۇپ كىيىدىغان ئىشتان ئىدى، كىيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ئىشتاننىڭ كەيگۈچىلىكى قالمىغاچقا تاشلاپ قويغانتىم ، بۇ ئىشتانمۇ شۇنىڭغا ئۆز ئەينى ئوخشايتى ، ئەمما بۇ ئىشتان تېخى پېتىدىن چۈشمىگەن ئىدى، ئىشتاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ،بۇ ئىشتاندا خەت  بولىشىنى تولىمۇ ئۈمۈت قىلاتتىم ،دېگەندەك بىر نەرسە قولۇمغا ئۇرۇلدى ،ئېچىپ قارىۋىدىم ،تۇمارچە قاتلانغان بىر قەغەزكەن ، ھاياجاندا ئېچىپ ئۇقۇشقا باشلىدىم .
-ياخشىمۇسىز ئاشىق يىگىت.بەلكىم بۇ خەتنى كۆرگەن چېغىڭىزدا خوشاللىقىڭىزدىن بېشىڭىز كۆككە يەتكەن بولىشى مۇمكىن ، توغرا مەن سىزگە تۇنجى قېتىم ئېغىز ئاچقان قىز شۇ ، مەن پەقەت چىن مۇھاببەتنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدىلا سىزگە ئاشۇنداق ئۇسۇلنى قولانغان، لېكىن سىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭىز مېنى راستىنلا تەسىرلەندۇرۇپ قويدى ، سىز قانچە ئازاپلانسىڭىز مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئازاپلاندىم ، مەن سىزئارقىلىق ھەقىقى پاك مۇھاببەتنىڭ ئۇنداق ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدىم ، مەن ئاشۇ بىر پارچە خەتنىڭ سىزنى ئاشۇنداق ئىشلارغا دۇچار قىلىشىنى پەقەتلا ئويلىمىغانىدىم ،لېكىن سىز نىمىشقىكىن مېنى غايىبانە ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز، باشتا سىزنى نېرۋىسىدا چاتاق بار ئوخشايدۇ دەپ قالغانىدىم،ئەمما قىلغان ئىشىڭىز مېنى راسلا ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى ، كىيىنچە ئۆزەممۇ بىمەي مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، تەسىرلەندىم ، چۈنكى مەن سىز ماڭا  ھەقىقى مۇھاببەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردىڭىز ، داستانلاردىكى پەرھات-شىرىن ،لەيلى-مەجنۇن ئوبرازىنى كۆرگەندەك بولدۇم ، بەزى چاغلاردا ئويلاپمۇ قالدىم ، بىر پارچە خەتكىمۇ ئاشۇنداق قىلىپ كەتكەن يەردە ،ئەگەر مېنى كۆرۇپ قالسا قانداق بولۇپ كېتەرسىز ھە ، ئەمما مەن تەن بەردىم سىزنى بۇنداق ئازاپلاشنى خالىمىدىم شۇڭا يەنە بىر قېتىم ئىشتانغا خەت سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سىزگە بولغان ھىسياتىمنى ئىپادىلەشنى قارار تاپتىم .بولدىلا ، ئەمدى گېپىمنى مۇشۇ يەدە ئاخىرلاشتۇراي،رەخمەت سىزگە ، ماڭا ھەقىقى مۇھاببەتنى بىلدۈرۈپ قويغىنىڭىزغا ، رەخمەت ماڭا چىن سۆيگۈ ئاتا قىلغىنىڭىزغا.
سىنى سۆيۈپ غايىبانە مەشۇقىڭىز....

يانچۇقچى


- خىيالى دۇنيادىكى مەۋھۇم ئاشىقىم ماڭا تەن بېرىپتۇ، يازغان خەتلىرىنىڭ تاتلىقلىقىچۇ تېخى، ماڭا چىن سۆيگۈ ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەخمەت دەيدۇ، توۋا، مۇھاببەت دېگەن مۇشۇمىدۇ ئەمدى؟ئۆزەم كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر قىزنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولدۇم دېسە ، شۇنچە ئۇزۇندىن بىرى مەن ئۇنىڭ رىئاللىق بولىشىنى ئويلاپ كەلدىم ،ئۇنىڭ مۇھاببىتىنى رىئال دۇنيادىكى ھەر بىر شەيئىدىن تېپىشقا ئىنتىلەتتىم ،ئەمما مەن قانچە ئىنتىلگەن سىرى خىيالى دۇنيانىڭ قاينىمىغا چۆكۈپ كەتتىم ، ئويلىسام ئەخمەقلىق ،چىكىدىن ئاشقان خىيالپەرەزلىك ،بەزى چاغلاردا كىتاپلاردىكى بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قېلىش دېگەن گەپلەرنى ئاڭلسام ئۆزەمچە كۈلگۈم كېلەتتى.قانداق كۆڭۈل باردۇ ئۇلاردا ؟دەپ ئويلاپمۇ قالاتتىم ،ئەمدىلىك بولغاندا مەنچۇ؟ئۇلاردىنمۇ ئۆتە شەيدا بولدۇم مەپتۇن بولدۇم ،بىزنىڭ تىلىمىز بويىچە ئېيىتقاندا بۇنى بىر ئۇقۇپ ئاشىق بولۇش دەيمىز.تۆلىگەن بەدەللىرىمنى ئۇنىڭ بىلىشىنى خالىمايتىم ،چۈنكى قىزلارغا دەت تۆكۈش مەن ئۈچۈن ئۇيات ئىدى.ئەمما ئۇ ھەممە ئىشتىن خەۋەرداركەن ، مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان شەيدالىقىمنى ،ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان ئەخمىقانە ئىشلىرىمنى ئۇ چوڭقۇر تۇنۇپ يىتىپتۇ.خۇددى ئۇ رىئال دۇنيادىكى سايەمدەك دېسە ، مەن ئۇنى بىر ئۆمۈر سايە قىلىشنى ئويلايتىم ئەمما تەغدىر ماڭا چاقچاق قىپتۇ ،چۈشلەر قوينىدا مېنى ئەركىلىتىپتۇ ، مەن ئۈچۈن رىئال دۇنيا بىلەن خىيالى دۇنيا بىرلىشىپ بىر كومىدىيە سەھنىسى ھازىرلاپتۇ.مەن رولنى ھەقىقەتەن ۋايىغا يەتكۈزگەنىدىم ، تەغدىرمۇ ئاجايىپ دېسە ،رىئال دۇنيادا مەندىن باشقا ئادەم يوقتەك مېنى باش پىرسۇناژ قىلىپ چىقىپتۇ.ھا!ھا!ھا! مەن كىچىكىمدىن ئۆزەم ئارزۇ قىلغان خىيالى دۇنياغا بېرىشنى خالايتىم ،ئۇيەرنىڭ ئىللىق باغرىدا ئەركىلەشنى ،مۇھاببەتنىڭ شىرىن لەززىتىدىن ھۇزۇرلىنىشنى خالايتىم بىراق،دەل شۇ ۋاقىتتا مەۋھۇم دۇنيادىن بىر پەرىشتە كېلىپ رىئال دۇنياغا ياق مېنىڭ قەلبىمگە مۇھاببەت ئۇرۇقى چاچتى .بىر ئىشقا تولىمۇ ئاچچىقىم كېلىدۇ دېسە ،ئۇيۇننى ئۆزى باشلاپ قۇيۇپ سەھنىدە مېنى يالغۇز تاشلاپ قويدى .
شۇ چاغدا نېمىشقىمۇ رول ئالماسلىقنى ئويلىشىپ باقمىغان بولغىيتىم .بەزىلەر قىزبالا دېگەن شەيتان دەيدىكەن ئەجىبا خىيالى دۇنيادىكى قىزلارمۇ ئوخشاشمىدۇ؟
ئۇ قىزنىڭ ئاخىرقى خېتىنى چىڭ سىقىلىغىنىمچە تىمتاس خىياللار ئىچىگە غەرىق بولۇپ كېتىپتىمەن ،كاللامدا بىرلا سۇئال ،قىزبالا راستىلا شەيتانمىدۇ دېگەن سۇئاللا ئەكىس ئېتەتتى، مەن رىئالقىقا تەن بەرگەنىدىم ، ئۇ ياخشى كۆرۈشلەرنىڭ پەقەت بىر  چۈش ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەنىدىم .
-ئەمدى رىئاللىققا يۈزلىنىشىم كېرەك !
قاتتىق ۋارقىرىغىنىمچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم .قولۇمدا يىرتىلغان قەغەز ئىختىيارسىز بارماقلىرىمدىن  قىزىل گۈلنىڭ بەرگىدەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى .شۇ تاپتا ئۇ قىزغا  بولغان سەۋدايىلارچە بولغان ئىشىق ئوتى ئاشۇ تىمتاس خىياللار بىلەن تەڭ  غەرىق بولغاندەك قىلاتتى . نەچچە  دەقىقىلىق كۈچلۈك ھاياجاندىن كېيىن يەنە جىمىپ قالدىم .كۆڭلۈم بىر نىمىنى سەزگەندەك قىلاتتى ،قانداقتۇر بىرخىل ئىچكى ھىسيات مېنىڭ قەلبىمنى قامال قىلىۋالغانىدى.
مەن قورقتۇم،رىئال دۇنياغا يۈزلىنىشتىن ،شىرى چۈشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشتىن قورققاندەك قىلاتتىم ،ماڭا خۇددى يەنە بىر كومىدىيە سەھنىسى ھازىرلانغاندەك ،ھەممە تۇيغۇلىرىم تۇرمۇزلىنىپ قالدى ، يەنە شۇ خىيالى دۇنيا ، يەنە قانداق  روللار مېنىڭ ئېلىشىمنى ساقلاپ تۇرىدىغاندۇ ؟
*
ھىچبىر نىشانسىزلا كوچىغا چىقتىم.ھەممە ئادەملەر ماڭا پەرۋاسىز قارايتى ، شۇ چاغلاردىكى ماڭا بولغان يىتىرقاش ياكى ھەۋەسلەر بولسۇن ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلانغانىدى ،كاللام قۇپقۇرۇق ، نە ئويلايدىغان خىيال ، شۇ تاپتا مېڭەم قۇرۇق لىنتىغا ئوخشاپ قالغانىدى . تۇيۇقسىز بىر كوچا ئاپتۇبۇسى ئالدىمغا كېلىپ توختىدى ، ھەجەپ ۋاقتىدا كەلدى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ،يول مېنىڭ ماڭا راستىنلا ئېغىر كەلگەنىدى ،ئاپتۇبۇشتا بوش ئورۇن خېلى كۆپ ئىدى ، ئارقا تەرەپكىراق ئۆتۈپ يالغۇز كىشلىك بىر ئورۇندا ئولتۇردۇم ، شەھەر كوچىسىدا ئاپتۇبۇس بىر خىل رېتىم بىلەن مېڭىۋاتاتتى، ئىككى بىكەت ئۆتە-ئۆتمەيلا ئاپتۇبۇسقا ئادەم يىغىپ كەتتى .چىققا كىشىلەر ئارقا تەرەپكە، ھەدەپ مەن بار تەرەپكە سۈرۈلۈشكە باشلىدى .
-قانداق شوپۇر بۇ،قوتانغا مال سولىغاندەك ئادمنى سېلىۋەرگىچە ئەمدى بولدى قىلىپ يولىنى داۋاملاشتۇرماي.
شۇنداق خىياللارنى قىلىپ تۇيۇقسىز يېنىمدىكى ئۆرە تۇرغان بىر كىشىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ، ھەيرانلىق نەزىدە ئەتراپقا قاراپمۇ ئۈلگۈردۇم .
-قىزىق ئىش ، بۇ ھەممە ئادەم ئاشۇ پاسۇندىكى ئىشتاننى كىيىۋاپتا؟
ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدىم  ئەينى ۋاقىتلاردا مەن دائىم چاي تۆكۈپ غايىبى ئاشىقىمغا كۆڭلۈمنى ئىپادىلەيدىغان ئاشۇ سۆيۈملۈك ئىشتىنىم ئەمدى كىشىلەر ئارىسىدا مودىغا ئايلىنىپتۇ دېسە، ھەممە ئەرلەر دېگۈدەك شۇ بىر خىل پاسۇندىكى ئىشتاننى كىيىۋالغان ، كۈلكەمنى زورىغا بېسىپ سىرىتقا قاراپ ئولتۇرماقتىمەن ،ئادەملەر بارغانچە جىقىيىشقا باشلىدى، يېنىمدا ئۆرە تۇرغان ئادەم ھەدەپ مەن تەرەپكە سۈرۈلەتتى، ئاچچىق بىرنى ئالىيىپ خىياللار قوينىغا غەرق بوپ كېتىپتىمەن.
نىمىشقىكىن بىر ئىشقا ئىنتىلگەندەك قىلاتتىم ، قانداقتۇر بىر نەرسىنى توختىماي ئىزدەشكە تىرىشاتتىم ، توغرا ئىشتانغا سېلىنغان خەت .ئۇزاق بوپتۇ ماڭىمۇ ئىشتانلىرىمنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپمۇ قويمىغىلى . ..
تۇيۇقسىز ئاپتۇبۇس بەرگەن سىگىنالدىن چۆچۈپ ھۇشۇمنى يىغىۋالدىم ، قارىسام بىر قولۇم ئاللىقاچان يېنىمدىكى كىشىنىڭ يانچۇقىغا سېلىنىپ بوپتۇ ، قىزىقىش ئىچىدە ئۇ ئادەمنىڭ ينچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ، قارىسامھىچبىر سېزىدىغاندەك ئەمەس،قولۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇلغاندەك قىلاتتى، خوشاللىقىمدىن ۋاھ! دەپ ۋارقىراپ ساپتىمەن ، ئادەملەرجىق  بولغاچ ئاۋازىمنى ئاڭلىيالمايتى ،ماشىنا توختىدى ، يېنىمدا ئۆرە تۇرغان ئادەم ئالدىراش ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى .شۇ چاغدا سەل ئەقلىمنى تاپقاندەك بولۇپ قۇلۇمغا قارىدىم .پورتىمال، بىر پورتىمال قۇلۇمغا ئىلمىشىپ قالغانىدى ،دەرۇ ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ ئۇئادەمگە پورتىمالنى بەرمەكچى بولدۇم ،لېكىن قايناق بازاردا ئۇ ئادەمنى يۈتتۈرۈپ قويغانىدىم .
كىچىككىنە قورقۇش ئىچىدە پورتىمالنى ئاچتىم ،نەق پۇل يوق ئىكەن ، ساپلا كارتا دېگەندەك نەرسىلەر تۇراتتى .
-ئىگىسىنى ئۇچرىتىپ قالسام قايتۇرۇپ بېرەرمەن .
شۇنداق خىيال ئىچىدە پورتىمالنى يانچۇقۇمغا سالدىم ، راست گەپنى قىلسام پورتىمالنى يانچۇقۇمغا سېلىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە ئۆزەمنىڭ بۇ پورتىمالنى ئۇ ئادەمنىڭ يانچۇقىدىن قانداق تۇيدۇرماي ئېلىۋالغانلىقىمغا سەل ئەقلىم يەتمەيۋاتاتتى.يەنە بىر قېتىم سىناپ باقمايمەنمۇ؟ دېگەن نىيەتتە ئولجا ئىزدەشكە باشلىدىم ،قارىسام بۇ ئادەم دېڭىزىدا ئولجىلار خېلى كۆپ ئىدى، شۇڭا شاپپىدە ئالدىمدىكى بىرىنىڭ كەينىگە چۈشتۈم.
-ۋاھ! نىمىدىگەن ياخشى، ئەجەپ سەزمەس نەرسىلەركەن ئاۋۇ ، يانچۇقىدىكى پۇلىنى ئېلىۋالسىمۇ  ئۇقمىغان ، ئەجەپ قورقتۇم دېسە نەچچە ئادەم مۇنداقلا قاراپ قويىۋىدى ،دەپ قۇيامدىكى دەپ سەت قوقتۇم جىمۇ.
بىر خىل ۋەھىمە پورتىمالمنى  ئاختۇردۇم ، ئىچىدە لىققىدە پۇل تۇراتتى، ساناپ باقسام مىڭ كويدىن جىقراق ،خوشالىقىمدا پورتىمالنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپ ، پۇلغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كەتتىم ،ئەلۋەتتە ،پۇلدىكى خەتنى ئۇقۇش ئۈچۈن پۇل ئوغىرلىمىغانىدىم ، بەلكىم بۇمۇ يۇشۇرۇن تالانىت بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم ئىچىدە .
قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىم تاقالغاندىن بېرى قولۇم سەل قىسقا بولۇپ قالغانىدى ،مۇشۇ كۈنلەردە كۈندە ئۆيدىكىلەردىن پۇل سوراۋېرىپ ئۆزۈممۇ سەل خىجىل بولۇپ قالغانىدىم ،بۇمۇ ياخشى بولدى ئەمدى ، قولۇمدا گۈلدەك ھۈنىرىم تۇرسىمۇ بايقىماپتىمەن دېسە ،پۇلغا قاراۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە مەن ئۆزەمنىڭ نىمىش قىلىۋاتاقنلىقىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ئىدىم ،
-ئامىن ! سەدىقە بالانى يە...
يېنىمدا تۇيۇقسىز بىر ساھىل پەيدا بوپ قالدى، قارىسام كىيىملىرى جۇل-جۇل، بىر تېرە،بىر ئۇستىخانلا بولۇپ قاپتۇ، قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا 20كوينى ئۇ ساھىلغا سۇندۇم ،ئۇ ماڭا نۇرغۇن ھەمدۇ سانالارنى ئېيتىپ ئۇزاپ كەتتى . ...
كوچىدا خېلى ئۇزاق ئايلانغان بولساممۇ ،پۇلنى قانداق خەجلەشنى ئۇقالماي بېشىم قېتىۋاتاتتى ، نىشانسىزلا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ، ھەي پۇل !ھەي پۇل ،ئەجەپ نەرسە جۇمۇ سەن  ، توساتتىن قىلغان ئىشىمدىن ئۆزەمچە نۇمۇس قىلىپ قالدىم ،نىمىشقىكىن ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ <پۇلنىڭ قۇلى بولما>دېگەن ئاڭ ئىدىيەمدە شەكىللەنگەنىدى ، ئەمما ھازىر مەن قۇل بولدۇممۇ ياكى پۇلنى مەن قۇل قىلدىممۇ بىلمەيۋاتاتتىم. يەنە خىيال ، شۇ چوڭقۇر خىياللار ئىچىگە غەرىق بولۇپ كېتىپتىمەن  ، ئەتىسى تۇرسام بەدىنىم شۇنداق يىنىك ، بەلكىم بۇ مېنىڭ ئاشۇ خەتنى قولۇمغا ئالغاندىن بۇيانقى ئۇخلىغان ئەڭ شىرىن ئۇيقۇم بولسا كېرەك. تامىقمنىمۇ يېمەستىن سىرتقا چىقتىم ، راستىنى ئېيىتسام ئاخشام پۇلنى قانداق خەجلەش توغرىلىق ئويلاپ قويغانىدىم، تاكسىدىن شاپپىدە بىرنى توستۇمدە دىيارىمىز بويىچە خېلى نامى بار دېسكۇخانىغا كىردىم ، ئاجايىپ خەق باردە  جاھاندا ، مانا ھەش-پەش دېگۈچە بۇ يەردىكى دوستلىرىم جىقىيىپ قالدى ، شۇنچە گۈزەل نازلىنلار، ئەتراپىمدا پەرۋانە ئىدى، بەلكىم شۇ چاغدا پۇلنىڭ كۈچىنى ھەقىقى ھىس قىلغان بولغىيىم .توساتتىن بىرسى ماڭا چىقىپ باق دەپ تاماكىدىن بىرنى سۇندى ، مەنمۇ تاماكا چەككەچكە ھىچ ئويلانماستىنلا قۇلۇمنى ئۇزاتتىم . ئاتا ئانامىنڭ  تۇيۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھاراقتىن ئۆزەمنى  تارتتىم ، باشقىلارمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى ، شۇ كۈنى ھاراقتىن باشقا بارچە كەيىپنى قىپتىمەن ، كۆڭلۈم تولىمۇ خوشال ، ئولتۇرىشىمىز خېلى ئۇزاق داۋاملاشتى ، يىگىتلەر بىردىن قىزلارنى يىتلىگىنىچە نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى ، قارىسام پەقەت مەنلا قاپتىمەن ، ئامال يوق ھىساۋات قىلىشقا باشلىدىم.
-نېمە؟300سوم
چىكەمدىن ئىس چىكەتتى ، پورتىمالىمنى ئاختۇرغانىدىم 1200كوي چىقتى ، قانداق قىلىش كېرەك ، بۇ يەر ئەزەلدىن نىسىگە ئۇنۇمايتى، كىمدىنمۇ پۇل سورارمەن ئەمدى ، جىددىيلىك ئىچىدە ئەتراپىمغا قارىدىم ، ئۇدۇلو تەرەپتىكى بىر جوزا تېخى تارقىماپتۇ، شۇئان كۆڭلۈمگە جىن چۈشتى ، ئازراق گۇمپا ئىشلىتىپ قۇيىۋىدىم 3000كوي پۇل تەق بولدى ، ئۆزەمنىڭ بۇ ھۈنىرىمدىن سۆيۈنگىنىمچە ھىساباتنى ئۈزۈپ ئۇ يەردىن ئايرىلدىم ....
_بالام ، يېقىندىن بېرى خەج پۇلۇڭنى بەرمىدىم ،سەنمۇ سورىمىدىڭ ، ئوغۇل بالىنىڭ قولى بەكمۇ قىسقا بولسا بولمايدۇ ، پۇل لازىم بولسا تارتىنماي دەۋەر،  يامان يولغا كىرىپ پۇل تاپىدىغان ئىشنى قىلما.
-بولدى، پۇل بار مەندە .
شۇنداق دېگىنىمچە دادام بىلەن خوشلاشتىم ، نەچچە قەدەم ماڭا -ماڭمايلا تېلفۇنۇم سايراشقا باشلىدى ، بۇ يەنە بىر ئورۇن سورىنىنىڭ تۈزۈلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىدى ، مۇشۇ كۈنلەردىن بۇيان جەمىيەتتىكى لۈكچەكلەر ئارىسىدا خېلى ئابرويلۇق كوچا لودالىرىدىن بولۇپ قالغانىدىم .ئارقامدىن ئەگىشىدىغان پەيجالىرىممۇ جىقىيىپ قالغانىدى.ئاكا دېسە ئاكا دەپ ئەتراپىمدا  پايپەتەك ئىدى، بۇرۇنقى چاغلاردا مەھەللىمىزدىكى بىر قىسىم يىگىتلەرنىڭ ئىشتىمىنىڭ پۇشقىقىنى قاقسامۇ قىزبالا دېگەن توكۇلداپ چۈشىدۇ دېگەندەك گەپلىرىگە ئاغزىمنى ئېچىپ قاراپ قالاتتىم ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەنمۇ ئەشۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلدىم ، قىزبالا كۈندە ئارقامدىن  سوكۈلدايتى ، يانچۇقچىلىقتىن ئىبارەت بۇ بازار تېپىۋاتقان كەسپىمنىڭ دۆلىتىدە كۆرمىگەننى كۆردۇم ، ئۆزەممۇ سەزمەي  قاپتىمەن يۈرۈكۈم بارغانچە قارداپ كېتىپتۇ ، ئەمما مەندە بولارنى ئويلايدىغان ئىدىيە ئاللىقاچان دەپنە قىلىنغانىدى، ئاق تاماكا چىكىشنى ئۆگىنىۋالغاندىن باشلاپ پۇللار سۇدەك ئېقىشقا باشلىدى، نامىم بەك چىكەتتىمۇ ئەيتاۋۇر كوچىدا ماڭساممۇ خەقلەر ماڭا بىر خىل قورقۇش ئىچىدە قاراپ قۇياتتى، نەچچە قېتىم ساقچىخانىلاردىمۇ يېتىپ چىقتىم ، يەنە شۇ پۇلنىڭ كۈچى ، بۇ يەردىكى ساقچىلارمۇ مېنى خېلى ئوبدان تۇنۇيتى ،قىسقىسىنى ئېيىتقاندا ئۇلارمېنى ئەمەس بەلكى پۇلۇمنى خېلى ئوبدانلا تۇنۇپ  قالغانىدى، مېنىڭ شوركىلىرىم بۇ يەرگە پات-پات كىرىپ قالاتتى ، نىمە ئامال ، ئۇلار مېنى ئاكا دەپ شۇنچە چوڭ بىلىۋاتسا ...شۇنىڭ بىلەن ساقچىلارغا پۇل سۈڭگۈتمەي بولمايتى ، كىيىنچە ساقچىلارمۇ مېنى ھۆرمەتلەپ ئاكا ،جان دەپ چاقىرىدىغان بولدى، ھەر قېتىم پەيسوغا كىرسەم مېنى كۈتۈپ بولالماي ئاۋارە ئىدى .كۈنلىرىم يانچۇقچىلىق بىلەن ئۇيۇن تاماشا بىلەن ئۆتمەكتە،مۇشۇ كۈنلەردىن بۇيان مەھەللىدە مەن توغرىلىق گەپلەر ئاۋۇپ قالغانىدى ، خەقلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا لەنەت نەزىرى بىلەن قارايتى ، نىمىنى يۇشۇرغىلى بولسۇن ، ھەممە ئادەمگە مېنىڭ يانچۇقچى ئىكەنلىكىم بەش قولدەك ئايان ئىدى.
-چاتىقىم نېمە ، خەقمۇ قولىدىن كەلسە ئۆگەنسۇن ،مانا مەن ئۆگىتىپ قويىمەن.
ئۆزەمچە كۈلۈپ كەتتىم ، شۇ تاپتا ئۆزەمنى بىر چولپاندەكلا سىزەتتىم ، ئەجەپ قالتىس ماھارەت بار جۇمۇ دەپ ئويلايتىم ،بۈگۈن دوستلىرىمممۇ كۆرۈنمەيتى ، نىم بولدىكىنا ؟ تەئەججۈپ ئىلكىدە  يېڭى تۇنۇشقان مابەتكە تېلفۇن قىلدىم ، مانا ھەش دەپ بولغىچە ئۇمۇ كېلىپ بولدى ،يەنىلا شۇنچە گۈزەل ، جەمىيەت تىلى بويىچە ئېيىتقاندا ناھايىتى سەتەڭ ئىدى، ئەلۋەتتە ھەمممىسى پۇلنىڭ كۈچىدە ، ئۇنىڭ بىلەن خېلى ئايلانغاندىن كىيىن  دېسكوخانىغا كىردۇق ، ھەمىنىڭ كۆزى ئىككىمىزدە ئىدى، ئەڭ چىرايلىق سەتەڭ بىلەن ئەڭ ئابرويى بار لۈكچەك، ئۇلار تەرەپ-تەرەپتىن بىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى، ئۇنىڭ بىلەن قانغۇچە ئويناپتىمەن ، ئەتىسى ئۇخلاپ ئويغانسام ياتاقتا ، ئۇنىڭ بىلەن بىر يېتىپتىمەن ، ئۇنى بەزلەپ ئويغىتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم ،ئۆيگە بارمىغىلى ئۈچ كۈندىن ئېشىپتۇ ، شۇڭا تاكسى توسۇپ مانا ئۆيگىمۇ كەلدىم .
-ھەي! بۇياققا چىقە !
دادامنىڭ بۇ سوغۇق مۇئامىلىسىدىن سەل خۇدۇكسىرەپ ھويلىغا چىقتىم ، دادامنىڭ چىرايىدىن ئىپادىلەش تولىمۇ قىيىن بولغان بىر خىل ھىسيات ئىپادىلىنىپ تۇراتتى، كۆڭلۈمگە ھەممە ئىش ئايان بولغانىدى، دادام ھەدەپ كايىيتى ، ئەمما قۇلۇقۇمغا گەپلىرى تەسىر قىلىدىغاندەك ئەمەس ،ئاچچىقىمدا دادامغا ۋارقىرىغانىمچە ئۆيدىن چىكەتتىم .
-بولدى قىلساڭ بولمامدۇ؟ يانچۇقچىلىق قىلسام مەن قىلدىم...
قاۋاققا بېرىپ بۇلۇشىغا ئىچىپتىمەن ، ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرسام ساقچىخانىدا قاماقتا يېتىپتىمەن ، بۇ ئىشتىن تولىمۇ تاساددىبىيلىق ھىس قىلىپ ساقچى باشلىقىنى چاقىرىم ، مەن بۇ يەرگە نۇرغۇن قېتىم كىرىپ باققان بولساممۇ لېكىن بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم قاماقتا يېتىشىم ئىدى.
ساقچى باشلىقى بۇرۇنقىدەكلا ماڭا خوشامەت قىلىشىغا باشلىدى ، ئەسلىدە ئاممىنىڭ ماڭا بولغان نارازىلىقى بارغانچە كۈچىيىۋاتقاچقا ، مېنى مۇشۇنداق سولاپ قۇيۇشقا مەجبۇر بوپتۇ ،تېخى بىر ھەپتە سولامىش.
ئۆزەمنىڭ مۇشۇنداق تەسىرى بارلىقدىن كۈلگۈم كەلدى ، بۇ قېتىم ئۇلارغا پۇل كار قىلمىدى، بىراق ئۇلار ماڭا يەنىلا شۇنچە قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى .بىر كۈن ئۆتۈپ كەتتى ، ئەتىسى بۇ يەردە تۇرۇشقا پەقەتلا چىدىماي ،ساقچى باشلىقىنى چاقىردىم ، ئۇزاق سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى ماڭا كۆڭلىدىكى گېپىنى دېدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە مەن مۇشۇ يەردىن كەتسەملا مېنى قويۇپ بېرەمىش ،كاللامغا بىر بىرسى پىجۇ بوتۇلكىسى بىلەن ئۇرغاندەكلا بوپ كەتتى ،دوست -يارەنلىرىم ، ئاتا -ئانام تۇرسا ، ئۇلارنى قانداق تاشلاپ كېتەلەيمەن ، ئۆزەمنىڭ قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا چۇڭقۇر سۈكۈتكە چۆمگەنىدىم.   
-بالام...
تۇيۇقسىز بىر يىغا ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاشقا باشلىدى.
-بالام، جىگىرىم بالام ، ھەممە ئىشنى ئۇقتۇق.......
ئانامنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا تاقىتىم قالمىدى، ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم ، بىر قاراپ قىلغان ئىشىمغا تۆۋە قىلاتتىم ، شۇ دەقىقىدە تۇنجى قېتىم ئۆزەمدىن يىرگىندىم ، بىراق نە ئامال ، تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ دە .شۇنىڭ  بىلەن ئانامدىن رازىلىق ئېلىپ بۇ يۇرتتىن خوشلاشتىم ....
مانا بۇ چوڭ شەھەرگە كەلگىنىمگىمۇ نەچچە كۈنلەر بولۇپ قالدى، ئاللاھنىڭ رەھىمى بىلەن يامان يولدىن قايتىپ سىڭگەن نېنىمنى يەپ ياشىماقتىمەن ، ئەلۋەتتە، ئۆيدىكىلەر يولۇق تۇتقان پۇل بىلەن جان بېقىۋاتاتتىم ، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم چوڭ شەھەرگە كېلىشىممۇ ئەيتاۋۇر ، ھەر بىر نەرسە مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغايتى ، بىر ئىشقا تولىمۇ ھەيران ئىدىم ، بۇ يەردە ماڭا ئوخشاش يانچۇق ماتلاشقا ئامراق كىشىلەر خېلى جىق ئىدى، بەزىلىرى تېخى مەندىن ئۇستا ئىدى، ھەيران قالاتتىم ، بۇلارنىڭ ئاختۇرۇش تاكتىكىلىرىمۇ ھەرخىل، مەنمۇ نەچچە  قېتىم سىناپ باقاي دېدىميۇ ئەمما ئانامنىڭ تىلىكى ماڭا ھەمرا بولغاچقا بۇ ئىشتىن ئۆزەمنى تارتىۋالدىم ، كۈنۈم  يەنىلا ئاقنانچىلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە . بۈگۈنمۇ ئادەتتىكىدەك  ياتاقتىن چىقىپ تاماق يىگىلى ئاشخانىغا ماڭدىم .
-كۆزۈڭگە قاراپ ماڭساڭ بولمامدۇ؟
-كە...كەچۈرۈڭ.
ھالىنىڭ يوغانلىقىنى ئۆزى ئۈسۈۋېتىپ مەندىن چوڭ  گەپ قىلىدىيا ، ئۆزەمنىڭ يۇرتى بولغان بولسا...شۇنداق دەپ غۇدۇڭشىغىنىمچە ئاشخانىغا كېلىپ قاپتىمەن ، توساتتىنلا تالادا ماجىرا چىكەتتى ، بۇ قىزىق ئۇيۇندىن قۇرۇق قالماسلىق ئۈچۈن تامىقىمنى ھاپىلا -شاپىلا يەپ ئەمدى چىقاي دەپ تۇرۇشۇمغا
-ھوي، ئۇكام پۇل، پۇل !
ما ، خىجىلچىلىقنى ، ئالدىراشچىلىقتا، پۇل بېرىشنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن ، كەچۈرۈڭ ، شۇنداق دېگەچ يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ، توساتتىن بەدىنىمنى قارا تەر باستى، پورتىمالىم كۆرۈنمەيتى ، 2000سوم پۇل بىردەمدىلا غايىپ بولغانىدى،شۇ تاپتا يىغلاي دەپ قالغانىدىم ، قانداق قىلىش كېرەك ، ئامالسىز خوجايىنغا پۇل يوقلىدىنى ئېيىتتىم ، ئەسلىدە مەن ئۇنى بولدى قىلىۋىتەمىكىن ، كۈندە تاماق يەپ تۇرغانكىن دەپ خاتا ئويلاپتىمەن ، نەدىكىنى تولىمۇ يولسىزئادەمكەن ئۇ، پۇلۇمنى بەر دەپ تۇرۇپلاۋالدى ، ئامال يوق ، ئۇنىڭغا ئىشلەپ بەرمەكچى بولدۇم ...
مانا بۈگۈن بۇ يەردە قاچا يۇيىۋاتقىلى بەش كۈندىن ئاشتى ،لېكىن مېنى ھىچبىر قۇيۇپ بېرىدىغاندەك ئەمەس ، كىملىكىمنى ئېلىۋالمىغان بولسىغۇ ئاللىبۇرۇن كېتىپ بولاتتىم ، ئۆتەپ كەتكەن بىر ئۇششۇققا ئۇچىراپتىمەن ،كۈنلىرىم شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋاردى ، بىر ھىساپتا بۇمۇ ياخشى بولغانىدى، ياتاق، تاماقتىن غەم قىلىشىم يوق ،ئەممازە ، قىزبالىدەك كۈندە چىنە -تەخسىنى سىلاپ ئويناش ماڭا سەل ھار كەلگەنىدى ...
مانا بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ ئادىتىمدىكىدەك بۇ ناتۇنۇش شەھەرنى ئايلىنىشقا باشلىدىم ، كوچىدا تەنھا مېڭىۋاتىمەن ، بۇ شەھەر مەندىن يېتىرقىدىمۇ ياكى مەن بۇ شەھەرگە كۆنەلمىدىمۇ ئىشقىلىپ ئۆزەممۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بىر خىل ھىسياتتا كىشىلەر توپىدىن ئۆزەمنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىزدەيتىم ، توساتتتىن بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى
-يانچۇقچى، ۋاي يانچۇچى ،تۇتۇڭلار!
دېگەندەكلا بىرسى مەن تەرەپكە يۈگىرەپ كېلىۋاتاتتى، شۇ چاغدا ئۇنى تامامەن تۇتىۋالالايتىم ، ئەمما  شۇ پەيىتنىڭ ئۆزىدە ئۇ ئوغرى مېنىڭ قېشىمدىن ئۆتىۋاتقاندا بەدىنىمنى يانتۇ قىلىپ ئۇنىڭ قېچىشىغا يول ئېچىپ بەردىم .
- قىزىق بالىكەنسىزغۇ، توسىۋالسىڭىز بولمامدۇ، بىچارىنىڭ .....
-ھازىرقى ياشلار زە، غۇرۇر-پۇرۇر دەپ سۆزلەشتىن باشقىنى ئۇقمايدۇ .
- توۋا ، ئاجايىپ كىشىلەر با دە دۇنيادا .
تۇنجى قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىپلىنىشكە ئۇچرىغانلىقىمدىنمىكىن ، نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي بەز يېگەن مۈشۈكتەك تۇرۇپلا قالدىم ،كىشىلەرمۇ مېنىڭ جىم بولغانلىقىمنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتتى، بۇلارنىڭ توختىماي كوتۇلداشلىرىغا ئەمدى تاقىتىم قالمىغانىدى .
-بولدى، ئوغىرلىسا مېنىڭ پۇلۇمنى ئوغىرلىمىدىغۇ، نىمانداق قايناپ كەتتى ما خەقلەر .
شۇنداق دېگىنىمچە كىشىلەر توپىدىن ئايرىلدىم ساراڭ خەقكەنغۇ ئۇلار ، توۋا ، يانچۇقىدىكى پۇلغا ھىزى بولماي ....
-ھەي  ماڭ ما يۇندىنى تۆكىۋەت،
-مەن قاچا يۇيۇپ بېرىشكە مەسئۇل، ئۆزەڭ تۆك.   
-ۋىيەي ، ما كەلگۈدىنىڭ گېپىنى ، خوجايىننىڭ تۇزىنى يىگەنكىن بۇنچىلىك ئىشنى قىلمىساڭ پۇقەڭ دورىمۇ بىزگە.
-ما سولامچىنى
پارتىلاي دەپ قالغانىدىم ، ئاغزىدىن  سەت گەپنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭ ئۇنى گالاچچىدە بىر مۇش سېلىۋەتتىم، ئۇرۇش پارتىلىدى، بىز خېلى ئۇزاق مۇشلاشتۇق ،ھىچكىم بىزنى ئايرىپ قويىدىغاندەك ئەمەس ،
-باللا،باللا ، لوبەن كېلىۋاتىدۇ
بىزمۇ خۇددى دېيىشىۋالغاندەكلا  ئۇرۇشۇشتىن توختاپ قالدۇق......
.................
-نىمانداق ئىشىڭ تولا سېنىڭ ، قاراپ باقە قىلغان ئىشىڭغا ، ئەمدى بىر يىل ئىشلىسەڭمۇ زىياننى تۆلەپ بولالمايسەن، ئەمدى ئەتىدىن باشلاپ قاچا يۇيۇش، ئاشىانىنى تازلاش ،يۇندا تۆكۈش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەڭ قىلىسەن .
ئۈمۈتسىزلىنىش ئىچىدە خوجايىننىڭ قېشىدىن ئايرىلدىم ،ياتاققا كىرسەم ھەممە ئادەم غەرىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ،پەشۋانىڭ پۇرىقىدىن ئادەم ئېچىلىپمۇ بىر نەپەس ئالالمايتى ،بۇ يەردىنمۇ رايىم قايىتتى، سىرىتقا چىقىشنى قارار قىلىپ ئاسقۇدىكى چاپىنىمنى ئالدىم ...
شەھەر كېچىسى تولىمۇ جىمجىت، توساتتىن يۇرتۇمدىكى يانچۇقچىلىق بىلەن ئۆتكە كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم ،ھەي!ئانامغا ئۇ ئىشنى قىلمايمەن دەپ ۋەدە بەرمىگەن بولسام بۇ چاغقىچە ، بۇ يەردىمۇ بىر كىشلىك ......بولدىلا بولمىغۇر خىياللارنى قىلماي .
شۇلارنى ئويلاپ كەچلىك بازارغىمۇ كېلىپ قاپتىمەن ، بۇ يەردە ئادەم خېلى باركەن ، توساتتىن قورسىقىمنىڭ بىر بۈرجىكىنىڭ ئىچىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ يانچۇقۇممنى ئاختۇردۇم ، نەدە پۇل دەيسىز، توساتتىن شەيتاننىڭ كەينىگە كىردىم ، يېنىمدىن شۇنداق پۇزۇر كىيىنىۋالغان بىر كىشى بىر ئايالنى قولتۇقلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.
-ئەمدى سېنىڭ گۇمپاڭنى ئىشقا سالىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى.
شەيتاننىڭ دەيدەيگە سېلىشى بىلەن قۇلۇمنى ئۇنىڭ يانچۇقىغا سالدىم ، ۋاخ، تېخى ھۈنىرىمدىن قالماپتىمەن ، مانا ھەش-پەش دېگۈچە ئۇىنڭ پورتىمالىنى جۆندەپ بولدۇم ، قارىسام 3000سومدىن جىق پۇل باركەن، بۇ پۇل قورساق تويغۇزىشىمغا يەتكەن بىلەن زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا يەتمەيتى.
-شۇ دۇكاندىن ئايرىلسام پەقەت قىلمايمەن بۇ يانچۇقچىلىق دېگەننى ، كەچۈرۈڭ ئاپا،
شۇ خىياللار بىلەن يەنە بىر ئولجىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم ، ھايال ئۆتمەيلا ، ناھايىتى مودا ياسانغان بىر خېنىم ئايىغىنى تاراسلىتىپ مەن تەرەپكە كەلدى.
-بۇنداق كىيىنىۋالغان بىلەن چۇقۇم ، ھېلىقىدەك نەرسە بۇ ، تۈزۈك پۇل چىقمايدۇ يېنىدىن .
شۇنداق ئويلار بىلەن ئۇنى يېنىمدىن ئۆتكۈزىۋەتتىم، ئەمما ئۇ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن نىمىشقىكىن ئۇنىڭ سومكىسىغا بىرە قېتىم بولسىمۇ چاڭگا سېلىپ باققۇم كەلدى، پاھ! كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم ساپمۇ ساق 15مىڭ كوي ، خوشاللىقىمدا ، يۈگۈرگىنىمچە ياتاققا قايتىپ كەلدىم ، ئەتىنىڭ پاتراق كېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ....
خوجايىن ، ئالدىغا تاشلانغان پۇلغا قاراپ مەڭدەپ تۇرۇپلا قالغانىدى، ئۇ گەپمۇ قىلماي كىملىكنى ماڭا بەردى، شۇ تاپتا ئۇىنڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكىرىۋەتكىم بارئىدى ئەمما ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم ، كىملىكىمنى ئېلىپ شۇ كۈنىلا يۇرتقا قايتىدىغان پويىز بېلىتىدىن بىرنى  ئالدىم ، ئەمدى بۇ شەھەردە بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇم يوق ئىدى، نەچچە تامچە ياش مەڭزىمنى بويلاپ سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى، بۇ ئاشخانىدىن قۇتۇلغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئاپامغا بەرگەن ۋەدەمدە تۇرالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئازاپلىنىپ تۆككەن ياش ئىدى ، مېنى كەچۈر ئاپا....
پويىز ۋاقىت كارىدۇرىغا كىردى ، قىلغان ئىشلىرىم ئۇستىدە يەنە بىر قېتىم ئويلىنىشقا باشلىدىم ، چۈنكى بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋاقىت كارىدورىدا سەيلە قىلىشىم ئىدى، ئەمما كاللامدا پەقەت بىرلا ئېغىز گەپ ئەكىس ئىتەتتى.
-ئەمدى يانچۇقچىلىق قىلمايمەن، ئەمدى يانچۇقچىلىق قىلمايمەن !   

ئۆلۈم يولى


مانا ،ئۇنىڭ كۈنلىرى يەنە بۇرۇنقىدەكلا بىكار ئۆتمەكتە، ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭدىن يىراقلاشقان ،يېقىن دوسىتلىرى، ھەتتا ئۇرۇق-تۇققانلىرى، قېنى ئەينى چاغدا ئەتراپىدا پەرۋانە بولغان ئاشۇ پەرى سۈپەت قىزلار ،ھەممە شەيئى ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتقاندەك،نەزىرىدە،دۇنيادا ئۇنداق ئادەم يوقتەك،ھىچكىمنىڭ خىيالىدا يوق ئىدى.  بىكارچىلىكتىن زىرىكىپ ھالال تەر تۆكۈپ ئىشلەي دېدى ئەمما تەغدىر بۇنىڭغا يول قويمىدى، بەلكىم تەغدىرمۇ ئۇنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرماقچى بولسا كېرەك ، بۇغۇ مەيلى  ئەمما ئۇنىڭغا ئەڭ ئېغىز كەلگىنى دادىسىنىڭ قاپىقىنى ئاچماي خۇددى نىمىلەردىندۇر يىرگىنگەندەك ئۇنىڭغا كۈن بويى ئېغىز ئاچماي ،بىرەر قېتىم بولسىمۇ دادىلىق مېھرى بىلەن باقمىغانلىقى ئۇنى ئازاپ ئوتىدا قىينايتى ، قېنى ئەينى چاغلاردىكى ئۇنىڭغا يولباش بولغان، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ، ئازاپ چەككەندە ھالىغا ھال-مۇڭ، دەردىگە دەرمان بولغان دادىسى ، ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۇن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ، پەقەت بىچارە ئانىسى  ئۇنىڭ ھالىغا يەتمەكچى بولغاندەك بالىنىڭ مۇڭچان كۆزلىرىگە قانداقتۇر بىر خىل ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان نەزەر بىلەن قارايتىيۇ ئەمما شۇ ئانىنىمۇ قانداقتۇر بىر كۈچ ئېغىز ئاچقۇزمىغاندەك پەقەت ئوغلىنىڭ دەردىگە دەرمان بولغانلىقىنى ئاشۇ پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزى ئارقىلىقلا ئىپادىلىيەلەيتى،مانا بۇگۈنمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنچە پەرىشان ، يالغۇزلۇقنىڭ ئازابىنى ئۇ يەتكىچە تارقانىدى، ئەلۋەتتە ئۇ ھەقىقەتەن قەيسەر بىر يىگىت بولۇشقا مۇناسىپ ، شۇ قاباھەتلىك چۈش قوينىدىن ئويغانغاندىن بۇيان ئۇ قانچىلىغان بەدەللەرنى تۆلىمىدى، ئاتالمىش دوسىتلىرىنىڭ نەزىرىدىن چۈشتى، يېقىنلىرىنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلدى ، ئەل جامائەتنىڭ ئاھانىتىگىمۇ چىدىدىغۇ؟ ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك ؟ مانا بۇ ئۇنىڭ نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزىگە قۇيىۋاتقان سۇئالى ئىدى
-ئاھ! رەھىمسىز تەغدىر دەيتى ئۇ ئىچىدە ، ئېي ،ئۇلۇغ ئاللا بەندەڭنىڭ قايسى قىلغان گۇناھىغا مۇشۇنداق ئازاپلارغا دۇچار قىلىدىغانسەن ...
بۇ ھۇ-زارلار   ئاللاھقا بولغان سېغىنىشلار بۇنىڭ ئۆمرىدىكى تۇنجى قېتىملىق يۈرىكىدىن چىققان ھەقىقىي بىر نىدا ئىدى ،ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا تاتلىق ئۇيقۇ دېڭىزىغا غەرىق بولدى . نىمىشقىكىن ئۇ يەنە بىر قېتىم ئاللاھتىن مەڭگۈلۈك مۇشۇنداق ئۇيقۇغا كېتىشنى تىلەپ قالدى .
-ئۆلۇم! ئۆلۇم راستىنلا توغرا تاللاشمۇ ؟
ئۇ ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى ,ياق! دېگەن گەپلا ھۆكۈم سۈرەتتى ئۇنىڭ كاللىسىدا ، ئۇ توساتتىن ئەقىل تاپقاندەك بولدى ، گويا قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشكەندەك ، ھەممە نەرسىلەر ئۇنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرىنىشكە ، قانداقتۇر بىرياخشىلىقتىن بىشارەت ئۇنىڭغا بەلگە بېرىۋاتقاندەك بىلىندى .
توغرا -دېدى ئۇ تاماكىسىنى ئاچچىق بىر شورىغاچ ،
-مەن ئەل_جامائەتنىڭ كۆزىگە نىمىشقا سىغمىغانلىقىمنى ئەجەپمۇ ئويلاپ باقماپتىكىنمىنا؟توختا ، شۇ چاغلارنى ئەسلەپ باقاي، جەمىيەتتىكى لۈكچەك بالىلار قاتارىدا خېلى يۈزۈم بارئىدى، تېخى ئارقامدىن  چاپان كۆتىرىدىغان كۆتەمىكەشلىرىممۇ مەن ئۈچۈن پەيۋەندە ئىدى، يانچۇقچىلىق مېنى بىر ۋاقىتلاردا خېلى زور شەرەپلەرگە ئىگە قىلغانىدى، بەلىكم مەھەللىمىزدىكى ياشلارغا مودىلىقنى ، چىكىشنى ،ئىچىشنى مەن ئۆگەتكەن بولسام كېرەك ، شۇڭا ئۇنداق بالىلار ھازىر دوقمۇشتا بىر ئۇچىراپ تۇرىدۇ ، ئامما بۇنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە نە ۋاخ، ، ئۇ كەسىپنىمۇ قىلمىغىلى بىرە يىل بولاي دەپ قالدى شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا ؟......
ئۇ قانداقتۇر بىر مۇتەپەككۇرلارغا خاس سالاپەت بىلەن ئۇياندىن بۇيانغا ماڭاتتى ، پات-پات بېشىغا شاپىلاقلاپ قۇياتتى .
-توۋا ، ما ئەخمەقلىقىمنى ، نىمىشقا بۇرۇنراق ئويلىمىغاندىمەن ، ئىسىت ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىم .
ئۇ شۇنداق دېگەچ پىشانىسىگە پاققىدە بىرنى ئۇردى ،خىيالچان كۆزلىرى چوڭقۇر ھەسرەتكە پاتقان ، گوياكى ھاياتىنڭ ئەگرى توقاي داۋانلىرىدا ئۇزاق يىل تاۋلانغان قېرى بوۋاي-مومايلاردەك،  ئەمدى ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى لىغىرلاپ ياشقا تۇلۇشقا باشلىدى

ئۇ بۈگۈن تۇنجى قەدەمنى باسماقچى ، مانا ئەتىگەندىلا ئاتا -ئانىسى بىلەن سۇسقىنا ئەھۋاللىشىپ تالاغا ماڭدى ، ھىچنىمە ئۆزگەرمىگەن كىشىلەر يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭدىن يىتىرقىغان ، ئەمما ھىچنىمە بولمىغاندەك قايناق شەھەر كوچىسىدا دادىللىق بىلەن قەدەم تاشلاپ كىتىپ باراتتى ، توساتتىن ئۇ يولنىڭ قىرغىقىدا بىر ياشانغان موماينىڭ قارشى تەرەپكە ئۆتەلمەي تەمتىرەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى ، ئۇ توساتتىنلا تۇنجى قېتىملىق ياردەم بېرىشنى مۇشۇ مومايدىن باشلىماقچى بولدى ،ئۇ موماي بار تەرەپكە يۈگرەپ كەلگىنىچە مۇماينىڭ قولىدىكى خالتىغا ئېسىلدى ۋە ئەمدى موماينى يۆلەي دەپ تۇرىشىغا  موماينىڭ ۋاي بۇلاڭچى دەپ ئالا تاغىل ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى، ئۇ قېنبى بۇلاڭچى دەپ تېڭىرقاپ يۈرگەندە قاياقلاردىندۇر بىر نەچچە نەپەر ئامانلىق قوغداش خادىملىرى كېلىپ ئۇنىڭ گېپىگە پەرۋامۇ قىلماستىن  ئۇنىڭ مەجبۇرى ساقچىخانىغا ئاپاردى ، ئۇقانچە چۈشەندۇرسىمۇ قىلغان گەپلىرى ساقچىلارنىڭ قۇلىقىغا ھىچبىر كىرەي دىمەيتى .
جىمى گۇناھ ئۆزەمدە ،دەپ ئويلىدى ئۇ ،
- ئەينى چاغلاردا خەقلەرنىڭ ئېغىزىدا يامان ئاتىغىم قالغاچقا ، ئۇلارنىڭ ماڭا مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتىشى ئېنىق ، لېكىن مەن چۇقۇم ئۇلارنى بۇخىل قاراشلاردىن ئۈزۈل-كېسىل يوق قىلىشقا تىرىشىمەن ...........
ئۇ ئۈن-تىنسىز قاماقتا ساق بەش كۈننى ئۆتكۈزدى ، ئۇ سىرتقا چىقىپلا نىمىنىڭ ھەقىقى راھەت ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئەپسۇزلانمايمەن دەيتى ئۇ ئۆزىگە پىچىرلاپ
-غەيرەتلىك بول ، ھەممە ئىشنىڭ  سەن كۈتكەندەك بولىشى ناتايىن ، سەن تۇنجى قەدەمنى باستىڭ گەرچە سەل ئاۋارچىلىققا ئۇچرىغان بولساڭمۇ ، ھامان ئۈمۈتۋار بولۇپ ياشا ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
توساتتىن كىملەرنىڭدۇر،ۋاي بۇلاڭچى،بۇلاڭچى،پورتىمالىمنى ئېپ قاچتى دېگەن ئاۋازى ئاڭلانىدى،ئۇ دېققىتىنى يىغىپ ئاۋازچىققان تەرەپكە قارىدى، بىر بۇلاڭچى ئۆزى تەرەپكە يۈگرەپ قېچىپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ بۇ تۇنۇش چىراينى بىر قاراپلا تۇنىدى .
-دۇنيانىڭ قىسمەتلىرى ئاجايىپ ھە، ئەينى چاغلاردا ئۇنىڭ چاپىنىنى كۆتىرىدىغان ئادەم ئەمدى جەمىيەتتىكى دەڭلىق بىر ئالاقانات بوپتۇ دېسە ،
شۇلارنى ئويلاپ ئۇ ئىختىيارسىز كۈلىۋەتتى ، ئوغرى ئۇنىڭغا بارغانچە يېقىنلاشماقتا ئىدى، شۇ پەيىتنىڭ ئۆزىدە ئۇ قانداق قىلىش توغرىلىق نەچچە دەقىقىلىق ئىكىلىنىش ئىچىدە تۇرۇپ قالدى ...
پالاققىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئوغرى داق يەرگە يىقىلدى، ئۇ چاپانچىسىنى پۇتلىۋەتكەنىدى ، ئوغرىنىڭ قوللىرى قانغا بويالغان، ئىشتىنىمۇ يىرتىلىپ ، تىزىمۇ خېلى ئىغىر زەخمىلەنگەچكە يەردە ئىڭىراپ ياتاتتى ، ئۇ چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ قولىدىكى پورتىمالنى ئالدى ، ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن پورتىمالنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى  ، ئىگىسى رەخمەتمۇ قىلماستىن ئۇنىڭ قولىدىكى پورتىمالنى سىلكىپ ئالدى ۋە
-توۋا قىلدىم ، قاراقچى بىلەن ئوغرىنىڭمۇ پېتىشالمايدىغان چاغلىرى بولىدىكەن ھە ، ما ئىككى بۇلاڭچىنىڭ ئۇيۇن كۆرسىتىپ كېتىشىدىن ئۆرگىلەي ، قوۋۇرغامنى ئىگىپ .
دېگىنىچە ئۇنىڭ قېشىدىن ئايرىلدى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ سەل ئاچچىغى كەلگەنىدى،خۇتۇننىڭ ئاچچىق تاپا-تەنىلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىگە نەشتەر بولۇپ سانجىلماقتا ئىدى، ئۇ خۇددى پوق يەۋالغاندەك بىئاراملىق ھىس قىلدى ، قايناق شەھەر كوچىسىدا ئۈمۈتسىزلىك بىلەن مېڭىپ ئۆزىنىڭ قاۋاقخانىغا كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالدى .ئۇ تۇيۇقسىزلا غەرىق مەست بولۇشنى، دۇنيانىڭ ، رەھىمسىز تەغدىرنىڭ ئاۋارچىلىقىدىن ئازراق بولسىمۇ قۇتۇلۇشنى ئويلاپ قالدى ، ئۇ ئاچچىقىغا پايلىماي نەچچە بوتۇلكا ھاراقنى ئارقا-ئارقىدىن ئىچىپ تۈگەتتى ، ئەمدى ئۇ خېلى تەڭشىلىپ قالغانىدى ئەمما ئىچىشتىن ھىچبىر توختاي دېمەيتى .گوياكى بارلىق قىلغان-ئەتكەنلىرىنى  مۇشۇ ھاراق بىلەن تەڭ دەپنە قىلىۋەتمەكچى بولغاندەك توختىماي ئىچەتتى ،ئۇ پەقەت قاۋاقخانىنى تاقايمىز دېگەن چاغدىلا ئاندىن بۇ يەردىن ئايرىلدى .
ۋاقىتمۇ خېلى يەرگە بېرىپ قالغان پۈتۈن ئەتراپ قاراڭغۇ ، ئۇ دەلدەڭشىگىنىچە تىمتاس كوچىدا كېتىپ باراتتى .ئۇ ئايدىڭ كىچىدىن ئۆزىگە تەسەلىي ئىزدىدى، ئۇ ئويلايتى
-قىزىق ئىش ، بۇ كىچىدە ماڭا ھېلىقىدەك نەپرەتلىك قاراشلار، يىتىرقاشلار نەگىمۇ يوقالغاندۇ،مەن بۇنىڭ دائىم مۇشۇنداق بولىشىنى قانچىلىك  ئۈمۈرت قىلمىغان ، ئاھ.....
ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۇلۇغ ئاللاھقا سېغىنىپ ئۇنسىز ياش تۆكتى ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، نەلەردىندۇر يات بىر كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئۇ ھۇشىنى سەل يىغدىدە يېرىم دەلدەڭشىگىنىچە  ئاۋاز چىققان تەرەپكا قاراپ ماڭدى ، ئۇ كۆردىكى ، بىر تۇپ دەرەخنىڭ ئاخىرىدا بىر ئەر بىر قىزغا چىڭ يېپىشىۋالغانىدى، قىز ھەدەپ قارشىلىق كۆرسىتەتتىيۇ ئەمما ئەرنىڭ قولىرىدىن يولقۇنۇپ چىقالمايتى ، قاتتىق ۋارقىراشقا ئىنتىلگەندەك قىلاتتىيۇ ئەمما قانداقتۇر بىر توسقۇنلۇق ئۇنىڭ ئاغزىنى ئىغىز  ئاچۇرمىغاندەك قىلاتتى ، ئۇ قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ تۇرىتكىسىدە ئۇ ئەرگە قاراپ قاتتىق ۋارقىرىدى .
-يوقال!ۋۇ ئاناڭنى ، ھايۋان ھېچىڭىز ...
ئەر قاتتىق قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇن تىنسىزلا بۇ يەردىن غايىپ بولدى، ئۇ قىزنىڭ سەبىي چىرايىغا قارىدى، سۇتتەك ئاينىڭ نۇرىدا قىزنىڭ خۇنۇكلەشكەن چىرايى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى، قىزنىڭ كىيىملىرى تىتىلغان ، ئۇچىسىدىكى چاپىنى قاياقلارغىدۇر تاشلانغان ، ئۇ  قىزنىڭ چاپىنىنى ئەكىلىپ بەرمەكچى بولۇپ ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرىشىغا لۆڭڭىدە ئىككى چارلاش خادىمى پەيدا بولۇپ قالدى ، ئۇلار قىزنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئىشنىڭ ئەھۋالىنى بىرە قۇر چۈشەنگەندەك بولدى دە ، ۋۇ ھايۋان دېگىنىچە ئۇنى دۇمبالاپ كەتتى، قىز بولسا نىمىلەرنىدۇر دېيىشكە ئىنتىلىۋاتقاندەك بىردە ئۇنىڭغا ،بىردە چارلاش خادىمىغا تەلمۈرۈپ تۇراتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىشتىن ئەيمىنەتتى .
ئۇنىڭ قانچىلىك تاياق يىگىنى نامەلۇم ، ئورنىدىن تۇرغاندا قۇياش ئاللىقاچان نەيزە بويى ئۆرلىگەن ،ئېغىز-بۇرنى قان ھالدا لىڭدەيدە ياتاتتى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى تاياق زەربىسىدىن  قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ ماڭغۇدەكمۇ ھالى قالمىغانىدى ، شۇڭا  ئۆيگە كىرا قىلىپ كەتمەكچى بولۇپ پورتىمالىغا قارىدى ، پورتىمال قۇپقۇرۇق ، دېمەك .....
-ھا!ھااھا!ما ئىشنىڭ ئۆزەمنىڭ بېشىغا كەپقالغىنىنى ، قانداق قاپ يۈرەك ئوغرىدۇر ، تەپ تارتماي مېنىڭ پورتىمالىمغا چاڭگا سالغانكىن .
ئۇ شۇلارنى ئويلاپ كۈلگىنىچە پورتىمالنىڭ كىچىك بىر يانچۇقىنى ماتلاشقا باشلىدى ، ئۇ ھەممىسى بىرموچەنلىك پۇلدىن ئوننى ساناپ ئالدى دە كوچىدىكى ئاپتۇبۇس بېكىتىگە بېرىپ ئاپتۇبۇش ساقلاپ تۇردى، بىكەتتە ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم يوق ، لىكىن ئۇ ھىچبىر ھەيرانلىق ھىس قىلمايتى .مانا ئاپتۇبۇس كەلدى ، ئۇ بەدەنلىرىنى ناھايىتى تەستە يۆتكەپ ئاپتۇبۇسقا چىقتى ،ئاپتۇبۇستا ئادەم لىققىدە، ئۇ ئامالسىز ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، بۇرۇنقى چاغلىرى بولسا ئۇ مۇنداقلا بىر قاراپ قۇيىدىغان بولسا بوش ئورۇن ئۇنىڭغا تەييار ئىدى .لېكىن بۇرۇنقى ئۇ ئاللىقاچان ئۆلدى ، ئەمدى مەۋجۇت بولمايدۇ.
ئۇ چوڭقۇر خىيال ئىچىدە دەرىزىدىن سىرىتقا نەزەر تاشلاپ تۇراتتى،توساتتىن ئۇ ئەتراپىغا نەزەر تاشلاپ قالدى، ھەممە ئادەملار ئۇنىڭدىن يىرگىنگەندەك ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشاتتى، ئەمما ئادەملار مىغ-مىغ بولغاچقا ئۇيان-بۇيانغا مېنىڭ تەس توختايتى ،ئۇ ئۆزىنى بىر گۇناھكاردەك سېزىپ بارا-بارا ئاپتۇبۇسنىڭ ئارقىسىغا سۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئاپتۇبۇستا كىملەرنىڭدۇر ئۇ توغرىلىق كۈسىرلىشىۋاتقان گېپى ئاڭلىنىپ تۇراتتى ،ئۇنىڭ قۇلىقىغا ھىچقانداق گەپ كىرىدىغاندەك ئەمەس،ئۇنىڭ كۆزى توساتتىن يېنىدىكى ئۆزى دېمەتلىك بىر ياش يىگىتكە چۈشۈپ قالدى، ئۇ يىگىتكە قارىغان چېغىدا  ئۇ يىگىتنىڭ كۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، يىگىت نىمىلەرنىدۇر ئىشارەت قىلىپ ئۇنى جىم بۇلۇشقا دەۋەت قىلدى ، ئۇ يىگىت كۆز ئىشارىتى قىلغان مۇشۇ نەچچە سىكۇنىت ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ قەلىپ ئېكرانىدا بىر رەڭسىز كىنو پەيدا بولدى.
ئۇنىڭ يانچۇقچىلىق قىلىپ يۈرگەن چاغلىرى ئىدى، ئۇكۈنى بازاردا تۈزۈك ئادەممۇ يوق ،ئامالسىز ئۇ ئولجىنى كوچا ئاپتۇبۇسىدىن ئىزدىمەكچى بولدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارقىسىغا ئۈچ چاپانچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ئاپتۇبۇسقا چىقتى، مانا ئولجا دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە ، مىغ-مىغ ئادەملار قاتارىدىن ئۇ بىر كىشىنى نىشانلىدى، ئۇ ئاستا كىلىپ ئەرنىڭ ئارقا يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى ،گەپچە ئاپتۇبۇستىكى بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىنى كۆرگەن بولسىمۇ ھىچكىم چىش يېرىپ بىرنەرسە دېيەلمەيتى .توساتتىن بىرى بىرنەرسە دېمەكچى بوللۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىتىشكە باشلىدى ،ئەمما ئۇنىڭ چاپارمەنلىرى قانداقتۇر بىر ۋەھىمىلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ قۇيىۋىدى ئۇ كىشىمۇ شاپپىدە بولىۋالدى.
قىزىق ئىش ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە ....ئۇ يېنىدا تۇتقۇچقا ئېسىلىپ تۇرغان ئايالغا شەپە بەرمەكچى بولۇپ ئايالنى ئاستا نۇقىدى ، ئەمما ئۇ ئايال ھىچبىر سىزىدىغاندەك ئەمەس، ئۇ يەنە بىر قېتىم نۇقاي دەپ تۇرىشىغا بىر قول كاپپىدە قىلىپ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالدى .
-ۋاي !يانچۇقچى ،
ئۇ خۇتۇن توساتتىنلا ئالا-تاغىل ۋارقىراپ ئاپتۇبۇستىكىلەرنى چۆچىتىۋەتتى ،بۇ چاغدا ئاپتۇبۇسمۇ كىيىنكى بىكەتكە كېلىپ بولغانىدى ،يانچۇقچى چاققانلىق بىلەن ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى .
-ھەدە ،پورتىمالىڭىز، ئەنە ئاۋۇ ئېپ قاچتى ،
ئۇ ئاپتۇبۇستىن بېشىنىچىقىرىپ يانچۇقچى غايىپ بولغان يەرنى ئىما قىلدى .
-يانچۇقچى ، نېمە يانچۇقچى، پورتىمالنى چىقىرامسەن يوق ، كىمەڭنى ئالداۋاتىسەن كىم  بىلمەيدۇ ئىككىڭنىڭ شىرىكلىكىنى ، پورتىمالنى بەر دەيمەن ، ھېلى بىكار....
كىشىلەر تەرەپ تەرەپتىن ئۇنى ئەيىپلەشكە باشلىدى ، ئۇ  ئۈششۈك تەككەن چۈجىدەك جىم تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيتى.
-توۋا ،بىر چىرايلىق بالىكەن ، دۇرۇس ئىش قىلسا بولمامدۇ دەيمەن
-قانداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلاردۇ بۇ ،
-زادى ، ھازىرقى ياشلارزە،..
-ئۇكام پورتىمالىنى قايتۇرۇپ بەر ، ئۆزەڭمۇ خىجىل بولۇپ قالىدىغان ئىشنى قىلما .
كىشىلەر ئۇنى تەرەپ-تەرەپتىن ئەىپلەشكە باشلىدى ،ئۇنغىچە ھېلىقى ئايالمۇ ئۇنىڭ يانلىرىنى ئاختۇرۇپ ئۈلگۈردى .
-پورتىمالنى چىقار دەيمەن ، ھېلى ساقچى چاقارسام .... ،
ئۇ ئايالنىڭ راستىنلا ئاچچىغى كەلگەنىدى ، توختىماي سۆزلەشلەر ئۇنىڭ قەلبىدىكى نەپرەتنى قايتىدىن ئويغاتتى،شۇڭا ئۇ كىشىلەرنىڭ گېپىگە پەرۋامۇ قىلماستىن ئاپتۇبۇستىن يۈگرىگىنىچە چۈشۈپ كەتتى .....
-قاراڭلار،قاراڭلار ! قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپتۇ ، مېڭىڭلار چۈشۈپ قاراپ باقايلى .
كوچىغا ئادەملەر توپلىشىۋالغان ، ماشىنىلارنىڭ ئۆتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، كىشىلەر بىرنىڭ كەينىدىن ئۇلىشىپ ئادەملەر ئارىسىغا كىردى ، بىر بالا بەدەنلىرى قانغا مىلەنگەن ھالدا يەردە سۇنايلىنىپ ياتاتتى ، يىراقتا بولسا بىر ئانا قىزىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان ، بىر ئەركىشى ھەدەپ ئۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى جىددى سۈرۈشتۈرىۋاتاتتى ، قىزچا بەش ياشلارچامىسىدىكى بىر نارىسىدە ئىدى ، بەلكىم بەك قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك،ئانىسىغا چىڭ يېپىشىپ تۇراتتى، بالىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر ماشىنا توختىتىپ قۇيۇلغان ،بەلكى ۋقە سادىر قىلغان ماشىنا شۇ بولسا كېرەك .كىشىلەر يەردە سۇنايلىنىپ يەتقان يىگىتنىڭ قېشىغا ئولىشىۋالغان ، بەزىلىرى يەرگە قاراپ نىمىلارنىدۇر پىچىرلاشسا ، بەزىلىرى ياقىسىنى چىشلەپ توختىماي توۋا دەيتى .
-ۋوي بۇ ،ھېلىقى ئاپتۇبۇستىكى بالا شۇغۇ
-شۇكەن شۇكەن، قاراڭلار ..
تېخى ئۆلمىگەن ئوخشايدۇ، مىدىردۋاتىدۇ
-كونىلار ئەسكىگە ئۆلۈم يوق دەپ ناھايىتى توغرا ئېيىتقان ، بۇنساق يانچۇقچىلارنى .....
يەردە ياتقان يىگىتنىڭ بەدىنى قاتتىق بىرسىلكىنىپ كەتتى .
- ئۇنداق دېمەڭ قېرىندىشىم ، مەيلى قانداق بولسۇن ھەممىسى ئاللانىڭ بەندىسى ئەمەسمۇ؟
بىردەمدىن كېيىن قۇتقۇزۈش ماشىنىسى،ساقچى ماشىنىسى كەلدى،يىگىتنى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا سېلىپ ئۇزاپ كېتىشتى...

مانا ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى، نەچچە ئاي بولدى ئۇ مۇشۇ كېسەل كارۋىتىدا ياتقىلى، ئەمما ئۇ قىلچىلىك مەيۈسلەنمىدى،چۈنكى ئۇ بۇ يەردە ئازراق بولسىمۇ ئىللىقلىققا ئېرىشتى ، ئۇ پۇتىنى ئاستا كۆتۈرگىنىچە بالنىستىن چىقتى، ئۇ ئاقساپ ماڭغىنىچە ، شەھەر كوچىسىغا ھەۋەسلىنىپ قارىدى، ھەممە كىشى ئۇنىڭ مەۋجۇلىقىنى ئۇنۇتقاندەك ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلمايتى،ئامما بۇرۇنقى يېتىرقاشلار يوقالغان نەپرەتلىك كۆزلەرمۇ ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرمىغان ئىدى ،ئۇ قەدەملىرىنى ئاستا ئالغىنىچە ئالدىغا قاراپ ماڭدى ،ئالاھەزەل يېرىم سائەت ماڭغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ توپ تارقىتىش ئورنىغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدى .
- ئۇكام ،ئىش بار ،قىلامسەن
-ھە،ھە ..
يۆتكەيدىغان ئازراق مال بار ، ئىشلەمسەن دەيمەن .
ئۇ دەماللىققا نېمە دېيىشىنى بىللەلمەي قالدى ، ئەمما ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ،ئاكا مەن ئىشلەي ،مەن ئىشلەي دەپ تالىشىپ -چۇقىرىشىپ كەتكەنلىكىنى  كۆرۈپ ئۇ كىشىگە ئىشلەشكە ماقۇل بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 7~8ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى ، ئۇلار بىنانىڭ 8-قەۋىتىگە چىقتى .
-قىلىدىغان ئىشىڭلار،مۇشۇ يىشىكلەرنى بىرىنچى قەۋەتكە ئەچۈشسەڭلا بولىدۇ، ئىش ھەققىڭلارنى جايىدا بېرىمەن .
-خوجايىن ،يىشىكتىكى نېمىلەر ئۇ ؟
-ئاياغ، ئوغىرلاپ كىيىۋالما جۇمۇ ،ھا!ھا!ھا!
خوجايىن ئۇلار بىلەن قىسقا چاقچاقلاشقاندىن كېيىن ئۇلارغا تېز ئىشلەشنى جىكىلەپ ،بۇ يەردىن ئايرىلدى ، ئۇلار ھە-ھۇ دېيىشىپ بىردەمدىلا ماللارنى بىرىنچى قەۋەتكە تۇشۇپ بولدى،ئۇلار خوجايىندىن ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن 8- قەۋەتتە خوجايىننى ساقلاپ تۇردى، بىردەمدى كىيىن ئۇ كىشىمۇ كەلدى، خوجايىننىڭ قاپىغى تۈرۈلگەن ، كىشىلەر نېمە بولغاندۇ دەپ قىياس قىلىشىپ سۈكۈت ئىچىدە خوجايىننىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇردى .
-سىلەرنى مەن خېلى ئىشەنچىلىك دەپ شۇنچە ئادەملەر ئىچىدىن تاللاپ ئىشلەتكەن، ئەمما ، ھازىر قارىسام ئىككى جۈپ ئاياغ كەم چىقتى ، شۇڭا  ئاياغنى تىقىىۋالماي ماڭا ۋاقتىدا بېرىپ ئىش ھەققىڭلارنى ئېلىۋېلىڭلار، ئەگەر ئاياغ چىقمايدىكەن ھىچقايسىڭلار ، ئىش ھەققىمنى ئالىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭلار .
بالىلار ،مەن ئالمىدىم دېگەن نەزەردە بىر بىرىگە قارايتى ، توساتتىن بىرى ئېغىز ئېچىپ قالدى .
-خوجايىن مەن بايا ئاۋۇ ئاقساقنىڭ ساندۇقنى ماتلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن
كىشىلەرنىڭ نەزىرى تېزدىنلا ئۇنىڭغا مەركەزلەشتى، ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تىپىرلاپ كەتتى .
- ياق . مەن ...مەن ئالمىدىم خوجايىن ، مەن شۇ قانداق ئاياغلاركىن دەپ ....
ئۇ قانچە چۈشەندۇرسىمۇ خوجايىن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدى ، ئۇ نەچچە سائەت گەپ قىلىپمۇ خوجايىننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ئامالسىز شۈكلەپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن خوجايىن ئاياغنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتىۋالماقچى بولدى ، ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماي يۈگۈرگىنىچە پەلەمپەيگە قاراپ ئېتىلدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۇتلىرى قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى ، ئۇ چىشنىنى چىشلەپ بىنانىڭ ئۆگىزىسىگە چىقتى، ئاھ!خۇدا دەيتى ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا،
-ئاھ خۇدا بىچارە بەندەڭنىڭ دەردىگە قاچانمۇ يىتەرسەن .
ئۇ يىراق -يىراقلارغا نەزەر تاشلىغىنىچە خىيالغا پېتىپ قالدى ، ئىككى تامچە ياش ئۇنىڭ مەڭزىنى بويلاپ چۈشمەكتە ئىدى، ئۇ توساتتىن <<كونىلار ئەسكىگە ئۆلۈم يوق دەپ بىكارغا ئېيىتمىغان >>دېگەن گەپنى ئەسلەپ قالدى ، ئۇ ئاستا ئالدىغا ماڭدى ، مانا بىنانىڭ ئالدىغىلا كېلىپ قالدى ،شۇ تاپتا ئۇنىڭ كالىسىدا پەقەت بىرلا سۆز يەنى ئەسكىگە ئۆلۈم يوق دېگەن گەپلا بار ئىدى ، ئۇ توساتىن ئۆزىنى قۇيىۋەتتى ، ئۇ خۇددى لەرزان ئۇسۇل ئوينىغان مامكاپتەك ئاستا لەيلەپ پەسكە چۈشمەكتە ئىدى ،شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ روھى بىلەن جىسمىنىڭ ئايرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى، ئۇ ئاخىرقى قېتىم دۇنياغا ئىللىق تەبەسسۇم قىلدى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسىدىكى<<ئەسكىگە ئۆلۈم يوق >>دېگەن گەپ بارا-بارا يوقىماقتا ئىدى.


كېچىككەن مۇھەببەت



كۆزۈمگە تۇتۇلغان كۈچلۈك بىر يۇرۇقلۇقنىڭ تەسىرىدىن ئەندەرىگىنىمچە كۆزۈمنى ئاچتىم ، ئوڭ پۇتۇم ئۆزەممۇ ئىسمىنى ئاتاپ بېرەلمەيدىغان نەرسە بىلەن تۇرۇسقا ئېسىپ قويۇلغان، يۈزلىرىم ۋىرئەۋىننىڭ قوغدىغۇچىسى كەبى مومىيادەك داكىلانغان، قوللۇرۇممۇ سۇنغان بولسا كېرەك مىدىرلىتىشىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى، دوختۇر مېنىڭ كۆزۈمنى ئاچقانلىقىمنى كۆرۈپ بىر نېمىلەرنى كالدىرلىغىنىچە چىقىپ كەتتى، مەن تېخچە ئېسىمنى يىغالماي تۇرۇسقا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتىم، بىر دەمدىن كېيىن بىرسىنىڭ ۋوي بالام دەپ يىغلامسىرىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئىشىك تەرەپكە قارىدىم، قارىسام ئانامكەن، مېنى كۆرۈپ ئۆزىنى تۇرىۋالالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى، ئارقىدىن داداممۇ كىرىپ كەلدى،  بىز بىرھازا ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن دوختۇر ماڭا تىنىچ مۇھىتنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىپ ئاتا-ئانامنى سىرتتا كۈتۈپ تۇرۇشقا بۇيرىدى .
ئۆزەمنىڭ نېمىشقا بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمغا ئەقلىم يەتمەيتى، لېكىن بايا كۆزۈمنى ئېچىشنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار ماڭا گوياكى راست ئىشتەكلا بىلىنىپ كەتكەنىدى، تىگىگە يېتىشكە شۇنچە ئۇرۇندۇم لېكىن...
-ئەجىبا ،مېنىڭ يۇرتۇمغا قايتىپ، بېسىم ۋە يىتمسىراش دەستىدىن ئۆزەمنى بىنادىن تاشلىۋالغانلىقىم راستمىدۇ؟ناۋادا شۇنداق بولسا ،مەن ھاياتىمدىن ئايرىلماي قالسام مېنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ جېنىمنى ساقلاپ قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن، ئۇف!نېمانداق ئەخمەقلىق قىلدىم مەن، ھەر قانچە بولسىمۇ جان بىلەن ئويناشماسلىقىم كېرەك ئىدىغۇ؟ھېلىمۇ ياخشى يەيدىغان رىزىقىم بار ئوخشايدۇ.
شۇلارنى ئويلاپ ئۆزەمنىڭ ھايات قالغانلىقىمدىن خۇش بولدۇم، خىيالىمدا گوياكى چۈشتەكلا ئەكىس ئېتىۋاتقان ھېلىقى يولدىن قارشىسىغا كېسىپ ئۆتۈۋاتقان بالا، ھېلىقى ئاپتۇبۇستىكى ئايالنىڭ پورتىمالىنى ئوغىرلاپ قاچقان يانچۇقچى ۋە يەنە قانداقتۇر بەزى بىر خىرە سىمالار كېلەتتى، پۇت، قوللۇرۇم چېقىۋەتكەندەك ئاغرىماقتا، بېشىمنى تەستە بۇراپ دەرىزە تەرەپكە قارىدىم، ناتۇنۇش شەھەر، بۇ ھېچبىر مېنىڭ يۇرتۇمغا ئوخشىمايتى، قايسى تەرەپكە قارىسام ئېگىز بىنالار بىلەن قورشالغان،بەلكىم مەنمۇ بىنانىڭ خېلى چوققىسىغا مىنىۋالغان بولسام كېرەك، خېلى ھەيۋەت بىنالارمۇ مەن ياتقان بالنىسلار بىلەن بوي تالىشالمىغانىدى، قارىغاندا خېلى قاتتىق زەخمە يەپتىمەن جۇمۇ دېگنلەرنىمۇ ئويلىدىم-ئېسىمدە قېلىشىچە مەن 8قەۋەتلىك بىنادىن سەكرىۋالغان،تەلىيىم بار جۇمۇ دېمىگەن بىلەن   شۇ قەۋەتتىن سەكرەپمۇ ھازىرغىچە ھايات تۇرۇپتىمەن شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنۈڭگە دېگەنلەرنى ئويلاپ سېستىرا قىزغا ئاتا-ئانامنى چاقىرتىپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم، بىردەمدىن كېيىن ئۇلارمۇ كىردى، ئانام مېنى كۆرۈپ يەنە يىغلاشقا باشلىدى، مەن سەل تىرىكىپ ئانامنى جىملەشتۈرگەندىن كېيىن دادام ماڭا گەپ باشلىدى،
-ھېلىمۇ ياخشى يەيدىغان رىزىقىڭ بار ئىكەن، شۇنچە چوڭ يۈك ماشىنىسىنىڭ ئاستىدىن ساق چىقىپسەن
مەن دادامنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىدىم، دادام سېنى ماشىنا سۇقىۋاتتىغۇ دەيدىغۇ، بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى، ئۇنداقتا باياقى خياللىرىم...قىزىقىپ دادامدىن سورىدىم .
-ئىشنىڭ جەريانىنى باشتىن بىر دەپ بېرە دادا ؟
-ماقۇل، مەن دەپ بېرەي، ئاناڭ سېنى يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن پەقەتلا خاتىرجەم بولالمىدى، سېنىڭ ئىز دېرىكىڭنى شۇنچە قىلغان بولساقمۇ لېكىن پەقەتلا خەۋېرىڭنى ئالالمىدۇق، تۆت كۈن بۇرۇن توساتتىن سېنىڭ مەشەدە ئىكەنلىك خەۋېرىڭ ئاڭلاندى، كەلسەك ھالىڭ مۇشۇ ئوغلۇم، يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ دېيىشىچە سەن كوچىدا مېڭىۋېتىپ توساتتىنلا ئالاتاغىل توۋلاپ كېتىپسەن، باشقىلار سېنى نېرۋىسىدىن ئاداشقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىشىپ قاپتۇ...
-نېمە دەپ توۋلاپتىمەن دادا؟
دادامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغان ئىشلار ئازراق ئېسىمگە كەلگەندەك قىلاتتى،مۇنداقچە ئېيىتقاندا
ئىشنىڭ جەريانىنى تەسەۋۇر قىلىپ بولغانىدىم لېكىن يەنىلا دادامنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىماق بولۇپ دادامغا قارىدىم
-شۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ دېيىشىچە سەن ئەمدى ئوغىرلىق قىلمايمەن دېگىنىڭچە يولنىڭ ئوتتۇرسىغا چىقىپ قاپسەن، دەل شۇ چاغدا قارشى تەرەپتىن كەلگەن بىر يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ ........
دادام گېپىنى قىلىپ بولغۇچە ئانام يەنە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ، مەن ئانامنى يىغلىماڭ دەپ بەزلىگەندىن كېيىن دادام يەنە گېپىنى داۋام قىلدى.
-ھېلىمۇ ياخشى !شوپۇرنىڭ خېلى ئىنسابى بار ئىكەن، سېنى شۇئانلا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ،  يېنىڭنى شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ سېنىڭ ئالاقىلىشىش ئادرىسىڭنى تاپالماپتۇ...
-كىملىكىم بار ئىدىغۇ؟
-گېپىمنى تارتىۋالماي تۇرساڭچۇ، شۇ دېدىمغۇ كىملىكىڭمۇ يوقكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ناتۇنۇش شەھەردە دوختۇرخانىدا سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان كىشىنى بالنىسقا ئالمايدىغان قائىدە بار ئىكەن، شوپۇر تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغان شۇ پەيىتتە كۆزى توساتتىن سېنىڭ قولۇڭدىكى پويىز بېلىتىگە چۈشۈپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن شۇ بىلەتتىكى ئادرىس بىلەن ئىز قوغلاپ يۈرۈپ بىزگە سېنىڭ خەۋېرىڭنى يەتكۈزدى.ھە راست، شوپۇر يېنىڭنى ئاخـتۇرغان چاغدا ماۋۇ ئونمىڭ كوي يېنىڭدا باركەنتۇق ...
ئەمدى دادامنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا تاقىتىم قالمىدى، مەن چۈش كۆرۈپتىمەن ناھايىتى قاباھەتلىك چۈش كۆرۈپتىمەن، ئۆزەمنى بىنادىن سەكرىۋالدىم دەپ ئويلاپ يۈرسەم ئەمەلىيەتتە چۈشۈمكەن ئەمەسمۇ، تەغدىرنىڭ چاقچاقلىرى دېگەن ئاجايىپ دېسە، تاس قاپتىمەن ھېلىمۇ بىئەجەل ئۆلگىلى ،مېھرىبان ئاللاھ ئازغۇن بەندىلىرىگە ھەر زامان ئوڭ كۆزىدە قارايدۇ،شۇلارنى ئويلاپ كۆزلىرىم ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى ...
مانا ئورنۇمدىن قوپماي ياتقىنىمغىمۇ 10كۈندىن ئېشىپ قالدى،مەن ئاتا-ئانامغا يۇرتقا بېرىپ داۋالىنىش تەكلىبىنى بەرگەن بولساممۇ لېكىن ئۇلار بۇ يەرنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى ياخشى دەپ مەسلىھەتىمگە پەقەتلا كۆنمىدى، ئامالسىز غېرىبانە ياتاقتا كۈنلىرىمنى زىرىكىشلىك ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتىن باشقا ئامال بولمىدى، نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مەن ئۇلارغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئۇلارنى يۇرتقا قايتىپ كېتىشكە كۆندۈردۈم دېمىسىمۇ بۇ چوڭ شەھەردە ئۇلار ئىككىلىسى مېنى باقىمەن دەپ سەكپارە بولۇپ يۈرسە بولماس، بىزگە تۇرمۇشمۇ كېرەكتە، بىكار يېسە تاغمۇ توشىماس ھېلى دېگەننى ئويلاپ ئۇلارنى يۇرتقا كېتىشكە مەندىن خاتىرجەم بولۇشقا دەۋەت قىلىپ ئۇلانىڭ كۆڭلىنى تەسەللىي تاپقۇزۇپ قويدۇم.ئۇلار ماڭا يىتەرلىك پۇل ۋە لازىمەتلىك بۇيۇملارنى قويۇپ قويغاندىن كېيىن مېنىڭ پاتراق ساقىيىشىمنى تىلەپ يۇرتقا قايتىپ كەتتى، ئاتا-ئانام كەتكەندىن كېيىنكى نەچچە كۈندە ئانچە زىرىكىشلىك تۇيۇلمىدى لېكىن ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن مۇڭدىشىدىغان ئادەم يوق شۇنچىلىك زىرىكىپ كەتتىم، بۇ يەرلىك سېستىرالارنىڭ تىلىنى مەن ياكى ئۇقمىسام بىر ئۇييغۇر سېستىرا بار ئۆزىغۇ شۇنچە چىرايلىق لېكىن  ئۇ بۇ يەردە بەكلا ئەتىۋار.پەقەت كۈندە بىر قېتىم نەچچە ئون مىنۇتلا مەن بىلەن ئەھۋاللىشىپ مېنىڭ ھالىمنى سورىغاندىن كېيىنلا غايىپ بولىدۇ،ئۇ قىزنى گېپىم ئارقىلىق شۇنچە تۇتىۋېلىشقا يەنە ئازراق بولسىمۇ مەن بىلەن مۇڭدىشىشقا تۇتۇپ قالاي دېگەن بولساممۇ لېكىن تۇتىۋالغان ۋاقتىم 10مىنۇتتىن ئاشمايدۇ، شۇ ئون مىنۇتتا شەخسى پاراڭ قىلىۋالساقچۇ كاشكى .نەدىكى مىجەزىڭىز قانداراق، پۇتىڭىزنى مىدىرلىتالامسىز قولىڭىزچۇ ، دورىنى ۋاقتىدا ئىچىڭ دېگەن گەپلەر بىلەن بۇ ئون مىنۇت بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، مانا مەن تاكى ھازىرغىچە بۇ قىزنىڭ ئىسمىنى ئۇقمايمەن دېسە مانا ھازىرمۇ ئاران بىر ئاغزىمدىن ئىسمىڭىز دەپ چىقىپ بولغۇچە پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ يەنە نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى ، كۈنلىرىم شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى بىر ئايدەك بولغاندىن كېيىن يەرگە چۈشكىدەك بولدۇم،قولتۇقۇمغا ئىككى ھاسىنى قىستۇرىۋېلىپ دىڭگۇسلىغىنىمچە دوختۇرخانا رايۇنىدا كېتىپ باراتتىم توساتتىن كۆزۈم مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان ھېلقى ئۇيغۇر سېستىراغا چۈشۈپ قالدى، تازا زىرىكىپ تۇرغاندا ئەجەپمۇ ۋاقتىدا ئۇچىرىدى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ۋە مۇغەمبەرلەرچە ھىجىيىپ ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا كەلدىم، شۇ تاپتا بۇ سېستىرانى قايتىدىن تۇنۇغاندەك قىلاتتىم،سۈتتىن ئاپئاق خالاتلىرى كۈن نۇرىدا ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇراتتى، بېشىغا ياراشقان سېستىرالارغىلا خاس بولغان باش كىيىمىچۇ تېخى ئۇنى تېخىمۇ جەزبىدار كۆرسىتەتتى،مۈرسىگە چۈشۈپ تۇرغان دولقۇنسىمان سارغۇچ چاچلىرى  ئالتۇندەك پارقىرايتى، ئايكەنغۇ دەپ قالدىم ئىچىمدە.
- ياخشىمۇ سىز؟
-ياخشمۇ سىز.
يۇرتىڭىز نەدە سىزنىڭ؟
-نېمانداق بالدۇرلا كارىۋاتتىن چۈشىۋالدىڭىز؟
-قانچىلىك بولدى بۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلىقىڭىزغا؟
-ئۇزاق يول ماڭماڭ.
-يۇرتىڭىزغا كېتىشنى ئويلىشىپ باقمىدىڭىزما؟
-قولىڭىزنى ھەركەتلەندۈرۈپ بېرىڭ بۇ ئۇمۇرتقىلارنىڭ نورمال ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.
-قارىغاندا كەسپىڭىزنى بەك سۆيىدىكەنسىزدە؟
-ئەتە سىزنى كېلىنكىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز،ئىدىيەرىڭىزدە تەييارلىق بولسۇن.
-ئىسمىڭىزنى بىلسەم بولامدۇ؟
-دورىڭىزنى ۋاقتىدا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە مەن بىلەن خوشلىشىپ كېتىپ قالدى، بىزنىڭ پاراڭلىرىمىز كۆپ ھاللاردا مانا مۇشۇنداق بولىدۇ، مەن گەپ سورىسام قەستەن گېپىمنى باشقا تەرەپكە بۇرايدۇ مانا بۈگۈنمۇ پارىڭىمىزنىڭ نەتىجىسى چىقمىدى، غۇدۇڭشىغىنىمچە يالغۇز ئايلىنىشقا باشلىدىم، خىيالىم يەنىلا ئاشۇ سېستىرا قىزدا قالغان ئىدى-ئاجايىپلا بولۇپ قالدىم دېسە، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ يا؟بىراق ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇقمايدىغان تۇرسام، ھەتتا تۈزۈكمۇ بىر پاراڭلىشىشقا پۇرسەت بولمىدى دېسە، تازا بىر چوڭچى قىزكەن ئۇ، ئۆزەمۇ خېلى كىلىشكەن ئەجەپ پەرۋامۇ قىلىپ قوياي دېمەيدۇ دېسە، ھازىرقى ناكاھ ھالىتىمنى كۆرۈپ ياراتمىغان بولس كېرەك قېنى بىر ساقىيىپ ئەسلى ھالىتىمگە قايتايچۇ شۇ چاغدا ئۇنىڭغا قارىغۇدەك كۆزۈم نەدىكەن قېنى .
شۇلارنى ئويلاپ ياتىقىمغا يۈرۈپ كەتتىم.ياتىقىمغا كىرىپمۇ ئۇ قىزنى كۆڭلۈمدىن پەقەت چىقىرالمىدىم، توساتتىن كاللامغا بىر ئەقىل كېلىپ قالدى .
-گېپىمگىغۇ زادى لايىقىدا جاۋاپ بېرىپ باقمىدى، مېنىڭچە ئۇيغۇرچە گەپ سۇقالىغانكەن چۇقۇم ، ئۇيغۇرچە خەتمۇ ئۇقىيالايدۇ، بىر خەت يېزىپ ئەتىگىچە تەكشۈرگىلى كىرگەن چاغدا قولىغا تۇتقۇزۇپ قويارمەن.
شۇلارنى ئويلاپ بىر ۋاراق قەغەز تېپىپ سالام خەت يېزىشقا باشلىدىم، ئەمدى بىر سالام خەت دەپ باشلاپ تۇرۇشۇمغا نۆۋەتچى سېستىرا ئۇخلاڭلار دەپ توكنى ئۆچۈرۈشكە بۇيرىدى ئامالسىز شىرىن خىياللارنى ئۆزەمگە ھەمرا قىلغىنىمچە ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇ پەرىشتىنىڭ مەندىن ئەھۋال سورىشىنى كۈتۈپ تۇراتتىم، لېكىن شۇنچە ساقلىساممۇ ئۇ قىز كەلمەي قويدى، بىر خەن يولداش كىرىپ گەپمۇ قىلماي مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىرە قۇر كۆزەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى، شۇنىڭدىن كېيىنكى 15كۈنگىچە ئۇ قىزدىن پەقەتلا خەۋەر بولمىدى، ئۇنىڭغا يازماقچى بولغان خەتلىرىممۇ تاشلىنىپ قالدى، كۈنلىرىم ئۇ قىزنى سېغىنىش ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى گەرچە سالامەتلىكىم بارا-بارا ئەسلىگە كېلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن روھى ئازاپلىرىم بارغانچە كۈچىيىۋاتاتتى.زىرىكىپ دوختۇرخانا كارىدۇرىدا سەيلە قىلىۋاتاتتىم .توساتتىن -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دېگەن ئاۋازدىن ھاياجانلانغىنىمچە ئارقامغا قارىدىم، دەل شۇ پەرىشتىنىڭ ئاۋازى، ئۇ مېنى چاقىرۋاتىدۇ.
-ھە،ۋائەلەيكۇم...
-ئاڭلىسام سالامەتلىكىڭىز شۇنداق تېز ئەسلىگە كەپتۇ .
-نەچچە كۈندىن بۇيان يوقاپ كەتتىڭىزغۇ؟
-مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە بالنستىن چىقسىڭىز بولغۇدەك .
گېپىمىز يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا ئۇ گەپنى ئەتەي باشقا تەرەپكە بۇيرىماقتا ، لېكىن مۇشۇ ھەپتە دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ دېگىنى نېمىسى، ئەمدى مەن ئۇ پەرىشتە بىلەن كۆرۈشەلمەيدىغان ئوخشىمايمەنمۇ ؟
ئىسمىنى بولسىمۇ ئۇقىۋالسام بولاتتى، بوپتىلا ئەمدى ئاچچىق ئەسلىمە بولۇپ قالسۇن.
شۇلارنى ئويلاپ  خىيال سۈرگىنىمچە ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم، ئەتىدىن باشلاپ ئۇ بۇرۇنقىدەكلا مېنىڭ ئەھۋالىمنى سوراپ تۇردى، لېكىن ئەمدى مېنىڭ ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك مېھرىم قالمىغان، پەرۋاسىزلا يۈرەتتىم، ئۇنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئارتۇق پاراڭ سالمايتىم، بەلكىم ئۇمۇ مېنىڭ بۇ پوزىتسىيەمگە كۆنەلمىگەن بولسا كېرەك مانا ئەمدى ئۆزى ماڭا يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى، قايسى كۈنى تېخى ئىسمىڭىز نېمە دەپ سوراۋاتمامدۇ؟ كۈلكەمنى زورىغا بېسىپ تۇردۇم، بۇرۇن مەن پايپەتەك بولغان قىز مانا ئەمدى پەرۋا قىلمىسام مېنىڭ كويۇمدا بولۇپ يۈرۈپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەندىن پات-پات ھال سورايدىغان بولىۋالدى، يۇرتۇمنى نېمىگە ئامراقلىقىمنى ..ئىشقىلىپ ئۆزى خىيالىغا كەلگەن ئىشلارنى سوراپ ماڭا يېقىنلاشماق بولاتتى، بىراق مەن يەنىلا ئۇنىڭغا پەرۋاسىز ھالەتتە ئىدىم، بۇ يەردىكى ئاخىرقى كۈنلىرىم مانا مۇشۇنداق ئۆتتى ،ئەتىسى ئۇ پەرىشتە ماڭا ئىككى كۈندىن كېيىن بالنستىن چىقىدىغانلىقىمنى دېيىش ئۈچۈن يېنىمغا كىرىپتۇ، مەن بىلدىم دېگىنىچە  تۇرۇسقا قاراپ يېتىپ تۇراتتىم، قارىسام ئۇ تېخىچە چىقىپ كەتمەي ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ، ئاغزىنى ئۆمەللىتىپ بىر نەرسە دېيىشكە تەمشىلەتتى يۇ لېكىن نېمىدىندۇر خۇدۇكسىرىگەندەك گەپ قىلالمايتى.
-كېتىدىكەنسىز!ئەجىبا ماڭا دەيدىغان گېپىڭىز يوقما ؟
ئۇ ئاخىرى ئېغىز ئاچتى ، دېگەندىمۇ چىن كۆڭلىدىكى گېپىنى قەلىپ يىغىسىغا ئارلاشتۇرۇپ يىغلاپ تۇرۇپ دېدى، كېچىكتىڭ دەپ قالدىم ئىچىمدە-باشتىلا مەيلىمگە كۆنگەن بولساڭ بولماسمىدى ، ئەمدى ئۆزەڭنىمۇ قىينىدىڭ، مېنىمۇ ھىجران چۆلىگە تاشلىدىڭ ئەخمەق قىز .
-گېپىم يوق، رەخمەت ھالىمدىن خەۋەر ئالغىنىڭىزغا.
ئۇ مۇنچاقتەك ياشلىرىنى تۆككىنىچە يۈگۈرگەن پېتى ياتاقتىن چىقىپ كەتتى، شۇ تاپتا مەن خاتا قىلدىممۇ دەپ ئويلاپ قالدىم، لېكىن  سەزگۈم مېنىڭ توغرا قىلغانلىقىمنى ئەسكەرتكەندەك كۆڭلۈمگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلاتتى،لېكىن ئۇ پەرىشتىنىڭ كۆز يېشىغا تاقەت قىلالمىدىم ، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭغا كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغان ئىدى لېكىن يەنىلا خەيىر دېيىشىم كېرەك،ئۇنى قۇبۇل قىلىشىم بەلكىم ئۇنىڭغا ئازاپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ھەي مۇشۇ مۇھاببەت دېگننىزە، قايسى بىر ناخشىلاردا شۇنداق تېكىسىتلەر بولىدىغان.
گۈزەلىم بۇنچە نازلانما،
ئايلىنىپ كېلىدۇ دۇنيا .
قىلىمەن سېنى ھەم سەۋدا،
كۆيۈپ قالىسەن سەزمەي.
مانا باشتا مەن كۆيگەن،تالاي قېتىملاپ كويىدا يۈرگەن پەرىزات ئۆزىمۇ بىلمەي ماڭا كۆيۈپ قاپتۇ،بەلكىم بۇمۇ تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بولسا كېرەك، خەير كېچىككەن مۇھاببەت .
دوختۇرخانىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈننى كۈتىۋالدىم، قىزىق ئىش، ئۇ پەرىزاتنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرىۋالغۇم بار ئىدى، لېكىن بۇ بۈگۈن كەلمەي قويدى،گەرچە ئۇنىڭ كەلمەيدىغانلىقى ماڭا ئايان بولسىمۇ لېكىن كۆڭلۈمنىڭ نەلىرىدۇر ئۇنىڭغا تارتىشىپ يۈرەتتى، بولدى ھۇشۇڭنى يىغ دېگىنىمچە ئۆزەمگە خىتاپ قىلدىم،ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دوختۇرخانا قورۇسىنى ئايلاندىم، نېمە نىشاننى كۆزلەپ ئايلانغانلىقىمنى بىلمەيمەن بەلكىم ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى رەت بولسىمۇ كۆرۈۋېلىش ئىستىكىم باردۇ لېكىن مەن بۇنى بايان قىلىشقا ئىلاجىسىز، خېلى ئايلانغاندىن كېيىن روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك يۈكتاقلىرىمنى يىغىشتۇرۇش ئۈچۈن ياتاققا كىرىپ كەتتىم .


مەنبەسى :ئەپچىلەم



كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1460
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 705 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 08:40:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز

يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5337
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 824 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 05:49:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەرگە ئەمدى نۆۋەت تىگىپتۇ ھە

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21217
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6548
تۆھپە نۇمۇرى: 550
توردا: 611 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2013-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 02:29:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپچىلەم ئەسلى ئوغۇرلۇقمۇ قىلىپ باققان دەيلى... ئاستا ئاستا چۈشۈنۋاتىمەن سىزنى...

سادىغاڭ كېتەي XJTV-2 , XJTV-5 , XJTV-9 ... مۇشۇ ئېلاننىڭ ئارىسىغا كېنۇ قىستۇرۋالمىساڭلار تازا قىزىقىپ ئېلان كۆرۋاتسام تولا كېنۇ قىسىلىپ بەك زېرىكىپ كەتتىم...

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1680 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 02:15:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qimaltak يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 06:29 AM
ئەپچىلەم ئەسلى ئوغۇرلۇقمۇ قىلىپ باققان دەيلى... ئاستا ئ ...

ئەستاغپۇرۇللا! مەن بىلەن باغلاپ چۈشىىنىشىڭلارغا رۇخسەت يوق جۇمۇ

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21217
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6548
تۆھپە نۇمۇرى: 550
توردا: 611 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2013-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 09:31:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 02:15 PM
ئەستاغپۇرۇللا! مەن بىلەن باغلاپ چۈشىىنىشىڭلارغا رۇخس ...

يېزىپ بولدىڭىز ، ئەمدى ئامال يوق..........

سادىغاڭ كېتەي XJTV-2 , XJTV-5 , XJTV-9 ... مۇشۇ ئېلاننىڭ ئارىسىغا كېنۇ قىستۇرۋالمىساڭلار تازا قىزىقىپ ئېلان كۆرۋاتسام تولا كېنۇ قىسىلىپ بەك زېرىكىپ كەتتىم...

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1091
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8841
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 3961 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 12:05:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخرى  ئەپچىلەم  ئۆلمەپتۇ ھە؟ تېخىى ئېشىۋالغىنىچۇ؟

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96275
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2013-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 07:10:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

توۋا قىلىڭ!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39903
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 12:40:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز تىزراق يىزىڭ ھە.....

بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز ،ۋىجدان بىلەن پاك ياشايلى!!!قىلغان ھەر بىر گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلايلى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94193
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1835
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2013-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 12:55:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، بولۇپمۇ ئۆلۇم يولى دىگەن بۆلەك . ئۆلۇم بىردىنبىر تاللاش يولى ئەمەس ، خۇشال ياشاڭ ئامەت تىلەيمەن .

ئى ئاللا ،دۇشمىنىمنىڭ قەسلىرىدىن ئادەملەرنىڭ پەسلىرىدىن يىراق قىلغايسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش