قىرىئال
<<ئانا! مەن...>>توۋلاشتىن توختاپ قالدىم.كۆڭلۈمنى يەنە غەشلىك ئالدى. خۇشاللىقىمدا ئۆيدە ئاتا-ئانامنىڭ يوقلىقىنى ئۇنتۇپلا قالغان ئىكەنمەن، بۇ ئۆي ماڭا بارغانچە سوغوق بىلىنمەكتە ئىدى. بۇرۇن ئىشىكتىن كىرشىمگە ئانام <<كەلدىڭمۇ بالام !تاماق پىشاي دەپ قالدى .قۇلۇڭنى يۇيۇپ تەييار بول>> دەيتى. دادام مىنى سۈيۈپ ئەركىلتىپ كېتەتتى. كەچلىرى ئانام <<بالام بۇرۇن ئۇخلا ئەتە يەنە مەكتەپكە بارسەن،>> دەپ پىشانەمگە سۈيۈپ چىقىپ كېتەتتى. شۇ چاغلاردا ئۆي ماڭا بەكمۇ ئىللىق بىلىنەتتى. ئەمما ھازىر...
بۇگۈنمۇ تەييار چۆپ كەچلىك تامىقىم بولدى.قۇرسىقىم يېرىم ئاچ يېرىم توق يېتىشقا كۈنۈپ قالغان ئىدىم. بىردەم كىتاب كۆرۈپ كەچ كىرشى بىلەن ئۆزۈمدىكى قورقۇنۇچنى بېسىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە يالغۇزلىقنى ئازراقمۇ بولسا ئازايتىش ئۈچۈن تېلېۋىزور كۆرۈپ ياتتىم.بىر چاغدا تېلېۋىزوردا چىققان يېتىم بالىنى كۈرۈپ ئۇ بىچارە بالىغا ئىچىم ئاغرىپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.بىر تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى كىچىكىدە ئاتا ئانىسىدىن ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ بالىغا ئوخشاشتەك ھېس قىلىپمۇ قالدىم.لىكىن ئۆزۈمنىڭ ئىللىقلىقى يوقالغان بولسىمۇ ئاتا ئانامنىڭ، ئائىلەمنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان سەۋەب تاپاتتىم. ئەلۋەتتە ھىچ كىم يېتىم بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ.دە! شۇنداق خىياللارنى قىلۋاتسام تېلېۋېزوردىكى بالا :
-سەنمۇ يىتىم ھە؟ ،- دەپ سورىدى، مەن بۇ تېلىۋېزورغۇ دەپ ئولتۇرسام ئۇ يەنە :
-ھەي!سەندىن سوراۋاتىمەن،- دېدى قۇلىدا مېنى كۆرسىتىپ، بۇنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم دە ،- مېنى دەۋاتەمسەن ؟دېدىم بۇنىڭ خىيالى تۇيغۇم ياكى راستلىقىغا ئىشىنەلمەي.
-ھەئە، سەندىن سورىماي كىمدىن سورايمەن باشقا ئادەم بولمىسا بۇ يەردە دېدى قاپاقلىرىنى تۈرۈپ.
-مە...مەن يىتىم ئەمەس،- دېدىم يەنىلا خىيالى تۇيغۇ ياكى راستلىقىنى بىلەلمەي ئازراق ھۇدۇقۇپ.
-يالغان ئيتىۋاتىسەن
-يالغان ئېيتمىدىم مېنىڭ ئاتا-ئانام بار يەنە ئىللىق ئائىلەم بار،- دېدىم مەن گەرچە ئائىلەم بۇرۇنقىدەك ئىللىق بولمىغان بولسىمۇ يېتىم ئاتلىپ قالماسلىق ئۈچۈن.
-ئىللىق ئائىلە؟؟ ئۇ سېنىڭ ئۆتمۈشۈڭ خالاس .ئائىلە مىھرىنى سەن مەنچىلىك بىلمەيسەن، بەلكىم ئەمدى ھېس قىلىپ قالغانسەن .سەن ئىللىق ئائىلىنىڭ ئانداق بۇلدىغانلىقىنى بىلمەيسەن، سەن ئائىلە مېھرىنى بۇرۇنلا ئائىلە مىھرىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئائىلە مىھرىگە زار بولغان مەندىن سورا!، دېدى،-ۋە يەنە داۋاملاشتۇرۇپ،-سېنىڭ ھازىر مەندىن شۇ ئاتا-ئاناڭنىڭ، ئۆيۈڭنىڭ بارلىقىڭدىن باشقا يېرىڭ مەندىن پەرىقلەنمەيدۇ. مانا سەن نەچچە كۈن بولدى، يېرىم ئاچ يېتىۋاتىسەن، ھازىر مۇشۇنداق چوڭ ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۋاتىسەن، ئاناڭ داداڭنىڭ كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتكىنى بىلەن كارى يوق چاي ئوينايدۇ، داداڭ كەلگەن تەقدىردىمۇ خىزمەت دەپ ئۆي بىلەن كارى بولمايدۇ.سەنچۇ؟ خۇشاللىقڭنىمۇ خاپىلىقڭنىمۇ ئۈزۈڭدىن باشقا ئادەم بىلمەيدۇ. ئويلاپ باق ئىللىقلىقنى يۇقاتقان ئائىلە يەنە ئائىلە ھىساپلىنامدۇ. بۇ ئائلىدىكى بالا يېتىم ھېساپلانمامدۇ؟ سەن ئائىلە ئىللىقلىقىدىن ئايرىلغان يېتىم سەن .مەنغۇ ئاتا-ئانامدىن بۇرۇنلا ئايرىلغان ئۇلارنىڭ مىھرىدىنمۇ شۇنداق. لىكىن سەنچۇ؟ ئاتا-ئاناڭ ھايات تۇرۇپ ئۇلارنىڭ مىھرىدىن ئايرىلدىڭ ...
ئۇنىڭ گەپلىرى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى .شۇ چاغدا ئۇ چىرايىنى پۈرلەشتۈرۇپ سەت ھىجايغانچە:
-سەندەك يىتىمنىڭ ئۆيى بولسا بولمايدۇ، ماڭ مەن بىلەن سىرىتلاردا يۈرسەن دەپ قۇلۇمنى تارتتى مەن قورقۇپ كىتىپ ۋارقىرىدىم ،- ياق!ياق! مەن بارمايمەن مەن يېتىم ئەمەس! مەن...!
-نېمە بولدۇڭ بالام ؟!قارا بىسىپ قالدىمۇ؟،- قارسام ئەمدىلا چايدىن كەلگەن ئانام، تېلىۋېزورمۇ گىژىلداپ تۇرۇپتۇ.
مەن ئۆزۈمنى ئانامغا ئېتىپ يىغلاپ تۇرۇپ؛
-ئانا مىنىڭ يېتىم بولغۇم يوق ! ئانا ماڭا بۇنداق ئىللىقلىقى يوقالغان باياشات ئائىلە ئەمەس، كەمبەغەل بولسىمۇ ئىللىقلىقى بار بۇرۇنقى ئائىلە لازىم. جېنىم ئانا نېمىشقا مىنى يالغۇز قۇيسىلەر؟ مەن مۇ سىلەرنىڭ بالاڭلارغۇ ئانا سىلەر بۇ...
يۈزۈمگە چۇشكەن <<ئىسسىق سۇ>>مېنى ئويغۇتىۋەتتى.
قارسام ئانام ماڭا قاراپ يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ. مىنڭ ئويغۇنۇپ كەتكەنلىكىمنى كۈرۇپ باغرىغا بېسىپ يىغلاپ كەتتى.
دوستلارنىڭ ياقتۇرىشىنى ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قۇيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەھرىردىن: ئۇ،ئۆ،ئۈ، ئى،ئې ھەرپلىرىنى جايىدا ئىشلىتىڭ، دېئالوگلار ئالدىغا سىزىقچە قويۇڭ، ئابزاسقا ئايرىغاندىمۇ دىققەت قىلىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-9 09:55 PM