مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13196|ئىنكاس: 95

جىن سۆيگەن يىگىت(تۇلۇق قىسمى)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95384
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 179
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2013-5-26
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 04:45:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

00.jpg


ئەسلىدىكى كۈندىلىك خاتىرە شەكلىدىن بىرىجى شەخس تىلىغا ئايلاندۇرۇپ يېزىلدى،ئىلگىركى قىسىمدىكى بەزى جايلار ۋە ئىملا خاتالىقى ئاساسىي جەھەتتىن تۈزۈتىلدى،ئاپتۇر نامىنى ۋە مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ

جىن سۆيگەن يىگىت


دادامنىڭ خىزمىتى ناھىيە بازىرىغا يۆتكەلگەچكەبىزمۇيېزىدىكى ئۆينى تاشلاپ قۇيۇپ ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ كەلدۇق،بازاردىكى ئۆيىمىزدادامنىڭ ئىدارىسىغا 500نەچچە مىتىرلا كىلەتتى،بىز ئۆينى قۇلىمىزغائالغاندىن كېيىن بىر نەچچە كۈن ئۆيلەرنى سۈپۈرۈپ-تازلاپ،يۇغۇشتۇرۇپ دىگەندەك بىرقاتارئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن ئۆيمۇ ئەسلى ھالەتكە كىلىپ خېلى ئېچىلىپ قالدى،بۇرۇن بۇئۆيدە باشقىلار ئولتۇرغان ئىكەن كىيىن بىنادىن ئۆي سېتىۋېلىپ بۇ ئۆي بىر يىلغايېقىن تاشلىنىپ قالغان ئىكەن،مەن ئۆيلەرنى يۇغۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن سىڭلىم بىلەن سوقۇشۇپ يۈرۈپ خېلى چىرايلىق بىزەلگەن بىر ئۆينى ئۆزۈم ئىگىلىۋالدىم،شۇنداق قىلىپ كەچمۇ كىرىپ قالدى،كىيملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ بولۇپ،چامدىنىمنى قويغىلى يەرتاپالماي،كارۋاتنىڭ ئاستىغا قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم،كارۋاتنىڭ ئاستىغا قارىسام بىرئاياغ ساندۇقى تۇراتتى،ساندۇقنى ئېلىپ ئېچىنى ئېچىپ قارىسام بىر ئەلبۇم،يەنە بىرنەچچە پارچە قولدا سىزىلغان چۈشەنگىلى بولمايدىغان رەسىملەر،يەنە بىرخاتىرە دەپتەربار ئىكەن.ئەلبۇمنى ئېچىپ بىر قاتار كۆرۈپ چىقتىم،رەسىمنى كۆرۈۋېتىپ مۇشۇ ئۆيدە بۇرۇن تۇرغان بالىنىڭ قىز دوستى بىلەن چۈشكەن رەسىملىرى بولسا كىرەك دىگەنلەرنى ئويلىدىم.ئاندىن خاتىرنى قولۇمغا ئېلىپ بىردىنبىر كۆزيۈگۈرتۈشكە باشلىدىم،خاتىرنى ئوقۇۋېتىپ مىنى قورقۇنۇچ بېسىپ كەتتى،ئاخىرنى ئوقۇشقاجۈرئەت قىلالمىدىم،بىرىنجى بېتى مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق تۇرسا،بۇ كىچىدەئاخىرىنى ئوقۇشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلاي،خاتىرنى ئاستا ئورنىغا قويۇپ توكنىمۇئۆچۈرمەستىن يېتىپ قالدىم،قانداق ئۇخلىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.خاتىرگە مۇنۇلاريېزىلغان ئىدى:


بۇ مىنىڭ ھاياتىمدىكى بىردىن بىر كۈندىلىك خاتىرەم،مەن ئەزەلدىن خاتىرە يېزىپ باقمىغان.ئەمما بۈگۈن بۇ خاتىرنى يېزىشقامەجبۇر بولدۇم،چۈنكى مەن كىچىدىن پەقەت ئۇخلىيالمىدىم،كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ خاتىرە ئەسلىمەبۇلۇپ قالار،ئەمما كىچىدىن بولغان ئىشلارنى مەڭگۈ ئۇنتالماسلىقىم مۇمكىن.شۇنداق تاتلىق چۈش كۈرۈۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز چۈشۈمدەئاپئاق كىيىم كەيگەن بىر قىز پەيدابولدى،مەن دەسلەپتە قورقتۇم،ئەمما ئۇنىڭ مەن بىلەن كارى يوق،ماڭا يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى،مەن ئورنۇمدىن جىم تۇردۇم،ئۇ قىز قولۇمدىن تارتىپ مىنى ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى ئەخلەت دۈۋىسىگە ئېلىپ كەلدى،ئاندىن كېيىن مىنى تاماق يىيىشكەتەكلىپ قىلىپ ئالدىمغا بىر توخۇنىڭ سۈڭىكىنى قويدى،مەن يىيىشكە ئۇنمىسام ئۇ قىز:


-يەڭ بەك تەملىك ھېچ نىمە بولمايدۇ،- دېدى.


مەن يىيىشكە قەتئىي ئۇنىماي جاھاللىق قىلىپتۇردۇم،ئۇ خاپا بولغاندەك قىلىپ كىتىپ قالماقچى بولدى،مەن:


-بوپتۇ،كەتمەڭ ئەمىسە مەن يەي دەپ بىر پارچە سۆڭەكنى ئېغىزىمغا سېلىپ شۇنداق يۇتۇشۇمغا سۆڭەك گىلىمغا تۇرۇپ قېلىپ ئويغۇنۇپ كەتتىم،بۇ چۈشۈم ئەمەس ئىكەن،راستىنلا مەھەللىمىزنىڭ كەينىدىكى ئەخلەت دۈۋىسىدە ئولتۇرۇپتىمەن،گېلىمغا سۆڭەك تۇرۇپ قالغىنىمۇ راست ئىكەن،مىڭ تەسلىكتە سۈڭەكنى ياندۇرۇپ،ئالدى كەينىمگە قارىماستىنلا يۈگۈرەپ ئۆيگەكەلدىم.مەن قارا تەرگە چۈمۈلۈپ كەتتىم،قورقۇنۇچ،ۋەھىمە مىنى چىرمىۋالدى،قانداقتۇ بىر كۈچ مىنى كەينىگە تارتىۋاتاتتى،ئېغىزىم بىرەر ئېغىز گەپكە كەلمەيتتى،شۇنچە ۋارقىراي دەيمەن،ئەمما ئۈنۈم چىقمايۋاتىدۇ، كۆڭلۈمدە ئۆزۈم بىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇدۇم،بىر چاغ بولغاندا مىنى تۇتۇۋالغان بۇ غايىپ كۈچ مىنى قويىۋەتتى،ئۈنۈمنى چىقىرىپ :


-دادا !!!  


دەپ ۋارقىردىم.


دەرۋازىنى ئىتتىرسەم ئىتىك تۇرىدۇ،توۋا مەن تالاغا قانداقمۇ چىققاندىمەن،بار كۈچۈم بىلەن دەرۋازىغا ئۇردۇم،دادام يۈگۈرەپچىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى،دادمنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم،بۇ ۋاقىتتا ھۇشۇمدىن كەتكەن ئىدىم.بۈگۈن سەھەردە كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ئانام،سىڭلىم قېشىمدا تۇرۇپتۇ، بىچارەئانام يىغلاپ كەتتى:


__بالام  ساڭا زادى نىمە ئىش بولدى؟


نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى پەقەت بىلمىدىم،گەپ قىلمايلا تۇرۋالدىم،ئاناممۇ كۆڭلۈمدىكىنى سەزدى بولغاي ئارتۇقچە گەپ قىلماي:<< ياخشى ئارام ئالغىن بالام>>، دەپ قويۇپ  چىقىپ كەتتى.شۇتاپتا ئاخشام بولغان ئىشلار بىر بىرلەپ خيالىمدىن كەچمەكتە ئىدى،بىر ۋەھىمە مىنى چىرمىۋالماقتا ئىدى.يەنە نىمە ئىشلار بۇلىدۇ؟


ئەتىسى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ چاي ئېچىپ بۇلۇپ،سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز بازار ئايلىنىپ كىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتۇق،بازاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتتۇق،يولدا قايتىشىمدا تۇيۇقسىزلا ئاخشام خاتىردە ئوقۇغان ئىشلار ئىسىمگە كىلىپ قالدى.خاتىرگە يېزىلغان ھېلىقى ئەخلەت دۈۋىسىنى كۈرۈپ كىلىش ئۈچۈن سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى خالتا كوچىدىن ماڭدۇق،سىڭلىم:


-ئاكا،شۇنچە كەڭرى يول تۇرسا بۇ ئارقا كۇچىدىن نىمىشقا ماڭىمىز،شۇنداق كۆڭلۈم ئايلىنىپ كەتتى،قارا بۇ كۇچىنىڭ مەينەتلىكىنى.


سىڭلىم ھەقىقەتنمۇ توغرا گەپ قىلغان ئىدى،بۇ كۇچىدىكى سېسىق پۇراقلار،ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇراتتى،كۈندۈزى ئادەم يالغۇز مېڭىشتىنمۇ تىنى شۈركىنەتتى.


__ ھە،راستلا مەينەتكەن،بۇ يەرگە يىڭىدا كۆچۈپ كەلدۇق ئەمەسمۇ،ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپى بىلەن ياخشىراق تۇنۇشىۋالاي، دەپ مۇشۇ يەردىن ماڭدۇق،ئەمدى بۇ يولدىن ماڭمايلى ھە،ئاپاق سىڭلىم.


-ماقۇل ئاكا،سەن يېنىمدا بولمىغان بولساڭ بۇ يولدىن مېڭىشتىن راستلا قورقاتتىم.


ئاخىرى ئۆيگە كەلدۇق،مەن ئۇدۇللا ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگەكىرىپ ھېلىقى كۈندىلىك خاتىرنى قۇلۇمغا ئالدىم-دە ۋاراقلاپ كۆرۈشكە باشلىدىم:


ئۈلۈشكۈن بىر كۈن خېلى خاتىرجەم ئۆتكەن ئىدىم،ئاخشام يەنە نەس،باستى.بۇ ماڭا نىمە كەلگۈلۈك،ياكى ماڭا جىن چاپلىشىپ قالدىمۇ؟ئاخشام ئاغىنە بالىلار بىلەن ئۇزۇنراق پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ،ئۆيگەكەچرەك قايتىپ قالدىم.ئۆينىڭ ئالدىغا كەلسەم سىڭلىم يۈگۈرەپ چىققاندەك كۆرۈندى،مەن بۇ كىچىدە سىڭلىم نەگە بارىدىغاندۇ دەپ ئارقىسىدىن ماڭدىم،سىڭلىم ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى ھېلىقى ئەخلەت دۈۋىسىدە ئولتۇراتتى،يەنە ھۇشۇمنى يۇقۇتۇپ خىيالىي بىردۇنياغا كىرىپ كەتتىم،ئۇ نەدىمۇ مىنىڭ سىڭلىم بولسۇن؟ئۈلۈشكىن كەچ مىنى تاماققاتەكلىپ قىلغان ھېلىقى قىز شۇ ئىكەن،مەندىكى قورقۇنۇچ يوقاپ كەتكەن ئىدى،مەن ئاستائۇنىڭ قېشىغا باردىم،ئۇنىڭ قۇلىدا بىر بۇۋاق شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى،ئۇ قىزبالىنى ماڭا سۇندى،مەن شۇنچە ھۇدۇقۇش ئىچىدە بالىنى قولۇمغائالدىم،ئۇ بۇۋاق تۇيۇقسىز ئويغۇنۇپ كەتتى،دە :


- دادا  ئاخىرى قايتىپ كەپسەن،سىنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى،_ دەپلا ئۆلۈپ قالدى.مەن نىمە قىلىشىمنى زادى بىلمىدىم،ھېلىقى قىز ماڭا غەزەپ بىلەن قاراپ :


-بالامنى قايتۇرۇپ بەر!!- دەپ ماڭاقارىدى.


بالىنى شۇنداق كۈچەپ ھېلىقى قىزغائاتتىم،پۇت قۇلۇمدا جان قالمىدى،يۈگرەپ قېچىۋاتىمەن،ئۇ قىزمىنى قوغلاۋاتىدۇ،شۇنداق يۈگۈرەپ كىتىۋېتىپ بىر ئادەمگە سوقۇلۇپ يەرگەيېقىلدىم.ئۇيقۇمدىن چۈچۈپ ئويغاندىم،بۇ چۈشۈم ئەمەس ئىدى،مەن سوقۇلغان ئادەم ئورنىدىن قوپماي ياتاتتى،مەن ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ قارىسام ئۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكى ھەركۈنى مەست يۈرىدىغان قاسىم زابوي ئىكەن،قېشىغا بېرىپ :


-رەھمەت ساڭا،سەن بولمىغان بولساڭ مەن نىمىگە سۇقۇلاتتىم،نىمىمۇ بۇلۇپ كىتەتتىم دېيىشىمگە


-ماڭا ھوي ھاراملىق،ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرماي.


ئۇ شۇنداق دەپلا كەشىنى سېلىپ ماڭائاتتى،ھېلىمۇ ھەركىتىم چاققان چىقىپتۇ، بولمىسا ئۇنىڭ كەشى بېشىمغا تەككەن بۇلاتتى.


شۇ يۈگۈرگەنچە ئۆيگە كىلىپ توختۇدۇم،كۆزۈمگە ئۇيقۇمۇ كەلمىدى،شۇ تاپتا دېرىزەمدە بىرسى ماڭا قاراۋاتىدۇ،تىزبۇياققا چىق دەپ چاقىرۋاتىدۇ،ئۇخلاپ قالساملا ئىش چاتاق،ئۇ مىنىڭ روھىمنى ئېلىپ كىتىدۇ،ئەڭ ياخشىسى ئۇخلىماي دەپ بىر كىچىنى قورقۇنۇچ ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم.ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ نامىزىمنى ئوقۇپ بۇلۇپ يەنەخىياللار سۈرۈۋاتىمەن،ماڭا زادى نىمەبولدى،ئۇدا ئىككى قېتىم مۇشۇنداق قىسمەتكەيۇلۇقتۇم دىسە،بۇ ئىشلارنى ئۆيدىكىلەرگەدەيمۇ،دىمەيمۇ؟


- ھەي مەمەتجان ئاخۇن ئۆيدە بارمۇسىلى؟


قوشنىمىزنىڭ بۇئاۋازىدىن چۈچۈپ خياللىرىم نەلەرگىدۇ كىتىپ قالدى،بىرەسى ئۈنلۈكراق گەپ قىلسىمۇ چۈچۈيدىغان بۇلۇپ قالدىم.


دادام چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى.


-مەمەتجان ئاخۇن،ئەتىگەن ماۋۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكى قاسىم زابوينىڭ جەسىدى ماۋۇ ئۆينىڭ كەينىدىكى ئەخلەتلىكتىن تېپىلىپتۇ،بىر پارچەسۆڭەكنى چىشلىگىنىچە ئۆلۈپ قاپتىمىش،مەھەللە ئىمامى ھاراق ئىچىپ ئۆلگەن ئادەنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەيمىز، دەپ تۇرۋېلىپ،ئۆيىدىكىلەرنى بەك تەڭلىكتە قويۇپتۇ،مەھەللە باشقارمىسىدىنمۇ ئىمامغا نەسىھەت قىلىپ گەپكە كىرگۈزەلمەپتىمىش،ئىمانىڭ بولسانامازغا ئۆزۈڭ ئىمام بۇلۇپ ئوقۇش، دەپ تۇرۋاپتىمىش،مەھەللىمىزدەئۆزلىرى خېلى ئابرويلۇق ئادەم،ئىمام ئاخۇنۇمغا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ كۆندۈرسىلە.


-ئۇ ئىمام بەك جاھىل كىشى،مىنىڭ گىپىمگە كىرەرمۇ ئەمدى،شۇنداق بولسىمۇ بىر بېرىپ باقاي.


-دىدى دادام


- ھوي،ئوغلۇم دوپپاڭنى كىيىپ چىقە بۇياققا  نامازغا بارىمىز.


- ھە ماقۇل دادا،مانا ھازىر بەش مىنۇتتا تەييار بۇلىمەن.


كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئۇدۇل ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق.


دادام  خېلى ئۇزۇن سۆزلەپ يۈرۈپ،ئىمام ئاخۇنۇمنى ماقۇلغا كەلتۈردى،گەرچە ماقۇل دىسىمۇ كۆزلىرىدىن بىرخىل نارازىلىق چىقىپ تۇراتتى،دادامنىڭ ھۆرمىتىنى دەپ گەپكە كۆنگىنى ئىنىق ئىدى.بۇئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئىمانى ھەقىقەتەن مۇستەھكەم ئىدى،بىزنىڭ مەھەللىدە مەن ئەقلىمگەكىلىپ ئۈچ ھاراقكەش مەستچىلىكتە ئۆلۈپ كەتتى،بىرسىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگىلى ئۇنىماي،قوشنامەھەللىدىن ئىمام چاقىرىپ ئەكىلىپ نامىزىنى چۈشۈرگەن ئىدى،ئۇ ۋاقىتتادادام ئۆيدەيوق ئىدى،كىيىنكى ئىككى زابوينىڭ نامىزىنى دادامنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ چۈشۈرگەن ئىدى،مانا بۇ تۆتىنجى مەستنىڭ نامىزى ئىدى.


تىنىم شۈركۈنۈپ كەتتى،ئاخىرىنى ئوقايمۇ،ئوقۇمايمۇ؟


خاتىرە خېلى قېلىن بۇلۇپ يېرىمدىن ئارتۇقراقى توشۇپ بولغان ئىدى،خاتىرنى شۇنچىلىك يازغانغا قارىغاندا ئىشلار ئۇنداق ئاسان تۈگۈمەيدىغان ئوخشايدۇ.


قورقۇپ تۇرۇپ يەنە ئوقۇشقا قىزىقىپ قالدىم.


   ‹‹كىچىدىن مىنى قار بېسىپ قالدى،چۈشۈمدە يەنە شۇ قىز ماڭا كۈلۈمسىرەپ كىلىۋاتىدۇ، مەن قېچىۋاتىمەن.چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكەندىن باشلاپ ھازىرغىچەمەيلى ئوڭۇم بولسۇن ياكى چۈشۈم بولسۇن ئۇ پەقەت ئاپئاق كىيىملا كىيەتتى،ھەمىشەكىچىدىلا كۈرەتتىم،كۈندۈزى بىرەر قېتىم كۆرۈش نىسىپ بولمايتتى،ئەجىبا مەن قورقمامدىم، مانا مەن دەپ مەيدىسىگە مۇشلايدىغان نوچىلار بولسىمۇ مىنىڭ ئورنۇمدابولسا قورقۇپ جېنى چىقىپ كەتكەن بۇلاتتى. قېچىپ كىتىۋېتىپ بىرقەبرىستانلىققا كىلىپ قالدىم،ئەقلىم ھەيران بۇ قەبرىستانلىقتا بىرمۇ خاداكۆرۈنمەيتتى، ئالدىمغا بىرنەچچە قەدەم ماڭدىم،پۇتۇم تۇيۇقسىز بىر ئورەككە چۈشۈپ كەتتى،پۇتۇمنى شۇنداق كۈچەپ تارتساممۇ تارتالمىدىم، تۇيۇقسىز ئالدىمدا ھېلىقى قىزپەيدا بولدى،ئۇ قۇلىنى ماڭائۇزاتتى،مەن قۇلۇمنى بەردىم،قەبرىلەردىن نۇرغۇن بۇۋاقلار چىقىپ ماڭا قاراپ كىلىۋاتاتتى،بۇ بۇۋاقلارنىڭ چوڭى بىر ئىككى ياش كىچىكلىرى بىر نەچچە ئايلىق ئىدى،ھەممىسى نورمال ئادەملەردەك گەپ قىلاتتى،ماڭالايتتى،ئۇ قىز بىر بالىنىڭ قۇلىدىن يىتىلەپ مىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ:


- دادا دىگىنە ئوغلۇم،ئۇ سىنىڭ داداڭ ،دىدى.


-مەن ئەمدى 23كە كىردىم،بۇ يىل تېخى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن تۇرسام،تېخى تويمۇ قىلمىغان تۇرسام،بۇ نەدىمۇ مىنىڭ بالام بولسۇن؟


-زۇۋانىڭنى يىغ،مەندىن كەچمەكچىمىدىڭ، دىدى ھېلىقى بۇۋاق.


ھېلىقى قىز ئارىغا چۈشۈپ،بۇ بالىلارغا ئىگەبۇلامسەن-يوق؟__ دىدى ماڭا قاراپ غەزەب بىلەن.


-ماقۇل مەن ئىگە بۇلاي،


بۇۋاقنى قولۇمغا ئالدىم،ئۇ بۇۋاق بوينۇمغائېسلىپ يىغلاپ كەتتى،بىردەمدىن كىيىن يىغلاشتىن توختاپ قالدى.


ئۇ بۇۋاق ئۆلۈپ قالغان ئىدى،ئۇ قىز يەنەبۇرۇنقىدەكلا ماڭا غەزەب بىلەن قاراپ:


__ بالامنى قايتۇرۇپ بەر !!-دەپ ماڭاقارىدى،مەن بالىنى تاشلاپ قويۇپ قاچتىم،بۇ قەبرىستانلىقتا پەقەت بۇۋاقلاربارئىدى.


ئالدىمدىكى قەبرىدىن نۇرغۇن بۇۋاقلار چىقىپ ئالدىمنى توستى.


قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرسام بىر دوختۇر بىرسىۋەتتە بىر نەچچە بۇۋاقلارنى ئەكىلىپ يەرنى كولاپ كۆمدى،ئەتراپىمدىكى گۆردىن چىققان بۇۋاقلارمۇ جىم تۇرۋاتاتتى.دوختۇر بۇۋاقلارنى كۆمۈپ بۇلۇشىغا كۆمگەن يەردىن تىرىلىپ چىقىپ ھېلىقى دوختۇرنىڭ بوينىغا ئېسىلىۋېلىپ قۇيۇپ بەرگىلى ئۇنمىدى،ئۇدوختۇ تۇيۇقسىز مىنى كۆرۈپ قالدى،دە:


__ھەممىنى قىلغان سەن ئىكەندە،خەپ سىنى ئۆلتۈرۋەتمىسەم ،__دەپ قولىدا پىچاق ئالدىمغا يۈگرەپ كىلىپ پىچاقىنى قۇرسۇقۇمغا تىقىۋەتتى.


چۈشۈمدىن قورقۇپ ئويغۇنۇپ كەتتىم،پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى،ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن يېتىپ قالدىم،كۆزۈم ئەمدى ئۇيقۇغا بېرىشىغا بىرى مىنى چاقىردى،ياتقان يىرىمدىن چاچراپ تۇرۇپكەتتىم،دېرىزە تۈۋىدە بىرسى ماڭا قاراپ تۇراتتى،ئۇ مىنى چاقىردى،مىنىڭ بېشىمغاپۈتۈلگىنى شۇ ئوخشايدۇ،بىر بېرىپ باقايچۇ ،دىگەن نىيەتتە ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا يىنىك قەدەملەر بىلەن سىرتقا چىقتىم،بۇ خىيالىي تۇيغۇمۇ ئەمەس،چۈشمۇ ئەمەس،رىئاللىق ئىدى.ئۇ قىز بىلەن پاراڭلاشتىم،ئۇ ئەسلى ئالۋاستى ئىكەن،كىچىك ۋاقتىدابىزنىڭ مەھەللىدىكى ئىمام ئاخۇنۇم بۇ ئالۋاستىنىڭ چېچىنى كىسىۋالغاچقا ئۇ ئۆزقەۋمى ئارىسىغا قايتالماي يۈرۈپتۇ.ئۇ :


__ سىلەر ئىنسانلار بىزنى يامان كۆرۈسىلەر،بىزدىن سىلەرگە ھېچ قانداق يامانلىق كەلمەيدۇ،سىلەرنى قورقۇتۇپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىزنى يامان كۆرۈسىلەر،ئەمما سىلەر ئىنسانلار بىزدىنمۇ بەتبەشىرە ئىكەنسىلەر.


- قانداق ؟دەپ سورىدىم مەن .


-مەن سەرسان تۇرمۇشۇمنى باشلىغان كۈنلەردە بىر ئەخلەت دۈۋىسىگە كىلىپ ماكانلاشتىم،بىز ئادەتتە سىلەرگە كۆرۈنمەي يۈرىمىز، تۇيۇقسىز بېشىمغا بىر خالتا تەگدى، بۇرنۇمغا گۆشنىڭ پۇرىقى پۇرىدى،قۇرسۇقۇمنىڭ ئاچلىقىدا خالتىنى ئېچىپ قارىسام بىر بۇۋاق بالىنىڭ جەسىدى تۇرىدۇ، توۋا دەپ قالدىم،بىز ھەرقانچە ئىمانسىز مەخلۇقلار بولساقمۇ بۇنداق قەبىھ ئىشلارنى قىلمايمىز. بالىنى قۇلۇمغا ئالدىم دە شەھەرنىڭ چېتىدىكى بىريەرنى تېپىپ شۇ يەرگە كۆمدۈم،كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يەرگە كۆمۈلگەن بالىلارنىڭ جەسىدى بارغانسىرى كۆپەيدى،شۇندىن باشلاپ بۇ يەر بۇۋاقلارقەبرىستانلىقى بۇلۇپ شەكىللەندى،مەنمۇ شۇ يەرنى ماكان تۇتتۇم،نىمە ئىش بولغىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن بۇبۇۋاقلار بىردىن بىر تىرىلىپ مىنى ئانا دەپ چاقىرىشقاباشلىدى، شۇنداق قىلىپ مەن ئۇلارغا ئانا بولدۇم،سەن بايا چۈشۈڭدە كۆرگەن قەبرىستانلىق دەل مىنىڭ ئىنسان زېمىنىدىكى ماكانىمدۇر.


بىر كىچە شۇنداق مۇڭدۇشۇپ چىقتىم،ئۇ گەرچەئالۋاستى پۇشتىدىن بولسىمۇ ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەملەردىن مىڭ ياخشى ئىدى،تۇيۇقسىز بامداتقا ئەزان چاقىرىلدى،ئۇ شۇ زامانلا يوقاپ كەتتى


بۇ ئابزاسلارنى ئوقۇۋېتىپ كۆزۈمگە لىق ياشلاركەلدى،جەمئىيتىمىزدىكى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچماي تۇرۇپلا ئۇ دۇنياغا سەپەرقىلغان بۇۋاقلارغا، ھالال  جۈپ بولماي تۇرۇپ زىناخورلۇق قىلىپ بۇيىدا قېلىۋاتقان پەسلەرگە، ئەركەكلىكىنى يۇقۇتۇپ مىللىتىمىزنىڭ يىلتىزىنى چىرىتىۋاتقان گۇمراھ مۇناپىقلارغا  ئېچىنىپ يىغلىدىم.


  ‹‹مەن كۈتكەن كەچ يەنە بولدى، ھېلىقى قىزنىڭ تىزراق كىلىشىنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتتۈم، چۈنكى مەن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، بۇرۇنقى قورقۇش يوقالغان ئىدى. ئۇ كەچ سائەت9لاردىن ئاشقاندا پەيدا بولدى، بىز مەھەللىنىڭ دوقمىشىدىكى سۆگەت ئاستىدا بىرگە پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، مەن ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن ماڭا تۇنجى قېتىم سۈڭەك يىگۈزۈشتىكى مەقسىتىنى سورىدىم.


ئۇ ماڭا تىكىلىپ قارىغاندىن كىيىن:


__ مىنىڭمۇ ئۇنداق نەرسىلەرنى يىگۈم بارمۇ؟مىنىڭمۇ ئىللىق ئائىلەمگە قايتقۇم بار، ئەمما قايتالمايمەن،چۈنكى چېچىم يوق. ئاشۇ چېچىمنى قايتۇرۋالسام ئۆيگە قايتىپ كەتكەن بۇلاتتىم، بۇنداق پەسكەشلىككە تولغان ئىنسانلار ئارىسىدا ياشىمىغان بۇلاتتىم، ئەگەربۇ ئىنسانلار دۇنياسىدىن ئايرىلسام ئىككىنجى ئىنسانلار ئارىسىغا قەدەم باسمايمەن.


مەن يەنە ئۇنىڭدىن سورىدىم:


-نىمە ئۈچۈن مىنىڭ كەينىمگە كىرىۋالىسەن،مەندىن باشقا ئادەمنى تاپساڭ بولمامدۇ؟


-سىنى كۆزەتكىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولدى،سىنى ماڭابىردىن _ بىر ياردەم قىلالايدىغان ئادەم، دەپ ئويلۇدۇم، شۇڭا سىنى تاللىدىم،سىنى تۇنجى قېتىم قورقۇتۇپ قويدۇم،مىنى كەچۈرگىن،ماڭا ياردەم قىلىشنى خالامسەن، ئەگەرخالىمىساڭ بۇندىن كىيىن سىنى ئىزدىمەي، سەنمۇ خاتىرجەم يۈرگىن.


-دىگىنە قېنى قۇلۇمدىن كەلسە ساڭا چۇقۇم ياردەم قىلىمەن؟


-چېچىمنى قايتۇرۇپ كىلىشىمگە ياردەم قىلغىن، سەن نىمە دىسەڭ ساڭا شۇنى قىلىپ بىرىشكە رازى، بۇ ياخشىلىقىڭنى بىر ئۆمۈر ئۇنۇتمايمەن.


- قانداق ئېزدەيمەن سىنىڭ چېچىڭنى؟


- ھېلىقى سىلىنىڭ مەھەللىدىكى ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىدىكى قۇرئاننىڭ ئېچىدە ساقلاقلىق، شۇ يەردىن ئەپچىقىپ بەرسەڭلا بولىدۇ.


مەن ئۆزۈمگە نۇرغۇن سۇئاللارنى قويدۇم،ئەگەرئەپچىقىپ بەرمىسەم مەن بىر ئۆمۈ بۇنىڭدىن قۇتۇلالمايمەن، جىن_ شاياتۇنلار يالغانچى كىلىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،گەرچە بۇ خالىمىساڭ مەيلى،بۇندىن كىيىن سىنى ئىزدىمەيمەن، دىگىنى بىلەن مەندىن ئۆچ ئالسىچۇ؟ ئەچىقىپ بىرەي دىسەم بۇئالىدىغاننى ئېلىپ بۇلۇپ ماڭايامانلىق قىلسىچۇ؟ھەي........


مەن ئاخىرى بىر قارارغا كىلىپ ئۇنىڭ شەرتىگەماقۇل دىدىم، ھەم كۆڭلۈمدىكى گۇمانلىرىمنى ئۇنىڭغا دىدىم،ئۇ ماڭا شۇنداق يالۋۇرۇپ ماڭانۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى. ئۇ مەن ئۇچراتقان ئىنساللارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشىسى ئىكەنسەن ،-دىدى.


بىر ھازا مۇڭداشقاندىن كېيىن ئۇ:


-مىنى باللىرىم چاقىرۋاتىدۇ،بېرىپ كىلەيلىمۇ؟دىدى.


-ھە بۇلىدۇ،ئەمما ئۇيەرگە قانداق بېرىپ بۇلىمەن؟


-كۆزۈڭنى يۇم،_ دىدى ئۇ ماڭا كۈلۈمسىرەپ.


مەن كۆزۈمنى شۇنداق يۇمۇشىمغا بىر دەمدەبۇۋاقلار قەبرىستانلىقىغا كىلىپ قالدۇق،نۇرغۇن بۇۋاقلار كىلىپ بىزنى ئورىۋالدى،ئۇبىر بالىنى قۇچقىغا ئالغىنىچە :


-مۇشۇ بالىلارنى دىسەم ھەرگىز بۇ يەردىن ئايرىلغۇم يوق ئەمما مەن كەتمىسەم بولمايدۇ،_دىدى.


مەن ئۇنىڭدىن بۇنچە كۆپ بالىلارنى قەيەردىن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سورۇدۇم.


-بۇ بالىلارنىڭ كۆپۈنچىسى دوختۇرخانىدىن كەلگەن،ھامىلدار ئاياللار ئالدۇرۋەتكەن بالىلار،نىكاھسىز تۇغۇلغانلىرى ناھايتى كۆپ،بۇ دۇنياغا كۆز ئاچماستىنلا ئەخلەتخانىلارغا، يۇندا كاتەكلىرىگەتاشلىنىدۇ،ھەتتا بۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدۇ.


-ئەسلى ئىشنىڭ تىگى مۇنداق ئىكەندە،ئۇنىڭغابولغان ئىشەنچىم بارغانسىرى ئاشتى ،ئىنسانلارمۇ قىلالمىغان ئىشنى مۇشۇئالۋاستى،ياق مۇشۇ قىز قىلىدى، راستلام مىھرىبان،كۈيۈمچان،قىز ئىكەن.ئۇ بىز ئىنسانلارنىڭ نۇمۇسىنى يەرگە كۈمۈپ شۇنداق ياخشى ئىش قىلىۋاتسا، مەن ئۇنىڭغاياردەم قىلالمىسام مىنىڭ ھايۋاندىن نىمە پەرقىم قالسۇن.


دەرھال ھېلىقى ساندۇقتىكى قولدا سىزىلغان رەسىم يادىمغا كەلدى دە بىر قۇر كۆزۈتۈپ چىقىشقا باشلىدىم،بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم،ئۇ رەسىم خاتىرىدە تىلغا ئېلىنغان  قەبرىستانلىق ئىكەن،بىر ئۇزۇنچاچ ئايالغا نۇرغۇن بۇۋاقلار ئېسلىۋېلىپ يىغلاۋاتقان رەسىم ئىكەن.


تۈنۈگۈن كەچ مەن ئۇئالۋاستى بىلەن يەنە كۆرۈشتۈم،مەن ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدىم،مەن ئۇنىڭ كۆزىگەتىكىلىپ تۇرۇپ :


ئەگەر مەن سىنىڭ چېچىڭنى ئەكىلىپ بەرسەم نىمە دىسەم شۇنى قىلىشقا رازىمۇ دىدىم.


ئۇ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ھەئە،چۇقۇم سىنى رازى قىلىمەن دىدى.


-ئەمىسە مىنىڭ قېشىمدا قالغىن،بۇلامدۇ؟


-نىمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟


-سەندىن ئايرىلغۇم يوق،سىنى ياقتۇرۇپ قالدىم.


-ئەمما مەن ساڭا ماس كەلمەيمەن،بىزنىڭ قەۋم ئەزەلدىن ئىنساللار بىلەن ئالاقە قىلمايدۇ،ئەمما مەن ساڭا ھەممىنى قىلىپ بىرەي دەپ ۋەدە بىرىپتىمەن،ئەگەر خالىساڭ مەن ئىنساللارئارىسىدىن چىرايى ماڭا ئوخشايدىغان بىرىنى تۇنۇيمەن،شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغىن بۇلامدۇ؟


مەن نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم،ئۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇراتتى،كۆزلىرىدىن بىرخىل مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى.مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ شەرتىگە كۆندۈم.ئامال يوق،ئىككىمىز ئىككى دۇنياداياشاۋاتقانلار،ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ چىدىمىسام بولمايدۇ.مەن بىرئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭ چېچىنى قايتۇرۇپ كىلىشىگە ياردەم بىرەي،بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن.


بۇ يىگىتكە توۋا دەپ قالدىم،بىر ئالۋاستى بىلەن بىرگە ئۆتۈشكە قانداقمۇ كۆڭلى كۆتۈرگەندۇ.


ئاخىرىدا يەنە نىمە ئىشلاربۇلىدۇ؟


‹‹بۈگۈن چاچنى قايتۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن مەھەللە ئىمام ئاخۇنۇمىنىڭ ئۆيىگە باردىم،ئۆيىگە ئاستا تۇيدۇرماستىن كىردىم،ئۆينىڭ ئىچىگە بىر قاتار كۆز يۈگۈرتكەندىنكىيىن ئىچكىركى ئۆينىڭ ئىچىدەبىر تەكچىنى كۆردۈم،ئۇ يەردە بىر ياغلىققا چىگىگلىك بىر نەرسە تۇراتتى،مەن ئاشۇ قۇرئان شۇ بولسا كېرەك دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم.دەل شۇ پەيىتتە بىرسىنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى،قارىسام ئىمام ئاخۇنۇم ئىكەن.


-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوغلۇم قانداق ئەھۋالىڭ


-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ئاللاغاشۈكرى ،قەدىر ئەھۋال


-ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇرۋاتامسىز؟


-ئاللاغا شۈكرى


-قەدىمىڭ يىتىپ قاپتىغۇ ئوغلۇم؟


-ھە،بازارغاماڭغانتىم،سىلىنى يوقلاپ ئۆتۈپ كىتەي دەپ كىرگەنتىم.


-ھە،مەنمۇ بازارغاماڭاي دەپ تۇرغان،يۈرە ئەمىسە ئىككىمىز بىرگە ماڭايلى.


-بۇلىدۇ.


بىز شۇنداق قىلىپ بازارغاماڭدۇق،يېرىم يولغا كەلگەندە مەن مۇشۇ دۇكانغا كىرەتتىم دەپلا چۈشۈپ قالدىم،دۇكان ئىچىگە كىرىپ ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ سايىسى يۇقاپ كەتكۈچە ساقلاپ تۇردۇم،دە ئارقامغا يېنىپ ھېلىقى ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە كەلدىم،ئىمام ئاخۇنۇم ئادەتتەئۆيىنىڭ ئىشىكىگە قۇلۇپ سالمايلا ماڭاتتى،مەن ئاستا ئۆيىگە كىرىپ ھېلىقى ياغلىققا چىگىگلىك قۇرئاننى ئاچتىم،راستىنلا قۇرئاننىڭ ئىچىدە بىر سىقىم ئاپئاق چاچتۇراتتى،مەن چاچنى ئېلىپلا يانجۇقۇمغا سالدىم دە قۇرئاننى ئەسلىدىكى ئورنىغاقۇيۇپ،چىقىپ كەتتىم.


كەچتە مەن ھېلىقى سۆگەتنىڭ قېشىدا ئۇ قىزنى ساقلىدىم،ئۇ خۇفتەمدىن كېيىن قېشىمدا پەيدابولدى.مەن يانجۇقۇمدىن چاچنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدىم،ئۇ ئېلىشقا تەمشىلىۋىدى مەن ئۇنىڭغا:


-ئاللاھ نامىدىن قەسەم قىلغىن،ماڭا زىيانكەشلىك قىلمىغىن،ماڭا ھېچ نىمە كىرەك ئەمەس،ماڭا خاتىرجەم تۇرمۇش كىرەك،بۇلامدۇ؟


-ساڭا قەسەم قىلىپ بىرەي،ئىككىنجىلەپ ئىنساللار دۇنياسىغا قەدەم باسمايمەن.


مەن چاچنى ئۇنىڭ قۇلىغاتۇتقۇزدۇم،تۇيۇقسىز بىر چىقىرغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇ يوقاپ كەتتى،يۈرۈگۈم توختىماي سوقۇۋاتىدۇ.ئورنۇمدا بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن يۈرۈگۈم خېلى جايىغاچۈشۈپ قالدى.


يىنىك قەدەملەر بىلەن ئۆيگەكىرىپ ئۇخلاپ قالدىم،ئۇ چۈشۈمگە كىردى.‹‹-رەخمەت ساڭا،مەن قىلغان ياخشىلىقىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.-خالىغان ۋاقىتتا مەن سىنى ئىزدەپ كىلىپ ياخشىلىقىڭغا جاۋاب قايتۇرىمەن››دەپ قويۇپلا يوقاپ كەتتى


ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى،يولدا كىتىۋېتىپ خۇددى كەينىڭگە قارا دىگەندەك تۇيغۇ پەيدا بولدى،شۇزامانلار كەينىمگەقارىدىم،بىرقىزغا تىكىلگىنىمچە قېتىپلا قالدىم،بۇ ئوڭۇممۇ ياكى چۈشۈممۇ؟


بۇ ئادەممۇ ياكى ھېلىقى ئاۋاستى شۇمۇ؟


ئەگەر شۇ بولغان بولسا چىرايىغا بۇنچىلىك تىكىلىپ قارىسا ماڭا تۇنۇشلۇق بىرەر ئىدى،ئۇ كىتىش ئالدىدا ئىككىنجى ئىنساللارئارىسىغا قەدەم باسمايمەن دىگەن تۇرسا،ئاخىرى ئۇنىڭ كەينىدىن تەڭ ماڭدىم،كېيىن ئۇقىز بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى.مەن خېلى ئۇزۇن ساقلىغاندىم،.ئۇ قىز ئۇكىسىنى يىتىلەپ چىقىپ كەلدى،مەن چاندۇرماستىن جايىمدا جىم ئولتۇردۇم.


‹‹كىچىسى ھېلقى ئالۋاستى چۈشۈمگە كىردى،مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم:


-بۈگۈن مەن سىزگە ئوخشاش بىر قىزنى ئۇچراتتىم،ئۇ سىزمۇ؟


-ياق،مەن ئىنساللارئارىسىدىن كەتكەندىن بىرى قايتا ئىنساللار ئارىسىغا بارماي دىگەن ئىدىم،ئەمما مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنساللار ئارىسىغا بېرىپ ئاشۇ قىزنى سىنىڭ ئالدىڭدىن ئېلىپ ماڭدىم.


- ئۇ كىم؟


-مەن ئەينى چاغدا ئاشۇ قىزنىڭ سۈرىتىدە ساڭاكۆرۈنگەن،سەن ماڭا ئاشىق بوپ قالدىڭ.مەن ۋەدەم بۇيىچە ئىككىڭلارنى ئۇچراشتۇرۇپ قويدۇم،مەن ھەر ۋاقىت سەن خالىغان ۋاقىتتا ساڭا ياردەم بىرىشكە تەييار.


-ئەمما سەن ئىنساللارئارىسىغا قايتاكەلمەيمەن دىگەن ئىدىڭغۇ؟


-شۇنداق دىگەن،ئەمما مەن كەتكەندىن بىرى سەن ھەقىقەتەن ماڭا قىيالمىدىڭ،شۇ سەۋەبدىن مەن سۈرىتىگە كىرىۋالغان قىز بىلەن سىنى ئۇچراشتۇرۇپ قويسام كۆڭلى ئاز تۇلا تەسەللىي تېپىپ قالار دىگەن مەقسەتتە شۇنداق قىلدىم،خالىمىساڭ بۇندىن كىيىن قېشىڭغا بارماي.


-ياق،ئۇنداق دىمەكچى ئەمەسمەن.


-بولدى،كېيىن كۆرۈشەيلى.


ئۇ شۇنداق دىيىشىگە چۈشۈمدىن ئويغۇنۇپ كەتتىم.


‹‹بۈگۈن يۇرتۇمدا تۇنجى قارياغدى،مەن بىر دەستە قىزىل گۈلنى كۆتۈرۈپ چۈشۈمدە كۆرگەن،ئۆزۈممۇ تۇنىمايدىغان قىزنىڭ ئىشىك تۈۋىدەساقلاۋاتىمەن،يېرىم كۈن ساقلىدىم،قۇرساقلىرىم ئېچىپ كوركىراپ كەتتى،ئاخىرى ئۈمۈدنى ئۈزۈپ كىتەي دەپ تۇرۇشىمغا ئۇ قىزئىشىكتىن چىقىپ كەلدى،مەن زادى نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم،ئاخىرى ئۇ قىزنى چاقىردىم:


-ھەي،قىزچاق توختاڭە


-مىنى چاقىرۋاتامسىز؟


-ھەئە،بۇ گۈلنى سىزگە ئېلىپ كەلگەن ئىدىم.


-مەن سىزنى تۇنىمىسام يا


-ئەمما مەن سىزنى تۇنۇيمەن،خالىسىڭىزتۇنۇشۇپ قالايلى.


-كەچۈرۈڭ،تۇنۇشقۇم يوق.


ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ بەكمۇئۈمۈدسىزلەنگەن ئىدىم،قىپقىزىل گۈل ئاپئاق قار ئۈستىگە چۈشۈش ئالدىداتۇراتتى.


تۇيۇقسىز مەندە قايتا ئۈمۈد تۇغۇلدى،ئۇ قىزگۈلنى تاشلىۋېتىشىمگە يول قويمىدى،


-زىمىستاندا ئېچىلغان قىزىلگۈل بۇ يەردەتۇزۇپ كەتمىسۇن،مەن قۇبۇل قىلاي،دىدى ئۇ قىز.


مەن ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇردۇم،ئۇقىزمۇ ئۆزىنى تۇنۇشتۇردى،ئۇ قىزنىڭ ئىسمى دىلارە ئىكەن.بىز خېلى ئۇزۇن مۇڭدۇشۇپ بازارغا كىلىپ قالدۇق.دىلارە ئۆزىگە لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم.ئەتىسى مەن دىلارەنى ئالغىلى ئۇنىڭ مەھەللىسىگەباردىم،چۈشكە يېقىن باغچا ئايلىنىپ قۇرساقلارمۇ ئېچىپ كەتكەن ئىدى.


-دىلارە،تاماق يەپ كىلەيلىمۇ؟


-ھە ماقۇل


چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يىگەندىن كېيىن بىردەم ئايلىنىپ ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم.


ئۇنىڭغا يۈرۈگۈمدىكى مۇھەببەتنى قانداق ئىزھار قىلىشنى زادى بىلەلمىدىم،ئاخىرى كىنولاردىكىدەك قۇلىغا ئۈزۈك سېلىپ مۇھاببەت ئىزھار قىلىشنى ئويلۇدۇم ،دە بىر زەرگەرنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ بىر ئۈزۈك ئالدىم.خۇدايىم بۇيرىسا ئەتە چۇقۇم دىلارەگە مۇھاببەت ئىزھار قىلىمەن.

بۈگۈن چۈشكە يېقىن دىلارەبىلەن كۆرۈشتۈم.


-دىلارە قۇلىڭىزنى چىقىرىڭە،


ئۇ قۇلىنى ماڭا بەردى،مەن تۈنۈگۈن سېتىۋالغان ئۈزۈكنى ئۇنىڭ قۇلىغا سېلىپ بولغاندىن كېيىن:


-دىلارە سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم،بۇندىن كىيىنكى ھاياتىمدا ماڭا جۈپ بۇلۇشىڭىزنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.ماڭاماقۇلدەڭ،بۇلامدۇ؟


ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى،نىمە دىيىشنى بىلەلمەيلا قالدى.


مەن دىلارەنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ قۇچاقلىۋالدىم،دىلارەمۇ يۇمشاق قوللىرى بىلەن مىنى ئاستا قۇچاقلاپ قۇيىۋەتتى،دە


-ماڭا ئويلۇنۇشقا ۋاقىت بىرىڭ بۇلامدۇ؟كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ماڭا ئەزەلدىن بىرەسى بۇنداق تەلەپ قۇيۇپ باقمىغان،جاۋابىمنى كۈتۈڭ.


ئۇ شۇنداق دىگىنىچەئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا يۈگۈرەپ كىتىپ قالدى.مەنمۇ ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن جۈپتىدىن ئايرىلغان بىچارەقۇشتەك،ھېلى ئۇياققا،ھېلى بۇياقلارغا قاراپ،ئۇنىڭ قايتىپ كىلىشىگە تەلمۈرۈپ مېڭىۋاتىمەن.ئۆيگەقانداق كەلگىنىممۇ ئىسىمدە يوق.


بۈگۈن دىلارە بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئۈچ كۈن بولدى،ئۇنى تۇلىمۇ سېغىنغان ئىدىم،يا ئۆيىنىڭ چاقىرغۇ نۇمۇرىنى بىلمەيمەن،چاقىرغۇم ھەر قېتىم سايرىسا ئۇ تىلفۇن قىلغان ئوخشايدۇ دەپ 500نەچچەمىتىر ئارلىقنى بېسىپ تىلفۇنخانىغا بارىمەن،بۈگۈن چۈشكىچە ماڭا كەلگەن خاتا چاقىرغۇلارنى قايتۇرىمەن دەپ تىلفۇنخانىغا 10قېتىمدىن ئارتۇقراق باردىم،چۈشتىن كىيىن ئۇخلاپ ياتسام چاقىرغۇم سايراپ كەتتى،يەنە خاتا ئۇرۇلغان چاقىرغۇ بولساكىرەك دەپ كارىم يوق ئۇخلاپ قالدىم،بىر نەچچە قېتىم چاقىرغۇ كەلدى قايتۇرۇش خوشاقمىغان بولسىمۇ يەنە زورئۈمۈدلەر بىلەن چاقىرغۇ قايتۇرۇش ئۈچۈن ماڭدىم،چاقىرغۇمغا ئۇچۇر كەلدى،قارىسام لىڭتۇڭ چاقىرغۇ ئىستانسىدىن ئەۋەتكەن ئۇچۇر ئىكەن،سىزگە بىرەر ئىش بولدىمۇ،نىمىشقا تىلفۇن قايتۇرمايسىز؟سىزنى باغچىدا ساقلاپ قالدىم.


كۆزلۈرۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم،خۇشاللىقىمدا يۈگرەپ باغچىغا بىردەمدىلا يېتىپ كەلدىم.


دىلارە  مىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى،ئۇ مىنى كۆرۈپ كۈلۈمسىردى،


-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىلارە،قانداق ئەھۋالىڭىز؟ياخشىمۇ؟


-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،خۇداغاشۈكرى،ئۆزىڭىزچۇ؟


-مەنمۇ ياخشى سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىنمەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئولتۇردۇم.دە جاۋابىنى ئېلىش ئۈچۈن سۆز ئاچتىم.


-دىلارە،جاۋابىچۇ؟


ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.


ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ:


-گەپ قىلىشتىن راستىنلا خىجىل بۇلىۋاتىمەن.ھەممە گەپنى بۇ قەغەزگە يازدىم دەپ بىر پارچە خەتنى ماڭا سۇندى .ئۆيىڭىزگە بېرىپ ئوقۇڭ،ھازىر ئايلىنىپ كىتەيلى دىدى،بىز باغچا ئىچىدە ئىز چۈشمىگەن ئاپئاق قارئۈستىگە يىنىڭ قەدەملىرىمىز بىلەن دەسسەپ مېڭىۋاتىمىز، ئىككىمىزنىڭ قەلبىمۇمۇ شۇقاردەك ئاپئاق ئىدى.مەن ئاستاغىنە دىلارەنىڭ قۇلىنى تۇتىۋالدىم،ئۇ توك سۇقۇۋەتكەندە چۈچۈپ كەتتى،ئەمما يەنىلا مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئاۋايلاپ قۇلۇمنى يىنىك سىقىمدىماقتا،بىز خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشماي ماڭدۇق،تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بۇرنى قاناپ كەتتى.مەن مۇزدەك قارنى قۇلۇم بىلەن ئىرىتىپ ئۇنىڭ قانلىرىنى سۈرۈتۈپ قويدۇم.دىلارە ماڭا تىكىلىپ قاراۋاتاتتى،قاراشلىرى خۇددى ھېلىقى ئالۋاستى بىلەن ئوخشاش ئىدى،مەن چۈچۈپ كەتتىم.


-مىجەزىم يوق ئوخشايدۇ،قايتىپ كىتەيلى.


-ھە ماقۇل


مەن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيۇپ ئۆيگەقايتىپ كەلدىم دە ،خەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.خەت بىر نەچچە قۇرلا بۇلۇپ مەزمۇنى:


‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىزنىڭ تەكلىپىڭىزگە قوشۇلدۇم.سىزبىلەن ھالال جۈپ بۇلۇپ مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈشكە رازى.››


خەتنى كۆزلۈرۈمگە سۈرگۈنىمچە خۇشاللىقىمدىن خىياللار دېڭىزىغا غەرىق بولۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.


بۈگۈن كېچە ئالۋاستى قىزچۈشۈمگەكىردى.ئۇنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم ئىدى.ئۇنىڭغا شۇنچە گەپ قىلساممۇ ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپقىلمىدى.بىردەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈنچىدەك ياشلارتاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى،تۇيۇقسىز قىپقىزىل ئوت پەيدا بولدى،ئالۋاستى قىز ماڭاقارىغىنىچە ئوتقا كىرىپ كەتتى.ئۇنىڭ سىماسى يۇقالغۇچە مەندىن كۆزىنى ئۈزمىدى.مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ماڭدىم.ئەمما ئۇنىڭ قېشىغا بارغان ۋاقتىمدا سۈيى قاندىن بولغان بىر كۆلنىڭ قېشىدا تۇراتتىم،كۆلنىڭ چوڭلۇقى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز چوڭ ئىدىكى،قارشى قىرغاققا بېرىش ئۈچۈنمۇ ئون يىللىق مۇساپە ئىدى.كۆلچەكتە نۇرغۇن غەلىتە مەخلۇقلار ئۈزۈپ ئويناۋاتاتتى.مىنى ۋەھىمە چىرمىۋالماقتا.ئاپئاق بىر نۇر بۇكۆلنىڭ سۈيىنى ئاسمانغا تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى.بۇ يەرنىڭ ئاسمىنى شۇنچىلىك قاراڭغۇ ئىدىكى دۇنيادا بۇنچىلىك قاراڭغۇلۇقنى ھېچ ئىنسان كۆرمىگەن.بۇ كۆلنىڭ سۈيىنى پەقەت شۇ نۇرلا يۇرۇتۇپ تۇراتتى.مەن شۇ نۇرنىڭ قېشىغا بېرىش ئۈچۈن سۇغا كىردىم.بىر نەرسە مىنى سۇنىڭ ئاستىغا تارتىپ ئەكىرىپ كەتتى.بۇ يەر بايامقى مەنزىردىن ئاسمان زىمىن پەرىقلىنەتتى. بۇ يەرنىڭ ئاسمىنىدا ئوت كۈيەتتى.زىمىنىدا سۇلار قايناپ تۇراتتى.قايناۋاتقان سۇلاردىن قارا تۈتۈن چىقاتتى.ئىس تۈتەكنىڭ تەسىرىدىن كۆزئالدىدىكى نەرسىنىمۇ كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.نۇرغۇن ئادەملەر ئۇسسۇزلۇققا تەشنابولغاندەك شۇ قايناۋاتقان سۇغا بېشىنى تىقىپ ئىچىۋاتاتتى.ئۇ ئالۋاستى قېشىمداپەيدا بولدى.مەن ئۇنىڭدىن بۇ قەيەر دەپ سورىدۇم.


-ئۇ،بۇ مىنىڭ ماكانىم،مىنىڭ باشقۇرشۇمدىكى زېمىن،مەن بۇ پادىشاھلىقنىڭ مەلىكىسى ئىدىم.ئىنسانلار ئارىسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاتام بۇ زېمىننى ماڭا ئايرىپ بەردى.


-ئۇنداقتا ئۇلار كىملەر؟


ئۇلار بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز،ناھايتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى بىر قەۋىم بىزنىڭ قەۋىمنى قىرىۋەتكەن.پەقەت بىزنىڭ جەمەت ۋە بۇجەڭدە ئامان قالغان بىر قىسملىرى تارقىلىپ كەتكەن .كېيىن ئاتام بىزنىڭ قەۋىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قوزغىدى.بۇ شۇ ئۇرۇش جەريانىدا تىرىك تۇتۇلغان دۈشمەنلەردۇر.بۇ يەر ئۇلار ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان تۈرمىدۇر.


ئۇ شۇنداق دىيىشىگە پۇت قوللۇرى ئوت زەنجىربىلەن باغلانغان بىرسى بېشىمغا بىرنى ئۇردى.مەن ئويغۇنۇپ كەتتىم.قورقۇنجىدا پۇت قولۇمدا جان قالمىدى،بېشىمدىن قان ساقىپ چۈشمەكتە.چىراقنى ياندۇرۇپ ئەينەككەقارىدىم.بېشىم يېرىلىپ كەتكەن ئىدى،يېرىلىپ كەتكەن يەردە ئۆچۈپ قالغان چوغ چاپلىشىپ قاپتۇ.بارغانسىرى قورقۇپ كەتتىم.گېلىمنى بىر نەرسە سىقىۋاتىدۇ،ئاغىزىمغا گەپ كەلمىدى،دىلىمدا ئىمان ئېيتتىم.يادىلىۋالغان سۈرىدىن بىر نەچچىنى ئوقۇدۇم.كۆزۈم ئاستا –ئاستا قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى.مۇشۇ تاپتا ياراتقۇچىنىڭ قۇدرىتىگە ۋە بىرلىكىگەئىمان ئېيتىپ شۈكۈرلەر قىلدىم.


ئۈچ كۈن ھۇشسىز ياتقاندىن كېيىن بۈگۈن ھۆشۇمغا كەلدىم.ئويغۇنۇپلا چاقىرغۇمغا قارىدىم،ئۇچۇرلار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىدى.دىلارەنىڭ مىنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم.ئورنۇمدىن تۇرغانچە دىلارەنىڭ ئۆيىگە يۈگۈردۈم.ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپلا كۆزلۈرۈمگە ئىشەنمەيلاقالدىم.ئۇنىڭ ئۆيى ئاق ياغلىق چىگىپ قارلىق تۇتقانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى،زادى نىمە ئىش بولغاندۇ؟


ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگەكىردىم.ھويلىدا ئاپئاق ساقاللىق بىر مويسىپىت بوۋاي ئولتۇراتتى.ئۇنىڭ قېشىغاباردىم.


-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوۋا


-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئوغلۇم.


بۇۋا بۇ ئۆيدە بىرەر مۇسىبەت بولدىمۇ؟


-ھەئە،ئوغلۇم،بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ قىزى دىلارە كىچىدىن ئامانەتنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپتۇ.


كۆزلۈرۈمدىن تارام ياشلار تۆكۈلۈشكەباشلىدى.


نىمە سەۋەبتىن شۇنداق بولۇپتۇ؟


تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن  باغچىدا بىرسى ئۇنىڭ ئىپپىتىگە تىگىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ دەرت ئەلەمگە چىدىماي تولا يىغلاپ،ھوشىدىن كەتكەنچە قايتا كۆزئاچمىدى.


دەرھال چاقىرغۇمنى ئالدىم دە،ئۇ يازغان ئۇچۇرلارغا كۆز يۈگۈرتتۈم.


يۈرۈگۈمنىڭ پارىسى سىز نەدە؟سىزنى بەكمۇسېغىندىم؟سىزنى كونا جايدا ساقلايمەن.


بۇ ئۇچۇر دەل تۈنۈگۈن سائەت 2:30دەيېزىلغان ئۇچۇر ئىدى.ھەي كۆزۈمنىڭ نۇرى،يۈرۈگۈمنىڭ پارەسى دىلارە ساڭا مەن زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇپتىمەن.مەن ئۈچۈن مۇشۇنداق قىسمەتلەرگە يولۇقتۇڭ مىنى كەچۈرگىن.


ئۇنىڭ دىدارىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مېيىتى قۇيۇلغان ئۆيگە كىردىم،ئۇنىڭ چىرايىدىن بىرخىل خۇشاللىق،كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ چىقىپ تۇراتتى،ئەمما ئارزۇ ئارمانلارنىڭ ھەممىسى بۇ گۈل بىلەن تەڭلا توزۇپ كەتكەن ئىدى.پىشىن نامىزىغا يېقىن دىلارەنىڭ مېيىتى قەبرىستانلىققا ئېلىپ مېڭىلدى ،بۇ ئەڭ ئاخىرقى ۋىدالىشىش ئىدى.جىنازىنى كۆتۈرۈپ مېڭىپ ئۇنىڭدىن رازىلىق سوراپ ماڭدىم.كۆزلۈرۈمدىن ياشلار دەريادەك قۇيۇلماقتا.ئۆزۈمنى ھەرقانچە قىلىپمۇ توختىتالمىدىم.دىلارەنىڭ مېيىتى يەرلىككەقويۇلدى،بىر سىقىم تۇپراقنى ئۇنىڭ كۆكسىگە قويغاندىن كېيىن دىلارەدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدىم.


يىشىلمەس سىرلىق خىياللار بىلەن مېڭىۋاتىمەن،جىسمىم تىرىك تۇرغىنى بىلەن مەندىكى روھ ئۆلۈپ بولغان ئىدى،پۇت-قولۇمدا جان يوق،مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدىكى  سۆگەت ئاستىغا ئاران ئۈلگۈرۈپ كەلدىم،ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاۋاتىمەن.قاراڭغۇ چۈشتى،جاھان تىمتاسلىققاچۆممەكتە،ئىتلارنىڭ قاۋىغان ئاۋازلىرى،كىچىنىڭ سۈرلۈكلىكىگە تېخىمۇ سۈر قوشماقتا،كۆز ئالدىمدا دىلارەنىڭ سىماسى پەيدا بولدى.ئورنۇمدىن تۇردۇم.ئۇ ماڭائاستا-ئاستا يېقىنلاپ كەلمەكتە.مەن ئۇنىڭدىن سەن دىلارەمۇ ياكى ئالۋاستى مەلىكىمۇدەپ سورىدۇم،ئۇ ئىككىسىنى ئايرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى،ئۇ مەن دىلارە ئەمەس.ئالۋاستى مەلىكە بولىمەن.


-نىمە ئۈچۈن قايتىپ كەلدىڭ؟


-سىنىڭ يىغاڭغا چىداپ تۇرالماي قايتىپ كەلدىم.ئەمدى سەن قانداق قىلماقچى دەپ سورىدى.


-مەن دىلارە ئۈچۈن قىساس ئالماقچى،ئەمما قانداق قىساس ئالىمەن،مەن كىمدىن قىساس ئېلىشنىمۇ بىلمەيمەن.ماڭا پەقەت سەنلا ياردەم قىلالايسەن.ماڭا دىلارەگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنى تېپىپ بەرگىن بۇلامدۇ؟


ئۇ بىردەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن،ئۇنىڭدىن قانداق ئۇسۇلدا قىساس ئالماقچى؟ دەپ سورىدى.


-ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىمەن.


-مۇشۇنداقلا ئاددىمۇ؟


-ھەئە،سىنىڭچە قانداق قىلسام بۇلىدۇ؟


-ئۇنىڭ روھىنى ئازابلىغىن.


-قانداق ئازابلايمەن؟


-سەن چۈشۈڭدە مىنىڭ ماكانىمغا باردىڭغۇ،شۇيەرگە ئاپىرايلى.


-ماقۇل،لېكىن ئۆز قولۇم بىلەن قىساس ئېلىشىم كېرەك.


-بولىدۇ،مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن.


-سەندىن يەنە بىر ئىشنى ئۆتۈنەي،دىلارەنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بەرگەن.


-بۇ مىنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ.روھ باشقا،تەن باشقا،روھنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز،بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىزپەقەت زىمىندا بولغان روھلارغا ۋەھىمە قىلىش .ئاسمانغا ئېلىپ كىتىلگەن روھلارنى بىز تاپالمايمىز.كىمكى روھ ئىزدەپ ئاسمانغا چىقىدىكەن،كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارتەرپىدىن كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلىدۇ.ئىلگىرى بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز چىقاتتىكەن،ئەمماكۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى تۇيۇقسىزلا تاقىلىپ كەتتى.ياراتقۇچىنىڭ قۇدرىتى بىلەن مۇشۇنداق بۇلىدىغانلىقىنىلا بىلىمىز.مەن ئالدى بىلەن دىلارەگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنى ئىزدەي.


ئۇشۇنداق دەپلا ئاسمانغا قارىدى.ئاسماننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى.بىر توپ ئىس تۈتەك زىمىنغا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى.ئۇئىس تۈتەكلەر ئاستا-ئاستا غەلىتە مەخلۇقلارغا ئايلىنىپ ئالۋاستى مەلىكىگە بېشىنى ئىگىپ مەلىكە نىمە تاپشۇرۇقلىرىڭىز بار دىدى.


-مەن قورقۇپ كەتتىم.ئاز دىگەندە يۈزدىن ئوشۇق ئالۋاستىلار مىنىڭ ئەتراپىمغا ئۇلاشتى.مەلىكە:


-قورقمىغىن،بۇلار مىنىڭ قوشۇنلىرىم،ئۇلارساڭا ياردەم بىرىش ئۈچۈن كەلدى.بۇندىن كېيىن ئۇلار سىنىڭ خىزمىتىڭدە بولىدۇ.ئۆزۈڭ خالىغانچە ئۇرۇنلاشتۇرغىن.


پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ،سوغۇق تەرگەچۆمۈلۈپ كەتتىم.گەپ قىلىشتىنمۇ قورقاتتىم.شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى شۇنچە تەمكىن تۇتۇشقاتىرىشتىم.


سى سى سىلەر ...


ما ما  ما ڭا دى دىلارەگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنى تېپىپ بېرىڭلار.


ئۇلار بىر بىرىگە قاراشقاندىن كېيىن،ھەممىسى ئاسمانغا كۆتۈرلۈپ كەتتى.يېنىمدا پەقەت مەلىكىلا قالغان ئىدى .ئۇمۇماڭا بارغانسىرى سۈرلۈك كۆرۈنشكە باشلىدى.ئۇنىڭدىنمۇ قورقىۋاتاتتىم.


-ساڭا نىمە بولدى،دېدى مەلىكە،


-سەندىن قورقىۋاتىمەن.


-نىمە ئۈچۈن مەندىن قورقىسەن؟


-ئىلگىرى سىنى يالغۇز دەپلا ئويلايتتىم،سىنىڭ بىر پادىشاھلىقنىڭ مەلىكىسى ئىكەنلىكىڭنى،ئەتراپىڭدا بۇنچىلىك كۈچلۈك قوشۇنلىرىڭنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن.بىر مەلىكىنىڭ ئالدىدا تەپ تارتماستىن سۆزلەپ كىتىپتىمەن.


-قورقمىغىن ئەگەر سەن بولمىغان بولساڭ،مىنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈنلىرىم،ئەتراپىمدىكى قوشۇنلىرىم بولمىغان بۇلاتتى،سەن ئەينى ۋاقىتتا ماڭا ياردەم قىلىپ مىنىڭ ئۆيۈمگە قايتىشىمغا ياردەم بەرگەن ئىدىڭ.سەن خالىساڭ مەڭگۈ سىنىڭ قېشىڭدا قالاي.


مەن نېمە دىيشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدىم .


بۇ ۋاقىتتا ئاسماننى يەنە ئىس تۈتەك قاپلاپ بايام كەتكەن ئالۋاستىلار ئەتراپىمغا ئۇلاشتى .ئۇلاردىن بىرى


‹‹مەلىكە ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلدۇق،بۇيرۇقىڭىزنى كۈتىمىز›› دېدى .


مەلىكە مەندىن سورىدى ،سەن قانداق قىلماقچى؟سەن نېمە دىسەڭ شۇ.


ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلگىن.


ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتتى،دىلارەگە پەسكەشلىك قىلغان ئوغرى ساراڭلاردەك دەلدەڭشىگىنىچە ئاغىزلىرىدىن كۆپۈك ياندۇرۇپ ئالدىمغا كەلدى.


ئالۋاستىدىن بېرى دېدى ،مەلىكە دەل مۇشۇ ئادەم شۇ.بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىچىمدىكى دەردىم،غەزەپ نەپرىتىم بىلەن ئۇنى بىر مۇش ئۇردۇم ،ئۇ يەردە يېتىپ قالغىنىچە ئورنىدىن تۇرالمىدى،ئېغىزىدىن قان ياندۇرۇپ ئايىغىمغا باش قويدى.ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپ قالغان بۇلۇپ ساراڭنى يەنە ئۇرۇشقا قولۇم بارمىدى.


ئۇنىڭ ئىچىدىن قايتىپ چىقىڭلار،ئۇ ئوغرى بىردەم جان تالاشقاندىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ يەرنى بار كۈچى بىلەن تېينىپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى،ئاچچىقىمدا ئۇنى يەنە بىرنى تەپتىم،ئۇ ماڭا قاراپ سەن نېمە ئادەم؟مەن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىم ؟دەپ سورىدى .


مەن سەن جېنىغا زامىن بولغان دىلارەنىڭ يىگىتى،ئۇ مىنى مەنسىتمىگەندەك ماڭا قاراپ كۈلدى،ئەتراپىمدىكىلەر ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمىگەن ئىدى.مەن ئۇلارغا دېدىم .


ئۇ ئوغرىنىڭ كۆزىگە كۆرىنىڭلار.


شۇنداق دېيىشىمگە ئۇ ئوغرى تۇرغان جايىدا قورقۇنجىدا قېتىپلا قالدى،ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم،گىپىڭ بولسا ئەمدى دېگىن.ئۇ ئايىغىمغا باش قويۇپ ئاكا مېنى كەچۈرگىن،مەن ئېزىپتىمەن،مىنى شەيتان ئازدۇرۇپتۇ.


تۈفىي،سېنى شەيتان ئازدۇرمىدى،ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئازدۇردۇڭ،سېنى نەپسىڭ ئازدۇردى.ئەگەر سېنى شەيتان ئازدۇرغان بولسا ماڭا سېنى ئازدۇرغان ئاشۇ شەيتاننى تېپىپ بەر.ئۇ شۇنچىلىك يالۋۇرغان بولسىمۇ ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قىلچىلىك پىسەنىت قىلمىدىم .


مەلىكە،ئۇنىڭ روھىنى سىنىڭ ماكانىڭغا ئېلىپ بارايلى،شۇ يەردە ئۇ قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تارتىپ كەلسۇن.ئاكا ئۇنداق قىلماڭ،سىزگەبىر ئۆمۈر قۇل بۇلاي،نېمە دىسىڭىز شۇنى قىلاي،مىنى بۇلارغا تاپشۇرۇپ بەرمەڭ.


تېزدىن بۇنى ئېلىپ كىتىڭلار،مەن بولدى قىلغاندا ئاندىن قۇيۋېتىڭلار.


ئۇ ئوغرى تۇرغان يېرىدە يېقىلدى.پەقەت مەلىكىلاقالدى.مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆيگە قايتتىم،ئۇنىڭغا قارىغانسىرىم دىلارە كۆزۈمگەكۆرۈنۈپ قالاتتى،گەرچە بۇ دىلارەنىڭ ئۆزى بولمىسىمۇ ئۇنىڭغا قارىسام كۆڭلۈم ئازتولا ئارام تاپاتتى،دىلارەگە مۇھەببەت ئوتىنى مۇشۇ ئالۋاستى تۇتاشتۇرغان ئىدى.پۇت قولۇمداجان يوق،كۆزۈمدە تېخىچە قۇرىمىغان ياشلار،كارۋىتىمغا چىقىپ ياتتىم ،مەلىكە قېشىمداماڭا قاراپ كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى.قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن.ئەتىسى ئەتىگەن كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام مەلىكە يەنە شۇ يەردە ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ،ئۇ بىركېچە ئۇخلىمىغان ئىدى،ئۇ ماڭا قاراپ سىنى بۇنداق ئازاپقا مەن قويدۇم،ئەسلى سېنىدىلارە بىلەن ئۇچراشتۇرمىسام بۇلۇپتىكەن،ئەگەر غەيىپنى بىلسەم ئىدىم ھەرگىزمۇبۇنداق قىلمىغان بۇلاتتىم.


ھېچقىسى يوق،سەندەك بىر يېقىن دوستۇمنىڭ بولغىنىدىن بەكمۇ خۇشالمەن،ئەمما مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈش مۇمكىن بولمايدۇ،ئاللاھ ھەرمەخلۇقاتقا ئۆز خىلىدىن جۈپلەرنى ياراتقان،بىز بىر خىلدىكىلەردىن ئەمەسمىز.لېكىن سەن بىلەن مەڭگۈ ئىزدىشىپ ئۆتكۈم بار.


ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن نۇر ياشلار تۆكۈلۈشكەباشلىدى.بىر ھازا يىغلىغاندى كېيىن كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولۇپ كەتتى.


سىرتتا كىشىلەرنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازلىرى ئاڭلىنىۋاتاتتى،نىمەئىش بولغاندۇ دەپ سىرتقا چىقتىم.قارىسام ھېلىقى ئوغرىنىڭ قېشىدا بىر توپ كىشىلەرتوپلىشىپ قاپتۇ،قېشىغا باردىم،تىنىقى بار ئىكەن،ئۇنىڭ روھى مۇشۇ تاپتا راساقىينىلىۋاتقان ئىدى.دوختۇرخانىنىڭ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىمۇ ئۇزۇنغا قالماي يېتىپ كەلدى.دەئۇ ئوغرىنى ماشىنغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى.ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى،دىلارەنىڭ يەتتە نەزىرسىنى بىرىپ بولدى.ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۆز-ئۆزۈمگە خىتاب قىلىۋاتاتتىم،دىلارە سەن ئۈچۈن قىساس ئالىمەن،مىنىڭ يۈرۈگۈمدە مۇھاببەتتىن قىلچىلىكمۇ ئەسەر قالمىغان ئىدى،ھەممە ئادەم كۆزۈمگە ئىشەنچىسىز ،خىيانەتچى كۆرۈنەتتى،زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.بۈگۈن كەچ ھېلىقى ئوغرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن مەھەللە دوقمۇشىدىكى سۆگەت ئاستىدا مەلىكىنى ساقلىدىم،ئۇ بۈگۈن ئوتتۇر كېچىدىن سەل ئاشقاندا پەيدا بولدى .


-كۆۈشمىگىلى ئۇزۇن بۇلۇپتۇ.ھېلىقى ئوغرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ باقاي دەپ سىنى چاقىرغان ئىدىم،مەن كۆرۈپ كىلەي.


-ئەمسە ئۆيۈڭگە كىرىپ يېتىپ تۇر،مەن سىنى چاقىراي.


-ماقۇل،مەن ئۇنىڭ دېگىنى بۇيىچە ئۆيۈمگەكىرىپ كەتتىم،ئۇ كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى دە كۆزۈڭنى يۇم دېدى.كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مەلىكىنىڭ  ماكانىغا يېتىپ كەلدىم،ئۇئوغرىنىڭ ھالى بەكمۇ خاراب ئىدى،مىنى كۆردىيۇ گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىرخىل يالۋۇرۇش،پۇشايمان مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى،قوللۇرىغا ئوتزەنجىرلەر سېلىنغان  بۇلۇپ دۈشمەنلەر بىلەن ئوخشاش ئازابلىنىۋاتاتتى.


مەلىكە بۇندىن كېيىن ئۇنى ئوت بىلەن جازالىماڭ،پۇت-قولىدىكى ئوت كىشەنلەرنى ئېلىۋېتىپ باشقا ئۇسۇلدا جازالاڭ ياكى سولاپ قۇيۇڭ.


نېمە ئۈچۈن ئوتتا جازالاشقا بولمايدۇ،بىزنىڭ بۇ يەردىكى جازا قايناقسۇ بىلەن ئوت،ئەڭ ئېغىرىمۇ شۇ،ئەڭ يىنىكىمۇ شۇ.


ئوت بىلەن جازالاش پەقەت پەرۋەردىگارغىلاخاستۇر،ئۇنىڭدىن ئۆزگە ھېچ كىمنىڭ بۇنداق ھوقوقى يوقتۇر،ئۇ بىر ئىنسان نەسلى،بۇنداق ئېغىر ئازابقا ئۇ چىدىمايدۇ.ئۇنىڭ پۇت قوللىرىدىكى كىشەنلەر ئېلىپ تاشلاندى.ئۇ ئالدىمغايۈگرەپ كېلىپ تىزلانغىنىچە يىغلاپ كەتتى.


مىنى ئۆيۈمگە قايتۇرۇپ كېتىڭ،سىزدىن ئۆتۈنەي،جىسمىمغا قايتىۋالاي،ھەقىقەتەن كۆرمىگەننى كۆردۈم،گۇناھلىرىمغا تەۋبە قىلدىم،مەن بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى ئادەم بۇلىمەن.


بۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ تۇر،ئەمدى ئۇلارسىنى قىينىمايدۇ،پات ئارىدا قايتىسەن،مەن سىنىڭ ھال ئەھۋالىڭنى بىلىپ كىلەي دەپ،مەلىكىنىڭ ماكانىدىن قايتىپ كەلدىم.دە مەلىكىنىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىر نەچچىنى چاقىرىپ ھېلىقى ئوغرىنىڭ جەسىتىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىپ كىلىشكە ئەۋەتتىم،ئارلىقتىن بەش مىنىۇت ئۆتتى،ئۇلار ئۇ تۇرۇشلۇق دوختۇرخانىنى تېپىپ كەلگەن ئىدى.


بۈگۈن ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلادوختۇرخانىغا يول ئالدىم،دوختۇرخانىغا كېلىپ ئۇ ئوغرىنى كۆردۈم،ئۇ مىدىلىماي ياتاتتى،ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ ئەھۋالىمنى سورىدىم،


ئۇنىڭ ئانىسى يىغلاپ تۇرۇپ :


بۇ دۇنيالىقتىكى بىرلا بالىمىز ھەم ئوغلىمىز ئىدى،كىچىكىدىن باشلاپ ئەركە ئۆگىنىپ قالغان.نىمە كەلگۈلۈك ئەمدى بۇبىزگە،بىر بالىنى 25يىل بېقىپ چوڭ قىلىش ئاسانمۇ،دوختۇرلار باشتا ئۆسۈملۈك ئادەم بۇلۇپ قاپتۇ دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىدى،كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇ پەقەت نەپەسلائالىدۇ،يۈرۈكى سوقمايدۇ،قان بېسىمى يوق،دوختۇرلار قاندا ھۆكۈم چىقىرىشنى بىلەلمەي قالدى.


ئارىدىن بىر دوختۇر گەپنى بۆلدى.بىز ئوغلىڭىزنى ئۆلۈپ بولدى دەپ دىئاگنوز قويدۇق،ئۇنى قايتۇرۇپ كېتىڭلار.


ئانا ئاۋازىنى قۇيۋېتىپ يىغلاپ كەتتى.بىرەسىگىمۇ ئىچ ئاغرىتمايدىغان تاش كەبى قېتىپ كەتكەن قەلبىم بۇ ئانىنىڭ يىغىسى بىلەن سەل يۇمشىغان ئىدى.بۇ ئانىنىڭ يىغىسىغا قاراپ كۆزۈمدىن ياشلار ئەگىشكە باشلىدى،بىرتەرەپكە قارىسام چن يۈرۈگۈمدىن سۆيگەن دىلارەنىڭ قىسساس ئوتى بىر تەرپىمگە قارىسام بىر ئانىنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئازابى.ھەي ...


ئاللاھ ئىگەم مىنى سىناۋاتقان ئوخشايدۇ .


ئۆيگە قايتىپ كېلىپ قانداق قىلىشمنى ئويلۇدۇم،ئاخىرى بىر قارارغا كەلدىمكى ئىنساننىڭ ئىگىسى ئاللاھ،ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر،دىلارەنىڭ قەبزى روھ قىلىنىشى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر،دىلارە ئۈستىدە ئاللاھ ھۆكۈم چىقارسۇن،ئۇئانا تېخى ھايات ئۇنىڭ ئازابىنى مەن كەلتۈرۈپ چىقاردىم ،بۇنى ئىنساندىن يۇشۇرالىغىنىم بىلەن ئاللاھتىن يۇشۇرۇپ قالالمايمەن.مىنىڭ ھازىر پەقەتلا قىلالايدىغىنىم ئۇ بىچارە ئانىنىڭ يۈرەك پارىسىنى ھۇشىغا كەلتۈرۈپ بۇ ئانىنىڭ ئازابىنى تۈگۈتىش.


بۈگۈن كەچ مەلىكە بىلەن كۆرۈشۈپ ئوغرىنىڭ روھىنى قۇيۋېتىشنى ئېيتتىم،ئۇ ماقۇل بولدى،ئەتىسى ئەتىگەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم،ئۇنىڭ جەسىدى يۇيۇپ تارىلىپ،جىنازىغا بېسىلىش ئالدىدا تۇراتتى،مەلىكە ئۇنى قۇيۋەتمىگەنمىدۇ؟ئاستا جەسەتنىڭ قېشىغا كەلدىم  دە ئۇنىڭ يۈرۈكىنى تۇتتۇم ،يۈرۈكى سوقۇۋاتاتتى ،ئەمماھوشىغا كەلمىگەن ئىدى،جەسەت جىنازىغا بېسىلدى.قەبرىستانلىققىچە ئەگىشىپ بىللەكەلدىم،ئۇ يەرلىككە قويۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتاتتى،مەن ئاخۇنۇمنىڭ يېنىغا بېرىپ يۈرەك تۇمۇرى سوقۇۋاتقان،نورمال ئادەمدەك نەپەس ئېلىۋاتقان ئادەم ئۆلۈك ھېسابلىنامدۇ دەپ سورىدۇم .


ئىمام ئاخۇنۇم  نىمە دىمەكچى بولغۇنىمنى چۈشەنگەندەك بولدى دەمېيىتنىنىڭ يۈرۈكىنى تۇتۇپ،نەپىسىگە قۇلقۇنى يېقىپ تىڭشاپ باقتى،ئارقىدىنلا سۈرەپاتىھەنى ئوقۇپ جامائەت بىلەن بىللە ئۇ ئوغرىنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلدى،جەسەتنىڭ قۇلى مىدىرلاۋاتاتتى،زۇۋانغا كەلدى،سۇ،سۇ .....


جامائەت ھەيران قالغان ئىدى.مەن بۇ يەردىن ئاستا ئايرىلىپ كەتتىم ،ماڭغاچ يەنە خىياللار دېڭىزىغا غەرىق بولدۇم.مۇھاببەت بىلەن نەپرەت ئوتتۇرسىدىكى كۆرۈشتە مەن يەڭگەن ئىدى،نىمىنىڭ ھەقىقىي مۇھاببەت ئىكەنلىكىنى ئەمدى ھىس قىلغان ئىدىم.بۇ دۇنيادا ئىنساننىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھاببىتىدىنمۇ ئارتۇق مۇھاببەت،ئىنساننىڭ ئىنسانغا بولغان مۇھاببىتىدىنمۇ ئۇلۇغ مۇھاببەت بولمىسا كېرەك.


مەن مۇشۇ كۈندىن باشلاپ ھەقىقىي ھىدايەت تاپتىم،ھەر كىچىسى ئاللاھقا تەۋبە قىلدىم ،جىن-شاياتۇنلاردىن يىراق قىلىشنى تىلىدىم،ئۇ ئالۋاستىمۇ مىنى ئىزدىمەس بولدى،بىر نەچچە قېتىم سىناپ بېقىش مەقسىتىدە سۆگەتنىڭ تۈۋىدە كېچە-كېچىلەپ ساقلاپ كەتتىم،ئەمما نەتىجە يەنىلا ئوخشاش،ئۇ كەلمىدى،ئىمانغابولغان ئىشەنچىم بارغانسىرى ئاشتى.ئاللاھ ئىگەم ئاخىرى مىنى ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويدى.


مانا بۈگۈن دىلارە تۈگەپ كەتكىنگە دەل 3يىل بولغان كۈن،ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئۇنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى ئاللاھتىن تىلەپ دۇئا قىلىۋاتىمەن.كۆز ئالدىمدا بىر تۇنۇش سىماھ


ھېلىقى ئايال،ئوغرىنىڭ ئانىسى چاچلىرى چۇل-چۇل ،كىيىملىرى يىرتۇق ،ئۆز ئۆزىگە سۆزلىگىنىچە بىردەم كۈلۈپ،بىردەم يىغلاپ بىرقەبرىنىڭ ئالدىدا چۆرگىلەيتتى.ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا باردىم ،ئۇ ئايال ماڭا بىرئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن بىرسى بىلەن سۆزلىشىۋاتاتتى.مىنىڭچە ھەرگىزمۇ كاللىسىدىن كەتكەندەك قىلمايتتى،ئۇنىڭ گەپلىرىنى تىڭشاپ ئولتۇردۇم ،بىردەمدىن كېيىن ئۇ ماڭا ئوڭ ئادەملەردەك سۆزلەپلا كەتتى.ئوڭ ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن نىمىشقا بۇنداق بۇلۇپ قالغىنىنى سورىۋالاي دەپ ئويلۇدۇم دە،سىزگە نېمە بولدى.نىمىشقا بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالدىڭىز؟


ئوغلۇم تۈگەپ كەتتى.


قانچىلىك بولدى؟


بۈگۈن ئۈچ ئاي بولدى.


نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈپ بولدى؟


ئۇ بىر قىزنى ئالىمەن دەپ تۇرۋالغان ئىدى،دادىسى ئۇنمىغان.ئەمما مەن ئوغلۇمغا بۇلۇشۇپ دادىسىنى ماقۇلغا كەلتۈدۈم،ئۇ قىز بىلەن توي قىلىپ ئۈچ ئاي بولغاندا تۇغدى،بىز ئوغلۇمىزدىن بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدۇق،ئۇمەستچىلىكىدە ئۇ قىزغا چېقىلىپ ساپتىكەن،كېيىن سىرتتا بىللە تۇرۇپ بىر بىرىگەكۆڭلى چۈشۈپ قاپتۇ،ئوغلۇمنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكى راست ئىكەن.بىزمۇ ئۆتكەن ئىش بولغاندىكىن دەپ مەيلى دىدۇق.


توۋا مۇشۇنداق ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ئىنسان ئىكەنمىز،ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن قەسەملەر ئىچىپ،ئۇنىڭ بىرلىكىگە،ئۇلۇغلۇقىغاگۇۋاھ بۇلۇپ تۇرۇپ،قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قەسەملەرنى،بېشىدىن ئۆتكەن ئازابنى ئۇنتىغان ئىكەن ھېلىمۇ  بۇ ئاز ئىكەن،كاپىرنىڭ ۋەدىسى يالغان دېگەن گەپ راست ئىكەن،دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم.


ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى،دادىسى تۈگەپ كەتتى،دادىسىنىڭ ئۆلىمى ئۇنىڭغا ھېچقانچە تەسىر قىلمىدى،ئۇ خوتۇنى بىلەن ئەيىش-ئىشرەتكە چۆكۈپ كەتتى.بىر كۈنى ئۆيگە كىرسەم  كېلىن مىنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتتى،نىمە بولغاندۇ دەپ تۇرۇشۇمغا ئۆيدىن بىرسىنىڭ قېچىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ قالدىم ،ئاچچىقىمدا كېلىننى بىركاچات ئۇردۇم ،ئۇ بالىنى تاشلاپ قويۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.بىردەمدىن كېيىن ئوغلۇم قايتىپ كەلدى.مەن ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋالنى دەپ خوتۇنىنى قۇيۋېتىشنى ئېيتتىم،ئەمما بۇ گەپلەر ئوغلۇمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمىدى،تېخى ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ ئۆيگە ئەكىلىۋالدى.كىم بىلسۇن ئۇ خوتۇن بىزنىڭ ئائىلىنىڭ مال دۇنياسىنى كۆزلىگەن ئىكەن،ئاشنىسى بىلەن بىرلىشىپ ئوغلۇمغا زەھەر بىرىپ ئۆلتۈردى.ئارقىدىن مىنى موللىغا ئوقۇتۇپ قەست قىلدى.


بىچارە ئانا مۇشۇ گەپلەرنى دەپ  بۇلۇپلا يەنە كۈلۈپ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەشكە باشلىدى،ئۇنى قۇلىدىن يىتىلەپ ئۆيگە ئېلىپ كەلدىم .ئانامغا بولغان ئەھۋالنى دەپ ئۇ ئايالنى يۇيۇندۇرۇپ،كىيملىرىنى يەڭگۈشلەپ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغۇزۇپ قالدۇق،كەچتە سۆگەت تۈۋىگە كىلىپ مەلىكىنى چاقىرىشقا باشلىدىم ،ئەمما ئۇ كەلمىدى،ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە ئۆيگەكىرىپ يېتىپ قالدىم .كۆزۈم ئۇيقۇغا بېرىشىغا مەلىكە كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى،بۇقېتىم ئۇ يالغۇز كەلمىگەن ئىدى،ئەتراپىدا نۇرغۇن قوشۇن بىلەن كەلگەن ئىدى،ئۇنىڭ قوشۇنلۇرى زىمىنغا پاتماي كەتكەن ئىدى.كۆرۈشمىگىلى ئۈچ يىلغا يېقىن بولغاچقا ئۇنىڭدىن قورقتۇم،دىلىمدا ئىمان ئېيتىشقا باشلىدىم،مەلىكە ماڭا قاراپ بولدى ئوقۇمابولمىسا مەن كېتىمەن،ئوقۇشنى توختاتتىم .


مىنى بىرەر ئىش بىلەن چاقىردىڭمۇ؟


ھە ئە،شۇنداق.


ھېلىقى ئوغرىنىڭ ئانىسىغا بىرى قەسىت قىلىپتۇ،سەن ماڭا ياردەم قىلىغىن.


مەلىكە ھېلىقى ئايالنى تالاغا ئېلىپ چىقىشىمىنى بۇيرىدى.مەن ئۇنىڭ دېگىنى بۇيىچە ئۇ ئايالنى تالاغا ئېلىپ چىقتىم ،مەلىكە ئۇ ئايالغا قاراپ غەزەپ بىلەن بۇ ياققا چىق،بولمىسا سىنى قاتتىق جازالايمەن دېدى.


بىر ئىس تۈتەك پەيدا بولدى دە مەلىكىنىڭ ئەتراپىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ مەلىكىنى مەنسىتمىگەن ھالدا،سەن كىم ؟ماڭا بۇيرۇق قىلىشقا پېتىندىڭمۇ؟


مەلىكىنىڭ قوشۇنلىرى يىغىلدى،ئۇ قوشۇنلارنى كۆرگەندىن كېيىن بەدەر تىكىۋەتتى،مەلىكە ئۇنى تۇتۇڭلار ،بىر بۇيرۇق بىلەن ئۇنىڭ پۇت قوللىرى كىشىنلەنگەن ھالدا تۇتۇپ كىلىنىپ مەلىكىنىڭ ئالدىغا تىزلاندۇرۇلدى،كىملىكىمنى بىلدىڭمۇ؟بۈگۈندىن باشلاپ سەن ئەسىرگە ئېلىندىڭ،ياخشىلىق بىلەن ئىتائەت قىل بولمىسا سىنى جازالايمەن.


ئۇ دېدى،مەلىكگە تەسلىم بولدۇم ،پەرمانغا بوي سۇنىمەن.


ئۇنداقتا ياخشى سىنى قەست قىلىشقا كىم  كۈشكۈرتكەن بولسا ئۇ ئۆلگۈچە قېشىدا ھەمرا بول،ئۇنىڭدىن كېيىن سەن ئەركىنلىككە چىقىسەن،سېنى قۇيۋېتىمەن،ئۆز قەۋمىڭ ئارىسىغا قايتىشىڭغا رۇخسەت بىرىمەن،ئەگەر قېچىپ كەتسەڭ قەۋمىڭ بىلەن قوشۇپ سىنى جازالايمەن.


مەلىكە ماڭا قاراپ تۇرۇپ بۇ ئەڭ ئاخىرقى ۋىدالىشىش،ئەمدى بىز كۆرۈشەلمەيمىز ،ياردەم كېرەك بولسا قوشۇنلۇرۇم ھەر ۋاقىت سىنىڭ قېشىڭدا ئامان بول دېدى دە كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولدى.


ھېلىقى ئايال ھۇشسىز ياتاتتى،ئۆيدىكىلەرنى چاقىردىم  دە ئۇ ئايالنى ئۆيگە ئېلىپ كىردۇق،سەھەرگە يېقىن ھوشىغا كەلدى،ئۈچ ئايدىن بېرى ئۆزىگە نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيتتى،بىزمۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ سورىمىدۇق،ئەتىگەنلىك ناشتا قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئايالنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇق،كېلىنى ئۆينىڭ ئىچىدە تامغا قارىغىنىچە ئۆزىگەسۆزلەپ ئولتۇراتتى،بىچارە بۇۋاق يىغلاۋاتاتتى.ئانا ئوغلىدىن قالغان بۇ بىردىن بىرمىراسنى قولىغا ئالدى دە باغرىغا بېسىپ يىغلاپ كەتتى،كېلىن بولسا بىر نەرسىنى تۇيدى بولغاي ماڭا بىرنى قاراپ ئورنىدىن چاچرىغان پېتى يۈگرەپ تالاغا قېچىپ كەتتى.


بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ كېلىننىڭ جەسىدى دەريادىن تېپىلدى.


بۇ دۇنيادا خىيانەت قىلغان،ئەھدىگە ۋاپاقىلمىغانلارنىڭ جازاسى مۇشۇنداق بولدى،ئاخىرەت كۈنى قانداق بۇلا؟!


ئاپتورى:مۇھەممەد ياسىن ئابدۇللا(ئەلەمدار)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Alamdar-X تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-9 05:42 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
akbarjan0997 + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
sargarda + 119 ئىسىل چىقىپتۇ جۇما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 219   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4044
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 515 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 12:12:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا رەھمەت ، ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك تىما ئىكەن.
قەلىمىز ئۆتكۈر ئىكەن، ھارمىغايسىز!

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 12:22:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ راس ۋەقەمۇ؟ بۇرۇنقىسىدا ۋەقە بولغان يىل ئاي كۈن  نىمۇ يېزىپتىكەنسىز

ساڭا تار كەلمەيدىغان قەبرىلەرنى كىملەر قازسۇن؟ كۆمەيلى تارىخقا دېسەم پاتمايسەن.
                                    - مەھمەد ئاكىف ئەرسوي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95384
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 179
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2013-5-26
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 12:30:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سائەت يوللىغان ۋاقتى  2013-8-9 12:22 PM
بۇ راس ۋەقەمۇ؟ بۇرۇنقىسىدا ۋەقە بولغان يىل ئاي كۈن  نىم ...

بۇ پەقەت بىر توقۇلما ئەسەر،ئەمما بەزى بىر ئىشلار ھەقىقەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96780
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2013-8-6
ئاخىرقى: 2013-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 12:53:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5297
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7915
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2039 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 12:55:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل  چىقىپتۇ  .  ئەسلىي   كىچىسى   ئادەم  يوق   قاراڭغۇ  ئۆيدە  جىن چىراق يېقىپ  قويۇپ ئوقۇيدىغان  ئەسەركەن   بۇ  ؟  

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 01:15:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2013-8-9 12:55 PM
ئىسىل  چىقىپتۇ  .  ئەسلىي   كىچىسى   ئادەم  يوق   قاراڭغۇ  ئ ...

مەنمۇ شۇنداق  قاراشتا .ئاندىن  تىخىمۇ سۈرلىك  بولاتتى

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3315
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10379
تۆھپە نۇمۇرى: 600
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 01:17:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سائەت يوللىغان ۋاقتى  2013-8-9 12:22 PM
بۇ راس ۋەقەمۇ؟ بۇرۇنقىسىدا ۋەقە بولغان يىل ئاي كۈن  نىم ...

مەنمۇ ئوقۇپ بىرخىل راستەك تۇيغۇغا كەپ قالدىم دىسە

گەزنىنىڭ  ئىككى يۈزى بار ،بىر يۈزىدە نان ياقىدۇ .ئادەمنىڭ بىر يۈزى بار  ئىككى يۈزىدە جان باقىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5297
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7915
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2039 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 02:15:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
13629982958 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-9 01:15 PM
مەنمۇ شۇنداق  قاراشتا .ئاندىن  تىخىمۇ سۈرلىك  بولاتتى


راستىنى   دېسەم   بىر  كۆرۈشنى  ئارزۇ  قىىلمەن  ،  مۇشۇ  جىن  دېگەننى ...
كىچىكىمدە   مەھەللىدىكى  بالىلار   ئۆزىگە  جىن  ئۇچرىغانلىقى ، جىن                                قوغلىقىغانلىقى توغرىسدىكى گەپنى  دەپ  بېرەتتى  .   لىكىن  ماڭا  بىر               قېتىممۇ  ئۇچراپ  باقمىدى ...  يەنە  شۇ  كىچىك  چېغىمدا  يېزىمزنىڭ چەت  ياقسىدا  قوغۇن  تېرىيتتۇق  ، قوغۇن باقاتتىم . بۆك باراقساقسانلىق  جىگدىلىك  بار  ئىدى  .  ئاكامنىڭ   بەش  ـ  ئالتە   ياشلىق  ئوغلى  ھەر  كۈنى كۈن قىزارغاندا مىنى  ئاغىنەم  چاقرىۋاتىدۇ    دەپ  جىگدىلىك  تەرەپكە   يۈگرەيتتى  .  لىكىن  مەن  قارىسام  ھىېچ ئادەم كۆرۈنمەيتتى  .  ئۇنى  تۇتۇۋېلىپ  بارغىلى  قويمايتتىم  .   لىكىن  كىيىن  ئاكامنىڭ  بالىسىدا  ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى .  يېزىمىز  بۇيىنچە  يۇقرى  نۇمۇر  بىلەن  ئالىي  مەكتەپكە  ئۆتۈپ ئوقۇۋاتىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-9 02:25 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4717
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 02:17:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇردىغان ھېكايىكەن رەخمەت

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش