ھازىر ئۇ ئاللا بۇرۇن ئۆرۈلۈپ بولدى
ئۇنۇڭدا ھازىر كىچىككىنە قارىشلىق كۈچىمۇ قالمىدى
ھەتتا سادامۇ چىقمايدۇ
ئەنە سىزنىمۇ شۇنداق مىنىڭ دۇنيارىمغا ئېلىپ كىرگەنتىم
بىراق مەن سىزگە شۇنداق ئىشىنەتتىم،كۈيەتتىم...
ھەرۋاقىت ھەرزامان نۇرىڭىز ئاستىدىن چىقمايتتىم...
خۇددى پەرىشتەمنى تاپقاندەك
ھەتتە ئەنە سىز سەۋەبلىك ئۇيقىدىن ئۇيغانغاندەك
نۇرغۇنلىغان مۈشكۈلات.نۇرغۇنلىغان كۈڭۈل ئازابلىرىم
ئاددىيسى كۈڭلۈم پەقەت بىر سىزدىنلا سۇ ئىچەتتى
مەيلى مەن قەيەگە باراي،قەيەردە بۇلاي
سىز مەندىن دائىم ئەنسىرەيتتىڭىز
مەنمۇ ھەم سىزنى بارلىقىم بىلەن قوغدۇغۇم كىلەتتى
ۋە قوغدايتتىم...
بىلەمسىز
ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان يورۇقلۇق ۋە بارلىق كائىنات
نەقەدەر گۈزەل ھەم لىققىدە ھىس،ئۈمۈدلەر بىلەن تولغان
ھەر ۋاقىت ھەرزامان ئاشۇ گۈزەل ھىسلارغا بەخىتلەرگە تولغان
بۇ دۇنيادا دائىم سىز بىلەن بىرگە بولسام دەپ ئويلايتتىم
ھەم شۇنداق قىلىشقا شۇنداق تىرىشاتتىم...
مەنمۇ ھىس قىلىپ تۇراتتىم
سىزدىكى بىردىنبىر ئۈمۈد ئارزولامۇ شۇ ئىدى
بىراق...بىراق....بىراق.........ھەممىسى مەن...!
مىنىڭ تىلىم قەلىمىم ھەقىيقەتەن يۈرۈگۈمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيۋاتاتتى...
ھەرقىتىم ئالاقىلاشقىنىزدا مىنى پەقەت سۈكۈت،جىمجىتلىق قوينىغا ئالىدۇ
بۇنىڭ ھەممىسى سىزگە مەن دىمىسەممۇ ئايان...
ئەمەلىيەتتە مىنىڭ سىزنى ئۇنتۇپ كەتكۈنۈم