مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 752|ئىنكاس: 4

ئىجتىمائىي ھاياتىڭدا بەختلىك بولۇش ئۈچۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17027
تۆھپە نۇمۇرى: 2055
توردا: 1166 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 07:59:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمە: ئابدۇل ئەھەد ھاپىز

1.    توغرىلىق سېنىڭلا مېلىڭ ئەمەس، باشقىلارنىڭ پىكرىنى رەت قىلما.
2.    ئىجتىمائىي ھاياتىڭدا بەختلىك بولۇش ئۈچۈن ھەق ئىگىلىرىنىڭ ھەققىنى بەرگىن.
3.    دۈشمىنىڭدىن كەلسىمۇ ياخشى نەسىھەتنى قوبۇل قىلغىن.
4.    ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى باشقا بۇرادەرلىرىڭ ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرگىن.
5.    باشقىلار سېنىڭ ئۆزۈڭنى قوبۇل قىلغاندەك، سەنمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزرىنى قوبۇل قىلغىن.
6.    بىر خاتالىقنى كۆرۈپ، كۆپلىگەن ياخشىلىقلارنى ئۇنتۇما.
7.    كىشىلەرگە كەمتەر بول، گەدەنكەشلىك قىلما.
8.    مەغرۇرلۇقتىن ساقلانغىن، چۈنكى ئۇ ئاداۋەت تۇغدۇرىدۇ.
9.    كىشىلەرنى بەدەلسىز ياخشى كۆرگىن.
10.    ئىجابىي بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۇتۇقلىرىغا قوشۇلغىن، سېنىڭمۇ ئىجتىمائىي پايدىلىق ھەرىكىتىڭ بولىدۇ.
11.    ساڭا ياخشىلىق قىلغان كىشىگە رەھمەت ئېيتقىن.
12.    باشقىلارنىڭ سۆزىگە ياخشى قۇلاق سالغىن.
13.    كىشىلەرگە ئۆزۈڭنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭنى ھېس قىلدۇرغىن.
14.    كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنىڭ قىممەتلىك بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇرغىن.
15.    كىشىلەرنى ھەقسىز تەنقىدلىمە.
16.    كىشىلەرگە خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا نەسىھەت قىلما.
17.    ئىمام شافىئىنىڭ: يالغۇز يەردە مېنى نەسىھەتكە كۆمۈۋەتكىن، جامائەتنىڭ ئارىسىدا نەسىھەت قىلمىغىن. چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى نەسىھەت بىر خىل ئەيىبلەش بولۇپ، ئۇنى ئاڭلاشنى خالىمايمەن، دېگەن سۆزنى چىڭ تۇت.
18.    ناھايىتى چىرايلىق شەكىلدە تالاش ـ تارتىش قىلغىن.
19.    ياخشى سۆھبەتداش بولغىن.
20.    باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆگەن.
21.    يامان گۇمان قىلىدىغان بولما، بەك يۈزەكى قارايدىغانمۇ بولما.
22.    يوقىلاڭ ئىشقا غەزەپلەنمە، ئالدامچىلىق قىلما، يالغانچىلىق قىلما. ھەسەت قىلما، ھېچكىمنىڭ غەيۋىتىنى قىلما.
23.    ھەدىيە بېرىشنى چىڭ تۇت، چۈنكى ئۇ قەلبلەردىكى ئۆچمەنلىكنى يوقىتىدۇ.
24.    قېرىنداشلىرىڭغا ئاداۋەت قىلغان ھالدا ئۇخلىما.
25.    باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشتا يۇمشاق بولغىن.
26.    بەزىلەرنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىسەڭ، ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە تىرىش.
27.    ئالدامچى بولما، خەلق سەندىن قاچىدۇ.
28.    باشقىلارنىڭ سېنى چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلىشتىن ئاۋۋال سەن باشقىلارنى چۈشەن.
29.    باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئورتاق بولغىن.
30.    كىشىلەرگە ھەر دائىم تەبەسسۇم قىلغىن. چۈنكى بۇ سەدىقە بولىدۇ.
31.    ئۆزەڭنى كۆپ ماختىما.
32.    كىشىلەرنى كۈلدۈرىدىغان رۇھقا ئىگە بولغىن، لېكىن كۆپ چاقچاق قىلما، كۆزگە ئىلىنمايدىغان بولۇپ قالىسەن.
33.    دائىم نىيىتىڭنى دۇرۇس تۇت، پۈتكۈل مۇناسىۋەتلىرىڭنى ئاللاھ ئۈچۈن ۋە ئاللاھ يولىدا قىل.
34.    ئاسانلىقچى، سەۋرچان، مېھرىبان، خىزمەتنى سۆيىدىغان ۋە ئىجادىيەتچى بولغىن.
35.    دوستلىرىڭنىڭ خاتالىقلىرىنى ئۇنۇتساڭ، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتى داۋاملىشىدۇ.
36.    ھەسەت قىلىش باشقىلارغىلا ئەمەس، بەلكى ھەسەت قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنى قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ئەزىيەت دۇچار قىلىدۇ.
37.    ساڭا ئىشەنچ قىلغان كىشىنىڭ ئامانىتىنى ئادا قىلغىن، ساڭا خىيانەت قىلغانغا خىيانەت قىلما.
38.    ساڭا يەتكەن بارلىق ئەزىيەتلەرگە مۇكاپات بېرىلىشىنى ئۈمىت قىل.
39.    ۋەدەڭگە ۋاپالىق بولغىن، ۋەدىدە تۇرماسلىق سېنى چۈشۈرىدۇ.
40.    ھەر كىشىگە ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلغىن، كاتتا زاتلارغا كوچىدىكى كىشىلەردەك مۇئامىلە قىلما.
41.    ئىشلارنى باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈشكە تىرىش، ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بىلەلەيسەن.
42.    باشقىلارنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئارىلاشما، شەخسى ئىشىلىرىنى سۈرۈشتۈرمە.
43.    توغرىلىق سېنىڭلا مېلىڭ ئەمەس، باشقىلارنىڭ پىكرىنى رەت قىلما

    مەنبە؛مەرىفەت   بىلىملىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9540
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 11:55:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە ياخشى بىر ئۈلگىلىك تىما سوۋغا قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .  

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96579
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 01:15:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز رەخمەت سىزگە.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95933
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 10:42:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىرنجىسى بىلەن 43-سىنى بەك ياقتۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94193
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1835
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2013-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 08:17:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز ، ئەجىرىڭىزگە رەخمەت

ئى ئاللا ،دۇشمىنىمنىڭ قەسلىرىدىن ئادەملەرنىڭ پەسلىرىدىن يىراق قىلغايسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش