«ئۈرۈمچى ئاسمىنى» فىلىمى توغرىسىدا (بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسى 2010-يىلى ئىشلىگەن.2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى تارقاتقان.)
سىنارىست-جاڭبىڭ.رىژىسۇر-شىرزات ياقۇپ ئاساسلىق روللاردا: مەخمۇت-ئىسلامجان ۋارىس.خەلچەم-ئارزىگۈل رىشىت. يۆبىڭ،ۋارىس ئىسلام،گۈلبەھرەم قادىر قاتارلىقلار فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: شۇنداق بىر تۈركۈم كىشىلەر باركى، ئۈرۈمچى شەھرىدە ئورتاق تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتقان. شۇنداق بىرھىكايە باركى،كىشىلەر قەلبىنى تەسىرلەندۈرىدىغان. شۇنداق بىر شەھەر باركى،ھاۋاسى ساپ، ئىناق، گۈزەل. بۇ ھىكايە 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئۈرۈمچى شەھرى نىڭ تەڭرتاغ رايۇنى تاتلىقسۇ كوچىسى 1-نومۇرلۇق قورۇدا يۈز بەرگەن. «4تەياخشى قورۇ»قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، كوچا باشقارما مۇدىرى-خەلچەمدىن تەشكىل تاپقان خەنزۇ كوچا ئىش باشقۇرغۇچىسى- شۇا رۇيۈن،خۇيزۇئىشچى-ما ۋەنشى،سەيچىڭخۇا بىر ئائىلە كىشىللىرى قازاق چارۋۇچى-ۋونۇبەگ قاتارلىقلار بىرلىكتە ئەسلىدە پەقەت بىرلا ئۇيغۇر ئائىلىسى بار بولغان مەخمۇت بىر ئائىلە كىشىللىرى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ كادىرى-باتۇرنىڭ قورۇسىغا كۆچۈپ كېلىدۇ. ھەمىشە ئىللىقلىققا چۈمۈپ تۇرىدىغان بۇ قورۇ يەنە كومىدىيىلىك تۈسكە ئىگە بولغان كىشىلەرنىمۇ كۈتۈۋالىدۇ. قورۇنىڭ بوش جايلىرىغا بەيسەي تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، ئەمدىلا سەي ئورىسىدىن سەي ئېلىپ چىققان ما ۋەنشى كونا خوشنىللىرى بىلەن توختىماي پاراڭلىشىۋاتقاندا، ۋونۇبەگ بىر توپ قوي-پادىللىرىنى ھەيدەپ، قورۇغا كىرىدۇ. قويلار تىزىقلىق تۇرغان بەيسەيلەرنى يېيىشكە باشلايدۇ. ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان بۇ ئىككى كىشى بەيسەيلەرنى دەپ جىدەللىشىپ قالىدۇ. بىر چەتتە تۇرغان مەخمۇت، باتۇر قاتارلىقلار ئامالسىز ھالدا بىر مەيدان جىدەل كۆرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. قورۇنىڭ ئىچى قاينام-تاشقىنلىققا چۈمگەن ئىدى. لىيۇ جىن رەسىم تاختىسىدىن بىرنى مۆرۈسىگە ئېسىۋالغان، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ياش ئىدى. ئۇنىڭ پەيدا بولىشى بۇ قورۇدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇ خەلچەم ۋە شۇا رۇيۈننىڭ يارىدىمى ئاستىدا بۇ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان قورۇغا ئورۇنلىشىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ رەسىم سىزىدىغان قەلىمى ئارقىلىق، كۆپچۈلۈكنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تەشەككۇرى ئارقىلىق، ھەر بىر ئادەمگە سەمىمىي ھالدا جاۋاپ قايتۇرىدۇ. قورۇدىكى كىچىك بالىلارغا رەسىم سىزىشنى ئۆگۈتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قول سائىتىنى سېتىپ، سەي چۈنخۇا ئۈچۈن، تۇخۇم،كەمپۇت قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋىلىپ يارىدەم قىلىدۇ. شۇا رۇيۈننىڭ قەلبىدە ئاستا-ئاستا ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىپ، بىر مەزگىللىك مۇھەببەت بىخلىرى بۇ ئىككى ياشنىڭ قەلبىدە پەيدا بولىدۇ. بىر نەچچە پارچە ئادەم بەدىنىنىڭ سۇ بوياق رەسىمى تۈپەيلىدىن لىيۇ جىن لىيۇمىننىڭ جىنايىتى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. ئۇ كۈتۈلمىگەن ھادىسە تۈپەيلىدىن ئوڭ قولىدىن ئايرىلىپ مىيىپ بولۇپ قالغان.مەخمۇت ۋە خەلچەم قاتارلىقلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كى چەكنى تىجەپ ئىشلىتىپ تۇخۇم،كالاسۈتى قاتارلىقلارنى سېتىۋىلىشى، ۋۇ يۈنبەگنىڭ قىيادىن سەكرىگەن باتۇردەك ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، تېپىپ كەلگەن گوبا كەمپۇتلىرى بىلەن مۇشۇ تاتلىقسۇ قورۇسىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى ئارقىلىق،بۇ ياش يىگىتنىڭ يارىسى ساقىيىدۇ. بىراق لىيۇ جىن ئاللىقاچان مىيىپ بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ رەسىم سىزالايدىغان قولىنى قايتۇرپ كېلىشكە ئامالسىز ئىدى. بۇ ئىش ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆمۈرلۈك يارا پەيدا قىلىدۇ. زادى كىم ئاشۇ ئادەم بەدىنىنىڭ سىزما رەسىمىنى ئاشكارىلاپ چىققان؟زادى كىم ئۇنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەتىرتىگە پاش قىلىپ قويغان؟زادى كىم ئۇنى ئوڭ قولىدىن ئايرىلغان رەسسامغا ئايلاندۇرۇپ قويغان؟ نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى.ئەينى يىللاردىكى خوشنىلار نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن ئۆتكۈزدى. كىشى قەلبىدە چوڭقۇر زىددىيەت پەيدا قىلغان ھىسسىيات توقۇنىشى ھەل بولدى. ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى بۇرۇنقىدەكلا ساپ،پاكىز،شۇنچىلىك ئىللىق ئىدى. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2013- مەخمۇت ۋە خەلچەم قاتارلىقلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەكنى تىجەپ ئىشلىتىپ، تۇخۇم، كالا سۈتى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشى، ۋۇيۈنبەگنىڭ قىيادىن سەكرىگەن باتۇردەك ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، تېپىپ كەلگەن گوبا كەمپۇتلىرى بىلەنمۇشۇ تاتلىقسۇ كوچىسىدىكى
|