مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2943|ئىنكاس: 66

رۇزى ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1317
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 42300
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 8576 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 12:16:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مۇنبەر ئەھلى.ھەممىمىز تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رۇزى ھېيتى بۈگۈن يېتىپ كەلدى.ئەڭ ئالدى بىلەن مۇنبەردىكى ھەممە دوستلارنىڭ رۇزى ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن.
ەدتە.jpg

پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۆتكەن بىر ئايلىق رامزان ئېيى ئاخىرلىشىپ بۈگۈن ھەممىمىز بۇ قۇتلۇق كۈننى تەبرىكلەپ ئولتۇرۇپتىمىز.رۇزى ھېيت كۈنى جامائەت توپى مەسجىتكە يىغىلىپ ھېيت نامىزىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن دىدارلاشمىغىلى ئۇزۇن بولغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ.ھال-مۇڭ بولىدۇ.ھېيتنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئۆز ئۇرۇق-تۇققان،دوست -بۇرادەرلەر ئۆز ئارا بىر-بىرىنى يوقلاپ ھېيت پەتىسىنى قىلىدۇ.بۈگۈنكى مۇشۇ قۇتلۇق كۈندە ھەممىمىزنىڭ ھېيتى خوشال-خوراملىق ئىچىدە ئۆتسۇن.
مۇنبەردە يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ۋە چەتئەللەردە مۇساپىر بولۇپ ئۇقۇۋاتقان ، خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئەزىز كىشىلىرىمىز بار.مەن ئەڭ ئاۋال شۇ مۇساپىرچىلىق دەردىدە ئۆز يۇرتى،ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى سېغىنغان كىشىلىرىمىزگە ئوتلۇق سالىمىمنى يوللايمەن.ھېيتڭلارنىڭ خوشال-خوراملىق ئىچىدە ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن.
مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېيتى خوشال-خوراملىق ئىچىدە ئۆتسۇن.بۇرۇن ئىزدىشىپ بولالمىغان كىشىلەر بىلەن دىدارلىشىپ  قىزغىن ھەمسۆھبەتتە بۇلۇشۇڭلارنى،ئازارلىشىپ كۆڭۈل رەنجىپ قالغان كىشىلەر بىلەن يارىشىپ قېلىشىڭلارنى،ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناق-ئىجىل ئۆتۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان،مەزكۇر مۇنبەردە بەزى بەس-مۇنازىرە تېمىلاردا كۆپ تورداشلار پىكىر قىلىش،ئىنكاس يېزىش جەريانىدا مەۋھۇم دۇنيادا جېدەللىشىپ كۆڭۈل ئاغرىقى بولغان ئىشلارمۇ بولدى.ئەلۋەتتە،چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ.مۇنبەر ئاساسلىقى بەس-مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ.تورداشلاردىن سەمىمىي كۈتىدىغىنىم،بۇرۇنقى تېمىلاردا بەس-مۇنازىرە قىلغان چاغلاردا بىر-بىرىڭلارنى رەنجىتكەن،شەخسىيىتىگە تېگىپ دىل ئازار بەرگەن ئىشلار بولسا ئۆز ئارا كەچۈرۈم سوراش ئارقىلىق يارىشۋىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. كەچۈرۈم سوراش ئىشىدا مەن ئەڭ ئاۋال مۇشۇ مۇنبەردە بىلىپ-بىلمەي كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويغان قېرىنداشلىرىمدىن ئەپۇ سورايمەن.
دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.بىز تەكلىماكان قىرغاقلىرىدىن توغرا روھىنى ئۆزىمىزگە مۇجەسسەم قىلىپ گۈزەل تارىم بويلىرىدا ئۆز جان-ھەلەكچىلىكى بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتلىرى.بىز ئۆتمۈشنى ساۋاق،بۈگۈننى پۇرسەت،ئەتىنى گۈزەل غايە قىلىپ ياشىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە.بۈگۈنكى خاسىيەتلىك كۈندە ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى ۋە ياكى مەۋھۇم تور دۇنياسىدىكى دوستلارغا ئوتلۇق سالىمىمىز بىلەن ھەممىمىز قولنى-قولغا تۇتۇپ ئورتاق ئالغا قاراپ ماڭايلى.
بۇرۇنقى بەس-مۇنازىرە جەريانىدا بولدىغان قىسمەن ئورۇنسىز جېدەل،كۆڭۈل-ئاغرىقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بولماسلىقىنى،تورداشلارنىڭ بۈگۈنكى خاسىيەتلىك كۈندە يېڭىچە قىياپەت كىرىشىنى، ھاياتقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدىغان،ئۆز ئەتراپىدىكى قېرىنداشلار بىلەن ئىناق-ئىجىل ئۆتىدىغان ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ رۇزى ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن.ئەڭ ئاخىرىدا مەزكۇر سالام خەتنى ناخشىچى سەنەۋۇر تۇرسۇن ھەدىمىزنىڭ ‹‹سالام خەلقىم››دېگەن ناخشا بىلەن ئاياقلاشتۇرسام:

2013-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-8 04:18 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zvmrat + 100 ناخشىنى ياقتۇردۇم ..رە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1317
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 42300
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 8576 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 12:19:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردىكى دوستلارنىڭ  تەربىۋى ئەھمىيتى بار ياخشى فىلىملەر بولسا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قۇيۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62978
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15316
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1137 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 12:30:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مارشال،سىزنىڭمۇ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بوللاپسىز،ھېيىت سەھىرىدە قىممەتلىك ھېيتلىق سوۋغات تاپشۇرۋالغاندەك بولدۇم.تولىمۇ ئورۇنلۇق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز،ئەلۋەتتە،ھېيتتا ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشىپ ئىناق-ئىجىل ھېيىت ئۆتكۈزسە،ھېيىت ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئۆتكۈسىدۇر.

سىنىڭ بىر قىسمىڭ ماڭا بولسۇن..مىنىڭ بارلىقىم ساڭا يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92758
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 210
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 12:33:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بىرگە بولسۇن!!!!
ھېيتنامىزى سەئۇدى ئەرەبىستاندىمۇ ئوقۇلغانمىدۇ؟!

TOM -AND-JERRY

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12956
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 12:36:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  مارشال سىزنىڭمۇ ھىتىڭىزغا  مۇبارەك بولسۇن ،
ھەم بارلىق مىسرانىم تور  ئەھلىنىڭ ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن.

             未命名AAA.gif


بەخىت قانچە تىز كەلسە شۇنچە تىز كىتىدىكەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36697
يازما سانى: 826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3567
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 4821 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 12:46:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مارشال ئەپەندىم،سىزنىڭمۇ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
ھەم بارلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرئەھلىنىڭ ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن.
ھېتتا بارلىق مىسرانىم ئەھلىنىڭ ھېتىنى كۈڭۈللۈك خاتىرجەم ئۈتكۈزۈشگە تىلەكداشمەن



سۇقۇلدىغان ساندال بۇلغۇچە، ئۇرىدىغان بازغان بۇل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82005
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3086
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-6-23
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 12:47:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،روزا ھېيتلىق سالامىڭىزغا چىن كۆڭلىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن! يۇقرىدا قىلغان تەۋسىيەلىرىڭىزدىن شۇنداق خۇرسەن بولدۇم.ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىناق،ئېجىل،ئۆز-ئارا قوللىشىپ ئۈتۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2564
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2933
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1814 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 12:50:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مارشال، سىزنىڭمۇ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن . بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ (سۈرە«زەلزەلە»، 7-، 8-ئايەت)

يۈرەك ۋىلىقلاپ كۈلدى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7440
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1352 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 12:59:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مارشال ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگە  بولسۇن!
سىزنىڭمۇ روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزدىن شۇنداق خۇرسەن بولدۇم ..ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن .
ھى ھى مەنمۇ ئەتىگەندىلا بىلىپ-بىلمەي دىلىنى رەنجىتىپ قويغان قېرىنداشلىرىمدىن ئەپۇ سوراپ ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىۋالدىم ....كۆڭلۇم شۇنداق ئازادە ..ئاللاھ مەندىن رازى بولسۇن  ئىنشائاللا.
ئۇلۇغ ئاللاھ رەنجىشىپ قالغان باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭ دىلىغا  ئەپۇچانلىقنى ئاتا قىلىپ ئارىدىكى ئاداۋەت ئۇرۇقلىرىنى قۇرتىۋەتسۇن .

ھېيىت كۈنلىرىڭىز خۇشال-ىۇرام  كۆڭۇللۇك ئۆتسۇن ،ئەڭ ياخشى تىلەكلىمىز سىز بىلەن بىللە !!


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14359
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2526 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 01:00:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم خەلقىنىڭ روزى ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن-قۇرۇق!

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش