مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 641|ئىنكاس: 4

پېشقەدەم ئاخىباراتچى، شائىر توختاش نىيازىنى ئەسلەيمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92783
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 191
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 05:45:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پېشقەدەم ئاخىباراتچى، شائىر توختاش نىيازىنى ئەسلەيمەن

   ئابدۇۋەلى ھۈسەيىن  

13-ئىيۇل  چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز ھاۋا تۇتۇلۇپ بىر دەمدىلا ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. ئاسمان گۈمبىزى گويا بىر شۇملۇقتىن بېشارەت بېرىۋاتقاندەك يىراقتىن قارىيىپ كۆرۈنەتتى. دېگەندەك سائەت 7 ئەتراپىدا خىزمەتدېشىم ئابدۇغېنى ھاجىيوف ماڭا تېلىفۇن قىلىپ،  پېشقەدەم ئاخىباراتچى، شائىر توختاش نىيازىنىڭ تېخى يېرىم سائەت ئىلگىرى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ۋاپات بولغانلىقىنى  ئېيتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم. چۈنكى توختاش ئاكا مېنىڭ ئاخبارات كەسپىدىكى ئۇستازىم، شائىرلىق( ئەمەلىيەتتە مەن تېخى ھەۋەسكار ) كوچىسىدىكى كۆيۈمچان يېتەكچىم ئىدى. بىز ساق 20 يىل بىر ئىشخانىدا ئىشىلەش جەريانىدا  تالاي كېچىلەرنى سۈزۈك تاڭغا ئۇلاپ نۇرغۇن قېتىملىق مۇھىم يىغىن ياكى چوڭ  بايراملارنىڭ تۇنجى جاكارچىسىغا ئايلانغان ئىدۇق. مەرھۇم 2002 ـ يىلى دەم ئېلىشقا چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ  ناھايىتى يېقىن ئۆتۈپ كېلىۋاتاتتۇق. مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ ئختىيارسىز ئۇنىڭ بىلەن  بىرگە ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەشكە باشلىدىم:

دەسلەپكى ساۋاق

مەن 1982 ـ يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتىنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ‹‹ 1 ـ ئاۋغۇست ›› يېزا ئىگىلىك ئونۋېرسىتېتىدا ئۈچ  ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن شۇ يىلى 11 ـ ئايدا تەلەپ بويىچە بورتالاغا  قايتىپ  «بورتالاگېزىتى» ئىدارىسىغا ئورۇنلاشتىم. ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇدىرى قاسىمجان ئاكا خىزمەتكە چىققان تۇنجى كۈنى مېنى خىزمەتداشلارغا بىر قۇر تونۇشتۇرغاندىن كېيىن توختاش ئاكىنىڭ بۆلۈمىگە  باشلاپ كىرىپ ‹‹ بۇندىن كېيىن مۇشۇ بۆلۈمدە  ئىشلەيسەن ، توختاش ئاكاڭدىن ياخشى ئۆگەن›› دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.  ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن مېنىڭ ئاخباراتچىلىق ھاياتىم باشلاندى. بۇ چاغدا  توختاش ئاكا 42 ياشلارغا كىرىپ قالغان بولۇپ، ناھايىتى تىرىشچان ھەم تەلەپچان كىشى ئىدى. ۋاقىت چىقسىلا گېزىت ـ ژورنال كۆرۈپ خاتىرە قالدۇراتتى. بەزى خەۋەر ـ ماقالىلارنى قىسقارتىپ يېرىم قەغەزگە ئەپكەپ قويسا، بەزىلىرىنى سۆز قوشۇپ ئىشلەپ چوڭ ماقالىغا  ئايلاندۇرىۋېتەتتى. خىزمەتداشلار بىلەن ئاندا ـ ساندا پاراڭلىشىپ قويغاننى ھېساپقا  ئالمىغاندا ئاساسەن ۋاقتىنى بوش ئۆتكۈزمەيتتى. گېزىتكە  بېرىلىدىغان ماقالىلارنى ئەستايىدىل رەتلەپ چىرايلىق كۆچۈرۈپ چىقاتتى. بەت ياڭزىسىنىمۇ ئەستايىدىل كۆرۈپ ئىملا خاتالىقلىرىنى تولۇق   تۈزۈتىپ چىققاندىن كېيىن مەندىن بۆلۈم مۇدىرىغا چىقارتىپ بېرەتتى، بولۇپمۇ ئەدەبىي بەتنىڭ ئەسەرلىرىگە بەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتى. ھەر بىر پارچە ئەسەرنى نەچچە قېتىم ئوقۇپ  چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ بېرىشكە بولىدىكەن دەپ جەزىملەشتۈرگەندىن  كېيىنلا قەلىمىنى  يورغۇلۇتۇپ تەھرىرلەشكە باشلايتتى. بەك جىق ئۆزگەرتىۋەتكەن  ئارگىناللارنى بولسا  قايتىدىن كۆچۈرۈپ چىقاتتى ياكى ماڭا كۆچۈرتكەندىن كېيىن تىزىشقا بېرەتتى. بىزنى شۇ نەرسە ھەيران قالدۇراتتىكى توختاش ئاكىنىڭ تارتمىسىدىن زادىلا زاپاس ماقالا ئۈزۈلمەيتتى. بۆلۈمدە ھېچكىمدىن چىقمىسىمۇ شۇ ئادەمدىن تەييار ماقالا چىقاتتى. شۇڭلاشقىمۇ بىر قېتىملىق بەت يىغىنىدا گېزىتخانىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پارتكوم  شۇجىسى، باش مۇھەررىر ئېزىز ھامۇت ‹‹ توختاش نىيازىنىڭ تەھرىرلىك ئىستىلى كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىشىگە  ئەرزىيدۇ›› دەپ ماختىغان ئىدى.

مۇنداق بىر ئىش ئېسىمدىن زادىلا چىقمايدۇ. خىزمەتكە چىقىپ تەخمىنەن ئۈچ  ئايدىن كېيىن  توختاش ئاكا ماڭا ئىككى يېرىم قەغەز كېلىدىغان بىر پارچە ماقالىنى تاپشۇرۇپ رەتلەپ  بېقىشىمنى ئېيتتى. جىڭ ناھىيەسىدىكى قازاق ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېرغالى دۇيسەكە دېگەن كىشى يازغان بۇ ماقالىدا ئاخباراتچىلىقتىكى ئاساسىي ئامىللار ھازىرلانغان بولسىمۇ مەزمۇنى سەل چېچىلىپ كەتكەن  ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە  ماقالا قازاقچە ـ ئۇيغۇرچە ئارىلاشتۇرۇپ يېزىلغانلىقى، ئەينى ۋاقىتتا مەن كونا يېزىقنى ئەمدىلا ئۆگىنىشكە باشلىغانلىقىم ئۈچۈن ھەجىلەپ يۈرۈپ يېرىم  سائەتتە ئاران ئوقۇپ تۈگەتتىم، لېكىن قانداق قىلىپمۇ قەيىرىنى ئۆزگەرتىشنى، قەيىرىنى قويۇپ، قەيىرىنى ئېلىۋېتىشنى زادىلا بىلەلمىدىم. بۇ ھال ئۇدا  ئۈچ كۈن داۋاملاشتى، بۇ جەرياندا ھېلىقى ماقالىنى نەچچە 10 قېتىم  ئوقۇغان بولساممۇ لېكىن قەلەم تەككۈزەلمەي بەكلا قىينالدىم. مېنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرگەن توختاش ئاكا  3 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن ماقالىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ  10 مىنۇت ئىچىدىلا رەتلەپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى ھەمدە كەلگەن  خەۋەر ـ ماقالىلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىۋېتىش كېرەك،  ئۇزاق تۇرۇپ كەتسە ۋاقتى ئۆتۈپ ‹‹ئۆلۈپ›› قالىدۇ، ئەمدى بولدى، بۇنى كۆچۈرىۋېتىڭ،   ـ دېدى. مەن  ماقالىنى كۆچۈرۈش جەريانىدا  شۇنى بايقىدىمكى ماقالا ناھايىتى ياخشى رەتلەنگەن بولۇپ، ئېلىۋېتىشكە  تېگىشلىك جايلار  ئېلىۋېتىلىپ، قوشۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار قوشۇلۇپ  باش ـ ئاخىرى جىپسىلاشقان مۇكەممەل بىر پارچە  ئاخبارات ئەسىرىگە  ئايلانغان ئىدى. بۇ ئەھۋالنى بۆ لۈم مۇدىرى قاسىمجان ئاكا بىلمىگەچكە مېنى رەتلىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان چېغى «سەندە ئىلگىرىلەش چوڭ بولىۋاتىدۇ» دەپ ماختاپ قويدى.

بۇ ئىشقا ھازىر توپ ـ توغرا 31 يىل بولغان بولسىمۇ زادىلا ئېسىمدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق. ئەكسىچە ئۇ ئاخباراتچىلىق ھاياتىمدىكى بىر خىل ئەھمىيەتلىك ساۋاق سۈپىتىدە  قەلب خاتىرەمدە چولپاندەك چاقناپ ئىلگىرىلەش يولۇمنى كۆرسۈتۈپ بەرمەكتە، مېنى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ  تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرماقتا !

     ئۇ  پەزىلەتلىك  كىشى  ئېدى

بۇ يىل 1 ـ ئاپرىل بۆلۈمگە كىرىپ ئەمدىلا ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا ئىشىك چېكىلىپ توختاش ئاكا كىرىپ كەلدى:

__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇۋەلى ئۇكام. يېقىندىن بۇيان قانداق تۇرىۋاتىسىز ؟

__ ياخشى ـ توختاش ئاكا .ئۆزىڭىزمۇ ئوبدان تۇرغانسىز؟

بىر قۇر تىنچ ـ ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن توختاش ئاكا يانچۇقىدىن بىر پارچە ئارگىنالنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى:

__ ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتىنىڭ سابىق  مۇئاۋىن مۇدىرى كەنجىبەك( قازاق )نى بىلىسىز، ئۇنىڭ ئايالى ئۇيغۇر، بالىلىرىمۇ ئۇيغۇردىن ئۆيلۈك  ـ ئوچاقلىق بولدى. شۇ ئادەمنىڭ ئۇيغۇرلا ر توغرىسىدا يازغان بىر پارچە شېئىرىنى ئېلىپ كىرىۋىدىم .

مەن ئەسەرنى قولۇمغا ئېلىپ  ئىتتىك كۆز يۈگۈرتتىم.

‹‹ ئۇيغۇر خەلقىدىن رازىمەن›› دېگەن تېمىدىكى بۇ شېئىر ئەسلى 18 كۇبلىت  بولۇپ، توختاش ئاكا رەتلەپ 14 كۇبلىتقا قىسقارتقاندىن كېيىن  چىرايلىق كۆچۈرۈپ ئەسلى ئارگىنالغا  قوشۇپ ئېلىپ كىرگەن ئېدى.

_ ياخشى رەتلەپسىز، سىزگە رەخمەت _ دېدىم مەن توختاش ئاكا  ئېلىپ كىرگەن ئارگىنالنى تولۇق بىر قۇر ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن. بۇ ئەسەر 12 ـ ئاپرىل ‹‹سايرام ›› ئەدەبىيات  بېتىدە ئېلان قىلىنىپ مۇشتىرىلار ئارىسىدا ياخشى ئىنكاس قوزغىدى .

توختاش ئاكا ئەنە شۇنداق  باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان پەزىلەتلىك ئادەم ئېدى. ئادەتتە تۇنجى قېتىم  شېئىر يازغانلار، دېھقانلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكرەك  ئېتىۋار بېرىپ ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئامال بار ئاپتورلار سېپىگە قوشۇۋالاتتى. ئۆز ئەسەرلىرىنى بولسا ئاساسەن دېگۈدەك باشقا گېزىت _ژورناللارغا ئەۋەتىپ بېرەتتى. مەن مەرھۇم بىلەن 20 يىل بىرگە ئىشلەش جەريانىدا مۇنداق  مىساللارنى ناھايىتى كۆپ كۆردۈم  ھەمدە خىزمەت جەريانىدا ئۇنى ئۆزەمگە ئۆرنەك قىلدىم.

كەڭ قۇرساقلىق

بۇ يىل ئەتىياز توردا بىر قىسىم ماقالىلار ئېلان قىلىنىپ ‹‹ سايرام ›› ئەدەبىي بېتى ۋە بۇ بەتنىڭ كونا ـ يېڭى مۇھەررىرلىرى قاتتىق تەنقىتلەندى. ماقالىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى خاتا  دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا رېئالقتىن ھالقىغان، چېكىدىن ئاشقان بىر قىسىم تەلەپلەر، ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەسىرى بېسىلمىغان ئاپتورلارنىڭ قوىساق كۆپۈكىنى چىقىرىۋېلىشلىرىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايتتى. ئەڭ يامىنى ماقالىدا يەنە مېنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ توختاش ئاكا قاتارلىق پېشقەدەم مۇھەررىرلەر، گېزىتخانىنىڭ ھازىرقى مەسئۇللىرىغا  قارىتىلغان بىر قىسىم ‹‹ پاكىتلار›› ئويدۇرۇپ چىقىلغان ئىدى. ئەجىبا ئۇلار  گېزىتچىلىكنىڭ  ئاساسىي قائىدىلىرىنى ئۇقمامدىغاندۇ ؟ گېزىتكە قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ ژورنالغا قويۇلىدىغان تەلەپتىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى ـ دە ‹‹ تور ئالاقىسى ۋە تور مەدەنىيىتى  توغرىسىدا ›› بىر پارچە ماقالا   يېزىپ  تورنى باشقىلاردىن ئۆچ ئالىدىغان، تۆھمەت قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇرىۋالغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تەنقىتلىمەكچى بولدۇم. دەل مۇشۇ ماقالىنى قانداق باشلاپ، قانداق ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ يۇرگەن كۈنلەردە  توختاش ئاكا بىلەن  ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق سۆھبەت مېنى بۇ پىلانىمدىن ئۈزۈل ـ كېسىل ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىدى. ئەسلى ئىش مۇنداق بولغان ئىدى :

ماي ئېيىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى  چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈپ دەرۋازا ئالدىدا توختاش ئاكا بىلەن  ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ يەر، بۇ يەردىن ئازىراق پاراڭلاشقاندىن كېيىن سۆھبەتنىڭ تېمىسى تەبىئىي  ھالدا توردىكى ھېلىقى ماقالىغا مەركەزلىشىپ قالدى.

_تەنقىت قىلغۇچىلار باشقا يەرلىك ئەمەس، بەلكى ئەدىبىياتقا ھەۋەس قىلىدىغان، يېزىقچىلىقتىن ئانچە ـ مۇنچە خەۋىرى بار ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر، _ دېدى ئۇ ئادىتى بويىچە چېچىنى بىر قۇر تارىۋەتكەندىن كېيىن،  _  يامان يېرى ئۇلار بىزنىڭ ئەمگىكىمىزنى بىراقلا يوق  قىلىۋېتىپتۇ. بۇرۇن ‹‹ سايرام›› ئەدەبىي بېتىنىڭ  3 ـ 4 لا ئاپتورى بار  ئىدى، ھازىر كۆپۈيۇپ 30 _40 قا يەتتى  مۇشۇنىڭ ئۆزى نەتىجە بولماي نېمە؟

توختاش ئاكا مېنىڭ ماقالا يېزىپ ئۇلارغا رەدىيە بەرمەكچى  بولۇۋاتقانلىقىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

__ مېنىڭچە مۇھەررىرلەر كەڭ  قورساق بولۇشى، ماقالا يېزىپ ئاپتورلار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ يۈرمەسلىكى كېرەك، ئۇنداق بولمىسا پارتىيە گېزىتى كىشىلەرنىڭ قورساق  كۆپىكىنى چىقىرىدىغان سورۇنغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

توختاش ئاكىنىڭ گېپى  توغرا ئىدى. مەنمۇ تارتىشىپ  ئولتۇرمايلا   ئۇنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلدىم.

خاتىمە

توختاش ئاكا  بىز بىلەن مەڭگۈلىك ۋىدالاشتى. ئۇنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان روھى،يۈكسەك دەرىجىدىكى كەسپي ئىستىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت  ـ  ژورناللاردا ئېلان قىلغان 400 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانېردىكى ئەدەبىي ئەسىرى ۋە ‹‹ ئۆمۈر چېچەكلىرى ›› ناملىق شىئېرلار توپلىمى بىلەن قوشۇلۇپ بىزنىڭ مەڭگۈلۈك مىراسىمىزغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ مىراس مەڭگۈ قىممىتىنى يوقاتمايدۇ! ئۇ بىزنى ۋاقىتنى قەدىرلەشكە، ھاياتىمىزنىڭ ھەربىر دەقىقىسىنى چىڭ تۇتۇپ خەلقىمىزگە ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى  تەقدىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ !

2013- يىل 1-ئاۋغۇست


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96579
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 07:41:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توختاش ئاكىنىڭ ۋاپاتى بىز ئۈچۈن زور بىر يۇقۇتۇش بۇلدى مەرھۇم ئاكىمىزنىڭ يازغان شىئىرلىرىنى ئىلگىرى مەنمۇ ئۇقۇغانتىم،ناھايىتى مەزمۇنلۇق شىئىر يازىدىغان ئادەم ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89292
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 09:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرەر تال شئېرنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن. مەرھۇمنىڭ قايسى كىتابلىرى بار؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 6198
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1106 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 12:15:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
America يوللىغان ۋاقتى  2013-8-7 09:13 PM
بىرەر تال شئېرنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن. مەرھۇمنىڭ قايس ...

‹‹ئۆمۈر چىچەكلىرى ››ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار،‹‹بەيتىكتىكى شەمشاد ››ناملىق تاىخى ئەسلىمىسى بار...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9540
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 11:23:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېزىقچىلىق ئىشلىرىمىز دۇنياغا يۈزلەنسە بەك ياخشى بولاتتى

شاھ زاد
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش