ئەكبەر جاپپار
يېقىندا،بىر خىزمەتدىشىم بىلەن تاماق سورۇنىدا قەشقەر ئەمگەك بىلەن تەربيلەش(مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش)ئورنىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى،بۇلۇپمۇ بۇ ئۇرۇنغا كىلىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلۋاتقانلارنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدۇق.پاراڭ ئارلىقدا خىزمەتدىشىمدىن يېقنقى ئككى-ئۈچ يىل ئىچىدە بىر ئۆيدىكى ئۈچ ئاكا-ئۇكنىڭ بۇ ئۇرۇنغا ئككى-ئۈچ قېتىمدىن كىلىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلۋاتقانلىقنى ،ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئۇرۇندا بارلىقنى ئاڭلاپ ،ئۇلارنى زىيارەت قىلپ بېقىش ئستىكى تۇغۇلدى ۋە خىزمەتدىشمنىڭ ياردىمدە ئۇلارنىڭ بىرسىنى زىيارەت قىلدىم.25 ياشلارنىڭ قارسىنى ئالغان،ئوتتۇرا بوي،بۇغداي ئۆڭ،قاش-كۆزلىرى جايدا بۇ زەھەر چەككۈچى بىلەن پاراڭلىشىپ،ئۇنىڭ پۇشايمان خاترسىنى جەمئيەتتىكى كەڭ ياشلارغا سۇنغۇم كەلدى.
ئەقلىمگەكەلسەم،دادام ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ،شەھەرنىڭ ئاۋات بىر كوچىسدا ئاشخانا ئاچىدىكەن.بىز ئولتۇرغان ئۆيدىن باشقا يەنە شەھەرنىڭ ئىچىدە ئىككى يەردە زېمىن ئۆيمىز،خېلى كۆپ ئىقتسادىمىزمۇ بار ئىكەن.بىز ئۈچ ئۇغۇل ،بىر ئاكام،بىر ئىنىم بار ئىدى.مەن تۇلۇقسىز مەكتەپنڭ 1-يللىقغا چققاندا ،ئاكام تۇلۇقسىزنى پۈتكۈزدى.ئاكامنىڭ ئوقۇشى تازا ياخشى بولمىغاچقا،دادام ئاكامنى ئاشخانا ئشلىرىغا ياردەملەشتۈردى.سىنىپتىكى بىر قىسىم كەپسىز بالىلارغا ئارلىشىپ مەنمۇ دەرىسلەرگە تازا قىززىقمايدىغان بۇلۇپ قالدىم.ئاتا-ئانسى تىجارەت قىلدىغان بىر نەچچە ساۋاقدشىمنىڭ مەكتەپتىن چىقىپ كىتىپ تىجارەت قىلۋاتقانلىقنى كۈرۈپ ،مەندىمۇ مەكتەپتە ئوقۇماي تىجارەت قىلىش ئويى تۇغۇلدى.بىر كۈنى بۇ ئويۇمنى ئانامغا دېسەم،ئۇ:
ـبالام،ئاكاڭ ياخشى ئوقۇيالمىغاچقا ،داداڭنىڭ كەسپىگە ۋارىسلق قىلسۇن دەپ مەكتەپتىن چىقرىۋالدۇق.زامان كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلۋاتدۇ.تىجارەتچى بولساڭلارمۇ بىلىملك بولمىساڭلار بولمايدۇ.شۇڭا داداڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ،ئۇكاڭ بىلەن سىنى ئالي مەكتەپكىچە،بولسا چەتئەللەردە ئۇقتايلى دىيشتۇق.بۇنڭدىن كىيىن ھەرگىز بۇنداق گەپلەرنى قىلما،ئۇكاڭغمۇ دەپ قوي،ئۇمۇ ئوقمايدىغان خىياللاردا بولمىسۇن،-دەپ نۇرغۇن تەربيلەرنى قىلدى.
مەن ئاغزىمنىڭ ئۇچىدا«ماقۇل»دەپ قويغان بولساممۇ،يەنىلا ئۈگۈنشكە كۈڭۈل بۆلمەي،بارا-بارا نەتىجىللىرىم تۆۋەنلەپ كەتتى.تۇلۇقسىز مەكتەپنىڭ ئۈچىنجى يىللىقغا چىقدىغان چاغدا ،ئۆيدىكلەر ئىككى يەردىكى زېمىن ئۆينى سېتىۋىتىپ،ئۈرۈمچىگە كۈچۈپ كەتتۇق.ئانام بىر نەچچە كۈن قاتراپ يۈرۈپ ،ئۇكام ئىككىمىزنى مەكتەپكە ئۇرۇنلاشتۇردى.دادام خېلىلا ئاۋات بىر كۇچىدىن يۇغان بىر ئاشخاننى سېتۋېلىپ تىجارەتنى باشلىۋەتتى.ئاشخاننڭ سودىسى ناھايتى ياخشى ئىدى.دادام دائىم ئۇكام بىلەن ماڭا:
ـ بالىلرىم،ئاكاڭلارغۇ ئاخىرىغىچە ئوقيالمىدى،شۇڭا سىلەر چوقۇم ياخشى ئوقۇپ بىلملىك ئادەم بۇلۇڭلار ،ـ دەيتتى.مېنىڭ ئوقۇشۇم تازا ياخشى بولمىغاچقا،ئالىي مەكتەپ ئمتىھانىدىن ئوتەلمەي،ئاتا-ئانامنى نا ئۈمۈدتە قويدۇم.كېين چەتئەل تىلى كۇرسىدا ئوقۇپ ،تىل ئۈگۈنۈپ ئۆزەمنىڭ چىقش يۇلنى تاپاي دەپ ،كۇرۇسقا قاتناشتىم.ئۇكامنىڭ ئوقشىمۇ تازاياخشى بولمىغاچقا،ئۆيدىكلەر شۇنچە تەربىيە قلسىمۇ ئۇنىماي مەكتەپتىن چىقۋېلىپ،بىر مەزگىل بىكار يۈرۈپ،ئاخىرى كىيم-كىچەك دۇكنى ئېچىپ،خېلى كۆپ پۇل تاپتى.مەن كۇرۇستا ئوقۇش جەريانىداجەمىئيەتتىكى بالىلارغا ئارلىشىپ نوچىلىق قىلىپ،دەسلىپىدە تاماكا چىكىش،ھاراق ئىچىشنى ئۆگەندىم.كۈندە ئەتگەندە «كۇرۇسقا بارىمەن»دەپ دادامدىن پۇل ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ،كۇرىسقىمۇ بارماي ئويۇن-تاماششا بىلەن كۈن ئۆتكۈزدىم.بىر كۈنى يېڭدىن تۇنۇشقان بىر دوستۇمنىڭ باشلىشى بىلەن ئۇنىڭ بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە بارساق،ئۇنىڭ دوستى بىر نەچچە قىز بىلەن ئولتۇرۇش قىلۋېتىپتۇ،بىردەمدىن كېيىن ئۇلار «باشلامدۇق» دېيشىپ،تاماكىنىڭ پار-پۇر قەغىزىنىڭ ئۈستىگە ئۇندەك ئاق نەرسىنى تۆكۈپ قەغەزنىڭ ئاستىغا چاقماق بىلەن ئوت يېقىپ،ئۇنىڭدىن چىققان سۇس تۈتۈننى ھۇزۇرلىنىپ شۇراشقا باشلىدى.بۇنىڭدىن بۇرۇن باشقىلاردىن خىروئىننى ئاشۇنداق چىكدىغانلىقنى ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن،ئۇلارنىڭ خىروئىن چىكۋاتقانلىقنى بىلدىم.باشلاپ كەلگەن ئاغىنەم ماڭمۇ چىكىپ باقامسەن دىۋىدى،رەت قىلسام،بىر قىز«كەيپتىن يانغان ئوغۇل بالا ئوغۇل بالا ئەمەس»دەپ مازاق قىلدى.كۆڭلۈۈمدە بۇزاڭلقنى بەك ئېغىر ئالدىم-دە،«بىر قىز بالنىڭ ئاالدىدا يەرگە قاراپ ئولتۇرغىچە چەكسەم چىكەي،بىر قېتىم چەككەنگە خۇمار بۇلۇپ قالماسمەن»دەپ،ئۈچ نۆۋەت شۇرۋىدىم،كۆزۈم ئېلشىپ ئولتۇرغان جايىمدا ئۇخلاپ قاپتىمەن.ئەتىسى ھېلقى دوستۇم يەنە بىرسىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى.ئۇ ئۆيگە بارساقمۇ نەق خىروئىن چىكۋاتقاننىڭ ئۈستىگە بېرىپتۇق.ھەرخىل زورلاشنىڭ تۈرتكىسدە يەنە چىكىپ قالدىم.شۇنداق قىلىپ ئۇ يەر-بۇ يەرلەردە چىكىپ يۈرۈپ،بىر ئاي ئىچىدە ئۈزۈممۇ بىلمەيلا خۇمار بۇلۇپ قاپتىمەەن.ئۇنى چىكىششنى ئۈگىتىپ قويغان دوسلىرىم بولسا مېنى ئزدىمەس بۇلۋالدى.نائىلاج باشقا ئاق چىكدىغانلاردىن ئاق چىككدىغانلاردىن «ئاق»ساتىدىغان يەرلەنى سۇراپ يۈرۈپ،دادامدىن ھەرخىل باھانىلەر بىلەن پۇل ئېلىپ،بىر يىل يۇشۇرۇنچە چىكىپ يۈردۈم.بىر كۈنى دادامدىن پۇل سورسام پەقەت 30 يۈەنلا بەردى،بۇنىڭغا خروئىن كەلمەيتتى.ئاخىرى توي قىلىپ ئايرىم ئۆي تۇتۋاتقان ئاكام يادىمغا كەلدى-دە،ئۇنىڭدىن پۇل ئالاي دەپ،ئۆيىگە بارسام،ئۇ بىر نەچچە دوسلىرى بىلەن ھە دەپ خروئىن چېكىۋېتىپتۇ.مىنى كۆرۈپ ئۇجۇقۇپ كەتكەن ئاكام:چەككىنىمنى دادامغا دەپ قويما دەپ 500 يۈەن بەردى.كۆڭلۈمدە بۇنىڭدىن كىيىن ئاكامنىڭ بۇ ئاجىزلىقدىن پايدىلنىپ پۇل ئالاي دېگەنلەرنى ئويلىدىم.شۇنداق قىلىپ بىر قېتىم دادامدىن ئالسام،بىر قېتىم ئانامدىن،بىر قېتىم ئاكامدىن،بىر قېتىم ئاشخانا غەلىسدىن پۇل ئېلىپ كۇرۇسقىمۇ بارمىدىم.بىر كۈنى بىر دوستۇم بىلەن خىروئىن ساتدىغان ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپلا كۈزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم.قارسام ئۇكام ئۇ ئۆيدە قورسقنى تۇتۇپ«ۋايجان»دەپ تولغىنىپ،ھېلقى ئاددەمگە نېسىگە خىروئىن بەرگەن بولسىڭىز،دەپ يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ.بۇنى كۆرۈپ نېمە دىيشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم.ھەمدە ئۇكامغا:سەن بولساڭمۇ بۇ ئىشنى قىلمىساڭچۇ،دەپ يىغلاپ كەتتىم.ئۇمۇ ماڭا ئېسلىپ:جېنىم ئاكا،دوستلىرىمنىڭ ئارقىسغا كىرىپ چىكىپ قاپتىمەن،ماڭا بىر بولاق ئېلىپ بەرگىن،،بەك قىيلىنىپ كەتتىمقەسەم قىلاي،خۇمارىم ئانچە ئېغىر ئەمەس،مۇشۇ بىر قېتىم چېكۋالسام،ئەتىدىن باشلاپ قەتئىيچەكمەيمەن»دەپ يىلنىشقا باشلىدى.ئۇ «نىجىس»نىڭ خۇمارىنىڭ قانداق بۇلدىغانلقنى بىلگەچكە،ئۇنىڭغا بىر بولاق ئېلىپ بەردىم.دادام قانداق بىلىپ قالغان،بىر كۈنى ئۈچەيلەننى ئۆيگە سولاپ:
ـسەن گۇيلارنى قانداق قىلدىكىن دېسەم،بىر نەچچە يىلدىن بېرى يولدىن چىقىپ كىتشكىلى تۇردۇڭ،ئىنسان بالسى بولغاندىكىن تۈزۈلۈپ قالار دېسەم،ئۆزۈڭنى بىلشمىدىڭ،نەچچە ۋاقتتىن گۇمان قىلىپ يۈرگەندىم،بۈگۈن باشقىلاردىن ئاڭلىسام،سەن ئۈچىڭ خىروئىن چېلشدىكەنسەن،ئاشخانا غەلىسدىكى،ئۆيدىكى پۇللار نېمىشقا ئازلاپ كېتىدىغاندۇ،دەپتىمەن تېخى.بۈگۈن ماڭا راست گېپڭنى قىلىش،بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ«نىجىس»نى تاشليالمايمىز،دېيشسەڭ ھەرقايسڭنى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپرىپ بىرەي،-دېدى.ئانام ئۈچەيلەننى باغرىغا بېسىپ يغلاپ كەتتى،ئاخىرى ئاكام زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا بېرىپ زەھەر تاشلايدىغان،ئۇكام بىلەن ئككىمىز ئاشخانغا قاراشقاچ دادامنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي تاشلھيدىغان بۇلۇپ ۋەدە بېرششتۇق.لېكىن ۋەدىمىزدە تۇرالمىدۇق.ئاكام زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا ئۈچ ئاي ياتقان بولسىمۇ،چىقپلا يەنە چىكشنى باشلاپتۇ.ئۇكام بىلەن مەنمۇ ھېلقى ۋەدە قىلغان كۈننىڭ ئەتسدىن باشلاپ ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن بىر-بىرىمىزدىن يوشۇرۇن چىكىپ يۈردۇق.ئۇكام قۇلدىكى دەسمايىسدىن ئايرىلىپ دۇكىننى سېتۋەتتى.دادام بىلەن ئانام ئاكا-ئۇكا ئۈچمىزنى بىرسىمىز كەلسەك يەنە بىرسىمىزنى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىىپ،ئىككى-ئۈچ قېتىمدىن داۋالاتقان بولسىمۇ،چىقپلا يەنە چەكتۇق.ئاتا-ئانىمىزنىڭ قىلغان تەربىيەلىرى زادىلا ئۈنۈم بەرمىدى.كېيىنچە ئۈچىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ تاشلىمغانلىقمىزنى بىلىپ،بىرىمىز تاپساق ئىككىمىز شىرىك بۇلۇپ چىكشتۇق.ئاخىرى ئاكام ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدى ۋە ئولتۇغان ئۆينىمۇ سېتىۋىتىپ،ئايالى بىلەنمۇ ئاجشىپ كەتتى.ئارىدىن تۆت يىل ئۈتۈپ بىز قەرىز ئالغان ئاەملەر دادامنى ئىزدەپ،دادام بىچچارە قەرىزلەرنى قايتۇرالماي ئولتۇرغان ئۆيمىز ۋە ئاشخاننى سېتىپ قەرىز قايتۇرۇپ،بىزنى ئېلىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلدى.يۇرتقا كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي،ئاكام ئۆينىڭ بىر تۈركۈم بىساتلىرنى ئوغىرلىقچە سېتىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.(كىيىن ئاڭلىساق ئىچكىرگە كىتىپتۇ)كېينچە مەنمۇ،ئۇكاممۇ بى-بىرىمىز بىلەن بەسلەشكەندەك ئاتا-ئانمىزدىن يۇشۇۇنچە ئۆيدىكى سەرەمجانلارنى،ھەتتا ئانامنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئوغۇرىلاپ سېتىپ ئسقا تىگىشىپ بولدۇق. كېيىن ئۇكام بىر تۇغقنىمىزدىن دادامنىڭ نامىدا5000مىڭ يۈەن قەرىز ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
ھەرقانچە ئەسكى بولساقمۇ ئاتا-ئانا دېگەن پەرزەنتلىرىگە چىدمايدىكەن،ئىككى پەرزەنتىدىن ئايرلغان ئانام تولا يىغلاپ كېسەلچان بولۇپ قالدى.داداممۇ ھالىدىن كىتىپ،تىجارەتنىڭ يېنىغا بارالمىغاچقا،تۇرمۇشمىز كۈندىن-كۈنگە غۇربەتچىلكتە ئۆتۈشكە باشلىدى.ئاخىرى ئاھالە كونىتېتىدىن بەرگەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالتى پۇلغا تاينىپ تۇرمۇش كەچۈردىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق.بىر كۈنى چېكەرمەن دوستۇمدىن بىرنى تېپىپ بىر خۇماردىن چىقۋېلشنى ئويلاپ بىر خالتا كوچىدا كېتىۋېتىپ،ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بىر چېكەرمەننىڭ خىروئننى ئوزىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ كۆز ئالدىمدا ئۆلگەنلىكنى كۆرۈپ،بەدەنلىرىمنى تترەك بېسىپ بېسىپ ھۇشۇمدىن كېتىپتىمەن.بىر چاغدا ھۇشۇمغا كىلىپ قارسام،ج خ ئىدارىسنىڭ ئالدىغا كىلىپ قاپتىمەن.مەن ئاخىرى ئۆز-ئۆزۈمگە:«توختا،مەن مۇشۇ ‹نىجس›نىڭ ئىپلاس چاڭگلدىن بىر قۇتلاي» دېدىم-دە،ئىككىلەنمەيلا ساقچىلارنى ئىزدەپ،«مەجبۇريى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى»غا ئاپىرىپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلدىم.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىنى ئىككى يىللىق مۇددەت بىلەن بۇ ئورۇنغا ئەكلىپ قويدى.مەن بۇ يەرگە كىلىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن يېڭدىن كەلگەنلەر قاتارىغا سەپسالسام،بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان ئاكاممۇ لاغىلداپ تىترىگنچە شۇ قاتاردا تۇرىدۇ.ئانام يوقلاپ چققاندا ئۇنىڭدىن ئاڭلسام،ئۇكاممۇ ئۈرۈمچىدىكى«مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى»دا ئىكەن،دادام بىچارە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ.
مانا بۇ بىز ئۈچ ئەقىلسىز ئاكا-ئۇكنىڭ ھايات مۇساپىمىزدا باسقان تۇيۇق يۇلمىز.ئەمدىلكتە ئويلانساق،بىز ئۈچ ئاكا-ئۇكا بۇ دۇنياغا مېھرىبان ئانىمىزنىڭ باغرىنى يېرىپ چىقان بولساقمۇ،ئىنسان ماڭدىغان يولدا ماڭماپتۇق.خىروئىن چېكىش بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن ھايات مۇساپەمنى ئەسلەپ،ئۆز-ئۆزۈمگە:دادام بىچارىنىڭ بىر ئۆمۈر جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇللىرى،ئىككى يەردىكى زېمىن ئۆيلىرىمىز،بۇرۇنقى باياشاد،خاتىرجەم تۇرمىشمىز،ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرنى ۋەيران قىپتۇق.بىز ئۈچ ئوغۇل ئاتا-ئانىمىز ئۈچۈن«بالا»بۇلۇپلا قالماي،يەر-زىمىن ئۈچۈن يۈك،جەمئىيەت ئۈچۈن داشقال بولۇپ ياشاپتۇق.شۇڭا،بار ئاۋازىم بىلەن شۇنى توۋلىغۇم بار:ھەي ئاق سۈت ئەمگەن بالىلار،ئنسان بالسى بولساڭلار بىز ماڭغان يولدا ماڭماڭلار!ئادەم بۇلۇپ تۆرلىپ،بۇ دۇنيادىن ھايۋان كەبى كەتمەڭلار!!! مەنبە:قەشقەر گىزىتى
مەن يېڭى ئەزا بولدۇم ئەسەر بولمىغان يەرلەرنى كۆرسىتىپ غەمخورلۇق قىلىشىنى سورايمەن