مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 669|ئىنكاس: 12

تامچە- تامچە كۆل بولۇر، مېھر-شەپقەت ئۈمىد بېرۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 2557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28798
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6321 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 07:56:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تامچە- تامچە كۆل بولۇر، مېھر-شەپقەت ئۈمىد بېرۇر

 

       بۇ يىل 25-ئىيۇل شايار ناھىيە شايار بازىرىنىڭ خوتەن يولى مەھەللە ئەزاسى غۇپپۇر نىيازنىڭ ئائىلىسىگە بىر توپ ئۇيغۇر، خەنزۇ مېھمانلار كىرىپ كەلدى. ئۇ مېھمانلار خوتەن يولى مەھەللىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن جەمئىيەتتىكى مېھرىبان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار غعۇپۇر نىيازنىڭ تۆۅت يىلدىن بۇيان ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن «ئۅۆسۉۈملۈۉك ئادەم»بولۇپ يېتىپ قالغعان 19ياشلىق قىزى ئاينۇر غۇپۇرنى يوقلاپ كەلگەنىدى.   تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئائىلىسى غۇپۇر نىياز نامرات ئائىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاددىيغىنە كەپە ئۆيدە ئولتۇرىدۇ،2009-يىلى بۇ ئائىلىگە ئويلىمىغان يەردىن كېلىشمەسلىك كېلىپ،شۇ چاغدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزى ئاينۇر غۇپۇر تۇيۇقسىز ئاغرىپ قېلىپ، مېڭە پەردە ياللۇغى دەپ دىئاگنۇز قويۇلدى، ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا بىر ئاي يېتىپ داۋالىنىپ،  داۋالىنىش چىقىمىغا ئائىلە ئقتىسادىي شارائىتى بەرداشلىق بېرەلمەي، داۋالىنىش ئۈزۈلۈپ قالدى.   بىر مەزگىل ئۆيىدە پالەچ ھالەتتە ياتتى.كېيىن  شايار بازىرى ۋە خوتەن يولى مەھەللىسى  خەلق ئىشلىرى،  سەھىيە تارماقلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاينۇرنى ناھىيەلىك خەلق دوختۇخانىسىغا يۆتكەپ ھەقسىز داۋالاتتى، شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىن مۇتەخەسىس تەكلىپ قىلىپ، تور ئارقىلىق مەزكۇرنىڭ كېسىلىگە قايتا دىئاگنۇز قويغۇزدى. بىر ئايدىن ئارتۇق داۋالاش ئارقىلىق ئۇنىڭ كېسىلىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، ئېقتىساد ئۈزۈلۈپ قېلىش سەۋەپلىك داۋالاشمۇ ئۈزۈلۈپ، كېسىلى يەنە ئېغىرلاشتى.پەرىزاتتەك چىرايلىق بۇ قىز ھازىر گەپ قىلالمايدۇ ھەم مىدىرلىيالمايدۇ. ئاينۇرنى يوقلاپ كەلگەن جوڭگۇ يېزا ئېگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شايار تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى ئىمرەمزى مەتنىياز ۋە ناھىيە بازىرىدىكى خەنزۇ يەككە تىجارەتچى مېھرىبان ئانا مالى ئاينۇرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كىيىن ئىنتايىن ئېچىنىپ، نەق مەيداندا ئىمرەمزى مەتنىياز 500 يۈەن ، مالى 2000 يۈەن ياردەم قىلدى.   مېھىرىبان ئانا مالى كۆزلىرىدىن ئۈمىد نۇرى چاقناپ تۇرغان ، بىراق كېسەللىك سەۋەبىدىن بىچارە بولۇپ قالغان ئاينۇرغا قاراپ، كۆز ياشلىرىنى زادىلا توختىتالمىدى.ئۇ مۇنداق دېدى: بىز خوتەن يولى مەھەللە مەسئۇللىرىدىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ كەلدۇق، كۆڭلىمىز ناھايىتى يېرىم بولدى. ھازىرقى  دەۋردىمۇ بۇنداق ئەھۋال بولامدۇ؟ بىز ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى كۆرۈپ بۇ قىزغا ھەقىقەتەنمۇ ئىچىمىز ئاغرىدى.مەن گەرچە  كىچىككىنە ياردىمىمنى قىلالىغان بولساممۇ، ناھىيەمىزدە ،ئەتراپىمىزدا ماڭا ئوخشاش ساخاۋەتچىلەر ناھايىتى كۆپ، بەلكىم شۇلارمۇ خەۋەر تاپسا  ياردىمىنى ئايىماسلىقى مۇمكىن. مەن ھەر ساھەدىكى ساخاۋەتچى كىشىلەرنىڭ ئاز-ئازدىن بولسىمۇ ياردەم قىلىپ، بۇ قىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.   ھازىر ئاينۇرنىڭ  ئائىلىسىنىڭ ئىتىسادىي ئەھۋالى بەكمۇ ناچار بولغاچقا ھەمدە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغان ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقىنى بولمىغاچقا، ئاينۇرنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىشقا ئامال بولمىغان.    جوڭگۇ يېزا ئېگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شايار تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى يولداش ئىمرەمزى مەتنىياز مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم   شەخسەن ئۆز نامىمدا بۇ قىزنى يوقلىغان پۇلۇم ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، بۇ مېنىڭ كىچىككىنە كۆڭلۈم. بىمار ئاينۇرنى كۆرگەندىن كېيىن ئىچىم بەكمۇ ئاغرىدى، بۇ قىز ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىشقا قۇربى يەتمەي ئۆيىدە يېتىۋاتقىلى تۆت يىل بولۇپتۇ. بۇ يۈز بەرمەسلىككە تېگىشلىك ئىش ئىدى. مەن بىر ئىدارە باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قايتقاندىن كېيىن، ئىدارىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ بۇ قىزغا ياردەم قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دوستلارغىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىپ پۈتۈن جەمىيەتنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن. ھازىرقى مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتتە كېسەل كۆرسىتەلمەسلىكتەك بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى.    بىمار ئاينۇرنىڭ ئاپىسى تۇنساخان توختى مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت خەلقىنىڭ، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ قىزىمغا قىلغان غەمخورلىقىغا، ياردىمىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
   كارۋاتتا ياتقان بۇ چىرايلىق قىزنىڭ بۇ ياشتىكى ۋاقتى تۇرمۇشتىن بەھىر ئېلىپ، ئۆگىنىش قىلىدىغان، غەمسىز ۋاقىتلىرى ئىدى. بىراق ئاينۇر كارۋاتتا يېتىپ كېسەل ئازابىنى تارتماقتا، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز . كۆپچىلىك رەسىم جاھازىسىدىكى ئاينۇرنىڭ ئىلگىركى رەسىمىنى كۆردى، ئۇ چاغدىكى ئاينۇر تولىمۇ غەمسىز، شوخ، ئوچۇق-يورۇق ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ ئىلاجىسىز ھالدا كېسەل بىلەن ئېلىشماقتا. ئۇ سىن ئاپراتىغا يۈزلەنگىنىدە تولىمۇ قەيسەر كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى تىلغاپ بىئارام قىلدى. ئىككىنچى كۈنى يەنە بىر تەسىرلىك ئىش يۈز بەردى.مېھرىبان ئانا مالى بىمار ئاينۇرنى ھارۋىغا سېلىپ،ناھىيە بازىرىنىڭ ئادەم كۆپ توپلىشىدىغان ھەر قايسى جايلىرىغا ئاپىرىپ،ئاينۇرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ،ئېئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.نۇرغۇن مېھرىبان كىشىلەر قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە ئېئانە ساندۇقىغا سېخىيلىق بىلەن پۇل سالدى.ئېئانە توپلاش پائالىيىتىگە بىر قىسىم ياشلار خالىس پىدائىي بولۇپ ياردەمدە بولدى.پىدائىي ياش ئەكبەر تۇرغۇن مۇنداق دېدى:مەن بۇ قىزچاقنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بەك ئېچىندىم ھەم ئازغىنە بولسىمۇ پۇل ئېئانە قىلدىم.باشقىلارنىڭمۇ ئاينۇرغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەيلى ئۇيغۇر،مەيلى خەنزۇ ياكى باشقا مىللەت بولسۇن،ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىللىرى.«تامچە- تامچە كۆل بولۇر، مېھر-شەپقەت ئۈمىد بېرۇر» دېگەندەك بۇ كۈندىكى ئېئانە پائالىيىتىدە جەمئىي 5500يۈەنگە يېقىن پۇل ئېئانە قىلىندى.مۇشۇ كۈنى ئىمرەمزى مەتنىيازمۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ،1800يۈەنگە يېقىن پۇل ئېئانە توپلاپ ئاينۇرنىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزۈپ بەردى.ئاينۇر ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆزلىرىدە ئۈمىد نۇرى جىلۋە قىلغاندەك تۇراتتى.مالىنىڭ كېسەل ئۇيغۇر قىزى ئاينۇر ئۈچۈن غەم يەپ پۇل ئېئانە قىلىشى ۋە ئېئانە يىغىشى جەمئىيەتتە ئىنتايىن ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى.شۇنداقلا جەمئىيەتتە مېھرىبان،ياخشى كىشىلەرنىڭ يەنىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبى بىر تۇتاش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.   مېھرىبان ئانا مالى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:  ئاينۇرنىڭ ساقىيىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشىنى، بىزگە ئوخشاش نورمال كىشىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى، سىرتتىكى گۈزەل دۇنيادىن بەھىر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر بىر ئائىلە كىشىلىرى. مەن ئەتراپىمىزدىكى دوستلار ۋە نۇرغۇنلىغان ساخاۋەتچى كىشىلەرنىڭ بىچارە ئاينۇرغا، ئۇنىڭ ئىلاجىسىز قالغان ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشىنى، ئاينۇرنىڭ بالدۇرراق دورا -ئوكۇل پۇلىنى غەملەپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ كېسەل كۆرسۈتۈشىگە ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەيلى ساقايسۇن، ساقايمىسۇن بۇ بىچارە قىزنىڭ كېسەل كۆرسۈتۈش ئۈمىدىنى يەردە قويماي، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا  كېسەل كۆرسىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە:ئۆزۈم.
(بۇ ھەقتە تېلېۋىزىيە خەۋىرى ئىشلىنىدۇ ۋە تولۇقلاپ يوللىنىدۇ)

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3537
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 421 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 12:04:12 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﯞﺍﮪ!ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﻨﻪﺕ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘ ﺩﻩ!؟
بۇ ھەمشىرىمىزگە شىپالىق تىلەيمەن.ھەم............. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fathullah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-7 12:05 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95962
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 11:00:56 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yahxi  timikan  

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1091
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8841
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 3961 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 11:13:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھرىبان  ئاللاھ  شىپالىق بەرگەي،

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13178
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 11:27:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ  ئاللاھ  شىپالىق بەرگەي.

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14194
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8392
تۆھپە نۇمۇرى: 629
توردا: 1828 سائەت
تىزىم: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 12:02:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن !

مۇھەببەت نېمىسىگە كۆرەڭلەيتى؟پەقەت بىزنىڭ ئەڭ ئاجىز نەرسىمىز كۆڭەلنىڭ ھۆكىمرانى بولۋالغانلىقى ئۈچۈن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92559
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 851
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 12:30:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھرىبان  ئاللاھ  شىپالىق بەرگەي

دوسلار يا خشڭمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89855
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 731
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 01:25:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  شىپالىق  بەرگەي ...

غەزەپنىڭ بېشي ساراڭلىق ، ئاخىري نادامەت تۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 744
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1222
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 533 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 01:56:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاياقتىن كۈن چىققاندۇ

سائەت ۋە ۋاقىت
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96489
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-7-28
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 03:17:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش