ھەق يۇلىدا ماڭمايدىغان بىۋاپالاردىن يىراق بول،ئۇلاردىن ساڭا جاپا ۋە زۇلۇمدىن باشقا نەرسە كەلمەيدۇ.
-نەۋائىي
كۆردۈم شۇنداق تۇز كورنى
(ساتىرا)
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
كۆردۈم ئوقنى ۋاپاغا چەنلەيدىغان تۇزكورنى،
ياخشىلىققا يامانلىق نەقلەيدىغان تۇزكورنى.
**
ھەيران قالدىم مەن كۆرۈپ،ئاش بەرگەنگە مۇشت ئېيتىپ،
ۋىجدان سېتىپ پۇل قىلىپ خەشلەيدىغان تۇز كورنى.
**
داستىخاننى كەڭ سېلىپ داخىل قىلسام نىممەتكە،
«گۇناھ»ىمنى بىر-بىرلەپ رەتلەيدىغان تۇزكورنى.
**
مەنپەئەتكە دۈم چۈشۈپ«مەن بەك دۇرۇس»دەيدىغان،
سىر-بوياقتا ئۆزىنى رەڭلەيدىغان تۇزكورنى.
**
كىلىشىچە قولۇمدىن تەكرار قىلسام ياخشىلىق،
مىننەتدارلىق يادىغا يەتمەيدىغان تۇزكورنى.
**
يېقىن دوستتەك نايناقلاپ،كىلىپ مەندىن گەپ ئېلىپ،
دۈشمىنىمگە چاي بىرلە تەڭلەيدىغان تۇزكورنى.
**
شۇملۇق بىلەن قايتۇردى ئاق كۆڭلۈمگە جاۋاپنى،
كۆردۈم توۋا! ياخشىنى قەستلەيدىغان تۇزكورنى.
**
كەلسە دىشۋار تەسچىلىك،ماڭا ئاپەت-نەسچىلىك،
«خۇشخەۋەر!..»دەپ شادلىنىپ،سەكرەيدىغان تۇز كورنى.
**
«تويغان يەرگە ئون تازىم»قىلماق ۋاجىپ بىلگەنگە،
كۆردۈم «رەھمەت»تىلىغا كەلمەيدىغان تۇزكورنى.
**
تۇزىنى يەپ تۇزلۇقنى چاققان رەزگى نامەرتتۇر،
كۆردۈم شۇنداق خەققە كۈن بەرمەيدىغان تۇزكورنى.
**
مەندىن ساۋاق-ئىبرەتتۇر،يولاتما دوست يېنىڭغا،
ياخشىلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان تۇزكورنى.
**
كۆرسەتمىگىن ئېھ تەڭرىم،زىنھار ئەزىز بەندەڭگە،
ئېگىسىنى ئىت بولۇپ چىشلەيدىغان تۇز كورنى.
******
مەنبە: كەچمىشلىرىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akkani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-6 10:20 AM