|
|
|
|
بۈگۈن مارسقا بارغان «ھەۋەسكار» نىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى
بىلىمخۇمار
ناسا نىڭ «مارس ئىلىم-پەن تەجرىبىخانىسى» (Mars Science Laboratory) دەپ ئاتىلىدىغان، بەزىدە «مارسنى تەكشۈرغۈچى ھەۋەسكار» (Mars Curiosity Rover) دەپمۇ ئاتىلىدىغان ماشىنىسىنىڭ مارسقا قونغانلىقىغا بىر يىل بولغان مۇناسىۋەت بىلەن، بۈگۈن ناسا مەركىزى، كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (Caltech) نىڭ بىر تارمىقى بولغان JPL ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. بۇ ماشىنا 2012-يىلى 5-ئاۋغۇست كۈنى مارسقا قونغان بولۇپ، ئۇ ناسا ھازىرغىچە مارسقا چىقارغان 4 ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى بولۇپ ھېسابلىنىمۇ. يەنى، بۇ ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقى 6.9 توننا كېلىدۇ. «ھەۋەسكار» بۇ بىر يىل ئىچىدە جەمى 1.75 كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭغان بولۇپ، يېقىندا ئۇ مارس يۈزىدىكى تاشلارنى تېشىپ، ئۇنىڭدىكى ماددىلارنىڭ خېمىيىلىك تەركىۋىنى ئانالىز قىلىشنى باشلىدى. تۆۋەندىكى رەسىملەرنىڭ ئىچىدە «ھەۋەسكار» قازغان تۆشۈكلەرنىڭ بىرسىنىڭ رەسىمىمۇ بار. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، قەدىمقى بىر ۋاقىتلاردا مارس يۈزىدە دەريا، دېڭىز ۋە ھاياتلىقلار مەۋجۇت بولغان ئىكەن. ھازىر جپل دىكى «ھەۋەسكار» نى باشقۇرغۇچىلار ھەر كۈنى ئۇنىڭغا 500-600 بۇيرۇق ماڭدۇرىدىكەن. «ھەۋەسكار» يەر يۈزىگە ئىۋەرتكەن ئىلمىي ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە ئالىملار بىر قانچە يۇز پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ بولۇپتۇ.
ھازىر مارسنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان «ھەۋەسكار» 2011-يىلى 11-ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلىشتىن بۇرۇن، مەن ئۇنىڭ بىلەن «خوشلىشىۋالغان» ئىدىم. JPL بۇ ماشىنىدىن ئىككىنى تەڭلا ياسىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بىرسى بىزنىڭ ئىدارىدە ھازىرمۇ كۆرگەزمە قىلىنىپ ساقلىنىۋاتىدۇ. مارستىكى «ھەۋەسكار» 2011-يىلى نويابىردا يولغا چىقىپ، 8 ئاي ھەر سائەتىگە 90 مىڭ كىلومېتىر تېزلىك بىلەن يول يۈرۈپ، مارسقا 2012-يىلى 6-ئايدا يېتىپ باردى. مارسنىڭ ئوربتىسىدا 2 ئاي ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ تېزلىكىنى مارسنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن يېتەرلىك دەرىجىدە ئاستىلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىل 5-ئاۋغۇست كۈنى مارسقا قوندى.
1-رەسىم: ھازىرغىچە ناسا مارسقا چىقارغان 4 ماشىنا
1-رەسىم: ھازىرغىچە ناسا مارسقا چىقارغان 4 ماشىنا
2-رەسىم: ھەۋەسكار ئۆزى تارتقان، كېيىن بىرلەشتۈرۈلگەن رەسىم
2-رەسىم
3-رەسىم: ھەۋەسكار تەشكەن بىر تۆشۈك
3-رەسىم
4-رەسىم: مارستىكى بۇرۇن سۇنىڭ ئاستىدا قالغان تاشلارنىڭ بىر كۆرۈنىشى
4-رەسىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-6 03:59 PM
|
|
|
|
|
|