مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6763|ئىنكاس: 14

ئۇنتۇلغان ھېكايە-كۆچمە كۆل ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھايات شەجەرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9721
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 12:19:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

A house of reed (Satma).jpg







ئۇنتۇلغان ھېكايە-كۆچمە كۆل ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھايات شەجەرىسى


ئەسئەت سۇلايمان



بۇ يەرئەزەلدىنلا بىر سىر ئىدى. بۇ يەردە قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ شانلىق سەھىپىلىرى يارىتىلغان ئىدى. ھەيۋەتلىك قاراقۇرۇم ۋە تەڭرىتاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن سانسىز ئېقىنلار ئەڭ ئاخىرى تارىم دەرياسىغا يىغىلاتتى. يېرىم چەمبەر ھاسىل قىلىپ،كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ لۆمۈلدەپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى ئەڭ ئاخىردا سىرلىق لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلاتتى.



    تىنىمسىز ئورۇن يۆتكەپ، داۋاملىق كۆچۈپ تۇرىدىغان لوپنۇر كۆلى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى-شىمالى بۇرجىگىدىكى ئالاھىدە بىر جۇغراپىيەلىك رايۇننى  ھاسىل قىلغان ئىدى. بۇ رايۇن بۈگۈنكى كۈندە سۇ مەنبەسىنىڭ كەمچىللىكى، ھۆل-يىغىن مىقدارىنىڭ ئازلىقى، ئىقلىمىنىڭ قۇرغاقلىقى،بوستانلىقلار كۆلىمىنىڭ كىچىكلىكى ۋە ئادەم ئايىغىنىڭ ئاز تەگكەنلىكى بىلەن خاراكتېرلەنمەكتە.ۋاھالەنكى، قەدىمكى دەۋىرلەردە بۇ رايۇن تارىم ئويمانلىقىدىكى ئىنسانلارپائالىيىتىنىڭ ئەڭ جانلىق كارتىنىسىنى تەشكىل قىلغان ئىدى. ئۇ زامانلاردا بۇيەرنىڭ ئىقلىم شارائىتى ھازىرقىدىن ئاسمان-زىمىن پەرق قىلاتتى. كۆمۈش لېنتىدەك سوزۇلۇپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى كۆنچى دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، مول سۇ سېستىمىسىنى ھاسىل قىلاتتى-دە، لوپنۇر كۆلىنى غايەت زور سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيتتى. تارىم دەرياسى ھاۋزىسىدىكى كۆز يەتكۈسىز توغراقلار، يىراقتىن قىزىرىپ كۆرۈنىدىغان يۇلغۇنلار، شۇنىڭدەك لوپنۇر كۆلىنى ئوراپ تۇرغان چەكسىز قۇمۇشلۇقلار بۇ يەردىكى ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ جەننىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭمۇ كۆڭۈلدىكىدەك پائالىيەت ماكانى ئىدى.



A fisherman placing a net; lower Tarim (1899).jpg




لوپنۇر كۆلىدە بېلىق تۇتۇۋاتقان لوپنۇرلۇقلار


    مانا مۇشۇ يەردە، مۇقەددەس لوپنۇر كۆلى نەمدەپ تۇرغان مۇشۇ ماكاندا، قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ پارلاق بىر قىسمى يارىتىلدى. ھەممىگە مەشھۇر بولغان كروران دۆلىتى دۇنياغا كەلدى. كروران شەھرىنى ئاساس قىلغان بۇ ئەلدە قەدىمى شەرق ۋە غەرپ مەدەنىيەتلىرىنىڭ تېنىمسىز ئۇچۇرلىرى ئۆز-ئارا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئورا كۆز، قاڭشارلىق، ساقال-بۇرۇتلىرى قۇيۇق ۋە بەستلىك كەلگەن قەدىمكى كرورەنلىكلەر چەكلىك بوستانلىقلار بىلەن چەكسىز قۇملۇقلارنىڭ ئۆز-ئارا تىركىشىشىدە، پەسىللىك دەريا-ئېقىنلار بىلەن يىراقتىكى قارلىق تاغلارنىڭ ئۇلانما مۇناسىۋىتىدە، ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ دىئالىكتىك بىرلىكىدە ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى مەۋجۈتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. تارىم ئويمانلىقىدىكى پىشامشان،ئۇدۇن، كۈسەن قاتارلىق قەدىمكى ئەللەرنىڭ پارلاق مەدەنىيەتلىرىمۇ كرورەنلىكلەرنى مول بولغان سىرتقى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇراتتى.



   لوپنۇر كۆلى ۋە ئۇنىڭ مول سۇ زاپىسى قەدىمكى كروران ئېلىنىڭ موھىم كاپالىتى ئىدى. تارىم ، كۆنچى، چەرچەن، مىرەن دەريالىرىدىن ئېقىپ كەلگەن سۇلار ئۇ زامانلاردا قۇملۇقلار ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلاتتى. شۇڭا بۇ ۋادىدا كروران مەركىزىي شەھرىدىن باشقا نۇرغۇن بوستانلىقلاربار ئىدى. ئاھالىلەرنىڭ زىچلىقىمۇ خېلىلا يۇقىرى ئىدى. تېرىقچىلىق، ئوۋچىلىق،چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق قاتارلىق تۈرلۈك ئىگىلىك شەكىللىرى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان ئىدى. ئالتۇن كولدۇرمىلىرىنى ياڭرىتىپ، يىراقتىكى ئۇپۇق چەمبىرىكى ئىچىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان تۆگە كارۋانلىرى ئاستا-ئاستا كروران شەھرى سېپىلىغا يېقىنلاشقاندا؛تۇلۇن ئاي ئۆزىنىڭ سۈتتەك ئاپئاق نۇرلىرىنى ئۇزاقلاردىكى قۇم بارخانلىرىغا سەپكىنىدە؛ لوپنۇر كۆلىدىكى قۇمۇشلۇقلار ئارىسىدىن ئۈزۈپ ئۆتكەن تەنھا قېيىقتا بېلىقچى بوۋاينىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك ناخشىسى ئاڭلانغىنىدا؛ تەكلىماكاننىڭ شەرىقى بۇرجىگىدىكى بۇ قەدىمىي بوستانلىقلارھايات گۈزەللىكىگە ئەسىر بولاتتى.



A natural canal in reeds (1900).jpg





لوپنۇر كۆلىدىكى تەبئىي قۇمۇشلۇقلار


   ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى، لوپنۇر كۆلى نۇرغۇن قېتىملار ئورۇن يۆتكىدى، دەريا-تاراملار ئېقىنلىرىنى ئۆزگەرتتى، ئىلگىركى ئاۋات بوستانلىقلار قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتتى. بۇ يەردىكى ئادەملەر سۇمەنبەلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ يىراقلارغا كۆچۈپ كەتتى. كروران شەھرىمۇ شۇنىڭ بىلەن تاشلىنىپ قالدى ۋە ئاستا-ئاستا قۇم بارخانلىرى ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتتى.كرورانلىكلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى يىراقلارغا كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يادىدا پەقەت بۇ غايىۋىي شەھەرھەققىدىكى غۇۋا ئەسلىمىلەرلا ساقلىنىپ قالدى. دەۋىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاشۇخىرە-شىرە ئەسلىمىلەرمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى.



2



ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى ھېچكىممۇ دەپ بېرەلمەيتتى. ۋاقىت تارىم ئويمانلىقىنىڭ يىراق ئۆتمۈشىگە نىسبەتەن بىر خىل چەكسىزلىك ئىدى. بۇ يەردە كۈنلەر ئايلارنى، ئايلاريىللارنى، يىللار ئەسىرلەرنى قوغلاپ ئۆتۈپ كەتكەنىدى. بۇ يەرنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشىدە دەريالارنىڭ ئېقىن يۆتكىشى، كونا بوستانلىقلارنىڭ ئورنىغا يېڭىلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، شەھەر-بازارلارنىڭ كۆچۈشى داۋاملىق ھادىسە ئىدى. شۇڭىلاشقا، بۇيەردەھەقىقىي رىئاللىق مەۋجۈت ئەمەس ئىدى، بەلكى رىۋايەتلا مەۋجۈت ئىدى.بۇ يەرنىڭ رىئاللىقىنى ئەسىرلەر بويى بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەن سېھىرلىك رىۋايەتلەر يۇشۇرۇپ كەلگەنىدى. رىۋايەت ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشى، تارىخى، ئەسلىمىسى، بەدىئىي ئەدەبىياتى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى ئىدى.



A fleet gliding down Kontje-daria.jpg




كۆنچى دەرياسىدا قېيىق بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان سېۋىن ھېدىن


ئەنە ئاشۇ رىۋايەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قەدىمكى كروران شەھەر خاربىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايلاردا بىرلەپ-ئىككىلەپ يەنە ئادەملەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. كىچىك تىپتىكى بوستانلىقلار ئاستا-ئاستا بەرپا قىلىندى. لوپنۇر كۆلى گەرچە بۇرۇنقىدەك ھالىتىگە قايتالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەتلىك ئورۇن يۆتكەش جەريانىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ساقلاپ كەلگەنىدى. تارىم دەرياسى بىلەن كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا، چەرچەن، مىرەن، چاقىلىق دەريالىرىنىڭ ھاۋزىلىرىدا،لوپنۇرنىڭ يېزا –قىشلاقلىرىدا ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۈتلىقىنى قايتىدىن ئىپادىلەشكەباشلىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قاچاندىن باشلاپ بۇ تاشلاندۇق ماكانغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ئاتا-بوۋىلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى ھەقىقىي ئەسلىيەلمەيتتى،بەلكى رىۋايەتلىك بىر خاتىرىنىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك كۆرۈنۈشلىرىنى رىۋايەتلىك ھايات رېتىمى ئىچىدە ئېسىگە ئالاتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ يەرنىڭ رىۋايەتلىك ھايات تارىخى قايتا باشلاندى.



   قەدىمكى كرورانلىقلارنىڭ قاياقلارغىدۇر چېچىلىپ-توزۇپ كەتكەن ئەۋلادلىرى ئۇزاق زامانلارئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يەرگە قايتىدىن جەم بولۇشتى. ئاشۇ ئۇزاق جەرياندا، ئۇلارقانچىلىغان مىللەتلەر ۋە ئېتنىك تەركىبلەر بىلەن ئۇچىرىشىپ، ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان ئېرقىي خۇسۇسىيەتنى ھەمدە مەركىزىي ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمىگە خاس قان تىپىنى ھاسىل قىلغانىدى. ھالبۇكى ئۇلار قەدىمكى ئەجداتلىرىنىڭ قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ساقلاپ قالغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، كروران ۋە لوپنۇرمەدەنيىتىگە بولغان ۋارىسچانلىق ۋە ھەقدارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە ئىدى. ئۇلار لوپنۇررايۇنىغا ھەمدە تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا ئۆزلىرىنىڭ يېڭى جەننىتىنى قۇرۇپ چىقماقچى بولدى. ئەمما تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرىقى بۇرجىكىنىڭ ئىقلىمى قەدىمكى دەۋىرلەردىن خېلىلا ناچارلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىم دەرياسىنىڭ لوپنۇر رايۇنىغا ئېقىپ بارىدىغان سۇ مىقدارى ئىلگىركى دەۋىرلەردىن خېلىلا ئازىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ھاياتلىق چەمبىرىكى بارغانسىرى تارىيىپ كەتكەنىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، لوپنۇرلۇقلار بۇ يەردىكى بېلىقچىلىق ئىگىلىكىگە تايىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ بېكىك ۋە جاھاندىن خالىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى.



s shallow waters.jpg




تېيىز كۆلدە بېلىق تۇتۇش


    لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېقىنقى دەۋىرلەردىكى ھاياتلىق مۇساپىسى بىلەن پارالىل ھالدا، ئۇنىڭغا قوشنابولغان چاقىلىق، مىرەن ۋە چەرچەن بوستانلىقلىرىدىمۇ بۇ خىل تۇرغۇن ھايات داۋاملاشماقتا ئىدى. دەرۋەقە بۇ يەردىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئاللىقاچان قۇم ئاستىغاغەرق بولغان بولۇپ، ئۇزاق زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خارابىسى ئۈستىگە يېڭى ھاياتلىق ماكانى بەرپا قىلىنغانىدى. ئۇنداقتا بۇ رايۇندىكى يېڭى ھاياتلىق چەمبىرىكىنى قۇرۇپ چىققۇچىلار زادى كىملەر؟ ئۇلار قەيەردىن پەيدا بولدى؟ ئۇلارنىڭ لوپنۇرلۇقلاربىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟



بۇ يەردە تارىخ رىۋايەتلەر بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەنىدى. شۇڭىلاشقا گەپنى قەدىمكى كرورانلىقلارنىڭ رىۋايەتلىك ئۆتمۈشىدىن باشلاشقا توغرا كېلەتتى. كروران ئېلى خاراپ بولغاندىن كېيىن، ئاھالىلەر تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ بىر قىسمى يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ مىرەن، چاقىلىق ۋە چەرچەن تەرەپلەرگە كۆچۈپ كېتىشتى. ھالبۇكى، بۇيەرلەردىمۇ دەريا-ئېقىنلار قانچە قېتىملار يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ، كونا-يېڭى بوستانلىقلار قانچە قېتىملاپ ئالمىشىپ، ئاھالىلەر تىنىمسىزكۆچۈپ يۈردى. ھاياتلىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۆرەشلەر توختاپ قالمىدى. بولۇپمۇناچار شارائىت ۋە سۇ مەنبەلىرىنىڭ گاھ ئۇلغىيىپ، گاھ ئازىيىشى سەۋەبىدىن بۇيەردىكى بوستانلىقلارنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. نوپۇسنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىمۇ ناھايتى ئاستا بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئەسىردىن يېقىنقى زامانغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرىقى بۇرجىكىدىكى بۇ كەڭ رايۇن ئەڭ قاقاس، ئاھالىلەر ئەڭ شالاڭ ھەمدە بېرىش ئەڭ تەس بولغان تاشلاندۇق ماكانغائايلىنىپ قالدى.



    تارىخ توختاۋسىزئالغا ئىلگىرلەپ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە بۇ يەرنىڭ ھاياتىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك جىمجىتلىق بۇزۇپ تاشلاندى. بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ ھايات رېتىمى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. خوتەن بوستانلىقلىرىدا، تېخىمۇ ئېنىقراقى ، كىرىيەبوستانلىقىدا نوپۇسنىڭ پارتىلىشى ئاھالىلەرنى يېڭى ھاياتلىق ماكانى ئىزدەشكەمەجبۇر قىلدى. كىرىيىلىك بىر توپ ماھىر ئوۋچىلار ئوۋ ئوۋلاش جەريانىداتەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىنى بويلاپ داۋاملىق كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ ماڭدى.ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ جەزىرىلەرنى ئاتلاپ ئاخىر ئالتۇنتاغدىن ئېقىپ كەلگەن بىرئەزىم دەريا ۋادىسىدىكى بوستانلىققا كېلىپ قالدى. بۇ جاي دەل چەرچەن دەرياسى ۋە چەرچەن بوستانلىقى ئىدى.



بۇ يېڭى بوستانلىقتا ئەسلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سانى ناھايتى ئاز ئىدى. ئۇلار قەدىمكى لوپنۇركۆلى ئەتىراپىدا قۇرۇلغان بىر قانچىلىغان ئەللەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى.قەدىمكى كېرىيە ۋە ئۇدۇن ئەللىرىدىن ھاياتلىق ئىمكانىيىتى ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلگەن ئاھالىلەر بىلەن قوشۇلۇپ، بۇ بوستانلىققا كەلگەنىدى. ئەپسۇسكى، زامان رىيازەتلىرى ۋە ئېكىلوگىيەنىڭ بۇزۇلىشى تۈپەيلىدىن بۇ جاينىڭ خوتەن بوستانلىقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۇزۇن زامانلارغىچە ئۈزۈلۈپ قالغانىدى. خەيرىيەت، كىرىيىلىك ئوۋچىلار بۇجاينى قايتىدىن بايقىدى، خوتەن رايۇنى بىلەن چەرچەن بوستانلىقىنىڭ ئالاقە يولى ئاخىر تۇتاشتۇرۇلدى.



    كىرىيىلىك ئوۋچىلار قەلبىگە گۈزەل ئۈمىدلەرنى پۈكۈپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىشتى ھەمدەكۈنچىقىش تەرەپتىكى يېڭى بوستانلىقنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كېلىشتى. بۇنىڭ بىلەن تۇنجى تۈركۈمدىكى كىرىيە ئاھالىلىرى ئۆي ماكانلىرىدىن خوشلىشىپ يىراق سەپەرگە ئاتلاندى.ئۇلار قانچە ئايلار جاپالىق سەپەر قىلىپ ئاخىر چەرچەن بوستانلىقىغا يىتىپ كېلىشتى ۋە بۇ يەرنىڭ ئۇزۇن زامانلار بىر ئىزىدا توختاپ قالغان تۇرغۇن كەيپىياتىنى جانلاندۇرۋەتتى. شۇندىن بۇيان بۇ يەرگە نۇرغۇن كىرىيىلىكلەر كۆچۈپ كەلدى،ئاھالىلەرنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى، بۇ يەردىكى ئەسلىدىكى يەرلىك ئاھالە(قەدىمكى لوپلۇقلار- يەنى كورورانلىكلەر بىلەن پىشامشانلىقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى بولىشى مۇمكىن؟) لەر بىلەن كىرىيىلىك كۆچمەنلەر ئۆز ئارا قوشۇلۇپ، يېڭى چەرچەنلىكلەرنى شەكىللەندۈردى. ۋاھالەنكى، بۇنداق قوشۇلۇشنىڭ نەتىجىسى مۇقەرەرھالدا كىرىيىلىكلەر ئېلىپ كەلگەن خوتەن دىيالىكتى بىلەن خوتەن مەدەنىيىتىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىشى بىلەن خاراكتىرلەندى. ئەمما قەدىمكى لوپنۇرمەدەنىيىتىنىڭ سۇس ھالەتتىكى خۇرۇچلىرىمۇ ساقلىنىپ قېلىۋەردى.



   چەرچەن بوستانلىقىنىڭ قايتا گۈللىنىشى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرىقى بۇرجىكىدىكى ئۇنتۇلغان رايۇنلارغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ئۇزاق ئۆتمەي كىرىيىلىك ئوۋچىلار يەنىمۇشەرققە قاراپ مېڭىپ تۇيۇقسىز چاقىلىق بوستانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ ۋە بۇ يەرنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتىنىڭ كەڭلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چەرچەن بوستانلىقىغاكۆچۈپ كەلگەن كىرىيىلىكلەرنىڭ بىر قىسمى چاقىلىققا سۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. رۇس شەرقشۇناسلىرىدىن پىرژىۋالىسكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە لوپنۇر رايۇنىغا بىرقانچە قېتىم تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ ھەمدە چاقىلىق چەرچەن ۋە خوتەن بوستانلىقلىرىغىچەيېتىپ بارىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ "لوپنۇرغا سەپەر" ناملىق ئەسىرىدە چاقىلىق ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ:" چاقىلىق بىر كەنت بولۇپ، قىشلاق دەپمۇ ئاتىلىدىكەن،ئۇيغۇر تىلىدا قىشلاق <قىشلىق ئوتلاق> دېگەنلىكنى بىلدۈردىكەن. مەن1876-يىلى بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەنىدىم. بۇ كەنت چاقىلىق دەرياسى بويىغاجايلاشقان بولۇپ، دەريا سۈيى ئانچە يىراق بولمىغان ئالتۇنتاغدىن ئېقىپ كېلىپ،ئاخىر چەرچەن دەرياسىغا قوشۇلاتتى. چاقىلىق كەنتى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىرتۈركۈم كىرىيىلىك كۆچمەنلەر تەرەپىدىن بىنا قىلىنغانىكەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ دېيىشىگە قارىغاندا، شۇ زامانلاردا بىر تۈركۈم كىرىيىلىك ئوۋچىلار چەرچەندىن چىڭخەينىڭ گاس دېگەن يېرىگە بېرىپ ئوۋ ئوۋلىغان. ئۇلار قايتىشىدا ئالتۇن تاغنى كېسىپ ئۆتۈپ، تۇيۇقسىزلا بۇ جايغا كېلىپ قالغان. ھەمدە بۇ جايدىكى ئۆرۈلۈپ كەتكەن قەدىمكى شەھەر سېپىللىرىنى، قۇمغا كۆمۈلۈپ تۇرغان ئۆيلەرنىڭ ياغاچلىرىنى ، يارىيارھارۋىلارنىڭ يوغان چاقلىرىنى ۋە يىپ ئىگىرىدىغان چاقلارنى كۆرگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇيەرنى <چاقىلىق> (يەنى چاقلىق) دەپ ئاتىغان. ئۇ زامانلاردا بۇ يەردەئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر بولمىغان، پەقەت چەرچەنگە بارغاندىلا ئاندىن ئاھالىلەرنى ئۇچىراتقىلى بولاتتى. شۇڭىلاشقا لوپنۇر كۆلى ۋادىسىدىكى ئاھالىلەر خۇددى تەنھائارالدا ياشاۋاتقاندەك ئۆز ئەتىراپىدىكى ئۇزاق چۆل-جەزىرىلەر تەرپىدىن قامال قىلىنىپ، ئىپتىدائى ھالەتتىكى بېكىك ھاياتنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتى"(1)


چاقىلىقنىڭ بايقىلىشى مۇشۇ ئەتىراپتىكى لوپ، مىرەن، ئارغان قاتارلىق يۇرتلارنىڭ قايتىدىن بىنابولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەسلىدە ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن  بۇ يەردىكى ئاز ساندىكى  يەرلىك ئاھالىلەر ناھايىتى تىزلا كىرىيىلىك كۆچمەنلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى. شۇنداقلا كىرىيىلىكلەرنىڭ نىسبەتەن ئىلغار بولغان دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، كىچىك دائىردىكى تېرىم ئىگىلىكىنى بەرپاقىلدى. بۇنىڭ بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرىقى شىمالىي گىرۋىكىدىكى كەڭ كەتكەن ئۈچ بۇرجەك رايۇن ئۇزاق مەزگىللىك جىمجىتلىقتىن كېيىن  قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئاھالىلەر رايۇنى ، جۈملىدىن ئابدال، ئويدۆڭ، قارا قۇرچىن، دۆڭقوتان قاتارلىق  چوڭراق كەنىتلەردە ياشىغۇچى ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى تۇرمۇش ئادىتى، ئىگىلىك شەكلى ۋە تىل خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغاندىن سىرت، يەنە خوتەن رايۇنىدىن چىقىش يولى ئىزدەپ كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ نىسبەتەن يۇقىراراق بولغان تېرىم مەدەنىيىتىنىڭمۇ مۇئەييەن تەسىرلىرىنى قۇبۇل قىلغانىدى. شۇڭىلاشقا پۈتكۈل لوپنۇر رايۇنى ۋە ئۇنىڭغا قوشنابولغان چەرچەن، چاقىلىق بوستانلىقلىرىنىڭ يېقىنقى زاماندا شەكىللەنگەن مەدەنىيىتىنى قەدىمكى لوپنۇر مەدەنىيىتى بىلەن خوتەن مەدەنىيىتىنىڭ ئورگانىك قوشۇلمىسى دېيىشكە بولاتتى. ئەمما لوپنۇر رايۇنىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، بولۇپمۇچەرچەن، چاقىلىق دەريالىرى بويلىرىدا بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىر دائىرسى ۋە نىسبىتى ئوخشاش ئەمەس ئىدى.



3



قەدىمكى لوپنۇرۋە كروران مەدەنىيىتىنىڭ خارابىسى ئۈستىدە يېڭى ھاياتلىق چەمبىرىكى قۇرۇلۇپ چىقىلدى. يېقىنقى زامان تارىخىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بۇ تىمتاس ماكانغاھېچقانچە يېڭىلىقلار ئېلىپ كېلەلمىدى. بۇ خىل دۈملەنمە ھالەتتىكى تۇرغۇن كەيپىيات ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتى. پۈتۈن دۇنيا گويا قەدىمكى كروران ئېلىنىڭ خاراپ بولىشىغائەگىشىپ بۇ جاينى مەڭگۈگە ئۇنتۇپ كەتكەندەك، بۇ رايۇننىڭ جاھان ئۆزگىرىشلىرى بىلەنقىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك بىر خىل زېرىكەرلىك غېرىبلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى.



قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى قەدىمكى دۇنيا ئۇچۇر بەلۋىغىنىڭ ئوتتۇرا قانىلىنى چۆلدەرىتىپ قويدى. قەدىمكى لوپنۇر ۋادىسىدىكى كرورەن دۆلىتى خاراپلاشقاندىن كېيىن، مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ بۇ يەر ھەققىدىكى بىلىدىغانلىرى بارغانسىرى ئازىيىپ باردى. ھەتتا ئورۇن يۆتكەپ، دەريا يۆلىنىشىگە قاراپ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلىگەن لوپنۇر كۆلىمۇ ئاستا-ئاستا سىرتقى دۇنيا تەرپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىلدى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەتارىم ئويمانلىقى ئېكىسپىدىتسىيە قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ياۋرۇپالىقلار لوپنۇر رايۇنىغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنگە قەدەر، دۇنياخەرىتىسىدە لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنى بەلگىلەنمىدى. ھەتتا شۇ چاغدىكى جۇڭگۇخەرىتىلىرىدىمۇ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات يوق ئىدى. دۇنيا جۇغراپىيىسى لوپنۇر رايۇنىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي ساۋاتسىز ئىدى.



pirjiwaliski.jpg




روسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى نېكولاي پرژىۋالىسكىي


    رۇس شەرقشۇناسى نىكولاي پىرژىۋالىسكى (1839-1888) نىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە لوپنۇررايۇنىغا قىلغان ئېكىسپىدىتسىيىسى دۇنيا ئىلىم ساھەسىنى سىرلىق لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى تۇنجى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى. پىرژىۋالىسكى ئۆز خاتىرىسىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: " ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تارىم دەرياسى، لوپنۇر كۆلى ۋەئالتۇنتاغ ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى ئەڭ سۇس بولغان جۇغراپىيىلىك رايۇن دەپ قارالغانىدى. جۇڭگۇ يىلنامىلىرىدىكى خاتىرلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ تارىم دەرياسى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ناھايتى غۇۋا ئىدى. ئۇلار تارىم ئويمانلىقىدىكى كۆپلىگەن دەريا- ئېقىنلارنىڭ تارىم دەرياسىغا جۇغلىنىپ، ئەڭ ئاخىرى لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىغانلىقىدەك جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمغا ئىگە ئەمەس ئىدى. جۇڭگۇلۇقلار سىزغان جۇڭگۇ خەرىتىسىدە ھەمدەياۋرۇپالىقلارنىڭ مۇشۇ ئاساستا سىزغان جۇڭگۇ خەرىتىسىدە لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنى ۋەتارىم دەرياسىنى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ لوپنۇر كۆلىگە ئېلىپ كىرىدىغان جايى ھەققىدىكى خەرىتىلىك تەسۋىردە ناھايتى چوڭ خاتالىقلار مەۋجۈت ئىدى. لوپنۇر كۆلىدىن باشقايەنە ئالتۇنتاغنىڭ ئورنى مەسىلىسدىمۇ خېلى چوڭ ئېنىقسىزلىق بار ئىدى. تارىختىن بۇيان قانچىلىغان تۆگە كارۋانلىرى ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرئوتتۇرسىدىكى سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ كەلگەنىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ بۇ تاغ تىزمىسى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى ۋە يازمائۇچۇرلىرى كەمچىل ئىدى. بۇ رايۇننىڭ تەبئىي ھالىتى ، كېلىماتى، ھايۋانات ۋەئۆسۈملۈكلىرى، تۇپراق ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ھېچكىم مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارمىغانىدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تەلىيىمىز ئوڭدىن كېلىپ بۇ پۇرسەتكەئېرىشتۇق، شۇنداقلا ۋېنىتسىيىلىك ماركوپولودىن كېيىن بۇ رايۇننى دەسسىگەن تۇنجى ياۋرۇپالىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىرلىق لوپنۇر كۆلىگە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا ۋە ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ تاكى خوتەن بوستانلىقلىرىغىچە بولغان جايلارغا قەدەم باستۇق، بۇ دەل 1876-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1877-يىلىنىڭ باھار پەسلىگىچە بولغان مەزگىل بولۇپ، ئاسىياغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرىم ئىدى"(2).


بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر سەپىرىدىن ئىلگىرى ياۋرۇپالىقلارنىڭ بۇ جاي ھەققىدىكى چۈشەنچىسى پەقەت ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرسىدىكى قۇمغاكۆمۈلگەن لوپ شەھىرى توغرسىدىكى غەلىتە رىۋايەتلەر بىلەن جۇڭگۇنىڭ تارىخى يىلنامىلىرىدىكى مۇجىمەل بايانلار بىلەنلا چەكلەنگەنىدى.شۇڭىلاشقا پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى يېڭى مەلۇماتلىرى ياۋرۇپا ئىلىم ساھەسىنى زىل-زىلگەكەلتۈردى. شۇ ۋاقىتقا قەدەر دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر لوپنۇر كۆلى ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتكەن، مۇشۇ ئەتىراپتىكى ئاھالىلەرمۇ باشقا ياقلارغا كۆچۈپ كەتكەن، بۇجايدا مىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيان ھاياتلىق ئۆچكەن، دەپ قاراپ كەلگەنىدى.ۋاھالەنكى، پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇرغا قىلغان سەپىرى يۇقىرقى قاراشلارنىڭ بىر خىل خاتاتۇيغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. پىرژىۋالىسكى بۇ رايۇنغا كېلىشتىن خېلى زامانلار ئىلگىرىلا بۇ يەردە بىر قانچىلىغان ئاھالىلەر كەنتلىرى قايتاشەكىللىنىشكە باشلىغانىدى. لوپنۇر كۆلى ئۆز ھاۋزىسىدىكى ھاياتلىق چەمبىرىكىنى زۆرۈر بولغان ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنىدى.



The Kara Kurtsjin tribe2.jpg




پىرژىۋالىسكىي سۈرەتكە تارتقان قاراقۇشۇنلۇق كىشىلەر


   پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى ياۋرۇپادا بىر مەيدان كەسكىن بەس-مۇنازىرىنىڭ قانات يېيىشىغا سەۋەب بولدى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، مەيلى ياۋرۇپالىقلار بولسۇن ياكى جۇڭگۇلۇقلار بولسۇن، لوپنۇر كۆلىگە نىسبەتەن بىر خىل سىرلىق تۇيغۇدا بولۇپ كەلگەنىدى، شۇنداق لوپنۇر كۆلى ئەزەلدىنلا يېشىلمەس بىر سىر ئىدى! پىرژىۋالىسكىنىڭ بۇ تۈگۈننى يېشىشكە ئۇرۇنىشى تەبىئىي ھالدا جۇغراپىيە ئالىملىرى ئارىسىدا مۇنازىرەقوزغىدى. ھەممىدىن بۇرۇن ياۋرۇپا جۇغراپىيە ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەرباب، بېرلىن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسسورى فېردىناد ۋون رېچخوفىن (1883-1905) ئۆزىنىڭ پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى بايقىشىغا بولغان گۇمانىنى ئوتتۇرغا قويدى:جۇڭگۇ يىلنامىلىرى ۋە خەرىتىلىرىدە لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ،تارىم دەرياسىنىڭ شەرقى ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا دەپ كۆرسىتىلگەن،ئەمما پىرژىۋالىسكى لوپنۇر كۆلى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا دەيدۇ. بۇتارىختىكى ھەقىقىي لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنى بىلەن ماس كەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقالوپنۇر كۆلى ئىزچىل ھالدا كىشىلەر تەرپىدىن تۇزلۇق سۇ كۆلى دەپ قارالغان، لېكىن پىرژىۋالىسكى ئۇنى تاتلىق سۇلۇق كۆل دەپ جاكارلىدى. بۇ تەرپىمۇ ئىشىنەرلىك ئەمەس،دەپ كۆرسەتتى.



The actual position of the old lake (in broken lines), drawn by Richthofen, 1878.jpg



رېچخوفىن سىزغان لوپنۇر رايۇنىنىڭ خەرىتىسى



       ھالبۇكى، بۇ ھەقتە قانچىلىك بەس-مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلمىسۇن،پىرژىۋالىسكىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى ھەقىقەتەنمۇ رىئاللىققا ئۇيغۇن ئىدى. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمىدا دېھقانچىلىقنىڭ نىسبەتەن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، لوپنۇر كۆلىگەئېقىپ بارىدىغان سۇ مىقدارىمۇ تەدىرىجىي ئازايغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمكى لوپنۇر كۆلى بىلەن يېقىنقى زاماندىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنىدا خېلى چوڭ ئارىلىق ھاسىل بولغان بولۇپ، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئۆز ئېقىنىنى يۆتكىشى بىلەن لوپنۇر كۆلىگەقۇيۇلىدىغان دەريا تاراملار ئازايغانىدى. شۇڭىلاشقا، پىرژىۋالىسكى لوپنۇر كۆلىگەتەكشۈرۈشكە كەلگەن ۋاقىتلاردا لوپنۇر كۆلى ئۆزىنىڭ قەدىمكى ئورنىدىن خېلىلايۆتكەلگەن بولۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا توغرا كېلەتتى. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە، تارىم دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى تەدىرىجىي ئازىيىپ، لوپنۇركۆلىگە بارمايلا قۇملۇقلارغا سىڭىپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان. پىرژىۋالىسكى ئۆزخاتىرىسىدە، لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ مىقدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازىيىۋاتقانلىقى، كۆلنىڭ دائىرسىنىڭ بارغانسىرى كىچىكلەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەمما لوپنۇر كۆلىنىڭ ھازىرقى قۇرۇغان ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شۇ چاغدىكى لوپنۇر كۆلى يەنىلا تارىم ۋادىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى ھېسابلىناتتى. پىرژىۋالىسكى بۇ ھەقتەمۇنداق دەپ يازىدۇ: "يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ھازىرقى لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي جەنۇبتىن شەرقى شىمالغا بولغان ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىرئىكەن. كۆلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئەڭ كەڭ يېرى 20 كىلومېتىر كېلىدىكەن. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى لوپنۇر كۆلىدە ئاخىرلىشىدىكەن. لوپنۇر كۆلىنىڭ شەرقى شىمالىي قىسمىدا چەكسىز كەتكەن شورتاڭ ساھىل بولۇپ، ئۇ يەر كۆز يەتكۈسىز قۇمۇشلۇق بىلەن قاپلانغانىكەن... پۈتكۈل لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ يۈزى خېلىلا تېيىز بولۇپ، ئادەتتىكى چوڭقۇرلۇقى بىر مېتىر ئىكەن. بەزى جايلىرىنىڭ ئىككى مېتىر، ئايرىم جايلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ھەتتا بەش مېتىرمۇ كېلىدىكەن. بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تەسىراتىمىز لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ مىقدارىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئازىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىش بولدى. چۈنكى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى لوپنۇر كۆلىگەقۇيىلىدىغان سۇ زاپىسى كۆرۈنەرلىك ئازىيىۋىتىپتۇ. لوپنۇر كۆلىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ مەزگىلسىز ھالدا كۆپىيىدىغانلىقى ۋە ئازىيىدىغانلىقى توغرىسىدا يەرلىك ئاھالىلەرئىچىدىكى ياشانغان كىشىلەرمۇ گۇۋاھلىق بېرىشتى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، لوپنۇر كۆلى ئاستا-ئاستا ۋە تىنىمسىز رەۋىشتە تارىيىۋىتىپتۇ، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا،قۇرۇپ كېتىشتىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق تەقدىرگە قاراپ يۈزلىنىۋىتىپتۇ. بىز بۇ نۇقتىنى لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەتىراپىدىكى گويا قىسماققا ئوخشايدىغان پايانسىز شورتاڭلىقنىڭ بارغانسىرى كۆل يۈزىنى تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق".(3)


    پىرژىۋالىسكى ۋاپات بولۇپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1889-يىلى 9-ئايدا،فىرانسىيىلىك گابرېل بونۋالوت (1853-1933) بىر ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىنى باشلاپ،لوپنۇر رايۇنىغا تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ. ئەمما لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىركى پىرژىۋالىسكى كۆرگەن چاغدىكىدىن خېلىلا ناچارلىشىشقا باشلىغانىدى. بونۋالوت ئۆز خاتىرىسىگە ئېچىنىش ئىچىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "لوپنۇر رايۇنىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تەقدىرى تامامەن تارىم دەرياسى بىلەن باغلانغان بولۇپ، دەريا سۈيىنىڭ تەدىرىجىي ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق چەمبىرىكىمۇ بارغانسىرى تارىيىۋېتىپتۇ. ئادەملەر بۇ يەردىن ئايرىلىشى بىلەنلائۆيلەر ئۆرۈلۈپ، كەنتلەر غايىپ بولىدىكەن، مەھەلىلەرنىڭ ئورنىنى قۇمۇشلۇقلارئىگىلەيدىكەن، قۇمۇشلۇقلار ھامان بىر كۈنى ئۆزىگە زۆرۈر بولغان سۇ مىقتارىنىڭ كېمىيىشى بىلەن ئاستا-ئاستا قۇرۇپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئاقما قۇملار شىددەت بىلەن بۆسۈپ كىرىپ بارلىق شەھەر خارابىلىرىنى ، كەنىتلەرنىڭ ئىزلىرىنى ، ياغاچتىن قوپۇرۇلغان ئۆيلەرنىڭ ئۆگىزىلىرىنى، قۇرۇغان قۇمۇشلۇقلارنى، ئىشقىلىپ ھەممەنەرسىنى كۆمۈپ تاشلايدىكەن. ھېچقانداق بىر كۈچ ئاقما قۇملارنىڭ زەربىسىنى توسۇپ قالالمايدىكەن. رەھىمسىز قۇملۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۈتكۈل لوپنۇر رايۇنىغا شىددەت بىلەن بېسىپ كىرىپ، ئىنسانلارنى تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى بۇ ئەڭ ئاخىرقى كۆلنى مەڭگۈگە ئۇنتۇپ كېتىشكە مەجبۇر قىلارمۇ؟ ۋاقىتنىڭ ئۇچقاندەك ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،تەبىئەتتىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن ئىدى. بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان لوپنۇر كۆلى ئۆز ۋاقتىدىكى پىرژىۋالىسكى كۆرگەن لوپنۇر كۆلى بىلەن تامامەن ئوخشىماي قالغانىدى.كۆل سۈيى بارغانسىرى ئازلاپ، كۆلنىڭ دائىرسىمۇ تارىيىشقا باشلىغانىدى. يەرلىك ئاھالىلەر ھەسرەت بىلەن: دەريا سۈيى كۈندىن كۈنگە ئازىيىۋاتىدۇ، كۆلمۇ بارغانسىرى تارىيىۋاتىدۇ، شورتاڭلىقلار ۋە قۇمۇشلۇقلارنىڭ دائىرىسى چوڭىيىۋاتىدۇ... دەپ دەرت تۆكۈشمەكتە ئىدى" . (4)



Ujtun Village of Kara Kurtsjin.jpg




قارا قوشۇندىكى كىچىك كەنت ئۇتۇن كەنتى


     شۇنىڭدىن كېيىن يەنە شىۋىتسىيىلىك سۋېن ھېدىن (1865-1952) ، ياپۇنيەلىك ئوتانى (1876-1948)قاتارلىق مەشھۇر ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر تەكشۈرۈش- قېدىرىش ئەتىرەتلىرىنى باشلاپ،پىرژىۋالىسكىنىڭ ئىزىدىن لوپنۇر رايۇنىغا كەلدى. داڭلىق جۇغراپىيە ئالىمى رىچخوفىننىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان سۋېن ھېدىن ئۆز قەلبىگە لوپنۇر كۆلىنىڭ سىرىنى ئېچىش ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇزاققا سوزۇلغان بەس- مۇنازىرىگە خاتىمە بېرىش ئارزۇسىنى پۈككەنىدى. دېگەندەك سۋېن ھېدىن لوپنۇر توغرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقاردى:لوپنۇر كۆلى تەخمىنەن 1600 يىلنى دەۋىر قىلىپ ئورۇن يۆتكەلگەن، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىچكى ئاسىيا رايۇنىدىكى بىر كۆچمە كۆل، خالاس!



4



لوپنۇرلۇقلار ۋەئۇلارنىڭ ئەمگەكچان ئەۋلادلىرى تەبىئەت بىلەن بولغان تىنىمسىز كۆرەش ئىچىدەتارىخنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىنى ھازىرقى زامانغا ئۇلىدى. مۇقەددەس لوپنۇر كۆلى بەخشئەتكەن ھاياتلىق ئىمكانىيىتىدىن ئەڭ ئاخىرقى چەككىچە پايدىلاندى. بۇ يەردىكى ئەجداتلىرىدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن "جەننەت"ىنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قېلىش ئۈستىدە جاپالىق ئىزدەندى. ۋاھالەنكى، تارىم ئويمانلىقنىڭ بارغانسىرى يامانلىشىۋاتقان ئېكولوگىيە كىرزىسى لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدەك تىراگىدىك تەقدىرنى خېلى بۇرۇنلا بەلگىلەپ قويغان ئىدى.


شۇنداق،لوپنۇرلۇقلارنىڭ قەدىمكى لوپنۇر ۋادىسىدىكى جەننىتى بەرپا بولدى، بۇلار ھەر قانچەقىلىپمۇ بۇ رىئاللىقنى كەينىگە قايتۇرالمىدى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى شىمالىي بۇرجىكىگە دۈملەنگەن قەدىمكى مەدەنىيەت لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقى بىلەن تەڭ قۇم بارخانلىرى ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتتى. ئەمما لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆز يۇرتىنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى ئادەققىچە داۋاملاشقان كۆرەشلىرى ۋە قايتماس روھى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك دىيالوگىنىڭ ئەڭ تەسىرلىك بىر بۆلىكىنى تەشكىل قىلدى. ئۇلار تىرىشتى، تىرماشتى، تىركىشتى.... لوپنۇر كۆلى ۋەئۇنىڭ باغرىدىكى ھاياتلىق چەمبىرىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىدى. ئەمما كۈنساناپ زورىيىۋاتقان ئاقما قۇملارنىڭ زەربىسىنى توسۇپ قېلىشقا،بارغانسىرى ئاجىزلاۋاتقان لوپنۇر كۆلىنىڭ تىنىقىنى قۇتقۇزىۋېلىشقا قۇربى يەتمىدى.رەھىمسىز تەبىئەت ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى قىساسىنى بىراقلا ئالماقچى بولغاندەك بۇيەردىكى ئادەملەرگە قىلچىمۇ رەھىم قىلمىدى.


    تەخمىنەن19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، لوپنۇر كۆلىنىڭ تەدىرىجىي تارىيىشىغا ئەگىشىپ،بۇ يەردىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي بىرلىكلىرىمۇ پارچىلىنىشقا  باشلىدى.پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇرلۇقلار ھەققىدىكى ئېتنوگىرافىيىلىك خاتىرلىرى بىزگە تېخى ئۆزىنى بىزگە تامامەن ئېچىۋەتمىگەن بىر جەمىيەتنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى گۈزەل ئەخلاقىي تۈزۈلمىنى، تەبىئەت بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ساپ ھالەتتىكى جىمجىت ھايات رېتىمىنى، شۇنداقلا زامانىۋىي مەدەنىيەتلەرنىڭ غىدىقلىشىدىن مۇستەسنا قەدىمىي ئۇدۇم-ئەنئەنىلىرىنى تەسۋىرلەپ بەردى.


    شۇنىسى ئېنىقكى،ئەينى چاغدىكى لوپنۇرلۇقلار تەبىئىي مۇھىتنىڭ قىستىشى بىلەن ئاستا-ئاستا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا يۆتكىلىۋاتاتتى. چۈنكى، لوپنۇر رايۇنى بارغانسىرى ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتىدىن يىراقلىشىۋاتاتتى. پىرژىۋالىسكىنىڭ مەلۇماتىغاقارىغاندا، شۇ چاغدىكى لوپنۇر رايۇنىدا، يەنى قاراقۇرچىن دېگەن مەمۇرىي بىرلىككەتەۋە بولغان لوپنۇر كۆلى بويىدىكى 11 كەنىتتە جەمئىي 70 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇس 300 كىشىدىن ئاشىدىكەن. ئەنە ئاشۇ 300 كىشى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىرىقىنى ياندۇرۇپ كېلىۋاتاتتى.


دەرۋەقە،بۇنىڭدىن ئانچە ئۇزاق بولمىغان ئۆتمۈشتە، لوپنۇر رايۇنىدىكى ئاھالىلەر نوپۇسى ھازىرقىدىن خېلىلا كۆپ ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا بۇ يەردە 550 تۈتۈن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئاھالە لوپنۇر كۆلىدە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.ئەمما 20 يىل ئىلگىرى بۇ رايۇندا ئېغىر ۋابا تارقىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆلۈپ كەتكەن، ھايات قالغانلىرى يىراق جايلارغا قېچىپ بېرىپ جان ساقلىغان.شۇنىڭ بىلەن لوپنۇر كۆلى بويلىرىدىكى ئاھالىلەر نوقتىلىرى تەدىرىجىي ئازىيىپ،تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى كەنتلەر بارغانسىرى كۆپەيگەن.ھازىرقى لوپنۇرناھىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاساسىمۇ شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ تەدىرىجىي شەكىللىنىشكە باشلىغانىدى.


Patients in a Hummel tent. Dilpar..jpg




يەرلىك لوپنۇرلۇقلار


    لوپنۇرلۇقلاربىلەن تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ چىراي شەكلى ۋە بەدەن تۈزۈلۈشىدە ئوخشىمىغا نئېرىقلارنىڭ ئالامەتلىرى مەۋجۈت ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدا مۇڭغۇللوئىدلارنىڭ قان تەركىبلىرى بار ئىدى. مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئارىيان ئېرىقىنىڭ سۇس ھالەتتىكى يۈزشەكلى ساقلانغان بولۇپ، ساپ ئارىيان ئېرىقىدىنمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلىنەتتى.لوپنۇر ۋادىسىدا ئەسلىدىن ياشاپ كەلگەن لوپنۇرلۇقلار بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بوستانلىقلاردىن كۆچۈپ كەلگەن ئاھالىلەر يېقىنقى زامانغاكەلگەندە ئۆز ئارا يۇغۇرلۇپ، كېيىنكى لوپنۇرلۇقلارنى شەكىللەندۈرگەنىدى.شۇڭىلاشقا، لوپنۇرلۇقلار بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېرقىي ئالاھىدىكىدە روشەن ھالدا شالغۇت تىپىنىڭ ئالامەتلىرى مەۋجۈت ئىدى. (5)



ئۇلار قىيىن شارائىتقا، جاپالىق تۇرمۇشقا، ماددىي بويۇملارنىڭ كەملىكىگە كۆنۈك ئىدى. رەھىمسىزتەبىئەتلا ئەمەس، بەلكى مۇشەقەتلىك تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىمۇ ئۇلارنى قاتتىق تاۋلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ چىرايى، چىڭ بەدەنلىرى قۇياش نۇرى بىلەن كۆل يۈزىدىن كېلىدىغان ئاچچىق شامالدا قارايغانىدى. داۋاملىق قېيىق بىلەن ھەپىلەشكەچكىمۇئۇلارنىڭ كۆكرەك، مۈرىلىرى كەڭ، بىلەكلىرى كۈچلۈك ئىدى. لوپنۇر ماتاسىدىن تىكىلگەن ئاددىي كىيىملىرى ئىچىگە يۇشۇرنۇپ تۇرغان ۋۇجۇدىدا تەبىئەت بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بىر خىل ئىچكىي چوڭقۇرلۇق، يىراق ئۆتمۈشكە سوزۇلغان مەنىۋىي كەڭلىك زاھىر بولۇپ تۇراتتى.


كۆل، قۇمۇش،قېيىق، قارماق، ساتما ۋە بېلىق پۇرىقى.... مانا بۇلار ئۇلارنىڭ ھايات مەئىشىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئىدى. ئۇلار دىماغنى يارغۇدەك ئاچچىق بېلىق پۇرىقى ئىچىدە بۇدۇنياغا تۇغۇلاتتى، يەنە ئاشۇ بېلىق پۇرىقى ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشاتتى.ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن، كېيىم-كېچەكلىرىدىن، تىنىقلىرىدىن بېلىق پۇرىقى كېلەتتى،كەنت-مەھەلىلەردىن، كۆل بويىدىن، ھەتتا پۈتكۈل لوپنۇر رايۇنىدىن خام بېلىقنىڭ گۈپۈلدەپ تۇرغان پۇرىقى كېلەتتى. شۇنداق، ئۇلار بېلىقچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، بېلىق گۆشىدىن، قىلتىرىقىدىن، مېيىدىن قانداق پايدىلىنىشنى ياخشى بىلەتتى. بېلىق پۇرىقىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەتتى.



ئۇلار قۇمۇشتىن ياسالغان ساتمىلاردا ئولتۇراتتى. ياغاچ ماتىرىياللىرى كەمچىل بولغانلىقتىن ھەممەنەرسىلەرنى قۇمۇشتىن ياسايتتى. قۇمۇش ساتمىلاردىن تەركىب تاپقان غۇجمەك مەھەلىلەرلوپنۇر كۆلى بويىدىكى ھاياتلىق چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگەكېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى تەبىئەتتىن ئالاتتى. تىنىمسىزلىق،قانائەتچانلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، ساددىلىق ۋە راستچىللىق ئۇلارنىڭ خاراكتىرئالاھىدىلىكى ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى غورىگىل، ئاددىي-ساددا ۋە جاپالىق بولسىمۇ،لېكىن ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ خۇشال كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئۆز كۆڭلىنى قانداق ئاۋۇندۇرۇشنى، زېرىكەرلىك ھايات رېتىمىنى قانداق بېزەشنى، تۇرمۇش گۈزەللىكىنى قانداق ھېس قىلىشنى ئوبدان بىلەتتى.


قېيىق، تور،قارماق ۋە بېلىق ئۇلارنىڭ ئەڭ موھىم تەئەللۇقاتلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن زىيادە مال-مۈلكى بولمايتتى. قىز-يىگىتلىرى توي قىلغاندا، يىگىت تەرەپ تويلۇق ئۈچۈن بىر قىيىق، تور ۋە مەلۇم مىقداردا بېلىق تەييارلايتتى، بۇقىز-يىگىتنىڭ يېڭى تۇتقان ئۆيىنىڭ مال-مۈلكى ھېسابلىناتتى. بېلىقچىلىق سايمانلىرىنىڭ ئۆزى يەنە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ھېسابلىناتتى. بىرەر كىشى قازاقىلسا، ئۆلگۈچىنى يۇيۇپ-تاراپ بولغاندىن كېيىن، قېيىققا سېلىپ ئۈستىنى يەنە بىرقېيىق بىلەن دۈم كۆمتۈرۈپ يېپىپ قوياتتى. ئاندىن ئىككىنچى كۈنى دەپنە قىلاتتى.ئۆلگۈچى ھايات چېغىدا ئىشلەتكەن قارماق، تور قاتارلىق تەۋەرۈك بويۇملىرىنى مېيىت بىلەن قوشۇپ دەپنە قىلاتتى. (6)


گەرچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ناھايتى قىيىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ساغلام، تەمبەل ۋەكېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى ئىدى. بۇ يەردە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەتتى. 100 ياشتىن ئارتۇقلارمۇ ئەمگەك قىلالايتتى. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى چېچەك، كۆز كېسەللىكلىرى، قىيىن تۇغۇت ۋە باشقا ۋاباكېسەللىكلىرى ئىدى. غەربنىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان خېمىيۋىي دورىلىرى بولمىغان شارائىتتا چېچەككە ئوخشاش تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايتتى.


لوپنۇرلۇقلارتۇرمۇشقا كېرەكلىك بولغان ھەننىۋا نەرسىلەرنى تەبىئەتتىن ئالاتتى. ئۇلار ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ قىممەت نەرسىلەرنى ئۆيدە ساقلىمايتتى، بەلكى ئوت ئاپىتىدىن ۋە باشقاكېلىشمەسلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقىلار بىلمەيدىغان بىر جاينى كولاپ مەخپىي ساقلايتتى. ھەممە ئائىلىنىڭ پەقەت ئۆزلىرىلا بىلىدىغان مەخپىي جايلىرى بولاتتى.پىرژىۋالىسكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاقساقىلى كۈنچىققانبەگكە سوۋغا سۈپىتىدە بىر يانچۇق سائەتى بىلەن سترېئولۇق ئەينەك تەقدىم قىلغىنىدا، كۈنچىققانبەگنىڭ تولىمۇ خۇشال بولغانلىقىنى ھەمدە ئۆزى يالغۇز قېيىققا چۈشۈپ بۇ نەرسىلەرنى تارىم دەرياسى بويىدىكى باشقىلار بىلمەيدىغان بىر جايغا يۇشۇرۇپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.


لوپنۇر رايۇنىداشۇ چاغقا قەدەر ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك چوڭراق جىنايى قىلمىشلار ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغانىدى، ئوغرلىق ۋە جېدەل-ماجىرا ئىشلىرىمۇ كەمدىن –كەم ئۇچىرايتتى. كىشىلەرئىناق-ئۆم ۋە تېنچ ياشاپ كەلگەنىدى. پىرژىۋالىسكى مۇنداق بىر ۋەقەنى ئۆزخاتىرىسىگە يازىدۇ: " لوپنۇرلۇقلار بىز بىلەن تولىمۇ ئىناق ۋە دوستانەبېرىش-كېلىش قىلدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بىر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى. ئۇلارئىچىدىن بىر ياش يىگىت بىزنىڭ چېدىر تىكىدىغان زەنجىرىمىزنى ئوغرلاۋاتقاندا، كازاك قاراۋۇللىرىمىز تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلۇپ قالدى. بۇ ئىش كۈنچىققانبەگ بىلەن كەنىتتىكىلەرنى تولىمۇ بىئارام قىلدى. كۈنچىققانبەگ دەرھال يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى يىغىپ، بۇ ۋەقەنى جىددىي مۇزاكىرە قىلدى، نەتىجىدە گۇناھكارغا بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىش قارار قىلىندى. بىز ئارىغا كىرىپ جازانىڭ ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتۇق،ئۇلار شۇندىلا يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىپ،گۇناھكارنى دەررىگە تارتىشنى ۋە يىراققا سۈرگۈن قىلىشنى قارار قىلدى" . (7)


لوپنۇرلۇقلارناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئىجتىمائىي بىرلىككە ئۇيۇشقان بولۇپ، بۇ بىرلىكتە يۇرت ئاقساقىلى ئەڭ يۇقىرى مەمۇرىي ئەمەلدار ھېسابلىناتتى. كۈنچىققانبەگ شۇ ۋاقىتتىكى لوپنۇر رايۇنىنىڭ يۇرت ئاقساقىلى بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلاتتى. ئۆز دەۋرىدىكى چىڭ ھۆكۈمىتىمۇكۈنچىققانبەگنىڭ لوپنۇردىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. پىرژىۋالىسكىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، كۈنچىققانبەگ ئېسىل پەزىلەتلىك كىشى بولۇپ، 1885-يىلى 73ياشقا كىرگەنىكەن. ئەمما ئۇ ناھايتى ساغلام بولۇپ، ئۆز پۇقرالىرىغا خۇددى ئاتابالىسىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنىدىكەن. قولىدا بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھاجەتمەنلەردىن ئايىمايدىكەن. شۇڭا، ئۇ گەرچە ئاقساقال بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. كۈنچىققانبەگ شەھەر تۇرمۇشىدىن بىزار بولۇپ، يامۇلنىڭ تۈرلۈك ئالۋاڭلىرىدىن تولىمۇ باشقېتىنچىلىق ھېس قىلىدىكەن. شۇڭا ئۇ ھاياتىداكورلىغا ئۈچ قېتىم، چاقىلىققا بىر قېتىملا بارغانىكەن، ئۇندىن باشقا جايلارغائەزەلدىن بېرىپ باقماپتۇ. پىرژىۋالىسكى خاتىرىسىدە ئۆز دەۋرىدىكى لوپنۇر خەلقى ئارىسدا كۈنچىققانبەگكە بېغىشلانغان بىر گۈزەل داستاننىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى تىلغائالىدۇ ھەمدە داستاندىن ئارىيەلەر كەلتۈرىدۇ.(8)


Lob Nor ruler Kuntsjikan Bjek and his son.jpg



لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈكى ئاقساقال كۈنچىققانبەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى توختىئاخۇن



لوپنۇردا شۇچاغلارغا نىسبەتەن ئابدال كەنتى ئەڭ باي ۋە كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭرەك جاي ھېسابلىناتتى. بۇ يەرگە خوتەن بوستانلىقلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن، نىسبەتەن ئىلغاربولغان تېرىقچىلىق تېخنىكىلىرىدىن خەۋەردار ئاھالىلەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىدە يەرلىك لوپنۇرلۇقلارمۇ يەر ئېچىپ دىھقانچىلىق قىلىشقاباشلىغانىدى. پىرژىۋالىسكى ھەتتا ئابدال كەنتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۆمۈريول، تېلېگراف، ھاۋا شارائىتى دېگەندەك يېڭىلىقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردارئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە ئابدال كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بۇغداي ئۇنى ۋەقوي گۆشىدىن قىلغان تاماقلارنى يېيىشكە تەدىرىجىي ئادەتلەنگەنلىكىنى ، قاراقۇرچىن،ئويدۆڭ قاتارلىق كەنتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ يەنىلا بېلىقنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدىغانلىقىنى، قوي گۆشى ۋە ئۇندىن قىلىنغان تائاملارنى يېسە كۆڭلى ئاينىيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە لوپنۇرلۇقلار يەنىلا بېلىقچىلىقنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق تىرىكچىلىكى قىلغانىدى. شۇڭىلاشقا، دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغان، ئۆزىنى تېخى ئېچىۋەتمىگەن بۇ خىلۋەت جەمىيەتتە تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەسىرلەر بويى قۇمغابەخشەندە بولۇپ كەلگەن ئانتىك مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ كۆرۈنمەس روھ چەشمىلىرى ساقلىنىپ كەلگەنىدى.



5



شۇنداق قىلىپ،لوپنۇر ۋادىسىدىكى ھاياتلىق چەمبىرىكى ئېغىر تىنىقلار ئىچىدە 20-ئەسىرگە كىرىپ كەلدى. لوپنۇر كۆلىنىڭ كۈنساناپ تارىيىشى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى سۇمىقدارىنىڭ ئازىيىشى نەتىجىسىدە بۇ يەردىكى ئاھالىلەر تەدىرىجى ھالدا ھاياتلىق ئىمكانىيىتى ئىزدەپ، ئەسلىدىكى لوپنۇر كۆلى ۋادىسىدىن ئىككى يۆلىنىشكە_ غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇب تەرەپلەرگە سىلجىشقا مەجبۇر بولدى. غەربىي شىمال يۆلىنىشكەقاراپ سۈرۈلگەن لوپنۇرلۇقلار تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى ۋە كۆنچى دەرياسى بويىدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلارغا ئولتۇراقلاشتى ۋە ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلدى. غەربىي جەنۇب يۆلىنىشىگە قاراپ سۈرۈلگەن لوپنۇرلۇقلار چاقىلىق، مىرەن، ئارغان، ۋاششەررى قاتارلىق يۇرتلاردىكى تېرىم ئاھالىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا سۈرۈلگەن لوپنۇرلۇقلار شارئىتنىڭ قىستىشى ۋە بۇ يەردىكى كۆچمەن ئاھالىلەرنىڭ تەسىرىدەئاستا-ئاستا تېرىم ئىگىلىكىگە كۆچكەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى مەزگىللەرگىچىلىكلاكىچىك دائىردىكى بېلىقچىلىق ئىگىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. شۇڭا، بۈگۈنكى لوپنۇردىئالىكتىدا بېلىقچىلىققا ئائىت سۆزلەر باشقا دىئالىكىت-شېۋىلەرگە قارىغاندا كۆپ ئۇچىرايدۇ.


پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر سەپىرىدىن 20 يىل كېيىن، يەنى 1806-يىلى 4-ئايدا يەنە بىر مەشھۇر ئەجنەبىي تەۋەككۇلچى شىۋىتسىيىلىك سېۋىن ھېدىن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنى بويلاپ،قېيىق بىلەن لوپنۇر رايۇننىڭ مەركىزى بولغان- ئابدال كەنتىگە يېتىپ بارىدۇ. سېۋىن ھېدىن ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر خاتىرلىرىنى قانچەقېتىملار ئوقۇغان ھەم ئۆزى رۇسچىدىن شىۋىتچىگە تەرجىمە قىلغان بولغاچقا، قېيىق ئابدال كەنتىگە يېتىپ كەلگەندە چەكسىز ھاياجانغا چۆمىدۇ. گويا ئۇزۇن يىللارئىلگىرى بارغان بىر تونۇش جايغا باشقىدىن قايتىپ كەلگەندەك ئىللىق تۇيغۇ ئۇنى ئۆزئىلكىگە ئالىدۇ. ئابدال كەنتىدىكى ھەممە كىشى- ئەڭ ئاخىرقى ئالتە ئۆيلۈك ئەر-ئايال، قېرى-ياش ھەممىسى قىرغاققا كېلىپ سېۋىن ھېدىننى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ.سېۋىن ھېدىنمۇ ئۆزى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان، قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن كۈنچىققانبەگنى يىراقتىنلا تونىۋالىدۇ. سېۋىن ھېدىننىڭ بۇ يەرگە كېلىشى لوپنۇرلۇقلار ئۈچۈن پىرژىۋالىسكىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ۋەقە ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى لوپنۇرلۇقلار ئۆز دەۋرىدە پىرژىۋالىسكىنى "چوڭ تۆرەم" دەپ ئاتىغان بولسا، سېۋىن ھېدىننى"ھېدىن تۆرەم"دەپ ئاتايدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كېتىدۇ.چۈنكى، سېۋىن ھېدىننىڭ ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلىشى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقنى پىرژىۋالىسكىغا قارىغاندا خېلىلا قىسقارتقانىدى.



The author, at Lop-nor.jpg



لوپنۇر كۆلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان سېۋىن ھېدىن




سېۋىن ھېدىن لوپنۇر رايۇنىدا ئۆز تەسەۋۇرىدىنمۇ كۆپىرەك تەسىراتلارغا ئېرىشىدۇ."كرورەننىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاسى"، لوپنۇر ۋادىسىنىڭ تىرىك تارىخچىسى بولغان كۈنچىققانبەگ سېۋىن ھېدىننى ھەيران قالدۇرىدۇ. كۈنچىققانبەگ پۈتكۈل لوپنۇررايۇنىنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشىنىڭ يىگانە گۇۋاھچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنەئابدال كەنتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئالتە ئۆيلۈك لوپنۇرلۇقلارنىڭمۇ روھى تۆۋرۈكى ئىدى.لوپنۇر رايۇنىنىڭ بىر ئەسىردىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرىنى ھېچكىم ئۇنىڭچىلىك بىلمەيتتى، كۈنچىققانبەگ بولغانلىقى ئۈچۈن سېۋىن ھېدىننىڭ لوپنۇرغا قىلغان تۇنجى سەپىرى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىدۇ. شۇندىن باشلاپ، ياۋرۇپالىق بۇ مەشھۇر ئېكىسپىدىتسىيىچىنىڭ لوپنۇر كۆلى ۋە لوپنۇرلۇقلار بىلەن بولغان 40 يىللىق تارىخى رىشتىسى باغلىنىدۇ.


The author chatting with an acquaintance at Tomenpu.jpg




سىۋىن ھىدىننى قىزغىن قارشى ئالغان لوپنۇرلۇقلار



1899-يىلى، يەنى19-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېيىدا سېۋىن ھېدىن ئىككىنچى قېتىم لوپنۇر ۋادىسىغاقەدەم باسىدۇ ۋە لوپنۇر كۆلى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.ئەپسۇسكى، بۇ چاغدا لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنىۋى تۆۋرۈكى بولغان كۈنچىققانبەگ ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. دەل شۇ يىلى، يەنى كۈنچىققانبەگ ئالەمدىن ئۆتكەن مىلادىيە 1898-يىلى لوپنۇر كۆلى بويىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھاياتلىق چىرىقى ئۆچىدۇ. لوپنۇر ۋادىسىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى بولغان ئابدال كەنتى قۇم-بورانلىرىنىڭ دەھشەتلىك ھۇجۇمى ئارقىسىداۋەيران بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ ئاخىرقى ئالتە ئائىلىلىك يەرلىك لوپنۇرلۇقلاركەنتنى تاشلاپ باشقا جايلارغا كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. كۈنچىققانبەگنىڭ مەنسىپىگەۋارسلىق قىلالمىغان ئوغلى توختىئاخۇن سېۋىن ھېدىننىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئەتىرىتىگە يول باشلىغۇچى بولىدۇ.


سېۋىن ھېدىننىڭ لوپنۇر ۋادىسىغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرى ۋە بۇ جەرياندا ئېرىشكەن مۇۋاپىقىيەتلىرى ئۇنى دۇنياۋى مەشھۇر شەخسكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئۇمۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا، تارىختىكى ھەقىقىي لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەسلىدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرىقى شىمالىي بۇرجىكىدە ئىكەنلىكىنى، كېيىنچە بۇ سىرلىق كۆلنىڭ بۇنىڭدىن 1600 يىل ئىلگىرى سۇ مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى بىلەن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، يېڭى لوپنۇر كۆلىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شەرقى قىسمىدا قايتىدىن پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ.شۇنداقلا "لوپنۇر كۆلى مەركىزىي ئاسىيادىكى كۆچمە كۆل" دېگەن ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا ئىلىم ساھەسىدە ئۇزۇن مەزگىل بەس-مۇنازىرەقوزغىغان لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.


ئەمەلىيەتتە سېۋىن ھېدىننىڭ بۇ قېتىمقى بۈيۈك بايقىشىنىڭ ئارقىسىغا قەدىمكى كرورەنلىكلەنىڭ ئەۋلادى بولغان ئۈچ نەپەر لوپنۇرلۇق يول باشلىغۇچىنىڭ تەڭداشسىز تۆھپىلىرى يۇشۇرۇنغانىدى. ئۇلار كۈنچىققانبەگنىڭ ئوغلى توختىئاخۇن، ئۆردەك ۋە ئابدۇرېھىم قاتارلىق لوپنۇرلۇق يولباشلىغۇچىلار ئىدى.


ordek.jpg




كروران قەدىمىي شەھرىنى بايقىغۇچى لوپنۇرلۇق ئۆردەك



بولۇپمۇ ئۆردەك بىلەن سېۋىن ھېدىننىڭ مۇناسىۋىتى ناھايتى يېقىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق يىللار داۋاملاشقانىدى. ئەڭ ئاخىرقى تىپىك لوپنۇرلۇقلارنىڭ بىرى بولغان ئۆردەك ئېكىسپىدىتسىيە داۋامىدىكى بىر بورانلىق كېچىدە يىتتۈرۈپ قويغان تۆمۈر گۈرجەكنى تېپىپ كېلىمەن دەپ مۈگدەپ ياتقان بىر شەھەر خارابىسىنى بايقايدۇ. بۇ دەل تەكلىماكان قۇملۇقى ئاستىدا ئون نەچچە ئەسىرلەپ ئۇخلىغان قەدىمكى كروران شەھىرى ئىدى! قەدىمكى كروران شەھرىنىڭ قايتا بايقىلىشى تارىم ئويمانلىقى ئېكىسپىدىتسىيىسىنى مىسلىسىز ئۇلۇغ دەۋىرگە باشلاپ كىردى. ئۆردەك- لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاخىرقى ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان قۇملۇقتىكى بۇ يول باشلىغۇچى ئاشۇ قەدىمىي شەھەرنى بايقىغان چاغدا، دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرپىدىكى ياۋرۇپا ئىلىم ساھەسىنىڭ زىلزىلىگەكېلىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتى. سېۋىن ھېدىن بۇ قېتىمقى تارىم ئويمانلىقى ئېكىسپىدىتسىيىسىنى مول نەتىجىلەر بىلەن تاماملاپ، قەشقەردە ئاخىرقى قېتىم ئۆردەك بىلەن كۆڭلى قىيمىغان ھالدا خوشلىشىدۇ ۋە ياۋرۇپاغا قايتىدۇ. ئۆردەكنىڭ قەدىمكى كروران شەھەر خارابىسىنى بايقىشى سېۋىن ھېدىنغا ئويلاپ باقمىغان شان-شەرەپلەرئېلىپ كېلىدۇ.


The author, with a mummy of an elderly woman (Grave 3).jpg



قەدىمى جەسەتلەرنى تەتقىق قىلىۋاتقان سېۋىن ھېدىن



1928-يىلى سېۋىن ھېدىن ئۈچىنچى قېتىم چوڭ بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىدۇ. ئۇ تۇرپاندا لوپنۇرلۇق سودىگەر توختىئاخۇندىن كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى قۇرۇق دەريا ئىزىغا سۇ كەلگەنلىكىنى  ۋە قۇم دەرياسى دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ. چۈنكى، ئەسلىدىكى قەدىمىي قۇرۇق ئېقىننىڭ ئورنىغا يېڭى دەريانىڭ پەيدا بولىشى لوپنۇر كۆلىنىڭ يەنە ئەسلىدىكى ئورنىغا كۆچكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى! سېۋىن ھېدىن دەرھال لوپنۇر ۋادىسىغا ئاتلانماقچى بولىدۇ، ئەممائۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان ۋاقتىدا ياۋرۇپاغا قايتىش ھەققىدە جىددىي تېلېگرامماتاپشۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز قول ئاستىدىكى كىشىلەرنى  لوپنۇر ۋادىسىغا بېرىپ تەپسىلىي تەكشۈرۈشكە قالدۇرۇپ، ئۆزى ياۋرۇپاغا قايتىدۇ.


1934-يىلى سېۋىن ھېدىن تۆتىنچى قېتىم، يەنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم لوپنۇرغا سەپەر قىلىدۇ، لېكىن بۇچاغدا شىنجاڭ ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئىچىدە قالغانىدى. سېۋىن ھېدىن باشچىلىقىدىكى ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتى خېيىمخەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ. بۇ ۋاقىىتا ئۇ 70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغانىدى. بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئۇ ئاللىقاچان قېرىپ بوۋاي بولۇپ قالغان ئۆردەك يەنە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدۇ! سېۋىن ھېدىن ئۆزىنىڭ "كۆچمە كۆل"ناملىق كىتابىدا بۇ قېتىمقى ئۇچىرىشىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: " قۇياش ئۇپۇق سىزىقىغا باش قويدى، دەريا يۈزىدىن قايتقان قىزغۇچ نۇرلار قۇمغاق ساھىلدىكى توغراق ۋە چاتقاللارنىڭ ياپىراقلىرىدا ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى. قېيىقنىڭ باش تەرپىدەئولتۇرۇپ پالاق ئۇرىۋاتقان سادىق تۇيۇقسىز توۋلىۋەتتى:







My rower, Sadik.jpg




قېيىقچى سادىق




_ ئۆردەك كەلدى!


مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ياۋا ئۆردەكنىڭ قايسى تەرەپتىن ئۇچۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرمەكچى بولدۇم. ئەمماكۆز ئالدىمدا ياۋا ئۆردەك ئەمەس، بەلكى قىرغاقتا ئىككى ئاتلىق كىشى ماڭا قاراپتۇراتتى. مەن دەرھال ئايرىلغىلى 30 نەچچە يىل بولغان لوپنۇرلۇق دوستۇم ئۆردەكنى تونۇدۇم، توۋا ئۇ راستىنلا ئۆردەك ئىدى! ئۇنىڭ چاچ-ساقاللىرى ئاقىرىپ بوي-بەستى مۈكچەيگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ساغلام ۋە تىمەن ئىدى.


مەن قېيىقنى قىرغاققا ھەيدەشنى بۇيرۇدۇم. ئۆردەك ئاتتىن چۈشۈپ، كېمىگە چىقتى ۋە كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان پېتى مېنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.


ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى ياش، تەمبەل ئۆردەك ئەمدىلىكتە قېرىغانىدى. يىللار ئۇنىڭ قاتاڭغۇر جىسمىغائۆزىنىڭ رەھىمسىز ئىزلىرىنى سالغانىدى. يۈزلىرىگە قورۇق چۈشكەن بولۇپ، ئاپئاقساقاللىرى مەيدىسىگىچە ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۈستىگە كونىراپ رەڭگى ئۆڭگەن چاپان كىيگەن، بېلىنى بەلۋاغ بىلەن باغلىغان، بېشىغا تېرە مالىخاي كىيگەن ئۆردەك ماڭائۇزۇن زامانلار ئىلگىركى لوپنۇرلۇقلارنى ئەسلەتتى.


_ ئۆردەك،بۇنىڭدىن 32 يىل بۇرۇن بىز خوشلاشقاندىن كېيىن، سەن كۈنلىرىڭنى قانداق ئۆتكۈزدۈڭ؟


_ ئۆزلىرىگەخىزمەت قىلغاندىن باشلاپ، ماڭا خۇدايىم رىزقىمنى بېرىپ كەلدى، يامان ئەمەس كۈن ئۆتكۈزدۈم، لېكىن ئۆزلىرىنى قايتا كۆرەرمەن دېگەن خىيالدىن ئۈمىد ئۈزگەنىدىم.


_ بىزنىڭ بۇيەرگە كەلگەنلىكىمىزنى قانداق ئۇقتۇڭ؟


_ بىر ئاينىڭ ئالدىدا يېڭى كۆل تەرەپتىن كەلگەن بىرسى ماڭا ئۆزلىرىنىڭ كورلىغا كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتتى. شۇندىن تارتىپ مەن ئۆزلىرىنى ئىزدىدىم. 32 يىل ئىلگىرى بىز قەشقەردەئايرىلىدىغان چاغدا، ئۆزلىرى ماڭا ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئىدىلە، مەن ئۆزلىرىنى كۈتتۈم، ساقلىدىم، لېكىن قايتىپ كەلمىدىلە، ئىلگىرى ئۆزلىرىگە ئىشلىگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى، بۈگۈن دىدار كۆرۈشتۇق، مېنىڭ كۆڭلۈم ئاخىر ئەمىن تاپتى!


ئۆردەك 1899-يىلى11-ئايدىن باشلاپ ماڭا يول باشلىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەنىدى. ئۇ ماڭا ئەگىشىپ يېڭىكۆلدىن چەرچەن تاتىراڭغىچە بولغان تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىگەقاتناشقانىدى. 1900-يىلى3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆردەك تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، توساتتى نقەدىمكى كروران شەھەر خارابىسىنى بايقىغانىدى ۋە مېنى ئويلاپ باقمىغان مۇۋاپىقىيەتلەر بىلەن تەمىنلىگەنىدى. 1901-يىلى تىبەت ئىگىزلىكىدىكى لاساغا قىلغان سەپىرىمگىمۇ يول باشلاپ ماڭغانىدى.تىبەت ئىگىزلىكىدىكى بىر بورانلىق كېچىدەكۈزەتچىلىك قىلىۋاتقان ئۆردەكنىڭ چېدىرىمغا ئۈسۈپ كىرىپ، مېنى ئۇيقۇدىن ئويغىتىپ"بىر ئادەم كەلدى" دېگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە.


مەن 1901-يىلى12-ئاينىڭ 29-كۈنى قەشقەردە يول باشلىغۇچۇم ئۆردەك بىلەن خوشلاشقانىدىم. ئۇ مېنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا قىلغان ئېكىسپىدىتسىيە ھاياتىمدىكى ئەڭ سادىق بۇرادىرىم ئىدى.


مانا بۈگۈن قېيىقچى سادىقنىڭ "ئۆردەك كەلدى" دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئالدىمدا ماڭاقاراپ تۇرغان كونا ھەمراھىم ئۆردەكنى كۆرگىنىمدە، ئۇنىڭ بىر زامانلاردا تىبەت ئىگىزلىكىدە قۇلىقىمغا ھۇدۇقۇش ئىچىدە پىچىرلىغان "بىر ئادەم كەلدى"دېگەن سۆزى ئېسىمگە كەلدى. يىللار بىزنى قېرىتقانىدى، بىز ئۇزاققىچەبىر-بىرىمىزدىن كۆز ئۈزمەي قاراپ كېتىشتۇق.


ئۆردەكنىڭ قېشىدىكى يەنە بىر ئاتلىق يىگىت ئۇنىڭ ئوغلى سادىق ئىكەن. بىز قەشقەردە ئە ڭئاخىرقى قېتىم ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆردەك لوپنۇرغا قايتىپ كېلىپ توي قىپتۇ.يېڭىكۆلنىڭ ئاياغ تەرپىدىكى چارا دېگەن جايدا قۇمۇش ساتما تىكىپ، بېلىقچىلىق ۋەئوۋچىلىققا تايىنىپ ياشاپ كەپتۇ". (9)



s servant Kasim and the splendid fish of Tarim.jpg




لوپنۇر كۆلىدىن چىققان لوخا بېلىق


سېۋىن ھېدىن يەنەمۇنداق يازىدۇ: " ئۆردەك بۇ قېتىم يەنە بىزنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىمىزگە قوشۇلدى.ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ بىر قانچە يىللار ئىلگىرى بىر مۇنچە شەھەر خارابىلىرىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئۆيلەر ۋە بۇتخانىلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. بىزقىزىقىپ دەرھال ئۆردەكنىڭ ئارقىسىدىن ئاتلاندۇق، لېكىن شۇنچە ئىزدەپمۇ ھېلىقى نامەلۇم شەھەر خارابىسىنى  تاپالمىدۇق.ئۆردەك يەنە نۇرغۇن خارابىلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە سۆزلەيتتى-يۇ، ئەمما زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ دەپ بېرەلمەيتتى. بىز شۇ چاغدىلا ئۆردەكنىڭ روھ ىكەيپىياتىنىڭ بىر خىل خاتا تۇيغۇ ۋە بىنورماللىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۇق. ئۆردەك راستىنلا قېرىغانىدى! ئۇنىڭ 1900-يىلىدىكى جاسارىتى ۋە ھۆكۈم ئىقتىدارىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. خاتىرىسى خېلىلا چېكىنگەن بولۇپ، خىيالىي تۇيغۇبىلەن رىياللىقنى ئارلاشتۇرۋېتىدىغان بولۇپ قالغانىدى.


مەن شۇنداق قىلىپ ئۆردەك بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلاشتىم، شۇندىن باشلاپ ئۇنى قايتا كۆرمىدىم.كېيىن بېگماندىن ئاڭلىسام ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلىرى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپتۇ. مەن ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە كەتكەندە ئۆردەكمۇ ئەتىرەتتىن ئايرىلىپتۇ.


Bergman and the author, at Kum-daria. In the canoe of Georg Soderbom.jpg



ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە سەپىرىدە سېۋىن ھېدىن ئارخىلوگ بېرگمان بىلەن بىللە



بىر كۈنى ئۇ تىكەنلىكتىكى بىر بەگنىڭ ئۆيىگەبېرىپ ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىگە ئۇن-گۈرۈچ لازىملىقىنى، پۇلنى كېيىن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بەگ ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ بىر مۇنچە ئۇن-گۈرۈچ بېرىپتۇ.لېكىن ئۆردەك بۇ نەرسىلەرنى ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىگە بەرمەي ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. كېيىن بۇ ئىش ئاشكارلانغاندىن كېيىن، ھېلىقى بەگ قاتتىق غەزەپلىنىپ ئۆردەكنى قولغا ئالغۇزىۋېتىپتۇ.


بىچارە ئۆردەك!ئەسلىدە مەن ئۇنىڭ بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشمىگەن بولسام ياخشى بولاركەن. چۈنكى،ئۇنىڭ بۇ قېتىم ماڭا بەرگەن تەسىراتى بۇرۇنقىغا زادىلا ئوخشىمىدى، بۇنى پەقەت بىزنىڭ دوستلىقىمىز جەريانىدىكى كىچىككىنە بىر كېلىشمەسلىك دېيىشكىلا بولاتتى،خالاس! مەن مۇشۇ ئىش تۈپەيلى 1900-يىلىدىكى تەكلىماندا ئۆردەكنىڭ ماڭا قالدۇرغان گۈزەل خاتىرلىرىنى ھەرگىز، ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ كېتىشنى خالىمايمەن....!" (10)




In March 1900, my caravan traveled through the riverbed of Kuruk-daria, which ha.jpg




قۇرۇق دەريانى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاتلانغان كارۋان



6



شۇندىن بۇيان سىرلىق لوپنۇر ۋادىسىغا ئەجنەبىي تەۋەككۈلچىلەر قايتا كەلمىدى، بىر مەھەل قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقى ئېكىسپىدىتسىيەقىزغىنلىقى ئاخىرلاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايۇنىنىڭن تېنچسىز سىياسىي ۋەزىيىتىمۇ بۇ دولقۇننى توسۇپ قويدى.


لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى بەس –مۇنازىرىلەر شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. لوپنۇرلۇقلارمۇ ئانا كۆلنىڭ تەدىرىجىي قۇرۇپ كېتىشىگە ئەگىشىپ تارىم ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى تەرەپلەرگە كۆچۈپ كېتىشتى ۋە تېرىم ئىگىلىكىنىڭ قوينىغا سىڭىپ كەتتى.


ئەمدىلىكتەلوپنۇر كۆلى ۋە بۇ يەردە ياشاپ كەلگەن قەدىمكى لوپنۇرلۇقلار رىۋايەتكە ئايلاندى.ئابدال، قاراقۇرچىن قاتارلىق سىرلىق كەنتلەر، قۇمۇش ساتمىلار، دىماغقا گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان بېلىق پۇراقلىرى ھەم رىۋايەتكە ئايلاندى. كۈنچىققانبەگ،توختىئاخۇن ۋە ئۆردەك قاتارلىق ۋۇجۇدى تارىم ئويمانلىقىنىڭ يىراق ئۆتمۈشىگەتۇتىشىپ كەتكەن ئەڭ ئاخىرقى لوپنۇرلۇقلارمۇ رىۋايەتكە ئايلاندى....


Our rowers gathered around the grave (No.3), May 7.jpg



3-نۇمۇرلۇق قەبرىستانلىق ئەتىراپىغا توپلانغان لوپنۇرلۇق قېيىقچىلار



لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرىقى بۇرجىكىدىكى ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى بۇ يەردىكى ئىنسانلارنى چۆچۈتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چارە-تەدبىرلەر ئۇزاققىچە ئەمەلىيلەشمىدى. تارىمدەرياسىنى بويلاپ، ھەسسىلەپ ئۆزلەشتۈرۋالغان بوز يەرلەر بۇ ئەزىم دەريانىڭ ئەسىرلەر بويى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان تىنىقىنى بارغانسىرى سۇسلاشتۇرۇپ باردى. ئۇنىڭ تۆۋەن ئېقىمى لوپنۇر كۆلى تۇرماق، كېيىن بىنا بولغان تىكەنلىك يېزىسىنىڭ نېرىقى يېقىغىچىمۇ يېتىپ بارالمايدىغان بولدى. يەر ئىسلاھاتى، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش، بوزئېچىش دولقۇنلىرى داۋامىدا، تارىم دەرياسىنىڭ لوپنۇرغىچە ئېقىپ بارىدىغان بۆلىكى ۋە مۇشۇ ئەتىراپتىكى پايانسىز توغراقلىق ئاستا-ئاستا ۋەيران بولدى. قۇم بورانلىرى يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ بوستانلىقلارغا بېسىپ كىردى ۋە كىشىلەرنى بارغانسىرى ئويمانلىقنىڭ گىرۋىكىگە سۈرۈلۈشكە مەجبۇر قىلدى. 80- يىللاردىن بۇيانقى ئىسلاھاتۋە ئېچىۋېتىش دولقۇنلىرى بۇ يەرگە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ مۇرەسسەسىزئېقىمىنى ئېلىپ كىردى. لوپنۇرلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئەسىرلەر بويى تارقىلىپ كەلگەن بېلىق پۇرىقىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە كۆزى قىيمىغان ھالدا، ئۆز ئۆتمۈشىگە ئەلۋىدا دېيىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمدى ئۇلار لوپنۇر كۆلى ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن تەبىئىي ھاياتىنى مەڭگۈ كۆرەلمەيدۇ، قۇمۇش ساتمىلاردا چۈشىگەن كروران چۈشىنى مەڭگۈئەسلىيەلمەيدۇ. خۇددى سېۋىن ھېدىن لوپنۇردىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە يازغان خاتىرسىدە يازغىنىدەك: " ئەمدى بۇ يەردە كارۋانلار قايتا كۆرۈنمەيدۇ، قاتارتىزىلىپ بارخانلار ئۈستىدە ماڭىدىغان تۆگە كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما سادالىرىمۇياڭرىمايدۇ. پوچتا ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق يولۇچىلارنىڭ ئاياغ تېۋىشلىرىمۇئاڭلانمايدۇ. ئىلگىركى ھەممە كۆرۈنۈشلەر بىر-بىرلەپ غايىب بولىدۇ. شۇنداق ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ سۈر-ھەيۋىسى بىلەن ماشىنا، تېخنىكىلىرىنىڭ سۈرەن- چۇۋقانلىرى يېقىن كەلگۈسىدە بۇ يەردە تارىخنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە شېئىرىي تۇيغۇنى كەلمەسكە ئېلىپ كېتىدۇ!... (11)


Sattma, a hut made of reed, at Dilpar.jpg




لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاددىي قۇمۇش ساتما ئۆيلىرى


مانا بۇ لوپنۇركۆلىنىڭ سىرلىق تەزكىرىسى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ھېكايىسى، كۆچمەكۆلنىڭ رىۋايىتى... بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسىدىكى تارىملىقلار مانا مۇشۇ كۆزنەكتىن ئۆزىنى تونۇيدۇ ھەمدە كېلەچەكنىڭ شولىسىنى كۆرىدۇ!




At the mouth of Tjertjen-daria (1900).jpg




چەرچەن دەرياسىدىكى تەكشۈرۈش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش



ئىزاھاتلار



(1) (2) (3)نېكولاي پىرژىۋالىسكى:" لوپنۇرغا سەپەر"، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1999-يىل خەنزۇچە نەشرى، 160-، 116-، 118-، 119-بەتلەر.


(4) گابرېل بونۋالوت: (فىرانسىيە)، "ئادەمسىز جەزىرىنى كېسىپ ئۆتۈش"، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى خەنزۇچە نەشرى. 99-،100-بەتلەر.


(5) (6) (7) (8)نېكولاي پىرژىۋالىسكى، يۇقىرىقى ئەسەر 123-، 262-، 263-، 284-، 132-، 145-، 137-،138-بەتلەر.


(9) (10) (11)سېۋىن ھېدىن: "كۆچمە كۆل"، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل خەنزۇچەنەشرى، 17-، 20-،52-، 54-، 122- بەتلەر.



مەنبە:"مىراس"ژورنىلى 2001يىلى 6-سان


سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى: پىرژىۋالىسكىنىڭ "لوپنۇرغا سەپەر"، سېۋىن ھېدىننىڭ "كۆچمە كۆل" ناملىق كىتابلىرى


تورغا يوللىغۇچى: لوپنۇرى


يازمىنىڭ توردىكى مەنبەسى: لوپنۇرى تور خاتىرسى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-6 01:04 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabirjan + 20 نېمىشقا تاقايدۇ؟
salman888 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 12:39:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەڭ دەسلەپ دوكتور ئەسئەت سۇلايماننى تارىم ژۇرنىلىغا بېسىلغان «كېرورەن گۈزىلى»ناملىق پوۋېستىنى ئوقۇش ئارقىلىق تونۇغان،ئۇچاغدا بۇ پوۋېستنى ئىككى بۆلەك قىلىپ بېسىپ تىكەن ،مەن بىرىنچى بۆلۈكىنى ئوقۇپ، ئەسەرنىڭ ئىچگە كىرىپ كېتىپتىكەنمەن. پوۋېستنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىنى 2يىللاردىن كېيىن ئاندىن ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالىدىم، مەن شۇ چاغلاردىن  باشلاپ ئەسئەت سۇلايماننىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان ئىدىم،دوكتۇر ئەسئەت سۇلايماننىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلغان بارلىق ئەسەرلىرنى ئاساسەن ئوقۇپ چىقتىم.
ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەن دوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ ھەر بىر ئەسىرىنى ئوقۇسا .خۇددى سۇغا تەشنا بولۇپ ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ كەتكەن ئادەم. سۇنى ئىچىپ باغرى تەشنالىقتىن قانغاندىكى ھېسياتقا كېلدۇ.
دوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادى ئەمگەكلىرىنىڭ تېخىمۇ نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7484
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 12:57:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لوپنۇر--------ئاجايىپ سېھىرلىك  ماكان-دە بۇ.رەخمەت قېرىندىشىم جاپا چېكىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 01:13:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ساياھەت قىلغۇم بار لېكىن ھازىر ماڭا پۇل مۇھىمراق.ئاللاھ خالىسا نۇسرەتتىن كىيىن بېرىپ ئەجداد ئىزلىرىنى كۆرۈپ كېلىمەن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88897
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 688
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 01:31:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىسىل يازما ، مۇشۇنداق تىمىلارنى نادىرلاشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەلەپ قىلىمەن.
لوپنۇرى ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر. تەكلىماكان،تارىم  بۇ ناملارنى بۇ زىمىننى يەنە مىڭ يىل تەتقىي قىلسىمۇ ئەرزىگۇدەك مۇقەددەس زىمىن،ئۇيغۇر روھىنىڭ يىلتىزى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5281
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7865
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2022 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 01:41:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ  ئەجىر  قىپسىز   ،   رەھمەت...

يېڭى   توغۇلغان  مۇزاي  يولۋاستىن  قورقىماپتۇ   دېگەندەك ، دەسلەپتە يېڭى  سودىغا
كىرىشكەن  ۋاقتىمدا؛  تەجرىبىسىزلىكىم    ، باشقىلارغا  ئالدىراپ  ئىشىنىپ قالدىغان
ئاجىزلىقىم  تۈپەيلى   ئۆزۈمنىڭ  يىغقانلىرى ۋە  تۇنۇشلاردىن  قەرىز ئېلىپ مال
كىرگۈزگەن  ئىدىم  .   
ئەمما ، مەن سىناپ كۆرۈپ ئالغان مال بىلەن ساندۇقلاردىكى مالنىڭ تاش قېپى ئوخشاش
ئەمما  سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلدى . كىيىن مەن مال  ئالغان خىتتاي بىلەن ئوتتۇرىمىزدا
توختام بولمىغاچقا  ئۇ   سولتەك  گېپىدىن   يېنىۋالدى  .  
ئۇ   ماللارنى   ئالغان  باھادا   يېزا  بازارلىرىدا   سېتىۋىتىپ   زىينىمنى  تۆلىۋالماقچى
بولدۇم  .   لىكىن   كىمگە   ساتىمەن  ؟  ئۆزۈمنىڭ   ساددا  قېرىنداشلىرىنى ئالداشقا
ۋىجدانىم   يول  قويماي  ،  ھەممىسى   ئۇرۇپ   چېقىۋەتتىم .  كۆيدۈردۈم  .
كۆپ  ئۆتمەي  قەرىز  ئىگىللىرى   قەرىز   سۈيلەپ  ئولتۇرغىلى  قويماي  
ئات  بېشىغا  كۈن  چۈشسە  ئىگەر  بىلەن  سۇ  ئىچەر  ، ئەر بېشىغا كۈن چۈشسە ئۆتۈك
بىلەن سۇ كېچەر   دېگەندەك  كورلىلىق  بىر  دوستۇمنى   پاناھ  تارتىپ  كورلىغا باردىم .
مىنى  ياخشى  كۈتۈۋالدى  ،  مىھمان  قىلدى  .  بەزى  يەرلەردىن  ئىش  ئۇقۇشۇپ  بەردى .
ئەمما  ،  پۇلى  تۆۋەن  كۆرۈپ قىلغۇم  كەلمىدى  .   كۆپرەك  كۈچ   تەلەپ قىلسىمۇ
كۆپرەك  پۇل  تاپقىلى  بولىدىغان   ئېغىر  ئەمگەك  قىلاي  دېدىم  .
شۇنىڭ  بىلەن  كورلىلىق   ئوۋچى  ۋە  چۈچۈك  بۇيا   يىلتىزى  كولايدىغان كىشىلەرگە
مىنى  قوشۇپ  قويدى  .  كورلىدىن     ئىككى  كۈن   نېفىتلىكنىڭ  قۇملۇقتا  مەخسۇس
ئىشلىتىدىغان  ماشىنىسىغا  ئولتۇرۇپ  تاغلىق  ،  جىرا  ـ  قۇملۇقلارغا  ئىچكىرلەپ
كىرىپ  كەتتۇق  .  بىر  يەرلەرگە  كەلگەندە يول باشلىغۇچى ، بۇ  كىروران قەدىمى شەھرى
قوغدىلىنىدىغان  رايۇن دەپ تۇنۇشتۇردى .  چەكسىز   چۆل  ـ  جەزىرلىرىلەر  ،  ئادەمسىز
رايۇنلار  ھەر خىل ياۋا  تۆگە  ،  كىيىكلەر   توپلىشىپ  يۈرىيدىغان   بىر  جىلغىغا  
ئورۇنلاشتۇق .   ئۇ  يەرلەردە   ئىلگىرى  ئۇرۇش  بولغان  ،  ھەربىي  مەشىق قىلغانمىكىن
دەپ  جەزىملەشتۈردۈم  .  ھەر  خىل    پوتەي  ،  ئايرۇپىلان  پارچىللىرى ،  ئوق  بېشى
دېگەندەك  نەرسىلەر  ئۇچراپ  تۇرىدىكەن .     بىر   ھەمرايىمىز   تاشتىن  ياسالغان
بىر  پالتا  تېپىۋىلىپ   نەچچە  مىڭ  يۈەنگە   ساتتى  .  
ئوۋچى  ھەمرالىرىمىز   قاپقان  قۇرۇپ   كۈندە  نەچچە  كىيىك  تۇتاتتى .  كىيىك
گۆشىدىنمۇ   زېرىكىپ  كەتكەن  ئىدىم  ...  
ئۇ  قەدىمى   يۇرىت   ماڭا   ئاجايىپ  تەسىرلەرنى  قالدۇردى  .   قۇرۇپ  كەتكەن
دەريا  ئېقىنلىرى  ،  تاشلىۋېتىلگەن  يۇڭ  يىپ   دېگەندەك  نەرسىلەر  ئۇ  يەردە
ئىلگىرى  ئادەم   ياشىغاندىن دېرەك  بېرەتتى .   
ئادەمنىڭ   يوتىسىدەك  ،  بىلىكىدەك   چۈچۈك   بۇيا  يىلتىزلىرىنى كولىغان ئىدۇق .
كىيىك  گۆشىدە قورۇما تەييارلاپ  ئىنچىكە   سۇزۇپ   لەغمەن ئېتىپ  بېرەتتىم .
ئۇلارمۇ  ماڭا  ئامراق  بولۇپ  قالغان  ئىدى .  
ئۇ  يەرلەردە   قۇرۇپ  كەتكەن  توغراقلارنىڭ  كۆپلىكىدىن   ئادەم  ماڭغىلىمۇ
بولمايدىكەن  .
ئاخشىمى گۈلخان يېقىپ جىمجىت  دالادا  كىيىك كاۋىپى يىيىش بەك ھوزۇركەن.
نېمىشقا   فوتۇ  ئاپپىراتى  ئېلىۋالمىغاندىمەن  دەپ  پۇشايمان  قىلدىم .
تەبىيئى   مەنزىرلىرىلەر   كىشىگە   ئالەمچە  زوق  بېغىشلايدىكەن .  بەزىدە
قەدىمىي  شەھەرلەردىن   بايلىق  ئىزلەۋاتقانلارنى  ئۇچراتقىلى  بولىدىكەن .
شۇنداق  يەرلەردىن  بىرەر  كۇمزەك   ئالتۇن  ،  يا  بىرەر  ئەسكى   چاپان
تېپىۋالسا   بىر  ئۆمۈر   يېتىپ  يېسىمۇ  يېتىدۇ  .  ئىشقىلىپ  پۇل  بولسا
نېمە  قىلسا  قىلغىلى  بولىدۇ  ...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-6 02:15 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 02:26:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت...............لوپنۇرى،بىز ئۈچۈن جاپار چىكۋاتىسىز.........ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم،

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96575
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2014-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 04:45:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ناھايىتى ئىسىل ئەسەردىن بىرنى ئوقۇدۇم. ئاپتۇرنىڭ ئەجرىگە رەخمەت.
    مەندە يېشى يۈز ياشتىن ئاشقان ئىككى لوپنۇرلۇق بوۋىمىزنىڭ سبرىتى بار ئىدى. ئىنكاس سۈپىتىدە يوللاپ قۇياي دەپ شۇنچە ئىچىشىپ پەقەتلا يوللىيالمىدىم.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 11:49:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما ئىكەن، لوپ كۆلى، لوپنۇرلۇقلار ھەققىدە خېلى تەپسىلى توختىلىپتۇ. بۇرۇندىن ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مىراس زىمىن لوپ كۆلى ۋە لوپنۇرلۇقلارغا ئائىت ماتېرىياللارنى خېلى كۆپ كۆردۈم، بىراق ئۆردەكنىڭ ئالداپ ئاشلىق ئالغانلىقى، يەرلىك بىر كىشىنىڭ ئەجنەبىلەرنىڭ نەرسىنى ئوغرىلىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ماتېرىيال ئۇچراتمىغان ئىدىم. سىۋىن ھىدىننىڭ ئۇ خاتىرىسىگە كېيىن قوشۇپ قۇيۇلغانمۇ نېمە؟ يەنە كۈنچىققانبەگكە ئەينەك سوۋغا قىلغانلىقى ھەققىدىمۇ ئاڭلاپ باقمىغانىكەنمەن.  كروراندىكى ئىزچىلار ناملىق روماندا  روسىيەلىك پىرژىۋالىسكى، ئەنگىلىيەلىك ستەيىن، شىۋىتسىيەلىك سىۋىن ھىدىننىڭ لوپنور ۋادىسىدىكى زىيارەتلىرى خېلى تەپسىلى بايان قىلىنغان. بۇ كىتابنى كۆرۈپ باقمىغانلارغا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.

يېرىم يىل ئىلگىرى مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان 《غورورنامە》 ناملىق كىتابنى نەشىردىن چىقىشىغىلا سېتىۋالغانىدىم بۇ كىتابتا ئاپتور ئۆردەكنى كۈنچىققانبەگنىڭ ئوغلى دەپ يېزىپتۇ.  تەھرىر بىخەستلىك قىلىمۇ ياكى ئاپتورمۇ تازا بىلەلمىدىم.
لوپنور كۆلىنىڭ زامانىمىزغا كەلگەندە قۇرۇپ كېتىشى، تارىم دەرياسىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېقىن ئۈزۈلىشىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى، سۇ مەنبەسىنىڭ ئازلىشى، تارىمدىكى توغراقلارنىڭ نالە زارلىرى ھېچكىم قۇلىقىغا كىرمەيۋاتىدۇ.
بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تارىم دەرياسىنىڭ ئارال، ئاقسۇ تەۋەلىكىدىكى ئېقىنلىرىنى، كۆنچى دەرياسىنىڭ پۇخۈي يېزا بازىرىدىن قومۇشقۇتان تەۋەسىگىچە بولغان ئېقىنلىرىنى ئايلىنىپ كەلدىم. بىھۇدە ئېچىلغان تېرىلغۇ يەرلەر، قۇرۇۋاتقان توغراقلىق، ھەر يۈز مېتىردا بىردىن سۇ تارتىش ئۈسكىنىسى (دەريا سۈيى ناھايتى ئاز، يەر يۈزىدىن تۆت بەش مېتىر تۈۋەن بولغاچقا ئۈسكىنە بولمىسا تېرىلغۇ يەرلەرنى سۇغارغىلى بولمايدىكەن)كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدىكەن. نەچچە يۈز مو يەر تېرىيدىغان بەسەي ئاكىلىرىمىز قانچىلىكسۇ ھەققى تاپشۇرىدىغاندۇ،  قۇملۇقتىكى توغراقلىقلار قاچانغىچە قاقشال پېتى تۇرىدىغاندۇ ؟

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5281
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7865
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2022 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 11:58:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلشاھ يوللىغان ۋاقتى  2013-8-6 11:49 PM
ياخشى تېما ئىكەن، لوپ كۆلى، لوپنۇرلۇقلار ھەققىدە خېلى  ...


مۇشۇ   خەقنىڭ   گېپى  ئوڭ  بولۇپ  كېتىۋاتسا   ،  بىز  نېمە  قىلايىتتۇق  ؟  بۇنداق
ئەھۋال ھەممە   يۇرىتتا   بار  .   
تەبىيئىي   ئورمان  ،  يايلاقلارنى قوغدايلى دېگەن پەقەت قۇرۇق شۇئاردىن ئىبارەت .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-6 11:59 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش