ھەسەتخورنىڭ ئاقىۋىتى
بۇرۇنقى زاماندا بىر ئەقىللىق ئادەم بولغان ئىكەن، ئۇ ئادەم ھەر كۈنى ئۆز يۇرتىنىڭ پادىشاھىنىڭ ئالدىغا كىرىپ ھۆرمەت بەجا كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ تۇرۇپ‹‹ياخشىلىق قىلغۇچىغا ياخشىلىق قىل ، ھەقىقەتەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ يامانلىقى پات ئارىدا ئۆزىگە قايتىدۇ›› دەپ چىقىپ كېتىدىكەن .
كۇنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئادەمنىڭ پادىشاھ ئالدىدكى ئورنىغا ۋە سۆزىگە بىر ئادەم ھەسەت قىپتۇ ۋە ئۇ ئەقىللىق ئادەم توغىرىسىدا پادىشاھقا گەپ توشۇشقا باشلاپتۇ ۋە پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ ‹‹ھەقىقەتەن بۇ ئادەم پادىشاھنىڭ تىنىقى سېسىق بۇرايدىكەن دەپ بلجىرلاپ يۈرۈپتۇ›› دەپتۇ.
پادىشاھ قانداق ئىسپاتلىغىلى بولىدىغانلىغىنى سورىغاندا يول كۆرسىتىپ ‹‹سىلە ئۇنى چاقىرىپ كۆزەتسىلە ئۇ سىلىگە يېقىن كەلگەندە سىلىنىڭ تىنىقلىرىنى بۇراپ قالماسلىق ئۈچۈن قولىنى بۇرنىغا قويۇۋالىدۇ›› دەپ چىقىپ كېتىپتۇ ۋە ھېلىقى ئەقىللىق ئادەمنى ئۆز ئۆيىگە زىياپەتكە چاقىرىپ سامساقنى كۆپ توغىرىغان تاماق بىلەن مېھمان قىپتۇ .
ئەقىللىق ئادەم ئۇ ئادەمنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپتۇ،ۋە پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئادىتى بويۇنچە سۆزلىرىنى تۈگۈتۈپتۇ ، پادىشاھ يېقىن كەل! دەپتۇ ئۇ ئادەم ئۆزىدىكى سامساقنىڭ بۇرىغى بىلەن پادىشاھقا ئازار بېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ قولىنى ئاغزىغا قويۇپ يېقىنلىشىپتۇ .
پادىشاھ كۆڭلىدە گەپ توشۇغۇچىنىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلاپتۇ ، پادىشاھ ئادەتتە چوڭ مۇكاپاتلار ئۈچۈنلا ئۆزى خەت يازىدىكەن .
پادىشاھ، مۇشۇ خەتنى ئېلىپ بارغان ئادەمنى بوغۇزلاپ تېرىسىنى سويۇپ ئىچىگە سامان تولدۇرۇپ ئۆزىگە ئەۋەتىش توغىرىسىدا پەرمان نامە يېزىپ ئەقىللىق ئادەمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ خىزمەتچىسىگە ئەۋەتىپتۇ .
ئەقىللىق ئادەم خەتنى قولىغا ئېلىپ پادىشاھنىڭ ھوزۇرىدىن چىقىشىغا ھېلىقى گەپ توشۇغۇچى ھەسەتخور ئۇچراپتۇ ۋە پادىشاھنىڭ پەرمان نامىسىنى كۆرۈپ،ئۆزىگە بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ تۈرلۈك خۇشامەتلەرنى قىلىپ قولىغا ئاپتۇ ۋە خەتنى پادىشاھنىڭ خىزمەتچىسىگە ئاپىرىپتۇ.
خىزمەتچى ‹‹سىەن كۆتۈرۈپ كەلگەن بۇ پەرماندا سىنى بوغۇزلۇشۇم ۋە تېرەڭنى سويۇشۇم بۇيرۇلۇپتۇ›› دەپتۇ.
ھەسەتخور، ياق ئۇ مىنىڭ ئەمەس مەن ھەققىدە بۇيرۇلغان پەرمانمۇ ئەمەس مەن بۇ ئىشتا پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا بىر قايتىشىم كېرەك دەپتۇ .
خىزمەتچى، ‹‹پادىشاھنىڭ پەرمانىنى قايتۇرغىلى بولمايدۇ ›› دەپ ئۇنى بوغۇزلاپ، سويۇپ تېرىسىگە سامان تولدۇرۇپ پادىشاھقا ئەۋەتىپتۇ.
ئەتىسى ئەقىللىق ئادەم ئادىتىنى داۋام قىپتۇ،
پادىشاھ ئۇنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ ‹‹پەرمانىمنى نېمە قىلدىڭ›› دەپ سوراپتۇ .
ئەقىللىق ئادەم، پالانى ئۇچراپ پەرماننى ئۆزىگە بېرىشىمنى ئۆتۈندى مەن ئۇنىڭغا بەردىم دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
پادىشاھ ،‹‹ئەلبەتتە ئۇ پالانى سىنىڭ مىنى، تىنىقى بۇرايدىكەن، دىگەنلىكىڭنى ئېيتقان ئىدى›› دىگەندە، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس دەپتۇ ئەقىللىق كىشى .
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن قولۇڭنى بۇرنۇڭغا قويۇۋالىسەن دەپتۇ پادىشاھ ،
ئەقىللىق ئادەم، ‹‹مىنى ھېلىقى ئادەم سامساق سېلىنغان تائام بىلەن مېھمان قىلغان ئىدى ، مەن سىلىنىڭ سامساقنى بۇراپ قېلىشلىرىنى ياقتۇرمۇدۇم ›› دەپتۇ.
پادىشاھ ، ‹‹ئورنۇڭغا قايت ھەقىقەتەن راست گەپ قىپسەن، يامانلىق قىلغۇچىنىڭ يامانلىقى ئۆزىگە قايتتى ›› دەپتۇ.
(سەۋىيەمنىڭ تولىمۇ تۆۋەنلىكىگە قارىماي يۇقىرىقى ھىكايەتنى«شىرئەتۇل ئىسلام »دېگەن كىتابتىن ئېلىپ تورداشلارغا سۇندۇم ).
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-6 03:02 AM