مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3202|ئىنكاس: 22

شائىر ئىبراھىم قۇربان ۋاپات بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6722
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1078 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 07:08:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شائىر ئىبراھىم قۇربان ۋاپات بولدى


2013-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شائىر ئىبراھىم قۇربان كېسەل سەۋەبىدىن ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە ۋاپات بولدى. ناماز پېشىندىن كېيىن  ناھىيە مەركىزىدىكى رەستە جامىئەسىدە نامىزى چۈشۈرۈلدى. مېيىتى ناھيىمىز تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىقلاردىن بىرسى بولغان قولتۇق قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى. شائىرنىڭ نامىزىغا ئۇچتۇرپان تەۋەسىدىكى  قەلەمكەشلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشتى.
      مەرھۇم شائىر ۋە دىراماتىروگ ئىبراھىم قۇربان 1942-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ يامانسۇ يېزىسىدا  تۇغۇلغان. 1958-يىلىدىن 2003-يىلىغا قەدەر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىلشىگەن.  شائىر ئۆز ئۆمرىدە 1000 پارچىغا يېقىن شېئىر يازغان بولۇپ، يازغانلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. «سۆيگۈ»،«توي تەنتەنىسى»،«تارىم ناۋاسى»،«سېنى ئۇنتالمايمەن» قاتارلىق كۆللىكتىپ شېئىرلار توپلىمىغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. باشقىلار بىلەن بىرلىكتە«گۈزەللىك ئىلھاملىرى»،«ئايرىلىش» قاتارلىق بىرلەشمە شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلىنغان. 1984-يىلى«يەتتە قىزلىرىم» ناملىق داستانى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. 2006-يىلى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن «تەڭرىتاغ پەرىشتىلىرى»ناملىق داستانلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە«ھەسرەت»،«ئۇچقۇن»قاتارلىق دىرامىلىرى ئېلان قىلىنىپ، «مۆلجەر تاغ بورانلىرى» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ يەنە «ئۇچتۇرپان خەلق قوشاقلىرى»،«ئۇچتۇرپان خەلقى چۆچەكلىرى»، «ئۇچتۇرپان خەلق ماقال-تەمسىللىرى» قاتارلىق ئۈچ توپلامنىڭ نەشىر قىلىنىشغا تېگىىشلىك تۆھپە قوشقان. شائىر ئاخىرقى ئۆمرىدە  دەم سىقىلىش، زىقچە كانەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەر بىلەن قازا قىلدى.
ئىبراھىم قۇربان جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ «12 مۇقام»ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ،  
شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
شائىرنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىمىز، ئائىلىسىدىكىلەرگە سەۋر ۋە ياخشىلىق تىلەيمىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-5 11:18 PM  


بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6722
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1078 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 07:08:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي.

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 07:17:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91263
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 428 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 07:19:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي، ئائىلىسىگە سەۋىر يار بولغاي.

ئى ئاللا، خاتالىق ئۆتكۈزسەم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارنى كەچۈرگىدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىن.

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10208
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2334 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 07:28:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18433
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6460
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 07:34:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ئامىن!

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 08:02:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5170
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1154 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 08:08:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىرنىڭ  قايتقان كۈنى ، قەدىر كېچىسىگە  توغرى كەپتۇ . اللاھ جەننەتتىن ئورۇن بەرگەي ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2890
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16635
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2554 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 08:23:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا بۇ ئۇستازنىڭ ئىمانىنى سالامەت قىلسۇن،ئۇلۇغ ئايلاردا ئۇنىڭ روھ قۇشى جان قەپىزىدىن ئايرىلىپتۇ،مەن ئۇنىڭ ‹‹تەڭرىتاغ پەرىشتىلىرى›› ناملىق داستانلار توپلىمىدىن بەھىر ئالغان....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95933
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 08:39:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى كۈنلەردە قايتىپتۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش