چاتاق چىقتى يۈرەكتىن كۈندە تەشۋىش كۈندە غەم،
يىقىلدۇردى كېسەللىك ئاجىز كەلدىم ئاشۇ دەم.
ياشىغۇم بار ئۇزاقراق قىلار ئىشىم تېخى كۆپ،
شىپاھ بەرگىن ئاللاھىم ئائىلەمنى قىلغىن جەم.
شىپاھ بەرگىن ئاللاھىم بەك قىينالدى بۇ جانىم،
يۈرىكىمنى قاماللاپ يامان بولدى بۇ ھالىم.
يىقىلىمەن تۇيۇقسىز ئاغرىقىغا چىدىماي،
يىغلىمايمەن دەيمەنۇ ھېچ توختىماس كۆز يېشىم.
ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل ھىيسىياتلىق يىللىرى،
ئەجەل مىنى مارىلاپ سالار جانغا تەھدىتنى.
ئۆز-ئۆزۈمنى ئالدايمەن كۈندە يالغان كۈلىمەن،
قانداق ئۆتەر ئانامنىڭ مەن يوق ئۆتكەن كۈنلىرى.
ئاكا
سىنى بەكمۇ سېغىندىم ئاكا،
چۈشلىرىمگە كىرىسەن پات-پات.
غېرىپسىنغان مىسكىن كۆڭلۈممۇ،
سىنىڭ بىلەن بولىدۇ ئاۋات.
ئاكا تىزراق قايتىپ كەلسەڭچۇ،
بەك سېغىندىم يولۇڭغا باقتىم.
ئەلبۇمدىكى سۈرەتلىرىڭنى،
سېغىنىشتا يۈرەككە ياقتىم.
ئاكا كەلسەڭ خۇشاللىق كۆپتۇر،
يىڭى بىر جان قۇشۇلدى بىزگە.
بەكمۇ ئۇماق ئۇماق بىر بۇۋاق،
نىسىپ بولدى ئائىلىمىزگە.
ئاكا تىزراق كەلسەڭچۇ يېنىپ،
جەم بولايلى ئائىلىمزدە.
ئۇلۇغ ھېيتمۇ كەپ قالدى مانا،
تەڭ كۈلەيلى قۇتلۇق كۈنلەردە.
-شاتيار-
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاتيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-5 01:32 PM