مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2773|ئىنكاس: 12

ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر قوللانغان يېزىقلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10806
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2009 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 07:40:25 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللانغان يېزىقلىرى


1. ئۇيغۇر تىلى




ئۇيغۇرلار مەملىكىتىمىزدىكى ئۇزۇن تارىخقا، پارلاق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ئىگە خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتلەردە ئۆز دەۋرىگە يارىشا خېلى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئەمگەكچان خەلقلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقىدەك ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى يۇغۇرۇپ ئۆزىگە خاس پارلاق مىللىي مەدەنىيەت ياراتقان.
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە مۇرەككەپ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تارىخ زىممىسىگە يۈكلىگەن ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن نەتىجىلىك چىقىپ،  دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا شانلىق تۆھپىلەرنى قوشۇپ تارىخ بېتىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان مۇنەۋۋەر خەلقتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمى، شەرىقى تۈرك تىلى تارمىقىغا كىرىدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمكى تىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئەزەلدىن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىنىڭ ئالاقە قورالى قىلىپ كەلدى، ئۇيغۇر تىلى بۇ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردىن ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىيتى بويىچە تەرەققىي قىلىپ، ھەر جەھەتتىن بېيىپ، تاكامۇللىشىپ، ئىلمىيلىشىپ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئەڭ نازۇك، ئىنچىكە، مۇرەككەپ، چوڭقۇر چۈشەنچىلەر ۋە ئۇقۇملارنى بىمالال گۈزەل تىل ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىپادىلەيدىغان، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىەە ماسلىشالايدىغان نەپىس، باي تىلغا ئايلىنىپ، تۈركىي تىللار ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇن تەرەققىي قىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى باي تىللارنىڭ بىرى بۇلۇپ شەكىللەندى. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىلادىينىڭ باشلىرىداىن 10-  ئەسىرگىچە ھەممە تۈركىي قەبىلىلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلانغانلىقى؛ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ 10- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلانغانلىقى؛ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ 14- ئەسىردىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە «چاغاتاي تىلى»، «قەشقەر تىلى» دېگەن ناملار بىلەن شەرىقى تۈركىي خەلقلارنىڭ ئەدەبىي تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەم سوتسىيالىستىك تۆتنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى يۇقىرىقى پىكرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ.

يېزىق – تىلنىڭ ئالاقە ۋاسىتىسىلىك رولىنى كېڭەيتىدىغان، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىنىڭ، پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋە بىر-بىرىنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىم ياردەمچى ۋاسىتىسى. يېزىق – ئىنسانىيەت جەمئىيىتى خېلى تەرەققىي قىلغان دەۋرنىڭ مەھسۇلى. ئۇ كىشىلەرنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەمدە مۇرەككەپلىشىۋاتاقن ئالاقە ئېھتىياجىنىڭ تەقەززاسىدىن پەيدا بولغان.
ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا، يۈكسەك يېزىق مەدەنىيىتىگە ئىگە خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتا ئۆزىنىڭ زور تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلگەن خەلقتۇر. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلىرىدە ھەر خىل سىستېمىدىكى يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى دەۋرمۇ دەۋر كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشىغان ھەر بىر تارىخىي دەۋردە ئۆز تىلىنى تولۇق ۋە توغرا ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆز زامانىسىدا خېلى ئىلغار ھېسابلىنىدىغان ئېلىپبەلىك يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ كەلدى. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىن، موڭغۇلىيىدىكى ئورقۇن دەرياسى ۋادىلىرى ۋە سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇرپان، جىمىسار، كۇچا، مارالبېشى، خوتەن، قارا شەھەر، چاقىلىق،  مىرەن قاتارلىق جايلىرىدىن ھەمدە گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرى ھەم دۇڭخۇاڭ قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار، مەڭگۈ تاشلارغا يېزىلغان تەزكىرىلەر، كلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى، پەن-مەدەنىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە ئائىت بولغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تېپىلىشى ئۇيغۇرلانىڭ قەدىمدىن تارتىپلا خېلى تەرەققىي قىلغان، پارلاق مەدەنىيەتكە، خېلى مۇكەممەل تەرەققىي قىلغان مىللىي تىلغا ھەم بۇ تىلنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئېلىپبەلىك يېزىققا ئىگە مەدەنىيەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىختىن بۇيانقى ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىدا قوللانغان يېزىقلىرى ۋە يۇقىرىقى جايلاردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدا ئىشلىتىلگەن يېزىقلار ھەققىدە ھازىر قولىمىزدا بار تەتقىق قىلىنىۋاتقان ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلاردىن قارىغاندا سوغدى يېزىقى، قارۇشتى يېزىقى، مانىي يېزىقى، براھمىي يېزىقى، ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى، توخرى يېزىقى، ساك يېزىقى، تۈبۈت (تىبەت) يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق ئون نەچچە خىل يېزىق قوللىنىلغان. بۇلاردىن مەلۇم تارىخىي شارائىتتا مەلۇم قەۋم ئارىسىدا مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم دائىرىدە ئىشلىتىلگەن يېزىقلارمۇ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭدەك قوللىنىلىش دائىرىسى خېلى كەڭ، قوللىنىلغان ۋاقتى خېلى ئۇزۇن پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان يېزىقلارمۇ ئۇچرايدۇ. يۇقىرىقىلاردىن قوللىنىلىش دائىرىسى كەڭ، قوللىنىلغان ۋاقتى ئۇزۇن ھەمدە ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا، ئورتاق قوللىنىلغان، تەسىرى چوڭراق، ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ پەن-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان يېزىقلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

2. ئۇيغۇر يېزىقلىرى




1. سوغدى يېزىقى


شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن، جۈملىدىن تۇرپان ناھىيىسىنىڭ يالقۇنتاغ يېزىسى، قاراغۇجا (قاراقۇجۇ) مەھەللىسىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قانچە قەدىمكى قەبرىدىن جەسەت بىلەن بىللە تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىچىدە تارشىغا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا سوغدى يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن خاتىرىلەر تېپىلدى. ئارخېئولوگىيە ئىلمى ۋە تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ دەلىللىشىگە ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى 4-5 ئەسىرلەردە قوللانغان.

2- ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى


جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرى بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى موڭغۇلىيىدىكى ئورقۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن ھەم سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغاچقا، تېپىلغان ئورنىغا قاراپ ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى دەپ ئاتىغان. شۇ ۋاقىتتا بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن ئاساسىي خەلقنىڭ نامىغا قاراپ قەدىمكى تۈرك يېزىقى، كۆك تۈرك يېزىقى دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان. بۇ يېزىق يەنە شەكىل جەھەتتىن شىمالىي ياۋروپادىن تېپىلغان قەدىمكى گېرمانلار ئىشلەتكەن رونىك يېزىقىغا ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان. شۇنداقلا تۈركىي خەلقلار بۇ يېزىقنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن يېزىق بولغاچقا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى يېزىق دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ يېزىقنىڭ ئەسلى دولبارچىن يېزىقى دەيدىغان نامىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات بىزگە كېيىنرەك مەلۇم بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يېزىقنى ئۆز نامى بىلەن دولبارچىن يېزىقى دەپ ئاتاش ھەققىدە ماقالىلەر يېزىلىپ، تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز بۇ دەرسلىكتە مەملىكىتىمىزدە كۆپرەك قوللىنىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشلۇق بولغان نامنى قوللاندۇق.
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا 39 ھەرپ، بىر ئايرىش بەلگىسى بولۇپ، بۇ يېزىق ئېلىپبەلىك يېزىق بىلەن بوغۇملۇق يېزىقنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى ئومۇمەن، ئوڭدىن سولغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلىدۇ. لېكىن، يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا سولدىن ئوڭغا يېزىلغان، ئايرىم مەڭگۈ تاشلاردا بىر قۇرى ئوڭدىن سولغا، يەنە بىر قۇرى سولدىن ئوڭغا زەنجىرسىمان ئۇلاپ يېزىلغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ يېزىقتا تۆت ھەرپ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 31 ھەرپ 18 ئۈزۈك تاۋۇشنى، بەش ھەرپ قوش ھەرپلىك بوغۇملارنى ئىپادىلەيدۇ. سۆزلەر بىر-بىرىدىن قوش چېكىت ( : ) ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. بەزى سۆز بىرىكمىلىرى بىر سۆز قىلىپ قوشۇپ يېزىلىدۇ. ئايرىم ئورۇنلاردا «~» سۆز ئايرىش بەلگىسى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىنىڭ مەنبەسى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ يېزىقنى قايسى دەۋردىن باشلاپ قوللانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە  ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بىردەك ئەمەس. بەزى تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار 5- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە، يەنى، غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردە قوللانغان.
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى، ئىتنوگرافىيىسىنى، تىل-يېزىقى، ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ ئاساسلىقى خاقانلار، قەبىلە باشلىقلىرى، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ھاياتى، باتۇرلۇقى، تەسۋىرلەنگەن مەدھىيىلەر ۋە ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتلىقىدىكى تۆھبىلىرى خاتىرىلەنگەن مەڭگۈ تاشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
1. چورىن مەڭگۈ تېشى.
2. تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى.
3. كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى.
4. بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى.
5. كۇلچۇر مەڭگۈ تېشى.
6. مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى.
7. توققۇز ئوغۇز قاغانى مەڭگۈ تېشى.
8- سۇجى مەڭگۈ تېشى.
9. تېرخىن مەڭگۈ تېشى.
10. تەس مەڭگۈ تېشى ۋە باشقىلار



3. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى


قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قەدىمكى ئارامى يېزىقى ئاساسىدىكى كونا سوغدى يېزىقىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، يېزىق تارىخىمىزدىكى يېڭى بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېزىق ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ئىدىقۇت خانلىقى ۋە قاراخانىلار سۇلالىسىدە كەڭ قوللىنىلغان، جۈملىدىن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى كۆپلىگەن تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىغا قارىغاندا شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان بىر قەدەر ئىلمىي يېزىق بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلار ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشقانلىقى كېيىنكى ۋە يېقىنقى مەزگىللەردە جاھان تۈركشۇناسلىرى تەرىپىدىن تولۇق ئاساسلار بىلەن ئىسپاتلاندى. 10- ئەسىردە ياشىغان ۋە شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن مەشھۇر سەيياھ ۋاڭ يەندېنىڭ: «ئۇيغۇرلار شېئىر-قوشاق يېزىشقا ناھايىتى ھەۋەسمەن كېلىدىكەن، ئۆز يېزىقلىرىنى كۈندىلىك ھاجەتلىرىگە ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقا ئىشلەتكەندەك ئىشلىتىدىكەن. راھىبلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتابلار بەك كۆپ ئىكەن» دەپ يازغانلىقى بۇنىڭ ياخشى ئىسپاتى بولالايدۇ.
ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى 8- ئەسىردىن باشلاپ قوللانغان بولۇپ، تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن، ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى خېلى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ئىلگىرىكى ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى بىلەن قاتار قوللىنىپ كەلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تۈركىي قەبىلىلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن خېلى ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ شىنجاڭ زېمىنىدا ياشىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا 8-11- ئەسىرلەرگىچە، تۇرپان، قۇمۇللاردا 14-15- ئەسىرلەرگىچە، خۇراسان ۋە ئالتۇن ئوردىدا 16- ئەسىرگىچە، گەنسۇدا ياشىغۇچى يۇغۇر (سېرىق ئۇيغۇر)لار ئارىسىدا بولسا، 19- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان.
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان.  13- ئەسىردە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا موڭغۇل يېزىقى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يېزىق موڭغۇل خەلقى ئارىسىدا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. 17- ئەسىردە موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. كېيىن مانجۇ يېزىقى ئاساسىدا شىبە يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. 1748- يىلى بۇ يېزىقلار موڭغۇل ۋە مانجۇ تىللىرىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە لايىقلاشتۇرۇلۇپ، بىر قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ياكى سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ. بۇ يېزىقتا جەمئىي 23 ھەرپ بولۇپ، بەش ھەر سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 18 ھەرپ 21 ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى سوزۇق تاۋۇشلاردىن «ئى، ئە» بىر ھەرپ بىلەن، «ئو، ئۇ» بىر ھەرپ بىلەن، «ئۆ، ئۈ» بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن «ب، پ» بىر ھەرپ بىلەن، «ك، گ» بىر ھەرپ بىلەن، «د، ت» بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەربىر ھەرپى باشتا، ئوتتۇرىدا، ئاخىرىدا كېلىدىغان ئۈچ خىل شەكىلگە ئىگە.
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھەر خىل دىنىي مەزمۇندىكى يادىكارلىقلار ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر ناھايىتى نۇرغۇن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىدن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگىلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ:
1. ئالتۇن يارۇق.
2. شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى.
3. مايتىرى سىمىت درامىسى.
4. چوڭ ھەجىملىك بۇددا ھېكايىلىرى توپلىمى – داشاكوما بۇددا ئاۋات.
5. خۇۋاست نەھۇفت. (يوشۇرۇن تىلەك)
6. قۇتادغۇ بىلىك. (ۋېنا نۇسخىسى)
7. ئەتەبەتۇل ھەقايىق. (A نۇسخا)
8. ئېزوف مەسەللىرى.
9. بەختىيارنامە.
10. ئوغۇزنامە.
11. قەدىمكى تۇرپان خەلق قوشاقلىرى.
12. ئىدىقۇت قوجۇ خانىنىڭ ھاياتىدىكى تۆھپىلىرى يېزىلغان خاتىرە ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان دىنىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەسىقىلەر، كالىندارلار، ئىككى تىللىق سېلىشتۇرما لۇغەت قاتارلىقلار. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە:


4- ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى


ئىسلام دىنىنىڭ قاراخانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەرەب يېزىقى قوبۇل قىلىنىپ، پەيدىنپەي قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشقا باشلىدى. 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئەرەب يېزىقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشقا باشلىدى.
ئەرەب يېزىقى دەسلەپتە مۇقەددەس يېزىق دەپ قارىلىپ 10- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەي ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ ئۈستىگە


قاتارلىق شەرتلىك بەلگىلەر ئەرەب تىلىدىن، كىرگەن سۆزلەرنىلا يېزىشتا ئىشلىتىلمەي ھەتتا ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەرنى يېزىشتىمۇ ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن:

ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى 11- ئەسىردە ئۇيغۇر تىلىنى ئەرەبلەرگە تونۇتۇش ئۈچۈن «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يۇقىرىقى مىساللاردا يېزىلغاندەك ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان. ئەرەب يېزىقى ئومۇمەن ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ئاساس قىلغان يېزىق بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يېزىق 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئەرەب تىلىغا خاس شەرتلىك بەلگىلەر ئېلىپ تاشلىنىپ قەدەممۇ قەدەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە يېقىنلاشتۇرۇلدى.
ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 30 ھەرپ ۋە بىر قانچە شەرتلىك بەلگىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرپلەر باش، ئوتتۇرا، ئاخىرقى شەكىل ھەم ئايرىم شەكىل قاتارلىق بىر قانچە خىل شەكىلگە ئىگە. ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى قوللانغان مەزگىللەردە يېزىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار خېلى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك (تۈركىي تىللار دىۋانى).
2. قۇتادغۇ بىلىك (پەرغانە، قاھىرە نۇسخىلىرى).
3. قۇرئان تەپسىرى.
4. قىسسەسۇل ئەنبىيا.
5. ئەتەبەتۇل ھاقايىق (C نۇسخا).
6. ھېكمەت (ئەھمەد يەسەۋىنىڭ).
7. گاۋچاڭ مەھكىمىسى پۈتۈكلىرى.
خاقانىيە دەۋرىدە قوبۇل قىلىنغان ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى :


5. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى
ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى گەرچە قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەرەب تىلىنىڭ خۇسۇسىيىتى، فونىما سىستېمىسى ئاساسىدا لايىھىلەنگەن يېزىق بولغاچقا، ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، فونېما سىستېمىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىدى. شۇڭا 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ شۇ دەۋرنىڭ ئەدىبلىرى، تىلشۇناسلىرى تەرىپىدىن بۇ يېزىق داۋاملىق ئىسلاز قىلىنىپ، تولۇقلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بىر قەدەر توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، ئۆگىنىشكە، يېزىشقا ئەپلىك ھالەتكە كەلتۈرۈلدى.
شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، دىنىي ۋە سودا ئالاقىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب تىلىدىن باشقا پارس تىلىدىنمۇ نۇرغۇن سۆزلەر قوبۇل قىلىندى. بۇ خىل سۆزلەرنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى توغرا ئىپادىلەشكە ئەرەب يېزىقىدىكى ھەرپلەر يېتىشمىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پارس يېزىقىدىن «پ، چ، گ، ژ» قاتارلىق ھەرپلەر چاغاتاي ئۇيغۇر ئېلىپبەسىگە قوبۇل قىلىندى. شۇنداقلا بۇ يېزىقتىكى ھەرپلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئېنىق ئايرىلدى. مەسىلەن، «ح، ث، ذ، ص. ض. ط. ظ، ع » ھەرپلىرى پەقەتلا ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى خاتىرىلەشتە ئىشلىتىلىدىغان، ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەر بولسا، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا ئەنئەنىسى بويىچە يېزىلىدىغان بولدى. مۇشۇنداق بىر قاتار ئىسلاھاتلاردىن كېيىن 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىغا،  چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بۇ رايوندا ئورتاق قوللىنىلىدىغان يېزىققا ئايلاندى.
چاغاتاي دېگەن نام 14- ئەسىردىن باشلاپ شىنجاڭ بىلەن ئامۇ دەرياسى ئەتراپىدىكى كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى چاغاتاي خاننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نامى بولۇپ، شۇ دەۋردىكى مۇشۇ كەڭ رايوندا قوللىنىلغان تىل ھەم يېزىق شۇ نام بىلەن ئاتالغان.
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىغىچە قوللىنىلدى. بۇ دەۋرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىملىرى، ئەدىبلىرى، شائىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇردى. ئالەمشۇمۇل شائىر ئەلىشىر نەۋائىي «چاھار دىۋان»، «مۇھاكىمە تۇللۇغەتەين»، «خەمىسە نەۋائىي» ناملىق مەشھۇر ئەسەرلىرىنى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان. بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلغان دەۋرى ئۇزۇن، يېزىلغان ئەدەبىي، تارىخىي، تېببىي ئەسەرلەر ھەم ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر ناھايىتى  كۆپ، بۇلاردىن ھازىرقى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن، ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگىلىرىدىن:
«تارىخىي رەشىدى» (مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر)، «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام»، «شاھنامە تۈركىي»، «دىۋان زەلىلى»، «دىۋان نۆبىتى». «تەزكىرەئى ئەزىزان» (مۇھەممەد سىدىق كاشىغەرى)، «پەرھاد-شىرىن» ۋە «لەيلى-مەجنۇن» (ئۆمەر باقى)، «يۈسۈپ-زۈلەيخا»، «كىتابى غېرىب»، «نەسىھەتنامە»، «دۇررىلنىجاد» (ئابدۇرېھىم نىزارى)، «ئادالەتپەرۋەرلىك توغرىسىدا»، «سەددى ئىسكەندەر»، «پەندىنامە»، «زەپەرنامە – شاھ باھادىر»، «تارىخىي مۇسقىيۇن»، «زەپەرنامە»، «غېرىبى»، «ئىماملار تەزكىرىسى»، «غازات دەرمۈلكى چىن»، «غەزەلىيات»، «مەھزۇنىلۋاھىدىن» (زىيائى)، «بەرقى تەجەللى» ۋە «سەبەق مۇجەللى»، «تارىخىي ئەمىنىيە» (موللا مۇسا سايرامى)، «غېرىب-سەنەم» (مۇھەممەد يۈسۈپ)، «نورۇزنامە»، «نۇزۇگۇم»، «چاغاتاي لۇغىتى» مانجۇ خانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان «بەش تىللىق لۇغەت»… قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى





6. لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى


لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى خەنزۇ تىلىنىڭ پىنيىن لايىھىسى ئاساسىدىكى يېزىققا ئاساسەن قىسمەن تولۇقلاش ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان يېزىق بولۇپ، بۇ يېزىق 1965- يىلى 1- ئايدىن 1982- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە رەسمىي ئۇيغۇر يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىلدى. بۇ يېزىقتا 37 ھەرپ بولۇپ، ھەرپلەر چوڭ، كىچىك، باسما ۋە يازما شەكىل قاتارلىق تۆت خىل شەكىلگە ئىگە بولۇپ، سۆزلەر سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ.





7. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى


1930- يىللاردىن كېيىن شىنجاڭدا زامانىۋى مەتبەئە بارلىققا كېلىپ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە قەدەممۇ قەدەم ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى ئورتاق قوللىنىپ كەلگەن تۈركىي مىللەتلەر ئارقا-ئارقىدىن يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى ياكى باشقا يېزىق سىستېمىدىكى يېزىقلارنى قوللاندى.
ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيىمىز مىللىي تىل-يېزىق ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. 1950- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارىمىقىدا «شىنجاڭ مىللەتلەر تىل –يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى» قۇرۇلدى. بۇ ھەيئەت خىزمەتنى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى ئاخبارات، نەشرىيات، مەتبۇئات، تىل-يېزىق خادىملىرى، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا كۆپ قېتىم مۇزاكىرە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى بىلەن «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرى» نىڭ لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، 1953- يىل 10- ئايدا ئۈرۈمچىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلدى. 1954- يىل 3-ئايدا ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ۋەكىل قاتناشتۇرۇپ چاقىرىلغان تىل-يېزىق خىزمىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرىنىڭ لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى. بۇ لايىھىنى سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1954- يىل 4- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى 21- سانلىق ھەيئەتلەر يىغىنى بىلەن 125- سانلىق مەمۇرىي يىغىندا ماقۇللاپ، 1954- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش توغرىسىدا قارار چىقاردى.
ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ بۇ ئېلىپبەسىدە ئۇيغۇر تىلىدا مۇستەقىل فونېما سۈپىتىدە قوللىنىلمايدىغان، پەقەت ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان « ح، ث، ذ، ص. ض. ط. ظ، ع» قاتارلىق سەككىز ھەرپ ئېلىپبە جەدۋىلىدىن چىقىرىپ تاشلاندى. شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدا ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىدىغان، ئۇيغۇر يېزىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان سوزۇق تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان سەككىز فونېما ئۈچۈن «ئا، ئە، ئې، ئى، ئو (ئو، ئۆ)، ئۇ (ئۇ،ئۈ) دىن ئىبارەت ئالتە ھەرپ قوشۇلدى. ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن ھەرپلەرنىڭ نامى قايتىدىن بېكىتىلدى. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت بىر قېتىملىق ئىسلاھات بولسىمۇ، يېزىق شەكلى ھەم يېزىق سىستېمىسى جەھەتتىن چوڭ پەرق بولمىغاچقا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ باسقۇچلىرى ھېسابىدا ئۇنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىلدى. بۇ يېزىق 1954- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 1976- يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە ھەممە ئاخبارات-نەشرىيات، مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خەت-ئالاقە ھۆججەتلىرىدە، مەدەنىيەت-مائارىپ سەھەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلدى. ئۇيغۇر تىلىنى ئىپادە قىلىغۇچى 32 تاۋۇش بۇ يېزىقتا 30 ھەرپ بىلەن ئىپادىلەندى.
1954- يىلى ماقۇللانغان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى


ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى كەڭ مەنىدە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن كېيىنكى يېزىقنى، يەنى ئازادلىقتىن كېيىن قوللىنىلغان يېزىقنى، تار مەنىدە لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى قوللىنىلىشتىن توختاپ، قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە بىر ئاز تولۇقلاپ ئىسلاھ قىلىنغان ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 1000 يىللار مابەينىدە خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇس، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلمەكتە. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، مۇشۇنداق ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا مەلۇم ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈن يېزىق تەرەققىيات تارىخىمىزدا ئاكتىپ رول ئوينىدى. يەنە بەزىلىرى بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە پەسسىپ رول ئوينىدى.
1983- يىلى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېزىقىمىزدىكى ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ھەل بولمىغان ئىملا مەسىلىلىرى گەۋدىلىك كۆرۈلۈشكە باشلاپ، ھەل قىلىنمىسا تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدىغان دەرىجىگە يەتتى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تەرىپىدىن 1983- يىل 4- ئايدا كەڭ كۆلەملىك يىغىن چاقىرىلىپ، مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ كەڭ تۈردە مۇھاكىمە قىلىشى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېما سىستېمىسى ۋە يېزىق ئەنئەنىسىگە ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى تۈزۈپ چىقىلدى. ئۇنىڭدا لەۋلەشكەن تۆت سۇزۇق تاۋۇشنى پەقەت «ئو، ئۇ» دىن ئىبارەت ئىككى ھەرپ بىلەنلە ئىپادىلەشتەك ئۇسولغا خاتىمە بېرىلىپ، بىر فونېمىغا بىر ھەرپ بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن «ئۆ، ئۈ» ھەرپلىرى تولۇقلاپ كىرگۈزۈلدى. ئېلىپبە تەرتىپى يېڭىدىن بېكىتىلدى. ھەرپلەرنىڭ نامى ۋە شەكلى مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بۇ ئېلىپبەسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1983- يىل 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى تەستىقى ۋە 1984- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ھەققىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن كەڭ تۈردە قوللىنىلىۋاتىدۇ.
قىسقىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى بىر قەدەر ئىلمىي، ئاممىباب، تامغىلىرى ئاددىي، ئوقۇش-ئوقۇتۇش، ساۋات چىقىرىشقا بىر قەدەر ئەپلىك يېزىققا ئايلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئۆگىنىشى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇھىم قورالغا ئايلاندى.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ تىز ساۋاد چىقىرالايدىغان، مۇكەممەل ئىلمى يېزىقلارنىڭ بىرى! ئۇيغۇر تىلىمۇ دۇنيادىكى، ھەرقانداق سۆزنى توغرا تەلەپپۇز قىلالايدىغان يۇمشاق تىللارنىڭ بىرى!

مەنبە : تور دۇنياسى

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4224
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1659 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 02:03:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قوشتىل ئەندىزىسىدىكى تىل-ئەدەبىيات كىتابدا مەخسۇس تېما دېگەن دەرىستە بارتى. بۇ يەردە كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن. ئىككى يىل بۇرۇنقى تۇلۇقسىز ھاياتىنى ئەسلەپ قالدىم

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86322
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 696
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 02:13:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90383
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 02:19:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە!!!

ئوماق ئۇكاش

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92976
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 02:40:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە...
ساقلىۋالدىم...

خاتاسوھۋەن تولايارەب كەچۈرگىن،
خاتاسىنى ئالىم كۆرۈپ ئۆچۈرگىن.
خاتاسى بولسابولغاندۇ قەلەمدىن،
خۇداياساقلىغ ئوتلۇق ئەلەمدىن.
anatil002 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 03:05:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 03:57:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يىزىقىمىزمۇ خىلى كۆپ ئىكەن.80- يىلدىن كىيىن توختىتىۋىتىلگەن لاتىن يىزىقى ئاساسىدىكى ھەرىپلەر بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر كونا يىزىقىمىزنى تەڭ قوللىنىۋاتىمىز.گەرچە ئادەتتىكى ئىشلىرىمىزدا ،تۇرمۇشىمىزدا كونا يىزىق ئاساسى ئورۇندا تۇرسىمۇ لىكىن تور ئالاقىسى ۋە باشقا يانپۇن ،چ چ ئۇچۇرلىرىدا لاتىن يىزىقى ئاساسىدىكى ئىنگىلىزچە ھەرىپلەرنى  قوللىنىۋاتىمىز.بۇمۇ بىر ياخشى ئىش.
ئەرەپ يىزىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان سەككىز ھەرىپ چىقىرۋىتىلگەن بولسا بۇمۇ بوپتۇ.دىيارىمىزدا ئەرەپلىشىشكە قارشى مەدىنىيەت تارقىلىۋاتقاندا ئەرەپ يىزىقى ئاساسىدىكى بۇ تىلىمىزمۇ كىيىن چەتكە قىقىلماس دەپ ئويلاپ قالدىم.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86983
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 77
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-11-8
ئاخىرقى: 2013-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 04:10:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە مىللىتىمىزنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلەتكەن يېزىقلىرىنى ياخشى بايان قىپسىز.

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12307
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 04:15:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2013-8-5 02:03 PM
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قوشتىل ئەندىزىسىدىكى تىل-ئەدە ...

مەن مۇشۇ دەرسنى ئۆتۈشنى بەك ياقتۇرىمەن

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96575
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2014-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 04:53:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مەندە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللانغان يېزىقلىرىنىڭ بىرقانچە پارچە سۈرەتلىرى بولىدىغان. شۇنچە ئىزدىسەممۇ تاپالمىدىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش