مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 3

كۆتۈرۈلمىسۇن قەۋمىمدىن بەرىكەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4977
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 06:17:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆتۈرۈلمىسۇن  قەۋمىمدىن بەرىكەت

كۆپۈكچەم يوق ، يالغان كۆپۈكچەم ،
پۈۋىلىمەڭلار مېنى بېلىقلار .
شاخلىرىمدا پىشىۋالغۇچە ،
يەپ كەتمەڭلار يىقىن – يورۇقلار  .

ناۋات يەيدۇ ئالدامچى سۇلار ،
كېكەچلەيدۇ گاچا قىرغىقىم ،
قان يالايدۇ دۇنيا بارمىقى   
  رىزقىمنى ئاز ، دەيدۇ بىر سىقىم .

ياز پەسلىمنى  چايناپ باراڭلار ،
يەكلىمەكتە كاۋىلىرىمنى .
غەيۋەت سېتىپ قوشنام تىرنىقى ،
تاتلىماقتا يارىلىرىمنى .

ئاق رەڭگىدىن تانماقتا ئۆتنە ،
تەببەسسۇملار تۇرار ئىلىمان .
سۈركىلىشلەر ئىت – مۈشۈك بولۇپ ،
تۇرخۇن ئىسى چىقار بىنورمال .

ئىدىيەنىڭ بويى پاكارلاپ ،
ئارتۇق كېسەر  ۋىجدان رەختىنى .
دەقىقىنى  گۆھەر قىلالماي ،
ئۆلتۈرىدۇ ھورۇن بەختىنى .


ئەخلاق سىرلىق كۆرۈنمەس كىيىم ،
يات كۆزلەرگە سۈركەيدۇ سامساق .
سۈكۈت بۇزار ئازغۇن سېپىلنى ،
سەۋىرچاننى دىمەيلى پاناق .

رەت قىلىنغان مايلىق بەتىنكە ،
بوسۇغىنى قىلالماس پاتقاق .
بىر قەۋىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ،
ساۋاتسىزلىق ئەڭ يامان ئاتاق .


كۆڭۈل دىمەك _ تۇرمۇش ئاشپىزى ،
تەڭشەپ تۇرار مۇناسىۋەتنى .
شىلدىرلايدۇ سەزگۈرلىكىمىز ،
ۋاراقلىساق يېڭى بىر بەتنى .

ئاستا ماڭغان ۋاقىت سېمىزمۇ؟
ئابرۇيى چوڭ تېرىمۇ يۈزمۇ؟ .
تەڭشەلمىسە جاھىل ئىدىيە،
خاتا ھۆكۈم قىلىدۇ كۈزمۇ. ،


تەمدىن كەتتى مېھىر قىسمىقى ،
شاكللارغا بەردۇق ئەھمىيەت .
ھالال ئاشقا چىۋىن چۈشۈرۈپ ،
قاچانلىققا تۈگەر رەسمىيەت ؟

بىز سەھەرنى نوقىماي تۇرۇپ ،
نام بېرىمىز پۇرسەتكە  ئەخلەت .
قۇرۇق ئەسنەك بەرسە خۇشاللىق ،
دەپ قويىمىز ھاۋاغا رەھمەت.

كېسىلمىگەچ نىشان پۇتىقى ،
مايسىرىدى  شارىكلىرىمىز  .
بىر بالدىكى پەرىشان ئىستەك ،
ئىسراپ بولۇپ كېتەر بارىمىز .

دوقمۇشىمىز سالماقتا قورساق ،
ئەھمىيەتسىز بولماقتا ھەرىكەت .
غەزنىچىنىڭ سۆيەي قولىغا  ،
كۆتۈرۈلمىسۇن خەلقىمدىن بەرىكەت .



ئا. مۇھەممەت باغۋەن شېئىرى





ئوقۇغۇچى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92976
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 172
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 09:28:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ،باغۋەنكا...
ئاللا قەۋمىمىزگە ئىناقلىق ئاتاقىلسۇن....

ھاياتىم ئاناتىل بىلەن گۈزەل...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1961
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9248
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 5303 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى شىىرغا قارىماپسىلەردە

دۇشمىنىمگە ئۆزەم تىتىيمەن ، دوسلىرىمنىە قەستىدىن ساقلىغىن ئاللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5295
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1029 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سېنىڭ خىيال ئامبىرىڭدا كەم نەرسە يوق ئىكەن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش