مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 689|ئىنكاس: 11

«بىلىمخۇمار» ماقالىلەر توپلىمى(1)-ئېلكىتاب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86831
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2137
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 09:00:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار، رامىزانلىق سوۋغىدىن بىرىنى تەييارلاپ كەلدىم.

ئېلكىتاب ئىشلىگۈچى: تۇران 2013-يىلى 8-ئاي
بەت سانى: 360 بەت
شەكلى: PDF
سىغىمى: 1.8M


مۇندەرىجە
1.        غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى ............................. 3
2.        ئۆزىڭىزدىكى بارلىق تالانتلارنى بايقىۋېلىڭ ....................................... 93
3.        نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار ..................................... 148
4.        غايە تىكلەشنىڭ 10 ئۆلچىمى ..................................................... 166
5.        يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار ............................... 181
6.        مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى .............................................. 204
7.        ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك ...................................... 220
8.        ئەندىشە، چۈشكۈنلۈك، ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى...................................................................................... 245
9.        ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى ................................... 265
10.        ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش ..................................................... 284
11.        غەربلىكلەرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى ................................................ 305
12.        شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟ .................................... 321
13.        شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى.................................... 342



http://pan.baidu.com/share/link?shareid=2794920732&uk=3154770051

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 579
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 38576
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7148 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 01:07:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                              ئامېرىكا «چېگرا پىلانى» نىڭ ماھىيىتى

                                          بوزقىر تەرجىمىسى

[« يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»خەۋىرى ] « شىنجاڭ : جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا » تەخمىنەن 10 يىللار ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئالىملار ئوتتۇرىغا چىقارغان تەتقىقات تېمىسى دوكلاتى بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالمىش « شىنجاڭ پىلانى» جۇڭگونىڭ ئىچكىي قىسمىدا نارازىلىق پەيدا قىلغان. ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم كۆز-قاراشلار « شىنجاڭنى بۆلۈۋېتىشنى نەزىرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن» دەپ قارالغان بولۇپ ، ئۇنىڭغا قاتناشقانلارنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى سىتراتېگىيىسى ئۈچۈن كەتمەن چاپقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ گۇماندىن مۇستەسنا بولغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە ئامېرىكىدا جۇڭگونىڭ چېگرا ۋە مىللەتلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار زادى كىملەر ؟ ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سېياسەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟ « ساپ ئىلمىي تەتقىقات» نىڭ ئارقىسىدا جۇڭگوغا قارىتا قانداق يۈزەكىلىك ۋە ئۇقۇشماسلىقلار بار ؟ مانا بۇلار بىزنىڭ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.


مەزكۇر تېمىنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئوقۇۋالغايسىز :


http://www.xahtur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=887

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
esyankar75 + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81615
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4282
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 184 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 08:42:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئىش قىلىپسىز قىرىندىشىم ، ئىنكاس يازمايلا ئىلىشقا يۈزۈم چىدىمىدى،رەخمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86831
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2137
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 08:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
genius220 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-5 08:42 PM
بەك ياخشى ئىش قىلىپسىز قىرىندىشىم ، ئىنكاس يازمايلا ئى ...

يازغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى، بىزدە چۈشۈرۋېلىپلا غىپپىدە يوقاپ كېتىدىغان ئەنئەنە قاچان پەيدا بولدىكىن بىلمدىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86831
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2137
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 08:50:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bozqir يوللىغان ۋاقتى  2013-8-5 01:07 PM
ئامېرىكا «چېگرا پىلانى» نىڭ ماھىيىتى
...

بوز قىر ئاكىمىزنىڭ قالدۇرۇغان ئىنكاسىدىن سۆيۈندىم... قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن. تەرجىمىلىرىڭىزگە ئاللاھ كۆپ ئەجرىلەرنى بەرسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73952
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3932
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 11:05:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا قىلغان بۇ ئىشىڭىزنىڭ ئەجىرىنى بەرسۇن قېرىندىشىم . مەن خېلىدىن بېرى ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ماقالىلىرىنى ساقلاپ كىلىۋاتقان ئىدىم . سىزنىڭ pdf  شەكلىدە يىغىپ قويغىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ . ئەمدى مەن مۇشۇنى ساقلىۋالاي  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57313
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5513
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1243 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 11:08:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bozqir يوللىغان ۋاقتى  2013-8-5 01:07 PM
ئامېرىكا «چېگرا پىلانى» نىڭ ماھىيىتى
...

سىز قالدۇرغان ئىنكاستىكى ئادرېسقا كىرسە،[كەچۈرۈڭ، بۇ تېما مەۋجۇت ئەمەس ياكى ئۆچۈرۈلگەن ياكى تەستىقلانمىغان

[ ئالدىنقى بەتكە قايتىش ]]
دەپ چىقىۋالىدىكەن. باشقۇرغۇچىلار ئۆچۈرىۋەتتىمۇ قانداق؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 579
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 38576
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7148 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 11:17:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wahxi يوللىغان ۋاقتى  2013-8-5 11:08 PM
سىز قالدۇرغان ئىنكاستىكى ئادرېسقا كىرسە،[كەچۈرۈڭ، بۇ ...

مېنىڭكىدە نورمال چىقىۋاتىدۇيا؟
ئەمىسە مۇنۇ ئادرېسقا كىرىپ بېقىڭ :

http://bbs.qutad.biz/forum.php?m ... p;tid=5204#lastpost

ھەمىسى ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8427
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1508 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 12:17:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىن سىدىق— ۋاقتىدىن ئىشى كۆپ ئادەم،  بۇ كىشى ئىزدىنىپ يازغان ماقالىلەرنى چۈشىنىپ ئوقۇش ئۈچۈن خېلق ۋاقىت كېتىدۇ. مەن بۇ كىشىگە ھەقىقەتەن قايىل.

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 2839
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39832
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7004 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 05:07:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wahxi يوللىغان ۋاقتى  2013-8-5 11:08 PM
سىز قالدۇرغان ئىنكاستىكى ئادرېسقا كىرسە،[كەچۈرۈڭ، بۇ ...

ئىيۇل ئايلىرىدىن باشلاپ « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مەخسۇس مۇخبىر تەشكىللەپ ئامېرىكىنىڭ « شىنجاڭ پىلانى» غا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە ئىز قوغلاپ زىيارەت ئۇيۇشتۇرغانىدى . ھازىرغىچە مۇشۇ ھەقتە « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىن « فېدرخ سىتارنى زىيارەت-كۆپ قىسىم شىنجاڭلىقلار بۆلۈنۈشنى خالىمايدۇ» ناملىق بىر پارچە ماقالە ۋە « يەر شارى تورى»دىن « ئامېرىكىنىڭ ‹شىنجاڭ قۇرۇلۇشى› دىن ھۇشيار بولۇپ ، جۇڭگونى بۆلۈۋېتىش ئاساسلىرىنى بىت-چىت قىلايلى » ناملىق بىر ماقالە تەرجىمە قىلىنىپ يوللانغانىدى. بۇ قېتىم «يەر شارى تورىدىن « ئامېرىكا ‹ چېگرا پىلانى› نىڭ ماھىيىتى » ناملىق ئۈچىنچى پارچە ماقالە تەرجىمە قىلىپ يوللاندى . يۇقۇرقى ئۈچ پارچە ماقالە مەزمۇن جەھەتتىن بىر-بىرىنى تولۇقلاش خارەكتىرىگە ئىگە بولۇپ ، بۈگۈنكى كۆپ قۇتۇپلۇق مۇرەككەپ دۇنيا ۋەزىيىتىدە جۇڭگو دۇچ كېلىۋاتقان تاشقىي بېسىمنى مۇئەييەن دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىدۇ. مۇقىملىق كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق ماقالىلەرنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا زور تەسىرى بار ۋاستىلەردە ئېلان قىلىنىشى قانداق زۆرۈر بولسا ئۇنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدەك سەزگۈر رايون ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا شۇنچە زۆرۈردۇر. ھېچ بولمىسا ئۇ ئىچكىي -تاشقىي ۋەزىيەتنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىۋېلىشتا ۋە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىدىيە بىرلىكى ھاسىل قىلىشتا مۇئەييەن رول ئوينىغۇسى.


. G0 i2 r+ _1 t3 p9 @, V



6 Q( ~$ I: V8 z# G" V0 d
ئامېرىكا «چېگرا پىلانى» نىڭ ماھىيىتى 3 o) m& ^( J& L3 P


بوزقىر تەرجىمىسى


ئامېرىكىدا كىملەر جۇڭگونىڭ «چېگرا پىلانى» نىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ؟
9 C( {8 m9 k+ t. [: S
[« يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»خەۋىرى ] « شىنجاڭ : جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا » تەخمىنەن 10 يىللار ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئالىملار ئوتتۇرىغا چىقارغان تەتقىقات تېمىسى دوكلاتى بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالمىش « شىنجاڭ پىلانى» جۇڭگونىڭ ئىچكىي قىسمىدا نارازىلىق پەيدا قىلغان. ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم كۆز-قاراشلار « شىنجاڭنى بۆلۈۋېتىشنى نەزىرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن» دەپ قارالغان بولۇپ ، ئۇنىڭغا قاتناشقانلارنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى سىتراتېگىيىسى ئۈچۈن كەتمەن چاپقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ گۇماندىن مۇستەسنا بولغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە ئامېرىكىدا جۇڭگونىڭ چېگرا ۋە مىللەتلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار زادى كىملەر ؟ ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سېياسەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟ « ساپ ئىلمىي تەتقىقات» نىڭ ئارقىسىدا جۇڭگوغا قارىتا قانداق يۈزەكىلىك ۋە ئۇقۇشماسلىقلار بار ؟ مانا بۇلار بىزنىڭ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ « شىنجاڭ پىلانى» دىن نېمە ئۈچۈن ھۇشار بولىمىز؟
( ~6 G% }( H3 R: p, r4 t& j2 n
« شىنجاڭ پىلانى» دېگەن بۇ ئاتالغۇ « شىنجاڭ : جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا » ناملىق كىتابتىن كەلگەن بولۇپ ، بۇ كىتابنىڭ باش تۈزگۈچىسى ئامېرىكا خوپكىنىسكى ئۇنۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا-كاۋكاز تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى فېدرخ سىتار بولۇپ ، ئۇ ئامېرىكىدىكى مەشھۇر تۈرك مەسىلىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسىسىدۇر. سىتارنىڭ قارىشىچە « ئوتتۇرا ئاسىيا ئاللىقاچان دۇنيانىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ بولغان» بولۇپ ، ئۇ 2007-يىلى نەشىر قىلدۇرغان « يېڭى يىپەك يولى » دېگەن كىتابى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سېياسىتىنى بەلگۈلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن.
« شىنجاڭ : جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا » ئامېرىكىدىكى 10نەچچە ئالىم بىرلىكتە يېزىپ چىققان تەتقىقات دوكلاتى بولۇپ ، ئۇنىڭدا « غەرىبنى ئېچىش » سىتراتېگىيىسىگە قەستەنلىك بىلەن « مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىدۇ» دېگەن سۈيقەسىت يۈكلەنگەن. دوكلاتتا يەنە « كۆچمەنلەر ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» ، « مۇستەبىتلىك كىرزىسى » ۋە « خەنزۇ كۆچمەنلەر» دېگەندەك تېرمىنلار ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي ئىدىيە «جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇنلۇقلىقىدا مەسىلە مەۋجۇت» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىرىنى نەزەرىيىۋى ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىگىلىنىشىچە ، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن تېما تەتقىقاتىغا قاتناشقان بىر قىسىم ئالىملار « تېرورىزمنى قوللىمايدىغانلىقىنى ، شىنجاڭنىڭ بىر مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىنىمۇ قوللىمايدىغانلىقىنى » ئوچۇق –ئاشكارە بىلدۈرگەن.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى جۇڭگو مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سېياسىتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شىيوڭ كۇنشىننىڭ « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا بىلدۈرىشىچە ، گەرچە « شىنجاڭ پىلانى» نىڭ باش تۈزگۈچىسى ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېيىتقان بولسىمۇ ئەمما، بۇ ئورگان ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدە ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگۈلىشىگە ناھايتى ئاسانلا تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن.
مۇبادا دوكلاتنىڭ يەنە بىر ئاپتورى رچارد بۇكنېستېر فېللېرنىڭ ئىلگىرى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى دۆلەت ئاخباراتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتۈگەنلىكىدەك كەچمىشلىرىنى ئويلىغىنىمىزدا ، بۇ خىل ئوبىيېكتىپ ئەھۋالنىڭ كىشىنى تېخىمۇ شۈبھىلەندۈرىدىغانلىقىنى تەن ئالماي تۇرالمايمىز، ئەلبەتتە. « شىنجاڭ پىلانى» نىڭ ئىلمىي قاتلاملىق تەتقىقاتتىن بۇرۇلۇش ياساپ ئامېرىكىنىڭ سېياسىي ساھەسىدىكى ئەربابلارغىچە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۆتكەنلىكىنى سابىق پىرزېنىت بۇشنىڭ 2007-يىلى « شىنجاڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلغۇچى» ئۇنسۇر رابىيەنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىندۇر. بۇ ئىش جۇڭگو تەرەپنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك!
جۇڭگولۇق ئالىم جاڭ پېيچىڭ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىدا زىيارەت ۋە ئۆگۈنۈشتە بولغان مەزگىلدە بوستون ئۇنۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىدا « شىنجاڭ پىلانى» دوكلاتىنى كۆرگەن . ئۇ دەسلەپكى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ دوكلاتنى بەرپا قىلغۇچىنىڭ باياناتىدىن تەتقىقاتنىڭ « بىرىنچى قىسمى» نىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى تەربىيە كۆرگەن غەيرى كەسىپ ئەھلىلىرىگە نوپۇزلۇق تونۇشتۇرۇپ ، ئۇلارنى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ، بو دوكلاتنىڭ « ئىككىنچى قىسمى» نىڭمۇ داۋاملىق يېزىلىدىغانلىقىنى ؛ بىرىنچى قىسىمدىكى تەتقىقاتتىن ئىگە بولغان يەكۈنلەر ئارقىلىق ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارغا سېياسەت جەھەتتىن تەكلىپ بەرگەنلىكىنى بايقىغان. جاڭ پېيچىڭ خوپكىنىسكى ئۇنۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا- كاۋكاز تەتقىقات ئورنىدىن سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ ئەمما، ئۇلار دوكلاتنىڭ داۋامىنى نەشىر قىلدۇرۇشنى پىلانغا ئالمىغانلىقىنى ئېيىتقان.
زىيارەت ۋە ئۆگۈنۈش مەزگىلىدە جاڭ پېيچىڭ يەنە خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتى يەنجىڭ ئىلمىي ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن تۈرلۈك لېكسىيەلىرىگە دائىم قاتنىشىپ تۇرغان. نۇرغۇن قېتىملىق لېكسىيەلەرنىڭ باش تېمىسى جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىگە چېتىلغان بولۇپ ، لېكسىيە جەريانىدا ياكى لېكسىيەدىن كېيىن ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالىملار جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سېياسىتى ھەققىدە كۈچلۈك مۇزىرلەردە بولغان.
. d' n* i1 }7 T' M7 f
ئامېرىكىدا كىملەر جۇڭگونىڭ چېگرا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ ؟
! `' b/ V% V/ D7 ]- ?# n
جۇڭگونىڭ چېگرا تەتقىقاتى ئامېرىكىدا ئانچە كۆزگە چېلىقمايدۇ. بۇ ھەقتە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاساسلىقى ئامېرىكىدىكى بىر نەچچە داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارغا مەركەزلەشكەن. مەسىلەن ئامېرىكا ئىندىئاننا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات فاكولتېتىنى ئالساق ، ئۇ دەسلەپ 1943-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تىللىرى بويىچە ئىقتىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ ، كېيىنچە ئىلمىيلىككە قاراپ تەرەققىي قىلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ چېگرا تەتقىقاتىدىكى « موڭغۇل ، تىبەت ، شىنجاڭ» دىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا چېتىلىدۇ . مەزكۇر فاكولتېتنىڭ پروفېسسورى جورجى كلاروسب بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن بولۇپ ، نەچچە ئون تىل بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ مەزكۇر فاكولتېتتىكى « پروفېسسورنىڭ پروفېسسورى » دېگەن چىرايلىق ئاتاققا نائىل بولغان . ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا ، ئۇ تارىختىكى بارلىق موڭغۇلچە ۋەسىقىلەرنى ئوقۇيالايدىكەن. مەزكۇر فاكولتېتتىكى تىبەتشۇناس ئېللىئوت سپېرلىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تىبەت تارىخىغا پىششىق بولسىمۇ ئەمما، ھازىرقى تىبەتكىمۇ ناھايتى قىزىققاچقا ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئىنتېرنېت تورىدا دائىم ئۆزىنىڭ تىبەت ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدىكەن. شىنجاڭشۇناس گودىنا بروۋىن ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى بىردىن بىر شىنجاڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سېياسىيونى بولۇپ ، خەنزۇ ، ئۇيغۇر ، قازاق تىللىرىغا پىششىق بولۇپلا قالماي يەنە سېياسىيشۇناسلىق فاكولتېتى ۋە شەرىقى ئاسىيا فاكولتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىنىمۇ قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان.
بۇندىن باشقا ئامېرىكا خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئىچكىي ئاسىيا ۋە ئالتايشۇناسلىق كومىتېتىدا ھازىرقى جۇڭگونىڭ چېگرا رايونىغا چېتىلىدىغان ئۈچ پروفېسسور بار. ۋىرگىنىيە ئۇنۋېرسىتېتىدا كۆپلىگەن تىبەتشۇناس ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن تەتقىقات مەركىزى بار. كولومبىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ھازىرقى زامان تىبەتشۇناسلىق تۈرىدە ئىككى تىبەتشۇناس پروفېسسور ۋە بىر تىبەت تىلى لېكتورى بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى پروفېسسور روبېرت بارنېت « لوندون تىبەت ئۇچۇر تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ ناھايتى پائالىيەتچان مۇخبىردۇر. ئىلىم يۇرتلىرىغا مەركەزلەشكەن يۇقۇرقى ئالىملاردىن باشقا ئامېرىكىدىكى جۇڭگونىڭ چېگرا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا ئالىملار ئۇنۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىغا تارقاق ھالەتتە تارقالغان. مەسىلەن : گىئورگىتون ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رامۇس مىلۋارد ( مى خۇاجىيەن) ئاساسلىق زېھنىنى شىنجاڭ تارىخغا قاراتقان بولۇپ ، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن « جىيايۈ قۇرۇلى سىرتىدا : 1759-1864يىللىرىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىقتىساد ، مىللەت ۋە دۆلەت» قاتارلىقلار بار. پومونا ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى دۇ گىراندن ( دۇ لېي ) جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىنسانشۇناس بولۇپ ، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن « جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى : جۇمھۇرىيەتتە قانداشلىق مىللەتچىلىكى » بار.
ئامېرىكا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى جۇڭگونىڭ چېگرا تەتقىقاتىدىكى مۇتەخەسىسلەردىن باشقا يەنە ئامېرىكا غەرب-شەرق مەركىزى جۇڭگونىڭ چېگرا تەتقىقاتىدىكى ئەڭ نامدار ئەقىل ئامبىرى ھېساپلىنىدۇ . ئۇ ئۇنۋېرسىتېت پروفېسسورلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات تۈرلىرىنى تاماملاشقا ھاۋالە قىلىدۇ. باش شىتابى ھاۋايدىكى غەرب-شەرق مەركىزىدە بولۇپ ، ئۇنى 1960-يىلى ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتى قۇرغان . بۇ مەركەز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن باشقا يەنە خۇسۇسىي ئاپپاراتلار، شەخىسلەر ، فوندى جەمئىيەتلەر ھەتتا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ مەبلەغ ياردىمىنى قوبۇل قىلىدۇ . ئىندىئاننا ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ئالىم گودىنا بروۋىن كارنېگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىپ « ئاپتونومىيە شىنجاڭدا : خەنزۇ مىللەتچىلىكىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى » نى يازغان . بۇ ئىلمىي ئەسەردە ئاساسلىقى « يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە مىللەتلەر توقۇنۇشىنىڭ مەنبەسى» ئانالىز قىلىنغان. ئۇنىڭ قارىشىچە ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر توقۇنۇشىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ ، ئاساسلىق سەۋەب ھازىر شىنجاڭدا يۈرگۈزىلىۋاتقان « مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى» ئىكەن. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بىر قاتار زوراۋانلىق –تېرورلۇق ھەركەتلىرىگە قارىتا ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ ، داۋالغۇشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك زوراۋان مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسى ئەمەسلىكىنى ، شۇنداقلا چەتئەللەرنىڭ سۈيقەستىنىڭ مەھسۇلى ئەمەسلىكىنىمۇ ئوتتۇرغا قويغان.
ئامېرىكىدىكى جۇڭگونىڭ چېگرا تەتقىقاتچىلىرى ئامېرىكىدىكى ئاتالمىش « جۇڭگونىڭ چېگرا خەلقىنى ئەڭ چۈشىنىدىغانلار» دۇر. ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ چېگرا مەسىلىسىنى چۈشىنىۋېلىشىنى مەسلىھەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن : ئامېرىكا پارلامېنتى ھەم مەمۇرى تارماقلىرىدىكى جۇڭگو مەسىلىسى كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئامېرىكا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. بىر قىسىم ئالىملارنىڭ لېكسىيە تېمىسى «2008-يىل مارتتىكى قارشىلىقتىن بىر يىل كېيىن : جۇڭگو تىبەتتە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىۋاتامدۇ ؟» ، « بۈگۈنكى جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىقادى : ئۇيغۇرلار بىلەن خۇيزۇلارنىڭ ئوخشىمايدىغان رېئاللىقى » ، « جۇڭگونىڭ مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى : ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدامدۇ ؟ » قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئىگىلىنىشىچە ، ئاز ساندىكى ئامېرىكا ئالىملىرى سەرگەردان تۈبەتلەر ھەتتا دالاي لاما بىلەن خۇسۇسىي مۇناسىۋەتنى ساقلىغان. مەسىلەن كولومبىيە ئۇنۋېرسىتېتى دىنشۇناسلىق فاكولتېتىنىڭ پروفېسسورى بوبېرت ھورمان . يەنە بەزى ئامېرىكىدىكى جۇڭگونىڭ چېگرا تەتقىقاتچىلىرى سەرگەردان تۈبۈتلەر ياكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلسىمۇ ئەمما بەزى مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش خاھىشىنى ساقلاپ قالغان . مەسىلەن : ئىندىئاننا ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ئالىم ئېللىئوت سپېرلىڭ سەرگەردان تۈبۈتلەرگە ھېسداشلىق قىلسىمۇ ئەمما ، « تۈبۈتلەرنىڭ مەمۇرىي مەركىزى» ( ئاتالمىش تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى) نى ئاشكارە تەنقىدلىگەن . ئىندىئاننا ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ئالىم گودىنا بروۋىن « بېيجىڭنىڭ دېگەنلىرىگە تەلتۆكۈس ئىشەنگىلى بولمايدۇ ، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دېگەنلىرىگىمۇ تەلتۆكۈس ئىشەنگىلى بولمايدۇ » دېگەن.
' ]% t1 v2 H' ~
ئەشۇ ئامېرىكىلىق ئالىملار بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولغۇلۇق ؟

جۇڭگونىڭ چېگرا ۋە مىللەتلەر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئەشۇ ئالىملىرى بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىلمىي ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىملىرى يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. مەسىلەن خارۋارت ئۇنۋېرسىتېتىدىكى تىبەتشۇناس پروفېسسور فەن دېكاڭ جۇڭگو خەلق ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورلۇقىغا ئېرىشكەن . ئۇ ھەر يىلى جۇڭگوغا كېلىپ دەرىس ئۆتىدۇ. بەزى جۇڭگولۇق ئالىملار ئامېرىكا ئىلىم ساھەسىدە جۇڭگونىڭ چېگرا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار ئاز بولمىسىمۇ ئەمما ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە ؛ ۋەھالەنكى ، ئۇلار بىلەن ھازىرقى رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن ئارىلىق ساقلىنىپ كەلمەكتە، دەپ قارىماقتا.
ئەمما ، دۆلەت ئىچىدىكى نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر جەمئىيەتشۇناس « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى » گە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان : ئەشۇ ئالىملارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە ، بەزىلىرىنى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇشتەك سىتراتېگىيىسى ئۈچۈن كەتمەن چېپىششتەك ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ، يەنە بەزىلىرىنى تەتقىقات تۈرىدە ئامېرىكا دېمىگراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ ، دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ، بىر قىسىم ئامېرىكا ئالىملىرىنى نوقۇللا « شىنجاڭ مۇستەقىللىقى» نى قوللايدۇ ، دەپ قارالسا ئۇلارنىڭ شەخسىيىتى ئۈچۈن « بەكلا ئاشۇرىۋەتكەنلىك» بولىدۇ. چۈنكى ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش سىتراتېگىيىسىنىڭ كەينىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەرگە قارىتا قوش ئۆلچەم قوللىنىش ، سېياسىيدىكى بىر تەرەپلىمىلىك قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان تەرەپلەرنىمۇ نەزەرگە ئالماي بولمايدۇ . ئەشۇ ئالىملارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى « ھەقىقى ئالىملىق سالاھىيىتىگە توشسىمۇ» ئەمما مۇئەييەن دەرىجىدىكى بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي ئەمەس. مەسىلەن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى « جۇڭگو دېگەن كۇمۇنىزم دۆلىتى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدۇ » ۋاھا-كازا دېيىشىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ پوزىتسىيىسى ناھايتى كەسكىن، بەزىلىرى مۆتىدىل . شۇڭا ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىلا قارا-قويۇقلا دۈشمەن قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ . ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىدىكى يادرولۇق مەزمۇن نېمە ؟ مەخسەت- مۇددىئاسىچۇ ؟ دېگەنلەرنى ئېنىق كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ پەرىقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش ، كۆپ ھەمكارلىشىش كېرەك .
پروفېسسور شىيۇڭ كۇنشىننىڭ قارىشىچە ، تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا ئالىملىرى ۋە ئامېرىكىلىق زادلارنى جۇڭگوغا كېلىپ ئەمەلىيەتنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىپ ، ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق ئۇلاردىكى يۈزەكىلىكنى ئۆزگەرتىش كېرەككەن. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى جۇڭگونىڭ چېگرا، سېياسىيشۇناشلىق كەسپىدىكى بىر ئالىم مۇنداق دېدى : « ئۇلارنىڭ قارىشى بىلەن بىزنىڭ قارىشىمىزنىڭ بىرلىككە كېلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش ناھايتى تەس بولسىمۇ ئەمما، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ئالاقە ساقلىنىپ كەلمەكتە». شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى بىر ئالىمنىڭ بىلدۈرىشىچە ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇلار بىلەن ئامېرىكا ئالىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئاز ، دېيىشكە بولىدىكەن.

كۈلۈپلا قويىمەن خالاس.....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش