مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3155|ئىنكاس: 20

سىلەرنىڭ مەملىكەتتە ئېشەك يوقمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95384
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2013-5-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 05:02:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىلەرنىڭ مەملىكەتتە ئېشەك يوقمۇ


ئەزىز نەسىن



تۈركچىدىن Hechkim تەرجىمىسى





چىشى ئاغرىۋاتقاندەك بىر قولى يۈزىدە، بېشىنى چايقاپ ئۆيگە كىردى. ئۆزىنى كاچاتلىغاچ توختىماي:

- تۈفي! رەسۋاچىلىق، شەرمەندە بولدۇق... دەيتتى. ئادەتتىغۇ ھالى چوڭ بىر ئادەم. ئىشىكتىن كىرەر-كىرمەي، سالاممۇ بەرمەستىن "رەسۋا بولدۇق..." دېيىشىگە ھەيران قالدىم.

- خۇش كەلدىڭىز، - دېدىم، - مەرھەمەت، ئولتۇرۇڭ...

- شەرمەندە بولدۇق، رەسۋاچىلىق...

- قانداق ئەھۋالىڭىز؟

- قانداق بولاتتى؟ يەنە قانداق بولاي؟ رەسۋا بولدۇق ئەنە... تۈفي!





بېشىغا بىر دەرت كەپتۇ-دە، دېدىم. يەنە ئائىلە ماجراسى ھەقىچان.

- شۇنچىلىك سەتلەشتۇقكى... ئىككى پۇڭغا ئەرزان بولۇپ كەتتۇق...

- نېمە بولدى؟

- يەنە نېمە بولسا بولاتتى؟ قوتۇر بېسىپ كەتكەن قېرى ھاڭگىنى ئىككى مىڭ بەش يۈزگە ساتتى...





كەينىمگە داجىپراق چىرايىغا قارىدىم: ئەقلىدىن كەتمىگەندۇ؟ قورققىنىمنى يوشۇرمايمەن. ئايالىمنى چاقىرىشقا باھەنە ئىزدەپ:

- قە...قەھۋە ئىچەمسىز؟ دېدىم.

- قوي شۇ قەھۋە-پەھۋەنى، - دېدى. - رەسۋا بولدۇق... بىر قېرى ئېشەك ئىككى مىڭ بەش يۈزگە يارامدۇ؟

- ئېشەك ئېلىپ-سېتىپ باقمىغاچقا بىلمەيدىكەنمەن...

- مەنمۇ ئېشەك بازىرىدا چوڭ بولمىغان، ئەمما بىر ئېشەككە ئىككى مىڭ بەش يۈز سانىمايدىغانلىقىنى بىلىمەن...

- چېچىلىپ قاپسىز بىر ئاز.

- چېچىلماي ئەمىسە، مەن چېچىلماي كىم چېچىلسۇن؟ ئىككى مىڭ بەش يۈزگە سېتىلغان ئېشەكنى كۆرۈپ باققانمۇسەن؟

- 20 يىلنىڭياقى ئېشەك كۆرۈپ باقمىدىم...

- ھەي، مەن ساڭا بىر ئېشەكنىڭ ئىككى مىڭ بەش يۈزگە سېتىلغىنىنى كۆرگەنمۇ، دەۋاتىمەن.

- بىلمىسەم... بەلكى، ئۇقۇمۇشلۇق بىر ئېشەكتۇر...

- ئۇقۇمۇشلۇقلۇقى قۇرۇسۇن، ئېشەك دەۋاتىمەن، ئېشەك... نۇتۇق سۆزلەيدىغان ئەمەس، ھاڭرايدىغان ئېشەك، بىلدىڭمۇ، ھاڭرايدىغان! تېخى قېرى، قوتۇر بىر ھاڭگا... بىچارىگە ئىككى مىڭ بەش يۈزگە ساتتى. ئەڭ يامان بولغىنى نېمە بىلەمسەن؟ بۇ سودىغا مەن سەۋەب بولدۇم.

- ھە؟ قانداق قىلىپ؟

- دەل شۇنى ئېيتقىلى كەلدىم... ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتىدىن ئايالىم بىلەن تەكلىپ بويىچە ئامېرىكىغا بارغانىدۇققۇ؟ بىلىسەن، بىر يىل تۇرۇپ كەلدۇققۇ ئۇ يەردە.

- بىلىمەن.

- ئامېرىكىدا بىر پروفېسور بىلەن تونۇشتۇم. دوست بولدۇق. كۆپ ياردەم قىلدى. قايتقاندىن كېيىنمۇ خەت يېزىشىپ تۇردۇق... بىر مەكتۇبىدا بىر ئاغىينىسىنىڭ تۈركىيىگە بارماقچىلىقىنى، ئۇياقنىڭ ئاسار-ئەتىقە گىلەملەر مۇتەخەسسىسى ئىكەنلىكىنى، گىلەم ھەققىدە يازماقچى بولغان بىر كىتابى ئۈچۈن تۈركىيىگە تەتقىقاتقا بارىدىغانلىقىنى يېزىپ، مەندىن ئۇ بۇرادەرگە ياردەم قىلىشىمنى ئۆتۈنۈپتۇ. مەنمۇ ئەگەر مېنىڭ تەتىل ۋاقتىمدا كېلەلىسە قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغىنىمنى ئېيتىپ جاۋاب يازدىم. بۇ گىلەمشۇناس بۇرادەر ئاۋال ھىندىستانغا، ئاندىن ئىرانغابېرىپ، تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ئاندىن تۈركىيىگە كېلەرمىش. دېمەك، ۋاقىت ھەممىمىزگە ئۇيغۇن.




7-ئايدا كەلدى. ئامېرىكىلىق پروفېسور دوستۇمدىن مېنىڭ ئادرېسىم، تېلىفون نومۇرۇمنى ئېلىۋالغانىكەن. چۈشكەن مېھمانخانىسىدىن تېلىفون قىلدى بىر كۈنى. باردىم. ئالۋاستى چىراي بىر نېمىس پۇشتى ئامېرىكىلىق. بەلكى يەھۇدىي قېنىمۇ بار بىر شالغۇت، ياكى نېمىس قانلىق، ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بىر يەھۇدىي. تۈركىيىگە كېلىشتىن بۇرۇن ئايلانغان يەرلىرىدىن تۆت تاغاردا لىق گىلەم، پايانداز، پالاس ئەكەلگەنمىش. كۆرسەتتى. ئەسكى-تۈسكى گىلەم، خۇرجۇن پارچىلىرى... دىن ئۇ ناھايتى مەمنۇن كۆرۈنەتتى. باھاسىز بىر خەزىنە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەتتى. تېخى، ئېنى ئۈچ غېرىچ، بويى بەش-ئالتە غېرىچ بىر كونا گىلەم پارچىسىنى ئەڭ ئاز بولغاندا ئوتتۇز مىڭ دوللارغا يارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ نەرسىنى ئىراندا، يوقسۇل بىر سەھرالىقتىن بىر دوللار ئەتراپىدا دىنارغا سېتىۋالغاندا، بىچارە دېھقان ھاياجاندىن سەكرەپ كەتكەنمىش، ۋە ئۇنىڭغا دۇئالار قىلغانمىش.




نېمىشقا بۇنچىلىك پۇلغا يارايدىغانلىقىنى سورىدىم ئەلۋەتتە. "چۈنكى، دېدى، - بۇنىڭ ھەر چاسا سانتىمېتىرىدا مىڭلارچە ئىلمەك بار، شاھانە بىر ئەسەر بۇ" ئۇ ئاجايىب بىر ھاياجاندا ماڭا چۈشەندۈرەتتى. ھازىرغىچە ئەڭ جىق بولغاندا بىر چاسا سانتىمېتىرىدا يۈز ئىلمەك بولغان گىلەمدىن بىرسىلا بارمىش دۇنيادا، قايسىبىر مۇزېيدىمىش، تام گىلىمىمىش. بىر پالاسنى كۆرسىتىپ "ئەللىك سېنتقا ئالدىم" دېدى، "ئەڭ ئاز بەش مىڭ دوللار" دېدى، ھەيرانلىقىمدىن كۈلەتتى.




- قانداقىسىگە بۇنچە ئەرزان ئالالىدىڭىز؟- دېدىم.
- قىرىق يىل مۇشۇ ئىشنىڭ پېشىدە يۈرۈيمىز ئەپەندىم، -دېدى. - بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە يارىشا ئۇسۇلىمىز بار.


ئاندىن، شۇنداق چارىلەرنى ئېيتتىكى، ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم. گىلەم ئالبۇمى، گىلەم ھەققىدە ئۈچ كىتاب چىقىرىپ بولغانمىش. دۇنيادىكى ئەڭ باي بىر قانچە گىلەم مەركىزىنىڭ بىرى ئۇنىڭمىش.


ئانادولۇ ساياھىتىگە چىقتۇق. يۇرت-يۇرت، ئۆي-ئۆي ئايلاندۇق. مەسجىدلەرگە كىرىپ، يارىغان گىلەملەرنى رەسىمگە تارتىپ، چۈشەندۈرۈش يازاتتى. بىر نەچچە يەردىن ئەسكى كىگىز، پالاس، گىلەم ئالدى. بۇ يەردە ئالغانلىرى، ھىندىستاندىن، ئافغانىستاندىن، جۇڭگۇ تۈركلىرىدىن، ئىراندىن ئالغانلىرىنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەسمىش. "قىممەتلىك تۈرك گىلەملىرى كۆپ، ھېچ ئۇچرىمايۋاتىدۇ" دەيتتى.


ئارخىئولوگىيلىك قېزىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر يەرگە كەلدۇق. ئامېرىكىنىڭ ۋە گېرمانىينىڭ بىردىن قېزىش ھەيئىتى بەش ئون كىلومېتىر دائىرىدە چېدىر قۇرۇپ، ھەممە يەرنى قېزىپ، ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنىكەن.


قېزىلىۋاتقان يەر بىر كەنت چوڭلۇقىدىكەن. نۇرغۇن چېدىرلار قۇرۇلغان. ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالامدىنمۇ ئون ئەسىرلەر بۇرۇنقى مەدەنىيەت كولاپ چىقىرىلغانمىش. مۇشۇنداق قېزىۋەرسە يەرنىڭ ئاستىدىن بىر ئەمەس، بىر مۇنچە شەھەر چىقارمىش. سارايلار، مازارلار دېگەندەكلەر...


قانداقلا بولمىسۇن، زېرىكىشلىق بىر ئىش بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ يەرگە تارىخ ۋە ئارخىئولوگىيە ھەۋەسكارلىرى شۇنچىلىك كۆپ كېلىدىكەنكى، ھەر ئىككى-ئۈچ كىلومېتىردا بەش ئون ساياھەتچىگە يولۇقتۇق. خارابىلىك ئەتراپىدىكى يېزىلىقلار ھەممىسى دېگۈدەك سېتىقچى بولۇپ كەتكەن، يەر ئاستىدىن چىققان تارىيخى ئەسكى-تۈسكىلەرنى ساياھەتچىلەرگە ساتاتتى. ئۇششاق بالىلارمۇ يول بويىدا تىزىلىپ، ساياھەتچىلەرگە يەر ئاستىدىن چىقارغان ھالقىلار، تاشلار، چىنە پارچىلىرىنى تەڭلەيتتى. كىچىككىنە، يالاڭئاياق قىز-ئوغۇللار "ۋان دالېر، تۈ دالېر..." دېيىشىپ چاڭىلدىشاتتى.
بۇ يەرگىچە كەپتۇق، بىرەر نەرسە ئېلىپ قوياي، خاتىرە بولۇپ قالسۇن، دەپ، ئون ياشتا كۆرۈنگەن سېرىق چاچ بىر قىزدىن بىر ئەسكى قۇلۇپ، يېنىدىكى بىر ئوغۇلدىن ئادەم كاللىسى شەكلىدىكى كىچىك بىر كۆكتاش ئالدىم. بۇ كۆكتاشنى ئۈزۈك كۆزى قىلىشقا بولاتتى.


- قانچە پۇل؟- دېدىم.
قىز قۇلۇپقا قىرىق، ئوغۇل كۆكتاشقا ئون بەش باھا قويدى. مەنمۇ دۆت ئەمەستە؟ ئەرزان ئالالمايتتىممۇ؟
- قىممەتكەن...- دېدىم.

پىشقان بىر سودىگەرلەردەك ماللىرىنى ماختاشقا باشلىدى. قانداق قىممەت بولسۇن! ئاتىسى كۈنبويى ئىشلەپ، بەش مېتىر يەر ئاستىدىن تاپسۇن، يەنە قىممەتمۇ؟ ئاسارە-ئەتىقىشۇناس بۇرادەر بۇ نەرسىلەرنىڭ نە تارىيخى، نە ساقلاش قىممىتى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، شەرقتە ئايلىنىپ يۈرگىنىدە ھەممە يەردە مۇشۇنداقلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى:"ئۇ يەرلەردىمۇ ئوپمۇئوخشاش. نەدە بىر يەر قېزىلسا، شۇ يەردە ئەر-ئايال، قېرى-ياش ھەممىسى چىقىپ ساياھەتچىلەرنى توسۇپ، قولىغا نېمە چىقسا شۇنى ئاسارە-ئەتىقە دەپ ساتىدۇ..."


بۇ سەھرالىقلار شۇنچىلىك ئۇستىلىق بىلەن ياسايدىكەنكى ئۇ نەرسىلەرنى، مەشھۇر ئارخىئولوگلارمۇ پۇلنى راسا خەجلەپ سېتىۋالارمىش. ھەتتا بىر ئامېرىكىلىق ساياھەتچىگە بىر ئىت ئۆلۈكىنى، تۈكلىرىنى تاراشتۇرۇپ، ئۇيان-بۇيان قىلىپلا، بەش مىڭ يىللىق پادىشاھ مومياسى دەپ ساتقانمىش. بۇلارنى دەۋېتىپ، مېنىڭ ھەيرانلىقىمدىن كۈلەتتى. ئەمما، ئۇنىڭچە بۇمۇ يامان ئىش ئەمەسمىش، چۈنكى ھۈنەر ئۆزى ياخشى ئىشتە؟ مەسىلەن، بايىقى ئادەم كاللىسى شەكىللىك تاش... ئاسانمۇ شۇ شەكىلگە كىرگۈزمەك...


ئىجارىگە ئالغان ماشىنىدا كېتىۋاتىمىز. ھاۋا ناھايتى ئىسسىق. يول بويىدا ئىككى ئۈچ تۈپ دەرەخ، يېنىدا بىر قۇدۇق كۆردۇق. سايىدە دەم ئالماقچى بولدۇق. قارىساق، بىر قېرى سەھرالىق سايىدە ياتقانىكەن، سەل نېرىدا بىر ئېشەك تۇراتتى.


قېرى بىلەن سالاملاشتۇق، پاراڭلاشتۇق. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئامېرىكىلىققا تەرجىمە قىلىپ بېرەتتىم.

- بۇ يېزىلاردا نېمە تېرىيسىلەر؟- دېدىم.

- ھېچنىمە...- دېدى. - بۇرۇن ئۇنى-بۇنى تېرىيتتۇق. قاچان بۇ قېزىش باشلاندى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئادەملەر ھورۇنلىىشپ كەتتى... 20 يىل بولدى، دېھقانچىلىق يوق...



ئامېرىكىلىق:

- مەن كۆرگەن باشقا يەرلەردىمۇ خۇددى شۇنداق، - دېدى.


قېرىدىن سورىدىم:

- ئۇنداقتا، نېمە بىلەن تىرىكچىلىق قىلىسىلەر؟

- يەر ئاستىدىن چىققان تاش-پاش، قاچا-قۇچا سۇنۇقى مودا بولۇپلا، ھەممەيلەن ئېتىزنى تاشلىدى، كۆرۈنگەن يەرنى كولاپ، نېمە تاپسا كېلىپ-كېتىپ يۈرگەن ئەجنەبىيلەرگە سېتىپ يۈرىشىدۇغۇ...



ئامېرىكىلىق:

- باشقا يەرلەردىمۇ خۇددى شۇنداق...


قېرى:

بىزنىڭ بۇ خەق بىر توپ ئەخمەق، - دېدى. - مەملىكەتنىڭ پۈتۈن بايلىقىنى ئەرزىمەس پۇلغا ئەجنەبىي ئوغرىلارغا سېتىپ تۈگىتىشتى... بۇ تۇپراقلارنىڭ ئاستىدىن نېمىلەر چىقمىدى دەيسەن؟ ئاجايىپ تاش تۈۋرۈكلەر، مازارلار چىقتىكى، ئەگەر نەق باھاسىغا ساتالىساقتۇق، بۇنداق تۈركىيىدىن ئوننى قۇراتتۇق يەنە. ئەجنەبىي دېگەن ئوغرى دېگەن گەپمىكىن دەيمەن، چوقۇم شۇنداق... ھەممىنى ئوغرىلاپ تۈگىتىشتى شەرەپسىزلەر. ئوغرىلىغانلىرىنى ئۆز يەرلىرىگە ئاپىرىپ چوڭ چوڭ شەھەرلەرنى قۇرغانمىش. يا ئۆزلىرى ئوغرىلايدۇ، يا سەھرالىقلارنى ئالداپ، بىكارغا ئېلىۋىلىشىدۇ.


ئامېرىكىلىق:

- باشقا يەرلەردىمۇ خۇددى شۇنداق...


- ئەمدى، - دېدى قېرى، - يەر ئاستىدا پوقمۇ قالمىدى چىققۇدەك. بولغان تەقدىردىمۇ كارىڭ بولمىسۇن، ھۆكۈمەتنىڭ پەيلى يامان، ھېچكىمگە بىر نەرسە تۇتقۇزمايدۇ. بۇ يېنىڭدىكى ئەجنەبىي يەنە ئوغرىلىماقچى بولسا ھۆكۈمەتنىڭكىنى ئوغرىلايدۇ ئەمدى. ھۆكۈمەت دېگەن گۇيلارمۇ ئۆزىنى ساتقىلى تۇردى باھاسىغا...

- خۇددى شۇنداق...

- ئۇنداقتا، ھازىر كىشىلەر قانداق كۈن ئېلىۋاتىدۇ؟

- كېيىن... بۇ يەرلەردە ئالتە يېزا بار. ئۆيلىرىگە قاراپ باق. بىر پۇچۇق قازىنىمۇ يوق، نە چىنە-قاچا، نە ئوچاق... ھەممە ئۆي قۇپقۇرۇق...

- نېمىشقا ئەمدى؟

- نېمىشقا بولاتتى؟ ساتتى ھەممىنى. يىڭنىمۇ قالمىدى ئۆيلەردە. ئاسارە-ئەتىقە دەپ ئۆزىدىن باشقا ھەممىنى سېتىپ يەپ بولۇشتى. يەرگە كۆمۈپ، ئىسقا تۇتۇپ، ئېچىتىپ، سېسىتىپ... دېگەندەك چارىلەر بىلەن ھەممە نەرسىنى ئاسارە-ئەتىقە ياساشتى. يۈز دېگەن قالمىدى بۇ يەرلەردە ئەپەندىم... قايسى كۈنى تېخى ئەمدى ئايىغى چىققان، بارماقتەك بىر بالا ئېشىكىمنىڭ توقۇمىنى ئوغرىلاۋاتىدۇ. نېمە قىلىدۇ ئۇنى دەمسەن؟ ئاپىرىپ كۆمىدۇ بىر يەرگە... چۈشەندىڭمۇ؟ ئاندىن كۆمگەن يېرىدىن ئېلىپ ساتىدۇ. تويلۇققىمۇ ئاسارە-ئەتىقە سورىشىدۇ. شۇنداق ھۈنەرلىرى باركى، ئېشەك تاقىسىدىن مېدالىيونلار، كونا زاماندىكى تىللالارنى ياسىشىدۇ.

- ساڭا دېمىگەنمىدىم؟ باشقا يەرلەردىمۇ خۇددى شۇنداق...




يەنە سورىدىم قېرىدىن:

- خوش، سەن نېمە ئىش بىلەن جان باقىسەن؟

- ئېشەك ئېلىپ ساتىمەن.



شۇنداق دەۋېتىپ، قۇدۇقتىن سۇ ئېلىپ ئېشەكنى سۇغاردى. ئېشەك سۇ ئىچىۋاتاتتى، ئامېرىكىلىق تۇيۇقسىز ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ ئېشەكنىڭ يېنىغا باردى. مەن قېرى بىلەن سۆزلىشىۋاتاتتىم.

- ھال-كۈنۈڭ قانداقراق ئېشەك تىجارىتى بىلەن؟

- خۇداغا شۈكرى... بەش يىل بولدى تۇرمۇشۇم ئېشەك سودىسى بىلەن ئۆتىدۇ.

- قانچىلىك پۇل تاپىسەن مەسىلەن؟

- ئوخشىمايدۇ، ئېشەككە بېقىپ بىر نەرسە قالىدۇ شۇ...

- بىر ئېشەكنى قانچىلىك ۋاقىتتا قولدىن چىقىرالايسەن؟

- ئوخشىمايدۇ. بەزىدە ئۈچ ئاي، بەش ئاي تۇرۇپ قالىسەن بىر ئېشەكنىڭ تېزىكىنى پۇراپ، بەزىدە بىر كۈندە بەش ئېشەكنى ئۇزىتىسەن...




ئامېرىكىلىق يېنىمغا كەلدى. ھاياجاندىن تىترەپ تۇرۇپ:

- ئوھ ماي گاد، دېدى، - شۇ ئۇچۇلۇقنى كۆردۈڭمۇ، ئېشەكنىڭ ئۈستىدىكى؟



ئىنگىلىزچە سۆزلىگەچكە ئېشەكچى چۈشىنەلمەيتتى. ئېشەكنىڭ ئۈستىدە كونا، ئۆڭۈپ كەتكەن، ئىسكەتسىز بىر ئۇچۇلۇق كۆردۈم.

- ئاشۇ ئەخلەتنى دەۋاتامسەن؟- دېدىم.

- تەۋەررۈك! دېدى ئۇ، - كەم-كۈتىسىز بىر گۆھەر ئۇ، گۆھەر! سىلەر پاراڭلىشىۋاتقاندا تەپسىيلى كۆردۈم. رەڭگى، شەكلى، ھۈنەر... تامامەن بىر شاھانە ئەسەر. دۇنيادا بۇندىقى يوق، تەڭداشسىز نەرسە...

- سېتىۋالماقچىمۇسەن؟- دېدىم.

- ئەلۋەتتە، بىراق... بۇ قېرى ئالىدىغىنىمنى بىلمىسۇن. مەن بۇنداقلارنى ياخشى بىلىمەن. تاشلىۋەتمەكچى بولغان كونا، يىرتىق كەشىنى ئالاي دەپلا قويساڭ، دېمەك بۇنىڭ قىممىتى باركەن، دېمەك ئاسارە-ئەتىقىكەن، نېمىشقا بىلمەي قالغاندىمەن، دەپ بىر پاتمان پۇل سورايدۇ. سورىغىنى بېرەي دەپ قويدۇڭمۇ، باھاسىنى ئۆستۈگىنى ئۆستۈرگەن... ئۇنىڭغا بىلدۈرمەيلى...




شۇ ئەسنادا قېرى:

- نېمە دەپ كېكەشلەۋاتىدۇ كاپىر؟ نېمە دەپ غوڭۇلدىشىۋاتىسىلەر؟ دەپ قالدى.

- ھېچنېمە، - دېدىم. - بۇ يەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، دەۋاتىدۇ...

- ياخشى كۆرگۈدەك نېمە بار بۇ يەردە؟ تاپتاقىر يەرلەرغۇ...



ئامېرىكىلىق:

- مەن ساڭا باھانى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇللىرىنى دەپ بەرگەنىدىمغۇ؟ ھە، ھازىر شۇ ئۇسۇللاردىن بىرنى ئىشلىتىمىز.

- قانداق ئۇسۇل؟

- ئۇچۇلۇقنى سورىمايمىز، ئېشەكنى ئالىمىز. قېرى ئۇ ئۇچۇلۇقنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ ئەلۋەتتە، شۇڭا ئۇچۇلۇق ئېشەك بىلەن بىللىلا قولغا كېلىدۇ. ئاندىن بىز ئۇچۇلۇقنى ئېلىپلا، ئېشەكنى قويۇۋېتىمىز. سەن ھازىر ئۇنىڭغا مېنىڭ ئېشەكنى ئالىدىغىنىمنى ئېيت...



قېرىغا:

- سەن ئېشەكنى ساتىسەن، شۇنداققۇ؟- دېدىم.

- ئەلۋەتتە، ساتىمەن...- دېدى.

- مەسىلەن، بۇ ئېشەكنى قانچىگە ساتىسەن؟

- خېرىدارىغا قارايمىز...

- بىز خېرىدار بولساق؟

كۈلدى:

- مېنى چېلىۋاتامسىلەر نېمە؟ سىلەر ئەپەندىلەر ئېشەكنى نېمە قىلاتتىڭلار؟

- سېنىڭ نېمە كارىڭ... ئېشەكنى ئالىمىز. باھاسىنى دە.

- خېرىدارىغا قاراپ... دېدىمغۇ؟ سەن ئالامسەن يا ماۋۇ كاپىرمۇ؟

- ئۇ ئالماقچى...

- نەدىن بۇ ئەبلەخ؟

- ئامېرىكىلىق...

- ھىم... ناتونۇشمۇ ئەمەسكەن، ئۆزىمىزگە ئوخشاش ھېسابتا... بۇ ئېشەك بەك قېرى. ئېيت شۇ كاپىرغا، بۇ ئېشەك ئىشقا يارىمايدۇ...

ئامېرىكىلىققا ئېيتتىم.

- ۋاھ، ناھايتى ياخشى، دېمەك ئەرزان ئالىمىز، - دېدى.

- قېرى بولسا بولسۇن، ئۇ رازى...

- سەت تۇرمامدۇ ئەپەندىم؟ كېيىن كاپىر ئامېرىكىغا بېرىپلا، تۈركلەر مېنى قويدى، دېسە نېمە سەتچىلىك...

ئامېرىكىلىققا تەرجىمە قىلىپ بەردىم.

- ئاھ... دېدى ئۇ، - تۈركلەر نېمىدىگەن ئاقكۆڭۈل، ساپ ئىنسانلار... باشقا يەرلەردە بولسا مىڭ ئەيىبى بولسا يوشۇرۇپ ھازىرلا سېتىپ بولاتتى. ئۇ شۇنچىلىك ياخشى نىيەتلىك بىرى بولسا، ماقۇل، مەنمۇ جىق تالاشمايمەن.

قېرىغا:

- ئامېرىكىلىق رازى... دېدىم.

- لېكىن، ئەپەندىم، بۇ ئېشەك ئامېرىكىغا بارغۇچە ئۆلىدۇ. ھە راست، يەنە بۇ ئېشەك ئاجايىب قوتۇراپ كەتكەن، ھەممە يېرى قوتۇر...

- ساڭا نېمىدى؟ خەق «مەن رازى» دەۋاتسا؟

- ئاللاھ ئاللاھ... بۇ مادا ئېشەك ئەمەسقۇ ئىشقا يارىغۇدەك... نېمە قىلغۇدەك بۇ ئۆلەرمەن قوتۇر ئېشەكنى؟

- نېمە قىلاتتىڭ سەن؟ سەن باھاسىنى ئېيت، قانچىگە بېرىسەن؟

- توۋا دەيمەن-دە، - دېدى قېرى. - يەنە بىر سورىغىنە شۇ ئامېرىكىلىق ئەپەندىدىن. ئۇنىڭ مەملىكىتىدە ئېشەك يوقمىكەن؟

- سىلەرنىڭ مەملىكەتتە ئېشەك يوقمۇ، دەپ سوراۋاتىدۇ.

ئامېرىكىلىق بىردەم تۇرۇۋېلىپ:

- بارلىقىغۇ باركەن، لېكىن بۇندىقى يوقمىش، دېگىن...- دېدى.

قېرىغا دېدىم.

- ھىم.... دېمەك، تۈرك ئېشىكىگە ئامراق. خوش، مەندە گۇناھ قالمىدى. ئېشەكنىڭ ھەممە ئەيىبىنى ئېيتتىم. ئەجنەبىينىڭ يۈزىنى قىلمىساق بولامدۇ بىر قوتۇر ئېشەك ئۈچۈن... ساتتىم ئەمىسە...

- قانچە؟

- ئون مىڭ دوللار...

- ھە!!! ساراڭمۇ سەن؟ ئەڭ ئېسىل ئەرەپ بەيگە ئېتىمۇ ئىككى ئۈچ مىڭ، تېخى لىرا...

- ئۇنداقتا ئېشەكنى قويۇپ، ئەرەب ئېتى ئالسۇن. دەپ قوي ئۇنىڭغا، ئەڭ ئېسىلىدىن ئالسۇن جۇمۇ...



ئامېرىكىلىققا ئون مىڭ دوللار باھا قويۇۋاتقىنىنى ئېيتتىم.

- دېمىدىممۇ، - دېدى. - سوراپ قويدۇڭمۇ، مۇشۇنداق ئاسمانغا ئېسىۋالىدۇ... دېمەك، سوراۋەرگىنىمىزدىن گۇمانلىنىپ، باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالغان گەپ. خۇداغا شۈكرى، ھېلىمۇ شۇ ئۇچۇلۇقنى ئالىمىز دېمەپتۇق، يۈز مىڭ سوراركەن. ئەگەر ھازىر مەن شۇ باھاغا رازى بولسام، باغلىشىمەن، ئەللىك مىڭغا ئۆسىدۇ... شۇڭا قاتتىق باھا تالاشمىساق بولمايدۇ...

قېرىدىن سورىدىم:

- قاملاشقۇدەك گەپ قىلە، ئۆزۈڭ قانچىگە ئالغانىدىڭ ئېشەكنى؟

- مەن يالغانغا ئۆچ، - دېدى. - تاھارەت بىلەن تۇرۇپتىمەن. ئېشەكنى تېرىسىدىن ساندال تىكىمەن، دەپ بەش لىراغا ئالغان. بۈگۈن ئەتە ئۆلىدۇ-دە، تېرىسىنى ئالىمەن... باشقا ئىشقىمۇ يارىمايدۇ...

- ئىنساپ ھوي... بەش لىراغا ئالىسەن، ئون مىڭ لىرا ساتىسەن؟

- لىرا ئەمەس، دوللار! مەن ساتاي دېمىدىم، ئۆزۈڭلار خېرىدار بولدۇڭلار. قېرى دېدىم، كاپىر "مەيلى" دېدى. قوتۇر دېدىم، رازى. مادا ئەمەس دېدىم، يانمىدى. ئەتە ئۆگۈن ئۆلىدۇ، دېدىم، ياخشى دېدى... ھە راست، تاس ئۇنۇتاركەنمەن، بۇ ئېشەك توكۇر جۇمۇ، كەينى پۇتى ئاقسايدۇ...

- ئوكەي.

- مانا، كۆردۈڭمۇ؟ دېمەك مەن بىلمەيۋاتقان بىر قىممىتى، بىر كارامىتى بار بۇ ئېشىكىمنىڭ. بولمىسا بۇ كاپىر نېمىشقا قوتۇر، قېرى، چولاق ھاڭگىغا مۇنچىلىك خېرىدارلىق قىلىدۇ؟ ئون مىڭ... بىر تىيىن چۈشمەيمەن...

ئامېرىكىلىققا:

- ئون مىڭدىن چۈشمەيۋاتىدۇ، ئالامدۇق شۇنىڭغا؟ دېدىم.




ئىككى سائەت سودىلاشتۇق. ئارىلىقتا ۋاز كەچكەن قىياپەتتە كەتتۇق. قېرى قېشىنى مىدىرلىتىپمۇ قويمىدى. قايتىپ يېنىغا كەلدۇق...

- قايتىشىڭلارنى بىلەتتىم...- دەپ كۈلدى.

- قانداق بىلەتتىڭ؟

بىز چۈشكەن ماشىنى كۆرسەتتى. توغرىدە، كېتىدىغان ئادەم ماشىنىغا قاراپ ماڭماي، بىزدەك چۆلگە قاراپ ماڭامتى؟
شوپۇرغا ماشىنىنى ھەيدەپ ئالدىمىزدا بىر يەردە ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتتىم. ئېشەكنى يېتىلەپ ئۇ يەرگە ئاپارغاندىن كېيىن، قويۇۋېتىپ كەتمەكچى بولدۇق. ئۇنى قىلىپ، بۇنى قىلىپ، ئاخىرى ئىككى مىڭ بەش يۈزنى سانىدۇق. قېرى ئۇچۇلۇقنى قولىغا ئېلىپ، ئېشەكنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتقۇزدى قولىمىزغا.

- قېنى، ئاۋايلاپ ئىشلىتىڭلار... لېكىنزە ئەرزان كەتتى بىزنىڭ ئېشەك... خەير، مالنىڭ راھىتىنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلسۇن.



ئامېرىكىلىقنىڭ جامدەك ئېچىلىپ قالغان كۆزلىرى قېرىنىڭ قولىدىكى ئۇچۇلۇققا تىكىلىپ قالغان ئىدى. خوش، ئەمدى قانداق قىلدۇق؟

- بىلىپ قالمىسۇن، چاندۇرمايلى... - دېدى، - ئېشەكنى ئېلىپ بىر ئاز ماڭايلى، ئاندىن شۇنداقلا قايتىپ: "قارا، بىچارە ئېشەك توڭلاپ قالمىسۇن، شۇ ئۇچۇلۇقنى بەر، ئۈستىگە ياپايلى" دەيلى... ئەسلى مەقسىدىمىزنىڭ شۇ ئۇچۇلۇق ئىكەنلىكىنى زىنھار سېزىپ قالمىسۇن...



ئېشەكنى ئارغامچىسىدىن يېتىلەپ ماڭدۇق. ماڭدۇق، دەپ قالدىم، لېكىن بىر ئاز تەس بولدى... ئامېرىكىلىق ئارقىدىن ئىتتىرىدۇ، مەن ئارغامچىسىدىن تارتىمەن، ئېشەك كەينىگە تارتىدۇ... شۇ ئۇچۇلۇقنى بىر ئالساق، شۇ ئېشەك بالاسىدىن قۇتۇلساق...


شۇ تەرىقىدە يىگىرمە ئوتتۇز قەدەم ماڭدۇق. قېرى چاقىرىپ قالدى:

- توختاڭلار، توختاڭلار، ئېشەكنىڭ بىر نەرسىسى قاپتۇ...

ئاھا! ئۇچۇلۇقنى ئۆزى ئەكىلىپ بېرىدىغان بولدى دەپ شۇنداق خۇش بولدۇقكى... قېرى يۈگۈرۈپ كەلدى.

- ھەي... دېدى، - قوزۇقنى ئۇنۇتتۇڭلار. ئامېرىكىغا ئاپارغاندا بۇ ئېشەكنى قانداق باغلايسىلەركىن؟ قوزۇقىسىزمۇ ئېشەك ئالغان بارمۇ؟ چەت ئەللىك دېگەنزە...



بىر ئۇچىدا ھالقىسى بار بىر تۆمۈر قوزۇقنى قولىدىن ئالدۇق.

ئامېرىكىلىق ماڭا:

- دەل پەيتى، ھازىر ئۇچۇلۇقنى سورا... چاندۇرۇپ قويما... "ئاۋۇ كونا ئۇچۇلۇقنى بېرىۋەت بىزگە" دېگىن...
سورىدىم:

- قارا، بۇ ئېشەك بەك قېرى، تېخى كېسەلدەك تۇرىدۇ... ھاۋا سوغۇق، توڭلاپ قالمىسۇن ھايۋان، - دېدىم. - سەن بۇنىڭغا بىر ئۇچۇلۇق يېپىپتىكەنسەن، شۇنى بەر-دە، يېپىپ قويايلى...

- ياق، - دېدى، - بەرمەيمەن... سىلەر مەندىن ئېشەك ئالدىڭلار، ئۇچۇلۇقنى ئەمەس...

- توغرا، ئېشەك ئالدۇق... ئۇچۇلۇقنى بەرگىن، ئۈستىگە ياپايلى. كونا، مەينەت بىر ئۇچۇلۇققۇ؟ پۇلغىمۇ يارىمايدۇ بەرىبىر.

- سىلەر ئېيتقاندەك كونا، مەينەت، پۇلغىمۇ يارىمايدۇ... لېكىن بېرەلمەيمەن.

- نېمىشقا؟

- بېرەلمەيمەن ئەپەندىم. ئاتا-بوۋامدىن قالغان تەۋەررۈك بۇ، بەرگىلى بولمايدۇ...

ئامېرىكىلىققا «بەرمەيۋاتىدۇ، ئاتا يادىكارىمىش» دېدىم. «نېمىگە يارايدىكەن، سورىغىنا بىر» دېدى.

- نېمىگە يارايتتى بۇ ئەخلەت...- دېدىم.

قېرى بىردىن جىددىيلەشتى:

- نېمىگە يارايدۇ؟ ھازىر قوتۇر ئېشەكتىن بىرنى ئەرزىنىغا ئالمەن-دە، ئۈستىگە ياپىمەن. تەلىيىم بولسا، سىلەردەك بىرىنى تاپىمەن، ساتىمەن. بۇ ئۇچۇلۇقتا بىر ئامەت بار، ئامەت... قوزۇقنى قوشۇپ بەردىم، ئۇنىڭغا پۇل ئالدىممۇ؟

- جاھىللىق قىلما، بوپتۇ، ئۈستىدىن ئازراق بىر نېمە بېرەيلى، سېتىپ بەرگىن...

- ھە، ئاندىن مەن باشقا ئېشەكلەرنى ساتالماي قالاي، شۇنداقمۇ؟ بەش يىلنىڭياقى ئۆلەرمەن، قوتۇر ئېشەكلەرنى مۇشۇنىڭ باھانىسىدە سېتىپ كېلىۋاتىمەن... قېنى، ئەپەندىلەر، يول بولسۇن...



ئامېرىكىلىقنىڭ يۈرەك كېسىلى بولمىغىيدى، دەپ ئەنسىرەپ، يېنىدىراق ماڭدىم. بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندا، قېرى كەينىمىزدىن توۋلاپ قالدى:

- ئېشەكنى تاشلىۋەتسەڭلار، جاپا تارتىپ يۈرمەي، تاشلاپ كېتىۋېرىڭلار، ماشىناڭلار خېلى يىراقتىغۇ دەيمەن، ھېرىپ قالىسىلەر ئۇ يەرگە بارغۇچە...

ئېشەكنى تاشلاپ، ماشىنىغا قاراپ خېلى ماڭدۇق. ئامېرىكىلىق گىلەمشۇناس:

- باشقا يەرلەردە مانا بۇ يوقتى، بۇنداق ئىشقا ئۇچراپ باقمىغانىدىم، - دېدى. - ھەممە ئىش ئوخشاش، ئەمما بۇ باشقىچە...

ماشىنىغا چىقتۇق. قوزۇق قولىدا ئىدى. تاشلىۋەتمىگەنىدى.

- تاشلىغىنا شۇ قوزۇقنى. نېمە قىلاتتىڭ ئۇنى؟ دېدىم.

- خاتىرە قىلىپ گىلەم مەركىزىمدە ساقلايمەن، - دېدى. - قىممەتلىك بىر قوزۇق بۇ، ئىككى مىڭ بەش يۈزگە بەك ئەرزان توختىدى...





ئاھ، رەسۋا بولدۇق، شەرمەندە بولدۇق.... تۈفي!....... رەسۋا بولدۇق، دەپ بېشىغا ئۇراتتى توختىماي.

مەنبە:http://eser.okyan.com/eser/dunya/proza/2011/0128/1285.html


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81817
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3415
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2012-6-19
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 01:34:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻛﻪﻥ، ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭىكاللا! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mus_eb تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-5 01:35 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 01:37:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشنامنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغانتىم.ئۇچۇلۇق ئەمەس.جۇمبۇ دەپ ئاڭلاپتىكەنمەن.شۇنداق كۈلگەن.بۈگۈن.يەنە ھاھاھاھاھاھاھا

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18433
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6460
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 02:38:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ئەقىللىكەن ئۇ بوۋاي

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5943
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 02:41:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل بوۋاي ...يارايسەن..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90383
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 02:50:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكاينى ئۇقۇپ تازا كۈلۈپتىمەن دېسە،

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 03:00:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوۋاينىڭ ئەقلىگە نېمە دىيىشىمنى بىلمىدىم، باشقىلار سېنىڭ ياخشى نەرسەڭگىلا كۆز تاشلايدۇ، ئەجەبا ئۆزۈڭدىكى بارلىق ياخشىنى ئۆزگىگە سېتىۋەتسەڭ ئۆزۈڭدە نېمە قالماقچىدى؟ چوڭقۇر مەناغا ئىگە ھېكايىكەن بۇ، تەرجىمىمۇ بەك ياخشى قىلىنىپتۇ، تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر.....

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 03:23:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ئەقىللىق بۇۋايكەن ئاۋۇ ، تازا كۈلۈپتىمەن .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6729
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1850 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 03:38:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما بوۋاي نىمىدىگەن ئەقىللىق....  لىكىن ئاۋۇ تۈرۈككە سەل ئاچچىقىم كەلدى....   ئامرىكىلىققا بولىشىپ  تاس قالدى  ئۆز قىرىندىشىنى قويغىلى......   لاتا  گۇي......

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89440
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 521
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2014-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 04:15:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇركىيەدىكى يەرلىك خەلق ھەقىقەتەن يامان جۇمۇ پۇل تىپىشقا. شۇڭىمۇ ھازىر دۇنيا بويىچە ئىقتسادى ئىشىش سۈرئىتى جۇڭگۇدىن قالسىلا ئىككىنجى بولۇپ مىڭىۋاتىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش