hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 12:33 AM
بۇنداق شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان ھاياسىز ...
سىزدەك بۇنداق ئۇلۇغ كۈننىڭ قەدرىنى بىلىدىغان تەقۋالىقتا كامالەتكە يەتكەنلەر نېمە قىلارسىز بۇ يازمىنى چېكىپ بېقىپ ؟ ناۋا دەپ قويۇپتۇ بولمىسا يازما ئىسمىنى سىزنى خاتا كىرىپ قالدىمىكى دېسەم . بۇنداق شەيتاننىڭ ئىشلىرىغا ئۆچ ئادەم نېمە قىلىسىز زادى بۇنداق تېمىلارغا كىرىپ ؟! قولىڭىز مائۇسقا تېگىپ كېتىپ تۇيۇقسىز كىرىپ قالدىڭىز دەيلى قېنى شۇنداقتىمۇ ۋاي ئاپلا شەيتاننىڭ بىر نېمىسىنىڭ تېمىسىغا كىرىپ ساپتىمەن دەپ پالاق - پۇلۇق ئۆچۈرۈپ دەرھال تەسۋېرىڭىزنى سىيرىماي نەزىرىڭىزدىكى شەيتاننىڭ چوماقچىلىغا لەنەت ياغدۇرۇپ ئاھ ئۇرۇپ كېتىپسىز ، ئۆزىڭىزنىڭ قاتتىق تەقۋالىقىڭىزنى نامايەن قىلماقچىمۇ نېمە سىز ؟ شۇنىڭ ئورنىغا مۇنۇ ناۋانى كۆرۈپ قاتتىق ئېزىپ كەتكەن ، ئۇلۇغ كۈننىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ئازغۇن قېرىنداشلىرىڭىغا ناخشا - مۇزىكىغا بېرىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ، مۇشۇ ئۇلۇغ رامىزان كۈنلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش بۇنداق ئىشلارغا بېرىلمەسلىك توغرىلىق چىرايلىق گەپلەر بىلەن ، ئايەت ھەدىسلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئاللاھتىن رەھمەت تىلەپ قويسىڭىز تەسىرلىنىپ سىزدەك شەيتانغا ئەل بولمايدىغان كىشىلەرگە ھەۋەس قىلىپ تەۋبە قىلىپ قالاتتۇق ! ئەپسۇس سىز ساختا تەقۋا بولغاچقا ، دەۋەتنىڭ نېمىلىكىنى ، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان بولغاچقا ئېغىزىڭىزدىن پوق ئېقىتىشقا ئۈلگۈرۈپسىز . بەك ئەپسۇس ……
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulher تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-5 04:56 AM