مۇھاببەت-ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئىنسانغا بەخش ئېتىلگەن،ۋۇجۇدقا راھەت بېغىشلايدىغان ،بۈيۈك تۇيغۇدۇر،ئىنسان ئەنە شۇ بۈيۈك تۇيغۇ –مۇھاببەت بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ،ئەنە شۇ مۇھاببەت بىلەن بىر –بىرىگە كۆڭۈل بېرىدۇ،بىر –بىرىنى يۆلەيدۇ.
مۇھاببەت دەپ بىرنەرسىنى سۆيمەككە ئېيتىلىدۇ،دۇنيادىكى ئىنسانلار مېھر –مۇھاببەت سايىسىدە ياشايدۇ،ھەر بىر ئىشنى مۇھاببەت ئارقىسىدا ئىشلەيدۇ.
ئەگەر بىراۋلارنىڭ قەلبىدە مۇھاببەت بولمايدىكەن،ئۇ ھەرگىزمۇ نورمال ئادەم ئەمەس.
ئاياللىرىمىزنىڭ يېرىم –يالىڭاچ كوچىلارغا چىقىشى ئەرلىرىمىزنىڭ ئەركەكلىكىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىدۇر.
كەپتەر ئادەمنىڭ تىلىنى بىلمەيدۇ،شۇڭا ئۇ بەختلىك،ئادەم ئادەمنىڭ تىلىنى بىلگەچكە ئادەملەر مەڭگۈ ئازاب،گۇمان ،يىغا ئىچىدە ياشايدۇ.
داڭگال دېگەن توپا،توپا دېگەن ئۇلۇغ نەرسە،تېرىساڭ ئاشلىق چىقىدۇ،لاي ئەتسەڭ ئۆي سالغىلى بولىدۇ.
تالانىڭ ئاياللىرى دېگەن بىر ئىللىق شامال،شامالنى كۆرگەن ھارقانداق ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ لەگلەك ئۇچۇرتقىسى كېلىدۇ،لېكىن بۇنداق شامالنىڭ ھاياتى ئۇزۇنغا بارمايدۇ،ئۇلار ھامان يەنە بىر ماكاننىڭ ئادەملىرىنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىرايدۇ.
مۇھاببەت دېگەن بىر يەمچۈك ئۇ،قىزلار ئەرلەرنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە ئالدىنىدۇ،ئۆزلىرىنى شۇ ساختا سۆزگە تۇتۇپ بېرىپ مەنىۋىيىتىنى قۇربان قىلىۋېتىدۇ.نەتىجىدە بىر ئۆمۈر پۇشايمان ئىچىدە ئۆتىدۇ.
مۇھاببەتتىكى تەبئىيلىك رىئال ھاياتتىكى ئوكسېگىنغا ئوخشاش،ئىككى قەلب ئارىسىدا كەم بولۇپ قالسا زادىلا بولمايدىغان ھاياتلىق مەنبەسى.ناۋادا،بۇ تەبىئيلىك بولمايدىكەن ،سىزنىڭ مۇھاببىتىڭىز زاۋاللىققا يۈزلەنگەن بولىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاببەت ھاياتىڭىزدا بۇ مەنبەنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن سەگەك بولۇڭ.
ئىپپەت ۋە نومۇس يۈرەكتە قوغدالسا،نېپىز ۋە ئازادە كىيىم –كېچەكلەر بىلەنمۇ ئۇنى مۇستەھكەم قوغدىغىلى بولىدۇ،بۇ روھ يوق قىزنى قەپەس ئىچىگە سولاپ قويغان تەقدىردىمۇ ئۇ بىر ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى بولغايدۇ.
نىجات ئىشىكىنىڭ ئاچقۇچى ۋە سائادەت گۈلزارىنىڭ مەيىن شامىلى ئاتا –ئانىنىڭ رازىلىقى تۈپەيلى ھاسىل بولىدۇ.
مەنبە: ‹‹مۇھاببەت››‹‹ئەي قىز ئەگاھ بولۇڭ››‹‹مۇھاببەت ئۆزى سۆزلەيدۇ››قاتارلىق كىتابلاردىن تاللانمىلار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-4 12:45 PM
|