|
|
|
|
مىسرانىم توربېكىتى بولسا ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا ئۇچۇر ئالاقە ئېلىپ بېرىلىنىدىغان مۇھىم بىر كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ. بۇ توربەتنىڭ مۇنبىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان مىللەتداشلار ئۆزئارا پىكىر ۋە يېڭىلىق ئالماشتۇرۇپ كېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇ نۇختىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا دەۋرىمىزنىڭ ۋەكىللىك قاتارىدا ھېسابلىنىدىغان كوللىكتىپ ئادەملىرىمىزگە مىسرانىم كۆزنىكى ئارقىلىق مۇنۇ بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مۇراجەت قىلغىم كەلدى.
كۆپىنچىمىز ۋىكىپېدىيا(wikipedia) دىگەن توربەتنىڭ خەلىقئارا تۈسىنى ئالغان بىر ئۇچۇر لۇغىتى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. نۇرغۇنلىغان ئادەملەر بىلمىگەن نەرسىلىرىنى مۇشۇ توربەت ئارقىلىق ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇپ بېلىۋالىدۇ. ھەمدە ئىزدەش تورلىرىدىن مەسىلەن google,yahoo, bing ۋەھاكازا باشبەتلىرىدىن ئىزدىمەكچى بولغان مەزمۇننى باسسا ئەڭ ئاۋۋال ئۈستىگە پەيدا بولىدىغىنى بولسا يەنىلا ۋىكىپېدىيا نىڭ شۇ مەزمۇن توغۇرلۇق يىزىلغان ئارتىكىلى كۆزگە قامىشىدۇ.
بۇ توربەتنىڭ بىردىن بىر ئالاھىدە ماھىيىتى بولسا ھەرقانداق بىر كىشى ھەرقانداق بىر ئۇچۇر توغۇرسىدا بىر بەت قۇرۇپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلاپ تۇرالايدۇ.
ئەمدى گەپنىڭ يادروسىغا كەلسەك بۇ توربەتتە ئۇيغۇر دەپ باسساق ئۇيغۇر خەلقى، ئۇيغۇر تىلى... دىگەندەك ئايرىلما بەتلەر پەيدا بولىدۇ، ئۇيغۇر خەلقى دىگەن بەتنى باسساق خېلى مۇكەممەللەشكەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخىي-مەدەنىيتىي، ئېتنىك ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئائىت مەزمۇنلار يىزىلغان، ئەمما كىشىنى بىئارام قىلىدىغىنى بولسا ئۈستۈنكى ئوڭ تەرەپتىكى مىللەتكە ۋەكىل بولىدىغان رەسىم رامكىسىغا مەلۇم بىر بازاردىكى ئۈچ ئۇيغۇر كىچىك قىزبالىلارنىڭ يەردە ئولتۇرغان رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. ئەلۋەتتە بۇ ئۈچ قىزبالا ئون ئىككى مىلليوندىن كۆپ نوپۇسى بار بولغان بىر ئېتىنىك ئارقا كۆرىنىشى بار مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. مانا بۇ رەسىمگە قاراڭ:
ئەمدى بىز سېلىشتۇرۇپ روسلارنىڭ، خەزۇلارنىڭ، ئىنگىلىزلارنىڭ تونۇشتۇرۇلغان بەتلىرىگە قارىساق ئۇلارنىڭ داڭلىقلىرى، ئۇلۇغلىرى، ۋە قەھرىمان-ئەدىبلىرىدىن تۈزۈلۇپ كىرىشتۈرۈلگەن بىر تۈركۈم زاتلارنىڭ رەسىملىرى شۇ مىللەتكە ۋەكىللىك ئورنىدا تور بەتنىڭ ئۈستۈن ئوڭ تەرىپىگە كىگۈزۈلگەنلىكىنى بايقايمىز. رەسىمگە قاراڭ:
ھەتتا بۇ قازاق ئۆبەكلەرنىڭكىگىمۇ قاراڭ:
مانا بۇ خەن يولداشلارنىڭ؛
دىمەك بۇ ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان بىر مەسىلە، چۈنكى نۇرغۇنلىغان ياتلار ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ توربەتكە چىخسا ئۈچ قىز بالىنىڭ يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىنىنى كۆرسە ئۇيات ئەمەسمۇ، ھەم بىزنى ئاجىز خار بىر مىللەت دەپ چۈشىنىپ قالمامدۇ. بىزدە ئالىم دىسە ئالىم، قەھرىمان دىسە قەرىمان، نۇزۇكۇم، مەختۇمسۇلا، تۇمارىس دەك ئاياللار ۋەكىلىكى، مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەك ئەربابلىرىمىز، ئا.مۇھەممەتئىېمىن، تۇرغۇن ئالماس دەك يازغۇچىلىرىمىز، ئا.ئۇيغۇر، ل.مۇتەللىپ دەك ئوتيۈرەك شائىرلار تۇرسا، شۇلارنىڭ رەسىملىرىنى يۇقۇردىكى يات مىللەتلارنىڭكىدەك سىپتا بىر كىرىشتۈرۈپ ئىشلەپ چىقىپ بولسا شۇ توربەتتىكى رەسىمنى ئالماشتۇرۋەتسەك بوپتىكەن.
تورداشلارنىڭ فوتوشوپ ئىقتىدارى بارلار بىر كۈچەپ بىزگە تارىخىي ۋەكىللىك ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ رەسىملىرىىنى بىر رەتلەپ كىرىشتۈرۈپ ئىنكاس يوللىغان بولسا، ئاندىن شۇ رەسىمنى ۋىكىپىدىياغا يوللاپ بىر پىكىر قىلىپ كۈچ چىقىرىپ ئۆزگەرتىۋەتكەن بولساق بوپتىكەن، بوممىسا مىللەت ئوتى بارلارغا بەك ئارامسىزلىق بوپقالىدىكەن دەيمەن، رەخمەت، مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بۇ ئۇچۇرنى تەستىقلاپ بىر ئىلگىرلىتىپ قويۇپ جىخراك ئادەملىرىمىز كۆرۈپ بولسا شۇ بىر پارچە كىرىشتۈرۈلگەن رەسىمنى تېزراق كىرىشتۈرۈپ بەرسە ئومۇمنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن دىگەن ئۈمىددە.
رەخمەت.
|
|
|
|
|
|