مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 387|ئىنكاس: 4

يۇنان پەلسەپىسىنىڭ ئەھمىيتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8179
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 527 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 10:58:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۇنان پەلسەپىسىنىڭ ئەھمىيتى


مەقسۇت ئەمىن ئەركيار



    قەدىم يۇنان پەلسەپىسى غەرب مەدەنىيتى ۋە ئىدىئولوگىيسىگە تەسىركۆرسەتكەن ئوت ئۇچى،غەرب پەلسەپىسىنىڭ باش مەنبىيى بولۇپ،مىڭ يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات مۇساپىسىدە نۇرغۇن بىلىملەربىلەن باغلانغان.ھەرقايسى كونكېرت بىلىملەر ۋە پەنلەر پەلسەپىدىن ئايرىلىپ چىققان.بۇ يازمىمىزدا يۇنان پەلسەپىسىنىڭ ئەھمىيتىنى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىدىن بايان قىلىمىز:

1.ئەينى دەۋردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش،ئىلىم-مەرىپەتكە يېتەكچىلىك قىلغان.پەلسەپىنىڭ ئۆزى نەزەرىيۋىيلەشكەن،سېستىمىلاشقان دۇنيا قاراش.تەبىئەت بىلىملىرى،جەمئىيەت ھەققىدىكى بىلىملەر،تەپەككۇرتوغرىسىدىكى بىلىملەرنىڭ يىغىنچاقلىنىشى ۋە خۇلاسىسى،دۇنيا قاراش ھەم مىتودولوگىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشى.يۇنان پەلسەپىسىمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق.شۇڭا،يۇنان پەلسەپىسى ئەينى دەۋىردە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىغا ھەتتا پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچى بولغان.

2.  كېيىنكى دەۋىرلەرگە شۇنداقلا، غەرب پەلسەپىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.قەدىم يۇناندا دەسلەپكى دەۋرگە تەۋە پەيلاسوپلارنىڭ يازما ئەسەرلىرى  ئىنتايىن ئاز،بەزىلىرىنىڭ قالدۇرغان ئەسەرلىرى تۇلۇق ئەمەس ياكى پارچە-پۇرات بولسىمۇ ئەمما بىرقىسىم مۇھىم،ئاساسلىق كاتېگورىيەلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مىسالەن،مىلېزىئان ئېقىمى ئەڭ دەسلەپ «ئاساسى سۇبىستانسىيە»نى ئوتتۇرىغا قويغان،ھىراكلىت«لوگۇس»نى،ئېلېئا ئىلمىي ئېقىمى «مەۋجۇتلۇق»ۋە «غەيرى مەۋجۇتلۇق»نى،ئاتوم نەزەرىيسى پەيلاسوپلىرى «ئاتوم»ۋە«بوشلۇق»نى ئوتتۇرىغا قويغان،ۋەھاكازالار.بولۇپمۇ   ئەپلاتون ئوتتۇرىغا قويغان«ئىدىيچىلىك»،ئارىستوتىل ئوتتۇرىغا قويغان«مەۋجۇتلۇق»،«سۇبىستانسىيە»،«فورما» ۋە «ماتېرىيال»،«يۇشۇرۇن ئىقتىدار»قاتارلىقلار پەلسەپىۋى كاتېگورىيلەردۇر . كېيىنكى دەۋىرلەردىكى پەيلاسوپلارغا دىنىي ئىدىيە تەسىر قىلغان،  يۇنان پەلسەپىسى ئىسلام پەلسەپىسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. يۇنان پەلسەپىسى ۋارىسلىق ئاساسىدا راۋاجلانغان.ھازىرقى زامان غەرب پەلسەپىسىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان نۇرغۇن كاتېگورىيلەر قەدىم يۇنان پەلسەپىسىدىن كەلگەن.

3.ھازىرقى تەبىئىي پەننىڭ شەكىللىنىشى،تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدا رولى ئىنتايىن چوڭ.قەدىم يۇنان پەلسەپىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى پەلسەپە بىلەن تەبىئىي پەنلەر بىرلىشىپ كەتكەن،پەيلاسوپ ئۆزنۆۋىتىدە يەنە ئالىم،تەبئىي پەن بىلىملىرى پەلسەپىۋى ئىزدىنىشلەر داۋامىدا بىرلىككە كەلگەن.بۇلاردىن پەلسەپە ۋە تەبىئىي پەنلەرنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىىكى چىقىپ تۇرسىمۇ،ئەمما ئىلىم-پەنگە ئېلىپ كىرىشتە ياخشى بىرباشلىنىش بولغان. يەنە بىرنۇقتا ،غەربنىڭ ئىلىم-پېنى نۇقۇل يۇنانلىقلارنىڭلا ئەمەس.ئۇمۇميۈزلۈك قاراش شۇكى،گېئومىتىرىيە مىسىردىن،ئاسترونومىيە بابىلوندىن چىققان.ئەمما،بۇ جايلاردا ئىلىم-پەن ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن بىلەن ئەقلىي بىلىش يۈكسەكلىكىگە كۆتىرىلمىگەن.يۇنان پەيلاسوپلىرىدا ئىلمىي روھ ۋە ئىنسانىي روھ بولغاچقا مۇشۇ روھنىڭ يېتەكلىشى بىلەن قەدىم يۇناندا بىرنىيەت-بىرمەقسەتتە بوشاشماي ئىزدىنىدىغان،ھەقىقەتكە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان تۈركۈملەپ پەيلاسوپلار بارلىققا كەلگەن. خۇلاسە ۋە ئىسپاتلاش ئۇسۇلى،ئاكسىئوما ۋە قىياس ئۇسۇلى،دىدوكسىيە ۋە ئىندوكسىيە ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۇلار خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى نەزەرىيە ئاساسى بىلەن تەمىن ئەتكەن.

4. يۇنان پەلسەپىسىدىن يەنە نۇرغۇن باشقا پەنلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىققان.يۇنان پەيلاسوپلىرى پەلسەپىدە ئۇتۇق قازىنىپلا قالماي سىياسىيشۇناسلىق،فىزىكا،ئاسترونومىيە،ئېتىكا،ئەدەبىيات قاتارلىق ساھەلەردىمۇ مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.

يىغىپ ئېيتقاندا،ئۇلارنىڭ بارلىق نەتىجىلىرىنىڭ تېگىدە پەلسەپە نەزەرىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى.


پايدىلانمىلار:

ۋاڭ زىسوڭ:«يۇنان پەلسەپە تارىخى»،خەلق نەشرىياتى1997-يىل نەشىرى(خەنزۇچە).

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-3 10:58 PM  


كۈن ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كۈندۈز كەتكەندە،
ئاي ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كېچە يەتكەندە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96601
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 47
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 01:33:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئسىل تېما ئىكەن بىزدە پەلسەپە گە دائىر تىملار بەك كەمچىل بۇلۋاتىدۇ.سىزنىڭ مۇشۇنداق بۇيۈك بىر  ئىش ئۈچۈن ئەجىر قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن بەك خۇرسەن بولدۇم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35372
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3677
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1297 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 05:33:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى باشلىنىش!

تەمكىنلىك، ئاقىلانىلىق ئاستا-ئاستا يېتىلىدۇ.

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2647
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20050
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2026 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 07:08:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇنان پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ ئىلغار مەزمۇنى ؛-دۇنيادا سەت نەرسىمۇ يوق، چىرايلىق نەرسىمۇ يوق.گەپ ئۇنى ھىس قىلىشتا.شۇنداقلا ھىس قىلدۇرۇشتا.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1014
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7649
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2083 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 09:38:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىيوتۇن فىزىكا دىگەنگە تەبىئەت پەلسەپىسى دەپ تەبىر بىرىپتىكەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش