مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1671|ئىنكاس: 26

ئارمان « رومان » [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86539
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 336
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-10-27
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 07:03:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                     ئارمان

                                                      { رومان }
                                                                               مۇھەممەتئېلى ھېلىم

                                                         مۇقەددىمە

   تەڭرى دەرگاھىدا  ھەيۋەت - ھەشەمەت لەززەت ، بايلىق - باياشادلىق بىھېسابتۇر . سېنىڭ بۇنداق سوۋغاتلىرىڭدىن تەڭرى بىھاجەت ، تەڭرى دەرگاھىدا يوق نەرسە پەقەت ئەلەم ۋە ھەسرەت ، سەن شۇنى سوۋغات قىلىپ بار .  
                       ئەلشىر نەۋائى

      ئازاپ قوينىدا مۇڭلىنىپ تۇرۇپ تۆكۈلگەن كۆزياشلار نىمىدىگەن تاتلىق . ۋىسالغا كاۋاپ بولغان يۈرەك ئارقىلىق ئىنتىلىش غورورلۇق كىشىنى سۆيۈندۈرىدۈ . پاجىئە نەق ۋىسالغا يىتىشتىن باشلىنىدۇ .... يۈرەكتىن قۇيۇق ئىس - تۇتەك پۇرىغان ۋاقىت بەخىت ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان چاغلاردۇر . تۈندىكى يالغۇز قارىياغاچ كۆز يىشى قىلىدۇ ، تۆكۈلىۋاتقان ياپراقلار بۇنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ ؟ !

                                            قاراڭغۇدا قارىياغاچ مېنىڭ سىردىشىم
                                           شىلدىرلىسا يوپۇرمىقى تۆكۈلەر يىشىم

    قارىياغاچقا چىڭ يىپىشىپ ھەسرەتلىنىۋاتقان يۈرەك ، شىلدىرلاۋاتقان ياپراقلار ، تۈن كىچە ، غەمكىن چىقىۋتقان شاماللار نېمىدىگەن لىرىكىلىق - ھە ! دۇنيا ھەسرەتكە لىق تولغان ....
   تەنھالىق قوينىدا ياش تۆكۇش ، چەكسىز خىياللاردا تەپەككۇر شىخىغا قونۇش ، يار ئىشقىدا ئوت بولۇپ يېنىشتىنمۇ ئارتۇق ھوزۇر بولارمۇ؟
   قەلىبنىڭ جاراھەتلەنگەن ، ئاچچىق ئازاپلاردا قىسىلغان مىنۇتلىرى - ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئىزدىگەن ، بەخىت ئىشىكىنى چەككەن چاغلىرىدۇر .
  چېكىت ئادەمنى يارىتىدۇ . بىھۇدە ئۇرۇلغان چىكىت ئۆزىنى ھالاك قىلىش بىلەن بىللە ئانا زىمىنغا ھاقارەت كەلتۈرۈپمۇ قويىدۇ . چېكىت دىمەك باقىينىڭ ئاخىرىقى نوقتىسىدۇر .
   قار ياغقان كېچە دەرد - ئەلەم چەككۈچىلەرنىڭ ئۇنتۇلماس بىر كىچىسى ، شۇ كىچە ئۇلار ئۆزلىرى ھەققىدە ئويلىنىشلارغا مۇيەسسەر بولالايدۇ ، لېكىن ، ھەسرەت يەنىلا ئۇلاردىن ئايىرىلالمايدۇ .
  جۇدۇنلۇق كۈنلەر ئۇنىڭ روھىغا ئۇۋا سالدى . روھى مۇزلاپ تېنى قۇرۇدى . ئۇ مۇزغا ئايلانغان .ئادەم ...
  مۇڭلۇق تۆكۇلگەن كۆز ياش ، يالغۇز قارىياغاچ ، سۆيۇملۇك تەنھالىق ، ھۇزۇرلۇق كۈز ، قار ياغقان كېچە ، مۇزلىغان روھ ، ئاھ ، يەنە بار زەردەپقا ئۆرۇلگەن قان ....
         < ئابى چەشمە ، سىيا چەشمە سېرىق سۇ بولدى ،
                                باسقان ئىزى گۈل بولدى >

    < ئۆرگۇلگىچە - چورگۈلگىچە يىللار ئۆرۇلدى ،
   يۈرەكتىكى سېرىق سۇلار قانغا ئۆرۇلدى . >

           < ئاشىق بولۇپ ئاھۇ ئەفغان چىكەرسەن ،
          كۆيۇپ - يىنىپ قانۇ - زەرداپ يۇتارسەن >

                                                             بىرىنچى     باپ

                                                      مۇڭلانغان           خىيال
  كۆڭۇل كىمنى سۆيسە ، شۇ كۆز ئالدىدا  بولىدۇ . كۆز قايەرگە تىكىلسە ، شۇ يەردە ئۇنىڭ قىياپىتى ئۇچۇپ يۈرۈيدۈ.
                   -  يۈسۈپ خاس ھاجىپ

    ئىغىر خىياللار دا مۇڭلانغان نۇر ئەلى ھاياتلىق شامى ئۆچكەندەك سۈكۈتكە چۇمگەن ئۆيىدە ئاچچىق ئازاپلاردىن ئوتقا چۇشكەن قىلدەك تولغۇنۇپ ياتاتتى . يۈرىكى تۇز سۇيىگە چىلانغاندەك ئېچىشاتتى . ئوتلۇق تىنىقلىرى بۇرۇن تۆشۇكچىلىرىنى كۆيدۇرۇپ چىقاتتى . تەنھالىق قوينىدىكى ئاچچىق ھەسرەتتىن قاتقان قاپقارا ، يوغان كۆزلىرى ئالدىدا بىر پەرىزات تىنماي جىلۋە قىلاتتى - دە ، ۋۇجۇدى چاراسلاپ كۆيەتتى . ئۇ ئاشۇ كۇنلەرنى ئەسلىمەسلىككە تىرىشاتتىيۇ ، لىكىن قانداقتۇر بىر كۇچ ئۇنىڭ ئەسلىمە خاتىرىلىرىنى تىنىمسىز ۋاراقلايتتى . << سۆيگۇ ئەڭ مۇقەددەس بىر نۇر ، مەن يورۇقلۇق دۇنياسىدا ئۇنىڭغا ئىرىشەلمەيدىغانلىقمنى سىزىپ تۇرىۋاتىمەن . >> ئۇ بۇ دۇنيانى يوق دەپ قاراپ ، ئەبەدىيلىك گۇزەللىككە قېتىلىپ كىتىشنى ئارمانمۇ قىلىپ قالاتتى . ھامان بىر كۈنى بۇ دۇنيانىڭ پارچىلىنىپ كىتىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەندە ، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئايان بولاتتى . < سۆيگۇ بولمىسا بۇ دۇنيا قۇرۇق ، قاقشال نەرسە ، ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قالالايدىغان بىرلا نۇر بولىدۇ .ئۇ نۇر قەلىبتىن كۆتۇرلۇپ كەتسە ، ئىنساندىن ئارتۇق بالا - قازا كەلتۇرگۇچى بولماس . ئىنساننى بۇ دۇنياغا تارتۇشتۇرۇپ تۇرىدىغان نەرسىمۇ ئاشۇ نۇر . لىكىن ، ئىنسانلار شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىدە بۇنى سىزەلمەي قالىدۇ .
ئىنسان .ئۆزىدىكى تەنھالىق روھىدىكى قاراڭغۇلۇق بىلەن ئاشۇ نۇرغا ئىنتىلىشى كىرەك ئىدى . ئەپسۇس ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلىنىپ ، دىللىرى قارىيىپ بۇنى تونۇپ يىتەلمەيۋاتىدۇ . نۇرلار خىرەلەشتى . ئىنسان شۇڭا ئازغۇن . كۆپ ھاللاردا ھەقنى كۆرەلمەيدۇ . مەنچۇ ؟ ... >
      ئۇنىڭ روھى ئەسلىمە خاتىرلىرى يەنىلا ۋاراقلاندى .

             *      *     *      *       *      *         *         *       *        *          *        *       *            *

  قارلىق كىچە ، ھەممە يەر قارغا پۇركىنىپ ، گۇزەل بىر پاكلىق دۇنياسى نامايەن بولۇپ تۇراتتى . سوغۇق ئۆزكۈچىنى كۆرسىتۋاتاتتى . كوچا چىراغلىرىدا ئاندا - ساندا دولىلىرىنى قورۇشۇپ ، ئۆتۇشۇپ تۇرغان ئادەملەرنى ئۇچراتقىلى بولاتتى . بۇ رومانتىك تۇس ئالغان ، لىرىكىغا تويۇنغان شۇنداق بىر گۈزەل كىچە بولغانىدى .
     نۇر ئەلى تۇنجى مۇھەببەت سىگىنالىنى مۇشۇ كىچە قوينىدا ياڭراتقانلىقىدىن ئۆزىنى شۇنچىلىك بەختىيار سەزدى . بىراق قەلبىدە بىر خىل ۋەھىمە دولقۇنلايتتى . بەلكى ، بۇ تۇنجى سۆيگۇنىڭ تارتىنىش ، قورۇنۇش تۇيغۇلىرى بولسا كىرەك .  لۇتفىيە ئۇنىڭ ئەكىسچە بەكمۇ روھلۇق ، جۇشقۇن كۆرنەتتى . قۇيۇق كىرپىكلىرى ئاستىدىكى قارا كۆزلىرى سۆيگۈدىن سۈمۈرگەن نۇرلاردا قوياش سۆيگەن دېڭىزدەك نۇرلىنىپ تۇراتتى . ئىچ - ئىچىدىن قايناۋاتقان شېرىن ھېسلار ئۇنى  مەسىت قىلىپ ، ھاياتىنى ئۇنىڭغا تىكەنسىز ئەتىرگۇلدەك كۆرسىتەتتى . ئۇ ئۆزى ئىرىشمەكچى بولغان بەخىتكە ئېرىشىپ بولغاندەك ھېسياتتا ئىدى . قايغۇ - ئەلەم ، ھەسرەتلەر ئۇنىڭغا يات......
   - ۋيى ماۋۇ قورقۇنچاقنى ، - دېدى لۇتفىيە مۈرىسى بىلەن نۇرئەلىنى يىنىك سوقۇپ . نۇر ئەلى ھۇپپىدە قىزىرىپ كەتتى . كىچە ئۇنىڭ خىجىللىقنى يۇشۇرۋالدى .
  - نېمىدىن قورقاتتىم ، - نۇرئەلى شۇنداق دەپ ئۆزىنى روھلۇق تۇتۇشقا تىرىشتى . شۇنداقتىمۇ ئەتراپقا ئالاقىزادىلىك بىلەن قاراپ قوياتتى .
  بۇ كىچە ئۇلار يۇرەكلىرىدىلا سۆزلەشتى . بىر - بىرىگە ئوتلۇق مەنىلىك ، سېھىرلىك بىقىشلار بۇنى رۇشەن دەلىللەيتتى . ئاياغلىرى ئاستىدىن چىقىۋاتقان يىقىملىق مۇزىكىدەك غاسىلداشلار گويا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقانلىقىغا قۇت تىلەۋەتقاندەك شۇنچىلىك يىقىملىق ئىدى . قەلىبلىرىدە مەۋج ئۇرۇۋاتقان گۇزەل كۇيلەر ئۇلارنى ئاجايىپ بىر گۇزەل ماكانغا يېتەكلەيتتى . ئۆزلىرىنى شۇ قەدەر بەخىتلىك ھېسابلىشاتتى .
  ئۇلار ئاياغلىرى ئاستىدا << بۇلبۇل >> سايراتقانچە كوچا ئايلىنىپ ، مەكتەپ قورۇسى ئىچىگە قايتىپ كىرىشتى - دە ، تاتلىق بىر ئازاپ ئىلكىدە خەيرىلىشىپ ، ئۇن - تىنسىز ئايرىلىشتى . ئىسسىق بىر ئېقىم نۇر ئەلىنىڭ تومۇر - تومۇرلىرىدا ئېقىپ تۇرۋاتقاچقا دېكابىرنىڭ سوغۇقىمۇ ئۇنى مۇزلىتالمىدى . ئۇ ياتاققا كىرىپ خىلى ۋاقىتقىچە شېرىن خىياللاردىن تولغۇنۇپ ئۇخلىيالمىدى . ياتاقداشلىرى بولسا ، بۇ دۇنيادىن ھېچبىر غېمى يوقتەك ئېزىلىپ ئۇخلاپ كىتىشكەندى .
                           ئاخىرى    بار .......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1874
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 01:06:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى يېزىپ بولغاندا بىريەرگە توپلاپ ئاندىن ئوقۇي،
مېنىڭ كىتاپ ئوقسام ھەممىسنى ئوقۇپ بولمىغىچە قولۇم باشقا ئىشقا بارمايدىغان ئادىتىم بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1549
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5872
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 01:11:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇقۇپ بولغان بۇ كىتابنى

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1019
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2081
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 604 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 01:28:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۇقۇپ بولغاندەك تۇرىمەن ، سېرىق يەرلىرى كۆپرەك بۇ كىتاپنىڭ ،

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91263
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 03:14:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇقۇپ باقماپتىكەنمەن، ئادەتتە ھىكايە، پوۋسىت كىتابلارنى ئوقۇشقا بەك ئامراق مەن. لىكىن روماننى تازا ئۇقۇغۇم كەلمەيدۇ.

ئى ئاللا، خاتالىق ئۆتكۈزسەم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارنى كەچۈرگىدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىن.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2553
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1624 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 03:45:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن رومان ئۇقۇشقا ئۆچ ، بەك ئۇزۇن ئەمەسمۇ    ماس سەھىپىگە يوللىشىڭىزنى ، رومان يولللىغانكىن جىقراق بۆلەكنى  يوللىشىڭىزنى سورايمەن

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95849
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 322
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 03:49:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۇقۇپ بولغاندەك تۇرىمەن ، سېرىق يەرلىرى كۆپرەك بۇ كىتاپنىڭ ،

قايسى روماندا  يۇق  ئۇنداق يەرلىرى

تېما ئىگىسىگە  كۆپ رھمەت،  ئاخىرىنى كۈتمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86539
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 336
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-10-27
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 04:26:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ كۈندىن بىرى نۇر ئەلىنىڭ يۈرۈكى لەززەتلىك كۆيۇشكە باشلىدى . ئۇ ئوت ئىچىدە قالغانىدى . بۇ ئوت شۇنچىلىك شىرىن ، تاتلىق بولۇپ ، بۇنىڭدا پۇچىلىنىپ كۆيۇش ئۇنىڭغا راھەت ئىلىپ كىلەتتى .
   نۇر ئەلى لۇتفىيە بىلەن ساۋاقداش بولۇپ ، ئۇنىڭغا چىش يىرىپ بىر نىمە دىيىشتىن ئۇيىلاتتى . ئۇنىڭ ئالدىغا نىمىلەرنىدۇر دىمەكچى بولۇپ بارغانلىرىدا تىلى قىتىپ قالغاندەك ، نىرۋا ئەزالىرى ئۆز رولىنى يوقاتقاندەك ، دەيدىغان گەپلىرىنى تاپالمايتتى .
  ئۇلار مۇھەببەت دىڭىزغا ئۆزلىرىنى ئىتىشتىن ئاۋال بىمالال پاراڭلىشىپ قىزغىن چاقچاقلىشاتتىغۇ ؟ قايسى خىل كۇچ ئۇلارنى خامۇش قىلىپ ، بىر - بىرىگە ئوتلۇق بىقىشىدىغان ، پەقەت يۇرەكلىرىدىلا ئۇنسىز سۆزلىشىدىغان قىلىپ قويدى . سۆيگۇنىڭ كىشى ھىس قىلىپ يىتەلمەيدىغان سىھرى ھەقىقەتەن شۇنداق زورمۇ ؟! ئۇلار ئۇچراشقاندا نىمە ئۇچۇن دەيدىغان گەپلىرىنى تاپالماي قالىدۇ ؟
  ئۇلار تەتىلدە بىر - بىرىگە قىيمىغان ، ئاچچىق يۇتۇشقان ھالدا ئايرىلىشتى . بۇ يەنىلا پاكلىق تونىغا ئورالغان ، سوغۇق ھەرىدەك چىقىپ تۇرىۋاتقان بىر قارلىق كىچە ئىدى. لۇتفىيەنىڭ كۆزلىرىدە شەبنەمدەك ياش تامچىلىرى لىغىلداپ تۇراتتى . نۇر ئەلى ساراڭ قىتىش ئادەمدەك گاراڭ ھالەتتە ئىدى . بەلكىم قەلەندەرنىڭ مۇنۇ سۆزى چىن ھەقىقەت بولسا كېرەك : ‹‹ دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ بىر ئاپىتى بولىدۇ . مۇھەببەت ئەھلى جىېنىنىڭ ئاپىتى ھىجراندىدۇر . ››
      - بىز يېڭى يىل ھارپىسىدا تۇنجى مۇھەببەت قەدىمىمزنى قارلىق كىچە قوينىدا باستۇق ...ھەممە يەر ئاق ....گۈزەللىك بىزگە كۈلۈپ قارىدى .... قەلبىم ھىجراندىن ئۆرتەنگەنسىرى سىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن ، مۇشۇ كىچە قەلبىمىزنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالسا ... - لۇتفىيە شۇ سۆزنى ئاران دىيەلدى . ئۇنىڭ كۈلگۈنچەك ، شوخ ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى . ئۇنىڭ بۇ سۆزىدە قانچىلىك مەنىلەرنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىنى نۇر ئەلىنىڭ قالايمىقانلاشقان نېرۋىلىرى تۇيۇۋالالمىدى .
   - ئۆزىڭنى ئاسرا ... - دېدى ئۇ ئارانلا . ئۇنىڭغىمۇ بۇ سۆزگە چوڭقۇر مەنە سىڭىپ كەتكەنىدى . نۇر ئەلى لۇتفىيەنىڭ سىنىپ ئىچىدىكى بالىلارغا چاقچاق قىلىپ ، تىلىقىپ كۈلۈپ كىتىدىغان مىجەزىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى . ئۇنىڭ كۇلكىسى نۇر ئەلىگە پىچاق تىققاندەك تۇيۇلۇپ پۇتۇن ۋۇجۇدى رەشىك ئوتىدا تولغىنىپ كىتەتتى . ئۇ گاھىدا بۇنىڭغا بەرداشلىق بىرەلمەي ، قەلبىنى ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز بىر نەپرەت چۇلغىۋىلاتتى .
   - ئەتە سەھەر ئىككىلىمىز ئۆز يۇرتلىرىمىزغا ماڭىمىز ، ئەتتىگەنرەك تۇرمىساق بولمايدۇ . مۇشۇ خوشلاشقىنىمىز بولۇپ قالسۇن ، - دېدى لۇتفىيە كۆز ياشلىرىنى قولياغلىقى بىلەن ئاستا سۇرتۇپ . ئۇ ساۋاقداشلىرى ئالدىدا خوشلاشسا يىغلاپ تاشلىۋىتىشىدىن ئەنسىرگەنىدى . ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشۋاتقانلىقنى بەكمۇ مەخپى تۇتاتتى . ئاشكارلىنىپ كىتىشىنى ئەسلا خالىمايتتى . بولۇپمۇ نۇر ئەلى تېخىمۇ شۇنداق ئىدى .
     - خوش ...
     نۇر ئەلى قەدەملىرىنى ئاستا - ئاستا ئىلىپ ياتاققا كىردى . ساۋاقداشلىرى قۇرۇق سۇ بىلەنلا ھاراق ئىچىشىپ ناخشا ئىيتىشۋاتاتتى . نۇر ئەلى كارۋىتىغا بىرىپ ئولتۇردى .
    - كەلمەمسەن ، نۇرئەلى بىرەر رومكا ئىچىپ قوي ، دەردىڭگە داۋا بولىدۇ ، - دېدى ئورۇق ، ئېگىزرەك ، چىقىر كۆزلىرى چەكچىيپلا تۇرىدىغان ئىرشاد.
   - مەن ئىچمەيمەن ، ئۆزۇڭلار بىلىسىلەرغۇ ؟ - نۇر ئەلىگە گەپ قىلىشمۇ ئارتۇقچىدەك تۇيۇلۋاتاتتى .
   - لۇتفىيەدىن ئايرىلىش ئىغىر كىلىۋاتقان ئوخشىمامدۇ ، ئىزىلىپلا قاپسەنغۇ ؟
    - ھىجران دەردىگە نېمە داۋا بولسۇن ، شۇ تاپتا يۇرۇكى كۆيىۋاتقاندۇ ئۇنىڭ ، ئىشىق ئوتى يامان ...
    - جىم يۇرگىنى بىلەن يامان نىمىكەن بۇ ، پەرىزاتتەك بىر قىزنى ئىندەككە كەلتۇرۋاپتۇ ئەمەسمۇ ؟ ئادەمنىڭ مۆرىمىسى يامان دەپ ....
   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86539
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 336
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-10-27
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 05:01:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
- مەن ئۇنىڭ بىلەن يۇرمەيۋاتىمەن ... بىز دوست ... - نۇرئەلى بوغۇلۇپ ئارتۇق گەپ قىلالمىدى . ئۇ ھەرقىتىم مۇشۇنداق گەپ ئاڭلىغانىدا ، ئاشۇنداقلا دەپ قويغاچقىمىكىن بالىلار نۇر ئەلىنىڭ چىشىغا تىگىش ئۇچۇن ئۇنىڭغا ھەر خىل گەپلەرنى قىلاتتى . لۇتفىيە بىلەن چاقچاقلىشىپ كۇلىشەتتى . بەزىبىر بولمىغۇر گەپلەرنىمۇ دەپ سىلىشاتتى .
    -  نۇر ئەلى يۇرمىگەن بولسا مەن تەلەپ قويۇپ باقايمىكىن .
    -  مەنمۇ جىم ياتمايمەن .
    -  مەكتىپىمىزدە قىز تالىشىش يىغىلىغى باشلىنىپ ، ‹‹ لۇتفىيە ۋەقەسى ›› كىلىپ چىقىدىكەن - دە ...
  ياتاق ئىچىدە ئەنسىز كۇلكە ئاۋازى كۆتۇرلدى .
   - ئۇنداق گۇزەلنى كۆرسە ، ئادەمنىڭ ‹‹ يېغىلىق ›› قا قاتناشماي ، ‹‹ ئاكۇپ ›› تا جىم ياتقۇسى كىلەمدۇ . ئۇ گويا تاڭ سەھەردە ئىچىلغان بىر گۇل ، مەن بولسام ئۇنىڭ ئىشقىدا سايراۋاتقان بولبۇل .... دېدى ئىرشاد خىرىلداپ كۇلۇپ .
  ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن نۇر ئەلىنىڭ بەدەنلىرى تىكەنلىشىپ كەتتى . ئۇ خۇرسۇنغىنىچە ئىرشادقا بىر ئالىيۋىتىپ ، سىرتقا چىقىپ كەتتى . ياتاق ئىشىكىنىڭ قاتتىق يىپىلىشى ئۇنىڭ ياتاقداشلىرىنى چۆچىتىۋەتتى . نۇر ئەلىنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭغا ھەسەت ئوتلىرى يالقۇنجاۋاتقان كۆزلىرى بىلەن قاراپ ، ئۇنى گەپتە چېقىۋىلىشىنى چىن كۆڭللىرىدىن ئارمان قىلىشاتتى ھەم بۇ يولدا تىرىشچانلىقمۇ كۆرسىتىشەتتى . ئىرشاد ئەنە شۇنداقلارنىڭ بىرى ئىدى . ئۇ ئەتەي لۇتفىيە بىلەن چاقچاقلىشىپ ، چىقىشاتتى . نۇرئەلى بۇنداق چاغلاردا دىمى سىقىلىپ يۇرىكى ئىچىشاتتى . نەچچە كۇنگىچە لۇتفىيەدىن باتناپ يۇرەتتى . ئاخىر لۇتفىيە ئىغىز ئاچاتتى . بۇلار يۈرمەستە بىر - بىرى بىلەن شۇنداق يىقىن ئۆتەتتى . نۇر ئەلى شۇ چاغلاردىمۇ لۇتفىيەنى باشقىلاردىن قىزغىنىپ يۇرەتتى . خۇيلىنىپمۇ ، ئاچچىق يۇتۇپمۇ قالاتتى ... ئىرشاد لۇتفىيەگە بىر نەچچە رەت كۆڭۇل ئىزھار قىلغان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭ شەپقەتسىزلىك بىلەن رەت قىلىشىغا ئۇچىرغاچقا ، ۋۇجۇدىنى نۇر ئەلىگە بولغان نەپرەت ، ئۆچمەنلىك قاپلىغانىدى . مۇھەببەت ئادەمنى  ياۋۇز ياكى  گۇزەل بىر قەلىب ئىگىسى ۋە ياكى دىۋانە ساراڭ ، ئەسەبى بىر ئادەم قىلىۋىتىشمۇ مومكىن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88485
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 312
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 05:11:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ بوپتىكەنمەن  مەن بۇ روماننى .

{
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش